|
|
|
|
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزالار، تورداشلار:
« شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەسپىي ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تور بېكىتى بولۇپ،ئۇ( www.balhan.net ) تىكى بىر مەزگىللىك تەييارلىق ، سىناق ۋە تەڭشەشلەر نەتىجىسىدە مانا ھازىر ئۆز بوشلۇقىمىز، ئۆز نامىمىزدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بېكىتىمىز شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ تور ئارقىلىق سىرتقا يۈزلىنىدىغان سەھنىسى، يازغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان مەيدانى بولۇپ، ئۇ تېزلىق، يېڭىلىق ۋە پايدىلىنىشچانلىقتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرتكىلىك ۋە پىشاڭلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ دەپ قارايمىز.
بېكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەڭگۈلۈك ئادىرىسى : www.xjzjxh.com
بېكىتىمىز ئۇشبۇ نام بىلەن بوشلۇققا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى «بالخان» نامى ئىشلىتىلمەيدۇ. تورىمىزدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئەزالار، تورداشلارنىڭ بۇ خەۋەرنى ئۆزئارا بىر بىرىمىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نى باشقۇرۇش گۇرۇپىسى
2010-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
|
|
|
|
|
|