لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تاماكا ۋە تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى

تاماكا ۋە تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى

ۋاقتى: 2016-07-07 ئاۋاتلىقى: 2179 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بار ئادەملەردىكى ئۈچ چوڭ خەتەر-يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش ۋە تاماكا چېكىشتىن ئىبارەت. تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى ياكى يوشۇرۇن ھالىتىدىكى تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بولۇپ، دىئاگنوزى ئېنىقلانغان كۆپلىگەن ئادەملەر كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە ئۆتكۈر يۈرەك ئىنفاركىتى سەۋەب بولغان.
ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قاتىل-نىكوتىل. نىكوتىل قان تومۇرنى سىپازما قىلىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. ھەر قېتىم يۈرەك قىسقارغاندا سىقىپ چىقىرىدىغان قان مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە يۈرەك نېرۋىسىنىڭ ئۆتكۈزگۈچى رولىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.
نىكوتىن خولېستىرولنى ئاشۇرىدۇ ھەم قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئۆزگەرتىپ، خولېستىرولنى قىزىل قان تومۇرىنىڭ دىۋارىغا چۆكتۈرۈپ، قىزىل قان تومۇرىنىڭ قېتىشىشىنى پەيدا بولىدۇ.
تاماكا چېكىش قان تەركىۋىدە كاربون تۆت ئوكسېدنى كۆپەيتىپ، ئوكسېگىننىڭ تەركىۋىنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەن توقۇلمىلىرىدا ئوكسېگىن يېتىشمەي، يۈرەكنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك قان مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.
ئەگەر يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تاجىسىمان قان تومۇرى قىسقىرىۋالسا ۋە قىزىل قان تومۇرى قېتىشسا، يۈرەك يېتەرلىك <ئېنىرگىيە> گە ئىگە بولالماي، يۈرەك سانجىغى ياكى يۈرەك ئىنفارتىكى پەيدا بولىدۇ.
شۇ نەرسە ئىسپاتلاندىكى، ھەر كۈنى 20 تال تاماكا چېكىدىغانلاردا تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ ۋە خولېستىرول كۆپىيىپ قاندا %400mg گە يېتىپ بارىدۇ ياكى قان بېسىمىنىڭ يۇقۇرى بېسىمى 250 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرۇركىگە يېتىش ئەھۋالى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. تاماكا چېكىدىغانلاردا تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بولىدىغانلارنىڭ نىسبىتى 3~2 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلار يۈرەكنى ۋە سالامەتلىكنى ئاسراش ئۈچۈن ھەرگىز تاماكا چەكمەسلىك لازىم.
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى