مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 654|ئىنكاس: 3

دوستلۇق ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 07:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەنجىرى

ھەر قاچان ھەرقانداق كىشى دوست تۇتماقچى بولسا ئۆزىگە لايىق، ئۆزى بىلەن بىر يولدىكى، قىزىقىشى، تۇتقان يولى ئوخشاش بولغان، مىىجەز_خۇلىقى، خۇي-پەيلى خارەكتىرى ماس كەلگەن ،دانا، بىلىملىك،ئەدەب-ئەخلاقلىق، كۆپ ئىش كۆرگەن، جاھاننىڭ ئىسسىق-سوغوقلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، تاتلىق-ئاچچىقلىرىدىن تېتىپ كۆرگەن كىشىنى دوست تۇتقاي؛ دوستلار ھەر قاچان، ھەر ۋاقىت بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن، دەرت-ئەلەملىرىدىن، غەم-قايغۇلىرىدىن، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن ۋە شادلىق-خۇشاللىقلىرىدىن ئۆز-ئارا خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشقاي؛ جاپا-مۇشەققەتكە، غەم-قايغۇغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا يۇلۇقسا، ئۇچرىسا ياردەم قولىنى سۇنۇشقاي، تەسەللى بېرىشكەي؛ ئامالىنىڭ بارىچە قىيىنچىلىقلىرىنى تۈگۈتۈشكە تىرىشقاي؛ خۇشاللىق يار بولغان بولسا شۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھىرلەنگەي ۋە شۇنداقلا خۇشاللىقنى ئۆز-ئارا تارقاتقاي؛ لىكىن غەم-قايغۇغا ۋە شۇنداق ئىشلارغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەھۋالنى رۇخسەتسىز ھېچكىمگە ئاشكارىلىمىغاي؛ ھەر ۋاىت دوسلار بىر-بىرىگە ئەقىدە قىلىشقاي؛ لىكىن ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ئەقىدە قىلىشمىغاي؛ چۈنكى قاتتىق ئەقىدىنى بىرگە يار، بىرگە ئەڭ يېقىن دوس بۇزىدۇ، خارلايدۇ.دوست تۇتۇشتا قارشى تەرەپنىڭ مال-دۇنياسى ۋە باشقا مەقسەت كۆزلىنىپ دوست تۇتۇلمىغاي؛ مەقسەت ئۈچۈن بۇلۇنغان دوستلۇق - دوستلۇق ئەمەس. ئۇ بەلكى ئۆتۈپ كەتكەن رەزىل ئىشتۇر. دوست خاتالاشسا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە توغرا يولغا باشلىغاي ھەم توغرا يولنى تېپىشىغا ياردەم بەرگەي؛ لىكىن توغرا يوغا باشلىدىم دەپ، دوستنىڭ ئەيىبىنى، سىرلىرىنى ئادەم بار يەردە ئېيتىشتىن قاتتىق ساقلانغاي؛ مۇبادا دوستنىڭ سىرىنى، ئەيىبىنى ئادەم بار يەردە ئېچىشتىن ساقلانمىسا، ئارىدا قاتتىق دۈشمەنلىشىش پەيدا بولغاي؛ ۋە بۇنداق دوستلۇق ئۇزۇنغا بارماي ئاخىرلاشقاي؛ شۇڭا دوست ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ ئادەم يوق يەردە ئېيتقاي؛ دوسلار ئۆز-ئارا چاقچاق قىلىشقاندا قىلىنغان چاقچاق مۇۋاپىق، ئىلمى، ئەدەپلىك بولغاي؛ كىشىلەرنى يەرگە قارىتىشنى، چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان چاقچاقنى ھەرگىز قىلىشمىغاي؛ مۇۋاپىق بولمىغان ھەم چەكتىن ئېشىپ كەتكەن چاقچاق دوسلۇقنىڭ يىراقلىشىپ كىتىشىگە، ھەتتا ئاخىرلىشىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دوستلار ھەر ۋاقىت ئالاقىدە بولۇپ تۇرۇشقاي؛ ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىپ ھەم ھەددىدىن زىيادە يىراقلىشىپمۇ كەتمىگەي؛ چۈنكى ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىپ ھەم ھەددىدىن زىيادە يىراقلىشىپ كىتىشمۇ ئوخشاشلا دوستلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ. دوست سەۋەنلىك، خاتالىق ئۆتكۈزسە كەچۈرگەي؛ بولۇپمۇ ئەڭ يېقىن سەۋەنلىك، خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئەپۇ قەلىمى بىلەن كۆڭۈل دەپتىرىدىن ئۈچۈرۋەتكەي (كەچۈرۋەتكەي)؛ ئۇشبۇ سەۋەپتىن دوستلۇق تېخىمۇ كۈچەيگەي ھەم ئەبەدىل-ئەبەد داۋاملاشقاي؛ بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا دوستلارغا بولۇپمۇ ئەڭ يېقىن دوستلارغا مەسلىھەت سالغاي؛ لىكىن مەسلىھەت سالدىم دەپ، ھەممە كىشىلەرگە، دوستلارغا مەسلىھەت سېلىۋەرمىگەي؛ ئەڭ ئاخىرىدا مەسلىھەتنى بىر ئۆزىگە چوقۇم سالغاي؛ ياخشى مەسلىھەت بىلەن قىلىنغان ئىشنىڭ ئاخىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي؛ مەسلىھەتسىز ھېچقانداق ئىش قىلىنمىغاي؛ لىكىن ئۇششاق ئىشلاردا تولا مەسلىھەت سورالمىغاي؛ دوستلار ياردەم قولىدىن كىلىشىچە ياردەم بىرىش كىرەك.بىخىللىق قىلىشمىغاي؛ بىخىللىق قىلىشمۇ ئوخشاشلا دوستلىقنىڭ يىراقلىشىپ، ئاخىرلىشىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دوستلار بىر-بىرىنى باشقىلارغا چاقمىغاي؛ يامان قىلىپ كۆرسەتمىگەي؛ بۇنداق ئىشلارنى پەقەت ھەسەتخورلارلا قىلغۇسىدۇر. خۇي-پەيلى، مىجەز-خۇلقى، تۇتقان يولى، قىزىقىشى، خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئۆز-ئارا دوست بۇلۇشمىغاي؛ بۇلارنىڭ دوستلىقىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشمىغاي؛ ھەتتاكى تىز ئاخىرلاشقاي؛ پەقەت ئۆزىگە ھەر جەھەتتىن ماس كەلگەن كىشىلەرنىڭ دوستلىقى ئۇزۇن داۋاملاشقاي؛ ھەر  قانداق كىشى تۆۋەندىكى كىشىلەر بىلەن دوست بولمىغاي؛ ھەم دوست بۇلۇشتىن قاچقاي:

1-كۆپ قېتىم ياخشىلىق كۆرۈپ، بىر قېتىم يامانلىق كۆرۈپ قالسا قارشى تەرەپنى يامان دەيدىغان، يامان كۆرىدىغان كىشىلەر.

2- قارشى تەرەپنى ئادەم بار يەردە چۈشۈرىدىغان كىشىلەر.

3- رۇخسەتسىز سىر ئاشكارلايدىغان كىشىلەر.

4-ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن يالتالمايدىغان كىشىلەر.

مانا مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەردىن (دوستلاردىن)ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلەش، ھۇشيار تۇرۇش، ئىمكانىيەت بولسا بۇلار بىلەن ھەددىدىن زىيادە بەك ئارلىشىپ كەتمەي، بۇلارغا دوستلىقنى يۈزەكى يەتكۈزۈش كىرەك. ھەر قانداق دوست ھەر قانداق جەھەتتىن ئۆزىگە قەتئى ئوخشىمىغاي؛ ھەر قانداق جەھەتتىن ئۆزىگە قەتئى يەتمىگەي؛ باشقا دوستلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەتسىمۇ ئاخىرقى ھىساپتا «ئۆزى» دىن ئىبارەت بۇ دوست قەتئى ئايرىلمىغاي؛ بۇ دوست شۇنچىلىك يېقىن دوستتۇركى، ئادەم ھەر ۋاقىت بۇ دوستى بىلەن ئۆتكۈچىدۇر.دوستلار ھەر قانداق ۋاقىتتا باشقا دوستلارنىڭ ھامان بىر كۈنى يۈز ئۆرۈيدىغانلىقىنى، يۈز ئۆرۈش ئىھتىماللىقى بارلىقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ تۇتقاي؛ ۋە شۇنىڭغا ئىددىيەدە پۇختا تەييارلىق قىلغاي؛ شۇ سەۋەپتىن ھەر ۋاقىت دوستنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ تۇرۇشقا تىرىشقاي؛ دوست يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەنگە ئايلانغاندا ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرغاي؛ دۈشمەنلىك قىلغاندا چاقماق تىزلىكىدە زەربە بەرگەي؛

2008-يىل 7-ئايدا مارالبېىشى سېرىقبۇيىدا يېزىلدى.2012-يىلى 6-ئايدا مارالبېشى ناھىيە دۆلەتباغ يېزا ئامانتوغراق كەنتىدە تۈزىتىلدى.

ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى (3-ئاھالە كومىتىت) دىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-14 02:38 AM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 c7 s$ C+ n' C8 |بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 `2 ~; p0 d; Y1 y

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4249
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19729
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1547 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 09:35:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوسلۇق ......مەڭگۈ ياشىسۇن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 742
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 11:26:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى دۇسلۇققا يىتىدىغان نىمە باردۇر

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97686
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-9-7
ئاخىرقى: 2014-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 11:40:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش