لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كۈشەندىسى مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ قانداق ئەگەشمە كېسەللىكى بار؟ زىينىچۇ؟

بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كۈشەندىسى مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ قانداق ئەگەشمە كېسەللىكى بار؟ زىينىچۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-25 ئاۋاتلىقى: 11333 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر:
1.جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قىلىش
جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى يەرلىك ئورۇنغا قان يىغىلىپ، ئىششىپ يوغىناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيدۈك يولىنى باسقانلىقتىن سىيگەندە قىينىلىش ياكى جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.
 
2. جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ياكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ياللۇغى
مەزى بېزىدىكى جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغ ئاسانلا ئۇرۇقدانغا تارقىلىپ، جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەتۈر يۆنىلىشتە لىمفا نەيچىسىدىن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنىڭ يان دىۋارى ۋە سىرتقى غىلاپىغا كىرىپ قوشۇمچە مەزى بىزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
 
3. ئۇرۇقدان بېغى لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ يوغىناش ياكى تېگىشىپ ئاغرىش
مەزى بېزى بىلەن ئۇرۇقدان بېغى لىمفا تۈگۇنى داس بوشلۇقىدا ئۆتۈشۈش شېخى بار بولۇپ، مەزى بېزى جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغلانغاندا ئۇرۇقدان بېغىغا تۇتۇشۇپ، ئۇرۇقدان بېغى لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ يوغىناش ياكى تېگىشىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
4. جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش
جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغلانغاندا مەزى بېزىگە قان يىغىلىپ، سۇلۇق ئىششىق ياكى كىچىك يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا قىلىپ، ئىسپىرما قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش، ئەرلىك جىنسىي ئەزا قورۇلۇش، قانلىق ئىسپىرما كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
 
5. جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئېغىرلاشقاندا بۆرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئالامەتلەر ھەممە بىمارلاردا بولۇشى ناتايىن. بەزىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پەقەتلا قىزىش، سۈيدۈك يولى كۆيۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ئاسانلا «زۇكام» دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ قالىدۇ. جىددىي خارەكتېرلىك باكتېرىيەلىك مەزى بېزى ياللۇغىدىمۇ ئۇرۇقدان ياللۇغى، تاشاق ياللۇغى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ياللۇغى كۆرىلىدۇ.

ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى تۈۋەندىكىچە:
1. جىنسىي ئىقتىدارى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى
ئاساسلىق ئىپادىلىرىدىن جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش، مەسىلەن: بىرگە بولۇش ۋاختى ئازلاش ياكى ئىسپىرما بالدۇر كېتىش. بەلكىم بۇ مەزى بېزىنىڭ ياللۇغنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولڭشى مۈمكىن. ئەرلىك جىنسىي ئەزا يىگىلەش بىلەن مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىچە ئېنىق جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى جىنسىي ئەزانى جانلاندۇرىدىغان نېرۋا قان-تومۇر ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك بىئارامسىزلىق بىماردا روھىي بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇلارغا توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە ئەنسىرەش ئېلىپ كېلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ كېسەلنى چۈشەنمەيدىغان بىمارلار ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدا مەسىلە بار دەپ ئويلىۋالىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى نېرۋا خارەكتېرلىك ئەرلىك جىنسىي ئەزا يىگىلەشنى پەيدا قىلىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى ئۇرۇقدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا قانلىق ئىسپىرما كېلىدۇ.
ئىسپىرمىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولسا مەزى بېزى سۇيۇقلىقى، ھەمدە تاشاق، قوشۇمچە ئۇرۇقداندىن چىققان ئۇرۇق چوقۇم ئىسپىرما پلازمىسىدىن ئۆتۈپ مەزى بېزى سۇيۇقلىقىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، توشۇلغاندا ئاندىن تۇخۇم بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدىكى مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى دائىملىق تەكشۈرگەندە دائىم ئىسپىرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەن، ئۆلۈش نىسبىتى بىر ئاز يۇقىرى بولىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ تۇغماسلىق نىسبىتى نورمال ئادەملەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.


پۈتۈن بەدەنگە بولغان تەسىرى
ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى قىسمەن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا كېسەل پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە ئاللېرگىيەلىك رىئاكسىيەلىك رەڭدار پەردە ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى، يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى، مۇسكۇل ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا دائىم روشەن روھىي ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بىمارنىڭ كەيپىياتى جىددىيلىشىپ، روھىي بىسىمى چوڭىيىدۇ. 
ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بىماردا ماغدۇرسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئاسان چارچاش، گۇمانخورلۇق، تەشۋىشلىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق بىمارلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۇل بۆلۈپ، ھەر تەرەپتىن ئىسپات ئىزدەپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ. دوختۇر قانچە ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرسىمۇ بىمارنىڭ گۇمانخورلۇق پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. 
گەرچە بىمار دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە گۇمانلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولسىمۇ لېكىن پىسخىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش نىسبەتەن زۆرۈر. 
مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن روھىي ئالامەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىچە ئېنىق ئەمەس، روھىي جىددىيلىك نېمە ئۈچۈن مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ؟ مەزى بېزى ياللۇغى يەنە قانداق بولۇپ روھىي پىسخىكا ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ؟ بۇلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. روھىي پىسخىكا ئالامەتلەر بىلەن شەخىسنىڭ خۇي ئالاھىدىلىكى بىۋاسىتە ئىچكى باغلىنىشلىق. شۇڭا ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدىكى روھىي پىسخىكا ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىگىدە ئىنتايىن چوڭ پەرق بار.

ئۇنداقتا، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكىنىڭ شىپاسى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى نېمە؟

لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى، لوقمان ھەكىم مەزى بېزى ساغلاملىق گۆھىرى، لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرى ۋە لوقمان ھەكىم قۇۋۋىتى باھ قاتارلىق مەھسۇلاتلار مەزى بېزى يوغىناش ۋە ھەرخىل مەزى بېزى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىچىك تەرەت جىددى بولۇش كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش، كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك تېمىتىپ توختىماسلىق، قانلىق كىچىك تەرەت، تۈۋەنكى قۇرساق ئېسىلىپ ئاغرىش، بەل-تىزلىرى سىرقىراپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئەۋرەت ھۆل تۇرۇش،  ئۇرۇقداغ ئاغرىش، بېشى قېيىپ كۆزى قاراڭغۇلىشىش، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش، بۆرەكنى زىيادە سوغۇق ئېلىپ كېتىش، ئۇرۇقداش يىگىلەش، بالدۇر ئىسپىرما كېتىش، ئىسپىرما پىچەك بولۇش، ئەرلىك ئىقتىدارىنىڭ تۈۋەنلىشى قاتارلىق ئەرلەر كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ.
لوقمان ھەكىم شىركىتىنىڭ تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە تېلېفون ئارقىلىق دورا سېتىۋېلىش قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرى: 6757855-0991، 6045310-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرىگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق تېز، قولاي ھالدا دوراسېتىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
ياكى تاۋباۋ تورىدىن LokmanHakim دەپ ئىزدەپ بىۋاسىتە تاۋباۋ ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئالاھىدە خوش خەۋەر:
مەخسۇس مەزى بېزى ياللۇغى ھەققىدىكى كەسپىي ئۈندىدار سۇپىسى ئىشقا كىرىشتى. مەزكۇر ئۈندىدار سۇپىسىدا مەزى بېزىگە ئائىت ئەڭ كەسپىي، ئەڭ سىستېمىلىق مەزمۇنلار تەمىنلىنىدۇ. مەزى بېزى ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، يەنىلا كەسپىي ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگەشكىنىڭىز ئاقىلانىلىك تاللاشتۇر.
ئىزدەش نامى: mazibezi

بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى