مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1495|ئىنكاس: 1

قاباھەتكە تولغان كېچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزنى بىل ،ئۆزگىنى قوي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 742
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27422
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-30 01:58:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۇ يەنە چۈشىدىن چۈچۈپ  ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،ئۇنىڭ ئۈستى –بېشى چىلىق –چىلىق قارا تەرگە چۈمۈپ كەتكەنىدى،ئەتراپ تېخىچە تۈن پەردىسى ئىچىدە ئىدى.ئۇ بىر ھازا ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن

ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى،بىراق ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان بۇلۇپ،كۆز ئالدىغا كۆرگەن چۈشى يەنى ئاشۇ كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار كىلىۋالغانىدى.
ئاشۇ كۈنى ئۇ يېقىن دوستى شەھىدەنى ئېلىپ توي قىلماقچى بولغان يېگىتىنىڭ يۇرتىغا كەلدى،يىگىتى ئۈزىنىڭ بىر دوستىنى ئېلىۋالغان بۇلۇپ ،ئۇلار كاتتا بىر ئارامگاھنىڭ ئايرىمخانىسىدا سۇرۇن تۈزۈپ ئولتۇردى،قىزلار

سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ ھەرخىل سەيلەردىن ئالغاچ ئولتۇردى،ئوغۇللار بولسا ئاق ھاراق ئىچىشتى.
   -ئەلى ،بەك كۆپ ئىچىۋەتتىڭلار ،ئەمدى ئىچمەڭلار،بىزمۇ بۈگۈن كەلدۇق،ھەم تېخى ياتاققىمۇ ئۇرۇنلاشمىدۇق ،بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئالساق بۇلاتتى.
-رەنا ،مەن تۇرسام يەنە نىمىگە ئەنسىرەيسىز؟ياتاققا ئۈزۈم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيىمەن،-ئارىدىن بويلىرى ئىگىز ،ئۇرۇق ،قارا-قۇمچاق كەلگەن بىر يىگىت شۇنداق دىدى.
     -ئۇنداقتا ،يەنە بىر سائەتلا ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتايلى،بۇلامدۇ،-رەنا ئەلىگە يىلىنىش نەزىرى بىلەن قارىدى.
-بۇلىدۇ،گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن.
....
بىر سائەت دەپ نەچچىلىغان بىر سائەتلەر ئۈتۈپ كەتتى،ۋاقىت تۈن كېچە بولغاندا ئوغۇللارنىڭ ئىچىشۋازلىقى ئاخىرلاشتى،ئەلىگە قارىغاندا ئۇنىڭ دوستى ئابدۇقادىر بەكرەك مەست بۇلۇپ كەتكەنىدى،ئۇ ئۈزىنىڭ سىمىز

گەۋدىسىنى ئاران كۆتۈرۈپ ماڭاتتى،ئۇلار ئارامگاھنىڭ يېنىدىكى مىھمانخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
     -رەنا ،سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى،-ئەلى شۇنداق دەپلا رەنانىڭ قۇلىدىن تارتقىنىچە سەل نېرىغا ئاپاردى،-بۈگۈن بىرگە يېتىپ قالايلى ،ھامان ئاز كۈنگە قالماي توي قىلغاندىكىن ،دوستۇممۇ دوستىڭىز بىلەن

تۇنۇشۇۋالسۇن.....
-نىمە دەيسىز؟ئىككى ھەپتىدىن كىيىن توي قىلىمىز دەۋاتساق،بۇ ئىش تۈپەيلى ئارىمىزغا سوقۇچىلىق چۈشۈپ قالمىسۇن،ھەممە ئىش ئۆزۋاقتىدا بولغىنى ياخشى......
رەنانىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن ئەلى شۈك بۇلۇپ قالدى،تۆتەيلەن مىھمانخانىغا كىردى،ئابدۇقادىر مۇلازىم بىلەن ياتاق ھەققىنى سۆزلىشىپ بۇلۇپ ،رەنانىڭ ئۈزىمىز تۆلەيمىز دىگىنىگە ئۇنىماي ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ياتاق

ھەققىنى تاپشۇرىۋەتتى،ھەم تالۇننى يانچۇقىغا سالدى،تۇيۇقسىز رەنانىڭ يۈرىكى جايىدىن ئېغىپ كەتكەندەك بولدى،ئۇ ياتاق ھەققىنى ئابدۇقادىرنىڭ ئەمەس بەلكى،ئۈزى ياكى ئەلىنىڭ تۆلىشىنى ئۈمىت قىلغانىدى،بىراق ئىشلار

ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قالدى.
   ئوغۇللار قايتىپ كەتتى،قىزلار ياتاققا كىرىپلا يىشىنىپ ياتتى،ياتاق ئازادە ھەم پاكىز بۇلۇپ،يۇمشاق كارىۋات ئۇلارغا ناھايىتى خوشياقتى،سەپەر ھاردۇقى ھەم نەچچە سائەتلىك ئولتۇرۇش ئۇلارنى خېلىلا چارچاتقان

بۇلۇپ،ئۇلار يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى،رەنانىڭ كۆزلىرى ئەمدىلەتىن ئۇيقۇغا ئىلىنىۋىدى،تۇيۇقسىز ياتاق ئىشىكى ئۇرۇلدى.
     -شەھىدە ،شەھىدە ....تىز كۈزۈڭنى ئاچ ،ئىشىكنى بىر كىم ئۇرىۋاتىدۇ،-دىدى ئۇ ناھايىتى پەس ئاۋازدا .
شەھىدە ئۇيقۇلۇقتىن ناھايىتى تەستە كۆزلىرىنى ئېچىپ بېشىنى كۆتۈردى.   
    -يېرىم كېچىدە بىزنى ئۇخلىغىلى قويمىغان كىمدۇ بۇ؟،-شەھىدە ئۈزىچە غۇدۇڭشۇپ قويدى.
-ھۇش...ئاستىراق گەپ قىل ،مەن بېرىپ قاراپ باقاي،-رەنا شۇنداق دەپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىگىنىچە ئىشىك تۈۋىگە باردى.
  -كىم؟
  -مەن ئەلى،ئىشىكنى ئېچىڭ،سىزگە دەيدىغان گەپ بار.
   -نىمە گەپ بولسا ئەتە دىيىشەيلى،يېرىم كېچە بۇلۇپ قالدى،بىز ئارام ئالمىساق بولمايدۇ،ئەتە تېخى ئۈيىڭىزگە بارمىسام بولمايدۇ.
  -ئۆتۈنۈپ قالاي ،ئىشىكنى ئېچىڭ،راستىنى دىسەم ،سىزنى بەك سېغىندىم....
   -قايتىپ كىتىڭ ،مەن بەك ھېرىپ كەتتىم.
   .....
   -بولدى،قايتىپ كىتىڭ دىدىمغۇ؟،-رەنا جىلە بولغىنىدىن ئەلىگە ۋارقىرىدى.
   -بۇلىدۇ،مەن قايتىپ كىتىمەن،لىكىن مىنى بۇندىن كىيىن ئىزلەيمەن دىگۈچى بولماڭ.
   .....
   رەنا يىراقلاپ كىتىۋاتقان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىغاندىن كىيىنلا ئۆز ئورنىغا كىلىپ ياتتى،ئۇ ئۇخلاپ قالدى،ئۇخلاپ قالدىلا ئەمەس ،يامان چۈش كۆردى،چۈشىدە يوغان،قارا گەۋدە ئۇنى ئاسىغا بېسىۋالغان بۇلۇپ،رەنا ئاشۇ

قارا گەۋدىنىڭ ئاستىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كىتىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتاتتى،ئۇ تۇيۇقسىز چۈشىدىن چۈچۈپ كۆزلىرىنى ئاچتى، كۆزلىرىنى ئاچتىيۇ،ئۈزىگە ئىڭىشىپ قاراپ تۇرغان قارا گەۋدىنى كۈرۈپ چۈچۈپ كەتتى.
-ھۇش......قورقماڭ،بۇ مەن ،ئابدۇقادىر،ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ،ئىككىمىز مەن ئالغان ياتاققا چىقىپ پاراڭلىشىپ كىرەيلى.
-بۇ ياتاققا قانداق كىردىڭىز؟-رەنانىڭ قورققىنىدىن پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى.
   -ياتاق ھەققىنى مەن تۆلىگەن تۇرسام ،ھەم تالۇنمۇ مەندە تۇرسا،مۇلازىم ئەلۋەتتە ياتاقنى ئېچىپ بىرىدۇ،دە،-ئابدۇقادىر سەت ھىجىيىپ كۈلدى،ئۇنىڭ سىمىزلىكتىن ساڭگىلىغان قورسىقى رەنانى بېسىپ تۇراتتى.
     رەنا بولسا تۇنجى قېتىم ئۈزىنىڭ كىيىملىرىنى پۈتۈنلەي سېلىپ ياتقىنىغا پۇشايمان قىلدى.
-كەچۈرۈڭ ئابدۇقادىر،ھازىر يېرىم كېچە بۇلۇپ قالدى،ئەتە پاراڭلىشايلى بۇلامدۇ؟ئىشەنمىسىڭىز تىلىفۇن نۇمۇرۇمنى ئېيتىپ بىرەي،-رەنا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئابدۇقادىرنى ياتاقتىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن چىرايلىق گەپ-

سۆزلەرنى قىلدى.
-مەن چىدىمىدىم رەنا ،سىز بەكلا چىرايلىق ئىكەنسىز ،ئۆمرۈمدە سىزدە چىرايلىق قىزنى تۇنجى قېتىم كۈرۈشۈم ،سىزنى بىر كۈرۈپلا ياخشى كۈرۈپ قالدىم،ئەگەر مەندە پۇل دىسىڭىز مەندە بار ،قانچىلىك ئالىسىز؟
     رەنا ئىچ-ئىچىدىن خورلۇق ھىس قىلدى،لىكىن شۇنداق بولسىمۇ ،چاندۇرمىدى،ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى ئابدۇقادىرنى ياتاقتىن چىقىرۋېتىشتىلا قالغانىدى.
-ئۆتۈنۈپ قالاي،ھازىر مەن ئۇخلىۋالاي ،بۇ گەپلەرنى ئەتە دىيىشەيلى بۇلامدۇ،مەن ئەتە چۇقۇمسىزنى ئىزدەيمەن.
       شۇ ئارلىقتا شەھىدە نىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلىپ كەتتى،ھەم ئابدۇقادىرنى كۈرۈپلا ۋارقىراپ سۆزلەپ كەتتى.
     -ۋۇي غوجام ،يېرىم كېچىدە قىزلارنىڭ ياتىقىدا نىمە بار سىزگە ؟ئۈزىڭىزنى بىلىپ ئاستا چىقىپ كىتىڭ.
-نىمە دەيسەن قانجۇق ؟،-ئابدۇقادىر شۇنداق دەپلا شەھىدەنىڭ يېنىغا دىۋىنىپ باردى.
  -نىمە دەپتىمەن،سىنى چىقىپ كەت دەۋاتىمەن،-شەھىدەمۇ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدى.
  -يەنە بىر دىگىنىە؟
-سىنى چىقىپ كەت دىدىم،-شەھىدە قورقماي گىپىنى يەنە تەكرارلىدى.
  «چاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ شەھىدە ئارقىغا يېقىلىپ چۈشتى،شۇ ئارلىقتا رەنا تىزلىكتە مەيكىسىنى كىيىۋالدى،شىمىنىمۇ كىيىۋالماقچى بولغانىدى،ئۈلگۈرەلمەي قالدى،قاراپ تۇرۇپ شەھىدە ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىق

تېپىۋالدى،ئابدۇقادىر ۋەھشىلىشىپ ئىككىسىنى كارۋاتتىن سۆرەپ چۈشتى ھەمدە تەڭلا تىگىگە بېسىۋالدى.
   -ھە،قانجۇق ،رەسۋالار،ئەمدە ۋارقىرىشە ،مەن شۇنچە چىرايلىق گەپ قىلسام ،ماڭا ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ۋارقىرىشىسەنغۇ؟ئەمدى ۋارقىرىشە .
     ئۇلار ئابدۇقادىر بىلەن خېلى تىركىشىپ باقتى،بىراق ئۇلار نىمىلا دىگەن بىلەن قىزبالىدە ،كۈچى يەتمىدى،ئابدۇقادىر پۇتلىرى بىلەن شەھىدەنى بېسىۋېلىپ قوللىرى بىلەن رەنانىڭ كۇسىرىنى سالدۇرۇشقا

ئۇرۇندى،شەھىدە بۇنى كۈرۈپ ئۇنىڭ ،ۈرىسىنى قاتتىق چىشلىدى،ئابدۇقادىر ۋايجان دەپمۇ قويماي،رەنانى قۇيۇپ شەھىدەنى كۆتۈرگىنىچە كارۋاتقا ئېتىۋېتىپ ،رەنانىڭ چېچىدىن تۇتقان پېتى ياتاقتىن سۆرەپ چىقتى،رەنا

ئاغرىققا چىدىماي توۋلىۋەتتى،ئۇنىڭ چاچلىرى يۇلۇنۇشقا،پۈتۈن بەدىنىدىن ئوت چىقىشقا باشلىدى،ئابدۇقادىر رەنانى سۆرەپ ،ئىشىكى ئۇچۇق بىر ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قوللىرى بوشىشىپ كەتتى.
-بۇ ياتاققا بىرى كىرگەن ئوخشايدۇ،ئاۋۇ ئەلىنىڭ ئايىقى،-ئابدۇقادىر شۇنداق دەپ رەنانى قۇيىۋېىتىپ ياتاققا كىرىپ كەتتى.
رەنا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۈگۈرگەن پېتى ئۆزلىرى ياتقان ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلدى،ئۇنىڭ تەلىيىگە قارشى ياتاق ئىشىكى تاقاقلىق ئىدى،ئۇ تېخىمۇ جىددىلىشىپ جېنىنىڭ بارىچە ئىشىكنى ئۇرۇشقا باشلىدى.
       -شەھىدە ،ئىشىكنى ئاچ ،تىزبول ،مىنى قۇتقۇزىۋال.
      ئەتراپتىكى ياتاقلاردىن بىردىن-ئىككىدىن كىشىلەر ئىشكنى قىيا ئېچىپ قاراپ تۇراتتى.
     شەھىدە ئىشىكنى ئاچتى،ئۇ ياتاققا كىرىپ بولغۇچە ئابدۇقادىر يۈگۈرۈپ كىلىپ ئىشىكنى ئىتتىردى،رەنا بىلەن شەھىدە كۈچىنىڭ بېرىچە ئىشىكنى ئىتىۋالدى،بىراق ،ئۇلارنىڭ كۈچى يەتمىدى،ئابدۇقادىر ئىشىكنى ئىتتىرىپ

كىردى،ھەمدە ئىشىكنى ئىچىدىن مەھكەم تاقىدى.
     -ياخشىلىقچە ئىككىڭدىن بىرسىڭ مەن بىلەن ماڭ ،-ئابدۇقادىر ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپلا شۇنداق دىدى.
رەنا چاندۇرماي ،ئاستا كارۋاتتتا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان شەھىدەنىڭ يېنىغا باردى.
-تىلىفۇن ،110.....
   -نىمە دەپ كۇسۇرلىشىۋاتىسەن ؟قايسىڭ چىقىسەن؟
   رەنا شەھىدەگە تىلىفۇننى شەرەت قىلىپ قۇيۇپ،ئابدۇقادىرنىڭ يېنىغا كەلدى.
  -مەن چىقاي.
   رەنا مۇشۇنداق قىلسا ،شەھىدە بىرەرسىگە تىلىفۇن قىلالايتتى،بىرەرسى يىتىپ كەلگۈچە رەنا ئابدۇقادىرنى گەپكە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلىدى،ئۇ ئابدۇقادىر ئالغان ياتاقنىڭ ئالدىغا كىلىپ بولغۇچە كاللىىسىدا بىرلا ئۇقۇم

ئەكىس ئىتەتتى:«شەھىدە ،مىنى قۇتقۇزىۋال»
ياتاققا ئاۋال رەنا كىردى،ئۇ ياتاققا كىرىپلا كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇرغان قۇرۇق پىۋا بوتۇلكىلىرىنى كۈرۈپ،ئابدۇقادىرنىڭ ئىشىكنى تاقاۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ،بوتولكىدىن بىرنى قۇلىغا ئېلىپ ئارقىسىغا قىلىپ تۇتىۋالدى،ئابدۇقادىر

سەت ھىجىيىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى،كىلىپلا رەنانى بىلىدىن قۇچاغلاپ كارۋاتقا بېسىۋالدى.
   -ئابدۇقادىر توي قىلدىڭىزمۇ ؟،-رەنا ئۇنى گەپكە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلاپ شۇنداق دىدى.
   -توي قىلغان لىكىن ئاجرىشىپ كەتتىم،بۈگۈن سىزنى كۈرۈپلا ياخشى كۈرۈپ قالدىم ،-ئابدۇقادىر رەنانىڭ ئىرىگەنلىكىدىن خوشال بۇلۇپ شۇنداق دىدى.
  -ھە راست ،بايا ياتاقتا ئەلىنىڭ ئايىقى تۇرىدۇ دەيسىز .بۇ زادى قانداق گەپ ؟
   -ئەسلىدە ،سىلەر ياتاققا كىرىپ كەتكەندىن كىيىن بىز قايتماي بۇ ياتاقنى ئالغان ،كىيىن ئەلىگە نىمە بولدىكىن ،بىلمىدىم كىتىمەن دەپلا كىتىپ قالدى،لىكىن باياتىن بۇ ياتاقتا ئۇنىڭ ئايىقى تۇرىدۇ،بولدى،بولدى ،قۇرۇق گەپنى

قۇيايلى.
     ئابدۇقادىر كىيىملىرىنى پۈتۈنلەي سېلىۋەتتى،رەنا قۇلىدىكى پىۋا بوتولكىسىنى چىڭ سىقىمدىدى،شۇ ئارلىتا تۇيۇقسىز ياتاق ئىشىكى قاتتىق ئۇرۇلدى.
-كىم؟،-ئابدۇقادىر ئالمان-تالمان رەنانىڭ ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتتى.
رەنا«ئەلى»دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئىشىك تەرەپكە يۈگۈردى.
  -ئىشىكنى ئاچماي تۇرۇڭ ،مەن كىيىملىرىمنى كىيىۋالاي.
   رەنا ئابدۇقادىرنىڭ گەپلىرىگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويماي ياتاق ئىشىكىنى ئاچتى،ئىشىك ئالدىدا ئەلى بىلەن شەھىدە تۇراتتى،رەنا ئۈزىنى تۇتىۋالالماي ئۈزىنى ئەلىگە ئېتىپ يېغلىۋەتتى،ئەلى ياتاق ئىچىگە بۇيۇنداپ

قارىدى،ئابدۇقادىر كالتە ئىشتىنىنى كىيىشكە ئارانلا ئۈلگۈرگەنىدى.
   -مەن...مەن .....،-ئابدۇقادىرنىڭ بايىقى قورقۇنچلۇق ئەلپازى ئاللىقاياقلارغا يوقاپ كەتكەنىدى.
ئەلى رەنانىڭ ئۈستې-بېشىغا قارىدى،ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان،ئۈستى تەرىپىدە كىيىم بولغىنى بىلەن ،ئاستى تەرىپىدە كىچىك كۇسىرىدىن باشقا ھىچنىمە يوق ئىدى،پاچاق-بىلەكلىرىنىڭ تېرىسى سۇيۇلغان بۇلۇپ ،تەپچىرەپ

قان چىقىۋاتاتتى،ئەلى باشقا گەپ-سۆز قىلماي رەنانى يۆلىگىنىچەياتاققا ئېلىپ ماڭدى،ئۇلار ئۈچەيلەن قىزلار ياتقان ياتاققا كىردى،رەنامۇ شىمىنى كىيىۋالدى،ئۇ شۇ ۋاقىتتىلا پۈتۈن بەدىنىنىڭ كۈيۈشۈپ،ئېچىشىپ

ئاغرىۋاتقانلىقى سەزدى.
     -كەچۈرگىن ،ساڭا ياردەم قىلالمىدىم،-شەھىدە رەنانىڭ ئەپتىگە قاراپ بېشىنى تۆۋەن سالدى.
    -رەھمەت ساڭا،ماڭا چوڭ ياردەم قىلدىڭ،ئەگەر ئۇ مىنى ئاياغ-ئاستى قىلغان بولسا،نىمە بۇلۇپ كىتەر ئىدىم؟ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن،ئەلىنى چاقىرىپ ياخشى قىلدىڭ.
    -كەچۈر ،مەن ئەسلىدە ئەلىگە تىلىفۇن قىلمىغان،ئۇ ئۈزى......،-شەھىدە گىپىنىڭ ئاخرىنى چىقىرالماي دۇدۇقلاپ قالدى.
     رەنا ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك بىر شەھىدەگە ،بىر ئەلىگە قاراپ  قارىدى.
    -ئەلى ،بايا ئاۋۇ مەلئۇن سىزنىڭ ئايىقىڭىزنى بايىقى ياتاقتا كۈرۈپتۇ،بۇ زادى نىمە ئىش؟
   ......
    -مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن؟،-رەنا ئەلىنىڭ يەر تىگىدىن شەھىدەگە قارىشىدىن گۇمانلىنىپ قايتا-قايتا سورىدى.
    -مەن بىرىنچى قېتىم كىلىپ ياتاق ئىشىكىنى چەككىنىمدە سىز ئېچىپ بەرمىدىڭىز،مەن كىتەي دەپ مىھمانخانا ئالدىغا چىقىشىم ،ئابدۇقادىر كەلدى،ئۇ ئۈزىنىڭ مۇشۇ مىھمانخانىدا يېتىپ قالىدىغانلىقىنى ،مىنىڭ بىللە كىرىپ

ياتاق ئېلىپ بىرىشىمنى ئېيتتى ،مەن ئۇنىڭغا ياتاق ئېلىشىپ بىېرىپ،مىھمانخانىدىن چىقىپ ئۆينىڭ ئالدىغىچە باردىم ،لىكىن نىمىشقىكىن ،ئۆيگە كىرگۈم كەلمەي،يەنە مىھمانخانىغا كەلدىم ئابدۇقادىر ئالغان ياتاقنىڭ ئالدىغا

كەلسەم،ياتاق ئىشىكى ئۇچۇق تۇرىدۇ،لىكىن ئىچىدە ئادەم يوق ،مەن ئۇنى كىرىپ قالار دەپ ئويلاپ،ياتاققا كىرىپ ياتتىم،كىيىن كارىدوردىن سىزنىڭ ۋە ئابدۇقادىرنىڭ توۋلاشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ،ئىتتىكلا تازلىق ئۈيىگە كىرىپ

ئىچىدىن ئىشىكنى ئىتىۋالدىم.....
     -نىمىشقا؟زادى نىمىشقا ......،-رەنا ئەلىنىڭ گىپى تۈگىمەي تۇرۇپلا يېغلىۋەتتى.
    -كەچۈرۈڭ،مەن شۇ ۋاقىتتا پەقەت يېقىن دوستۇمنىڭ ماھىيىتىنى كۈرۈپ بېقىشنىلا ئويلاپتىمەن،كىيىن ئۇ مىنىڭ ئايىقىمنى كۈرۈپ قالغان چېغى،ياتاققا كىرىپ ياتاقنى بىر ئايلىنىۋېتىپ يەنە چىقىپ كەتتى،مەن دەرھاللا

تازلىق ئۈيىدىن چىقىپ ئايىقىمنى كىيىپلا بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ كەتتىم....
    -توۋا ،بۇ سىزمۇ؟ھەجەپ تۇنىيالماي قېلىۋاتىمەن ،بىرسى سىزنىڭ توي قىلماقچى بولغان بولغۇسى ئايالىڭىزنى بوزەك قىلىشقا ئۇرىنىۋاتسا ،سىز بەدەر تىكىۋەتسىڭىز...،-رەنا باشلىرىنى قاماللىغىنىچە ھۆركىرەپ

يېغلىۋەتتى.
   -كەچۈرۈڭ ،ئۇ ۋاقىىتا مىنىڭ ئەس-يادىم ئابدۇقادىردا قالغانىدى،ئۇ مىنىڭ شۇنداق يېقىن دوستۇم تۇرۇپ نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟مەن ھالقىلىق پەيتتىلا ئوتتۇرغا چىقىشنى ئولىغانىدىم.
   -كىيىنچۇ؟
   -ئارلىقتا نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ياتاقنىڭ يېنىغا كىلىپ ،ئىچىدىكى ئاۋازغا دىققەت قىلىپ باقاي دەپ ،قۇلىقىمنى ئىشىككە ياقسام ،پەقەت بىرسىنىڭ يېغلىغان ئاۋازىلا ئاڭلاندى،باشقا ئاۋاز ئاڭلانمىدى،مەن

ئىشىكنى چىكىپ كىردىم ،قارىسام شەھىدە كارۋاتتا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىنىچە يېغلاۋېتىپتۇ،سىزنى سورىسام ،ئابدۇقادىرنىڭ سىزنى ئۈزى ياتقان ياتاققا ئاچىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى،ئاندىن ئىككىمىز بىرگە چىقتۇق ،بولغان ئەھۋال

مۇشۇ.
    ئەلى سۈزىنى تۈگىتىپ رەناغا قارىدى،رەنانىڭ كۆز ياشلىرى يامغۇر كەبى تۈكۈلمەكتە ئىدى،ئۇلار ئوتتۇرىسىدا خېلى بىر ھازاغىچە جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈردى.
    -بىرىڭلار مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم تۇرۇپ نىمە قىلىشنى بىلمەي يېغلاپ ئولتۇرساڭلار،يەنە بىرىڭلار مىنىڭ بولغىسى ئىرىم تۇرۇپ تاماشا كۈرۈپ تۇرساڭلار .......سىلەردىكى ۋىجدان قەيەرگە كەتتى؟
     رەنا توختىماي سۆزلەيتتى،كۆزلىرىن بولسا ياش توختىماي تاراملاپ چۈشەتتى،ئەلى بىلەن شەھىدە بولسا رەناغا نىمە دىيىشنى بىلمەي سۈكۈتكە چۆمگەنىدى.
     ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۈتەتتى،ئۈچەيلەن ئۈن-تۈنسىز ھالدا ئولتۇرۇشاتتى،ۋاقىت ئۈتۈپ تاڭ سۈزۈلدى،ئۈچەيلەن مىھمانخانىدىن چىقتى،رەنا ئاقساپ دىگۈدەك تولىمۇ تەستە ماڭاتتى،ئەلى بىلەن شەھىدە ئۇنى يۆلەپ

مېڭىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ،ئۇنىڭغا ياندىشىپ كىتىۋاتاتتى.
     رەنا خىيالدىن باش كۆتۈردى،دېرىزىدىن كىرگەن سالقىن شامال ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىيپاپ ئۆتتى،ئۇ ئاستا سۇزۇلۇپ يېتىپ ئۆز-ئۈزىگە پىچىرلاپ قويدى:
     -خەير-خوش دوستلۇق،خەير-خوش مۇھەببەت!!!



2008-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى(خوتەن)
مەنبە: سەلكىن مۇنبىرىدىكى گۇلچۈشى0997 يازمىسى

دوستۇم ئېسڭىزدە بولسۇن ، سىز رىئاللىق دۇنياسىدا ......

ئاي-ئۈمىدۋار بول

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 17592
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3436 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-30 12:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەلكىن مۇنبىرىدىكى گۈل چۈشىنىڭ نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلىرى بار ئىدى...بۇ يەردە بۇ ئەسرىنى كۆرگۈنۈمدىن خوشالمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش