zebran يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 05:11 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 l7 z/ s% S7 E' E( ~' O5 p
تىلىمىزنى ساپلاشتۇرىمىز دەپ قىسقارتىپ بۇ ئۇزۇنكەن، دە ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& R9 N3 i" o1 h+ Z/ ^- ?مېنىڭچە ئاتالغۇ دېگەن ئىخچام بولۇشى كېرەك. مەن ئۇزۇن ئاتالغۇلارنى قىسقارتىشتا خۇددى (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نى قىسقارتىپ ب د ت دېگەندەكلا قىسقارتىۋېتىشنى مەقسەت قىلمىدىم. مەن پەقەت بىر قىسىم يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان، ئېغىزغىمۇ ئاسان كېلىدىغان قىلساقمىكىن دەيمەن. چۈنكى يېڭى ئىجاد قىلىنىۋاتقان نەرسىلەرگە ئىخچامراق نام قويمىساق، خەلقىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇن ئاتالغۇلارنى ئېغىزغا ئاسان كەلمەيدىكەن دەپلا خەنچە ياكى ئىنگىزچە ۋە ياكى رۇسچە دېگەندەك باشقا تىللاردىكى ئاتالغۇسى بىلەنلا ئومۇملاشتۇرىۋالىدىكەن. مەسىلەن، كىملىك 身份证 يېڭىدا پەيدا بولغان چاغلاردا تەرجىمانلىرىمىز ئۇنى (سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى) دەپ خەتمۇ خەت تەرجىمىسى بويىچە ئاتىغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىسىم ئۇزۇن ئىكەن، ئېغىزغا ئاسان كەلمەيدىكەن دەپلا شىڭپىڭجى دەپ ئومۇملاشتۇردى. ھەتتا بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ياشقا چوڭلار ھازىرغا قەدەر شىڭپىڭجى دەيدۇ. كېيىن (سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى) دېگەن بۇ ئۈچەيدەك ئىسىم ئىخچاملاشتۇرۇلۇپ (كىملىك) دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، كىملىك دەپ ئومۇملىشىشقا باشلىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 D0 N9 H) B* F: g( Aئەسلىدە ھەر قانداق بىر نەرسە يېڭىدىن ئىجاد بولۇپ، خەلقىمىزگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان ھامان بىزنىڭ تىلشۇناسلىرىمىز جۈملىدىن تىل كومىتىدىكلەر ئۇنىڭغا ئۆز ئانا تىلىمىزدىن مۇۋاپىق بىر ئىسىم تاللاپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا چولىسى تەگمىگەچكە خەلقىمىز يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان نەرسىلەرنى خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە ناملىرى بىلەنلا ئاتاپ ئومۇملاشتۇردى. مەسىلەن، تراكتورلارنىڭ ئارقىسىغا چېتىلىدىغان توچەي يېڭىدا پەيدا بولغاندا تىلشۇناسلىرىمىز ئۇنىڭغا ئانا تىلىمىزدىن بىرەر مۇۋاپىق ئىسىم قويمىغاچقا خەلقىمىز ئۇنى خەنچە نامى بىلەنلا توچەي دەپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئومۇملاشتۇردى. شۇڭا بۇنداق خاتالىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا قاراپ تۇرغۇم كەلمەي مۇشۇ تېمىنى يوللىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, W+ f5 v. n' _' f. u( }+ H8 E) o7 _ c
مەن نۇرغۇن دوستلىرىم بىلەن چ چ دا پاراڭلاشقىنىمدا ئۇلار دائىم ماڭا؛ ئاداش شىپىن نى ئاچ سۈرەتلىك پاراڭلىشايلى دەيدۇ. مەن ئۇلارغا شىپىن 视频 ئەمەس، كۆرۈنمە چاستۇتا دەيمىز دېسەم، ئۇلار؛ ۋاي ۋۇي نېمانداق تەس گەپ بۇ، بولدىلا بۇنداق دېمەك بەك تەس ئىكەن، شىپىن دەۋىرەيلىچۇ دەپ تۇرۇۋالىدۇ. دېمەك بىز يېڭىدا ئىجاد قىلىنغان ھەرقانداق بىر نەرسىگە ئۆز تىلىمىزدىن ئىخچام بىر ئىسىم قويمىساق، ئابدىكىرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتىدا كۆرسىتىلگەندەك ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئەبجەشلىشىش ھەتتا بارا-بارا يوقۇلۇش قەدىمى تىزلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئانا تىلىمىزنى قوغدىشىمىز، ھەرقانداق بىر يېڭى نەرسىگە ساپ ئانا تىلىمىزدىن يېڭىچە بىر ئىخچام نام تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.