لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لوقمان ھەكىم نېمە دەيدۇ؟

لوقمان ھەكىم نېمە دەيدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 3138 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

لوقمان ھەكىم نېمە دەيدۇ؟
(تۇرغۇنجان دوختۇر بىلەن روبىرو سۆھبەت خاتىرىسى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى كەڭ تورداشلارغا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەندىن بىرى، مەزمۇنىنىڭ كەسپىيلىكى، سەرخىللىقى، سۈپەت جەھەتتىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي كۈچ، زېھنى كۈچ سەرپ قىلىشى بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، كەسپىي كارخانچىلار تورى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن دىيارىمىزدىكى كەڭ كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تور بېكەت بولۇپ قالدى. 
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى ئىزچىل ھالدا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئىزدىنىپ، كەڭ كارخانىچىلار، ئىگىلىك يولىغا ماڭغان ياكى مېڭىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان، ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى يارىتىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئەڭ نەپ تېگىدىغان تور بېكەت بولۇپ، سەركىلىك رول ئويناشنى ئۆزىنىڭ مىزانى قىلىپ كەلدى. 
بۇ قېتىم ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى قۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى قايتا-قايتا پىلانلاش، ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، دىيارىمىزدىكى كارخانىچىلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، «ئىلقۇت كارخانىچىلار بىلەن روبىرو سۆھبەت پىروگراممىسى» ئارقىلىق دىيارىمىزدىكى كارخانىلار، كارخانىچىلار، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇپ، ئىستېمالچى بىلەن كارخانىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زىچلاشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇش ئۈچۈن يېڭى بىر يولغا قەدەم قويدى. 
ئىشىنىمىزكى ئىلقۇتنىڭ بۇ يېڭى قەدىمى كەڭ تورداشلارنىڭ قوللاپ بېرىشى بىلەن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈسى. 
«ئىلقۇت كارخانىچىلار بىلەن روبىرو سۆھبەت پىروگراممىسى»نىڭ تۇنجى سانىدا دىيارىمىزدىكى خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان دوختۇر ھەم ئۆز نۆۋىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ساخاۋەتچى، ياش كارخانىچى تۇرغۇنجان جۈمە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. ئەگەر قىلغان ئىشلىرىمىز ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئازتولا نەپ بېرەلىسەك، بۇ بىزنىڭ ئەڭ زور نەتىجىمىز ھېسابلانغۇسى. 
تۆۋەندە تورداشلارنىڭ دىققىتىگە شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە لوقمان ھەكىم تۇرغۇنجان شىپاخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرغۇنجان جۈمە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنى سۇندۇق، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا تىلەكداشمىز.

ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مۇخبىرى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرغۇنجان دوختۇر، مەن ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ مۇخبىرى بولىمەن. بۈگۈن ئازراق ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ سىزنى زىيارەت قىلماقچى ئىدىم. شۇڭا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك، يېقىندىن بىرى لوقمان ھەكىم دورىلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە لوقمان ھەكىم شىپاخانىسى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باققان بولسىڭىز، رەھمەت. 
تۇرغۇنجان دوختۇر: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن 2000-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2001-يىلىدىن 2002-يىلغىچە جۇڭگو تېبابەت ئاكادېمىيەسىدە بىلىم ئاشۇرغان، 2002-يىلدىن 2005-يىلغىچە كىلىنىكىلىق داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان.
2005-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئوكرائىنا ۋىنسا خەلقئارالىق تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالىي دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش يېتەكچىسى ۋە ئۇزۇقلۇقشۇناس سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆز ئالدىمغا ئىگلىك تىكلەش ئارزۇسىدا ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى ھەم تۇرغۇنجان شىپاخانىسىنى قۇرۇپ چىقتىم.

ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مۇخبىرى: شىپاخانىڭىزدا ئادەتتە قايسى ۋاقىتلاردا كېسەل كۆرىسىز؟ بايا قارىسام شىپاخانىڭىزدا ئادەم بەك كۆپ ئىكەن، داۋاملىق مۇشۇنداق كۆپمۇ ياكى بۈگۈن پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ كەتكەن ئەھۋالمۇ؟
تۇرغۇنجان دوختۇر: بۈگۈنكى ئەھۋال ھەر ھالدا ياخشى، بىمارلار بۈگۈن كۆپ ئەمەس. سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز ئادەتتىكى ئەھۋال. چۈنكى بۈگۈن جۈمە كۈنى بولغاچقا، جۈمە كۈنىدە ئادەتتە نومۇرنى ئاز تارقىتىمىز، شۇڭا بۈگۈن ئادەم نىسبەتەن ئازراق. ئەگەر باشقا كۈنلىرى كەلسىڭىز، بەلكىم شىپاخانىمىزدا ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلارنىڭ بۈگۈنكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا بۈگۈنكى ئەھۋالنى ئادەم كۆپ دېيىشكە بولمايدۇ.
مېنىڭ كېسەل كۆرۈش ۋاقتىمغا كەلسەك، ئادەتتە ھەر كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:30 دىن سائەت 11:30 غىچە كېسەل كۆرۈپ، چۈشتىن كېيىن مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبلىك كېسەل كۆرمەيمەن. 

ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مۇخبىرى: مۇشۇ لوقمان ھەكىم دورىلىرى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن. رەھمەت
تۇرغۇنجان دوختۇر: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بولىدۇ. مەن ئالدى بىلەن ھازىرقى بازاردا ئەڭ تېز مېڭىۋاتقان، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئالقىشىغا ئېرىشكەن دورا لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىدىن باشلاپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش، ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، مەزى بېزى يوغىناش كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ. 
بىمارلاردا يۇقىرى قان بېسىم، ئېغىر يۈرەك كېسىلى بولماي قالسا لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى بىلەن لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بىزى گۆھىرى 36 كۈن يېتىدۇ، لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھنىڭ بىر قىپى بولسا 12 كۈن يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۈچ قاپ كېتىدۇ، بىر چوڭ قاپتا 3 تال چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 36 كۈن بولىدۇ. 
يەڭگىل بولسا 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بىر باسقۇچ بولىدۇ. كېسىلى ئېغىر، بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەردە، يەنى %5~%10 گىچە بولغان ئادەمدە بەل، تىز، ئۇستىخان سىرقىراپ ئاغىرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال 3 كۈندىن 7 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇنداق چاغدا دورىنى توختىتىپ قويماي قايناق سۇنى كۆپ ياخشى دەملىۋېلىپ ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلارنى دورىخانىلاردىن ئېلىپ ئىچسە بولىدۇ. 
ئېغىر يۈرەك كېسىلى بار، بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەرگە قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى بېرىشكە بولمايدۇ. بۇنداقلارغا لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنى بەرسە مەزى بېزى يوغىناش، ياللۇغلۇق سۈيدۈك تامچىپ كېلىش، كۆپ قېتىم كىچىلىك تەرەتكە چىقىش ھەم ئەرلىك ئىقتىدارى چىكىنىشتەك كېسەللەرگە ئالاھىدە ئۈنۈمى بولىدۇ. 
توي قىلمىغان بالىلار بولسا يەنىلا لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنى يەپ بەرسە بولىدۇ. 

ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مۇخبىرى: ناھايىتى ئەستايىدىل ياخشى سۆزلەپ بەردىڭىز، ئەمدى سوراپ باقسام، سىلەرنىڭ مۇشۇ لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە ھېچقانداق خىمىيەلىك تەركىب قوشۇلمىغان دېيىلىپتۇ. بۇ يەردىكى خىمىيەلىك تەركىپ قوشۇلمىدى دېگەننى بۇ دورىنىڭ تەركىبىدە ھورمۇن تەركىبى يوق دېگەنلىك دەپ چۈشىنىشكە بولامدۇ؟ ئادەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان مەزى بېزىگە مەنپەئەت قىلىدىغان دورىلارنىڭ تەركىبىدە ئاساسەن ھورمۇن تەركىبى بولىدۇ. ھازىر تورلاردىمۇ بۇ خىل ھورمۇنلۇق دورىلارنى كۆپ يېيىش سەۋەبلىك دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە يازمىلارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. سىزنىڭ دورىڭىزنىڭ تەركىبىدىمۇ ھورمۇن تەركىبى بارمۇ؟
تۇرغۇنجان دوختۇر: لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۈھىرى بەدەنگە زىيانلىق بولغان ھەر قانداق خىمىيەلىك تەركىب بولمىغان، كېلىش مەنبەسى ئۈسۈملۈك جەۋھىرىدىن كەلگەن، ئىنتايىن ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان ۋە ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە بولىدىغان، كۆنىۋېلىش، كەينىگە يېنىۋېلىش بولمىغان كۈچەيتىش مەھسۇلاتى بولۇپ، دورىنى يەپ 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىنى ئالاھىدە ياخشىلايدۇ.



دورىمىزنىڭ تەركىبىدە ھېچقانداق ھورمۇن يوق، بۇنىڭغا تولۇق كاپالەتلىك قىلالايمىز. دورىمىز بازارغا سېلىنغىنىغا ئىككى يىل بولدى، ئەمما ئالدىنقى يىللىرى دورىغا تەستىق ئالالمىغان بولغاچقا، باشقىلارنىڭ (زاۋۇتنىڭ) تەستىقىنى ئىشلەتكەن، ئەمما بۇ يىل (2014-يىلى) دورىمىزغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىق بەردى. شۇڭا بۇ يىلدىن باشلاپ دورىمىز ئۆزىمىزنىڭ تەستىق نومۇرىدا يېڭى ئەۋلاد قىلىپ ئىشلەپ بازارغا سېلىندى. ئىلگىرى زاۋۇت تەرەپنىڭ تەستىقىنى ئىشلەتكەندە، دورىمىزنىڭ رەڭگى ۋە سۈپىتى ھازىرقىدەك ياخشى ئەمەس ئىدى. ھازىر تولۇق ئۆزىمىزنىڭ تەستىقىدا ئىشلەنگەن بولغاچقا، دورىغا قارىتا تېخىمۇ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئىزدىنىپ، دورىنى ئەسلىدىكى ھەممەيلەن (توي قىلغان ۋە توي قىلمىغانلار)نىڭ نورمال ئىشلىتىشىگە بولىدىغان قىلىپ ئىشلەنگەن، ئەمما ھازىرقى دورىمىزنى توي قىلمىغانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدىغان قىلىپ ئىشلەپچىقاردۇق. نېمىشقا دېگەندە، ئادەتتە توي قىلغانلارغا نىسبەتەن دورىنىڭ كۈچى ئاجىز بولسا ئۈنۈمى بولمايدۇ، شۇڭا بىز بۇ قېتىم دورىمىزنىڭ كۈچىنى بەك ئاشۇردۇق، شۇڭا بۇ قېتىمقى يېڭى ئەۋلاد لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىنى توي قىلمىغانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى دورا زىيادە كۈچلۈك بولغاچقا، ئەگەر توي قىلمىغانلار يەۋالسا، دورا كۈچى زىيادە كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلاردا ئەرلىك ھېسسىياتى زىيادە كۈچىيىپ كېتىپ، توغرا ھەل قىلالماي قېلىشى مۇمكىن.
مەزكۇر دورىنىڭ بىر قېپىنىڭ ئىچىدە جەمئىي 72 تال تابلېتكا بار (36 تال يېشىل تابلېتكا، 36 تال سېرىق رەڭلىك تابلېتكا)، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى ۋاق يېيىلىدۇ. ئەتىگىنى يېشىل رەڭلىك تابلېتكىدىن 1 تال يېيىلىدۇ. كەچلىكى سېرىق رەڭلىك تابلېتكىدىن 1 تال يېيىلىدۇ. 
مەزكۇر دورا بازارغا سېلىنغىنىغا 4 يىل بولدى، 2014-يىلى بۇ دورىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن تەستىق بېرىلگەن بولۇپ، 2014-يىلىدىن باشلاپ بۇ دورا يېڭى بىر ئەۋلاد دورا شەكلىدە خەلىقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 
مەزكۇر دورا تەركىبىدە ھېچقانداق خىمىيەلىك تەركىب يوق، بەدەنگە ئەكىس تەسىرى يوق. ئەمما تۆت خىل كىشىلەرگە بۇ دورا بېرىلمەيدۇ. 
تۆۋەندىكى تۆت خىل كىشىلەرگە لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى بېرىلمەيدۇ (ئەمما بۇ تۆت خىل كىشىلەر لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنى يېسە بولىدۇ.) ئۇلار: (1) ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك كېسىلى بارلار؛ (2) قان بېسىمى ئېغىر دەرىجىدە يۇقىرىلار؛ (3) ياشقا چوڭلار؛ (4) توي قىلمىغانلار.
بۇ دورىنىڭ بۇ تۆت خىل كىشىگە بېرىلمەسلىكىدىكى سەۋەب: 
مەزكۇر دورىنىڭ قۇۋۋىتى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرىدىكى تۆت خىل كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خىلدىكىلەرنىڭ بەدىنى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، بەدەن دورىنى قوبۇل قىلالماي كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ دورا بېرىلمەيدۇ. تۆتىنچى تۈردىكى كىشىلەر، يەنى توي قىلمىغانلارغا بېرىلمەسلىكىدىكى سەۋەب، مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، ئەرلىك ھېسسىياتى زىيادە كۈچىيىپ كېتىپ، توي قىلمىغانلاردا ياخشى بولمىغان ئادەتلەرنىڭ يېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. 
بۇ تۆت خىل كىشىلەرگە لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنىڭ بېرىلىشىدىكى سەۋەب: ئادەمگىياھ گۆھىرىنىڭ ئۈنۈمى قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىگە قارىغاندا نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، بۇ دورىنى بەدىنى نىسبەتەن ئاجىزلار يېسە بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ دورىنىڭ ئۈنۈم بېرىشى نىسبەتەن ئاستا، يېيىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ.

ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مۇخبىرى: ناھايىتى ياخشى جاۋاب چۈشەنچە بەردىڭىز، ئەمدى شىركىتىڭىزنىڭ ھازىرقى بازاردا نىسبەتەن ياخشى مېڭىۋاتقان ۋەكىل خاراكتېرلىق مەھسۇلاتلىرىڭىز ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ باققان بولسىڭىز. رەھمەت.
تۇرغۇنجان دوختۇر: رېماتىزىم، سۆڭەك شالاڭلىشىش، رېمانتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى، تىزدا سۆڭەك ئۆسۈش، بەلدە ئۇمۇرتقا ئۆسۈپ چىقىش، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئىششىپ كەتكەن بوغۇملارنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ئولتۇرۇپ قوپۇشتا قىينىلىۋاتقان، ماڭالمىغان ئادەملەرگىمۇ لوقمان ھەكىم رېمانتىزىم سۆڭەك ياشارتىش كاپسۇلىدىن بىر قاپ بەرسە بولىدۇ، ئۇ 18 كۈن يېتىدۇ. لوقمان ھەكىم سۆڭەك گۆھىرىدىن بىر يېرىم قاپ، لوقمان ھەكىم سۆڭەك ياشارتىش گۆھىرىدىن بىر قاپ جەمئىي ئۈچ قاپنى بىرلەشتۈرۈپ بەرسە 18 كۈنلۈك دورا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
قوپۇپ ماڭالمىغان ئادەممۇ 3 كۈندىن 10 كۈنگىچە ئاغرىق توختاپ 18 كۈندە ھاسىنى تاشلاپ نۇرمال ماڭالىغۇدەك بولىدۇ. بۇ دورىنىڭ بىر باسقۇچى 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بولىدۇ، 18 كۈنلۈك دورا 342 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە سۆڭەك شالاڭشىش بولسا كۆپ خىل ۋىتامىنلىق ئاقسىل تالقىنىنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ماددىسى ناھايىتى مول. 
ئۇنىڭدىن سىرت سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بۇرۇن ياللۇغى، كاناي شاخچە ياللۇغى،كاناي ياللۇغى،  كاناچ مەنبەلىك زىققا، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، ئۆپكە كېسىلى، ئۆت مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، ئېغىر بولغان دەم سىقىلىدىغان، ھاسىراپ يول ماڭالمايدىغانلارغا شىپايى زىققا ئۆپكە گۆھىرى ئۆپكە تازىلاش گۆھىرىنى قوشۇپ بېرىمىز. بىر قاپ دورا 10 كۈن يېتىدۇ، ئادەتتە 20 كۈنلۈك دورا 2 قاپتىن كەم بېرىشكە بولمايدۇ، بۇ ئاساسلىقى دېمى سىقىلىش، ئېغىر دەرىجىدە ئۆپكە ئىقتىدارى چېكىنىپ كەتكەن يۈرەك زەئىپلەشكەنلەردە كۆرۈلىدىغان بولغاچقا بىر قاپتا ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ بولغۇچە، جۇڭيى دورىسى بولغاچقا توختىتىپ  قويسا ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ كەم دېگەندىمۇ 20 كۈندە ئۆزى كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. 
ئۇنىڭدىن سىرت ھازىر ئۇيقۇسىزلار كۆپىيىپ كەتتى، ئېغىر دەرىجىدە ئۇيقۇسىزلىق، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا ئۇيقۇ گۆھىرى بېرىمىز. بۇنى دەسلەپ ئىچكەندە كەچلىك تاماقتىن كېيىن 4 تال ئىچىپ بەرسە ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ناھايىتى ياخشىلاپ ئادەم بوۋاقتەك تاتلىق ئۇخلاپ كېتەلەيدۇ. زىيادە سىمىزلىك، يۇقىرى قان بىسىمى، مېڭە يىگىلەش، مېڭە قان تومۇر كەپلەشمىسى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق بولۇپ قالسا بۇنىڭغا يۈرەكنى ساغلاملاش گۆھىرىنى قېتىپ بېرىمىز. 
ئۇنىڭدىن سىرت زىلۋا بوي ئورۇقلىتىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى، ساغلام ئورۇقلاشنى خالايدىغانلار بىر قاپتا 7~8 كىلو ئەڭ بولمىغاندىمۇ 3~4 كىلو ئورۇقلايدۇ، ھازىر بۇ مەھسۇلات ئىنتايىن ياخشى مېڭىۋاتىدۇ. 
ھەر خىل سەۋەبلەردىن ياكى تۇغۇتتىن كېيىن چۈشكەن داغ سەپكۈن، ھەر خىل دانىخورەكلەرگە لوقمان ھەكىم داغ يوقىتىش گۈزەللەشتۈرۈش گۆھىرىنى بېرىمىز. 
ھەر خىل تىپتىكى دىئابېتلار، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا ئىككىنچى تىپتىكى دىئابىتلار كۆپرەك ئۇچرايدۇ، بۇلارغا لوقمان ھەكىم يېڭى ئەۋلاد دىئابىت گۆھىرى يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇش دورىسىنى بېرىمىز.
نېمە ئۈچۈن يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇش گۆھىرىنى بىرىمىز دېگەندە ئىككىنچى تىپتىكى  دىئابىت كېسىلىنىڭ كېلىش مەنبەسى %50 ئېرسىيەت ئامىلى، %50 تاشقى ئامىل بولۇپ، يەنە زىيادە سەمىرىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتىنىڭ توسۇلۇشىدىن ئىنسۇلىن ئىشلەش توسقۇنلىقىغا ئۇچرايدۇ-دە، ئىنسۇلىننى يېتەرلىك ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. شۇڭا جىگەرگە ماي چۈشكەندىن كېيىن قاندىكى شىكەر كونتىرول قىلىنىدۇ، نېمىشقا دېگەندە شىكەرنىڭ ئۈچ خىل كېلىش مەنبەسى بولۇپ، بىرى كۈندە يېگەن تاماقتىن ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرلۈپ كېلىدۇ، ئىككىنچى بىرسى جىگەردە ساقلانغان شىكەر مەنبەسى پارچىلىنىش ئارقىلىق شېكەرگە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا شېكەرگە يىغىلىپ قالغان ماي ۋە ئاقسىل شېكەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇنى شىكەرنىڭ غەيرى پەيدا بولۇشى دەپ ئاتايمىز، قان تەركىبىدە بۇنداق شېكەر يىغىلىپ قىلىۋەرسە قان شېكىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ، يەنى دىئابېت كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالىدۇ.
دىئابېت گۆھىرىنى يېڭىدىن ئىچمەكچى بولغانلار دىئابېت گۆھىرىنى ئىچىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەتىگەندە قان شېكىرىنى ئۆلچىتىپ ئاندىن كېيىن بىزگە تېلېفون ئۇرۇپ نەتىجىسىنى دەپ بەرگەندىن كېيىن، دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسمەتمىسىگە ئاساسەن ئىچىدۇ، قاندىكى شېكەر مىقدارى يۇقىرى چىقسا ئىچىدىغان دورىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر تۆۋەن چىقسا دورىنى ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ 4-كۈنى قان شېكىرى مىقدارىنى يەنە بىر ئۆلچىتىپ بىزگە تېلېفون ئۇرسا بىز تەڭشەپ بېرىمىز. ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم بىزگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراپ ئىچىدۇ. نۇرماللىشىپ بولغاندىن كېيىن مەسلىھەت سورىماي ئىچىۋەرسە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.
كۆپ خىل ۋېتامىنلىق ئاقسىللار كىچىك بالىلارغا، ھامىلىدار ئاياللارغا، تېنى ئاجىز ئاياللارغا بەك ماس كېلىدۇ، بۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ماددىسى مول بولغاندىن سىرت سىنىك كالتسىي ۋېتامىن قاتارلىق ھەرخىل ماددىلار بار. ئۇلارنى دىئابىت بىلەن ئىچىشكە بولمايدۇ، نېمىشقا دېگەندە بۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋېتامىن كالتىسي تاتلىق بولغاچقا ئۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىچىك بوۋاق بالىلار، ھامىلىدار ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقانلار، تېنى ئاجىز ئاياللار، ياشانغانلار ئىچىشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ئاقسىلىمىز پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 
لوقمان ھەكىم ساپ ئاقسىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدۇ، GNP لىق زاۋۇتتا ئىشلەنگەن، بۇنىڭ تەركىبىگە سىرىق پۇرچاقلىق سۈت ئاقسىلى سېلىنغان، ھايۋانلارنىڭ سۈت ئاقسىلى ئەمەس بەلكى سىرىق پۇرچاقنىڭ سۈت ئاقسىلى. بۇنىڭ تەركىبىدىكى ساپ ئاقسىل مىقدارى 80 گىرام مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا. بىزنىڭ ئاقسىلىمىز ئاساسلىقى ئۇيغۇر مىللىتى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا باھاسىنى 180 يۈەن قىلىپ چىقاردۇق. بۇ ئاقسىل كۈچلۈك بولغاچقا لوقمان ھەكىم ساپ ئاقسىلىنى ئەتىگەندە يېرىم قوشۇقتىن بىر ۋاخ ئىچىدۇ. بوۋاقلار ئىچىدىغان سۈت پاراشۇكىنىڭ تەركىبىدىمۇ ئاقسىل ماددىسى بار بولۇپ ئۇنى بىر كۈندە ئىككى قوشۇقتىن ئۈچ ۋاخ ئىچىدۇ. لوقمان ھەكىم ساپ ئاقسىلى تەركىبىدىكى ئاقسىل ماددىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا بىر كۈندە بىر ۋاخلا ئىچىدۇ، كۆپ خىل ۋېتامىنلىق ئاقسىل تالقىنىنى ناشتىدىن بۇرۇن بىر قوشۇقتىن بىر ۋاخ، لوقمان ھەكىم ساپ ئاقسىلىنى تاماقتىن بۇرۇن يېرىم قوشۇقتىن ئىچىدۇ. 

ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مۇخبىرى: مۇشۇ سىزنىڭ ئاقسىل مەھسۇلاتلىرىڭىزنى ئەنلى ئاقسىل مەھسۇلاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇتكەن، مۇشۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ باقسىڭىز، رەھمەت.
تۇرغۇنجان دوختۇر: ئاقسىل ماددىسىنى ئەنلى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل ماددىسىغا سېلىشتۇرىدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئاقسىل ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئاقسىل يەنە بىرى ھايۋاناتلار تېنىدىن ئاقسىل. ھايۋاناتلار تېنىدىن ئاقسىلنىڭ پىرسەنتى تۆۋەن بولىدۇ ئۇلارنى دىئابىت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى بارلار ئىشلەتسە بولمايدۇ. ھازىرقى ئەنلى ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىللار ھايۋاناتلارنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئاقسىللار، ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئېلىنغان ئاقسىللارمۇ بولۇشى مۇمكىن لېكىن بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاقسىللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھايۋاناتلارنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئاقسىللار. ھايۋاناتلارنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئاقسىللارنى قانداق ئاقسىل؟ ھايۋانلارنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئاقسىللار قانداق ھايۋانلارنىڭ تېنىدىن ئېلىندى؟ كېلىش مەنبەسى ساپمۇ؟ مۇسۇلمانلار ئىچىشكە ماس كېلەمدۇ؟ ئۇنى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بىزنىڭكى لوقمان ھەكىم ئاقسىلى ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئېلىنغان. يەنى سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى، سۈت ئاقسىلى، سۈت ئاقسىلى سېرىق پۇرچاقتىن ئېلىنغان. ئۇنىڭ ساپلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، GNPلىق زاۋۇتتا ئىشلەنگەن. ئىككىنچى بىرسى ھەر 100 گىرام ئاقسىل تالقىنىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى 80 گىرامدىن يۇقىرى. ئىككىنچى بىرسى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى دورا قېتىلمىغان، سۈنئىي رەڭ بەرگۈچى ماددا قېتىلمىغان، ساپلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ دورىنى يېگەندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدىكى بۆرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ماڭالمىغانلار بىر ئىككى ئاي ئىچىدە ئوبدانلا ماڭالايدىغان بولغان. 
شۇڭلاشقا بۇ دورىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. بازاردىكى نۇرغۇن ئاقسىل دورىلىرىنىڭ ئاقسىل تەركىبىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى ئاقسىلنى پۈركەش ئۈچۈن چوشقا مىيىدەك ھالال بولمىغان مايلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز بولساق ئاقسىللارنى قۇرۇتۇش ئارقىلىق پۈركەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يۇقىرى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئېغىر دەرىجىدە قۇرۇتۇش ئارقىلىق سېرىق پۇرچاقنىڭ تەركىبىدىن ئېلىنغان ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى %80 تىن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئۇنىڭدىن سىرت ئاقسىل تاماق ئېتىدىغان ئۇندەك چېچىلىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنى يۇقىرى تېخنىكىدا قۇرۇتۇش ئارقىلىق ياسىغان. بۇنىڭ تەركىبىگە خىمىيەلىك بىرىكىش تەركىبلىرى قوشۇلمىغان، يەنى ئالدىنقى قېتىم  دەپ ئۆتكەن ئۈچ خىل ماددا قوشۇلمىغان. ئىككىنچى بىرسى بۇنىڭ تەركىبىگە ھايۋاننىڭ مېيىنى قاتمىغان. 

ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مۇخبىرى: سىلەرنىڭ مەھسۇلاتىڭلارنى سېتىۋالماقچى بولغانلار قانداق سېتىۋېلىشى كېرەك؟ مەھسۇلاتىڭلارنى سېتىۋېلىش يوللىرى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقسىڭىز، رەھمەت. 
تۇرغۇنجان دوختۇر: شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرى لوقمان ھەكىم تۇرغۇنجان دوختۇر شىپاخانىسىدا سېتىلىپلا قالماي، يەنە ۋاكالەتچىلەر رايونىدا ۋاكالەتچىلىرىمىز ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىلىدۇ. رايونىمىزدا يەنە بىر قىسىم جايلاردا شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىش ئورنى تەسىس قىلىنمىغان بولغاچقا، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىركىتىمىز يېقىندا باش شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنى تەسىس قىلىپ، باش شىركەتتىن بىۋاسىتە توردا ئارقىلىق مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق. خېرىدارلار ئەگەر بىۋاسىتە مال سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قالسا، شىركىتىمىزنىڭ مەخسۇس تور ئارقىلىق مال يەتكۈزۈش تېلېفون نومۇرى: 6757855-0991 غا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق مال تاپشۇرىۋالسا بولىدۇ. شىركىتىمىز ئاساسەن ۋاكالەتچى تەسىس قىلىنمىغان رايونلارنى مەركەز قىلىپ مال تارقىتىدۇ. ۋاكالەتچى سېتىش نۇقتىسى بار رايونلاردىكى خېرىدارلارنىڭ شۇ رايونىدىكى سېتىش نۇقتىسى ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 
شىركىتىمىز يەنە شىركەت ئورگان ئۈندىدار سالونىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. شىركىتىمىز مەسلىھەت بېرىشكە ئاجراتقان تېلېفون مەسلىھەت سورايدىغان خېرىدارلارنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك ئۇلانماي قېلىش ئەھۋاللىرى ساقلانغان بولغاچقا، خېرىدارلىرىمىزنىڭ يەنە ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىپ ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق مەسلىھەت سوراش ئىشلىرىغىمۇ قولايلىق يارىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. شىركىتىمىزنىڭ ئۈندىدار سالونىنىڭ ئىزدەش نامى: hekimbiz مەسلىھەت سورىماقچى بولغان خېرىدارلارنىڭ ئۈندىدار سالونىمىزغا ئەگىشىپ، ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق مەسلىھەت سورىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
شىركىتىمىزنىڭ تور تېخنىكا بۆلۈمىدىكى خادىملار تور ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تەشۋىقاتىغا تېخىمۇ كۈچەپ، ھەر قايسى ۋاكالەتچىلەرگە قارىتا ئېلان-تەشۋىقات ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، خېرىدارلارغا قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە توردا مال يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. خىزمەتچىلىرىمىز مۇناسىۋەتلىك تورلاردا ۋە ئۈندىدار قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تەشۋىق قىلىشنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇزاق ۋاقىت داۋالىنالماي كېسەللىك ئازابىنى تارتىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ، بالدۇرراق كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، شاد-خۇراملىققا جۆر بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. 


ئاخىرقى سۆز
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدىكى بارلىق خادىملار شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تۇرغۇنجان دوختۇرنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، سۆھبىتىمىزگە قاتنىشىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. 
بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ راۋاج تېپىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. 
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى