لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىنجاڭ گېزىتى: قاناتلانغان تىلەك، ئارمىنىغا يەتكەن يۈرەك

شىنجاڭ گېزىتى: قاناتلانغان تىلەك، ئارمىنىغا يەتكەن يۈرەك

ۋاقتى: 2016-07-17 ئاۋاتلىقى: 2302 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ئابلىمىت ئابدۇكېرىم
مۇقەددىمە

مەن يېقىندا، چەت ئەلدە ئوقۇپ كېلىپ، «شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»نى قۇرۇپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، تۇرغۇنجان شىپاخانىسىنى ئېچىپ، رادىيو-تېلېۋىزوردا ئېلان بەرمىسىمۇ مەھسۇلاتلىرىنى يەپ، كېسىلى شىپا تاپقان ئاغرىقلار ئارقىلىق نامى قۇلاقتىن-قۇلاققا، يېقىندىن يىراققا تارىلىۋاتقان ياش دوختۇر تۇرغۇنجاننىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ، ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياشلار باغچىسىدىكى ئۈزۈمزار رېستۇرانىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى جىگدىلىك مەسچىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»نىڭ شىپاخانىسىغا باردىم. ئىشىكتىن كىرىپ كۆرگىنىم، دالان ئۆينىڭ تېمىغا قاتار ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن  نۆۋەت كۈتۈۋاتقانلار بولدى. مەن كېسەل كۆرۈۋاتقان دوختۇرنىڭ تۇرغۇنجان ئىكەنلىكىنى يېنىمدىكىلەردىن سوراپ بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۆچىرەت ساقلاۋاتقانلار سېپىگە قوشۇلدۇم.      ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىر كەمدە، ماڭا نۆۋەت كەلدى. مەن كېسەل كۆرۈش ئۆيىگە كىرىپ، ئاق خالات، ئاق پوسمىسى ناھايىتى ياراشقان، ئوتتۇرا بوي، يۇمۇلاق يۈز، چىرايىدىن مۇلايىم، ئاقكۆڭۈللىكى چىقىپ چىقىپ تۇرىدىغان، 30 ياشلاردىكى تۇرغۇنجان دوختۇرغا ئۆزەمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ كېلىش مەقسىتىمنى ئېيتىۋىدىم، تۇرغۇنجان دوختۇر ماڭا: مەن ئەزەلدىن تەشۋىقاتقا قىزىقمايمەن، شۇڭا رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدىن ئېلاننىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئېلان بەرسىڭىز، دەپ كەلگەنلەرمۇ بولدى. لېكىن مەن ئۇلارنى چىرايلىق رەت قىلىپ يولغا سېلىپ قويدۇم، چۈنكى مەن مەھسۇلاتلىرىمنى«ئۆتمەس ماتا، توۋلاپ ساتا»دېگەندەك ماختاپ ئېلان بېرىشنى راۋا كۆرمىدىم. سىز مۇخبىركەنسىز، بوپتۇ مېنى تەشۋىق قىلسىڭىز قىلىڭ، لېكىن مېنىڭ بىر شەرتىم بار، دېدى قەتئىيلىك بىلەن.
 − قانداق شەرتىڭىز بار، قېنى ئاڭلاپ باقاي، دېدىم مەنمۇ دەرھاللا.
 − خىزمەتداشلىرىڭىز ئارىسىدا دئىابىت ئاغرىقلىرى بارمۇ؟
 − خېلى كۆپ بار.
 − ئۇنداقتا ياخشى. سىزمۇ بىلىسىز، بىزدە مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، دېگەن ھېكمەت بار. شۇڭا مەن سىزگە «لوقمان ھەكىم يېڭى بىر ئەۋلاد دئىابىت گۆھىرى»دىن بېرەي، چوڭ بىر قاپنىڭ ئىچىدىن كىچىك ئالتە قاپ چىقىدۇ. سىز بۇ دورىنى ئاپىرىپ ئىنسۇلىن ئۇرۇۋاتقان، كېسىلى ئېغىرراق خىزمەتداشلىرىڭىزغا بېرىڭ، ئۇلار دورامنى ئىچىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەندە ئاندىن كېلىپ مېنى زىيارىت قىلىڭ، چۈنكى سىلەر ئاخباراتچىلار، ھەقنى، ئەمەلىي ئىشلارنى چىنلىق بىلەن يازساڭلار ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا يۈز تاپىسىلەر، بىزمۇ تەرەققىيات يولى تاپىمىز،-دېدى. تۇرغۇنجان دوختۇرنىڭ بۇ گېپىنىڭمۇ ئىلمىي ئاساسى بار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن چوڭ قاپلىق«لوقمان ھەكىم يېڭى بىر ئەۋلاد دئىابىت گۆھىرى»دىن بىر قاپ ئېلىپ قايتىپ كېلىپ،  دىئابىت كېسىلى ئېغىر ئىككى خىزمەتدىشىمغا بۇ دورىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئىچىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىپ بەردىم. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ خىزمەتداشلىرىم ناھايىتى خۇشال ھالدا: ھېلىقى دورا راسلا كارامەتكەن، بىر ھەپتە ئىچىدىلا قان شېكىرىمىز نۇرماللاشتى، ھازىر ئىنسىلۇننىمۇ ئۇمايدىغان بولدۇق، ھازىر ھەر كۈنى سەھەردە بىر قېتىملا ئىچىۋاتىمىز، تاماقتىنمۇ پەرز تۇتمايدىغان بولدۇق، بۇرۇن ئىنسۇلىننى ئېلىپ يۈرۈشكە مۇمكىن بولمىغاچقا، كاماندۇرۇپكىغا چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يىراق جايلارغا سەيلە-ساياھەتكىمۇ بارالمايتتۇق. مانا ئەمدى نەگە بارغۇمىز كەلسە بارالايدىغان بولدۇق. بۇ دورا ھەقىقەتەن قالتىسكەن، دېيىشتى. مەن شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇنجاننىڭ شىپاخانىسىغا بېرىپ، دوختۇرغا خىزمەتداشلىرىمنىڭ بۇ دورا توغرىسىدىكى تەرىپلەشلىرىنى دەپ بېرىپ، ئۇنى زىيارەت قىلدىم.

بىخلانغان ئارزۇ
تۇرغۇنجان جۈمە 1979-يىلى 3-ئايدا ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يا كۆۋرۈك يېزىسىدا تۇغۇلدى. ئۇنىڭ دادىسى يېزىلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى، ئانىسى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيى شىپاخانىنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇڭا ئوقۇش يېشىغا توشقىچە شىپاخانىدا ئويناپ، دادىسىنىڭ ھەر كۈنى كۆرۈنگىلى كەلگەن تۈرلۈك ئاغرىقلارغا دئىاگنوز قويۇش، رېتسىپ يېزىپ، دورا بۇيرۇشلىرىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ چوڭ بولدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ دادىسى شىپاخانىدىكى بىلىمى ئەڭ يۇقىرى، داۋالاش تەجىرىبىسى ھەممىدىن مول دوختۇر بولۇپ، دەمئېلىش كۈنلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ كۆرۈنىدىغان ئاغرىقلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. جىددى كېسەل بىلەن ئاغرىغانلار يېرىم كېچىلەردىمۇ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى قاقىدىغان ئەھۋال دائىم بولۇپ تۇراتتى. تۇرغۇنجاننىڭ دادىسى كەسىپتە مەسئۇلىيەتچان، ئىستىلى دۇرۇس، پەزىلەتلىك دوختۇر بولۇپ، ئاغرىقلارنى ئۆز قېرىندىشىغا مۇئامىلە قىلغاندەك كۆيۈنۈپ داۋالايتتى. تۇرغۇنجان مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ دەرستىن چۈشسىلا دادىسىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى. تەتىل مەزگىلىدە زېرىكىپ قالسىمۇ دادىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ، دادىسىنىڭ تۈرلۈك ئېغىر-يىنىك كېسەللەرگە دئىاگنوز قويۇش، داۋالاش جەريانىنى كۆرەتتى، دادىسىدىن قانداق ئاغرىققا قانداق دورا بېرىسىز، ئاغرىقنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشاپ، تىلىغا، كۆزىگە قاراپ، نىمىلەرنى بىلەلەيسىز...دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ تۇراتتى، گۆدەك قەلبىدە چوڭ بولغاندا دادامدەك دوختۇر بولىمەن، دېگەن ئارزۇ بىخلاندى. ئاشۇ ئىستەك، ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىغا«شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرىستېتى»دەپ يازدى. 

ئارزۇغا ئېچىلغان يول
تۇرغۇنجان ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ھاياجانلانغىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى. چۈنكى ئۇ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانىدى. ئۇ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو تېبابىتى، غەربچە داۋالاش ئىلمى توغرىسىدىكى دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگەنگەندىن سىرت، دەم ئالغان كۈنلىرى شىنخۇا كىتابخانىسىغا بېرىپ ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىغا دائىر كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئۆگەندى. تەتىللەردە يۇرتىغا كەتمەي تېببىي ئۇنىۋېرىستېت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا پراكتىكا قىلىپ، سىنىپتا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ، سىناق قىلىپ بىلىمى بىلەن ئەمەلىي تەجرىبىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭدى. تۇرغۇنجان 2000-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرىستېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يا كۆۋرۈك يېزىلىق شىپاخانىغا خىزمەتكە چۈشتى. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ دادىسى جۈمەخۇن ئاكا شۇ شىپاخانىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ ئوغلىنىڭ مۇشۇ ئورۇندا ئىشلەپ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئىزىنى بېسىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. تۇرغۇنجان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كونا بولغاننىڭ ئۈستىگە كەمچىل، شارائىتى ناچار بۇ ئورۇنغا كەلگەندىن كېيىن ئەمەلىي داۋالاش داۋامىدا  ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئۆگىنىپ، غەربچە، جۇڭگۇ تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ كېسەل داۋالاش تېخنىكامنى يەنىمۇ ئۆستۈرمەيمۇ، دېگەن ئويغا كېلىپ، 2001-يىلى يازدا، ئويلىغانلىرىنى دادىسىغا ئېيتىۋىدى دادىسى ئۇنى قوللىدى. دادىسىنىڭ سۆزلىرىدىن ئىلھاملانغان تۇرغۇنجان ئۈرۈمچىگە كېلىپ، بىر مەزگىل تېبابەت بازارلىرىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى مەسچىتىنىڭ ئاستىدىكى بىر دۇكاننى قاراقاشلىق ئابدۇناسىر تېۋىپ بىلەن شېرىكلىشىپ «ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى» ئېچىپ، ئۆزى باش دوختۇر بولۇپ كېسەل كۆردى. شىپاخانىنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشكەندىن كېيىن، قاراقاشلىق مەشھۇر تىۋىپ مەنسۇر ھاجىمنىڭ چوڭ ئوغلى مەمتىمىن ھاجىنى شىپاخانىغا يۇقىرى مائاش بىلەن كېسەل كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. مەمتىمىن ھاجىم ھەر ئايدا بىر قېتىم كېلىپ، ھەر كەلگەندە تۇرغۇنجاننىڭ شىپاخانىسىدا 15 كۈندىن 20 كۈنگىچە كېسەل كۆردى. بۇ جەرياندا تۇرغۇنجان مەمتىمىن ھاجىدىن تومۇر تۇتۇش، كېسەلگە توغرا ھۆكۈم قىلىش، دورا ياساشقا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدى. 2002-يىلىنىڭ بېشىدا دۆڭكۆۋرۈك بازىرى ھازىرقى خەلقئارا چوڭ بازارغا ئۆزگەرتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن دۆڭكۆۋرۈك مەسچىتى چېقىلىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن تۇرغۇنجان شىپاخانىنى شېرىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى جۇڭگو تېبابىتىنى ئۆگىنىش ئىستىكىدە، 2002-يىلى 2-ئايدا، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە بىر يىل جۇڭگو تېبابىتىنى ئۆگەندى. ئۇ 2003-يىلى 3- ئايدا بۇ ئورۇندىكى ئوقۇشىنى ئۇتۇقلۇق تاماملاپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقبېشى كوچىسىدا «يېڭى ئىبىنسىنا ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى»نى ئاچتى. تۇرغۇنجاننىڭ تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈش، كېسەلگە توغرا دىياگنوز قويۇش سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ياسىغان دورىلىرى ھەرقانداق كېسەلگە ئوبدان مەنپەئەت قىلغاچقا، تېزلا نامى چىقىپ، كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىدىغانلار ئايدىن ئايغا كۆپىيىپ ماڭدى. تۇرغۇنجان ئەمەلىي كېسەل كۆرۈش داۋامىدا ئۆگەنگەنلىرىنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، چەت ئەلدىكى داڭلىق تېببىي ئۇنىۋېرىستېتلاردا ئوقۇش خىيالىغا كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ شىپاخانىسىغا بەزىدە ئۈرۈمچىگە سودا، ساياھەت، تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر كېسەل كۆرسىتىپ دورا ئالغىلى كېلەتتى. ئۇ بەزىدە ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشىنەلمەي قىينىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماتېرىياللاردىن رۇسىيە بولۇپمۇ ئوكرائىنانىڭ داۋالاش تېخنىكىسى جەھەتتە ياۋروپادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، پۇرسەت تېپىپ شۇ ئەللەردە ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى. شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇنجان بىر تەرەپتىن، كېسەل كۆرۈش-داۋالاش ئارقىلىق ئەمەلىي بىلىمى، تەجرىبىسىنى كۆپەيتسە، يەنە بىرياقتىن شىپاخانىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تۇتۇش قىلدى. 2004-يىلى 7-ئايدا ئۆزىنىڭ تېببىي ئۇنىۋېرىستېتىدىكى ساۋاقدىشى، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا ئىشلەۋاتقان ئايتۇرە ئابلىمىت بىلەن توي قىلدى. توي قىلغاندىن كېيىنمۇ چەت ئەلدە ئوقۇش ئارزۇسىدا بىر تەرەپتىن رۇس تىلى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىمتىھان بېرىپ، خەۋەر كۈتتى. چۈنكى بۇ چاغدا تۇرغۇنجان ئۈچ يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تېپىپ، چەت ئەلدە ئوقۇشقا ئوبدان ئاساس ياراتقانىدى. 2005- يىلى 6-ئايدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى باھادىر تۇغۇلۇپ، ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ ئۇنىڭغا ئوكرائىنا ۋېنسا خەلقئارالىق تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرىستېتىدىن چاقىرىق كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇنجان شۇ يىلى 10-ئايدا قەلبىگە گۈزەل-ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن تۇرغۇنجان، ئۈرۈمچىدە ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى يوق ئايالىنى ئەمدىلا ھاياتلىققا كۆز ئاچقان ئوغلى بىلەن قالدۇرۇپ، ئوكرائىناغا يۈرۈپ كەتتى.

قاناتلانغان تىلەك
تۇرغۇنجان ئوكرائىناغا بارغاندىن كېيىن 2006-يىلى 9-ئايغىچە ئوكرائىنا ئودىسسا دۆلەتلىك تەبئىي پەنلەر ئۇنىۋېرىستېتىدا رۇس تىلى ئۆگەندى. بۇ جەرياندا ئۇ قەلبىگە پۈككەن غايىسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ تۈنجى ئۆتكىلى بولغان تىل ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ ئۆگەندى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقى، چىقىشقاق مىجەزى، ئىنتىزامچانلىقى، تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى بىلەن شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 100 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ، شۇ مەكتەپتىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا رۇسچە ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، رۇسچە راۋان سۆزلىشەلەيدىغان سەۋىيەگە يېتىپ  مەۋسۇم ئاخىرىدا ئېلىنغان ئىمتىھاندىن يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۆتۈش بىلەن بىرگە، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ، ۋېنسا خەلقئارالىق تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلەر كەسپىگە تاللاندى. تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرىستېتىدا يېرىم كۈن نەزەرىيە دەرسى ئۆتۈلسە، يېرىم  ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرىستېت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا كىلىنكىلىق داۋالاش ئەمەلىيىتى بىلەن تەربىيەلىنەتتى. تۇرغۇنجان بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىنىپتا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىي داۋالاشقا جانلىق تەدبىقلاپ، چۈشەنمىگەن قىيىن نۇقتىلىرىنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىدىن دادىللىق بىلەن سوراپ نەزەرىيىۋى بىلىمى ۋە ئەمەلىي داۋالاش تەجرىبىسى جەھەتتە تېز كۆرۈنۈپ، سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلىرىنى غەربچە داۋالاش بىلەن جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا كىرىشتى ۋە 2007-، 2008-يىللىرى ئوكرانىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە ۋېنىسا خەلقئارا تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرىستېتى ئۇيۇشتۇرغان ئۈچ قېتىملىق خەلقئارا تېببىي ئىلىم ساھەسىدىكى مەشھۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، يىغىندا ۋە ماقالە ئوقۇدى. ئوقۇغان ماقالىلىرى ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى ئىككى قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك، بىر قېتىم ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتكاندى. 2008-يىلى 10-ئايدا سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلىرى ئىلمى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى ئەلا نەتىجە بىلەن تامالاپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. 

لوقمان ھەكىمدىن كۈچ ئالغان «لوقمان ھەكىم»
تۇرغۇنجان ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېلىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئوزۇقلۇقشۇناسلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئارقىلىق بىر يىلدىلا ئالىي دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش يېتەكچىسى ۋە ئوزۇقلۇقشۇناس سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. تۇرغۇنجان چەت ئەلدە ئۆگەنگەن مول بىلىمى ئاساسىدا، ئۆز ئالدىغا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە، ئەتراپىغا بىر تۈركۈم قابىل كەسىپداشلىرىنى يىغىپ، 2010-يىلى «لوقمان ھەكىم بىيو- پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» بىلەن تۇرغۇنجان شىپاخانىسىنى قۇردى. تۇرغۇنجان غەرىبنىڭ ئىلغار داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە قوللىنىشنى نىشان قىلىپ، نەچچە ئاي جاپالىق ئىزدىنىش، سىناق قىلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش «لوقمان ھەكىم» نامىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى ۋە تۇرغۇنجان شىپاخانىسىنى قۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ شىپاخانىسىدا كېسەل داۋالاپ، مەھسۇلاتلىرىنى يەپ ساقايغان ئاغرىقلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىنىڭ دورا-ئۆسۈملۈكنى ئاساس قىلغانلىقى، شۇڭا ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق ئەكىس تەسىرىنىڭ بولمايدىغانلىقى، شىپالىق رولىنىڭ ياخشىلىقىنى تونۇتتى. بۇنىڭ ئىلھامىدا تۇرغۇنجان  قىسقىغىنە ئىككى يىلدا شياڭگاڭنىڭ تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانا− فوشەن گۇرۇھىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تارماق شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، «لوقمان ھەكىم قان بېسىم گۆھىرى»، «لوقمان ھەكىم ئەفئى رېماتىزىم كاپسۇلى»، «لوقمان ھەكىم شىپائىي زىققا ئۆپكە گۆھىرى»، «لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرى»، «لوقمان ھەكىم ئاشقازان قۇۋۋەتلەش گۆھىرى»، «لوقمان ھەكىم ئۈچەي تازىلاش كاپسۇلى»، «لوقمان ھەكىم ئۆپكە تازىلاش كاپسۇلى»، «لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك ئاياللار گۆھىرى»، «لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى»، «لوقمان ھەكىم ھەبى ئىمساك»، «لوقمان ھەكىم رېماتىزىم سۆڭەك ياشارتىش مەلھىمى»، «لوقمان ھەكىم دئىابىت گۆھىرى»، «لوقمان ھەكىم يېڭى ئەۋلاد دئىابىت گۆھىرى»، «لوقمان ھەكىم يۈرەك، مېڭە ساغلاملاشتۇرۇش گۆھىرى» قاتارلىق 14 خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپ بازارغا سالغاندىن كېيىن، بۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال قىلغان ئاغرىقلارنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ جەمئىيەتكە تېز تارالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە-شەھەرلەردە «لوقمان ھەكىم بىيو- پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن مەخسۇس ساتىدىغان دورا دۇكانلىرى ناھايىتى تېزلا 100دىن ئاشتى. شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ ئىككى يىلدىن بۇيان سۈپىتىنىڭ ياخشى، تەركىبىنىڭ ساپلىقى، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، جەمئىيەتتە تېز تونۇلغاچقا، «لوقمان ھەكىم بىيو- پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»
2012-يىلى دۆلەت يېنىك سانائەت مىنىستىرلىقى ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تۈكشۈرۈپ باشقۇرۇش مەركىزى تەرىپىدىن تەرىپىدىن «دۆلەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا لاياقەتلىك، ئىشەنچلىك مەھسۇلات بولۇپ باھالانغاندىن سىرت يەنە «سۈپەت، مۇلازىمەت، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرگەن A A A دەرىجىلىك كارخانا، شەرىپىگە ئېرىشتى. «لوقمان ھەكىم» ماركىسىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۆلەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىچىلار جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مىللەتلەر ئىقتىساد مەدەنىيەت تەرەققىيات جەمئىيىتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكنى باشقۇرۇش تەتقىقات ئاكادېمىيىسى، «ئەسىر شەخىسلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى، قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن كەسپىي ساھەدىكى داڭلىق ماركىلىق كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن«جۇڭگودىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى داڭلىق تاۋار ماركىسى» بولۇپ باھالاندى. 
 تۇرغۇنجان يۇقىرىقى شان-شەرەپلەردىن قانائەتلىنىپ قالمىدى، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ مەدىتى، خەلق ئاممسىنىڭ قوللىشىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى جاھانغا تونۇتۇش يولىدىكى تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىگە لوقمان ھەكىمگە ئىشەنگەندەك ئىشىنىپ، ئالدىغا كېلىۋاتقان ۋە كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئاغرىقلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئېسىل دورىلىرى بىلەن داۋالاپ، ئۇلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنى قوللىغان خەلقىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. تۇرغۇنجان 2012-يىلى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا بېرىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەيرى-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىغا 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. 2012-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6-، 21-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش قوراللىرى ئىئانە قىلدى. بۇلتۇر 18-سىنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك«خەيرى ساخاۋەت ھەپتىلىكى−مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى»گە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 20 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 56-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 100 ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش قوراللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياردەم قىلغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تۆلەپ بەردى.
تۇرغۇنجان ئەمدىلا ھايات مۇساپىسىنىڭ 33 داۋىنىدىن ھالقىغان بولسىمۇ، بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى يارىتالمايدىغان نەتىگە يارىتىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسى، ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، كىچىگىدە سەبى قەلبىگە پۈككەن ئارزۇ-ئارمىنىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن قانائەتلىنىپ قالمىدى، بەلكى تېخىمۇ زور شىجائەت، تېخىمۇ يۈكسەك ئىرادە بىلەن قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ، لوقمان شىركىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ شىركەتنى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىلا ئەمەس بەلكى خەلقئارادىمۇ نامى بار، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەنئەنىۋى رېتسىپلىرى بىلەن جۇڭگو تېبابىتىنىڭ ئېسىل جەۋھەرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، تەنگە شىپا قىلىپ، جانغا ھۇزۇر بېرىدىغان، داڭلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان باشلامچى كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا توختاۋسىز ئىلگىرىلىمەكتە.
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى