لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قايسى؟

ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قايسى؟

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 2828 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۆۋەندىكى ئامىللار ئەرلەردىكى تۇغماسلىققا سەۋەبچى بولىدۇ:
1. زىيادە ئىسسىق مۇھىتنىڭ ئۇرۇقدان (تاشاق)نى زەخمىلەندۈرۈشى

ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا خىزمەت قىلىش، زىيادە ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، ئۇزاق مۇددەت تار ئىشتانلارنى كىيىش قاتارلىقلار ئۇرۇق خالتىسىنىڭ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، ئۇرۇقداننىڭ قىسمەن بۆلىكىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تار ئىشتان كەيگەندە يەنە ئۇرۇق خالىتىسى رايونىنىڭ قان ئايلىنىشىنى چەكلەپ ۋە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇرۇق خالتىسىدا قان يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا زىيادە ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندا، بولۇپمۇ، داستا يۇيۇنغاندا، ساڭناغا چۈشكەندە، ئۇرۇق خالتىسى ھەمىشە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھالىتىدە تۇرغاچقا، ئۇرۇق خالتىسىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.


2. يېمەك-ئىچمەك ياخشى بولماسلىق
ئوزۇقلۇقنىڭ كەم بولۇشى، مەسىلەن: ۋېتامىن A نىڭ يېتىشمەسلىكى ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئۆسمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ۋېتامىن B نىڭ كەمچىل بولۇشى مېڭە ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛ ۋېتامىن C كەمچىل بولغاندا، ئۇرۇق سويۇقلۇقىنىڭ قېتىشى (ئويۇشى) چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۇرۇقنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ساقلاش جەھەتتە بەلگىلىك ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ؛ ۋېتامىن E نىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇرۇق خالتىسىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ كالتسىي، فوسفۇرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛ مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنىك ۋە ماگنىينىڭ يېتىشمەسلىكى ئورۇقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئورۇقنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا چىگىت يېغى ئىشلەتكەندە، تەركىبىدىكى گوسسىپول ئورۇق ئىشلەپچىقارغۇچى ھۈجەيرىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ؛ كەرەپشە (چىڭسەي)نى زىيادە كۆپ ئىشلەتكەندىمۇ ئوخشاشلا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
3. زەھەرلىك ماددىلارغا تېگىشىش
نۇرغۇن خىمىيەلىك ماددىلار ئوخشاشلا ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: ئورگانىك قۇرت ئۆلتۈرگۈچ قاتارلىقلار. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مېتال ئېلېمېنتلاردىن مىس، كادمىي، قوغۇشۇن، سىماپ قاتارلىقلار. 
4. چىشى نەرسىلەرگە تېگىشىش كۆپ بولۇش
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەر خىل مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۆۋەن مىقدارلىق چىشى ماددىلارغا تېگىشىش پۇرسىتى يۇقىرىلاپ كەتتى. مەسىلەن: سۈنئىي بېقىلغان تاتلىق سۇ بېلىقى، ئۆي قۇشلىرى دېگەندەك. ئۇزاق مۇددەت بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سانى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 
5. تاماكا ۋە ھاراق
تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتېن جىنسىي ھورمۇننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۇرۇقنى ئۆلتۈرۈش رولى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر كۈنى 30 تال تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ ھاياتلىق نىسبىتى %49 بولىدىكەن. تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن %16 تىن %47 كىچە ئاز بولىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇرۇقنىڭ ئىقتىدارى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
6. دورىنىڭ زەخمىسى
ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاز بولمىغان دورىلار ئەرلەردە تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدىكەن. ئاساسلىق ئۆسمىگە تاقابىل تۇرغۇچى دورىلار، شامالدارىشقا تاقابىل تۇرغۇچى دورىلار، يۇقىرى قان بېسىمىغا قارىشى تۇرغۇچى دورىلار، تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار ۋە مەست قىلغۇچى (مەسىلەن: نەشە، خېروئىن) قاتارلىقلار. 
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى