يالقۇنتاغدىكى رىشتە-راۋاپقا باغلانغان جان،بىزەكلىك مىڭ ئۆيدە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. E. k/ o2 k' r) `$ X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ m1 ~3 d( W1 N8 }+ \ E) X8 C«تۇيۇق غۇجام»دىن يېنىپ ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۆيدە مەزىلىك پىشقان گۆشنى خجىللىق ئىچىدە يەپ تۈگەتتۇق. ئۈلۈكلەر ئارىسدىن كەلگەن تىرىكلەر يەنە قورساقنىڭ غېمىنى تۇنجى بولۇپ قىلدۇق-دە، بىزەكلىك مىڭ ئۆيگە قاراپ ماڭدۇق. بۇ يەر توغرىسىدىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيمەن. كىچىك ۋاقتىمدا تەبىئەت كىتابتىنمۇ ياكى باشقا بىر كىتاپتىنمۇ، ئىشقىلىپ بىر كىتاپتىن بۇ يەرنىڭ چىرايلىق مەنزىرسىنى كۆرگەنمەن. مېنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر ئشى شۇ بولدىكى، تىجەشچان شوپۇرنىڭ ئېزىپ قېلىشى بىلەن بىزنىڭ يبېزەكلىككە بارىدىغان يوللىرىمىز ئۇزرىدى، شوپۇرمىز ئەسلىدىكى يولنى يىراق كۈرۈپ بىزنى يېقىن يول بىلەن ئېلىپ ماڭماقچى بولغان ئىكەن، ئەمما بىز ئېزىپ قېلىپ ئەسلىدىكى يولنى ئىككى، ئۈچ قاتلىۋەتتۇق. نىيەت دۇرۇس بولمىسا تەڭرىنىڭ جازاسى بەك يىراق ئەمەسكەن. ئېزىپ قېلشمۇ بەزىدە ياخشى ئىشلارغا سەۋەب بولىدىكەن. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە ئېزىپ قالغان يىتىملەر كۆپىنچىسى بىرەر غەزىنىگە ياكى بىرەر ئامەتكە يۇلۇقۇپ قالىدۇ. بىزمۇ بۈگۈنكى ئېزپ قېلىشتىن پايدا ئالدۇق. بىز پۈتكۈل سىڭگىم يېزىسىنى بىر ئايلىنىپ چىقتۇق، ماشنا تاغ باغرىدا سىلكىلىنىپ كىتىپ بارىدۇ، مەن پەستىكى بوستانلىق مەھەلىلەرگە تويماي قاراپ ئولتۇرىۋاتىمەن، بىز ماڭغان يول بىلەن مەھەللە ئوتتۇرسىدا بىز ئېقىننىڭ ئىزى خېلى روشەن كۈرۈنۈپ تۇراتتى. مەھەللە شۇ كونا ئېقىننىڭ يېنىدا سۇزۇلۇپ ياتىدۇ. يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى تاغ باغرىدا ئاندا-ساندا گۈمبەزلىك قەبرىلەر ئۇچراپ قالىدۇ. قەبرە ئۈستىدە، مەھەلە پەستە، ئارىلىق ئانچە يىراق ئەمەس، مەھەللە كىشىلىرى بۇ قەبرىلەرنى ھويلىسدا تۇرۇپمۇ كۈرەلىگىدەك ئىگىز. بىراق شەھەرلەردىكى قەبرىلەر تىرىكلەردىن ئايرىلغان، تىرىكلەرمۇ ئۈلۈكلەر ياتقان يەردىن ئايرىلغانسىرى، ئۆزىنىڭ تۇرىدىغان يېرىنىڭ ھەقىيقى ئورنىنى بارغانسىرى ئۇنتۇشقا باشلىغان. ھاياتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى مۇناسىۋىتىنى شەھەرلىك بولمىسىمۇ، يېزا كىشىلىرى ئۇنتۇپ قېلىشمىغان بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۈلۈكلەرمۇ تىرىكلەردىن ئايرىلسا غېرىپ بولۇپ قالىدۇ، خۇددى تىرىكلەر ئۈلۈكلەردىن ئايرىلىپ غېرىپ بولغىلىۋاتقانغا ئوخشاش. مەن شۇلارنى خىيال قىلغاچ مەھەللىگە قاراپ ماڭدىم، شوپۇرنىڭ ماشنىنىڭ گېزىنىڭ جىق تۈگەپ كەتكىنىگە ۋايساشلىرىمۇ، ماشنا دەرىسىدىن كىرىۋاتقان ئىىسق شامالمۇ مېنىڭ خىياللىرىمنى بۇزالمىدى. مەھەللە يېشىللىق، بىزنىڭ پاراسەتلىك خەلقىمىز بۇ قەدىمى ئېقىننىڭ بويىدا ئۆزىنىڭ سەلتەنىتى بىلەن تۇرمۇشىنى تەڭ قۇرىغان. دەريا بۇلارغا ياتلاردىن قالقان بولغان، تىرىكلەرگە ئابى ھايات بەرگەن. بۇگۈن بۇ يەردە دەريامۇ، سەلتەنەتمۇ يوق. سۇ بولمىغان يەردە ھاياتلىقمۇ مەۋجۇد ئەمەس. تۇرپاننىڭ ئوتتەك ئىسىقدا كۆكىرىپ تۇرغان بوستانلىقىدىمۇ ئاللاھنىڭ ھېكىمىتى بار. «باقى بوياقچىنىڭ بەندىسىمەن» دەپ يۈرگەن مەشرەپمۇ تالاي يۇرتلارنى كۈرۈپ ئەنە شۇنداق خىياللارغا كەلگەن بولسا كېرەك. بىز بېزەكلىككە كەلدۇق. بۇ يەردىمۇ ساياھەتچىلەر قايناپ كېتىپتۇ. بىراق بۇ يەردە تاۋاپچىلار يوق. كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدىكى يوغان مەيدانغا «غەرىبكە ساياھەت» فىلىمىدىكى تۆت راھىبنىڭ ھەيكىلى ياسىلىپتۇ ۋە ئاستىغا خەنزۇچە ؛ سۈرەت چۈشۈش ھەققى بەش يۇەن دېگەن خەت يېزىپ قۇيۇلۇپتۇ. سەل يىراقتا يوغان تۈگىلىرىنى يىتلىشىپ يۈرگەن تۇرپان يىگىتلىرنى كۈرۈپ قالدىم. بىچارە تۆگە تولىمۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئېزىلىپ ماڭدۇ، بەستىدىن قاۋۇللىقى چىقىپ تۇرىدىغان زەبەردەس تۇرپان يىگىتلىرى ساياھەتچى خەنزۇ ئاياللار مىنگەن تۈگىلەرنى يىتلىشىپ چۈشمەكتە ئىدى. بىز بۇ يەردىمۇ بىلەت سېتىۋالدۇق، مەن ئۈتۈنۈشنى خالىمىساممۇ بىراق كۆڭلۈمدىكى كىچىككىنە ئۈمۈد مېنى بىلەتچىگە گەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى، بىز يېرىم باھا ئېلىشنى دېدۇق، بىراق سەل قارامۇتۇق بۇ قىز بىزگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويماي؛ بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، بېرىپ باشلىقتىن سوراڭ، بىز دېگەن باشلىق نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىمىز- دېدى. نىمە قىل دېسە شۇنى قىلامسىلەر-دەپ سورىدىم پۇل ساناۋاتقان قىزغا قاراپ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ [9 w W: v$ {9 c2 r-ھەئە، نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىمىز-دېدى قايتىلاپ. مەن بىلەتنى ئالدىمدە تىزلا بۇ يەردىن ئايرىلدىم. چۈنكى بىلەتچى قىزنىڭ چىرايلىق ئېغىزىدىن بۇنىڭدىمۇ قورقۇنچلۇق گەپلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى پەملىدىم. نىمە دېسە شۇنى قىلىش ھېلىقى قىزنى پۇل ساناشتىن باشقا ئىشقا يارىماس قىلىپ قويغان. شۇ پۇل ساناشتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن قىز باشلىقى نىمە دېسە شۇنى قىلىدۇ، بۇمۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قىزدىن رەنجىيمۇ. قىز ئۈزىنىڭ پۇل سانايدىغان خىزمەتكە ئېرىشكەنلىگىدىن تولىمۇ خۇشالدۇر بەلكىم. چۈنكى ئارىمىزدا شۇنچىلىك ئىشمۇ تەگمەيۋاتقان تالاي قىزلىرىمىز بار...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; X& Z: X h+ N$ D) ~+ f$ [3 O2 qبىز تۇنجى ئىشىمىزنى سۈرەتكە چۈشۈشتىن باشلىدۇق. كۈيۈمچان ئاپامنىڭ ۋاپاتىنىمۇ ئىسىمدىن كۈتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان ۋاقىت، تۇرپان توغرىسىدىكى ئەسلىملىرىمنىمۇ ئۇنتۇلدۇرۋېتىشى تامامەن مۇمكىن. خۇددى قىز كۆڭلدىكى يىگىتنى ئۇنتۇلدۇرۋاتقاندەك. بۇ يەرنى نىمىشقا «مىڭ ئۆي» دەپ ئاتىشىدىكىن. ھەممە يەردە ساياھەتچىلەر، ھەممە يەردە شۇلار. پەقەت تۇيۇقنىڭ ھېلىقى غارىدىلا بۇلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ناۋادا ئۇلار كىرىپ غاردىكى ئاجايىپ ئەھۋاللارنى كۆرسە قانداق ئويلىشار بولغىيدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ C# ~# h9 i2 f, G% I' Sبېزەكلىكمۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر جاي ئىكەن. تاغنىڭ قاپتىلى يېشىل ئورمانلىق، مۇرتۇق تەرەپتىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار تاغ بويلاپ تېز-تېز ئاقىدۇ،« مىڭ ئۆي» دەپ ئاتالغان بۇ ئۆيلەر نەق تاغنىڭ ئوتتۇرسىغا ئۇيۇپ ياسالغان ئىكەن. مەن شۇ ئۆيلەردىن باشقا ھىچقانداق ئالاھىدە بىر نەرسىلەرنىڭ ئۇچراتمدىم. پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆينىڭ تۇرۇسلىرىغا بۇددا رەسىملىرى سىزلىغان ئىكەن. تاغدىن چۈشۈۋاتقىنىمدا يىراقتىن بىر راۋاپنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ئاڭلىغان ئىدىم. كۈي تاغ باغرىنى لەرزىگە سېلىپ تاغلارنىڭ قامىتىگە، يىراق ئېقىنلارغا، مەندەك ناتىۋان ئۇيغۇرنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىگە سىڭمەكتە ئىدى. ئەسلى راۋاپنى بىر بىۋاي چالغان ئىكەن. بوۋاي راۋبنى تولىمۇ مۇلۇق چالىدىكەن. تولۇقسىزدا راۋاپ چېلىشقا ھەپسىلەم بار ئىدى، كىيىنكى مەكتەپ ھاياتىم نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر قاتاردا ئۇنىمۇ ئۇنتۇلدۇرىۋەتتى، ساز چېلىشنىڭ ئورنىغا تىل ئۈگۈنۈش ئالماشتى، مەن باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۈگەندىميۇ راۋاپنىڭ تىلىنى ۋە ئۇ تىلغا سىڭگەن مۇڭلۇق بىر داستاننى ئۇنتۇپ كەتتىم.كۆڭلۈم يەنىلا راۋاپنىڭ تارىلىرىغا سىڭگەن، پەقەت كىشى قەلبى ھېس قىلالايدىغان بىر تىلنى چۈشىنىپ بېقىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. تاغ باغرىدا ئاڭلىغان مۇڭ كۈي قەلبىمدىكى سېغىنىشنى ئەۋجىگە چىقاردى-دە، مەن راۋاپنى ئېلىپ ئۈزۈمگە تۇنۇش بولغان كۈيگە تىرىڭشىتتىم. ئۈزۈم چالغان بۇ مۇزىكا مېنىڭ يۈرىكىمگە سىڭمەكتە ئىدى، چۈنكى شۇ تاپتا ئۈزۈم چالغان راۋاپنىڭ تىلىنى ئۈزۈمدىن باشقا ھېچكىم چۈشەنمەيتتى. چۈنكى مېنىڭ ھەسرىتىمنى ئۈزۈمدىن باشقا ھىچكىم ھېس قىلالمىغىنىدەك. شۇ ۋاقىتتا ئىككى خەنزۇ مېنىڭ ئارقامدا تۇرۇپ راۋاپ تۇتقان ھالتىم بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپتۇ، ئەسلى مېنىڭ باشقا بىر نەرسە تۇتۇپ سۈرەتكە چۈشكۈم بار ئىدى، ئۇلار مەندىن سوراپمۇ قويماي سۈرەتكە چۈشۈۋاپتۇ. مەنمۇ سەنئەتخۇمار مىللەتنىڭ پەرزەنتىلىك سالاھىتىم بىلەن بۇلارنىڭ سۈرىتى ئارىسدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىمەن-دە. بوۋاي ئۆزى بىلەن سۈرەتكە چۈشكەن ساياھەتچىلەردىن ئىش ھەققى ئۈچۈن ئىككى كوي ئالىدىكەن. دىمەك، بوۋاينىڭ قولىدىكى راۋاپ بولمىسا ھىچكىممۇ بوۋاي بىلەن سۈرەتكە چۈشمەيدۇ. بوۋايغا ھېسداشلىق قىلدىم. بوۋايغا ھېسدشلىق قىلشتىن باشقا يەنە نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن. مۇھتاجىلىق، غېرىبلىق، بىچارىلىك مۇنۇ قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ تاغ باغرىدىكى ئۈلگىسى بولغان بىزەكلىكتىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. مۇنۇ ساياھەتچىلەرنى شۇنچە مەھلىيا قىلىپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلتۈرگىدەك مەدەنىيەتنى ياراتقان ئەجدادلارنىڭ 21-ئەسىردىكى ۋارىسى، مانا بۈگۈن ئۆتكەن-كەچكەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۈزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ، ئىككى كوي ئۈچۈن سارغىيىۋاتقان ئىدى. بىز بۇ يەردىن قايتتۇق. تەسىراتلار تالاي، بىراق مېنىڭ خاتىرەمدە بەكرەك ساقلىنىپ قالغنى ھېلىقى راۋپچى بوۋاينىڭ چىرايلىق راۋابى ۋە بوۋاينىڭ ئاپتاپتا قارايغان مىسكىن تۇرقى...بىزدە بۇنداق بوۋايلار تالاي. خۇددى مۇشۇ مىسكىنلىك ئىچىدە تۇرپاننىڭ ئىشقىدا كۆيگەندەك كۈيىۋاتقان بىر يۈرەك بار ئىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: T' K! [( t+ [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 y( u' B8 ]3 P t/ R9 `5 C& E
سۈكۈتتىكى شەھەر-يارغول قەدىمى شەھرىدەبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 E8 N9 [* g }0 N1 Z. L2 s
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- {" g/ \ K) x0 M8 u9 Z
بىز تۇرپان شەھرى ئەتراپىدىكى يارغۇل قەدىمى شەھرىگە قاراپ ماڭدۇق. يارغولنىمۇ مەن كىتابلاردىن كۆرگەنمەن. بۇغدا ئابدۇللانىڭ «قەدىمى يارغۇلدا كەچكۈز» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسمى ماڭا گۈللەنگەن بىر سەلتەنەتلىك شەھەرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئىسىمگە سالغان ۋە ئېچىنىشلىق بىر شېئىردەك تۇيۇلغان ئىدى. بۈگۈن مەن شۇ يارغولنى كۆردۈم. بۇ يەدىمۇ ساياھەتچى، ساياھەتچى، ساياھەتچى. بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى تەگمىگەن يەرلىرى بولمىسا كېرەك. بىز 40يۇەنگە بىلەت ئېلىپ بۇ يەرگە كىردۇق. ئەجدادلىرىمىز بۇ يەرنى ۋارسلىرىمىز ھەق تۆلەپ كىرسۇن دەپ ياساتمىغان بولغىديى ھە قاچان. بۈگۈن بىزنىڭ پۇلىمىز بولمىغان بولسا بىز تارىختىكى سەلتەنەتلىك بىر شەھەرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى كۈرەلمىگەن بولاتتىۇق. ئىقتىسادى ئاساسى مۇستەھكەم بولمىغانلىق سەۋەبلىك ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقى بىلمەي يۈرۈشكە مەجبۇر بىز. بىز قەدىمى شەھەرنىڭ يېڭى دەرۋازىسى ئالدىدغا كەلدۇق. بىراق ئىشىك يوق. ئىشىكى يوق شەھەردە بىزگە ئوخشمايدىغان ساياھەتچىلەر بىمالال يۈرۈشمەكتە. ئىشىكى يوق ئۆيگە ھەممە ئادەم بېشىنى تىقىپ قاراپ باقىدۇ، كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئېلىپ، بولمىسا تاشلىىشپ كىتىشىدۇ، ئۇنداق ئۆي مانا مۇشۇ يارغول قەدىمىي شەھرىدەك مىسكىنلىشىپ قالىدۇ. بىز سەل ھاياجانلىنىپ دەرۋازىدىن كىردۇق. بۇنداق ئىگىز سېپىل بىلەن قورشالغان شەھەر تەبئىيلا ئۆتمۈشتىكى سەلتەنىتىمىزنى ئىسىمىزگە سالىدۇ، ئەنە شۇنداق ۋاقىتلاردا كىشى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۈمىدۇ، ئىپتىىارلانغۇدەك نەرسىلىرى يوق خەلق قېلىنلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئىپتىخارىغا شىرىك بولۇشقا ئورۇنۇپ كۆرىدۇ. بۇ شەھەرمۇ ئېقىننىڭ بويىغا بىنا قىلىنغان ئىكەن. مەن شەھەر ئۈستىدە تۇرۇپ كۈزۈم يەتكەن يەرلەرگە قارىدىم، كۈزۈم يەتمىگەن يەرلەرگە خىياللىرىم باردى. شەھەرنىڭ بىر تەرىپى غىچ تاغ، يەنە بىر تەرىپى بوستانلىق مەھەللە، مەھەللىنىڭ سەل نېرىسىدا تۇرپان شەھرى. بىز ئاستا كېتىۋاتىمىز. نە سەۋەبتىنكىن بۇ شەھەرگە كلېىپ سەل مىسكىنلىشىپ قالدىم. قورساقنىڭ ئاچلىقىمۇ ياكى روھنىڭ ئاچلىقىمۇ. ئىسىمگە كىتابلادىكى مۇشۇنداق شەھەرلەر ۋە شەھەرلەردىكى ئاۋات مەنزىرلەر كەلدى. بۇگۈن بۇ شەھەر سۈكۈتكە چۆمگەن. بۇ شەھەردە ياشىغان كىشلەرمۇ مۇنۇ شەھەرنىڭ توپىسى بىلەن قۇشۇلۇپ ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەن، قېنى بۇيەردىكى سەلتەنەت، قېنى بۇ يەردىكى ھۈكۈمرانلار. تارىخ ھاكىميەت بېشىدىكىلەرنىمۇ، ھاكىميەتكە مەھكۇم خەلقلەرنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالدى. ئۇلاردىن قالغىنى مۇنۇ مىسكىن شەھەر ۋە بۇ شەھەر توغرىسىدىكى ئاجايىپ ھېكايەتلەر، سەلتەنەت سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ مەغرۇرلىنىۋاتقان ھۈكۈدارلارغا مانا بۇ شەھەر قالتىس ئۈلگە. ۋاقىت-ئۇنداق شانۇ-شەۋكەتلىك سەلتەنەتنىمۇ بىتچىت قىلىۋېتەلەيدۇ. شەھەر خېلى مەزمۇت ساقلىنىپتۇ. يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا دۈمچەك قەبرىلەردەك بولۇپ قالغان بولۇپ قالغان ئۆيلەر ئولتۇرۇشقان.يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى شەھەرنىڭ سەلتەنىتىنى كۆكە سورىۋەتكەن، بۈگۈن بۇ شەھەرنىڭ شانلىق تارىخنى ئەسلىتىپ مۇنۇ قەدىمىي شەھەر كۆز ئالدىمدا سارغىيىپ كۈرۈنمەكتە. بۇ شەھەر ماڭا خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئىگىسىز موماينىڭ ئۆيلىرىنى ئەسلەتتى... بىز شەھەر خارابىسدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ ئۈچ ئاچا يولغا دۇچ كەلدۇق. يولنىڭ باشلىنىشى بىر خىل.بىراق بىز يىتىپ بارىدىغان مەنزىلدە پەرق بار ئىدى. مەن بۇرادىرىم ئابدۇغېنى بىلەن بۇ يولدا چاقچاق قىلىشتىم. بىز بۇ يولنىڭ بىرسىگە بارسا كەلمەس، يەنە بىرسىگە بارسا يا كىلەر يا كەلمەس، يەنە بىرىگە بارسا كەلمەس يوللار بىزگە قاراپ تۇراتتى. بۇ شەھەردە ئۆتكەن ھەممە خەلق بارسا كەلمەس يولنىڭ يولۇچىلىرى. ئەمەلىيەتتمۇ نۇرغۇن مەۋھۇم يوللار مەۋجۇد. بىراق بىز بۇ يوللاردا كېتىۋاتقىنىمزدا قايسى يولنىڭ بىزنى مەنزىلگە ساق-سالامەت يەتكۈدىغانلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلمەي ياشايمىز. پەقەت مەنزىلگە ئاز قالغان قانداق يولدا ماڭغانلىغىمىز ئاشكارا بولىدۇ –دە ئىسىت دەپ قالىمىز، مەن قايىسى يولدا مېڭىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتىمەن. ياراتقان ئاللاھ توغرا يولنى نىسىپ قىلسۇن. بىز ئىككىلىمىز بىر يولغا ماڭدۇق. ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يوللاردا بۇرادەرلەرنىڭ بىرگە ماڭغىنى ياخشىراق ئىدى. شۇنداق ماڭغىنىمزدا ئالدىمىزدا ئالاھىدە ياسالغان ۋە خېلى مۇكەممەل ساقلانغان بىر ئۆي كۈرۈندى. مەن بۇنى ئەينى دەۋىردىكى بىرەر ئوردىنىڭ ئىزىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق يېقىن بېرىپ قارىغاندا ئۇ ئەسلى بىر ئىبادەتخانا ئىكەن. بۇ ئەسلىدىكى ئىبادەتخانىمۇ ياكى كىيىن مۇشۇ دىننىڭ ئاشنالىرى تەرىپىدىن قايتا رىمۇنىت قىلىنغانمۇ بۇنى بىلمەك قىيىن. چۈنكى كىشىلەر ئۈزىنىڭ خۇي پەيلىگە قاراپ ھەرقانداق نەرسىلەرنى ياسايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنداق ئىشلار كۆپەيگنسىرى كىشىلەردە بىر نەرسىگە ئىشنىشمۇ قىينغا توختايدىكەن. ھاكىميەتنىڭ سىمۋۇلى بولغان ئوردىلاردىن ئەسەر قالماپتۇ، بىراق ئىتىقادنىڭ سىمۋۇلى سۈپىدە بۇ ئىبادەتخانا تېخچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. تەخمىنەن ئۈچ كىلومتىر كېلىدىغان بۇ قەدىمى شەھەر خارابىسىدا مەن زامانىۋى كىيىنگەن ئۈچ قىزنى كۈرۈپ ھەيران قالمىدىم. كۈنىمىزدە ھەرقانداق يەردە، ھەرخىل تەبىئەتلىك ئادەملەرنى ئۇچرىتىش كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدىغان بولۇپكەتتى. ئۇلار چىرايلىق مىللى كىيىملەرنى كىيىشىپتۇ، قوللىرىدا تۇتىۋالغان چىمەن دوپپىلرى شۇنچە چىرايلىق ئىكەن، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ساياھەتچىلەر بىلەن بىرگە سۈرەت چۈشىدىكەن، مېنىڭ ئېسىمگە ئافاق غۇجا مازىرىدىكى مىللىي كىيملىرىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن تۇرغان قىزلار، بىزەكلىكتىكى ھېلىقى راپچى بوۋي، چىرايلىق بادام دوپپا بىلەن چىرايلىق كەشتىلەنگەن كانۋوي كۈينەك كىيىپ تۈگە يىتلەپ كىتىۋاتقان تۇرپانلىق ئۇيغۇر ياشلار كەلدى. ئۇلار بەلكىم مۇنۇ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى بىرەر سورۇنغا ياكى كوچىلاردا كىيىشكە ھەرگىز رازى ئەمەس. پەقەت مۇھتاجلىق ئۇلارنى ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، يالغاندىن كۈلۈپ سۈرەت چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان. ئۇلار باشقىلارنىڭ مىللى كىيىملەرگە بولغان قىزقىشدىن ئۈنۈملىك پايدىلانغان. قارىغاندا مىللى كىيىملىرىمىزنىڭمۇ قىيامىتى يېقىنلىىشپ قالغان ئوخشايدۇ، چۈنكى ئىستىمالغىلا يارايدىغان بۇنداق كىيىم كېچەكنىڭ ھاياتى ئىستىماچىلارنىڭ تۇيۇنىشى بىلەن ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ. مۇئەللىم دەرس سۆزلىگەندە ماشنا بىلەن بىرگە مەيدانغا چىققان قىزلارنى ئىستىمالىزمنىڭ قۇربانلىرى دېگەن ئىدى. چېچىنى ياۋروپالىقلنىڭكىدەك بۇياپ ئولتۇرۇپ مىللى كىيىملەرنى كىيىۋالغان بۇ قىزلارمۇ ئىستىمالىزىمنىڭ قۇربانىمۇ. ئەرلەرنىڭ بوشاڭلىقىدىن قىزلار ئىستىمال بۇيۇمىغا ئايلانغان جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھالى مۇنۇ شەھەردەك بولىدۇ. ئىسلامى ھېكمەتلەردىن قىزلارنىڭ بويىغا يەتكەندىن كىيىن يات كۆزلەردىن پىنھان يۈرۈشكە بۇيرۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئاياللارنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلمەك قىيىن ئەمەس. بۇگۈن ئۇ تەڭشەك كىشىلەرگە رىۋايەتلەردەك بىلىنىدۇ. ئۇنى ھەقىقىيى رەۋىشتە چۈشىندىغانلار بولسا يىتىم ھالەتتە ھەسرەت چېكىدۇ. بەلكىم بۇ ئەقىدىدىكى مەسلىدۇر، ئۆز رىزقىنى بەندىدىن كۈتىدىغان، ئۆز تۇرمۇشىغا قانائەت قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى بۇنىڭ دەلىلىمىكىن دەيمەن. بولمىسا بۇ قىزلار ئون يۇەن ئۈچۈن بىز بىلەن بىرگە سۈرەت چۈشۈپ قويۇڭلار دېمەس بولغىيدى. بۇ يەردە ئىستىمالىزىمنى روشەن بولغان ئىككى خىل سېلىشتۇرمىسى. بىرى، زامانىۋى قاتناش قۇرالىنى ۋاستە قىلغان ئىستىمالىزىم، يەنە بىرى قەدىمىي مەدەنىيەتنى بىزەك قىلغان ئىستىمالىزىم. تېخمۇ كۈلكىلىك يېرى بۇ خۇش كەلدى جانانلار چاچلىرىنى زامانىۋى تۈستە قزىل، سېرىق بۇيىۋېلىشقان. بۇلارنىڭ ئۆزىنى بۇيىغاندىكى رەڭلىرى قەلبىدىكى سۈئىيلىكنى روشەنلەشتۈرۈپ قويغان. بۇ قىزلار بىزنى سۈرەتكە چۈشۈكە تەكلىپ قىلدى. بىز رەھمەت دېدۇق-دە كىتىپ قالدۇق. بۇ قىزلار بىر پىغاننى چىللاپ قويۇشتى. يەنە پىغان. چۈشەنگەنلەرگە ئېيتسىڭىز پىغان. چۈشىنىدىغانلارنىڭ چىقىشدىن نائۈمۈد ئەمەسمەن. بىز بۇ شەھەرنى ئۈچ سائەت ئايلاندۇق. ئۈچ سائەت بىلەن بىر شەھەرنىڭ خاربىسىنى ئايلىنىپ تۈگەتتۇق. بىراق شەھەر مەركىزىگە كۆرگەزمە قىىلىپ قۇيۇپ قۇيۇلغان بىر مەنچاناقنىڭ تارىخىنى بىلىش ئۈچۈنمۇ يىللار كېتەر. شەھەردىن يېنىۋاتقىنىمدا تاغ باغرىدا نۇرغۇنلىغان قەبرىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھېس قىلدىمكى بىز بارغان قەدىمىي جايلارنىڭ ھەممىسىدە قەبرىستانلىق تاغ باغرىغا، ئۈستىگىرەك جايلاشقان. شەھەر-تىرىكلەر سەل پەستە ياشايدىكەن. بەلكىم دەريا بويىدا ياشايدىغان خەلقلەر كەلكۈن ياكى باشقا ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەبرىلەرنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. ياكى بولمىسا بۇنىڭغا ھاياتلىق ۋە ئۈلۈم ھەققىدىكى، ئلۈمك ۋە تىرىكلىك ھەققدىكى بۈيۈك ئىدىئولوگىيەللەر سىڭىپ كەتكەندۇر. كۈنىمىزدە ئۈلۈكلەرنىڭ قىممىتى ۋە ئۈلۈمدىكى ھېكىمەت سۇس تەبەسسۇم ۋە رېستۇرانلاردا قىىمىتنى تاپىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۈلۈكلەرلا يۈرىگ سوقۇپ تۇرغان ھاياتلارنىڭمۇ تاغ باغرىدىكى ئۈلۈكچىلىك قەدرى بولمايۋاتقان بۇ كۈنلەردە روشەن ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 h/ ]* w2 C6 B3 X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% Z0 S, H( E% q2 D* Z1 n+ N/ ~4 Sخىياللىرىم تۇرپاندا قالدى-تۇرپاندىن يېنىش
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: f" M; q1 F. D' D
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. B/ r1 ?2 A& N, y2 h
تۇرپاندىكى ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت ئاخىرلاشتى. بىراق ساياھەت جەريانىدا ئاڭلىغان، كۆرگەن ئىشلار، ھاياجانلىق، ئىپتىخارلىق، ھەسرەتلىك خىياللار ئاخىرلاشمىدى. بۇنداق خىياللارنىڭ ئاخىرلاشقان كۈنى دەل مېنىڭ نەپسىمنىڭ توختىغان كۈنىدۇر. تۇرپاندا ئىزلىرىم، خىياللىرىم، ئارمانلىرىم قالدى. يەنە شۇنىڭدەك مەن بارمىغان ئىدقۇت شەھەر خارابىسى، كارىز،يەنە باشقا مەن كۆرمىگەن نۇرغۇن يەرلەر قالدى. مەن ئۇلارنى ئۈزۈم خالاپمۇ، يانچۇقنىڭ بوشلۇقى بىلەنمۇ، ۋاقىتنىڭ قىستىىشى ئىشقىلىپ بىر سەۋەبلەر بىلەن قالدۇرۇپ قويدۇم. چۈنكى ئىدىقۇد-تۇرپان شەھرىگە بولغان شىەيدالىق،ھۆرمەت ، ۋە يەنە تۇرپان شەھرىگە ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ئويلۇق بىر ھېس مەندە يېنىپ تۇرسۇن دېدىم. ھەممە نەرسە ئاشكارا بولسا ئىشقمۇ، مۇھەببەتمۇ پەسلەيدۇ. ئېچىلماستا بۇلبۇلنى شۇنچە شەيدا قىلغان گۈل ئېچىلىشى بىلەنلا قەدرىسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ. جاھاننىڭ سىرىنى بىلىپ كەتكەندە بۇ دۇنيا بىزگە ئۇنچىلىك گۈزەل تۇيۇلماس ئىدى. شۇڭا مەن تۇرپانغا بولغان ئىنتىلىشلىرىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم. چۈنكى مەن كۆرمىگەن يەرنىڭ تۇرپاندا بولىشى سەۋەبلىك تۇرپاننىڭ قەلبىمدىكى دىلبەردەك مەڭگۈ شۇنداق يېڭى تۇرىشىنى، مېنى ئۈزىگە تەقەززا قىلىشنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن. سىر ئاشكارا بولسا قىممەتسىز بولىدۇ. تۇرپاندىكى مەن كۆرمىگەن يەرلەر تېخى ئېچىلمىغان گۈل. مەن شۇ گۇلنىڭ شەيداسىمەن...بىز قايتتۇق. ماشنا ئۈرۈمچى تۇرپان يولىدا چاپماقتا. مەن تۇرپاننىڭ قارىسى يىتكۈچە قارىدىم. ئۇ يەردە نەمەت خەلپەت مېنى ئۇزۇتۇپ چىققاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. مەخسۇد مۇھىتىنىڭ گەۋدىسىز بېشى ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى، مەھمۇد مۇھىتىنىڭ پۈتمىگەن ئارزۇلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلىنىپ كەتتى. ئاشۇلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش نىيتىم بار ئىدى. بۇنىڭغا پۇرسەت بولمىدى. بىزنىڭ تالاي ياخشى نىيەتلىرىمىز ئىچىمىزدە قالىدۇ. خەيرىيەت، ئۇ ئىستەكلەرمۇ قەلبىمدىن ماكان تۇتتى. خۇجنىياز ھاجىنىڭ مۇشاۋۇرى بولغان نەمەت خەلپەتكە ھۆرمىتىم بار ئىدى. بۇ ھۆرمەت قەلبىمگە كۈمۈلدى، قەلبىمدە كۆكلىدى، باھار مەۋسۇمى قەلبىمنى گۈلزار قىلغان پەيتلەردە بۇ ئارمانلىرممۇ چېچەك ئاچقاي ئىلاھىم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 l/ u' V7 K2 T0 T9 P4 q' f
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, y; ^/ |, l* C t5 M5 j2013-يىل ماي ئۈرۈمچى، تۇرپان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 07:33 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 k1 k' j9 S! {1 s: f
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ M# i# f& J+ ^# o: H