ئاياللار ئەرلەرنىڭ كۆرىكى، بۇ گەپ ھەقىقەتنمۇ توغرا، بۇنى كىممۇ خۇلاسىلىغاندۇ؟ بۇنداق خۇلاسىلىغان ھەقىقەتەنمۇ قالتىس كىشى ئىكەن. دۇنيا ئۈچ خىل ئايال بار.
بىرىنجى خىلدىكى ئايال: ھورۇن ئايال. ھەممە نەرسىگە ھورۇنلۇق قىلىدىغان. ئاخىرىدا بېرىپ ئېرىمۇ بۇنداق ئايالغا قاراشقا ئېرىنىدۇ.
ئىككىنجى خىلدىكى ئايال: ئەخمەق ئايال. ئېرىنى خۇددى ياش يىگىتلەردەك ياساپ قويىدىغان ئاياللار. ئاخىرىدا بېرىپ ئۆزى بۇ «ياش يىگىت» نىڭ ئاپىسىدەك بولۇپ قالىدۇ.
ئۈچىنجى خىلدىكى ئايال. ئەقىللىق ئايال. چىن خوڭ مەشھۇر رىژىسور چىن كەيگېنىڭ 4- قېتىملىق خوتۇنى. چىن كەيگى چىن خوڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن مۇھەببەت قاينىمىغا قايتا يېقىن يولاپ باقمىدى. مۇخبىر چىن خوڭنى زىيارەت قىلىپ: سىزنىڭ بۇ مەشھۇر رىژىسورنى ئۆزىڭىزگە مەھكەم باغلاپ تۇرىشىڭىزدىكى سىر نىمە؟ دەپ سورىغاندا چىن خوڭ: ئۆزگىرىشچان ئايال بولۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك دەپ جاۋاپ بەرگەن.
تىجارەت كېنىشكىسىنىمۇ يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۈرۈش كېرەك، ئەجىبا نىكاھنىمۇ يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈشكە مۇمكىن بولمامدۇ؟
ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى تاللىشى فىزىئولوگىيىلىك ئىھتىياج تۇپەيلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا سىرتقى قىياپىتى ۋە بەدەن قۇرۇلىشىغا كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى تاللىشى كۆپرەك پىسخىك جەھەتتىن بولىدۇ، كۆپرەك ئىچكى خاھىش ۋە ھېسىياتقا تايىنىدۇ.
ناۋادا ئەرلەر بىر ئايالغا ئوچ بولۇپ قالسا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى (بەدىنى) گە ئوچ بولۇشتىن باشلايدۇ. ناۋادا ئاياللار بىر ئەرگە ئوچ بولۇپ قالسا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىن سەسكىنىدۇ.
شۇڭىلاشقا ئەرلەر ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ روھىيىتىنى سۆيىدۇ، ئاياللار بولسا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە.
خانىم قىزلىرىمىز، شۇڭىلاشقا سىرتقى قىياپەتكە مەبلەغ سېلىش قەلىبكە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئوخشاشلا موھىم، ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
نىي پىڭنى ئېلىپ ئېيتساق (مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى، كىنو ئارتىسى) سودىگەرلەرمۇ يىغلاپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى بارلىق كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئارتىس ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 53 ياشقا كىردى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇ گىرىم قىلماستىن سىرتقا چىقىدۇ. بىر قېتىم كوكتات سېتىۋالغىلى چىققىنىدا، كوكتات سودىگىرى ئۇنىڭ بېلىكدىن تۇتىۋېلىپ: «سىز نىي پىڭ ئەمەسمۇ؟ نىمانچە قېرىپ كەتتىڭىز» دىگىنىچە يىغلاپ كەتكەن. نىڭ پىڭ «مەن قېرىپ كەتتىم، ھەر قانچە گىرىم قىلساممۇ ياش قىزلاردەك (گوڭ لى) دەك بولالمەيمەن» دىگەن. ئەمەلىيەتتە ھەممە كىشىنىڭ 53 ياشلىق (قېرىلىق) ۋاقتى بولىدۇ، بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە سىزنىڭ قانداق تاللىشىڭىزدا. ھەر بىر كىشىنىڭ تاللاش ھوقوقى بولىدۇ. سىز خۇددى نىيې پىڭغا ئوخشاش ھەممىدىن ۋاز كەچمەكچىمۇ ياكى مەڭگۈلۈك لاتاپەتلىك ئايال بولماقچىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزگە باغلىق ..........
مەسىلەن ئېيتايلۇق، پىڭ لىيۇەن (شى جىنپىڭنىڭ خوتۇنى)، ئەزەلدىن نەپىس، لاتاپەتلىك ھالدا يۈرىدۇ، مەيدانغا چىققان ھامان كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ، شۇڭىلاشقا شى جۇشى مۇشۇ خوتۇننىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، دۇنيانى ئايلىنىشىنى خالايدۇ. گۈزەللىك بىر خىل پوزىتسىيە، گۈزەللىك بىر خىل ئىقتىدار. ئۇنىڭ (گۈزەللىكنىڭ) سىزنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىڭىز بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى يوق. گىرىم ساھەسىدىكى ئايال پادىشاھ ئەسىدار لاۋدى 100 يىل ئىلگىرى «دۇنيادا كۆرۈمسىز (سەت) ئايال يوق، پەقەتلا ھورۇنلىغىدىن ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۇرمەي سەت كۆرسىتىپ قويىدىغان ئاياللا مەۋجۇت» دىگەن. شۇڭلاشقا كىشىنىڭ قېرىشى ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن باشلىنىدۇ.
ئاياللار، ئۆزەڭلەرگە ياخشى سەپ سېلىڭلار، گۈزەللىك مەڭگۇ سىلەر بىلەن بىرگە بولسۇن.
شى جىنپىڭ شۈجى: ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۆرىكى، ئىناۋىتى (يۈزى)، پىڭ لىيۇەن (خوتۇنۇم) مېنىڭ يۈزۈمنى يورۇق قىلدى، مەن ئۇنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ بەرگەنلىگىمدىم پەخىرلىنىمەن. دىگەن.
خوتۇن دىگەن نىمە؟ خوتۇن دىگەنلىك ئەرلەرنىڭ يۈزى، بۇرۇن مەن بۇ گەپنى بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ دائىم ئايالىغا كىيىم – كېچەك ئېلىپ بېرەتتى، ئايالى قىممەت كۆرۈپ كەيگىلى ئۇنىمايتى. ھېلىقى ئەر بولسا: «كىيمەمسەن، خوتۇن دىگەن ئەرنىڭ زىننىتى (يۈزى)، گەرچە كىيىمنى سەن كەيسەڭمۇ مېنىڭ ئىززىتىم بولىدۇ» دىگەن. بۇنى ئاڭلىغان خوتۇنى كىيىمنى كەيگەن بولۇپ، يۈزلىدىن بەخىت ھېسلىرى جىلۋىلەنگەن.
بىر ئايالنىڭ بەخىتلىك ياكى ئەمەسلىگىنى ئۇنىڭ يۈزىگە (چىرايى) غا قاراپ بىلگىلى بولىدۇ.
بەخىتلىك ئاياللار مەيلى قانچە ياشقا كىرىپ كەتسۇن ئۇلارنىڭ چىرايىدىن خوشاللىق، تېنىچلىق، بەخىت نۇرى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئەرلىرىنىڭ سويگۈسى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى ھوسۇن تۈزەش مېيى.
ئەگەر بىر ئايال ئېرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلمىسە، ئۇنىڭ چىرايى خۇنۇك، قوپال، نۇرى قاچقان بولىدۇ.
(ئۇندىدار توپىدىن تەرجىمە قىلدىم.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-20 12:56 PM