مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8082|ئىنكاس: 0

كورىيە:جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىغى كورىيەگە يەتمەيدۇ  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86568
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 411
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-10-28
ئاخىرقى: 2014-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 12:53:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كورىيە:جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىغى كورىيەگە يەتمەيدۇ 001fd04998b30cae2db317.jpg

0529-100547_4692_013.jpg
900x600_73AE33DH00AQ0001[1].jpg
01669102.jpg

       يېقىنداكورىيە تور بىتى «كورىيە تارىخى›› دا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە جۇڭگو-كورىيەقۇرۇقلۇق ئارميىسىنىڭ جەڭگىۋارلىغى توغرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.ماقالىدامۇنداق كۆرسىتىلىدۇ: گەرچە جۇڭگو-كورىيە خېلى يىللاردىن بۇيان ئەمىلى ئۇرۇشنى باشتىن ئۈتكۈزمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كورىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىغى، بۇلۇپمۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى جۇڭگۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىن خېلى مول بۇلۇپ،ئاساسلىق سەۋەپ بولسا ئامېركا ئارمىيىسىنىڭ ئەمىلى ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسىنى قۇبۇل قىلغان.

       ماقالىدامۇنۇلار كورسىتىلدى: جۇڭگو-كورىيە ئۇزاق تارىخقا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەنئەنىسىگەئىگە.ئىككى دۆلەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپلا ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى ھەر تەرەپتىن تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۇشكە ئەھمىيەت بەرگەن بۇلۇپ،ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەمما كورىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بەزى جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلىگىگە جۇڭگو ئارمىيىسى ئۈزىنى سېلىشتۇرۇلمايدۇ.

         بىرىنجىدىن:ئىككى دۆلەت ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىغى ئىككى تەرەپ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئوتتۇرىدىكى پەرقنى روشەنلەشتۈردى.كورىيەنىڭ خەلقئارالىق مۇھىتى جۇڭگۇدەك ئەۋزەل ئۇرۇندائەمەس. ئەتراپىدىكى بىرەر دۆلەتنىمۇ كورىيەنىڭ ياخشى دوستى دىيىشكە بولمايدۇ. شۇڭا كورىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشى بىر خىل جىددى كەيپىياتتا ئۆتمەكتە،ھەربى قۇشۇنمۇشۇنداق.بۇ دەل ناۋادا ئۇرۇشقا يۈزلەنگەندە،كورىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى تىز سۈرئەتتەجۇڭگودىن ئاۋال ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ بۇلالايدىغانلىغىنى، ھەم نۇرغۇن جەھەتتەئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىغىنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ.

      ئىككىنىجىدىن،كورىيەنىڭ قۇرال-ياراقلىرى جۇڭگونىڭكىدىن سەرخىل.ماقالىدا مۇنداق دىيىلدى:بىر دۆلەتنىڭ قۇرال-ياراقلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا پۈتۈنلەي ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقارغانلىرىغا تايانسا بولمايدۇ، چەتئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى قۇبۇل قىلىش،ئۆزدۆلىتنىڭ قۇرال-ياراق ياساش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى پايدىلىق. گەرچەجۇڭگۇ-كورىيە ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا  بۇ يولدا ماڭغان بولسىمۇ، ناھايىتى رۇشەنكى, جۇڭگوغا قارىغاندا كۇرىيە چەتئەلنىڭ ئىلغارتېخنىكىسىغا ئوڭايلا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇمۇ كورىيەنىڭ مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئىلغارتېخنىكا ئەۋزەللىگىگە ئىگە بولغانلىغىنى،ھەمدە بۇ ئەۋزەللىك كىيىنكى مۈمكىنچىلىگى بولغان ئۇرۇشلاردا ئۆز رۇلىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ بېرەلەيدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      ئۈچىنجىدىن،كورىيەقۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ھەقىقى ئۇرۇش تەجرىبىسى جۇڭگوغا قارىغاندا مول. ئارمىيەنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ئەمەسلىگىنى بىكىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسا ئارمىيەنىڭ ئاڭ ساپاسى،ئۇچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا «ھەقىقى ئۇرۇش تەجرىبىسى». ھەقىقى ئۇرۇشتەجرىبىسىنىڭ ئاز كۆپلىگى ئۇرۇش نەتىنجىسىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىغىنى بىكىتىدىغانلىغىغا ئائىت مىساللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئوخشاشلا ئۇزاق مەزگىلدە كەڭ كۈلەمدە ئۇرۇش تارىخىنى باشتىن ئۆتكۈزمىگەن ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە نىسبەتەن، ھەقىقى ئۇرۇش تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىگى بولسا ئورتاق مەسلە.ئەمما كورىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئارتۇقچىلىغى بولسا ئامېركا ئارمىيىسى ياكى مۇشۇ يېقىندا ئەمىلى ئۇرۇش قىلىشنى ئۈگىنىۋاتقان باشقا دۆلەت ئارمىيىسىدىن ئەمىلى ئۇرۇش قىلىشنى ئۈگىنىۋاتقانلىقتۇر. بۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۈزىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى دىيىشكە بۇلىدۇ.گەرچە جۇڭگومۇ مۇشۇنداق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ،لېكىن كۆپچىلىككە ئايان بولغان ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى ئۈنىمى دىگەندەك بولمايۋاتىدۇ.

       ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دىيىلدى:يۇقارقى ئۈچ نۇقتىدىن شۇنى كۇرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، ناۋادا ئارمىيەنىڭ سانى نەزەردىن ساقىت قىلىنسا، كورىيە ئارمىيىسى ھەرجەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھىچ بولمىسا جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ، ھەمدەنۇرغۇن جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.

مەنبە:سۇمرۇغتورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yusuf5126212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 01:01 AM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
doppiqe + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
altun + 10 بۇ تىمىنىڭ نەرى تاقاش.
riallik + 10 بۇ بىر ھەقىقەت
سائەت + 10 تېما ماڭا بەك يارىدى
salam0098 + 10 ئچى پۇشسىمۇ تېما تاقا.
ANWAR425 + 10 تاقىمىسا ھۇزۇرلىنىپ ئ.
jangqi + 10 تاقىمىساڭلا بۇلاتتى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 70   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش