مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5586|ئىنكاس: 0

3000 نەپەر ھۈكۈمەت خادىمى كوچا سۈپۈردى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86568
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 411
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-10-28
ئاخىرقى: 2014-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 01:12:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3000 نەپەر ھۈكۈمەت خادىمى كوچا سۈپۈردى،قېنى بۇنىڭغا چاۋاك نەگە كەتتى؟


7-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە،شەنشى رۇيچىڭ ناھىيە بازىرنىڭ دايۈ شەرقى كۇچىسىدا بىر تۈركۈم «ئالاھىدە مۇھىت قوغداش ئىشچىسى» پەيدا بولدى.ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى دوڭشۈگۇاڭ،مۇۋەققىيەت ھاكىم جىياگوپىڭنىڭ باشلامچىلىغىدا تۆت يۈرۈش بەنزە رەھبەرلىرى ۋە ئۈچمىڭدىن ئارتۇق پارتىيۋى كادىرلار كۇچىغا چىقىپ كۇچا سۈپۈردى.ئۇلار يەنە دەرەخلەرنى ئاقارتىش،ئەخلەت تېرىش،ئېلان تەشۋىقاتلىرىنى سۇيۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن يېرىم كۈن ئالدىراش بۇلدى.قارىماققا ئۇلار بۇ كەسپنىڭ ئەھلى بولمىسۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىغى ئاستىدا كۇچىلار ناھايىتى رەتلىك ۋە پاكىزە بۇلۇپ كەتتى. (شەنشى خەۋەر تورى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى)


شۇجى،ھاكىم باشچىلىغىدا 3600 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار تۇمۇز ئىسسىقتا كۇچىدا رەتلىك تىزىلىپ مۇھىت ئاسرىغۇچى بولدى،شەھەر ئاھالىلىرى بۇ پىدايىلارغا لۈڭگە،قايناق سۇ ئاپىرىپ بەردى،ئورۇندۇق ۋە تازلىق قۇراللىرىنى ئارىيەتكە بېرىپ تۇردى......ناۋادا خەۋەرگە ماسلاشتۇرۇپ سۆرەت قىستۇرۇلمىغان بولسا ، بۇنداق ھەيۋەت كۇچا سۈپۈرۈش پائالىيىتى كىشىنى چۇقۇم كىنو ئىشلەۋاتقان چېغى دىگەن ئويغا سېلىپ قۇياتتى.
بىر ناھىيە بازىرىدا توساتتىنلا 3000دىن ئارتۇق ھۈكۈمەت خادىمىنىڭ «مۇھىت قوغدىغۇچى» بۇلىۋېلىشى، يەنە كىلىپ ئادەم سانىنىڭ كۆپلىگى،سورۇننىڭ ھەيۋەتلىگىدە، بۇ تۈردىكى  رىكورتنى بۇزىشىدا  گەپ يوق ئىدى. ھەر بىر ئادەم بىر قېتىمدىن ئىڭىشىپ،بىر تال ئەخلەت تەرسە،بىر پارچىدىن ئېلان تەشۋىقاتىنى سويسا، بۇ كۆلىمى چەكلىك كۇچا پاكىز بولماي قالاتتىمۇ؟ بۇ يىللاردا ئەمەلدارلارنىڭ ياسالمىلىق ھۈنەرلىرى دىمىسىمۇ بەك كۆپ بوپ كەتتى .لېكىن بۇنداق 3000كىشىلىك قۇشۇننىڭ گۈلدۈرلەپ ھەيۋەت بىلەن كىلىپ ،چاقماقتەك غايىپ بۇلىدىغان كارامەتلىرى دىمىسىمۇ ئانچە كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايتتى.
بۇنداق ئىسسىقتا كۆرسۈتۈلگەن شەكىلۋازلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ،ئالقىش مەدھىيەلەر ئۇقۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئەكسىنچە تورداشلارنىڭ بەس مۇنازىرسىنى ئەۋجىگە چىقاردى. ئەمىلىيەتتە تورداشلار ئادەت خاراكتىرلىك «گۇمانخورلۇق كىسىلى» گە گىرىپتار بولغىنى يوق، بەلكى بەزى ئەمەلدارلار يامان كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان ئىدى. بىرىنچى، بۇنداق شەكىلى ياخشى ئىش قىلىشتا،رۇيچىڭ ناھىيىسى « شەھەرنى بىرلشىپ قۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان بۇلۇپ،ئېغىزىدا بۇ يۈز-ئابرۇي ئۈچۈن ئەمەس دىگەن بىلەن، ئەمما تورداشلار: بۇنى قانچە ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالا؟ھەپتىدە بىر قېتىم،ئايدا بىر قېتىم،يىلدا بىر قېتىممۇ؟ ئۇلار يەنە قانچە قېتىم كۇچىدا  مۇشۇنداق «ئىگىلەلە»؟ قانچىلىك ئۈنۈمى بۇلار؟ قاچانغىچە پاكىز بۇلار؟ دىگەندەك بىر قاتار سۇئاللارنى تىزىۋېتىشتى. ئىككىنچى،نۇرمالى ئىش بىجىرمەي،ياخشى ئىش قىلىش. 3000 كىشى قۇلىدىكى ئىشنى بىر چەتكە تاشلاپ قۇيۇپ، كوچا سۈپۈرسە، ئېيتىڭلارچۇ،ئاۋامنىڭ ئىشىنى كىم بىجىرىدۇ؟ئۈزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلماي كوچا سۈپۈرۈش، بۇ مۇۋاپىقمۇ؟ ئۈچىنجى، خەۋەر شەكىلدىكى ياخشى ئىش قىلغاندا، شەھەر خەلقى راستىنلا لۈڭگە،قايناقسۇ ئاپىرىپ بېرەرمۇ؟ بۇنىڭ ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇشىدا شەك يوك.  ئەگەر كىشىلەرنى گۇمانلاندۇرماي دىسە نىمىشقا دەم ئېلىش كۈنلىرى داۋراڭ سالماي قىلىشماي، كەينىگە مۇخپىرنى ئەگەشتۈرىۋېلىپ يۈرىدۇ؟
بۇنداق ئىشلار خەۋەر قىلىنىپ تارقىتىلغاندا،شەك شۈبىھسىزكى ئۇ شەكىلۋازلىق بۇلىدۇ.تور ئەھلىنىڭ گۇمانلىشى تەبىئى.ئاۋامنىڭ كۆڭلىدىكى تارازا سىزنىڭ خۇپسەنلىك قىلغان قىلمىغىنىڭزنى ناھايىتى لىللا ئۆلچەپ بېرەلەيدۇ. لوندۇن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىغى ۋېلىسپىتلىق ئىشقا بېرىپ كەلسە،نىيۇيۇرۇك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىغى مىتىروغا ياكى ئاممىۋى ئابتۇبۇسقا ئولتۇرسا نىمىشقا كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىمايدۇ؟چۈنكى ئۇلار ئۇنى ئىزچىللاشتۇرالىغان،ئۇدا ئۈزىنىڭ ھەركەت ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرالىغان.بىزنىڭ رەھبىرى كادىرلىرىمىزچۇ؟ ئۇلار پەقەت ئۈزىنى كۆپچىلىككە بىر قېتىم نامايەن قىلىۋالسىلا بولدى.يەنە بىر قېتىم كۈرۈيلى دىسەك ئەمدى يوق.
مۇخبىرنىڭ بۇ خەۋەرنى تارقىتىشى رەھبەرگە ياخشىچاق بۇلۇپ،ئاممىنىڭ بۇنىڭغا چاۋاك چېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى.ئەمما بۇ خىلدىكى ئىشلار ھەر قېتىمدا ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بوپ كەلدى.تور ئەھلىنىڭ گۇمانى ئەمىلىيەتتە بىر خىل ئارزۇ-ئىستەكنى ئىپادىلەيدۇ،يۇقۇرى قاتلام رەھبەرلەرنىڭ ئەمىلىيەتچىل بۇلۇشىنى، سىياسى نەتىنجە ۋە نام ئاتاقنىلا قوغلۇشۇپ ،خەلىقنىڭ ئىشەنچىسىدىن چۈشۈپ قالماسلىقنى ئۈمۈد قىلىدۇ. رۇيچىڭ ناھىيىسىنىڭ «شەھەرنى بىرلىشىپ قۇرۇش»نىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا،ئەمىلىيەتتە 3000مىڭ نەپەر ھۈكۈمەت خادىمى كەتمەيدۇ. پەقەت شۇجى،ھاكىم مۇھىت، سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرىنى باشلاپ ،ھەپتىدە بىر قېتىم كۇچىغا چىقىپ خىزمەت تەكشۈرسىلا كۇپايە. شۇجى،ھاكىمدىن قاپ يۈرەكلىك بىلەن سوراپ باقاي:بۇنى قىلالاملا؟ ناۋادا بۇنى قىلالىسىلا خەۋەر قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىلىمۇ ،خەلىقنىڭ چاۋاكلىرى سىلى ئۈچۈن جاراڭلاۋېرىدۇ.
مەنبە:سۇمرۇغ تورى.
http://tj.ifeng.com/news/detail_2013_07/22/1019686_0.shtml


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yusuf5126212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-30 01:19 AM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kumkazi + 10 قىخىق ، تۈفى مىسرانىم .
yusup823 + 10 ئىسىت باغداش
nazigul8 + 10 نىمىشقا تاقالدى؟؟
lawa0998 + 10 توخۇدەك100يىل ياشا.
anatil001 + 10 مىسرانىم تۈگىشىپتۇ با.
1miskal + 10 توۋا مۇشۇ تىمىنىمۇ تا.
شاتيار + 10 بۇ تاقايدىغان تىما ئە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 70   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش