خەلق ئارىسىدا «گاچىنى مەجبۇرىي سۆزلىتىش » دېگەن گەپ بار . ھەر قانچە يۇۋاش ئادەممۇ قاتتىق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسا غەزەپلەنمەي تۇرالمايدۇ . دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىدىكى بىر ئەمەلدار 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا : « 2011-يىلى جۇڭگو ئاممىسىنىڭ چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە بولغان رازى بولۇش دەرىجىسى %72.7 كە يەتتى . » دېدى . بۇ گەپنىڭ چىقىشى دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى . %72.7 لىك رازى بولۇش دەرىجىسى مەندەك ئاددىي پۇقرانىڭ تەسىرتىدىنمۇ يىراقلاپ كەتكەن ، ھەتتا ئەكسىچە بولۇپ قالغان . كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام : مەن بۇ چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئۈنۈمىدىن رازى ئەمەس . گەرچە رازى بولمىساممۇ ، %72.7 لىك بۇ يوقىرى كۆرسەتكۈچلۈك ساننى ساختا دېيىشكە پېتىنالمايمەن .
مەن ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسنى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ئىشلارنى بىلمەيمەن . تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان . تەكشۈرۈش تۈگىگەندىن كېيىن ، ئاندىن %72.7 لىك بۇ ساننى ئاڭلىغان تۇرسام ، قانداقمۇ راست ياكى ساختا دەپ ئايرىپ چىقالايمەن . « ئوغرىنى تۇتساڭ مېلى بىلەن تۇت ، زىناخورنى تۇتساڭ جۈپتى بىلەن » دەيدىغان ماقال بار . شۇڭا ئاساسلىنىدىغان پاكىت بولمىغاچقا ، %72.7 لىك بۇ ساننى ساختا دېيىشكە ھەقىقەتەن پېتىنالمايمەن .بۇ ساننى چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن . مەزكۇر ئىدارە ئالدىغا قويۇلغان « دۆلەت » تىن ئىبارەت بۇ سۆزگە يۈز كېلەلىشى كېرەك . بىراق مەن ۋىجدانىمغا خىلاپ ھالدا %72.7 لىك رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئېتراپ قىلالمايمەن .
مەندەك ئاددىي پۇقرانىڭ ئاڭلايدىغانلىرىم يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار ، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلار ، ئۆيلىرى مەجبۇرىي چېقىلغان ئاھالىلەر ، ئىدارىمۇ ئىدارە قاتراپ ئەرز قىلىۋاتقان ۋە ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈۋاتقانلار ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن ئازغىنە كىرىمى بىلەن كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمگەكچى ئاممىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى . مەيلى چوڭ - كىچىك كوچىلاردا بولسۇن ، ئادەم بىلەن لىق تولغان پويىزلاردا ، ئاددىي كەپىلەردە بولسۇن ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىدىن رازى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم . ئەكسىچە چىرىكلىك تىلغا ئېلىنسىلا ، سەت گەپلەر بىلەن تىللايدۇ . تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ بۇ خىل تىللاشلىرىنى تۇرمۇش ئەھۋالىدىن نارازىلىقى ، تونۇشى يېتەرلىك بولماسلىقىدىن دېسەك ، ئۇنداقتا تۇرمۇشى بىر قەدەر ياخشى كىشلەر چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئوبىكتىپ قارارمۇ ؟ بىراق ئۇلار ئارىسىدىمۇ ئاز ساندىكى « رازى بولىدىغانلار » لار بار . داڭلىق بىر نەشىرىياتنىڭ باشلىقى مىكرو بىلوگىدا خۇرسىنغان ھالدا : « كاتتا يەپ ، كاتتا ئىچىشلەرنى نەچچە يۈزلىگەن ھۆججەتلەرمۇ كونتىرول قىلالمايۋاتىدۇ . » دېگەن . سىزنىڭچە بۇ %72.7 لىك رازى بۇلۇش دەرىجىسى نەدىن كەلگەندۇ ؟
چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈرىشىگە ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن قارىساق چىرىكلىك توشقاننىڭ قويرۇقىچىلىك ، خۇددى كەچكۈزدىكى قارا چىكەتكىنىڭ نەچچە كۈنلىكى قالغىنىغا ئوخشاش بولۇپ ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش غەلبىسىنىڭ شانلىق نۇرى ئۇپۇق سىزىقىدىلا كۆرۈندى . شۇنداق قىلىپ جۇڭگو ئاممىسىنىڭ رازىمەنلىكى %72.7 كە يەتتى ئەمەسمۇ ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس . بۇنىڭدا ئەڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلۈگۈچىدىن تارتىپ خەلق ئاممىسىغىچە ئورتاق قاراش بار :
2012- يىلى 1-ئايدا دۆلەت چىرىكىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىدىكى ھېلقى ئەمەلدار %72.7 لىك رازى بولۇش بولۇش دەرىجىسىنى ئېلان قىلىشتىن تۆت ئاي بۇرۇن باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ 17- نۆۋەتلىك 7- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا تەكىتلەپ : « چىرىكلىككە قارشى كۈرىشى ۋەزىيتى يەنىلا جىددىي ، ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر . بىر چوقۇم چىرىكلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى ، مۇرەككەپلىكىنى ، جاپالىقلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك . » دېدى . باش شۇجى خۇ جىنتاۋ گەپنىڭ نېگىزىنى ئېيتتى . خەلق ئاممىسى « ئالدىنقىلار چىرىكلەشسە ، كېيىنكىلەر داۋاملاشتۇرۇش » دېگەن ئىبارە ئارقىلىق ، ئۆزلىرىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى .
مەن %72.7 لىك رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايمەن . ماڭىمۇ ئايان . مېنىڭ ئېتىراپ قىلىش - قىلماسلىقىمنىڭ ھېچقانداق رولى يوق . تامغا سۆزلىگەندەكلا ئىش . ئەمما گاچا ئادەم سۆزلەشكە مەجبۇرلانغانىكەن ، تامغا سۆزلەيدىغا ن ئىش بولسىمۇ سۆزلەش كېرەك .
مەنبە : « فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى杂文月刊 » دىن تەرجىمە قىلىندى .