(مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر)
سىرلىق تىۋىش
‹‹ھېكايە››
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
كىشىلىك ھايات نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان. نۇرغۇن نەرسىلەر تامامەن بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن. بەزى نەرسىلەرنى ئويلاي دەپمۇ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايمىز ، كىشىلىك ھاياتتا شۇنداق بىر ئىشلار بۇلۇپ قالىدىكى ،بەزىدە ھەيرانلىقتىن نېمە قىلارىمىزنىمۇ بىلمەي قالىمىز . يەنە نۇرغۇنلىغان بىز قەدىرلەشكە ، قەدرىنى قىلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنىڭ قەدرىگە يىتىپ بولغىچە ئاللىبۇرۇن بىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ .'' نېمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ ؟ مەن قايسى يولنى خاتا ئېلىپ قويدۇم ؟ ''دەپ پۇشايمان ئۇرۇپ ئاھ چېكىپ يۈرىدىكەنمىز ھاياتنىڭ ئەگرى توقاي يوللىرىدا نىشانىمىزدىن ئادىشىپمۇ قالىمىز . شۇنداق قىلىپ بىر يىقىلىپ-بىر قوپۇپ، بۇ يولدا ئاخىرقى چەككىچە گاھى ئۆز خاھىشىمىز بىلەن، گاھى مەجبۇرەن ھايات سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىڭەلەپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمىزدىن باشلاپ بۇ قانۇنىيەتنىڭ ھۆكمى بىلەن تىرىكچىلىكىمىزنى باشلايمىز. ھەممە ئوخشاش ياشاۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ ھەر بىر تىرىك جاننىڭ ياشاش يولى، قىسمەتلىرى...تەكرارلىنىپ باققان ئەمەس.خۇددى ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى تاللىۋالغان يولىمىز ، شۇ تاللاشلىرىمىز سەۋەپلىك ئېرىشكەن ۋە مەھرۇم قالغانلىرىمىز ئوخشاش بولمىغىنىدەك....
**********
ئىللىق قۇياش زىمىنغا مىھرىبانلىق بىلەن ئارەمبەخش نۇرلىرىنى سىپىۋاتقان، ئىزغىرىن شامال دىللارغا يېڭىچە ئۈمىت ۋە ئىستەكلەرنى ئاتا قىلىۋاتقان باش باھارنىڭ يېقىشلىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە كوچىنىڭ دوقمۇشىدىكى بىر ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكىنىسىنىڭ يېنىدا، كۆرۈشمىگىمىزگە ئوننەچچە يىل بولغان،ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم بەرنانى تۇيۇقسىزلا ئۇچرىتىپ قالدىم. دەسلەپ بىر-بىرىمىزگە ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ قالدۇق، ئارقىدىنلا قۇچاقلىشىپ ،كۆرۈشۈپ ، قىزغىن ئەھۋال سورىشىپ، ئۆز-ئارا سۇئاللارنى ياغدۇرىۋەتتۇق.
ئاۋال چوڭلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ نەدە، نېمە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، نەچچە پەرزەتلىك بولغىنىمىز...دېگەندەك پاراڭلارنى قىزىقىش بىلەن سورىشىۋېتىپ مەن ئۇنىڭ بىر سىڭلىسى بارلىقىنى ئەسكە ئېلىپ :
-سىڭلىڭچۇ؟ ياخشى تۇرۋاتامدۇ؟دەپ سورىدىم . ئۇ:
-ھەئە ياخشى...دەپ بىر خورسىنىپ قويدى. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ باياتىنقى خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كەتكەن كۆزلىرىنى دەقىقە ئىچىدە مەيۈسلۈك قاپلىدى.
-ھە...سىڭلىڭ بەك چىرايلىق ئىدى. ھېلىھەممۇ شۇنداق چىرايلىقمۇ؟ توي قىلدىمۇ؟ نەدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؟ -دەپ سورىدىممەن ئۇنىڭ چىرايىدىكى يالتتىدە پەيدە بولغان مەيۈسلۈكتىن خاۋاتىرلىنىپ.
يېنىمىزغا ماشىنىلارنى تەرتىپكە سالغۇچى خادىم يىتىپ كىلىپ، بۇ يەرگە ماشىنا توختىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى، دەرھال ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىۋالغان ئىدى. بەرنا ماشىنىسى تەرەپكە قاراپ كىتىۋېتىپ تېخىچە سوئال نەزىرىم بىلەن قاراپ تۇرغان كۆزلىرىمگە ‹‹يالتتىدە››قارىۋېتىپ قسقىلا قىلىپ :
-ھەئە ياخشى تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ بانكىدا...دېدى ۋە بوغۇزىغا بىر نەرسە تۈرۈپ قالغاندەك بىئارامچىلىقتا گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتۈۋېتىپ، ياش يامرىغان كۆزلىرىنى مىنىڭدىن ئېلىپ قاچتى...
بەرنا ماشىنىسىنى قوزغىغاچ ئۆزىنى ئازراق ئوڭشىۋېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئۇ كەيپىياتىنى سەل تۇراقلىۋالغاندىن كېيىن، ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىنى پەسكە چۈشۈرۈپ، ئىسىم كارتىسىنى ماڭا ئۇزاتتى.
-ماڭا چوقۇم تېلېفۇن قىل دوستۇم، تازا بىر مۇڭدىشايلى بولامدۇ؟،-دېدى ئۇ ماڭا ئاشۇ قاراشلىرىدىنلا نىمىلەرنىدۇر چۈشىنىشىم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەندەك مەنىلىك قاراپ قويۇپ.
-ئەلۋەتتە ھېلى بانكىدىن چىقىپلا ساڭا تېلېفۇن قىلىمەن. سەنمۇ ئۇنىڭغۇچە بارىدىغان يېرىڭگە بېرىۋالغاچ تۇر. سېنى شۇنچە يىل يۈتتۈرۈپ قويدۇم. ئەمدى ھەرگىز يۈتۈرۈپ قويغۇم يوق. ۋاقتىڭ بولسا كەچتىلا كۆرۈشەيلى.دېدىم مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا پەقەتلا قىيالماي.
-ماقۇل تېلفۇنۇڭنى كۈتىمەن.ساڭا دەيدىغان بەك كۆپ گەپلىرىم بار.
-مىنىڭمۇ شۇ، ئەمىسە ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدىگىن. ئاللاھقا ئامانەت!
ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكىنىسىنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت ساقلاۋاتقاندىمۇ،ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ چوڭ يولغا چىقىپ ماشىنا توسۇۋاتقاندىمۇ،ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىۋېتىپمۇ بەرنانىڭ ئاخىرقى زىددىيەتلىك چىراي ئىپادىلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ئۇنىڭ سوئاللىرىمنى جاۋابسىز قويغىنىدىن ، سىڭلىسىغا بىرەر كىلىشمەسلىك كەلگەنمىدۇ؟ دېگەن خىيال پات-پاتلا كاللامغا كىلىپ قالاتتى .ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئادەمنىڭ ھەۋىسى ۋە تارلىقى كەلگۈدەك گۈزەل چىرايى، ئوماق قىلىقلىرى كۆز ئالدىمغا كىلىۋالاتتى.
ئۆيگە كىلىپ بىرئاز ھاردۇق ئالغاچ بەرنانى خىيال قىلدىم ، ئۇنى خىيال قىلىشىم بىلەن تەڭ ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئادەمنىڭ ھەۋىسى ۋە تارلىقى كەلگۈدەك گۈزەل چىرايى، ئوماق قىلىقلىرى كۆز ئالدىمغا كىلىۋالاتتى. نامەلۇم بىر تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە ئىنتىلگەن قەلبىم نېرۋىلىرىمنى تىنچىسزلاندۇرماقتا ئىدى . ئاخىرى بۇ نامەلۇملۇقلارغا جاۋاب تېپىشقا ئالدىراپ بەرناغا تېلېفۇن قىلدىم. تېلېفۇندىكى مۇزىكىلىق قوڭغۇراقتىن سەنەۋەر ئورۇنلىغان، مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان‹‹كۆڭۈلگە نەسىھەت››دېگەن ناخشا ئاڭلاندى:
بەلكىم تاشلار بىر كۈنى سەن ياقتۇرغان كىشىلەر سېنى،
لېكىن، كۆڭلۈم سەن بۇنى زىنھار-زىنھار ئېغىر ئالمىغىن...
ئۇ تېلفۇننى ئالمىدى. مەن (بەرنا ماشىنا ھەيدەۋاتقاچقا تېلېفۇننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماي قالدى ياكى باشقا بىر ئىشلار بىلەن ئالدىراش ۋاقىتتا ئۇرۇپ سالدىم بولغاي، ھېلىغۇچە ئۆزى قايتۇرار)دېگەنلەرنى ئويلىدىم ۋە تېلېفۇننى قويۇپ، كىرىسلوغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ، ئخىتىيارسىز ئەينى يىللاردىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمىزنى ئەسكە ئالدىم...
بەرنا سىنىپىمىز بويىچىلا ئەمەس، مەكتەپ بويىچىمۇ ئەڭ چىرايلىق قىز ئىدى. چىرايلىقلىغىلا ئەمەس،كىچىك پىئىېل، تىرىشچانلىقى ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر قىزدا بولۇشقا تىگىشلىك گۈزەل لاتاپىتىنى نامايەن قىلىپ، قەدىمى يەتكەنلا يەرگە گۈزەللىك ھىدلىرى چېچىلىپ تۇراتتى. ئۇ شۇنچە ئەستايىدىل ئىدىكى ئۇنىڭ سىنىپ، ياتاقلاردىكى تەرتىپلىك تازىلىق قىلىشلىرى، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئىشلىرىغا سەمىمىي،ئەستايىللىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشلىرى،بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە قايىللىقىمىزنى ئاشۇراتتى...
ئۇنىڭ ئۆيى مەكتەپكە ئەڭ يېقىن بولغىنى ئۈچۈنمۇ، ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئۆيىمىزگە قايتالمايدىغانلىرىمىز ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆيىگە بېرىپ، ئۆي تامىقىنىڭ خۇمارىغا قېنىپ، ئائىلىنىڭ ھىدلىرىنى سۈمۈرۈشكە كۆنۈك ئىدۇق. ئۇنىڭ ئانىسى ۋە بىرلا سىڭلىسى بار ئىدى،ئۇلارمۇ بىزنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالاتتى، ھەر قېتىم بارغىنىمىزدا تاماق ئىتىش ئىشلىرىغا يېقىن كەلتۈرمەي ئەزىز مىھمانلار قاتارىدا كۈتىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتىمۇ بەك ياخشى ئىدى، بەرنانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ھايات ۋاقتىدا چوڭ سودىگەر ئىكەن، نەچچە يەردە ئۆي-زىمىنى، چەتئەل ۋە ئۈرۈمچىدە شىركەت ۋە دۇكانلىرى بار ئىكەن.بۇلار ئولتۇرىۋاتقان ئۆيمۇ ئۈچ قەۋەتلىك شەخسى تۇرالغۇ بىنا ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى ياش تۇرۇپلا بۇ دۇنيادىن بىمەھەل خوشلاشقان بولسىمۇ، ئۇلار تۇرمۇشتىن ئەسلا قىسىلمايتى. ئۇنىڭ ئاپىسى ئېرىدىن قالغان شىركەتلەرنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،مال-مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ،بەرنانىڭ دادىسىدىن قالغان ئۆي، دۇكانلارنىڭ ئىجارىسىمۇ ئۇلارنىڭ خىراجىتىگە كەڭ-كۇشادە يىتەتتى.
بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە ھەر بىر بارغىنىمىزدا ئۇنىڭ قىلىقلىرى تولىمۇ تاتلىق، چىرايىغا بىر قارىغان كىشىنىڭ يەنە قارىغۇسى كىلىدىغان ئوماق سىڭلىسىغا ھەۋىسىمىز كىلىپ،‹‹خۇدايىم بۇلارغا مەيلى چىراي بولسۇن، مال-دۇنيا بولسۇن، مىھىر-مۇھەببەت بولسۇن ھەممىسىنى ئايىماي بېر ىپتىكەن››دېيىشىپ كىتەتتۇق. دېمىسىمۇ بەرنانىڭ ئۆيىدە دادىسىدىن باشقا ھەممە نەرسە تەل ئىدى. ئانىسى تولىمۇ مىھرىبان،كۆيۈمچان ئايال ئىدى، بەرنامۇ تاشقى قىياپىتىلا ئەمەس،ئىچكى دۇنياسىغىمۇ بارچە مۇكەممەللىكنى مۇجەسسەملىگەن ئېۋەنسىز قىز ئىدى. مانا ئەمدىلا مەكتەپ يېشىغا توشقان سىڭلىسىدىنمۇ بارچە گۈزەللىكلەرنىڭ ئىزنالىرى تۆكۈلۈپلا تۇراتتى.
تېلېفۇنۇمنىڭ سايرىشىدىن ئەندىكىپ،خىياللار قوينىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دوستۇم، بايا تېلېفۇنىڭنى ئاڭلىماي قاپتىمەن، كەچۈرگىن.
-ۋاي ھېچقىسى يوق، نەچچە يىل كۆرۈشمەيلا بۇنداق تۈزۈت قىلىشىپ كەتسەك سەت تۇرارمىكىن؟
-ئۇغۇ شۇ...نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
-ھە شۇ سېنى ئويلاپ ئولتۇرغان ئىدىم،قۇلىقىڭ قىززىغاندەك تېلېفۇن قىلىپسەن.ئۆزۈڭچۇ، نىمە ئىشلار بىلەن؟
-مەنمۇ ھازىرلا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،ئېيتىقىنا سەن كىلەمسەن ياكى مەن بارامدىم؟
بەرنا بىلەن خىلۋەترەك بىر كوچىغا جايلاشقان، تىنچ بىر قەھۋاخانىدا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشتۇق. مەن ئۇنىڭ مېنى ئالغىلى كېلىشىگە قوشۇلماي،يولغا چىقىپ تاكسى توسۇپلا كەلگەن بولساممۇ،ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا كېلىپ، مىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن.
بىز خالىغانلىرىمىزنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن،تەبىئىيلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇمۇ توي قىلىپتۇ،لېكىن بالىلىق بولالماپتۇ،سەۋەبىنى سورىسام جاۋاپ بەرگۈسى كەلمىدى بولغاي،گەپنى باشقا ياققا بۇراپ مېنىڭ بىر جۈپ قىزىم بارلىقىنى ئاڭلاپ سۆيۈنگەنلىكىنى ۋە ئەتىلا ئۇلارنى كۆرگىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نىمىشقىدۇر مېنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ سىڭلىسىنى سورىغۇم كىلەتتى لېكىن، ئۇنىڭ ‹‹سىڭلىم بانكىدا...››دېگەن چاغدىكى چىرايلىق يۈزىگە يامرىغان مەيۈسلۈكنى ئويلىساملا ئۇنىڭ يارىسىنى تاتىلاپ قويىدىغاندەك ئەنسىزلىك بىلەن قايتا سوراشتىن يالتىيىپ قالاتتىم.
بىز مەكتەپتىكى كۆڭۈللۈك ھايات، ساۋاقداشلارنىڭ قىزىقارلىق كەچۈرمىشلىرى...قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئىسىمىزدە قالغىنىنىڭ ھەممىنى سۆزلىشىپ،خۇددى شۇ ۋاقىتلارغا قايتىپ قالغاندەك ھاياجانغا چۆمۈپ،قانچىلىك ئۇزۇن پاراڭلاشقىنىمىزنى بىلمەيلا قاپتىمىز.ئارىدا ئېرىم ئىشتىن قايتىپ كېلىپ تېلېفۇن قىلدى. مەن ئۇنىڭغا بەرنا بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزنى، ھازىر قەھۋا خانىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىمىزنى ئېيتىپ، ئىككىلىمىز تېلفۇننى نۆۋەتلىشىپ ئېلىپ ئۇنىڭمۇ كېلىشىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرۋالدۇق، ئۇ ئامالسىز بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۋېتىپ كېلىدىغان بولدى.
-چۈشتە رەنانى سورىغان ئىدىڭ دوستۇم، ئەمدى ساڭا ئېيتىپ بېرەي،-دېدى بەرنا بىر ئاز مۇڭلىنىپ ،ئالدىدىكى قەھۋە ئىستاكانىنىڭ قىرىنى باش بارمىقى بىلەن سىلاپ ئولتۇرۇپ.
مەن سوراشقا پېتىنالماي ئولتۇرغان گەپنىڭ ئاخىرى ئېيتىلماقچى بولغىنىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈن دىققىتىم بىلەن قۇلاق سالدىم.
-بىلىسەن، بىزنىڭ ئائىلە پۈتۈن غەم-غۇسسىلەردىن خالى،توققۇزى تەل،بەختلىك، تىنچ بىر ئائىلە ئىدى. مەن خىزمەتكە چىقىپ، توي قىلغاندىن كىيىن،تەبىئىيلا ئۇ ئائىلىدىن ئايرىلغان بولساممۇ،ئانا-بالا ئۈچۈيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمىز يەنىلا ئىلگىرىكىدەكلا چوڭقۇر ئىدى...
رەنا ئېغىر ئۇھسىنىپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
-كىيىنكى كۈنلەردە سىڭلىم جەمىيەتتىكى بىر قىسىم يامان يولدىكى بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ قاپتۇ. تولۇقسىزنىمۇ تۈزۈك پۈتتۈرمەيلا مەكتەپتىن چېكىنىپ چىقىپ‹‹ئوقىمايمەن››دەپ تۇرىۋالدى.نەسىھەت قىلدۇق، تەربىيە قىلدۇق ئۈنۈمى بولمىدى. ئاپام ماڭا رەنانىڭ مەكتەپتىن چىكىنگەندىن كىيىن ئۆيدە تۈزۈك ئولتۇرمايدىغان بولىۋالغانلىقىنى، ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ھەرەڭ-سەرەڭ كىيىنىۋالىدىغان،ناتونۇش دوستلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ئېيتقاندىن كىيىن،ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ مۇڭداشتىم، ئۇ كىچىكىدىنلا گەپ-سۆزدە مۇلايىم، قۇلىقى يۇمشاق قىز ئىدى. شۇڭا بىردەمدىلا نىمە دىسەم ماقۇل دەپ ئىشەنچىمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ زېرىكىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بىرەر ئىش قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتقىنىغا ماقۇل بولۇپ ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرىدىكى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنى ئۇنىڭ باشقۇرىشىغا تاپشۇردۇم.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن،ئۇنىڭ يەنە مېڭىش-تۇرۇشلىرىدىكى غەلىتىلىكنى ھېس قىلىپ دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ يامان يولدىكى بالىلار بىلەن ئارىلىشىشىنى توستۇم، ئاقىۋەتتە ئۇ مەندىن ھېيىقمايدىغان، گەپ قىلسام تەڭ تۇرىدىغان بولىۋالدى.‹‹خەجلىسەم دادامدىن قالغان دۇكاندا ئۆزۈم تاپقان پۇلنى خەجلىدىم. مېنى قانچە باشقۇرىمەن دەيدىكەنسىلەر سىلەر بىلەن قېرىشقىنىم قېرىشقان››،دەپ ئۆيدىن بىراقلا چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىيىنلا ئاندىن ئاپامنىڭ ئالتۇن، زىبۇ-زىننەتتلىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى بايقىدۇق. دۇكاننىڭ ھېساۋاتىنى سۈرۈشتۈرسەك،كىرىم تۇرماق ھەتتا دۇكاندا ئىشلەۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ ئايلىقىنى بەرمىگىلىمۇ نەچچە ئاي بولغانلىقىنى بىلدۇق. دۇكانغا كىرىۋاتقان كىرىم ۋە ئاپامنىڭ زىبۇ- زىننەتلىرى نەگە كېتىدۇ؟ئۇ مېنىڭ ئىزىغا چۈشكىنىمنى بىلىپ قېلىپ مەندىن قېچىپ يۈرۈيدىغان، ھەتتا دۇكانغىمۇ كەلمەيدىغان بولدى. شۇ كۈنلەردە ئاپام ئىككىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش بىلەن ئامانلىقىنى تىلەشلا ئىدى.
ئارىدىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە، ئۇنىڭ زەھەر چېكىپ قولغا ئېلىنغانلىق ھۆكۈمنامىسىنى تاپشۇرىۋالدۇق. ئەسلىدە ئۇ كوچىدا تۇنۇشۇپ قالغان بىر ناكەسنىڭ كەينىگە كىرىپ زەھەر چېكىشنى ئۆگەنگەن،ئۇدۇللۇق تاپقان پۇللار ئاشۇ ئىككىسىنىڭ زەھەر چېكىشىگە يەتمەي، ئاپامنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئوغرىلاپ چىقىپ،تازا چېكىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئىكەن. يىغلىدۇق-قاقشىدۇق ئامال بولمىدى. ئۇلارغا ئىككى يىللىق مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈش جازاسى بېرىلدى.بىچارە ئاپامنىڭ يۈرەك-باغرى داغلىنىپ كەتتى. گېلىدىن غىزا ئۆتمەي يىغلاپ بىرەر ئايغا قالمايلا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.
سالامەتلىكى كۈنسىرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ئاپامنى يۆلەپ ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈش مۆھلىتىدە ئۇنى يوقلاپ باراتتۇق. رەنامۇ بىزنى كۆرسىلا تۆۋە قىلىپ زار-زار يىغلايتى.ئۇنىڭ ھازىرقى بىچارە تۇرقىغا قارىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ھېسىداشلىقى قوزغالماي قالمايتى...
ئىككى يىل شۇنچە تەستە توشتىكى،بىچارە ئاپام كۈنلەپ يىغا-زارە قىلاتتى،ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىدا رەنانىڭ قايتىپ چىقالماسلىقىدىن ۋايىم يەپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا-ئىبادەت بىلەنلا ئۆتەتتى.بۇنداق دەردنى كىشىلەرگە دېيىشكە بولاتتىمۇ؟ باشقىلارغا ئېيتقىلى بولمايدىغان دەرت- ئازاپنىڭ كىشىنىڭ يۈرىكىنى قانچىلىك يەپ كېتىدىغانلىقىنى پەقەت شۇ كۈنگە دۇچار بولغانلارلا بىلىدۇ دوستۇم...ئاپام ئىككىمىز قويغان-تۇتقىنىمىزنى بىلەلمەس ھالەتكە كېلىپ قالغاندىلا ئۇ ئائىلىمىزگە قايتىپ كەلدى. ئۈچىمىزنىڭ سېغىنىش، ئازاب، پۇشايمان ياشلىرى نەچچە كېچە- كۈندۈز ئاقتى. رەنامۇ نەچچە كۈنگۈچە جاينامازدىن چۈشمەي ئولتۇرۇپ تۆۋە قىلدى. ئاپام ئىككىمىزدىن قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورىدى. بىزمۇ ئۇنىڭ بۇ ئىپادىلىرىدىن سۆيۈندۇق...لېكىن، ئارىدىن ئۈچ،تۆت ئاي ئۆتكەندە ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى يوللارغا مېڭىشقا باشلىدى.بۇ قېتىم ھېچقانداق ئامال ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئائىلىمىزگە قايتۇرۇپ كىلەلمىدى.ئاپام ھەتتا ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يىغلىدى، ئۆتۈندى،يالۋۇردى.دېگىنىنى قىلىپ بەردى،لېكىن ئۇ نەچچە كۈن گەپ ئاڭلىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۆيدىن،ئاپامدىن كۆزلىگەن نەرسىلىرىگە ئېرىشىۋالغاندىن كىيىنلا يەنە يوقاپ كىتەتتى.تالاي قېتىم ئۇنى ساقچىخانىلاردىن جەرىمانە تۆلەپ ئاچىقتۇق. يەنە نۇرغۇن قېتىم بەزمىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىن قەرزىنى تۆلەپ قۇتۇلدۇرۇپ چىقتۇق...شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇ دادامدىن قالغان ئۈچ دۇكاننىڭ ئىككىسىنى ۋەيران قىلىپ بولدى.ئۇنى يەنە ئۈچ يىللىق تۇتۇپ كەتكىنىنى بىلگەن چاغنىڭ ئۆزىدىلا ئاپام ئارقىغا ‹‹تىرىڭڭىچە››ئۇچۇپ كەتكەنچە ئورنىدىن قايتا تۇرالماي،دوختۇرخانىدا ئاخىرقى تىنىقلىرىغۇچە‹‹رەنا قىزىم..رەنا››دەپ يېتىپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى...
-مانا دوستۇم، بۇ دۇنيادا مەن يەككە-يىگانە قالدىم، بارچە ئازاپ-ئۇقۇبەت ماڭىلا قالدى. ئۇ ئالەمگە كەتكەنگە يىغلايمۇ؟بۇ ئالەمنىڭ دوزىقىغا كەتكەنگە يىغلايمۇ؟
مەن ئۇنىڭغا نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم . كۆز ئالدىمدا ئاشۇ چىرايلىق رەنانىڭ زەھەر چېكىپ تۇرغان ھالىتى ئايان بولدى-دە يۈرىكىمنى قۇرت غاجىلىغاندەك بولۇپ ئەندىكىپ كەتتىم .
-سەن ئۇنى سورىغاندا نېمىشقا ئۇنى‹‹بانكىدا››دېگەنلىكىمنى بىلگۈڭ بارمۇ؟،-دېدى ئۇ ئاخىرىدا كۆزلىرىدىن يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك توختاۋسىز تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۈرۈپ.
-چۈنكى ئۇ سىرتنىڭ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئېلىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا،بىزنىڭ بىر كۈنىمىزمۇ ئەمىنلىك بىلەن خاتىرجەم ئۆتۈپ باقمىغان. ئەنسىزلىك بىلەن ئەندىشە ھامان يۈرەك- باغرىمىزنى غاجايتى،كۆزلىرىمىز ئىشىكتە، قۇلىقىمىز تېلېفۇندىلا ئىدى.ئۇنى شۇنچە يالۋۇرۇپمۇ ئۆيدە بىر كۈن تۇرغۇزالمىغان ئىدۇق، مانا ھازىر ساقچىلار‹‹تۇر››دېگەن يەردە كۈن-كۈنلەپ تۇرىدۇ. ئۈچەيلەن جەم بولۇپ بىرگە تاماق يىيىشنى ئازرۇ قىلىپ ئۇنى مىڭ تەستە تېپىپ كەلسەكمۇ بىز بىلەن بىرۋاق تاماقنى بىرگە يىگۈسى كەلمەي‹‹ئوخشىماپتۇ، يىگۈم كەلمىدى››دەپ سىرتقا قېچىشقا ئاران تۇرىدىغان ئادەم،مانا ھازىر ئۇنىڭ ئىچىدە تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئوپچە تاماقنى يەۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئۇنىڭ دېرىكىنى قىلالمىساق‹‹ نەدە زەھەر چېكىپ قېتىپ قالغاندۇ؟ كىملەرنىڭ ئالدىدا خار-زار بولۇپ تەلمۈرۈپ تۇرغاندۇ؟ قاياقتىن، قانداق خەۋىرى كېلەر؟››دەپ ئەندىشىدە ئۆتەتتۇق. مانا، ھازىر ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ھازىر زەھەر چېكەلمەيدۇ. بېشى قايغان يەرلەرگە كېتەلمەيدۇ، ئاغرىپ قالسا داۋالايدىغان، ئالدامچىلارنىڭ كەينىدىن كەتكىلى قويمايدىغان ساقچىلارنىڭ ھېمايىسىدە تۇرىۋاتىدۇ. خالىغاندا، كۆرگۈم كەلگەندە بېرىپ كۆرەلەيمەن. شۇڭا مەن ئۇنى سورىغانلارغا‹‹بانكىدا...››دەپلا جاۋاپ بېرىدىغان بولدۇم.
ئېرىم كەلگەندىن كىيىن، بىز پارىڭىمىزنى توختىتىپ،كەيپىياتىمىزنى چاندۇرماسلىققا تىرىشساقمۇ ئامالسىز قالدۇق. ئۇنىڭسزمۇ ئېرىم بەرنا ئىككىمىزنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىگە، ھېقىقداپ تۇرغان ھالىتىمىزگە قاراپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى.بەرنامۇ ئۇزۇنغا قالمايلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى ۋە ئۇنىڭ سوئالىغا:
-سەندىن يۇشۇرغۇدەك نېمە ئىش بولسۇن؟سەنمۇ ئوخشاشلا ھەر ئىككىلىمىزنىڭ بەش يىللىق ساۋاقدىشى تۇرساڭ؟ كېلە كامىل يېنىمدا ئولتۇرغىن، بۈگۈن ئىككىڭلارغا ئىچىمگە پاتمايۋاتقان دەرتلىرىمنى سۆزلەپ بېرىۋالسام ھېچ بولمىسا يېنىكلەپ قالارمەن،-دېدى.
كامىل ماڭا قارىغاندا تەسەللى بېرىشكە ئۇستا ئىدى،شۇڭا ئۇ بەرنانىڭ ئازاپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن،بىرمۇنچە ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنىڭغا تەسللى بېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خېلىلا ئاۋۇندۇرۇپ قويدى.رەنانىڭ خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئۆيىدىكىلىرىگە سالغان ئازابلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندا كامىلغا مەخسەتسىزلا قاراپ قويۇۋىدىم.ئۇ دەرھال كۆزلىرىنى مېنىڭدىن ئېلىپ قېچىپ يەرگە قارىۋالدى... ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ماڭا تولىمۇ يات ۋە سىرلىق بىلىندى...
بىز كامىلنىڭ تەكلىۋى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى بىر تېز تاماقخانىغا چىقىپ تاماق يېدۇق. بەرنامۇ ھازىر راستىنلا خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. مېنىڭ قەلىب ئېكرانىمدىن ئوننەچچە يىل بۇرۇنقى كىچىككىنە ئوماق قىز رەنا بىردەممۇ نېرى كەتمەيتى.
تاماقتىن كېيىن يەنە بىردەم ئولتۇرۇپ قايتماقچى بولدۇق.بىز يەنىلا مەكتەپ ھاياتىمىزدىكى ئىشلار توغرىلىق سۆزلىشىپ ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇراتتۇق.كامىل گەپ ئارىلقىدا بەرنانىڭ ئېرىنى سورىۋىدى، بەرنا ئاڭلىماسقا سېلىپ گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى. دەل شۇچاغدا بەرنانىڭ يانفۇنى سايرىدى. ئۇ تېلىفۇن ئېكرانىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن سەل نېرىغا بېرىپ، تېلىفۇننى ئالدى.
-ئېرىڭمىكەن؟ بىز بار يەردىمۇ ئالالمايسەن دېگىنە ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى؟،دەپ چاقچاق قىلدى كامىل سۆزلىشىپ بولۇپ يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەن بەرناغا.
بەرنا كامىلنىڭ چاقچىقىنى ئاڭلىمىغاندەك بىپەرۋا بىر خىل ھالەتتە بىر ھازا مۇڭلىنىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇردى ۋە:
-بولدى،ئەمدى قايتايلى قوپۇڭلار،-دېدى ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك پەس ئاۋازدا.
-نېمە ئېرىڭ كەچ قالدىڭ دەپ خاپا بولىۋاتامدا؟
-ياق، ئۇنىڭ كەچ قېلىشىم بىلەن كارى يوق.
-ئەمىسە تېلېفۇن كىلىشىلا كەيپىڭ ئۇچۇپ كەتتىغۇ؟ كېتىشكە ئالدىراۋاتىسەن تېخى؟
-سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلغۇم كەلمەي، بەزى گەپلەرنى دېيىشنى لايىق كۆرمىگەن ئىدىم، دېدى بەرنا ئېغىر خۇرسىنغاندىن كېيىن،-بىز ئاجراشماقچى بولىۋاتىمىز.
-نىمىشقا؟شۇنچە يىل ئۆي تۇتۇپ ئەمدىلىكتە... بىرەر ئىش بولدىمۇ؟دەپ سورىدىم مەن ئەجەبلىنىپ.
بەرنا جاۋاپ بەرمەيلا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. كامىل ئىككىمىزمۇ بىر-بىرىمىزگە ئەجەبلىنىپ قاراپ قويۇپ ئۇنىڭ ئارقىدىن ئەگەشتۇق. بىز ھىساۋاتنى قىلىپ سىرتقا چىققاندا بەرنا ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرىۋاتاتتى.
كامىلنىڭ بەرناغا‹‹بىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ كەت››دېگىنىنىڭ سەۋەبىنى،كامىل ماشىنىغا چىقىپ، بەرناغا نەسىھەت قىلىشنى باشلىغىنىدىلا چۈشەنگەندەك بولدۇم. كامىل ئۇنىڭغا ئايال كىشىنىڭ ئائىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن سەل ئېغىر بېسىق، سوغۇققان بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە خېلى ئۇزۇن سۆزلىگەن بولسىمۇ،بەرنا بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمەي بىزنىڭ كۆرسەتكىنىمىز بويىچە بىزنى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ ماشىنىنى بۇراۋاتقاندا كامىل:-مېنىڭ باياتىن ئېيتقانلىرىمنى ياخشىراق ئويلانغىن بەرنا، ئامال بار ئائىلەڭنى ساقلاپ قالغىن،بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق بەدەل تۆلىسەڭمۇ ئەرزىيدۇ- دېدى ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم. مەنمۇ كامىلنىڭ گېپىنى قوللاپ بەرناغا تەسەللى بېرىشكە باشلىۋىدىم. ئۇ بېشىنى ماشىنا دېرىزىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ:
-بولدى دوستلىرىم سىلەرگە رەھمەت! بىلىمەن ئايال كىشى ئۈچۈن ئائىلە ھەممىدىن مۇھىم.لېكىن،ئائىلەمنى،ئېرىمنى دەپ سىڭلىمدىن ۋاز كېچەلمەيمەن.ئۇ سىڭلىم بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشۈمنى، ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماسلىقىمنى، ئۇنى بۇسۇغامغىمۇ دەسسەتمەسلىكىمنى شەرت قىلغاچقا بۇ نىكاھ بۇزۇلماقچى بولىۋاتىدۇ. ئەنسىرىمەڭلار مەن يەنىلا بۇ ھاياتقا، بۇ قىسمەتلەرگە كۈلۈپ باقالايمەن. خەير-ئامان بولۇڭلار.
-ياق! توختا! دەپ ۋاقىرىدىم مەن ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ،-دۇنيادا ئازمايدىغان ئادەم يوق. سىڭلىڭنىڭ زەھەر چەككەن،تۈرمىگە كىرگەن گۇناھى ئۈچۈن ئېرىڭ سەندىن ئاجرىشىمەن دېسە بۇ ئادىللىق ئەمەس! سەن مېنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈر. ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىپ باقاي!دېۋىدىم.
-پايدىسى يوق،-دېدى ئۇ يەنە بىر خۇرسىنىۋېتىپ،-سىڭلىمغا مەندىن باشقا قارايدىغان،ئاخىرقى ھاياتىغا ھەمراھ بولۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق،لېكىن، ئېرىمنىڭ ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان كېسەل بىلەن بىر ئۆيدە ياشىغۇسى يوق ئىكەن.
تويۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن چۆچۈپ ئېرىمغا قارىدىم.كامىلغا نېمە بولدىكىن مەندىنمۇ بەكرەك ئەندىكىپ،باش باھارنىڭ سوغۇق شامىلى ئادەمنىڭ تېنىنى قورۇپ تۇرىۋاتسىمۇ پىشانە-بۇرۇنلىرىدا شەبنەمدەك تەر تامچىلىرى يالتىراپ تۇراتتى. كۈتۈلمىگەندە، توساتتىن ئۇ ماڭا لاپپىدە بىر قارىدىيۇ،ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىمنى بىلگەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈنكىن-تاڭ، چۈشىنىپ بولماس بىر خىل ئازابلىق تۇيغۇلار ئىچىدە تولىمۇ ئېغىر خۇرسىنغىنىچە، بىرەر گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغان مەھبۇسلاردەك ئويچان كۆزلىرىنى دەرھال يەرگە تىكتى....
بەرنا ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە كېتىپ قالدى. كامىل ئىككىمىز ئۇ كەتكەن تەرەپكە كۆز ئۈزمەي ئۈنسىز ھالەتتە قانچىلىك ۋاقىت قاراپ تۇرۇپ قالغىنىمىزنى بىلمەيمەن. بىر ھازادىن كېيىن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئېغىر سۈكۈناتلارغا غەرق بولغىنىمىزچە ئۆي تەرەپكە قايرىلىپ ،جاھاننى ئاستا-ئاستا يالماپ-يۈتۈشكە باشلىغان چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
كېچىچە سىم - سىم يامغۇر ياغدى. كېچىچە توختىماي ياغقان يامغۇر ئەتىسى سەھەردە توختاپ قالغان بولۇپ، قورۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمدىلا ياشىرىشقا باشلىغان دەل-دەرەخلەر، چىملار، ناھايىتى چىرايلىقلىشىپ كەتكەنىدى. كامىل ئورنىدىن تۇرۇپ ئادىتى بويىچە ماڭا چاقچاق قىلغاچ، كىيىملىرىنى كىيىپ،ئۆزىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى. مېنىڭ چىرايىم ئادەتتىكىچە بولغاچقىمۇ ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتىم. ئۇ بۈگۈن باشقىچە چىرايلىق، سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەنىدى. ئەرلەر يېشى چوڭايغانسىرى چىرايلىق . سالاپەتلىك بولۇپ كېتىدۇ، دېگەن گەپ راستمىدۇ؟ بۇلارنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقىنىمدا ئۇ ماڭا كۈلۈپ قويدى.
- بۈگۈن ئادەمگە باشقىچىلا قارايسەنغۇ؟ بىر يېرىم بىر نېمە بولۇپ قالمىغاندۇ ،-دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە قاراپ .
- شۇ قارىسام چىرايلىق ياسىنىپ كەتتىڭىز . بۇنچە ئېسىل ياسىنىپ نەگە بارىدىغاندۇ دەپ ..
- ۋاي مەن ھەرزامان مۇشۇنداق كىلىشكەنغۇ ...-ئۇ شۇنداق دەپ كۈلۈپ قويدى .
-مېڭىڭە ...دەپ قويسام تېخى .
-مىنىڭ كىلىشكەن ئەرلىكىمگە قايىل ئەمەسقۇ ھە سەن زادى؟
-ئەلۋەتتە قايىل، ھە؟ كىلىشكەن ئەر دەم ئېلىش كۈنىدىمۇ سەھەر تۇرىۋېلىپ نەگە بارىدىكىن؟
-ئازراق ئىشىم بار. ئۇزۇنغا قالمايلا قايتىپ كىلىمەن. ساڭا كەلگەندە دەپ بېرەي ھە خوتۇن؟ خوش!
كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن كامىلنى ئۇزىتىپ قويدۇم . ئۆي ئىچىگە قاراپ ئورنىغا قويۇلمىغان نەرسىلەردىن ئىچىم پۇشۇپ كەتتى ،ھەئە ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ئۆينى تازلاشقىمۇ ۋاقىت يەتمىگەنىدى . بۈگۈن ئارام ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ ئۆينى بىرقۇر تازىلاپ چىقماقچى بولدۇم . ئۆيلەرنى تازلاۋېتىپ كىتاب ئىشكابىنىڭ قېشىغا كەلگىنمدە ئۇزۇن يىل تاشلاپ قويغان كىتابلىرىم ماڭا مەيۈس قاراۋاتقاندەك بىلىندى . ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا كىتاب ئوقۇشقا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدىم ، ئۆيدىن تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتكەندە ئۇدۇل كىتابخانىغا بېرىپ ئۆزۈم ياقتۇرغان كىتابلارنى سېتىۋالاتتىم .كىتاب ئىشكابىنى ئېچىپ كىتابلىرىمنى پاكىز سۈرتۈپ ئۆز ئورنىغا قويۇشقا باشلىدىم . تۇيۇقسىز قولۇمغا تاگورنىڭ نەسىرلەر توپلىمى چىقىپ قالدى . بۇ كىتابنى كامىل بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنۈمدە ماڭا سوۋغا قىلغان ئىدى . شۇ مۇھەببەتلىك كۈنلەرنى ئويلاپ قەلبىمنى شىرىن تۇيغۇلار چۇلغىۋالدى .كىتابنى پاكىز سۈرتۈپ يۈرىكىمگە باستىم .ئاندىن ئۆزۈم تولىمۇ ياقتۇرغان قۇرلارغا نەزەر ئاغدۇرۇش ئۈچۈن كىتابنى ۋاراقلىدىم .شۇئان كىتابتىن بىر پارچە رەسىم ئۇچۇپ لەيلىگىنىچە ئايىغىم ئاستىغا چۈشتى . رەسىمنى قۇلۇمغا ئېلىپ قارىدىميۇ ،خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك ئادەمدەك جاغىلداپ تىترەشكە باشلىدىم . دەقىقە ئىچىدە تىنىقىم توختىدى. خۇددى سىرتتا، يىراق -يىراقلاردا دەھشەتلىك بوران گۆرگىرەپ، ئورمانلار شاۋقۇن سېلىۋاتقاندەك، دەل -دەرەخلەر قاراسلاپ سۇنۇپ يېقىلغاندەك غەلىتە بىر ئاۋازلار بۇ ئەنسىز يۈرىكىم قەپىسىگە زەرىپ بىلەن ئۇرۇلاتتى. ئۆز تۇيغۇلىرىمغا ، كۆرۈش سەزگۈمگە ئىشەنمەي رەسىمگە يەنە بىررەت سىنچىلاپ قارىدىم ، خاتا تۇنىۋالغاندىمەنمۇ ،دېگەن ئوي كاللامغا كىرىشى بىلەنلا تېزلىكتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ رەسىم ئالبۇمىمنى ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدىم . شۇ تاپتىكى ھالىتىم ساراڭلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدى . ئىزدەپ يۈرۈپ ئون يىل ئالدىدا مەن ، بەرنا ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى رەنا ئۈچىمىز قول تۇتۇشۇپ چۈشكەن سۆرەتنى تاپتىم . ئىككى سۆرەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ئەقلىمدىن ئازغان ئادەمدەك چىرقىراپ كەتتىم ، پۈتۈن بەدىنىم بوشىشىپ ، بىر ئاغرىق بېشىمدىن كىرىپ مېنى ھالسىزلاندۇرۇشقا باشلىدى . كامىل بىلەن رەنا خۇددى مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ماڭا قاراپ تۇراتتى . قوللىرىمدىكى ئالبۇم يەرگە چۈشۈپ كەتتى ... شۇ تاپتىكى ھېسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن ، كامىلنىڭ ئاخشامقى ھۇدۇقۇش ، ئېسەنكىرەش ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى . كۆز ياشلىرىم توختاۋسىز قۇيۇلاتتى...مۇشۇ تەرىزدە قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئىشىك ئەنسىز ئېچىلدى. ماڭا بارغانسىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كامىلنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدىن شۇنچە نازۇك، تۇيغۇلىرىممۇ چۈشىنىپ بولالمايدىغان سىرلىق تىۋىشلىرى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى...
2013-3-5
مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە، كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 11:13 PM