|
|
|
|
دوستوم !سىز ئىلگىرىكى ئەسلىمىلەرنى ۋاراقلاشنى قويۇپ ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىزپۇت دەسسەپ تۇرغان مۇشۇ تۇپراقنىڭ خالىغان يىرىنى ئايلىنىپ كۆرۈڭ ،سىز ئادەمنى خۇرسەن قىلىدىغان،قەلىپ بوستانىڭىزنى ياشارتىدىغان،سىزگەئارامبەخىش ئىلىپ كىلىدىغان مەنزىرىدىن كۆرە سىزنى غەمكىن قىلىدىغان،ئۆمىدسىزلەندۈرىدىغان قىسقىسى سىزنى ئويلاندۇرۇپ نەچچەكۈن نان يىمەس قىلىپ قويىدىغان مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيسىز.
* ئۈچ نەپەرياش پاراڭلىشىپ تۇرماقتا ،ئۇلارنىڭ يىنىدىن بىرياشانغان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئۆتۈپ قالدى،ئۇيىراقلاپ كەتكەندە ئۇلارنىڭ بىرى "ھەم ئەمەت ئاۋۇ كىشى سىنىڭ تولۇقسىزدىكى مۇئەللىمىڭ ئەمەسمۇ؟ئەجەپ ئەھۋاللاشمىدىڭغۇ ؟"
-"ۋاي قويە ئۇ گاداينى ،ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئادەمگە ئۈگەن،ئۈگەنلادىگەن،بىرەريىرىم دەم ئوينىغىلى قويمىغان ۋاي بولدى قىلە"
-"توۋا سەندەكمۇ تۇزكور ئادەم بولامدۇ؟مۇئەللىمىڭ شۇنداق قىلمىغان بولسا سىنىڭ بۈگۈنۈڭ بولاتتىمۇ؟سەنمۇبىرمۇئەللىمغۇ؟كەلگۈسىدە سەنمۇ ئوقوغۇچىلىرىڭنىڭ ساڭاقانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قالىسەن"
**يولدا بىرجۈپ ئەرئايال ياندىشىپ ماڭماقتا ،ئولارنىڭ كەينىدىن بىرياشانغان ئانانەۋرىسىنى ناھايتى تەسلىكتە كۆتۈرۈپ مۇشەققەت بىلەن ماڭماقتا،يىگىت دوستىغا تىلىفۇندا بىرنىمىلەرنى دەپ بارغانسىرى ئەزۋەيلەپ كەتكەنىدى،ياش ئايال پات-پاتلائەينىكىنى چىقىرىپ قاش كۆزلىرىنى ياساپ قوياتتى،بىچارە موماي ئۆزخوشلىقىنى نەۋرىسىدىن ئىزدەپ جاپانى ئۇنتۇغان ھالدا مىڭىۋاتاتتى ،ھىلىقى بوۋاقنىڭ كۆزلىرى ئانىسىغا تىكىلگەنىدى،ئۇگۇياكى "ئانا مەنمۇ چوڭ بولۇپ بالىلىق بولسام بالامنى سەن كۆتۈرىسەن "دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
مەنبە:ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|