شىنجاڭ بىلەن غەربى شىمال ئېلىكتىر تورىنى تۇتاشتۇرىدىغان 2-لىنىيە پۇتۇپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى
شىنجاڭ بىلەن غەربى شىمال ئېلىكتىر تورىنى تۇتاشتۇرىدىغان 2-لىنىيە750مىڭ ۋولۇتلۇق توك يوللاش قۇرۇلۇشى 2013-يىل 6-ئاينىڭ27-كۇنى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئشقا كىرىشتۇرۇلدى. بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ پۇتۇپ ئىشقا كىرىتۇرۇلىشى “شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرىتقا يەتكۇزۇش” قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ 7پونكىت 12لىنىيەنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ،توك ئۆزگەرتىش سىغىمچانلقى 3مىليون 600مىڭ كىلوۋات.ئامپىر.قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەلەغ 9مىليارىت560مىليون يۇئەن،2012-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۇنى ئش باشلانغان،بۇ قۇرۇلۇش غەرىپتە قۇمۇلدىن باشلىنىپ دوڭخۇئاڭ ئارقىلىق شەرقتە چىڭخەينىڭ گېئرموغا تۇتىشىدۇ،ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 2158كىلومىتىر،بۇ لىنىيە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قۇمۇل،گەنسۇنىڭ جىئۇچۇئەن،چىڭخەينىڭ سەيدام رايۇنىلىرىدىكى كۆمۇر ئېنىرگىيەسى،شامال ئېنىرگىيەسى،قۇياش ئېنىرگىيەسى قاتارلىق ئېنىرگىيە مەبەلىرىنىڭ توكىنى سىرىتقا يوللايدىغان مۇھىم لىنىيە ھىساپلىنىدۇ.شۇنداقلا شىنجاڭ بىلەن غەربى شىمال ئېلىكتىر تورىنىڭ باغلىنىشىنى تېخىمۇ كۇچايتىپ ،شىنجاڭنىڭ غەربى شىمال غول ئېلىكتىر ئېلىكتىر تورىغا توك يوللاش ئقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېلىكتىر-ئېنىرگىيەسىنى ئېچىش،سىرىتقا يوللاش ،ئېنىرگىيە بايلغىنى ئىستىمال قىلىشنى ئىگىرى سۇرۇپ،“توۋەن كاربونلۇق،يېشىل ، مۇھىت ئاسرايدىغان” ئېلىكتىر تورى قۇرۇشتا ئۇلگۇلۇك رول ئوينايدۇ.شۇنىڭ ب تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ىلەن بىرگەچىڭىەي ئېلىكتىر تورىدا توك كەمچىل بولۇش ھالىتىنى پەسەيتىپ، سىەيدام ئايلانما ئىگىلىك ئختىزادى سىناق رايونىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ۋە شىزاڭغا تۇراقلىق توك بىلەن تەمىنلەش ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى يۇقۇرى كوتۇرۇپ،يەرلىكنىڭ ئىخىتىزادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنجاڭ بىلەن غەربى شىمال ئېلىكتىر ئېلىكتىر تورىنى تۇتاشتۇرىدىغان 2-لىنىيە750مىڭ ۋولۇتلۇق توك يوللاش قۇرۇلۇشى نوۋەتتە دۇنيا بويىچە سېلىنغان مەبلەغ كۆلىمى ئەڭ كۆپ،پەن-تەخنىكىلق يېڭىلىق ئەڭ كۆپ،قۇرۇلۇش مۇددىتى ئەڭ قىسقا بولغان 750مىڭ كىلوۋوتلۇق توك يوللاش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھىساپلىنىدۇ.بۇ قۇرۇلۇشىڭ مۇساپىسى ئۇزۇن،قىينلىق دەرىجىسى يۇقۇرى،لىنىيە مۇساپىسىنىڭ دېڭىز يۇزۇدىن ئگىزلىگى چوڭ،گىئوگىيەلىك يەر تۇزۇلىشى مۇرەككەپ،كېلىماتى ناچار،مەشغۇلات شارائىتى جاپالىق بولسىمۇ،قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار دۆلەت ئېلىكتىر تورى شىركىتى پارتىيە گۇرۇپپسىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن ،مەخسۇس قۇرۇلۇشقا قوماندانلىق قىلىش شىتابى قۇرۇپ،چوڭ گورۇھ ئەۋزەللىگىنى جارى قىلدۇرۇپ،يەرلىك پارتىيە-ھۆكۇمەتلەر بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇشنى كۇچەيتىپ ،پۇتۇن كۇچى بىلەن قۇرۇلۇش سۇرئىتىنى ئىلگىرى سۇردى.
قۇرۇلۇشقا قاتناشقان بارلىق قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارمۇ قۇم-بورانلىق كېلىمات شارائىتى،ئگىز تۇزلەڭلىكلەردىكى ئوكسىگېن كەم بولۇشتەك ناچار شارائىتلارنى يېڭىپ،پەقەت 13 ئاي ئىچىدە يۇقۇرى تەلەپ ، يۇقۇرى سۇپەت ئۆلچىمى بويىچە ،بىىخەتەر ئىچەنچلىك ،ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىزاتچىل،مۇھىت بىلەن دوستانە بولغان ،دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاراىدىكى بۇ ئېسىل قۇرۇلۇشنى غەلبىلىك تاماملىدى.
ئېلىكتىر تورىىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم مۇقىم قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن ،بۇ 2-لينىيە بىلەن تەڭلا ئىش باشلانغان تۇراقلىق 800مىڭ كىلوۋولىتلۇق ئالاھىدە يۇقۇرى بېسىملىق قۇمۇلدىن- جېڭجۇ غا تارتىلىدىلىغان توك لىنىيەسىمۇ جىددى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ،بۇ قۇرۇلۇش پۇتكەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرىتقا يەتكۇزۇش ئىقتىدارى 13مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ ،يقللىق توك يەتكۇزۇش مىقدارى 65مىليارىت كىلوۋات-سائەتكە يېتىپ،بۇ31مىليون توننا كۆمۇر ئنىرگىيەسىنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارىغا تەڭ كېلىدۇ، “شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرىتقا يەتكۇزۇش”تىن ئىبارەت بۇ بىر تۇرلا شىنخاڭ ئۇچۇن 30مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش پۇرسىتنى يارىتىپ بېرىپ،6مىليارىت يۇئەنگە يېقىن يېڭى ئختىزادى قىممەت يارىتىپ، ئختىزادى تەرەققىياتنى % 1
ئىلگىرى سۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئېنىرگىيە ئشلەپچىقىش قۇرۇلمىسىدىكى تۆۋەن قىممەتلىك خام ماتىريال بىلەن تەمىنلەش ھالىتىنى يۇقۇرى قىممەتلىك ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە يەتكۇزۇش ھالىتىگە ئۆزگەرتىپ ،ھەقىقى ھالدا شىنخاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىگىنى ئختىزادى ئەۋزەللىگكە ئايلاندۇرىدىغان يېڭىچە يۆلەش نوختىسىغا ئىگە قىلىدۇ.
11-بەش يىللىق پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ،شىنخاڭنىڭ جەمىيەت ئختىزادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنخاڭنىڭ توكىنى سىرىتقا يەتكۇزۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن ،دۆلەت ئېنىرگىيە شىركىتى شىنجاڭنىڭ غول ئېنىرگىيە تورىغا بولغان سېلىنما مەبلەغ مىقدارىنى كۆپەيتىپ،
2009يىلى 6مىليارىت 693مىليون يۇئەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭ بىلەن غەربى شىمال ئېلىكتىر تورىنى تۇتاشتۇرىدىغان 1-لىنىيە750مىڭ ۋولۇتلۇق توك يوللاش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان، 2010-يىل11 –ئاينىڭ3-كۇنى بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملىنىپ ئشقا كىرىشتۇرلۇپ، شىنجاڭ ئېلىكتىر تورىننىڭ يالغۇز يۇرۇشۇش ھالتىگە خاتىمە بەرگەن ئىدى.
ئىگەللىنشىچە،12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلى ئىچىدە، دۆلەت ئېنىرگىيە شىركىتى يەنە ،شىنخاڭنىڭ ئېلىكتىر تورىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن 13مىليارىت يۇئەن مەبلەغ سېلىپ،نوختىلىق ھالدا قۇمۇل-جېڭجو، قۇمۇل-چوڭچىڭ،جۇندوڭ-سىچۇئەن قاتارلىق 3ئالاھىدە يۇقۇرى بېسىملىق لىنىيەنى تاماملاپ ۋە شىنخاڭنىڭ مۇستەھكەم ئېلىتىر تورىنى قۇرۇپ چىقىپ،30مىليون كىلوۋات توك يوللاش ئىقتىدارىغا ئگەبولغان شىنخاڭنىڭ توكىنى سىرىتقا يەتكۇزۇش ئېلىكتىر تور سېستىمىسنى قۇرۇپ چىقىپ،ئېنىرگىيە مەنبەسىنى كەڭ دائىردە ئاكتىپلاشتۇرماقچىكەن.بۇ قۇرۇلۇش پۇتكەندىن كېيىن غەرىپتىكى چېگرا رايون بىلەن ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك رايونى ئارىسىدا “ئېلىكتىر-ئېنىرگىيە يىپەك يولى” ئۆزارا تۇتىشۇپ ،شىنجاڭنىڭ مول بولغان كۆمۇر ئېنىرگىيەسى،شامال ئېنىرگىيەسى ئچكىرى ئۆلكىلەرگە يەتكۇزۇلۇپ،“كۆمۇرنىڭ ئورنىنى توكقا ئالماشتۇرۇش،ماينىڭ ئورنىنى توكقا ئالماشتۇرۇش،تۇكنى يىراقتىن يۆتكەپ كېلىش ” ئشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.شىنجاڭنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرۇپ،توك چىقىرىشقا كېرەكلىك كۆمۇر توشۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىپ ،توك كەمچىل بولۇش ھالىتىنى پەسەيتىش بىلەن بىرگە “كۆمۇرنى ئاسماندا توشۇش،توكنى پۇتۇن مەملىكەتكە يەتكۇزۇش” تەك يېڭىچە ھالەتنى شەكىللەندۇرىدىكەن.
مەنبە:
نىڭيۈەن تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-29 03:23 AM