مەككە مۇكەررەم شەھىرى ۋە مۇقەددەس كەئبە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& ~7 P5 G2 N; o/ @/ v3 p! b
مەككە مۇكەررەمە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھسالام تۇغۇلغان جاي. ئۇ سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ 3-چوڭ شەھىرى بولۇپ ، ئاھالىسى 700مىڭ. مەككە -ئىسلام دىنىنىڭ 1- مۇقەددەس جايى. بۇ مۇقەددەس جاي پۈتۈن دۇنيادىكى 1مىلىيارتتىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىي مەركىزى. مۇسۇلمانلارغا شارائىتى يار بەرسە ئۆمىرىدە بىر قېتىم تاۋاپ قىلىشى پەرز قىلىپ بىكىتىلگەن ۋە مۇسۇلمانلار ھەر قېتىملىق نامىزىدا يۈز كەلتۈرىدىغان بەيتۇللاھ مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان.
مەككە شەھرىنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق ھەم .ئىسسىق بولۇپ، يامغۇر ناھايىتى ئاز ياغىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا 7-،8-ئايلاردىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 47 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىپ، يەر - جاھان قىززىپ كېتىدۇ. 9-ئايدىن 12-ئايغىچە ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. 1-، 2- ئاي مەزگىللىرىدە ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 15 سېلسىيە گىرادۇسقا چۇشىدۇ. مۇشۇ ئىككى ئاي ئىچىدە ئوتتۇرا دېڭىزدىن كېلىدىغان نەم ھاۋانىڭ تەسىرى بىلەن ئاز-تولا يامغۇرمۇ يېغىپ تۇرىدۇ. لىكىن يىللىق ھۆل-يىغىن مىقدارى 130مىللىلىتىردىن ئاشمايدۇ.
مەككە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە كۆلىمى 190مىڭ كۇۋادىرات مىتىر كېلىدىغان ئۈچ قەۋەتلىك مەشھۇر << مەسجىدى ھەرەم جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەسجىتتە بىرلا ۋاقىتتا 900مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ ھەم ھەج پائالىيتى ئېلىپ بارالايدۇ. مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئاستىغا پۈتۈنلەي مەرمەر تاش يېيىتىلغان، جامەنىڭ يەتتە جايىدا دۈشەنبىدىن- يەكشەنبىگىچە يەتتە كۈن سىمىۋۇل قىلىنغان ئەزان ئېيتىدىغان، ئىگىزلىگى 92مىتىر كېلىدەغان يەتتە مۇنار بار. مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنلۇقى 12.2 مىتىر، كەڭلىكى 10.2 مىتىر، ئىگىزلىكى 15 مىتىر بولغان كەئبە - << بەيتۇللاھ>> ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تاملىرى قوڭۇر كۈلرەڭ تاشتىن قوپۇرۇلغان، ئۇلى مەرمەر تاش بىلەن مۇستەھكەملەنگەن بولۇپ، سۈرلۈك ھەم ھەيۋەتلىك كۆرنىدۇ. ئۇنىڭ شەرق تەرەپتىكى قوش قاناتلىق ئىشىكى 286 كىلوگىرام ساپ ئالتۇن بىلەن نەپىس قىلىپ ياساپ چىقىلغان، بەيتۇللاھنىڭ ئۈستىگە <<قۇرئان كەرىم >> ئايەتلىرى كەشتىلەنگەن يىپەك يوپۇق يېپىلغان. يوپۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا 47 مىتىر ئۇزۇنلۇقتا، 95 سانتىمىتىر كەڭلىكتە، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن 120 كىلوگىرام كۆمۈش يىپ بىلەن <<قۇرئان كەرىم >> ئايەتلىرى كەشتىلەنگەن . يوپۇق يىلدا بىر قېتىم يەڭگۈشلىنىدۇ. كەئبىنىڭ ئىچىگە ئۈچ تال يوغان ياغاچ تۈۋرۈك ئورنىتىلغان. كەئبىنىڭ ئىچىمۇ يىلدا بىر قېتىم تازلىنىدۇ. كەئبىنىڭ شەرقى جەنۇب بۇرجىكىدە 1.5 مىتىر ئىگىزلىكتە بىر كۆمۈش رامكا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دىئامىتىرى 30 سانتىمىتىر كېلىدىغان بىر پارچە قارا تاش بار. مۇسۇلمانلار ئۇنى ئىبراھىم ئەلەيھسالامدىن قالغان <<مۇئەللەق تىلسىم تاش>> دەپ ئاتايدۇ. زەمزەم قۇدۇقىمۇ كەئبىنىڭ شەرقى جەنۇبى تەرىپىگە جايلاشقان.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىسلامىيەت قانۇنى بويىنچە غەيرى دىندىكىلەرنىڭ بۇ شەھەرگە كىرىشىنى مەنئى قىلغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 V+ I4 ]/ S* N1 n- ]$ W! N* L
مەنبە؛شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان <<سەئۇدى ئەرەبىستانى>> ناملىق كىتاپ ( دۇنياغا نەزەر مەجمۇئەسى )