مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 768|ئىنكاس: 5

ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆز ئازابىنى يۇش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5588
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5686
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2011-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-26 10:02:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنياغا يارالغان ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ئۇستىدە اللە تەرەپتىن بىكىتىلگەن  مەجبۇرىيەت بۇلىدۇ. بۇ مەجبۇرىيەت،اللە ھۆرمەتلىك قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار،ئىنسانلارغا مۇسەخخەر قىلىپ يارتىلغان دۇنيانىڭ ئىچىدىكى ئۇچار-قۇش،ھايۋاناتلار،دەل-دەرەخلەر
، ۋە پۇتكۇل جانلىق ،جانسىز ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئۇستىدە اللە تەرەپتىن بەلگىلەنگەن مەلۇم مەجبۇرىيەتلەر بار.
شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ ئۇستىدىمۇ ئاللاھ تەرەپتىن ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرى بار.
ھازىر جەمىيەتتكى كىشىلەرنىڭ بۇزۇلىپ كىتىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارمۇ ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى تۇلۇق ئادا قىلالماي ئەرلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى بىلمەمدۇ ياكى بىلسىمۇ غەرپ مەدەنىيتى ئۇنلۇك ئاۋاز بىلەن جاھانغا ياڭرىتىۋاتقان <ئەركىنلىك>نىڭ شۇئارىغا غەرق بۇلۇپ كەتكەنمۇ ئەيتاۇر ئۇزى مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىپ تۇرۇپ ناماز ئۇقۇپ،رۇزا تۇتۇپ، ئەرلىرىنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلامماي،قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىكارچى قىلىۋېتىپ اللەنىڭ لەنىتىگە ئىرشىپ دەۋزەخكە مەھكۇم بۇلۇش گىرداۋىغا يېقىنلىشىپ قېلۋاتىدۇ.
نىمە ئۇچۇن شۇنداق بۇلىدۇ؟
چۇنكى ئاياللار ۋەز نەسھەت سورۇنلىرىغا بارالمايدۇ.ئىسلامنىڭ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۇستىدىكى تەقەززاسىنى بىلەلمەي ئىسلامنى ناماز ئۇقۇش،رۇزا تۇتۇش،سەدىقە بىرىش... دەپلا چۇشىنىۋېلىپ ئۇزىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ كىتۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي كىتۋاتىدۇ.
شۇنىڭ ئۇچۇن مەن گەرچە ئىلمىم يوق دىيەرلىك بولسىمۇ بارلىق مۇسۇلمان ئايال قېرىنداشلىرىمىز ئۇچۇن ئۇزىنىڭ ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى تۇنۇپ اللەنىڭ رەھمىتىگە ئىرشىپ مەڭگۇلۇك بەخىت سائادەتكە ئىرشىشى ئۇچۇن ئازراق ۋاقىت ئاجراتقۇم كەلدى.

ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى نىمە ؟ تۇۋەندىكى مەزمۇنغا دىققەت مەرھەمەت قىلىڭ.

اللە قۇرئانى كەرىمدە ياخشى مۇسۇلمان ئايال توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن
{ياخشى ئاياللارئىتائەر قىلغۇچىلاردۇر.ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلىرىدا اللەنىڭ پاناھلىقىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر.} (سۈرە نىسا34.ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
بۇ ئايەتتكى ئىتائەت قىلغۇچى ئاياللاردىن مەقسەت اللەقا،اللەنىڭ ئەلچىسىگە،ئۇزىنىڭ يولدىشىغا ئىتائەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان. شۇندىنلا ياخشى ئايال بۇلالايدۇ. ئەگەر اللەقا،اللەنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىپ ئىرىگە ئىتائەت قىلماي ئازار بەرسە ئۇ چاغدا قىلغان ئەمەللىرى بىكار بۇلۇپ كىتىدۇ. اللەنىڭ ئايال كىشىدىن رازى بۇلىشى شۇ ئايالدىن ئىرىنىڭ رازى بۇلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.ئەگەر اللەنىڭ بۇيرۇقلىرىغا تۇلۇق بويسۇنۇپ ئىرىگە ئىتائەت قىلمىسا ئىرىنى نارازى قىلسا اللە ئۇ ئايالنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىكارچى قىلۋېتىدۇ.
بۇ ھەقتىكى كەلگەن ھەدىسقا قاراپ باقايلى.
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<ئايال كىشى،بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇسا يىلدا بىر ئاي رۇزا تۇتسا ،ئۈزىنى ياخشى ساقلىسا ۋە ئىرىگە بويسۇنسا،ئۇنىڭغا : جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىكلىرىدىن كىرگىن دىيلىدۇ>(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)
بۇ ھەدىستىن ئايال كىشى ناماز ئۇقۇپ.رۇزا تۇتۇپ،ئۇزىنى چىڭ ساقلاپ(يەنى ئىرىدىن باشقا ئەركىشىگە قارىماي) ئىرىگە ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ.
مانا شۇندىلا ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان<ياخشى ئايال> بۇلالايدۇ. يەنە بۇ ھەدىسقا قاراپ باقايلى.
ئىبنى جەرىر ،ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.<ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قارىساڭ سىنى خۇشال قىلىدىغان.ئىشقا بۇيرىساڭ ساڭا بويسۇنىدىغان،ئۇنىڭ قېشىدا بولمىساڭ ئۆزىنى ۋە مال مۇلۇكلىرىڭنى ساقلايدىغان ئايالدۇر> مانا بۇ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەڭ ياخشىسىدا بۇلىدىغان سۇپەتتۇر.
دىمەك يۇقۇرقى ئايەت ۋە ھەدىسلاردىن ئايال كىشىنىڭ ئىرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلۋالدۇق. ئەمدى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا نىمىلەرنى قىلىشى كىرەك. مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان<ئەركىشى ئايالىنى بىللە بۇلۇشقا چاقىرسا،ئايالى ئۇنىماي ئەر خاپا ھالەتتە ئۇخلاپ قالسا،پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئۇقۇيدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە ئەر ئۇنىڭدىن رازى بولمىغىچىلىك پەرىشتىلەر لەنەت ئۇقۇپ تۇرىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە ئاسماندىكى ھەممىنى ياراتقۇچى زات ئۇ ئايالغا غەزەپ قىلىدۇ > (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
پەرىشتىلەر دۇئاسى قايتۇرۇلمايدىغان اللەنىڭ مۆمىن بەندىلىرى. ئەگەر شۇ ئىرىنى خاپا قىلىپ قويغان پېتى ئۇ ئايال ئۇلۇپ كەتسە اللەنىڭ رەھمىتىن يىراق بۇلىدۇ. يەنى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. قاتتىق ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان<ئىرى يېنىدا تۇرۇپ ئىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي (نەپلە)رۇزا تۇتۇشى ئايال كىشىگە ھالال بولمايدۇ.ۋە بىر كىشىنى ئىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيىگە ئەكىرىشى ھالال بولمايدۇ>(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

تەلقەئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ<ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى ئۈزىنىڭ ھاجىتى ئۇچۇن چاقىرسا ئايالى تۇنۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن> (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان<ئەگەر مەن بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولسام ئەلۋەتتە ئايال كىشىنى ئىرىغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتۇم.>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
ئۇممۇ سەلەمە رىۋايەت  قىلىپ مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<قانداق بىر ئايالنىڭ ئىرى ئۇ ئايالدىن رازى بولغان ھالەتتە ئۇلۇپ كەتسە ئۇ ئايال جەننەتكە كىرىدۇ>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

مۇئازئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<ئەگەر بۇ دۇنيادا قايسى بىر ئايال(مۆئىمىن) ئىرىگە ئەزىيەت يەتكۇزسە ئۇ ئەرنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ھۆرلەردىن بولغان ئايالى ئۇ ئايالغا: ئۆلگۇر.ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمە.ئۇسىنىڭ قېشىڭدا بىر مىھماندۇر.ئۇ سىنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ يېنىمىزغا كىلىدىغانغا ئازلا قالدى. دەيدۇ>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

مانا يۇقۇرقى ھەدىسلەر پۇتۇن ئىنسانلارنىڭ يولباشچىسى بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈزىدۇر. ئۇ كىشى ئۆز رەئىيى بۇيىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇ پەقەت ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنىلا سۆزلەيدۇ.
يۇقۇرقى ھەدىسلەردە ئايالنىڭ ئەڭ چوڭ مەجبۇرىيتى ئىرىگە ئىتائەت قىلىش،ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۇزمەسلىك چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما گۇناھ بۇلىدىغان ئىشلاردا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئىرىڭىز سىزنى اللە ئالدىدا گۇناھ بۇلىدىغان ئىشلارغا بۇيرىسا سىز قەتئىي ئۇنىماڭ سىز گۇناھكار بولمايسىز. ئەمما اللە ئالدىدا گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارغا بۇيرىسا شەكسىز ئىتائەت قىلىڭ. بولمىسا اللەنىڭ رەھمىتىن مەھرۇم بۇلۇپ قالىسىز.
ئەزىز مۇسلىمە قېرىندىشىم. سىز اللەنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىڭىزنى ئادا قىلىش ئۇچۇن ئىرىڭىزنى ياخشى كۇتۇڭ.ھۆرمەتلەڭ.
ھازىر كۆپىنچە ئاياللار ئىرىنىڭ سىرتلاردا باشقا خوتۇنلارغا قاراپ ئۇلارغا ھەۋەس قىلىشىپ ئىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن كەتكەنلىكىدىن قاخشايدۇ.
سىز دىققەت قىلىپ بېقىڭ.ئۆيىڭىزدە كىيىدىغان كىيىملىرىڭىز،تۇرقىڭىز قانداقراق؟ قىسمەن ئاياللار سىرتقا چىقىدىغان ئىشى بولسا ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشى گىرىم قىلىش. ئەينەكنىڭ ئالدىدا بىر ئولتۇرسا بىرە سائەت يۇز-كۆزلىنى بۇياپ كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى كىيىپ بېقىپ قايسى چىرايلىق بولسا شۇنى كىيىپ نوچىلىق دىگەننى بۇلىشىغا قىلىپ ئاندىن سىرتقا چىقىدۇ.
ئۆيىدىكى چاغلىرىدا ئۆي خىزمەتچىسىدىن پەرقى يوق كونا كىيىملەرنى كىيىپ ئۈزى شۇنچە رەتسىز ،ۋەيرانە يۇرىيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىرى سىرتلاردا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ھەرخىل <چىرايلىق>ئاياللارنى كۇرۇپ ئۇلارغا قاراپ قالىدۇ.
ئىشىنى تۈگۈتۈپ ئۆيگە كەلگەندە كۇرىدىغىنى رەتسىز،ئائىلە خىزمەتچىسىدىن پەرقى يوق ياسنىۋالغان ئايالىنى كۇرىدۇ. ۋە سىرتتا كۆرگەنلىرىگە سېلىشتۇرۇپ باققىسى كىلىدۇ....
مۇشۇنداق قىلىپ بىر ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشى كىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىرىڭىز كىچە كىچىلەپ ئۆيگە قايتمايدىغان ،سىزگە سۇغۇق مۇئامىلىدە بۇلىدىغان بۇلىۋالىدۇ.
بۇنداق بۇلىشىغا سىز سەۋەپچى.
 ئىرىڭىز سىرتقا چىقىپ كەتسە ئۆيگە قايتىدىغان ۋاختى كەلگەندە سىز كەيمىگەن كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ،گىرىم دىگەننى بۇلىشىغا قىلىپ(ئىرىڭىز ئۇچۇن قانچىلىك گىرىم قىلسىڭىز گۇناھكار بولمايسىز بەلكى ئەجىرگە ئىرشىسىز ) ئۆيلەرنى سىرىپ سۇپۇرۇپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ  ئەتىر دىگەنلەرنى چېچىپ تۇرسىڭىز ئىرىڭىز ئۆيگە كىرىپ ئۆيگە ۋە سىزگە قاراپ كۆڭلى ۋاللىدە ئېچىلىپ قالىدۇدە سىز ئىرىڭىزنىڭ مەڭگۇ ياخشى كۇرشىگە ئىرشىپ قالىسىز. بىلىپ قېلىڭكى ئىرى ئۇچۇن بولمىغان ھەرقانداق ياسىنىش ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر.

ئىرىڭىزنى كۆڭلىنى ئېلىش ئۇچۇن ئازدۇر كۆپتۇر بىر نەرسە سوغات قىلىپ تۇرۇڭ. چۇنكى ئايالىنىڭ ئېلىپ بەرگەن نەرسىسى ئەر كىشى ئۇچۇن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھىسابلىنىپ ئايالىغا بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئائىلە ساپ مۇھەببەتكە مۇھتاج. ساپ مۇھەببەت ئۇچۇن ھەر ئىككىلى تەرەپ بىربىرىنى ھۆرمەتلەپ ئۇتۇشى كىرەك.

بىر كۇنى ئايالىم ئاكىسى ۋە يەڭگىسى بىلەن سىرتقا چىقىدىغان ئىشى بارلىقنى دەپ مەندىن پۇل سورىدى. مەن 50يۇەن بەردىم. كەچلىكى مەن دۇكاندىن ئۆيگە بارسام ئايالىم ماڭا بىر دانە ئاسما مايكا سېتۋاپتۇ. ئۇ ئاشقان پۇلنى بەرگەچ مايكىنى ماڭا بىرىۋىدى مەن شۇنچىلىك خۇشال بۇلۇپ كەتتىم. گەرچە ئۇ ئاددىي بىر مايكا بولسىمۇ ئۇنىڭدا ئايالمنىڭ ماڭا بولغان  سادىقلىقى ۋە مۇھەببىتنى بىلۋالغىلى بۇلاتتى. مانا مۇشۇنداق كۈڭۈل دىگەن ئاددىي نەرسىلەر بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۇچۇن سىز كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ سەل قارىماڭ.


ئارىمىزدا مۇنۇ بىر مەسىلە مەۋجۇت. ئىسلام دىندىكى .ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ يادرولۇق ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇشتۇر. دىيارىمىزدا شۇنداق ئادەملەر باركى ئىرى ناماز ئۇقۇيدۇ ئايالى ئۇقۇمايدۇ.ياكى ئايالى ناماز ئۇقۇيدۇ ئىرى ئۇقۇمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا قانداق قىلىش كىرەك؟ناماز مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ ئارلىقىدىكى پەرق تۇرسا ناماز ئۇقىمىغان ئادەمدە ئىسلامدىن ھېچ نىسۋە بولمىسا ، مۇسۇلمان ئايالغا كاپىر ئەر ھالال بولمىسا بىراق ئۇلار توي قىلىپ بولغان بولسا يەنى ناماز ئۇقۇيدىغان ئايال بىلەن ناماز ئۇقۇمايدىغان ئەر توي قىلغان بولسا ئايالى قانداق قىلىش كىرەك؟ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىش كىرەكمۇ؟ ياكى ئىرىنى ئۆز مەيلىگە قۇيۋېتىش كىرەكمۇ؟
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ناماز ئۇقۇغۇچى ئايال جەزمەن سەۋىرچان بۇلىشى كىرەك. ئىرىگە ياخشى نەسھەت قىلىشى،ئىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بۇلىشى كىرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى اللەتىن تىلەش كىرەك. ئەگەر اللە ھىدايەت بەرمىسە سىز ھەرقانچە نەسھەت قىلىڭ،ھەرقانچە يالۋۇرۇڭ،ھەرقانچە ئۇنى قىيىن قىستاققا ئېلىڭ پەقەتلا پايدىسى بولمايدۇ. چۇنكى اللە قۇرئانى كەرىمدە{شۇبھىسىزكى سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن. لېكىن اللە ئۇزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ.اللە ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ} (سۇرەقەسەس 56.ئايەت)
دىيىش ئارقىلىق ھىدايەتنى پەقەت اللەتىنلا تىلەش.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇزىمۇ ھىدايەت تاپقۇزماقچى بولغان كىشىمۇ تىرشىشى كىرەك،ئىسلامنى چىرايلىق يۇسۇن بىلەن تۇنۇشتۇرۇش كىرەك. سىز ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ھىدايەت تېپىشى سىزنىڭ قۇلىڭىزدىكى پۇتكۇل مال دۇنيادىن ياخشىدۇر.
ئەگەر يولدىشىڭىزغا شۇنچە نەسھەت قىلسىڭىز ئۇ ئاڭلىمىسا يەنىلا ئۆز ھالىتىدىن ئۆزگەرمىسە سىز زىركىپ قالماڭ. ئۇنىڭغا بولغان خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇڭ،اللەنىڭ رەھمىتىنى ئۇمىد قىلىپ اللەتىن ئۇنىڭغا ھىدايەت بىرشىنى تەلەپ قىلىۋېرىڭ. اللەنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىرلارلا ئۇمىتسىزلىنىدۇ.
مەنبە : خانىم -قىزلار دەستۇرى

كۈلۈشنىڭ ھەممىسى خوشاللىق ئەمەس، يىغلىغاننىڭ ھەممىسى خاپىلىق ئەمەس .

سۇلغانگۈل

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 262
يازما سانى: 1349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 556
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 12:27:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئۆمىرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن ...
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ...

ئىشەنسەڭ سۆيگىن . ئىشەنمىسەڭ سۆيمە . بىلىپ سۆيگىن . كىيىن ئېچىنما .

!心动不如行动!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6481
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5339
تۆھپە نۇمۇرى: 335
توردا: 3953 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 12:40:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز.......ئۇ كىتاپ بار تۇرۇپمۇ بۇيەرلىرىنى ئوقۇمىغانكەنمەن .....بىلىۋالدىم،كىيىن چوقۇم ئەس قاتىدۇ......رەھمەت سىزگە.......

تاڭ ساباسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8287
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2669 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 12:28:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق ئاياللار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىسىل تىما يوللاپسىز ، ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن .

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7966
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5154
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2011-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 01:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا  قولىڭىزغا  دەرت بەرمىسۇن.     رەھمەت.    كۆپ  ئىشلارنى  تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلىۋالدۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8948
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5143
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2010-9-3
ئاخىرقى: 2010-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-4 09:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىمىزدا مۇنۇ بىر مەسىلە مەۋجۇت. ئىسلام دىندىكى .ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ يادرولۇق ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇشتۇر. دىيارىمىزدا شۇنداق ئادەملەر باركى ئىرى ناماز ئۇقۇيدۇ ئايالى ئۇقۇمايدۇ.ياكى ئايالى ناماز ئۇقۇيدۇ ئىرى ئۇقۇمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا قانداق قىلىش كىرەك؟ناماز مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ ئارلىقىدىكى پەرق تۇرسا ناماز ئۇقىمىغان ئادەمدە ئىسلامدىن ھېچ نىسۋە بولمىسا ، مۇسۇلمان ئايالغا كاپىر ئەر ھالال بولمىسا بىراق ئۇلار توي قىلىپ بولغان بولسا يەنى ناماز ئۇقۇيدىغان ئايال بىلەن ناماز ئۇقۇمايدىغان ئەر توي قىلغان بولسا ئايالى قانداق قىلىش كىرەك؟ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىش كىرەكمۇ؟ ياكى ئىرىنى ئۆز مەيلىگە قۇيۋېتىش كىرەكمۇ؟ ww,c)$  
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ناماز ئۇقۇغۇچى ئايال جەزمەن سەۋىرچان بۇلىشى كىرەك. ئىرىگە ياخشى نەسھەت قىلىشى،ئىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بۇلىشى كىرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى اللەتىن تىلەش كىرەك. ئەگەر اللە ھىدايەت بەرمىسە سىز ھەرقانچە نەسھەت قىلىڭ،ھەرقانچە يالۋۇرۇڭ،ھەرقانچە ئۇنى قىيىن قىستاققا ئېلىڭ پەقەتلا پايدىسى بولمايدۇ. چۇنكى اللە قۇرئانى كەرىمدە{شۇبھىسىزكى سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن. لېكىن اللە ئۇزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ.اللە ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ} (سۇرەقەسەس 56.ئايەت) OX`n`+^D  
دىيىش ئارقىلىق ھىدايەتنى پەقەت اللەتىنلا تىلەش.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇزىمۇ ھىدايەت تاپقۇزماقچى بولغان كىشىمۇ تىرشىشى كىرەك،ئىسلامنى چىرايلىق يۇسۇن بىلەن تۇنۇشتۇرۇش كىرەك. سىز ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ھىدايەت تېپىشى سىزنىڭ قۇلىڭىزدىكى پۇتكۇل مال دۇنيادىن ياخشىدۇر. ~+np7  
ئەگەر يولدىشىڭىزغا شۇنچە نەسھەت قىلسىڭىز ئۇ ئاڭلىمىسا يەنىلا ئۆز ھالىتىدىن ئۆزگەرمىسە سىز زىركىپ قالماڭ. ئۇنىڭغا بولغان خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇڭ،اللەنىڭ رەھمىتىنى ئۇمىد قىلىپ اللەتىن ئۇنىڭغا ھىدايەت بىرشىنى تەلەپ قىلىۋېرىڭ. اللەنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىرلارلا ئۇمىتسىزلىنىدۇ.
   مۇسۇلمان ئايال بىلەن كاپىر ئەرنىڭ ئوتتىرسىدا نىكا ھالال بولمايدۇ ،شۇنداقتىمۇ توي قىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزگەرتەلمىسىمۇ يەنىلا ئۆي تۇتۇپ ياشىشى كىرەكما؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش