كـــــوردلار
[align=justify]
كوردلار تۈركىيەنىڭ شەرقى ۋە شەرقى جەنۇبى، سۈرىيەنىڭ شىمالى ۋە شەرقى شىمالى، ئىراننىڭ غەربى قىسىملېرىدا ياشايدىغان خەلق. جەمئى 30 مىليون ئۆپچۆرىسىدە نوپوسى بار. ئومۇمى نوپوسنىڭ 70%٪ ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئى مەزھىپىگە، 30٪ ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئولتۇراقلاشقان دائىرسى تەخمىنەن 392.000 km² [align=justify]
تىلى ھىندى- ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىنىڭ غەربى فارس تىلى تارمىقىغا تەۋە، ئاساسەن ئىككى چوڭ دىيالىكىتقا بۆلىنگەن. [align=justify]
كوردلارنىڭ تۈركىيە قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان رايۇنى تەخمىنەن 190.000 km²، مەركىزى دىياربەكىر، نوپوسى 15 مىليون ئۆپچۆرىسىدە (تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ ئىستاتىسكىسىدا 8 مىليون). [align=justify]
كوردلارنىڭ ئىراقتا ئولتۇراقلاشقان رايۇنى تەخمىنەن 65.000 km²، مەركىزى موسول. نوپوسى 8 مىليون ئۆپچۆرىسىدە( ئىراق دائىرلېرىنىڭ ئىستاتىسكىسىدا 4.5 مىليون). ھازىرقى ئىراق ئاساسى قانۇنى بويىچە ئىراقنى تەشكىل قىلغان ئۈچ فىدىراتسىيە دۆلىتىنىڭ بىرسى.
[align=justify]
كوردلارنىڭ سۈرىيەدە ئولتۇراقلاشقان رايۇنى تەخمىنەن 12.000km²، نوپوسى تەخمىنەن 2.5 مىليون. [align=justify]
كوردلارنىڭ ئىراندىكى ئولتۇراقلاشقان رايۇنى تەخمىنەن 125.000 km²، مەركىزى كەرمانشاھ، نوپوسى تەخمىنەن 8 مىليون. [align=justify]
كوردلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ زىمىندا بىرلىككە كەلگەن كوردىستان قۇرۇشنى ئارزو قىلىپ كەلگەن بولۇپ ياۋرۇپا ۋە ئامىرىكىنىڭ يەھۇدىلاردىن قالسا ئوينايدىغان ئەڭ چوڭ قارتىنىڭ بېرىگە ئايلانغان. ئۇلار بەزىدە كوردلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدۇ، بەزىدە ئۆز مۇدداسىغا يەتكەندە ياردەمنى توختىدۇ. كوردلار بۇ جەرياندا نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرگەن .
كوردلار تۈركىيەدە 84- يىلدىن بۇيان كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باشتا سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ كىيىن ياۋرۇپا ۋە ئەرمەنلەرنىڭ ياردىمىدە مۇستەققىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇ پارتىيەنى تېرورچى پارتىيە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسى كۈچى ئىراق شىمالىدىكى كوردلار رايۇنىدىن تۈركىيەگە ئۆزلۈكسىز زەربە بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيەمۇ نەچچە قېتىم چىگرا ئاتلاپ ئىراق زىمىنىگە كىرىپ بۇ تەشكىلاتقا زەربە بەردى.
[align=justify]
ئىراقتىكى كوردلار 92- يىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت بولۇپ ياشىماقتا. [align=justify]
ئىراندىكى كوردلار 89- يىلدىن بۇيان (پجاك) يەنى كورد تەشكىلاتىنىڭ رەھپەرلىكىدە ئىرانغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. بۇرۇن بۇ تەشكىلات ئىران ھۈكۈمىتىگە بىۋاستە زەربە بەرمىگەن، ئاساسلىق تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ھەم ئۇرمىيە يەنى غەربى ئازەربايجاندىكى ئازەرىلەرگە ئاساسلىق زەربە بېرىپ كەلگەن. شۇڭا ئىرانمۇ بۇ تەشكىلاتقا بىر كۆزىنى يۇمۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىران ساقچىلېرىغا ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇپ 20 دەك ساقچىنى ئۆلتۈردى، شۇڭا ئىران بۇ قېتىم چىگرا ئاتلاپ ئىراق زىمىنىدىكى كوردلارغا زەربە بەردى.
مەنبە : غالىپ ئەلقۇت بىلوگى
بۇ مەزمۇن يۇقىرىدىكى بىر تورداشنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن يوللاندى