مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13128|ئىنكاس: 51

«گۈلى» گە يېزىلغان خەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22525
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 9632
تۆھپە نۇمۇرى: 326
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 07:36:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«گۈلى» گە يېزىلغان خەت

ئابدۇرېھىم ئابلەتخان


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) z4 \9 N. W) F$ \* Fبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& b- Z5 d# Q9 B& a

مەن ئەسلى چۈش كۆرمەيتتىم. ئەمما ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر چۈشنى توختىماي كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم.

چۈشۈمدە رەتلىك تىزىلغان يەتتە قىزنى كۆرىمەن.

قىزلارنىڭ مۇستەھكەم چىرايلىرى، سەرۋىدەك قىياپەتلىرى، سەۋزىرەڭ ھۆسنى سۇس يورۇقلۇق ئىچىدە ئاقۇش تاۋلىنىدۇ.

ئەتراپتا ياندۇرغان گۈلخانمۇ يوق. ئەمما كېلىۋاتقان بىر ئىسسىقلىق بار. بەلكىم بۇ ئىسسىق قىزلاردىن كېلىۋاتقاندۇ. يېقىملىق ئىسسىق سەزدۈرمەي باستۇرۇپ كېلىدۇ. ئاۋال كۆزلۈرۈم، دىماقلىرىم ئىسسىيدۇ. كۆڭلۈم ئىسسىق بولىدۇ. پۈتۈن بەدىنىم يۇمشاپ ئېرىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

ئۆزۈمگە قاراپ باقماقچى بولىمەن. قارىيالمايمەن. " قاراپ باقايچۇ؟ " دەيمەنيۇ يەنە قارىيالمايمەن. شۇنداق زورۇقۇپ يۈرۈپ ئويغۇنۇپ كېتىمەن.......

پەرىشتەم !

مەن سېنى ياخشى كۆرۈمەن.

سېنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چاغ ھېلىمۇ ئېسىمدە.

سەن مەكتەپكە ماڭغان ئوخشايسەن. سومكاڭنى كۆتۈرۈپ، بېشىڭنى كۆتەرمەي يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتىڭ. شۇ كۈنى ھاۋا شۇنداق ئىللىق، سۇلار ئاجايىپ سىلىق، تۇپراق تېخىمۇ يېقىشلىق ئىدى. مەن توختىدىم. كەينىمگە قايرىلدىم. ئەسلى ئالدىرايتتىم. بىراق كەينىڭدىن قارىغۇم كەلدى. شۇنچىلىك ھودوقۇش بىلەن سەزدۈرمەي قارىدىم. سەن سەزمەيتتىڭ. مەكتەپكە ئالدىرايتتىڭ. بەلكىم كېچىكتىڭ. يۈگۈرگەندەك كېتىپ قالدىڭ.

مەن سېنى ئىككىنچى قېتىم دېڭىز بويىدىكى شەھەردە كۆردۈم. مېھمانخانىنىڭ سەككىز لېفىتى بار ئىدى. تىقما ئادەملەردىن قېچىپ چەتتىكى لېفىتقا يالغۇز چىقتىم. كۇنۇپكىنى بېسىش ئارىلىقىدا قۇلۇقىمغا كۈلكە ئاڭلاندى. بېشىمنى بۇرۇدۇم. سىلەر ئىككەيلەن ئىدىڭلار. شىۋىرلاش ئاندىن قاقاقلاش، يەنە شىۋىرلاشلار بىلەن لېفىتقا چىقتىڭلار. ئالقاندەك بوشلۇق ئەتىر بىلەن لىق توشتى. سىلەر مېنى كۆرۈپ ھودۇقتۇڭلار. چۈنكى سىلەر بۇ يەردە ناتونۇش بولسىمۇ ئەمما كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئادەمگە ئۇچراپ قالغان ئىدىڭلار.

مەن سىلەرگە تىكىلىپ قارىدىم. خىجىلمۇ بولمۇدۇم. سىلەردىن كېلىۋاتقان قويۇق ئەتىر پۇرىقى مەندىكى ھېيىقىشنى ئارتۇقچە نەرسىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. چۈنكى سىلەرمۇ ھودۇقماسلىق ۋە ھودۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن پۇراقلىق بولغان ئىدىڭلار.

بىراق بۈگۈن ھودۇقتۇڭلار. دەسلەپ جىمىپ كەتتىڭلار. لېفىت قوزغالدى. ئۇياق-بۇياققا قارىغان بولۇپ، ماڭا دىققەت قىلمىغان بولىۋالدىڭلار. مەغرۇر بولۇشقا تىرىشتىڭلار. ھايال ئۆتمەيلا لېفىت كۇنۇپكىسىنى تېخىچە باسمىغانلىقىڭلارنى سەزدىڭلار. ئالدىراپ باستىڭلار. يەنە جىمىپ كەتتىڭلار. ئاخىرىدا لېفىتتىن چۈشكىچە بولسىمۇ يەنە بىر قېتىم مەغرۇرلۇققا غەيرەت قىلدىڭلار.

پەرىشتەم. مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ماڭا قاراپمۇ قويمىغانلىقىڭغا ئەمەس، بەلكى يالغاندىن مەغرۇر بولىۋالغانلىقىڭغا كۆڭلۈم يېرىم بولدى. يالغاندىن مەغرۇر بولىۋېلىش بىلەن قەلبىڭدىكى كەمتۈكلۈكنى تولدۇرماقچى بولدۇڭمۇ ؟ پەرۋا قىلمىغان قىياپەت بىلەن ئاجىزلىقىڭنى يوشۇرماقچى بولدۇڭمۇ ؟

پەرىشتەم، بۇ شەھەردە ئاتا-ئاناڭلار يوق. تۇققان-دوستلارمۇ يوق. يۇرتۇڭنىڭ ئاسمىنى، مەھەلەڭنىڭ كوچىلىرى ھەتتا بىر چىمدىم توپىسىمۇ يوق.

بۇ يەردە ھېچنىمەڭ يوق ئىدى.

ئەمما بۇ شەھەردە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن ھەر-خىل تائىپەلەر بار. چىنلىقلار، پەرەڭلەر، ئەرەپلەر، ئەجەملەر..... ھەممىسى بار. سىلەرگە چەكلىمىسىز سودا قىلىدىغان پۇرسەت بار.

چۈنكى شەھەردە باراۋەرلىك بار. ئاتىلىق جەمىيەتنىڭ پۇلى-ھوقوقى بولسا ئۇنىڭ بىلەن باراۋەر ھوقوقتىكى ئانىلىق جەمىيەتنىڭ نازاكىتى ۋە تېنى بار. بۇلار خۇددى باراۋەر چوڭلۇقتىكى ئىككى ئوپقانغا ئوخشايدۇ. ئادەم بالىلىرى تېگى يوق بۇ ئىككى ئوپقاننى تولدۇرۇش ئۈچۈن توپا توشۇيدۇ. ئاتىلىق ئۆزىنىڭ "پۇل ۋە ھوقوق" دىگەن قورالى بىلەن جىنسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئانىلىق بولسا "ناز-ھىسيات" دىگەن قورالى بىلەن ماددى ئېھتىياجىدىن قىسىنمايدۇ. ئاتىلىق ئاجىزلىقىنى ھۆركۈرەش بىلەن يوشۇرسا، ئانىلىق قۇدرىتىنى ئىڭراش بىلەن پەردازلايدۇ. شەھەر ئاسمىنىدىن ئىككى ئوپقاننىڭ ھۆكۈرەش ۋە ئىڭراشلىرى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

پەرىشتەم، شۇ كۈنى ھاۋانىڭ ئىللىقلىقى، سۇلارنىڭ يۇمشاقلىقى ۋە تۇپراقنىڭ يېقىشلىقى يوق بولدى. ئەتراپ شۇنداق سوغۇق ۋە يات ئىدى. سەن مېنىڭدىن يىراقلاپ كەتكەندەك بۇ ئالەمدە ئۆزەم يالغۇز قالغاندەك بىلىندى.

چۈنكى سېنىڭ ھازىرقى ئىسمىڭ "گۈلى" ئىدى.

مەن، سېنىڭ مىللى تەۋەلىكتىن ھالقىغان پاھىشە ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم. شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولدى. مەيدەمدە بىر نەرسە قاتتىق تۇرىۋالدى.

مىللى توپنىڭ ئىچىدە تىرىكچىلىك قىلىدىغان پاھىشەلەر ئۈچۈن بۇنچىلىك ئىچىم ئاچچىق بولمىغان ئىدى. ئەمما مىللى تەۋەلىكتىن ھالقىپ چىققان "گۈلى"لەر ئۈچۈن يۈرىگىمنى كۈنلەمچىلىك غاجاشقا باشلىدى.

سېنى بۇردا قىلىۋەتكۈم كەلدى. سېنى نىمىلا قىلىۋەتسەم ئاچچىقىم چىقمايدىغاندەك بىلىندى. چۈنكى سىلەر بىزگىلا تەۋە ئىدىڭلار. پەقەت بىزنىڭلا ئىدىڭلار.

كېچىچە كۈندەشلىك ۋە چارىسىزلىق ئارىسىدا قىينىلىپ چىقتىم.

تاڭ سۈزۈلدى. قارا يىپتىن ئاق يىپنى ئايرىغىلى بولىدىغان يورۇقلۇق ياتىقىمغا كىردى. شۇ چاغدا ئەسەببىيلەشكەن نېرۋىلىرىم سەل ئارام تاپتى. تۇيۇقسىزلا مېنى كۆرۈپ ھودۇققانلىقىڭ ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا يۈزۈڭدىن قىزارغانلىقىڭنى بىلگىلى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇيالغانلىقىڭ بىلىنىپ تۇراتتى.

خۇداغا شۈكرى ! سېنىڭ ئېسىڭدە بىزمۇ بار ئىكەنمىز. قىلدەك ئىنچىكە ئەمما يىپەكتەك چىڭ مېھىر بىلەن يەنىلا باغلىنىپ تۇرىدىكەنمىز. كۆڭلۈم ئەمدى يورۇپ قالدى.

پەرىشتەم.

مەن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بىر پاھىشەنى ياخشى كۆرەتتىم. مەن دونداقنى ياخشى كۆرەتتىم.

مەن ئۇنىڭ جىسمىنى، كۈلگۈنچەك چىرايىنى ياخشى كۆرەتتىم. مەن بىر پاھىشەنى بەدىنى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرەمدىم ؟

ياق. مەن ئۇنىڭ مىللى تەۋەلىكىنى ئۇنۇتمىغانلىقىنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ پىروسسىيەلىكلەرگە فىرانسىيەنىڭ جالاپلىرىدىمۇ غۇرۇر بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتقان ئىدىم.

پەرىشتەم !

سەن "مېنى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ياخشى كۆرمەيدۇ " دەپ ئويلايسەن. سەن "مىللىتىم، خەلقىم ياخشى كۆرمەيدۇ" دەپ بىلىسەن. سەن "مېنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ" دەپ قىينىلىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىڭدا ھېچكىمنى ۋە ھېچنىمىنى ياخشى كۆرمەسلىكنى قارار قىلىسەن.

ئاللە بەندىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ياخشى ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ. يامان ئادەملەرنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بايلارنى ياخشى كۆرىدۇ. تىيىنغا زار گاداينىمۇ ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدۇ. پۈتۈن ئىنسان ياخشى كۆرمەيدىغان ئەسكى ئادەمنىمۇ پەرۋەردىگار يەنىلا ياخشى كۆرىدۇ.

پەرىشتەم، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممەيلەننى ياخشى كۆرۈشىنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئاددى. ئۇلار ئەتە چوقۇم ياخشى ئادەم بولىدۇ.

پەرىشتەم. جاننىڭ باھاسى بار. كۈننىڭ ياكى ئاينىڭمۇ باھاسى بار. ئالەمنىڭ باھاسى بار. بىراق مۇھەببەتنىڭ باھاسى يوق.

كۈن چىقىشنىڭ سەۋەبى بار. گۈلدۈرمامىنىڭ سەۋەبى بار. يەرلەر تىترەپ، تاغلار گۇمران بولغاننىڭمۇ سەۋەبى بار.

بىراق ! مۇھەببەتنىڭ سەۋەبى يوق.

پەرىشتەم. كۆڭلۈڭنى رەنجىتكەن. ئۈمۈدۈڭنى ئۆلتۈرگەن، ھاياتىڭنى ۋەيران قىلغاننىڭ سەۋەبىنى مۇھەببەت دەيسەن. بۈگۈنكى تەغدىرىڭنى مۇھەببەتتىن دەپ بىلىسەن.

شۇڭا قەلبىڭدىكى مۇھەببەتنى، ئەشۇ بىباھا تۇيغۇنى، ھاياتىڭنىڭ زىيا-چىرىقىنى خاراپ قىلىشقا تەييار تۇرىسەن. ئۆمرۈڭدىكى تەڭداشسىز لەززەتنى ئوغا-ئۆچمەنلىك ئۈچۈن كۆيدۈرۈپ تاشلىماقچى بولىسەن.

پەرىشتەم، سەن مۇھەببەتنىڭ شەرتىنى چوقۇم يەنە بىر جىنس دەپ بىلەمسەن؟!

پەرىشتەم ئۇلار شۇنداق دەيدۇ؛ ئەزىم دەريادىن كۆۋرۈك بولغاندا ئۆتكىلى بولىدۇ. بىپايان چۆللەرنى نان-سۇ بولغاندا كەزگىلى بولىدۇ.

ئىككى قانات تەڭ قاققاندا پەرۋاز قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇلار "مۇھەببەتكە كۆۋرۈك كېرەك" دەيدۇ. ئۇلار "مۇھەببەتكە نان-سۇ كېرەك" دەيدۇ. ئۇلار "مۇھەببەتكە قانات كېرەك" دەيدۇ. ئۇلار مۇھەببەتكە مەنپەئەت كېرەك دەيدۇ.

شۇڭا باينىڭ غايىسى، گاداينىڭ خىيالى، ئەرنىڭ ئارزۇسى، ئايالنىڭ ئېھتىياجى ئىقتىسات ئەپسانىسىنىڭ سايىسىغا يۈگۈرىدۇ. دۇنيادا بىرمۇ مۈشۈك بىكارغا ئاپتاپقا چىقمايدىغان بولىدۇ.

ئۇلار مۇھەببەتنى تاپالامدۇ ؟

ئۇلار مۇھەببەتنى تونىمىسا قانداقمۇ تاپالايدۇ !؟

ھاياتى مەناسىز زېرىكىشكە ۋە نىشانسىز ئىزتىراپقا بەخشەندە بولىدۇ.

ھىكايەت؛ بىراۋ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلىدى. دەردى بارئىكەن. بۇرۇنقى يىگىتى بىلەن توي قىلالماپتۇ. يىگىتىمۇ ئۇنى ئالالماپتۇ. ھازىر ئىككىسى مۇھەببەت دەردىدە ھەسرەتتە قاپتۇ.

كۈلۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئاۋۇ ھىكايىسىغا مۇھەببەت دىگەن ئاتالغۇنى قوشقانلىقىغا ئېچىندىم. چۈنكى ھىكايىنىڭ مۇھەببەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مۇھەببەتنىڭمۇ بۇ ھىكايىدە ئورنى يوق ئىدى.

پەرىشتەم، بىر ناخشا بار. " ئىككى ياخشى بىر بولغاندا، ئۆلۈم ئايرىيدۇ."

مۇھەببەتنىڭ شەرتى بولمايدۇ. مۇھەببەتنىڭ باھانىسى بولمايدۇ. مۇھەببەتنىڭ نەرقى بولمايدۇ. شۇڭا مۇھەببەت بىكارغا ئاپتاپقا چىقىدۇ. ھەتتا يېنىۋاتقان گۈلخانغىمۇ كىرىدۇ.

ئۇ بىرى ئۆلۈمنىڭ تىغىدا، يەنە بىرى كۆرۈمنىڭ قۇچىغىدا تۇرىدۇ. ئەلھەزەر ئوتتۇرىدا قەتئى تۇرمايدۇ. ئۇ ئېقىپ ياكى يېيىلىپ قالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدى سۇيۇق بولمايدۇ.

پەرىشتەم، شۇنىڭ ئۈچۈن خاتالاشما !

ھاياتىڭنى، ئارزۇيىڭنى، غۇرۇر ۋە جاسارىتىڭنى بىر مەغلۇپنىڭ چۇلۋۇرىغا باغلاپ بەرمە. بۇنداق مەزلۇملۇق، بۇنداق قۇللۇققا رىزالىق سېنىڭغا ياراشمايدۇ.

قەدىمدىن بۇيان كۈن ئاسماندا يالغۇز ياشىدى. كۆيۈپ ئۆچمىدى.

ئاي ئەلمىساقتىن بۇيان قاراڭغۇ كېچىدە تەنھا يۈرۈيدۇ. نۇرى تۈگەپ قالمىدى. زىمىنغا پەقەت غازاڭ تۆكۈلدى. بىراق نېمەت بېرىشتىن يەنىلا زېرىكمىدى. ئاسمانچۇ ؟ ئۇنىڭ ئېرىشكىنى چاڭ-توزاڭ بولدى. بىراق بەرىكەتلىك يامغۇرى ئۈزۈلمىدى.

پەرىشتەم، مۇھەببەتنىڭ سەۋەبى يوق. مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق. مۇھەببەتسىز ھاياتنىڭ نە تەم نە لەززىتى يوق.

كۈن كىمنى ياخشى كۆرىدۇ ؟ ئاي كىمنى ياخشى كۆرىدۇ ؟ ئۇنداقتا زىمىن بىلەن ئاسمانچۇ ؟

ئۇلار بىراۋنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ھېچكىممۇ ئۇلارغا مۇھەببەت بەرمەيدۇ. پەقەت ئۇلار جىسمىغا پۈتۈلگەن مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن ئەنە شۇنداق مەغرۇر ياشايدۇ.

مۇھەببەت بولغاچقا، قۇياش شۇنچىلىك ئىسسىق. مۇھەببەت بولغاچقا ئاسمان شۇنچىلىك چەكسىز. مۇھەببەت بولغاچقا، ئاتا-ئاناڭ تاشتىنمۇ چىداملىق.

پەرىشتەم، مىليونلىغان ئادەملەر ئارىسىدا يالغۇز قالدىڭمۇ ؟ بۇمۇ بىر تەلەي.

پەرىشتەم، بىر ئايال ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئاددى تۇرمۇشقىمۇ ئېرىشەلمىدىڭمۇ ؟ بۇمۇ بىر نېمەت.

ئىچ-ئىچىڭدىن توڭلىدىڭمۇ ؟ خۇددى مۇز پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەندەك بىلىندىڭمۇ ؟ بۇمۇ بىر غەيرەت.

ئالدىرىما، ئەشۇ مۇزلىغان قەلبىڭدە ئاجىز بىر يورۇلۇقلۇق، ئاخىرقى ئىسسىقلىق بولمىسا ئۆزەڭنىڭ مۇزغا ياكى تاشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىڭنى قانداق سەزدىڭ ؟

پەرىشتەم، شۈكرى قىل. ئەمدى كۈل. كۈلۈشكە ھەققىڭ بار. ئۈمچەيگەندەك يالغاندىن كۈلمە. قەلبىڭدە ساقلىنىپ قالغان ئەشۇ كىچىككىنە يورۇقلۇق پارتىلاپ چىقسۇن ! قاقاقلاپ كۈل، يۈرىگىڭدىكى ئاخىرقى ئىسسىقلىق لاۋۇلداپ يانسۇن !

يالغۇزلۇقتىن، تەنھالىقتىن، ئازاپ-ھەسرەتتىن ئېرىشكەن ئەشۇ نىمەت، سەندىكى ھەقىقى قۇدرەت. ئاخىرقى مۇھەببەت.

پەرىشتەم !

مەن سېنى ياخشى كۆرۈمەن. قولۇمنى كۆكسۈمگە قويۇپ تۇرۇپ، مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى تەپتى قالغان قارا كۆزلۈرۈڭگە قاراپ تۇرۇپ ھۆرمەت بىلەن شۇنداق دەيمەن.

- مەن سېنى ياخشى كۆرۈمەن !

مەن سېنى نىمە ئۈچۈن ياخشى كۆرۈمەن ؟

ئازاپ ۋە ھەسرەتنى بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈمەن. قىلمىشىڭدىن نومۇس قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈمەن. شەھەر ئالغان پالۋاندەك كېرىلىپ يۈرمەي، تىكەندە ماڭغاندەك ئازاپلانغانلىقىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈمەن. سېنىڭ بىزنى يەنىلا ياخشى كۆرۈدىغانلىقىڭدىن ئۈمۈتلىنىمەن. چۈنكى ياخشى كۆرمىسەڭ ئۇيالماس ئىدىڭ. ياخشى كۆرمىسەڭ قاچماس ئىدىڭ.

پەرىشتەم، سېنى ياخشى كۆرگەچكە ساڭا ھېسداشلىق قىلىمەن. سېنىڭ تەلەيسىزلىكىڭگە، جەمىيەتتىن، خۇدادىن قاخشاۋاتقانلارنىڭ تۈكرۈك قاچىسى بولۇپ قالغانلىقىڭغا ئازاپلىنىمەن. مىليونلىغان قېرىنداشلىرىڭ ئارىسىدىن قوغلانغىنىڭغا ئېچىنىمەن.

چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدا قوشقان قېرىندىشىم.

زىمىن قوشقان ۋەتەندىشىم.

تارىخ قوشقان تەغدىردىشىم !

سېنى ئاتا-ئاناڭ ياخشى كۆرىدۇ.

خولۇم-خوشنىلارنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئالدىدا ئامراق قىزىنىڭ ئىسمىنى ئامال بار چىقارماسلىققا تىرىشىدۇ. جىگەر پارىسى بىلەن ئادەملەرنىڭ قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدا قۇمدەك ئېزىلىدۇ.

ھېچكىم يوق يەردە، بىر خۇدا بىر ئۆزى بار يەردە يالۋۇرۇپ تىلەيدۇ. " ئۇلۇغ ئاللە! قىزىم قايتىپ كەلسە......"

ۋەتەن سېنى ياخشى كۆرىدۇ.

ياقا-يۇرتلاردا سەرسانلىق ۋە ئازاپ بىلەن يۈرگىنىڭگە تاغلىرىڭ گۈرۈلدەيدۇ. زىمىنلىرىڭ تەۋرەيدۇ. دەريالىرىڭ تولغىنىدۇ.

خەلقىڭ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق ئۇلار دىيەلمەيدۇ. ھەممىنى مۇزلۇتۇشقا ئالدىراپ تۇرىدىغان ياكى بىراقلا كۆيدۈرۈشكە تۈتەپ تۇرغان جەمىيەتتىن قورقىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىدىن قورققاچقا ساڭىلا ئەمەس ھەتتا ئۆزىگىمۇ بىر ئۆمۈر مۇھەببەت بېرەلمەيدۇ.

ئېسىڭدە بولسۇن، پەرىشتەم.

قۇلىقىڭدا تۇرسۇن پەرىشتەم !

مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن.

مەن نۇزۇگۇمنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭغا چىدىمايتتىم. بىراق ئۇ ئۆلۈپ كەتتى.

ئۇ قېچىپ كىرمىگەن تاغ ئۆڭكۈرلىرى، بارمىغان باياۋانلار قالمىدى. يىمىگەن ئوت-چوپ، دەرەخ قوۋزاقلىرى قالمىدى. مۇشەقەتنىڭ ھەممىسىنى كۆردى. بىراق بىرەر ئەر زاتىنى كۆرمىدى.

بېشىدىكى ئۆلۈمدىن، بېسىپ كېلىۋاتقان قارا تەغدىردىن "مېنى كىم ئېلىپ قاچار ؟ كىم قۇتقۇزار؟! " دەپ ئەتراپقا تەلمۈردى. ئۇنى تاغلار قوينىغا ئالدى. دەريالار دۈشمەننى توسىدى. ئورمانلار قەيسەر قىزىنى باقتى.

بىراق، بۇ كۈرەشتە تاغلىرىمىز يالغۇز قالدى. دەريالىرىمىز پەريات ئۇردى. چۈنكى ئۇلارغا بىرەر زاتى ئەر ھەمدەم بولمىدى.

نۇزۇكنىڭ قارا كۆزلىرى تالدى.

ئاقساق بولسىمۇ، چولاق بولسىمۇ، تاز بولسىمۇ مەيلىتتى، بىرەر ئەر زاتى كەلمىدى. بىر ئەركەك كەلمىدى.

نۇزۇكنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنى قەلبىمدىن سۆيەتتىم. بىراق ئۇ ئۆلۈپ كەتتى.

"سېنى ياخشى كۆرىمەن. سېنى ئېلىپ يىراقتىكى تاغلىرىمىزغا، قويۇق ئورمانلىرىمىزغا ئېلىپ كېتىمەن" دەپ بارالمىدىم. ئۇ يالغۇز ئۆلۈپ كەتتى. جاھاندىن يۈرىگى مۇزلاپ، بىزدىن كۆڭلى قېلىپ ئۆلۈپ كەتتى. نەپرەت بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.

ئاڭلىدىڭمۇ پەرىشتەم!

مەن نىمىشقىمۇ بارالمىدىم ؟!

بەلكىم ئۇ چاغدا تىرىكچىلىك بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالغاندىمەن. ياكى يىراقتا بولۇپ قالغاندىمەن. راستىنى ئېيتقاندا قورققاندىمەن.

ھازىر مېنىڭ يەنە بىر قورقۇنچۇم بار. مەڭگۈ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر قورقۇنچۇم بار.

قىيامەت كۈنى نۇزۇگۇم ياقامغا ئېسىلارمۇ؟

ئەر زاتىنىڭ قولىغا تەلمۈرگەن، ئەشۇ نازۇك قوللىرى بىلەن مېنى بوغارمۇ؟!.....

مەن بۇرۇن چۈش كۆرمەيتتىم. يېقىندىن بۇيان بىر چۈشنى توختىماي كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم.

چۈشۈمدە يەتتە رەتكە تىزىلغان يەتتەيۈز قىز سەپراس تۇرىدىكەن. مۇستەھكەم چىرايلىرى، سەرۋىدەك بويلىرى، سەۋزىرەڭ ھۆسنى پارلايدىكەن. ئەتراپ ئاپپاق نۇرلار بىلەن تولغان ئىكەن.

ئۇلار رەتلىك ئاۋازدا قەسەم قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاۋازى تاغلارنى ئويغىتىدىكەن. سۇلارنى توختىدىكەن. سۈتلەرنى ئۇيىتىدىكەن.

يەتتە يۈز قىزنىڭ قەسىمى جاراڭلايدىكەن.

ئەتراپتا يېقىلغان گۈلخانمۇ يوق. ئەمما بىر ئىسسىقلىق بار. قىزلاردىن كېلىۋاتقان يېقىملىق ئىسسىقنى ھېس قىلىۋاتىمەن. بۇ ئىسسىقتا ئۆزۈمنىڭ ئېرىۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن. بىر ھوزۇر، بىر خوشلۇقتا ئاستا-ئاستا ئېرىۋاتىمەن.

پەرۋەردىگار، ئېرىپ كەتسەممۇ مەيلى، كۆزۈم ساق قالسۇن. يەتتە يۈز قىزغا قاراۋاتقان ئىككى كۆزۈم ساق قالسۇن.......

پەرىشتەم !

مېنىڭ يەنە بىر قورقۇنچۇم بار. مەڭگۈ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر قورقۇنچۇم بار.

قىيامەت كۈنى نۇزۇگۇم ياقامغا ئېسىلارمۇ؟

ئەر زاتىنىڭ قولىغا تەلمۈرگەن، ئەشۇ نازۇك قوللىرى بىلەن مېنى بوغارمۇ؟!

ياق...............!!!

نۇزۇگۇم ھېچكىمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمايدۇ. نۇزۇگۇم دىگەن نۇزۇگۇم !

ئۇ لاۋۇلداپ چىقىۋاتقان كۈننىڭ ئېتىگىدە ياكى گۇگۇمنى قىپ-قىزىل قىلىۋەتكەن قۇياشنىڭ قۇچىغىدا ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىم ئولتۇرالمايدۇ. بوينىدىكى قىلىچتىن قالغان قىزىل سىزىق، بىر تىزىق ياقۇتتەك جۇلالاپ ئۇنىڭ چىرايىنى تېخىمۇ يورۇتىدۇ. مەغرۇر كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىغا پەرىشتىلەر ھاڭۋېقىپ قالىدۇ. ھەيران قالىدۇ. چۈنكى پەرىشتىلەر غۇرۇرنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ.

نۇزۇگۇم ھېچكىمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمايدۇ. ئۇ ئەركەككە ئەمەس ئەرەنلىككە تەلپۈنىدۇ. ئۇ شەرەپلىك ياشاش ئۈچۈن بىراۋغا ياكى بىرنەرسىگە مۇھتاج بولمايدۇ. بىر ئۆزى، تەنھا جىسمى بىلەن مىڭ پاتمان، ئونمىڭ پاتمان قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ چاقنايدۇ.

نۇزۇگۇم بىر تېنىدە قانچە جېنى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇ ھاياتىدا ئۇچرىغان ھەر-بىر مۈشكۈلاتقا بىردىن جېنىنى قۇربان قىلىدۇ. ئۇنىڭ تېنىدىكى توققۇزدىن جىق، توقسەندىمۇ جىق، توققۇز يۈزدىنمۇ جىق بولغان توقسەن مىڭ جېنى ھەرقانداق مۈشكۈلاتقا يېتىپ ئاشىدۇ.

نۇ‍زۇگۇم دەرگاھى ھەقتە مىڭلىغان، مىليونلىغان پەرىشتىلەرنىڭ، جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئۆزىگە سەجدە قىلغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ. بىر شەيتاندىن باشقا جىمىكى يارالغۇچىنىڭ قىلغان ھۆرمەت سالىمىنى ئەستە ساقلايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ شۇ كۈنى ئۆزىنى قانداق مەزمۇت ۋە بەردەم ياراتقانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ۋۇجۇدىدىكى ئەشۇ چەكسىز غۇرۇر-قۇۋۋەتنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا، ھەرقانچە چوڭقۇر سازلىقتىنمۇ، دۈشمەننىڭ كۆڭلىدەك قاپ-قاراڭغۇ زۇلمەتتىنمۇ، نە تېمىم سۇ، نە بۇردا نان يوق چەكسىز باياۋاندىنمۇ يۇلۇنۇپ چىقالايدۇ.

نۇزۇگۇم ھېچكىمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمايدۇ. ئۇ بىرەر ئەركەككە مۇھتاج بولمايدۇ. قەلبىدە بىر تاۋۇش جاراڭلاپ تۇرىدۇ. ئوتلۇق يۈرىگى بىلەن پولاتتەك چىشلىرىنىڭ ئارىلىقىدا بىر تاۋۇش ياڭراپ تۇرىدۇ. "مەن دىگەن مەن ! "

جېنىم پەرىشتەم !

سەن دىگەن سەن !

ئالەم بىنا بولغاندىن تاكى قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر سېنىڭدەك يەنە بىرى تۇغۇلمايدۇ. ئىگەڭ سېنىڭدىن پەقەت بىرنىلا ياراتقان.

باشقىلارنىڭ سېنى نىمە دەپ ئاتىشى مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئۆزەڭنى ئۆزەڭنىڭ نىمە دەپ ئاتىشىدا. ئۇلار بۈگۈن سېنى "پاھىشە" دەپ ئاتايدۇ. بىراق سەن، مەن ئۈچۈن ۋە ئەتىمىز ئۈچۈن "پاھىشە" ئەمەس.

ئاڭلا پەرىشتەم. شېھىتلار خۇداغا يېققىن كىشىلەر.

ئەمما يۈز شېھىت سېنىڭغا ئوخشاش تىرىك ئىنساندىن بىرىگە تەڭ بولالمايدۇ. چۈشەندىڭمۇ ؟ خۇدانىڭ سېنى قانچىلىك يېققىن كۆرۈدىغانلىقىنى، بىر تىرىك ئىنسان زاتىنىڭ قانچىلىك ھۆرمەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدىڭمۇ ؟!

پەرىشتەم ! سەن شېھىتلاردىن، پەرىشتە-پەرىلەردىن ئۈستۈن تۇرىسەن.

چۈنكى سەندە ھازىرنىڭ تىنىقى بار. شۇڭا ئەتىنىڭ تەڭداشسىز ياخشىلىقى، كەلگۈسىنىڭ پارلاق ئىمكانىيىتىمۇ چوقۇم بار.

پەرىشتەم بۇنىڭغا ئىشەن. بۇلارغا ئىشەنمىگەنلەر ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئادەم بالىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەنلەردۇر. ئىنسان زاتىنى پەس كۆرگەنلەر تەكەببۇر شەيتاننىڭ چوماقچىلىرىدۇر.

ئەجەبا سەن، ئىنسانىي ئىمكانىيەتكە ئىشەنمەيدىغان ئەشۇنداق بىقارار مەخلۇقلارغا پەرۋا قىلامسەن ؟

سەن ئۆزەڭنىڭ ئەتىسىنى، ۋەتەننىڭ بىر غەيۇر قىزىنىڭ كەلگۈسىنى ئەشۇلارنىڭ سېسىق تىنىقلىرىغا باغلاپ قويامسەن ؟

پەرىشتەم ! سېنى باشقىلار ياخشى كۆرمىدىمۇ ؟

ئۆكۈنمە، قەددىڭنى تىك تۇت.

مەن سېنى ياخشى كۆرۈمەن. چۈنكى سەن ھاياتىمنىڭ ئىللىق ھوزورى

ئاتا-ئاناڭ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ پەخرى-غۇرۇرى.

ۋەتەن سېنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى سەن ئۇنىڭ شەرئى-ھەقدارى.

ياراتقان ئىگەڭ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى سەن ئۇنىڭ قۇدرەت-كامالى.

پەرىشتەم، مەن ئىلگىرى يالغۇز ئىدىم. ئەتراپقا، ئادەملەرگە شۇنداق ئۆچ ئىدىم. ھاۋاغا ھەتتا ئاسمانغىمۇ ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتىم. توۋۋا ! ئۆچمەنلىك نەقەدەر ئىپلاس نەرسە-ھە !؟

مەن بۈگۈن يۈرىگى بىلەن قۇچاقلىرى تىكەنگە تولغان ئۆچمەنلىكتىن قۇتۇلغانغا تەسبىھ ئېيتىمەن. مىڭلارچە ھەمد ئېيتىمەن.

تۆنۆگۈن سېنىڭ قىسمىتىڭ، مېنىڭ ھەسرىتىم ئىدى. ئەتە سېنىڭ قىممىتىڭ مېنىڭ ھۆرمۈتۈم بولىدۇ.

شۇڭا بۈگۈن ئىككىمىز يان-يان ئولتۇرۇپتىمىز. ئەتراپقا كۈلۈمسىرەپ قارايمىز. سېنىڭ يۈرىگىڭ قايسى ؟ مېنىڭ يۈرۈگۈم قايسى ؟ سېنىڭ تېنىڭ قايسى ؟ مېنىڭ تېنىم قايسى ؟ بىز ئاجىرتالمايمىز. بىر يۈرەك، بىر ئىستەك بولۇپ بىللە ياشايمىز.

پەرىشتەم، مەن ئىلگىرى چۈش كۆرمەيتتىم. بىر ياتسام، تاڭ ئاتقاننىمۇ تۇيمايتتىم. چۈنكى مەن يالغۇز ئىدىم. ئۈچ يىلدىن بۇيان سەن ماڭا چۈش كۆرۈشنى ئۆگەتتىڭ. قولۇمدىن، قەلبىمدىن يېتىلەپ ئىككىمىزنىڭ چىرايلىق چۈشلىرىگە باشلاپ كىردىڭ. شۇ چاغدا ئىككى يۈرەكنىڭ بىللە سوققىنىنى، ئىككى ئازاپنىڭ بىرلەشسە قانداق لەززەتلىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

بىز چۈش كۆرۈپتىمىز. چۈشىمىزدە ئىككىمىز يانمۇ-يان ئولتۇرۇپتىمىز. قارا تاغنىڭ بېشىدا، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە شۇنداق چىرايلىق ئولتۇرۇپتىمىز.

يانچۇقىمىزدا پۇل يوقكەن. ئەمما مۇھتاجلىقتىكى خوشاللىق، نامراتلىقتىكى ئازادىلىك شۇنداقمۇ جىق ئىكەن.

قەلبىمىزدە قايغۇ يوق ئىكەن. ئەمما لىق قاچىلانغان مۇھەببەت بار ئىكەن. نەپرەتكە، ئۈمۈتسىزلىككە تىرناقچىلىكمۇ ئورۇن يوق ئىكەن.

چۈشىمىزدە ئەتراپ سۈتتەك يورۇق ئىكەن. مىڭلىغان كۈن يېڭىدىن كۆتۈرۈلىدىكەن. كۈن چىققان يەردە، پارىلداپ تۇرغان يورۇقلۇقنىڭ ئىچىدە، يەتتە سەپكە تىزىلغان يەتتە مىڭ قىز سەپراس تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر-بىرى كۈندەك روشەن ۋە ئىللىق ئىكەن. مىڭلىغان قىزلاردىن چىققان نۇردا مەڭگۈ كەچ بولمايدىغاندەك بىلىنىدىكەن. ھاۋا ئەڭ تاتلىق پۇراقلار بىلەن تولغان ئىكەن.

يەتتە مىڭ قىز سەۋرىدەك بويلىرىنى ئېلىپتەك تۇتۇپ، سەۋزىرەڭ ھۆسنى بىلەن مۇستەھكەم بولۇپ، بىر ئاۋازدا قەسەم قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئاڭلىغان ئادەملەر-ھايۋانلار، قۇشلار-قۇرۇتلار قىمىر قىلمايدىكەن. پۈتۈن كائىنات جىمجىت بولىدىكەن. قېتىپ قالىدىكەن. قىزلارنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىدىن باشقا نە شاۋقۇن، نە تىنىق بولمايدىكەن.

- بىز شۇنداق قەسەم قىلىمىز. ئىپپىتىمىزنى مۇقەددەس نىكاھ كۈنىگىچە ساقلايمىز ! بۇ قەسەمنى ھىسياتنىڭ شەيتانلىرى، ئاجىزلىقنىڭ باھانىسى، زورلۇقنىڭ قارا كۈچلىرى بۇزالمايدۇ.

- بىز شۇنداق قەسەم قىلىمىزكى ئۆزىمىزنىڭ ئىپپىتىنى ئۆز قولىمىز بىلەن خاراپ قىلمايمىز ! ئۇنى ئۆز جېنىمىزدىنمۇ بىباھا كۆرىمىز! ئۇنى كەلگۈسىدىكى ھەمرايىمىزغا، رىسقىمىز قوشۇلغان ھۆرمەتلىك مۇرەببىمىزگە سوغا قىلىمىز ! .....

جېنىم پەرىشتەم.

مەن سېنى ياخشى كۆرۈمەن !

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت

Abdurehim ablethan

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! }1 N, n) I3 b% j5 ~. d7 r
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 08:53 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) s+ V$ ]# G7 q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  d9 H* V- Y+ o0 g5 b  d

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 100 ئاخىرى قەلەمنى ئاپسىز.
tewelgha + 59 تىلى گۈزەل ،تەپەككۈرى.
ئەنسارى. + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
motiwar6 + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
مارشال + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 559   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4636
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 09:04:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي ، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى تۇنجى بۇلۇپ مەن ئوقۇپتىمەن ، بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ياختۇردۇم

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4636
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 09:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي ، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى تۇنجى بۇلۇپ مەن ئوقۇپتىمەن ، بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ياختۇردۇم

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 09:18:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كىرەك .غۇرۇر ،ۋىجدان ،خاسلىق بولمىغان ئادەمنى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ .ئەمدى بىز ........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1829
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 899 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 09:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە يىل ئالدىدا ئەسەت سۇلايماننىڭ ‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك› دىگەن كىتاۋىدىن مۇشۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ئوقۇپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يىرىم بولغانتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1070
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1011 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 09:19:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن.رەھمەت سىزگە

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6980
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1036 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 09:20:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇ رېھىم ئابلەتخان ئاكا،تىمىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،سىز دىن بىر گەپ سورسام سىز خوجىنىياز ھاجى توغرىسىدا ئەسەر يازغان ئاكىمىز سىزمۇ؟؟ ئۇ ئەسىرىڭىزنى مەن 2-3يىل بۇرۇن كۆرگەنغۇ دەيمەن،شۇندىن بىرى سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى مانا تۇنجى بولۇپ كۆرۈشۈم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14454
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2535 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 09:47:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ئېسىل چېقىپتۇ.قەلەم تالمىسۇن....

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 849
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 10:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.تېمىڭىزغا رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 10:20:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بو تىما بەك ياخشى ئىكەن. بەك ھسياتلىق. كۇز ئالدىمدىن ۋەتەن قەھرىمانلىدىن نوزۇگوم يانا يەتتە قىز لار بىرــ بىرلەپ ئۇتتى. ۋەتەن قەھىرىمانلىرى خەلىق نىڭ قەلبىدە مەڭگو ھايات.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ZIYAN + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش