مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1605|ئىنكاس: 12

تۇرپان تەسىراتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88626
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 357
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 01:03:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆككە بوي تارتقان خىياللار-سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى ئالدىدابۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 V; N, J( \) }7 ?8 s) q

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; @* d1 t- W" Y+ M+ o3 w6 x" M; L+ s«سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاي قەدىمىي بولىشىغا قارىماي نۇرغۇن زامانىۋى كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپتۇ. يەنە ئاچچىق بىر ھەسرەت مۇنۇ ۋاڭ ۋە بۇ مۇنار توغرىسدا بىلمىگەنلىرىمنى يۈرىكىمگە سېلىپ ئۆتتى. بۇ مۇنار قاچان، نە سەۋەبتىن سېلىنغان، نىمە سەۋەپ بۇ مۇنارنىڭ سۇلايمان ۋاڭنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشغا تۈرتكە بولغان دېگەن ئاددى ساۋاتلارنىڭ ھىچقايسىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. ھەقىقەت، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدن سالجىپ باقمىغانلارنىڭ بىلمەيدىغىنى ھەقىقەتەن تولىمۇ كۆپ. قىزىقى شۇكى شۇنداق كىشلەر بىلمى توغرىسىدا كۆپرەك دەۋا قىلىشىدۇ. مەنمۇ ئەينى دەۋىردىكى ھاكىميەتنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇنۇ مۇنارنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلمىگەنلىگىم سەۋەبلىك، ئەجدادى مىراسلارنىڭ بىر مىراسخورى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى بىر ساياھەتچىسى سۈپىتىدە بۇ يەردە تەمتىرەپ يۈرۈيمەن. يەنە شۇ سەۋەبلىك بىر ۋاڭلىقنى قۇرىغان سەلتەنەت ئىگىسىنىڭ 21-ئەسىردىكى بىر ۋارىسى تۇرۇپ مۇنۇ مۇنارنىڭ بىرتال خىشىغىمۇ ئىگە ئەمەسمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن كىمدىن ئاغرىناي. بىلەت ساتقۇچى چىرايلىق قىزنىڭ مۇغەمبەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان سۆزلىرى كۆڭلۈمگە كەلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىگىمىزنى، شۇڭا باھادا سەل ئىتىبار قىلىشنى ئۈتۈندۇق. بىراق ھېلىقى قىزنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاشقا رايى يوق. ئىچىم ئاچچىق بولدى، ئۈزۈممۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان بىر تۇيغۇ يۈرگۈمنى شىلىپ ئۆتتى، بىچارىلىك، يوقسۇزلۇق بىرلىشىپ مېنى بىر ئەلەمنىڭ قوينىغا ئىتىتىرىۋاتاتتى. يەنە چىشمىنى چىشلىدىم، بىز قايتتۇق، بىزدىن باشقا ھەممە ئادەم بىلەت ئېلىپ كىرىۋاتاتتى، خەنزۇچە يېزىقتا «سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى »دەپ يېزىلغان لەۋھەگە ئۇزاق قارىدىم، خەت ماڭا مەسخىرلىك قاراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بىز ئارقىمىزغا ياندۇق. بىز كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن مۇنارنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتۇق. كىشى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تەن ئېلىشنى خالىمىغاندا ئەنە ئاشۇنداق بىمەنە ئىشلار بىلەنمۇ ئۆزىنى بەزلەيدىكەن.  كۆڭۈل خۇشلۇقى ئىزدەپ قىلغان ساياھەتمۇ بىر ھەسرەتنىڭ سايىسىنى يۈرەككە سېلىپ ئۈتتى. چۈنكى قەلبتە، ھەقىيقى  خۇشلۇق بولمىسا بوستانمۇ بۇلبۇلغا ياۋا ئوت باسقان خارابە خالاس. مەن ئۇ يەردىن يېنىپمۇ ھېلىقى ھەسرەتنىڭ كۆلەڭگسىدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم. بىز زادى نىمىشقا بۇ مۇنارغا كىرەلمەيمىز؟ شۇ خىيال كاللامغا كېلىشىگە مەندە قارشىلىشىشتىن ئىبارەت بىر تۇيغۇ ئەۋج ئالدى. كىشىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرى باشقىلارنىڭ بىپەرۋا مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا كىشىدە تەبئىيلا قارشىلىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدىكەن. گەرچە 15 يۇەن بىزگە ئانچە بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ يەردىكى بىلەت ساتقۇچىنىڭ قوپال مۇئاملىسى ئونبەش يۇەننى بىرقانچە قاتلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن كاللامدا زادى كىرىمەنغۇ دىگەن خىيال قارار تاپتى. بىز پاكار تەكلەر ئارىسىدىن ئۆملەپ يۈرۈپ مۇنارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتۇق. ئىگىز قاشا تامنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ مەن كىرەلمىگەن ۋاڭ مۇنارىنىڭ ئىچىگە قارىدىم. ئادەملەر كۆپ ئىكەن. ھەممىسلا خۇشال. پەقەت بىزلا ئۇنداق ئەمەس. سەل يىراقتا بىر دۆڭلۈك كۈرۈندى، بىز شۇ يەرگە چىقىپ ئەتراپقا قارىدۇق. ئەتراپ كۆز يەتكۈسىز باراڭلىق. ئەمدىلا كۆكلەشكە باشلىغان ئۈزۈم تاللىرىنىڭ ئاستىدىكى يېزا جىمجىت. بۇ جىمجىتلىقتا مەن مەھەلىنى، مەھەللىدىكى ئاۋاتلىقىنى، مەھەللىدىكى يېشىللىقىنى ئويلىدىم. ئادەملەرمۇ ئۆزىنىڭ تەبئىيلىگىنى يوقاتقان ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىن بىزار بولغان بولسام كېرەك. بىز سەل ئېچىلدۇق. بوستانلىق ۋە كەڭرى كەتكەن زىمىن مېنىڭ بايامقى پەرىشانلىقىمنى يۇقاتتى. تەبئىي نەرسىلەرلا كىشى قەلبىنى سۈيۈندۈرەلەيدۇ. ساختا مۇھىتىنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىپ ئۈلەي دېگەن نېرىۋىلىرىم مىنى تىنىچ قويمىدى، مەن ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم. يۈرۈگۈممۇ باشقا كۈنلەردىكىدىن جۇشقۇنراق سوققاندەك بىلىندى. بىز تەبىئەتنىڭ ئۆزگەرمىگەن بۇ ئىنئامىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇق، ھېلىلا ھەسرەتتىن پۇچلانغان يۈرەك مانا ئەمدى شاتلىقتىن يايرىماقتا، بايا تۈرلگەن چىرايلرىمىز باھار ئايلىرىدىكى گۈللەردەك ئېچىلغان، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان شوخ سۇلار تىنمايدۇ، ئۈجمە دەرىخى ئۈستىدە ناۋا قىلىۋاتقان قۇشلار، سەل يىراقتا بىزگە قاراپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتقان دېھقان ئەر-ئايال، يۈزلىرىمىزنى سۈيۈپ ئۆتكەن شاماللار،، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى، ئەڭ تەبئىي كۈرۈنۈشى ئالدىمدىكى مۇنۇ بوشلۇقتا ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. مەن يەنە ھاياجانلانماي تۇرالايتىممۇ. ناۋادا شائىر بولغان بولسا بۇنداق پەيتلەرنى ھەرگىز بوش قۇيىۋەتمەيتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ~$ K% t' Y1 I5 g. K9 Q( H+ h  بىز تۇرغان دۆڭ ئەسلى سېپىلنىڭ بىر تېمى ئىكەن. بىز بۇنى ئازراق ماڭغانداىن كىيىن ئاندىن بىلدۇق. سېپىل بىزنىڭ ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى سەلتەنىتىمىزنى ئەسلىتىدۇ. چۈنكى سېپىل ھاكىمىيەتنىڭ، مەسئۇلىيەتنىڭ سىمۋۇلى. ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ھەربىر تەئەللۇقات مۇشۇنداق يىمىرىلمەس سېپىلللارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىگىنى تاپاتتى. ئۇرۇش كىنولىرىدا سېپىلنىڭ قولدىن كېتىىشى بىلەن بىر ئەل خەلقىنىڭ كۈلپەتلىك كۈنلىرى باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا سېپىلنىڭ ئۈزى ھاكىميەتنىڭ ئۆزى ئىدى.سېپىلنى ساقلاش ئىتىقاد ۋە مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت ئىدى...بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى سېپىللار ھازىر كۆرگەزمەخانىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنداق تارىخى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىدىن كۆرە ئىقتىسادى قىممىتىنى بەكرەك جارى قىلدۇرىۋاتاتتى. يەكەنگە بارغان ۋاقتىمدا سەئىدىيە ئوردىسنىڭ سېپىللىرىنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر ئاجىز بوۋاينى كۆرگەن ئىدىم. بۇ يەرگىمۇ ساياھەتچىلەر كۆپرەك كىلەتتىكەن. ئۇ يەردە پەقەت سېپىلغا بولغان ھەيرانلىق ۋە قىزىقىشتىن باشقا ئىپادىلەرنى تاپقىلى بولمايتتى. قەشقەردە ۋاقتىمدا تىكەن بېشى دىگەن بىر يەردە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بىر سېپىلنى كۆرگەن ئىدىم.ئۇ يەرگە بېرىپ بۇ يەرنىڭ غۇجايىنىنىڭ پۇل تېپىشتىكى تالانتىغا ھەيران قالغان ئىدىم. چۈنكى ئۇ غوجايىن كىشىلەرنىڭ شۇ يالغاندىن ياسالغان سېپىلغا نىمىشقا شۇنچە ئىنتىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلاتتى. بىراق بۇ سېپىلغا قارايدىغان ئادەممۇ قويماپتۇ، قارىغاندا بۇ سېپىل بۇ يەردىكى غوجايىنلار ئۈچۈن ئاللىقاچان ئىتىبارىنى يوقاتقان بىر نەرسىگە ئايلانغان بولسا كېرەك. بۇ سېپىلمۇ بىر ئىدىيەنىڭ ئاخىرقى بىر كۆلەڭگىسى ئىدى. بۇ كۆلەڭگىنى ئەنە ئاۋۇ يىراقتىكى تەكنىڭ ئاستىدا بىرىلىپ ئىشلەۋەتقان دېھقانمۇ بىلمەيتتى. ۋە يەنە بۇ مىسكىن سېپىلنىڭ ئاپتاپتىن سارغايغان توپىسى تۇزۇپ كەتكۈچە يېنىدىكى (كىلنى بولسا كېرەك) ھېلىقى قاراقۇمچاق چوكاننىڭ قۇچىقىدىكى بالىسى  چوڭ دادىسىغا ئوخشاش  بۇ ئوخشىغان تەكنىڭ ئاستىدا ئىشلەش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالامدىكىن. بۇنى بىلىشمۇ قىيىن. چۈنكى بوۋايمۇ سېپىلنىڭ سىرىتىدا ئىشلەۋاتاتتى، بالىمۇ سېپىلنىڭ سىرىتىدا چوڭ بولىۋاتاتتى. قاشاسى يوق  قوتانغا ھامان بۆرە تىگىدۇ، چىتلانمىغان باغقا ھامان ئوغرى تىگىدۇ. تەڭرىدىن بۆلەك ھىچبىر تايانچىسى يوق بۇ دېھقانلارنىڭ ئەمنلىكى مۇنۇ تاشلانغان سېپىلدىن يىراق ئىدى... بۇ يەردىمۇ سۈرەت چۈشتۇق. بۇ يەردە سۈرۈت چۈشۈش ماڭا نىسىپ بوپتۇ. بەلكى يىللار ئۆتكەندىن كىيىن مۇنۇ پەلەككە بوي تارتىپ تۇرغان مۇنارنىڭ ئاستىدىكى بۇ قىيسىق سېپىل ئىزسىز يوقالغاندا، بىزدىن كىيىن بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچى بوغۇنلىرىمىز بۇ تاشلاندۇق يەردە ئىلگىرى قانداق بىر نەرسىنىڭ ئۇزاق يىللار ھەسرەتلىك تىنىپ تۇرغانلىقىنى قىياس قىلالمايدىغاندۇر. ۋە يەنە بەلكى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ئۆرتەيدىغان بىر پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يۈرگىنىڭ قات-قېتىدا يانمايلا ئۈچىدىغاندۇر. پەخىرلىنىش بولىمغان يۈرەكتە نۇمۇس تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; S' m# @7 t) C6 k" i, g; ?" Q
بىز باغقا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچتىن سۇلايمان ۋاڭنىڭ بېغىغا كىردۇق. بۇ ئىلاجىسىزلىقتىنمۇ ياكى قارشىلىقتىنمۇ، ۋە ياكى مۇنۇ يېىشل تەبىئەت بىزگە بالىلىقىمىزدىكى ياۋايىلىقىمىزنى قايتا بەردىمۇ بۇنى بىلەلمىدىم. شۇنداق، بۇ يەردە مەن بىلمەيدىغان ئىشلار تالاي.خۇددى مۇنۇ دۈمچىيىپ كەتكەن مىسكىن قەبرىلەرنىڭ ئاستىدا ياتقان كىشلەرنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەندەك.  بىز مۇنار ئىچىنى ئايلاندۇق. ساياھەتچىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن. مەن بىر ئۇيغۇر  يىگىتنىڭ مۇنار ئىچىدىكى مەسچىت ئالدىدا  ئايالى ۋە قىزى بىلەن ئايفۇندا كۈلكە چاقچاق بىلەن سۈرەت چۈشىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قالدىم. بۇلارمۇ ساياھەتنىڭ مېغىزىنى چېقىۋاتقان باياشات بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىدى. قايتىشقا ماڭغىنىمىزدا بىر ئايال بىزنى سۈرەت تارتىپ قويدى. شۇ ئارىدا ئىككى بالا بىرى بەش ياشلىق، يەنە بىرى ئالتە ياشلار چامىسىدىكى ئىككى بالا مۇنارنىڭ يېنىدىكى قەبرىستانلىققا يۈگەردى، بالىلرنىڭ ئانسى ھودۇقۇپ، ئۇ يەرگە بارما، ئۇ يەر سەن بارىدىغان يەر ئەمەس دەپ باللىرنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. بالىلاردا ئەقل بولمىغىنى بىلەن ئانسىدىن كۆپ ئەقىللىقتەك بىلىندى، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ جەننىتىگە يۈگۈرگەن ئىدى.گويا  ئۇلار ئۆزىنىڭ بارىدىغان يېرىنى بىلگەندەك قىلاتتى. بىز يەنە سۈڭگۈچتىن چىقىپ كەتتۇق.مېنىڭ خىياللىرىم باشلاندى، بىراق داۋاملاشتۇرالمىدىم،بەلكى خىياللىرىممۇ كۆككە بوي تارتقان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا كۆككە ئۆرلىگەندۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 F! f& n. }6 i- Y# d1 A+ q8 `گۈلگە پۈركەنگەن قەبرە-شائىر قەبرىسىدەبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% X1 R7 Q! o' z8 B& w) q- h+ i
          قەبرىدە ياتقان ئوت- شائىر قەبرىسىدە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 C' g- D  A" [- T* ]3 I) a. Zبىز ياش شوپۇرنىڭ ماشنىسدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەبىرىسىگە يېتىپ كەلدۇق. قەبرىگە يېقىن قالغانسىرى مەندە ئازاپلىق بىر تۇيغۇ باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. شوپۇر بىز بەرگەن پۇلنى ئالدى-دە يۈرۈپ پۇل تېپىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.ئالدىمىزدا دۈمچەك-دۈمچەك قەبىرىلەر بىلەن تولغان بىر قەدىمىي قەبرىستانلىق سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ قەبىرستانلىقمۇ قەشقەرنىڭ قەبىرستانلىقىغا ئوخشاپ كېتەتتى. يوغان-يوغان گۈمبەزلىك قەبرىلەرنىڭ تۇرقىدىن مىسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى. تۇرپان شەھەر مەركىزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بۇ قەبىرستانلىق جىمجىتلىقتىن خالىي ئەمەس ئىدى. بىز شائىرىنىڭ قەبىرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى بىلمەيمىز، بىراق شائىر روھىغا ئاللاھتىن ياخشىلىق تىلەپ قويۇش ئىشتىياقى بىزنى ئاتلاندۇردى. ئانچە كۈچىمەيلا شائىرىنىڭ قەبرىسىنى تاپتۇق. شائىرىنىڭ قەبرىىسى باشقا قەبرىلەردىن پەرقلىق ھالەتتە ياسالغان ئىكەن. شائىرنىڭ قەبرىسى باشقا قەبرىلەردەك يوغان گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالماپتۇ، ئەكسىچە خىشتىن زامانىۋى قىلىپ ياسىلىپتۇ. شائىرنىڭ قەبرىسىنىڭ بىر تەرىپىگە يوغان قىلىپ ؛ ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەڭگۈ ھايات دېگەن خەت يېزىلغان. يەنە بىر تەرىپىگە بولسا شائىرنىڭ بىر كۇبلىت شېئىرى يېزىلغان ئىكەن. شائىرنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىدە كىملەردۇر بىرى بىر دەستە گۈل قويۇپ قويۇپتۇ. گۈللەر ئۆز ۋاقتىدا شۇنچە چىرايلىق بولغان چېغى ھازىر قۇرۇپ قاپتۇ. قەبرىنىڭ ئاستى تۆۋەن تەرىپىگە چىرايلىق بىر گۈلللۈك جەيناماز قۇيۇپ قويۇلۇپتۇ. مەن شائىرنىڭ قەبرىسى ئالدىدا يۈكۈندۈم. يۈكۈنۈش ئاجىزلىقتىن،ھۆرمەتتىن ۋە خۇشامەتتىن بولىدۇ. شائىرغا بولغان ھۆرمەت مېنى يۈكۈندۈردى. بۇ يۈكۈنۈشتە ئاللاھنىڭ ھەقلىقىگە بولغان ئىتىقاد ھەم بار ئىدى. تىرىكلىكدە بەك كېرىلىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭمۇ قەبرىستانلىقتا يۈكۈنمەسلىگى مۇمكىن ئەمەس، بەك كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىنسانمۇ ئاخىرەتكە كىتىپ بارغان كىشىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا يۈكۈنىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى مانا مۇشۇنداق مىنۇتلاردا ھېس قىلىدۇ. يۈكۈنمەي ئىلاج بارمۇ؟ مەنسەپنى ئالتۇن تاج، پۇلنى مەبۇدە قىلىپ كۆرەڭلىگەن كىشىلەرنىڭ يۈكۈندىغان كۈنى يىراق ئەمەس. مەن ئۆز ۋىجدان مۇختارىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى تۈپەيلى يات تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈشتىن ئۈلۈمنى ئەلا بىلگەن بۇ ئۈلۈم ساھىبىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا يۈكۈندۈم، مەن بىر قەبىرنىڭ ئالدىدا ئەمەس، بىر روھنىڭ ئالدىدا يۈكۈندۈم. شائىر يۈكۈنمىدى، شۇڭا ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈن گۈللەرگە پۈركەنگەن، ھېلىقى جەينامازدا ئولتۇرۇپ قىلغان دۇئالارنىڭ بەرىكىتىن ئىچىلغان گۈللەرمۇ شائىرنىڭ بەندە ئالدىدا يۈكۈنمەسلىگىنىڭ ئىنئامىدۇر بەلكىم. ھەقىقەت، يۈكۈنمىگەن كىشىلەر يۈكۈندۈرەلەيدۇ، شائىرنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىكى گۈللەر گۈلدەك يۈرەكلەرنىڭ شائىرىنىڭ ئۈلۈم ئالدىدىكى مەردانىلىكىگە بولغان سۈيۈنۈشى ئىدى. ئەكسىچە شائىرىنى سېتىش بەدىلىگە ياشىغان روزى موللىنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىدىغان كىشىدىن بۇ شەھەردە قانچىسى باركىن. دەرھەقىقەت، ئىنساننىڭ يۈكۈنىدىغىنى بىرلا... بۇندىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى ئا. مۇھەممەتئىمىن بۇ قەبرىنى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق بىر شېئىرىنى يادىكار قىلغان ئىكەن؛
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Z# J' x& Y5 c; f# I0 J% Z. P    يىلسىرى بىلمەكتىمەن قەدرىڭىنى خالىق ئۇيغۇرىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: j  K2 e# z5 P5 J' X) m3 W4 @7 r$ ]
   يادىكار ئەشئارلىرىڭىدىن يۇرىدى قەلبىم نۇرى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! b# a8 ]7 m  ^5 D9 X; m' X7 J6 V   چاپسىمۇ جاللات سېنى جاللاتقا يەم قىلغان سېنى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% M+ s, f" `$ r   سەن بىزار بولغان ئاشۇ خۇسۇمەتلەرنىڭ شورى - دەپ يازغان ئىكەن. مەن شائىر ئەمەسمەن. شېئىر يازالمىدىم. بىراق مەن بىردىنبىر قىممەتلىك بارلىقىم بولغان ئاددىي تىلەكلىرىم بىلەن شائىرنىڭ روھىغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدىم. دۇنيادىن ھچىنىمىنى تەمە قىلماي ئۈلۈمگە كۈلۈپ بارغان بۇ زاتنىڭ دۇئادىن باشقا يەنە قانداق مۇھتاجلىقى بولسۇن. دۇنيادىن كېچەلىگەنلەرنى دۇنيا ئۇنۇتمايدۇ. ئالدىمدا تۇرغان بۇ قەبرە بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مېنى سۈكۈتكە چۆمدۈرىدۇ.جاھالەت شائىرنى قارا تۇپراق ئاستىغا كۆمگەن بولسىمۇ، ھەقىقەت تىرىكلەرنىڭ يۈرىكىگە كۆمگەن ئىكەن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 K/ Z" i, ^4 t
شائىرنىڭ قەبرىسىدىن قايتتىم. تۇپراق بېشىدا نىمىلەرنى خىيال قىلدىم بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ بىر ھەسرەت. قەبرىستانلىقتا قەبرىلەر تالاي، نىمىشقىكىن شائىرنىڭ قەبرىسى ماڭا مەردانە كۈرۈندى. كارۋاتتا جان بەرگەن بىلەن جەڭگاھتا جان بەرگەننىڭ دۇنيادىمۇ، قىيامەتتىمۇ مۇكاپاتى بار ئىدى. ئاقدىل كىشىلەر بىلىشىدىكەن، شائىرنىڭ تۇپراق بېشىدا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماپتۇ.تۇپراق بېشىدىكى گۈللەر سۇلاشسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ شائىرغا بولغا سېغىنىش ۋە ھۆرمەت گۈلللىرى بەرق ئۇرۇپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇنى شائىرنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىكى گۈللەردىن، شائىرىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا ئېچىلىپ كىتىىدىغان يۈزلەردىن، شائىرنى تىلغا ئالغاندا جانلىنىپ كېتىدىغان تىللاردىن بىلدىم. بىز قايتتۇق.مەن ئاخىرقى قېتىم شائىرنىڭ قەبىرىسىگە قارىدىم. شائىرنىڭ قەبرىسىدىكى ھېلىقى گۈللەر چچەك ئاچقاندەك كۈرۈندى، ئۇ گۈلمۇ ياكى گۇگۇمدا تاۋلانغان قانمۇ. شەپەقتە جۇلالانغان قەبرە قەلبىمگە كۆچتى-دە، قەلبىمنىڭ پىنھان جايلىرىغا كۆمۈلدى. خەير ،يوللارغا پۇتلاشقىلىۋاتقان بىچارە قەبرىستانلىق. تىرىكلەر سېنى ياد ئېتىدۇ. چۈنكى سېنىڭ قوينىڭ تىرىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* X0 f, W7 [: E% ~1 H

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; p, n- G4 s! d# e. n, \) ?+ N  تىمتاس كېچە-سىڭگىم يېزىسىدا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 X) ~9 ~/ @9 ?% cبىزنىڭ تۇرپان شەھرىدە كۆرىدىغانلىرىمىز تېخى تۈگىمىدى. بىراق بىز قايتىىشىمىز كېرەك، شۇنداق ھەممە ئادەم قايتىدۇ. بىزنىڭ مەنزىلىمىز تۇرپان شەھرىدىن 45 كىلومىتىر كېلىدىغان بىر يېزا. سىڭگىم دېگەن بۇ ئىسىم ماڭا خېلى تۇنۇش.قايسى كىتابلاردىن ئوقۇغان بولغىيدىمكىن. بىراق سىڭگىمنىڭ ئورۇن جەھەتتە ناھايىتىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئېسىمدە قېلىشىچە ئەينى يىللىرى تۇرپاننىڭ ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرى قېلىچلىرىنى يالتىرىتىپ ئاتلىق بۇ يېزىدىن ئۆتكەن، مانا بىز بۈگۈن ماشنىلىق بۇ يەردىن ئۆتىۋاتىمىز،  ئاپاق خوجا ئەسھابۇل كەھىف دەپ ئاتىۋالغان تۇيۇق غارىمۇ(تۇيۇقتا) مۇشۇ سىڭىگىم ئەتىراپىدا، غەرىپكە ساياھەت فىلىمدە چىقىدىغان يالقۇنتاغمۇ مۇشۇ سىڭگىم ئەتىراپىدا، ۋە يەنە بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ تارىختىكى ئىزلىرىنى ساقلاپ ياتقان ۋە بۈگۈنكى كۈندە بېزەكلىك دەپ ئاتىلىدىغان مىڭ ئۆيلەرمۇ مۇشۇ سىڭگىم يېزىسىدا، سڭگىم-مول تارىخى مەدەنىيەتنى قۇچۇپ ياتقان تىمتاس زېمىن. بۈگۈن بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ توپىلىق يوللىرىدا بىزنىڭ ئىزىمىز بىلەن ھەسرىتىمىز قالىدۇ. سىڭگىم يېزىسى خۇددى ھېلىقى قوي كۆزلۈك قىزنىڭ رەڭگى بىلەن بىرلىشىپ منېىڭ قەلبىمدە قالغاندەك. بىز سىڭگىم يېزىدىكى ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىپ قونالغۇ بولىدىغان ئۆيگە قاراپ يولغا چىققىنىمىزدا سائەت 11 دىن ئاشقان ئىكەن. سىڭگىم يېزىسى جىمجىت، تامام يۇرت ئۇيقۇغا كەتكەن،  تاغدىن ئۇرۇلغان مەيىن شاماللار كۆڭۈللەرنى شاتلاندۇرىدۇ، گويا كېچە يىگىت باغرىدا پىچىرلاپ بەخىتىتىن بىھۇشلانغان قىزدەك باغلارغا، يىراقتىكى ئۈزۈم تەكلىرىگە ئاستا شىۋىرلايدۇ. يولنىڭ قاسنىقىدىكى مەغرۇر تۇرۇشقان قارا تېرەكلەرنىڭ ئاستىدىن ۋىلىقلاپ ئېقىۋاتقان شوخ تاغ سۇلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرى قەلبمىدىكى ھېلىقى دىلبەرنىڭ يېقىملىق شىۋىرلاشلىرىنى ئەسلىتىدۇ. مەن جىممىدە ماڭدىم. شۇ تاپتا مېنىڭ مەھەللەمدىمۇ مۇشۇنداق قارڭغۇ، تىمتاس كېچىلەر ھۆكۈم سۈرگەن. مەھەللە ئېتىلىزلىرى جىمجىت. بۇنداق كېچىلەردە, مەشۇقىنى سېغىنىپ تولغىنىپ ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىۋېتىدىغان يىگىتنىڭ ھەسرىتى بار. بۇنداق ھەسرەتلەنى مۇنۇ جىمجىت كېچە، سۈكۈتكە تولغان ئېتىزلارلا بىرىلىپ ئاڭلايدۇ. مەن ئىختىيارسىز ئۇھ تارتىپ قويدۇم. سەھرانىڭ ئادەمسىز كېچىلىرمۇ كىشىگە ھېسىيات، ھاياجان ۋە يەنە ئازاپ ھەدىيە قىلىدۇ. تەبىئەتنىڭ مۇشۇنداق غۇبارسىز مەنزىرلىرىدە كىشى نەسەۋەبتىن كۆڭلىگە پىراقتىن باشقا ھىچنىمە سالمىغان شۇ دىلبەرنى ئويلايدىكىن ؟ ئۈرۈمچىدە بۇنداق كېچىلەر رىۋايەتلەرگە، چۈشلەرگە ئايلىنىپ شەھەردىن قېچىپ كەتكەن، ئۈرۈمچىنىڭ بۇنداق مەنزىرلىرنى كۆرگەن چوڭلارمۇ ئاستا كېتىۋېلىشقان بولسا كېرەك. ھازىر ئۈرۈمچى كىشىلىرنىڭ قەلبىمۇ بۇنداق ھېسلارنى سەزمەس بولۇپ كەتكەندەك. بۇ يېزىنىڭ توپلۇق يوللىرىمۇ ماڭا پاكىزە بىلىندى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" y, ?& b, Z  G9 e
  سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتىم. قۇياش سەھەرلىك سالىمىنى بىرىپ بولغان، سەل نېرىراقتا ساھىبخان- كىچىككنىە ساقال قويىۋالغان ئۆي ئىگىسى كاتتا ئولتۇرپ قۇرئان ئوقۇۋېتىپتۇ، ئايالى بولسا ھويلا ئارامنى سۈپۈرۈش بىلەن ئالدىراش. سالام ساھەتتىن كىيىن مەن يولغا چىقتىم. بىز چۈشكەن بو ئۆي بۈك ئورمانلىق ئىچىدە ئىكەن. يوغان دەرۋازىنىڭ قېشىدىكى قېرى ئۈجمە دەرىخىدە قۇشقاچلارنىڭ ناۋاسى ئاللىبۇرۇن باشلانغان.  (داۋامى بار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14994
تۆھپە نۇمۇرى: 1840
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 11:03:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپاندا چۈشكەن سۆرەتلىرڭىزدىن بىرقانچىنى چاپلاپ قويسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتىكەن.

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 11:44:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋۋىتىڭىز خېلىلا كۈچلۈككەن. ياخشى يېزىپسىز.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 12:41:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن قەلەپ قۇۋۋىتىڭىز ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن.بەك ياخشى چىقىپتۇ.رەھمەت سىزگە.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 01:50:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ۋاھ. بىزنىڭ تۇرپاننى ئەجەپ ياخشى تەرىپلەپسىز . كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ....

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2596
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 06:55:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم  تۇلپارىڭىز ھارمىغاي .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 07:05:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turpan .JPG

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81938
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 07:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پوخۋاش  بىرە پاچە كاتتا رەسىملە بوسا يوللاقوماي!!!!! مايناق قىلىقلانى قۇقۇيسىز ئەمەسمۇ!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 07:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abduhalik uyguri.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94193
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 07:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنارنى قەشقەرلىك ئۇستا مىمار موللا ئىبراھىم دىگەن كىشى تۇرپان ئىنانچىخانى سۇلايمان ۋاڭنىڭ بۇيرىقى بويىچە سىلىپ چىقىپتىكەن ، قانچىنچى يىلى سىلىنغانلىقى ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ ، سىز  بۇلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ‹ پاكلىق مۇنارى › دىگەن تارىخى روماننى ئوقۇسىڭىز بىلەلەيسىز

ئى ئاللا ،دۇشمىنىمنىڭ قەسلىرىدىن ئادەملەرنىڭ پەسلىرىدىن يىراق قىلغايسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش