تېما يوللىغۇچىدىن ئىلاۋە: بۇ تېما مەزكۇر يازمىدا تىلغا ئېلىنغان "قاشتېشىدەك ئايال" يەنى گۈلنىسا ئايۇپ ھەدىمىزنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تور دۇنياسىغا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يوللاندى. كۆرۈرمەن دوستلىرىمىزنىڭ ئۆز ئانىمىزغا باراۋەر بولغان ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ ھەدىمىزنى ھەر جەھەتلەردىن قوللاپ بىرىشىنى، ئەگەر زىتىغا ياقمايدىغان بىلىنسە قالايمىقان ئىنكاسلاردا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قاشتېشىدەك ئايال
ــ خوتەن ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى گۈلنىسا ئايۇپ توغرىسىدا
كۇئىنلۇن تاغ باغرىدىكى خوتەندە داڭلىق بىر دەريا ئېقىنى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ يۇرۇڭقاش دەرياسىدۇر. بۇ دەريادا كەلكۈن سۈيى ئېقىتىپ كەلگەن سان- ساناقسىز تاشلار بولۇپ، تاشلار ئىچىدە ئەڭ گۈزەل بولغان تاش قاشتېشىدۇر. خوتەن قاشتېشى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر.
خوتەن شەھەر توساللا يېزىسىدا كىشىلەر تەرىپىدىن «قاشتېشىدەك ئايال» دەپ نام ئالغان بىر شەخىس بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇمران قولى بىلەن جەمئىيەتتە خەيرى- ساخاۋەت قىلىپ، ياشانغانلارنى كۈتۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ نام- مەنپەئەت قوغلاشماي پەقەت كىشىلەرگە كۆپرەك مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈشنى ئويلىغان. خوتەن شۇ مېھرى- شەپقەتلەر بىلەن ئىللىغان.
ئۇ بولسىمۇ ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى گۈلنىسا ئايۇپتۇر. ئۇ قاشتېشىغا ئوخشاش، ئاق كۆڭۈل، پاك ۋىجدانى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ، ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرۇپ، سان- ساناقسىز يىتىم- يىسىر، قېرى- چۆرىلەرنى، يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلغان ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشى ئۈچۈن ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلغان.
كۆڭۈلدىكى ئەڭ ئېسىل ئارزۇ
مېھرى- مۇھەببەت، مېھرى- شەپقەتنى ئىپادىلەيدىغان مەنىدە بولۇپ، مېھرى- مۇھەببەت ھەرگىزمۇ بىر خىل يەككە- يىگانە ھالدىكى سۆز ئەمەس. بۇ يەردە بىز ھەممىمىز گۈلنىسا ئايۇپنىڭ ئۆزىنىڭ مېھرى- مۇھەببىتى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۇنياغا نەزەر سالايلى!
ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى خوتەن شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، شەھەر مەركىزىدىن 5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ئورنى يول بويىدا بولغان، كىشىلەرنىڭ دىققىنى ئانچە تارتمايدىغان بۇ كىچىك بىنانى گۈلنىسا ئايۇپ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئىجارىگە ئېلىپ، بىنا ئىچىگە 30 نەپەر ياشانغانلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار ئىچىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ بولغانلىرى 102 ياشتا، ئەڭ كىچىكلىرىمۇ 42 ياشتا بولۇپ، ھەممىسى تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان، ئەقلى ئىقتىدارىنى يوقاتقان، كۆرۈش ئىقتىدارى بولمىغان، ئەقلى- ھوشى نورمال بولمىغان، كۆپىنچىلىرى مېيىپ بولۇپ، چوڭ- كىچىك تاھارەتنىمۇ ئۆزى تىزگىنلىيەلمەيدىغانلاردىن تەركىپ تاپقان. بىنا ئىچى كەڭ، ئازادە، رەتلىك، پاكىزە، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى خۇددى ئاپئاق، يىپيېڭى كارۋات كىرلىقلىرى، بۇ يەرگە كىرگەن ئادەم ئۆزىنى خۇددى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىغا كىرگەندەك ئازادە ھېس قىلىدۇ، قىلچىمۇ چاڭ- توزانسىز پول، رەتلىك، پاكىزە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ياشانغانلارنىڭ خاتىرجەم ھوزۇرلىنىۋاتقان چىرايىدىن ياشانغانلارنىڭ بۇ يەردە ئەتراپلىق، ئىنچىكە خەۋەر ئېلىشتىن بەھرىمان بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ مەركەزدە بېقىلىۋاتقان 30 نەپەر ياشانغانلار ئىچىدىن 11 سىنى گۈلنىسا ئايۇپ خالىسانە قوبۇل قىلىپ بېقىپ كەلمەكتە. خالىسانە بېقىۋاتقانلار پەقەت مۇشۇ ساندىكىلەرلا بولماستىن، بۇ مەركەز قۇرۇلغاندىن بېرى خالىس قوبۇل قىلىپ بېقىلغان ھەم بېقىلىۋاتقان سەرگەردان ياشانغانلارنىڭ سانى زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھەتتا گۈلنىسا ئايۇپ ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ. گۈلنىسا ئايۇپ بۇ مەركەزدە بېقىلىۋاتقان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن 19 نەپەر پەرۋىش قىلغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بىر كوللىكتىپنى تەشكىللەپ، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن 24 سائەتلىك خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل قىلغان. بۇ مەركەز 2012- يىلى رەسمىي قۇرۇلغاندىن بېرى قىلچىمۇ پايدا ئېلىشنى ئويلىمىغان، ئەكسىچە گۈلنىسا ئايۇپ ھەر ئايدا بۇ مەركەزگە مەبلەغ تولۇقلىغان. گۈلنىسا ئايۇپ بۇ مەركەزنىڭ نورمال ئىشلىنىشى ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇلىرىنىمۇ سېتىپ، كېچە- كۈندۈز بۇ يەردە كۈتۈنىۋاتقان ياشانغانلار بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. گۈلنىسا ئايۇپنىڭ قەلبىدە خەيرى- ساخاۋەت قىلىپ ياشانغانلارنى كۈتۈش ئۇنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسى ھېساپلىنىدۇ.
غايە ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسى
گۈلنىسا ئايۇپ 1970- يىلى خوتەن شەھىرى ئاددىي بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەۋر يېڭى قاينىمىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن خوتەن يېزا ئىگىلىك مەكتىۋىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن شەھەرلىك يېمەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىدا ئىشلەپ، تېزدىنلا بىر نەپەر تايانچى ئىشچى بولۇپ يىتىلگەن. 2000- يىلى خوتەن شەھەرلىك يېمەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن گۈلنىسا ئايۇپ تۈمەنمىڭلىغان ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلارنىڭ بىرسىگە ئايلانغان. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەن بەرمىگەن گۈلنىسا ئايۇپ بازار ئىگىلىكىگە ئاتلىنىپ، تىجارەت قىلىشنى باشلىغان. ئۇ ئۈگۈنۈشكە، ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ، دورا- دەرماندا پۇشۇرۇلغان توخۇ گۆشى سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2000- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە ئۇ ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ھالال ئەمگەك ئارقىلىق 600 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان. ئۇنىڭ تىجارىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، كۈنسايىن روناق تېپىۋاتقان پەيتتە گۈلنىسا ئايۇپ قەيسەرلىك بىلەن تىجارەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، نۇرغۇن جاپادا تاپقان 600 مىڭ يۈەن پۇلنى سېلىنما قىلىپ، بانكىدىن 400 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، جەمئىيەتتە خەيرى- ساخاۋەتلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈزلىنىپ، ئىللىق ئائىلە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرغان. گۈلنىسا ئايۇپنىڭ بۇ يولغا مېڭىشى پەقەتلا ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ دۇنيادىكى ياشانغانلارنى خۇشال- خۇرام تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. گۈلنىسا ئايۇپ كىچىك ۋاقتىدا ئاتا- ئانىسى ئۆز خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن ئۇنى يېزىدىكى چوڭ دادا- چوڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا قويۇپ قويغان. چوڭ دادىسىنىڭ قوشنىسى ياشانغان بوۋاي بولۇپ، تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىسى يوق بولغاچقا ئىنتايىن جاپادا ئۆتەتتى. گۈلنىسا ئايۇپ ئۆزى كىچىك بولسىمۇ ھەر دائىم ئۇ بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ قۇربى يەتكىنىچە بۇ بوۋاينىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، بوۋاينى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. بۇ بوۋاينىڭ ياشانغاندا دۇچ كەلگەن جاپالىق تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆرگەن گۈلنىسا ئايۇپ كىچىكلىكىدىلا كۆڭلىگە ياشانغانلارنى كۈتۈپ، ئۇلارنى ياشانغاندا خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئارزۇسىدا بولغان ئىدى. بەزىلەر ئۇنىڭدىن ئۆز ۋاقتىدىكى توختىماي پۇل كىرىم بولىدىغان تىجارەتتىن ۋاز كېچىپ، ھازىرقى مۇنداق زىيان تارتىدىغان خەيرى- ساخاۋەت ياشانغانلارنى كۈتۈش كەسپىنى تاللىغانلىقىڭىزغا پۇشايمان قىلامسىز يوق دەپ سورىغاندا گۈلنىسا ئايۇپ قەتئىي ئىككىلەنمەستىن كەسكىن ھالدا مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن، مەن بۇ تاللىشىمدىن پەخىرلىنىمەن دەپ جاۋاپ بەرگەن.
مېھرى- شەپقەت ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش
ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدە 19 نەپەر پەرۋىش قىلغۇچى كوللىكتىپ بۇ ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدە ئىشلەشكە مەسئۇل بولۇپ، بۇلار ئىچىدىن ئىككى نەپىرى گۈلنىسا ئايۇپنىڭ يۇقارقى خالىس روھىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆز خىزمىتىدىن ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىستىپا بىرىپ، ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، خالىس پەرۋىش قىلغۇچىلاردىن بولغان. بۇ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنى ئۆز ئائىلىسى دەپ بىلىپ، گۈلنىسا ئايۇپنى ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ۋە مېھرىبان ئانىسى دەپ قارىغان.
بۇ يىل ئەمدىلا 33 ياشقا كىرگەن ھەبىبە بەكرى خوتەن ناھىيە بۇزاق يېزىسىدىن بولۇپ، 2 نەپەر خالىس پەرۋىش قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ خالىس پەرۋىشكار بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا ھەبىبە بەكرى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن چۈنكى بۇ يەردە ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان مېھرىبان ئايالدىن بىرسى بار ئىكەن، ئۇ خۇددى قاشتېشىدەك ئايال بولغىنى ئۈچۈن مەن گۈلنىسا ئايۇپتىن ئىبارەت بۇ مېھرىبان ئايالنىڭ يېنىدا بىرگە ئىشلىيەلىگەنلىگىمدىن قەتئىي مەغرۇرلىنىمەن دىگەن.
ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ھەر بىر ياشانغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ بۇ يەردە چەكسىز بەخىتلىك ئۆتىۋاتقانلىقىنى تەرىپلىمەكتە. مۇخبىرلار بۇ يەرنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە بۇ ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدە بېقىلىۋاتقان ياشانغانلارنىڭ قويۇق مېھرى- مۇھەببەتلىك كەيپىياتى ئۇلارنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى تارتقان ۋە تەسىرلەندۈرگەن. ئۇلار ئارىسىدىكى بەزىلەر كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا گۈلنىسا ئايۇپ ئۆزىمىزنىڭ قىزىدىنمۇ بەكرەك مېھرىبان بولۇپ، بىز پاناھلىنىدىغان جاي يوق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئۇ بىزنى قوبۇل قىلىپ بېقىپ كەلمەكتە دىگەن. 103 ياشلىق رۇزىنىساخان تەسىرلەنگەن ھالدا بۇ يەر ئۆز ئۆيۈمدىنمۇ ئىللىق، گۈلنىساخان ۋاپادار ئايال دىگەن. خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىدىن پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم ئىشچى مەتتۇردى تېخىمۇ تەسىرلەنگەن ھالدا مېنىڭ كۆزۈمدىن دائىم تەسىرلىك ياش قۇرىمايدۇ، چۈنكى مەن ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەركىزىدە كۈتۈنىۋاتىمەن. بۇ يەردە گۈلنىساخان بولغاچقا مەن ئۆز ئائىلەمنى تاپقاندەك بولدۇم. ئۆز ئائىلەمدە تۇرغاندەك ئىللىقلىقنى ھېس قىلىۋاتىمەن دىگەن. ئەنە شۇنداق سان- ساناقسىز ئاددىي- ساددا سۆزلەر، چوغدەك مېھرى- مۇھەببەتلىك ھېسسىياتلارغا تولغان بولۇپ، ئىللىق ئائىلە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەركىزىدىكى ھەر بىر ياشانغانلارنى تەسىرلەندۈرۈپلا قالماستىن بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەن مۇخبىرلارنىمۇ سان- ساناقسىز تەسىرگە ئىگە قىلىپ، نۇرغۇن قېتىم كۆز يېشى قىلغان. مۇخبىرلار زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە شۇنداق بىر كىچىك نەرسىنى بايقىدىكى گۈلنىسا ئايۇپنىڭ ئاستىن قاپىقىدا بىر كۆك بولۇپ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۇ يېرىم كېچىدە ياشانغان بىرسىنى يۆلەپ تازىلىق ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشۈپ زەخمىلەنگەن. ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەركىزىدىكى پەرۋىش قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا يېقىلىپ زەخمىلىنىش، ھېرىش- چارچاش ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى مەسىلىدەك تۇيۇلغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى بۇ جاھاندىكى ئەڭ مېھرى- شەپقەتلىك ئىش بولۇپ، ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ، ھېرىپ- چارچىسىمۇ ئەرزىيدىكەن. گۈلنىسا ئايۇپتىن بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىگە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچتە بولۇپ، ئىللىق ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدە ھازىر بار بولغان كارۋات سانى ۋە كۆلىمى رىيال ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى، ئۇ بۇ مەركەزنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كارۋات سانىنى 70 كە يەتكۈزۈپ، ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ يۈرۈشلەشتۈرىدىغانلىقىنى، كېلەر يىلى كۆلىمىنى يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىپ كارۋات سانىنى كۆپەيتىپ جەمئىيەتتىكى يىتىم- يىسىرلارنى بۇ يەرگە قوبۇل قىلىپ باقىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن ياشانغانلارنى بۇ مەركەزدە كۈتۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مانا بۇ گۈلنىسا ئايۇپ، قاشتېشىدەك ئايالنىڭ ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ، ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى. جەمئىيەتشۇناس ماسىلۇ دۇنيادا مېھرى- شەپقەت كەم ئەمەس، كەم بولىدىغىنى ھەقىقىي مېھرى- شەپقەتنى بايقايدىغان كۆزدۇر دىگەن. گۈلنىسا ئايۇپ ئۆزىنىڭ مېھرى- شەپقىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقان ھەر بىر كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرمەكتە. خۇددى ھەبىبە بەكرى ئۆزىنىڭ ئاددىي سۆز- ئىبارىلىرى بىلەن گۈلنىسا ئايۇپنىڭ ۋە ئۇنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ شۇنداقلا ئۇ ئىنتىلىۋاتقان مېھرى- شەپقەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى بايانلىرىدەك مېھرى- شەپقەت ئىنسانلار دۇنياسىنى ئىللىتالايدۇ. گۈلنىسا ئايۇپنىڭ ھەرىكىتىدىن بىز ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى چوڭ مېھرى- مۇھەببەتنى كۆرۈۋالالايمىز.