مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5877|ئىنكاس: 67

ئەخلاقنىڭ قۇدرىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 01:01:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |





<<مانا ئەخلاق دىگەن>>




ئەخلاق ئەزەلدىن تارتىپلا ئىنسانىيەت جەمىيتىنىڭ ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۇچۇن خىزمەت قىلىپ كەلدى. نۆۋەتتە مەملىكەت مىقياسىدا قانات يايدۇرۇلۋاتقان<<سەككىز شەرەپ،سەككىز نومۇس>>چاقىرقىمۇ دەل كىشلەرنى ئەخلاققا ئۇندەش،ماددي مەئىشەرنىڭ سېھرى كۇچىدە يوقلىشقا يۇزلەنگەن ئىنسانىي تۇيغۇلارنى قايتىدىن نۇرلاندۇرۇش مەقسىتىىدە ئوتتۇرغا قويۇلدى .
نىمە ئۇچۇن ئاشۇ قىيىنچىلىق يىللاردا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، كىشلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرشىكەن لېي فىڭ بۈگۈنكى كۇندە بەزى كىشلەرنىڭ مەسخىرە ئوبىكتۋى بولۇپ قالىدۇ؟ ياخشى ئىش قىلغانلار نىمە ئۇچۇن <<ۋاي ھايات،لېي فىڭ >>بولۇپ مازاق قىلنىدۇ؟ بۇ دەل كىشلەردىكى ئەخلاق قارشىنىڭ سۇسلىشىپ كېتۋاتقانلىقى ئىپادىسى ئەلۋەتتە......

مۇنداق ئىككى كۆرۇنۇشنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
كوچىدا ئىنتايىن پۇزۇر كىيىنگەن بىر جۇپ ياش قىز-يىگىت سېغىزىنى قارسىلدىتىپ چايناپ كىتۋاتىدۇ. ئۇلار بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن گېلىنى قىرىپ ئەينەكتەك پارقىراق چاقچۇقلارغا تۇكۇرۇپ ئۆتۇپ كەتتى، دەل شۇ يەردە بەزىلەر ئېسل پىكاپلىرنى پىيادىلەر يولى ۋە چىملىقلارغا توختىتىۋالدى.
ئوخشاش ماكان، ئوخشاش زاماندا باشقا بىر جايدا ياشاۋاتقان، پاكىز قېرىغان بىر بوۋاي يەرگە چۇشۇپ قالغان نان ئۇۋقىنى تەرمەكتە....يولدىكى خىش پارچىسنى بىر چەتكە ئېلىۋەتمەكتە..بىر ئوقۇغۇچى ئاپتوبوستا بىر مومايغا ئورۇن بوشاتتى......................
بۇ ئىككى كۆرنۇشنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا كىشلەرنىڭ ئەخلاق ساپاسىدىكى پەرىقنى كۆرۋالغىلى ،شۇنداقلا ئەخلاقنىڭ ماددىي مەنپەئەت بىلەن مۇتلەق ئوڭ تاناسىپ بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ كىيىم كىيشنى بىلگەنلىكى دەل ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرشىنىڭ مۇقەددىمسى ھېسابلىنىدۇ.
ئەخلاقىي ساپانى دەرسلىك كىتابلار ئارقىلىقلا ھازىرلىغىلى بولمايدۇ.ئۇ شۇ كىشىنىڭ ئائىلە تەبىيسى،جەمئىيەت تەربىيسى،كەچۈرمىشلىرى،ئىتقادى، تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ.
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ماددىي شارائىت شۇ قەدەر تەل بولغان بۈگۈنكى كۈندە كىشلەرنىڭ ئەخلاق ساپاسى، ئەڭ مۇھىمى شەرەپ ۋە نومۇس قارشىى تۆۋەنلەپ كەتتى؟ ھەتتا يېقىن قېرىنداشلارغا ئارا مەنپەئەت ئۈچۈن بىر-بىردىن كىچشىدىغان،ئاتا-ئانىدىن جۇدا بولدىغان،قەدىناس ئاغىنىسگە قارا سانايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇىدىغان بولۇپ قالدى؟ قانۇننىڭ شۇنچە كۇچلۇك ھەيۋېسى،شۇنچە تىزگىنلەش كۇچى بار تۇرۇپ،جىنايەت ئۆتكۈزۇش يېشىنىڭ كىچىكلىشى،نىكاھسىز ھامىلدار بولۇپ قېلش قاتارلىق ئىجتىمائي مەسىلىلەر جەمئىيىنىڭ باش ئاغرىقىىغا ئايلانىدۇ؟بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلىمۇ؟
بىر ماتىريالدىن كۆرۇشىمچە،مەلۇم بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئەخلاق سۇپىتىنى باھالاش ئۇچۇن بىر قانچە شەھەردە كىشلەرنىڭ تېپىۋالغان نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن. تەكشۇرۇش نەتىجىسدىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭلا تېپىۋالغان نەرسىلەرنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەگەنلىكى مەلۇم بولغان.
ئەخلاق ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقتىنى ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن.بىراق كىشلەر ماددىي تەرەققىياتتا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بۇگۈنكى كۈندىكى تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان ئە
خلاق سۇپىتى پاجئەسى رىئاللىققا كەسكىن سوئال قويماقتا.ئاتا-بالىلىق پەردىشەپنىڭ بۇزۇلۇشى،ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق رىشتىسنىڭ سۇسلىشىشى،روھىيتىمىزنى چۇشۇرمەكتە،ئىلگىرى بىز يىرگەنگەن غەرىب جەمئىيتنىڭ چاكنا كۆرنۇشلىرى،كارتىنلار ئەتراپىمىزدىلا كۆزىمىزگە قادىلىپ تۇرماقتا.كىشلەر لىۋىنسكىي سەتچىلكىگە شۇنچە قىزقتىكى،ئەتراپىدىكى لىۋىنسكىي سەتچىلكىدىن قېلىشمايدىغان سەتچىلىكلەرنى ئۇنتۇپ قالدى.
تېخى يېقىندىلا بىر تونۇشۇم نۇرغۇن پۇل تېپىۋېلىپ ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى،بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپىچىسى ئۇنىڭغا <<ئەخمەق>> ناملىق مەسىىخىرە سۆزنى ھەدھيە قىلىشتى. دىمەك،ۋىجدان بۇيرۇقى بىلەن ئىش كۆرگەن بۇ يىگىت باشقىلار نەزىرىدە ئەخمەقكەن،ئىشنىڭ ئېپىنى بىلمەيدىغان بايقۇشقا ئايلانىدى.مەن بۇ يىگىتنى تەرىپلەپ ئېيىتىلغان <<توغرا ئىش قىلىپتۇ،ئوغۇل بالىكەن>> دىگەن بىر ئېغىز گەپنى ئاڭلاشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم.بىراق............
كوچىدا كىتۋاتاتتىم،ئىككى چوكاننىڭ بىرى يەنە بىرنىڭ تۆت-بەش ياشلار چامسىدىكى بالسىغا:
<<ئەمدى ئانىڭىزنى رىستۇرانغا ئاپرىپ،تانسا-ئۇسۇل ئوينىتىپ،ئەر تېپىپ بېرىمىز>>دەپ تېرىكتۇرۇشكە باشلىدى.بالا بۇ بىزەپ چاقچاقنى راسىت دەپ چۇشىۋالغانمۇ،يىغلاشقا باشلىدى.
بۇلاق سۈيى لايلاشماقتا.گۈل بەرگىگە چىۋىن قونماقتا........
مۇشۇنداق ساپاسىز مۇھىتتا تەربىيلىنىدىغان بالىلارنىڭ كىلەچكى كىشنى ۋەھىمىگە سالماي قالمايتتى.
نەچچە يىلنىڭ ئالىدىدا ئوقۇچىلار مەكتەپتىن قايىتسا ئوغۇللار بىلەن ئوغۇللار،قىزلاربىلەن قىزلارنىڭ پاراڭلىشىپ كىتۋاتقانلىقىنى كۆرەگىلى بولاتتى.ئۇلار چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئۆتكەندە يۈزلىرى ھايادىن قىزرىپ كېتەتتى.ھازىر بىر قىز بىلەن بىرئوغۇل ئوقۇغۇچى بىرگە ماڭمىسا كۆڭلى ئۇنمايدىغان بولدى. تەڭرىتاغ جەنۇبىي يولىدا كۈندە كەچقۇرۇن بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەينى يىللاردىكى كىر قونمىغان ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى سېغىنىپ قالىمەن....

بىر كۈنى بىر تونۇشۇمدىن بىر گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن ياقامنى تۇتۇپلا قالدىم.خېلىلا مەلۇماتلىق بىر قىز بىلەن بىر يىگىتنىڭ تويى بوپتۇ.توي كۇنى ئاخشىمى يەڭگە قائىدە بويىچە قىزغا زۆرۈر قائىدىلەرنى ئۈگتىشكە باشلىغانىكەن.ھېلقى قىز: <<بولدى،بۇلارنى سۆزلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ،بىز ئۇ ئىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بولغان>> دەپتىكەن،يەڭگىلەر نۇمۇستىن كىرگىلى يەر تاپالماي قاپتۇ.
بۇنڭدىن سەل بۇرۇن ئىككى بوۋاينىڭ يېزلىق ھۆكۈمەتكە كىلىپ،ئوغۇللىرنىڭ ئۆزلىرنى دائىم ئۇردىغانلىقنى ئاڭلىغانىدىم.
ھەرقانداق دۆلەتنىڭ چىگرسى بولغاندەك ئەركىنلىكنىڭمۇ چىگرسى بار.جىنسى ئەركىنلىك ۋە زەھەر ئەۋج ئېلىپ كىتۋاتقان جەمىيتكە تەقدىر ئەيدىزنى ئىلتىپات قىلدى.ماتىريالدا دىيلىشچە،غۇلجىدا ئەيدىز ھامىلدار ئاياللار ۋە بوۋاقلارغا يامراشقا باشلىغان. بۇنىڭ يىلتىزىنى ئىزدىسەك،يەنىلا ئەخلاققا تاقلىدۇ.
سىز ئەرئىكەنسىز،ئايالىڭىزنىڭ مەنۋىي ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ.ئەرنىڭ ئەركەكلىكى قەھرىدە ئەمەس ،ئادىمىيلىك ساپاسى ۋە ئەرلىك مەئۇلىيەتچانلىقىدا تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ.ئەكسىچە سىز نەمۇ -نەدە كۆڭۇل خۇشى قىلىپ ،كەچتە ئايالىڭىزنىڭ <<ئېغزى بىلەن بۇرنى جايىدا>> بولسىلا شۈكرى دەپ خورەكنى باشلىۋەتسىزىڭىز،ئاخىرى مەڭگۈلۈك نادامەتتە قالسىز.
قۇلقىمىزغا دائىم كىرىپ تۇردىغان <<خەقنىڭ ۋېلسىپىتنى ئايىما،تىشىلسە يامىما>>،<<ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار،كونىراپ قالدى،خوتۇن بالىلار>>دىگەندەك يېڭى ماقال-تەمسىللەر،<<ئەربا،ئەربا،ئەربابا>> دىگەن تېلفون نومۇرلىرنى يورۇقلۇققا چىقارغان شەھۋەت مۇخلىسلىرىنىڭ<<ئەقىل-پاراسىتى>>گە نىمە دىگۈلۈك؟!...
ئاڭلىشىمچە،ئورانگوتانلار يىمەكلىك تەقسىم قىلغاندا ئالدى بىلەن ئەڭ قېرىلىرى ۋە ئەڭ كىچىكلىرىگە تەقسىم قىلدىكەن ،مانا بۇ ھايۋانلاردىكى ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق تۇيغۇسى لىكىن بىز ئۇلاردىن كۆپ ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئىنسانلارغۇ،....بۇ بىزدىكى مەنپەئەت ئالدىدا چۇجە خورازدەك بازلىشۋاتقان بىچچارلىكمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما.سورۇنلاردا بازىرى چىقۋاتقان غەيۋەت،پۇتلاش قۇربانىغا ئايلانغان كىشلەرنىڭ ئاھۇ-زارلىرى،چەكلەنگەن مېۋىنى يىگەندىن كىيىن رەڭگى ئۆڭگەن شەرمى-ھايانىڭ ئادەم ئەۋلادىلىرى قولدىكى يېپيېڭى قىسمەتكە ئايلانماقتا.................
ئەخلاق سۈپتىنىڭ تۆۋەنلشنىڭ ئىش ئۈنۈمىگىمۇ بىۋاستە تەسىرى بولدىغانلىقنى تەتقىقاتچىلار ئىسپاتلىماقتا. دىمەك،ئەخلاق ھەقىقىدە ئويلىنىش ئىنتايىن تەخىرسىز تىما...............
قىستۇرما:يېقىندا بىر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتىم،ئۇنىڭ 12-13ياشلاردىكى ئوغلى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ دادىسى بىلەن<<ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم دادا!!!>> دەپ بىر چىرايلىق كۆرشىۋىدى،بۇ ئاددىي،ئەمما شۇنچە تەسىرلىك كۆرنۇشتىن ۋۇجۇدۇم يايراپ كەتتى. مانا ئەخلاقنىڭ ئەڭ كىچىك ئەمما ئەڭ ئۇلۇغ ئەخلاق كۆزقارشى ئەلۋەتتە.كونىلاردا<<ئىناق ئۆيگە بەرىكەت ياغىدۇ>>دىگەن گەپ بار،مەن دەيمەن،شەرمى-ھايانى ئۆزىگەمەنبەئە قىلغان،ۋۇجۇدىدىكى ئەخلاق گۈللىرىنى پەرۋىش قىلىشنى ئۇنتۇمىغان كىشلەرنىڭ ئائىلسىگە دۇىيادىكى ياخشى نىمئەتلەرنىڭ ھەممىسى ياغدۇ....
كونىلاردا:<<ئادىميلىك بىلەن ھايۋانىيلىقنىڭ ئارسى بىر قەدەم>> دىگەن گەپ بار.ئەخلاق شۇنداق ئېسىل بايلىقكى،ئۇ ئارقىلىق باي بولىشىڭىز ناتايىن،لىكىن بۇ بايلىقنىڭ كۇچى بىلەن شەرەپلىك ھالدا بىر ئۆمۈر ئادەم دىگەن ماركىدا بەخىتلىك ياشيالايسىز.ئىشنى مۇرەككەپلەشتۇرۋەتمەي ئاددىي ئىشلاردىن باشلاش كىرەك.ناۋادا سىز بىر قۇرلۇشچى بولسىڭىز،ھەر بىر پارچە خىشىڭىز مەسئۇلىيەت بىلەن قوپۇرۇلسۇن،سىزنى ھېچكىم ماختىمسىمۇ مەيلى،يىقلىپ چۇشكەن بىراۋنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويغان بولسىڭىز رەھمەت تەما قىلىپ كەتمەڭ،چۇنكى ئەنە ئاشۇ سىزنىڭ ئېسىللىقىڭىز،ئەخلاقى مەسئۇليىڭىزنى ئادا قىلغىنڭىز.....
دۇنيا ئەنە شۇنداق ياخشى نىيەتتە قىلىنغان كىچىك ئىشلار بىلەن گۈزەلىشىدۇ.چۇمۇلەبىلەن ھەسەل ھەرسىنى ماختانمىسىمۇ ئۇلارنىڭ روھىنى ھەركىم ماختىشدۇ ...ھەربىرىمىزگە ساختىپەزلىك،نائەھلىلكنى كۆرگەندە ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ قارشىلىق كۆرسىىتەلەيدىغان،نۇمۇسلۇق ئىشلارنى كۆرگەندەنومۇس قىلالايدىغان،ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالالايدىغان،شەرەپلىك ئىشلارنى كۆرگەندە سۆيۈنەلەيدىغان ھەم شەرەپلىك ئىشلارنى قىلىپ كىشلەرنى سۆيۈندۈرەلەيدىغان روھ ھەمراھ بولسۈن....

يۇقارقى ئەسەر بۇگۇنكى دەۋىرئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەخلاق تىمسىدىكى ئەڭ نەمۈنىلىك ئەسەر بولۇپ
جەمىيتىمىزدە خېلى تەسىر قوزغىدى ھەتتا داڭلىق ئوبزورچى يازغۇچلاررمۇ ھەيران قېلىشتى، ،كىشلىك ھاياتنى ئىنچىكلىك بىلەن كۆزتىش ۋە ئۇنى ئىپادىلەشتىكى ئۇستىلىق- ئەسەر تىمسىنىڭ يارقىنلىقنى ،ئەسەر مەزمۇنىنى ۋايىغا يەتكۈزۇشتە مۇھىم رول ئوينىغان... ئەڭ مۇھىمى تەپەككۈرنىڭ چۇڭقۇرلىقى ،ئەسەر تىلنىڭ تېىمۇ جانلىق قىلغان، يەنە بىرى ئاپتورنى ئۆزنى ئاشكارلىمغان بولۇپ ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئاپتورنى ئىزدىمەكتە
مانا بۇ ئۇنىڭ دىمەكچى بولغان ئەخلاقتىكى ئۆزنىڭ ئەخلاقى....

زامانى ئىلاۋىسى:

ئەنە ئاشۇ ئەخلاق مەدەنىيتىمىز ئەڭ يۈكسەك بىر باسقۇچقا يەتكەن دەۋىرلەردە كىلاسسىكلىرىمىز ئەخلاقنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىنى بىلىپ ئەخلاق ھەققىدە توم-توم ئەسەرلەرنى قالدۇرغان لىكىن ئەخلاقتىن چەتنەش،ئۆزلۇك كىملىكنى چۇشۇرۇپ قويۇش ھادىسلىرى كۆرلۇۋاتقان بۇگۇنكى دەۋىردەك مانا بۇ تىما ئاران دىگەندەئوتتۇرغا قويۇلدى....
ئەخلاق مەسلىسى جەمئىيەت مىللەت ھەربىرپۇقراسىنىڭ كۆڭۇل بۆلشى سۇسلىشىپ قالغان لىكىن كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغان مۇھىم مەسلىگە ئايلانماقتا...
ئەمەلىيەتتە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ،ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلشقا يەتمەيدۇ .ماھىيەتتە ئەخلاقىنىڭ سۇسلىشىشى ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىشنى سۇسلاشتۇرۇپ مەجبۇرلاش سۇپتىدىكى قانۇننى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ ئەلۋەتتە...
ئەخلاقنىڭ يوقۇلىشى، روھىيتىمىزدىكى شەرمى- ھايا ،مەڭگۈلۇك ھۆرمەت،ۋىجدان -غورۇر،مىھر-مۇھەببەت،غەزەپ -نەپرەت،مەسئۇلىيەت،ئادىميىلىك،پاكلىك،ھاللالىقلارنىڭ بىر -بىرلەپ يوقلىشنى،بەختسىزلىك،ئۇرۇش -تالاش،جىنايەت،مۇقۇمسىزلىق، نادانلىق،خۇراپاتلىق،يېڭى-يېڭى كىسەللىك قاتارلىقلارنى بىزگە ئاتا قىلماقتا.... بۇ ھال ئۆزىمىزنى ھەم باشقىلارنى چۆچۈتمەكتە،ئەجىبا ئاشۇ چاپالىق يىللاردىمۇ يوقاتمىغان ئېسل ئەخلاق دۇاردانلىرىنى ئەمدىلكتە يوقتارىمىزمۇ؟؟؟ۋە ياكى بىزگە يەنە بىر قېتىملىق توپان بالاسى زۆرۈرمۇ؟؟؟ .............................
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:


ئەمدى سىزگە كىلەيلى ..سىزدىكى ئەخلاقنىڭ قۇدرىتى قانچىلىك؟ئاشۇنچىۋالا قۇدرەتلىك ئەخلاقىڭىزدا يەنە نىملەر كەم ئىكەنلىڭىزنى ھېس قىلدىڭىز؟؟؟




ئەسەرنىڭ ساپلىقنى ئۇچۇن پۇچەك ئىنكاس يازماڭ
پۇچەك ئىنكاس=سىزنىڭ ئەخلاقىڭىز


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ئالاھىدە ياخشى تېمىكەن.
musilina + 100 ئېسىل تېما
تارىم + 100
kun^kiz + 200 ئىسىل تېما .
ئۇيغۇرۇم007 + 200 نادىر ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 700   باھا خاتىرىسى

ئادەم ھامان ئۆلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6784
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9529
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 01:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغرا دەيسىز .
   كىچىك بالىنىڭ گۈدەك قەلبىدە "ئەخلاق"ۋە"ئىتقاد" تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇشتا ئاتا-ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئەمسە ئاتا-ئانىلار شۇنداق قىلىدىمۇ ؟؟؟؟؟؟؟

ئادەم ھامان ئۆلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2776
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9604
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2011-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 01:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ . مۇشۇ ئەخلاق تەربىيسىدە قىزلارغا بەكرەك ئىلىپ بىرلىشى كىرەك چۈنىكى قىز ئوغۇللار مۇناسىۋىتىدىكى بەزى مەسىللەردە كىيىن زىيان تارتقۇچىلا مۇتلەق قىزلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەربىينى قوبۇل قىلىش نىسبىتى پايدا ئالغۇچى ئوغۇللارنىڭكىدىن يوقىرراق بولىدۇ دەپ قارايمەن . يەنە بەزىبىر ئادەتتىكى ئەخلاقلارغىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىپ قويساق مەسلەن ئۆز -ئارا سالاملاشقاندا تىلاۇن ئالغاندا ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم دىگەن سۆزنى بولسىمۇ ئىشلىتىپ قويساق بۇ بىريامان گەپ ئەمەسقۇ بەزىلەرنىڭ دىيشىچە بۇمۇ بىر قالاقلىق . توۋا مۇشۇنداق دەپ يۈرۈپمۇ يا تەرەققى قىلىپ دۇنيانىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ كەتمىدۇق . يەنە بىز ئۇيغۇر شۇ قالپاقنى ( بەزىلەرگە قارىلغان ئىسمى ئۇيغۇر ئۇيغۇر تىلنى بىلمەيدىغان ..........) كىيىپ ياشاۋاتقاندىكىن شۇنىڭا لايىق بەزەىبىر ھەركەتلىرىمىز ماس بولسا دىمەكچىمەن . خاتا سۆزلەپ سالغان بولسا ئەيىپ ئالماڭلار .
ھەقىقەتەن نادىرلاشقا ئەرزىگۈدەك تىما بوپتۇ بۇ .

تەڭ ئىدۇق ئىككىمىزتەڭرى ئالدىدا، ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋرى ئالدىدا . كۆرەڭلەپ كەتمىگىن كەلگەندە ئامەت ، ئاخىرى تەڭ بولۇرمىز قەبىرى قىيامەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 451
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 15467
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1203 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 01:45:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرئادەمنىڭ ئەخلاق -پەزىلەتلىك ئادەم بۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئاتا-ئانىسى ،ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىنىڭ مەسئۇلىيتى بولسا ،ئۇجەمئىيەتكە چىققاندا تامامەن ئۆزىنى-ئۆزى يارىتىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ . كۈندىن -كۈنگە زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەردىكى ئەخلاق كۆزقارىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ بارماقتا ...
بۇنىڭ سەۋەپلىرى تىمىدا ئېيتىلغاندەك مۇتلەق ئەركىنلىك خاھىشىنىڭ ،شۇنداقلا كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ ئۆزئەركىنلىكىنى بىرىنجى ئورۇنغا قۇيۇش ،شۇنداقلا ئادەملەر -ئارىسىدىكى مېھرى- مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ...
ئەخلاق دېگەن نىمە ؟ پەزىلەت دېگەنچۇ ؟ ئۇنىڭ بىرئادەمنىڭلا تۇرمۇشىدا ئەمەس پۈتۈن خەلىقنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق رۇلى بار ؟
بەلكىم بۇلارغا نۇرغۇن ئادەملەر مۇنداقلا جاۋاپ بىرىپ ئۆتىشى مۇمكىن ، لىكىن ئاتا-بۇۋىلىرىمىزنىڭ دۇنيا ،كىشىلىك ھايات ،كۆزقارشى بىلەن ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ ؟ سەۋەبى تۇلىمۇ ئاددى چۈنكى زامانىۋى تۇرمۇش قوينىدا ياشاۋاتقان ياشلار زامانىۋى تۇيغۇلارغا ئۆزىنىڭ ،ئۆزلۈك تۇيغۇلىرىنى ئىككىلەنمەي تىگىشىۋەتتى . ھايا -نومۇس، خاھىشى ئۇلارنىڭ يېڭىلىق قوغلىشىش ئۇنىڭغا قارغۇلارچە بىرىلىش ھېسياتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ،ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى .
بىرئادەمنىڭ ئەخلاق -پەزىلىتى ئۆزى ياشىغان زامان ۋەماكان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ،<<قازاننىڭ  يېنىغا كەلسەڭ قارىسى يۇقىدۇ >> دېگەندەك بىر ئادەمنىڭ قانداق كشىلەر تۇپىغا تەۋە ئىكەنلىكنى يەنىلا ئۆزى يارىتىدۇ. شۇڭا زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئەخلاق قارشىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى قانداقتۇر ،ئاتا-ئانا ياكى ،ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىرقانچە ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن بولماستىن ، ئۇنىڭ يېڭىلىقنى قانداق قۇبۇل قىلىش ، قانداق بىرتەرەپ قىلىش ، نېمىنى قۇبۇل قېلىش ،نېمىنى شاللاشتىن ئىبارەت، كەسكىن ھالقىلارنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ماھارىتىگە باغلىق .ئۇنداق بولمايدىكەن . بۇزامانىۋى تۇرمۇشنىڭ تەتۈر قايناملىرىدا ئۆزىنىڭ قايسى يولدا مېڭىۋاتقىنىنى بىلمەي چۆرگىلاۋاتقانلار ،ئۆزىنى يوقىتىۋاتقانلار ، ئەخلاق -پەزىلەتنىڭ رىئال تۇرمۇشتىكى رولى ۋە ئۇنى روھىيىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى بىلمەي يۈرىيدىغانلار شۇنچە ئاينىپ بارىدۇ .
مەن ئاخىردا ئەلشىر ئابدۇقادىر زامانىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ماقالىنى بىزگە يەتكۈزگىنىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلەن بىللە بۇتىمىنى نادىرلاشنى ئوتتۇرغا قۇيىمەن .

ئۆز ئەركىم بىلەن ياشايمەن مەغرۇر ! ئەي ئىپلاس يولۇمغا قۇرساڭمۇ تۇزاق!!

مەن ھازرغىچە ھاي

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6943
يازما سانى: 2410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19247
تۆھپە نۇمۇرى: 668
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2010-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 01:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئويلاپسىز زامانى ئەپەندى . ھەرقانچە ئىسىل كىيىم بىلەن ئۆزىنى زىننەتلىسىمۇ ، يەنىلا ئەخلاق بېلەن چىرايلىق بولمىسا بىكار .

ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.

ھايات مەن ئۈچۈن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6091
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31055
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 4370 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 02:07:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«بىلىملىك ئادەمنىڭ ئاخىرقى نەتىجىنى قازىنىشى ناتايىن ،بىراق ئەخلاق -پەزىلەتلىك ئادەم ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگۈچىدۇر».
دەر ھەقىقەت -ئەخلاقنىڭ موھىملىقى گەرچە بۇرۇندىن تارتىپ دىيىلىپ كىلىۋاتقان ھەقىقەت بولسىمۇ بىراق بۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ناھايىتىمۇ كىچىكىپ ھېس قىلدۇق.ئائىلىلەردە ،مەكتەپتە ،جەمئىيەتتە بالا تەربىيىسىدە موھىمنىڭ مۇھىمى ئەخلاق تەربىيىسى ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلدۇق.لىكىن بىز بۇ نەرسىلەرنى ھېس قىلغاندا بىزنىڭ نۇرغۇن بىگۇناھ بالىلىرىمىز ئاللىبۇرۇن ناچار تەربىيەمىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى.

دۇنياداچېكىلىۋەرسە ئېچىلمايدىغان ئىشىك يوق.گەپ  ئىشىك چەككۈچىنىڭ سەۋىرچانلىقىدا!

ئاللاھ ھەممىمىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7452
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8530
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2398 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 02:20:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىرىمىزدىكى ئەخلاق تۇيغۇسى يېىلدۇرۇش   پۇتكۇل كىشلەر توپىنىڭ ئەخلاق سېستىمسدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل
ئىمانلىق،ئىنساپلىق،پەزىلەتلىك،مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا قولىدا تەربىيلەنگەن بالىلار ئىتقادلىق،ھايالىق تىرىشچان،ئەخلاقلىق،پەزىلەتلىك بولۇپ چوڭ بولىدۇ....

بۇ ئەسەر راسىتلار ھەممىمزىنىڭ بىر كۆرشىگە ئەرزىگۈدەك ئەسەركەن  مۇنبەردىكى تۇنجى ھەم  بىردىن -بىر ئەخلاق تىمسىدىكى ئەسەرغۇ دەيمەن
   بولسا باشقۇرغۇچلار بۇ ئەسەرنى نادىرلاپ ،چوقىلاپ قويسا بوپتىكەن.....

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى، ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6466
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8301
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2011-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 03:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن توغرا ...
ھەرقانداق بىر كىشى ئەخلاقتىن ئايرىلىدىكەن ئاسماندىكى ئاي بولسىمۇ ئېشەكتىن پەرقى يوق ...

اللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن ...

غەلبە ئۈچۇن چەكك

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 755
يازما سانى: 3854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21381
تۆھپە نۇمۇرى: 1195
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 03:23:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاق بىر ئادەمنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا ، تۇرمۇشىغا، ۋە كىشىلىك تۇرمۇشىدىكى ئورنىغا بى ۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ.
مىللەتنىڭ چوڭلىرى يەنى بىزلەر ئاشۇ ئەخلاقنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى كۆرگەن كىچىكلەر يەنى بىزنىڭ ئىنى - سىڭىللىرىمىز ،بالا- چاقىلىرىمىز كەلگۇسىدە قانداق ئادەم بولماقچى. شۇ سەبىلەر كۆڭلىگە نىمىلەرنى پۇككەندۇ.
ئاددىسى :بىر ئاتا 10ياشتىكى بىر بالىسىغا تاماكا ئەكىرىپ بىرىشكە بۇيرىسا بۇ بالا كۇندە داۋاملىشىۋاتقان شۇ ماگزىندىن تاماكا سىتىۋالىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتەرمۇ...
بۇ تىمىدا سۆزلەيدىغان بولساق گەپ جىق چىكىتىدۇ...بىر ئىغىزلا گەپ  نادىر تىما..ھەقىقەتەن نادىرلىغۇدەك تىما بوپتۇ.

||★||★||★|叶城\js跑酷!|\(jasurPARKOUR)|★||\跑 酷 队!★★|| مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44629
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15788 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 05:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆكىمىتىمىزمۇ ھازىر دۆلەتنى ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ ....
ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ...

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش