.
ھەممىلا ئادەم زوڭتۇڭ بولالايدۇ،ئىشىنەمسىز؟
Every One Can Become a President
ئامىركىنىڭ 43 -نۆۋتلىك زوڭتۇڭى بوشنىڭ 2001-يىلى يىلۇ ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلگەن نۇتىقى
خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى پىداگوگىكا كەسپىدىن
مۇھەممەتنىياز خۇدابەردى تەرجىمىسى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مەكتەپ مۇدىرى لەيۋېىن ئەپەندى ، مەن ئەڭ ئالدى بىلەن ماڭا مۇشۇ قىتىملىق پۇرسەتنى بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن.شۇنداقلا بۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا لىكسىيە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن .مانا بۇ مىنۇتلاردا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلك ھىس قىلىۋاتىمەن .سىلەرنىڭ ماڭا مۇشۇنداق پۇرسەتلارنى بەرگەنلىكىڭلارغا كۆپ رەھمەت.
ھۆرمەتلىك بۇلەيخەندى مۇدىر ،يىلۇ مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ ئەزالىرى ،قەدىردان ئاتا-ئانىلار شۇنداقلا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار خۇش كەپسىلەر ،سىلەرنىڭ بۇ يىغىنغا يىتىپ كەلگەنلىكىڭلانى ئىنتايىن قارشى ئالىمەن .ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇبارەك بولسۇن،سىلەر ئوقۇش پۈتتۈردۇڭلار ،سىلەر ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىرىشتىڭلار ،يىلۇ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ شان شۇھرىتى سىلەرگە مەنسۇپ .مەن 33يىل ئىلگىرى بۇ يىلۇ ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ بىرىنجى قىتىملىق ئىلمى ئۇنىۋانىغا ئىرىشكەن ،ئەمما بۈگۈن سىلەرنىڭمۇ بۇ ئالىي بىلىم يۇرتنىڭ ئىلمى ئۇنۋانىغا ئىرىشكەنلىكىڭلارنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تولىمۇ شەرەپ ھىس قىلىۋاتىمەن .مەن بۈگۈن چىن دىلىمدىن چىقىرىپ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتەپداشلىرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ،شۇنداقلا تالانىتلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرىشكەن شان-شەرەپلىرىدىن بىرلىكتە بەھىرلەنگەنلىكىمدىن ئنتايىن خۇشالمەن .مەن يەنە بۈگۈن مەيدانغا يىتىپ كەلگەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.چۈنكى بۈگۈن سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلارئوڭۇشلۇق ھالدا يىلۇ ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈردى،بۈگۈن سىلەر پەرزەنىتىڭلارنىڭ شان-شەرەپلىرىدىن پەخىرلىندىغان ئەڭ ئۇلۇغ بىر كۈن ئەمەسمۇ؟
مەن ئەڭ مۇھىمى 2001-قارارلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەيمەن ،شەرەپلىك ھالدا نەتىجە قازانغان تالانىتلىق ئوقۇغۇچىلار سىلەر يارايسىلەر،داۋاملىق غەيرەت قىلىڭلار!ئىزدىنىش مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان ،كۆڭلۈڭلاردىكىدەك نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا دەيدىغىنىم ،سىلەرمۇ باتۇر ،قەيسەر ئوقۇغۇچىلار ،سىلەر يەنە قەتتى ئىرادە بىلەن بوشاشماي تىرىشىڭلار ،ياخشى نەتىجىلەر سىلەرنى كۈتمەكتە،سىلەرمۇ چوقۇم ئامىركىنىڭ زوڭتۇڭى بولالايسىلەر .يىلۇ ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن دىكي-چىنى مۇنداق دىگەن .يىلۇ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئۇنۋانى ھەرگىز ھەممنى بەلگىليەلمەيدۇ،ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى ،ئەگەر سىز ئوڭۇشلۇق ھالدا يىلۇ ئۇنىۋىرسىتتىنى پۈتتۈرسىڭىز سىز ئامىركىنىڭ زوڭتۇڭى بولالايسىز ،سىز ئوقۇش جەريانىدا داۋاملىق ئوقۇشتىن ۋاز كىچىپ مەكتەپتىن ئايرىلسىڭىز ،سىز يەنىلا ئامىركىنىڭ مۇۋامىن زوڭتۇڭى بولالايسىز .
ۋاقىت نىمانداق تىز ئۆتىدۇ ھە !مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۇ مەكتەپتىن ئايرىلغىلى 30نەچچە يىل بولۇپتۇ .بۇ جەرياندا خىزمەتنىڭ ئالدىراش سەۋەبىدىن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئانا مەكتىۋىمگە كەلگىلىمۇ پۇرسەت چىقماپتۇ،بۇ تۇنجى قىتىم ئانا مەكتىۋىمگە قايتىشىم .مەن بۈگۈن ئانا مەكتىۋىمگە كىلىپ مىھرىبان ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمنى ،مەكتەپداشلىرىمنى قايتىدىن كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم .مەنمۇ سىلەرگە دىسەم ،بۇ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن پۈتۈن ھاياتىڭلاردا ئاران بىر نەچچە قىتىم ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ئانا مەكتىۋىڭلارغا كىلەلىشىڭلار مۇمكىن .سىلەرمۇ مەندەك ياشقا بارغاندا بۇ ئانا مەكتەپكە كىلىپ ھەممە ئىشلارنى قايتىدىن بىر قۇر ئەسلەپ چىقالىشڭلار چوقۇم قىيىنغا توختايدۇ.شۇنداق بولسىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىممەتلىك ۋاقتڭلارنى چىقىرىپ بۇئانا مەكتىۋىڭلارغا قايتىدىن كىلىپ كەتسەڭلار ،بۇ ھاياتىڭلاردىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالغۇسى دەپ قارايمەن .چۈنكى بۇ ئانا مەكتەپ سىلەرنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ ،بۇ يەردىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر سىلەرنى ساقلاپ تۇرىدۇ .ئوقۇغۇچىلار مەن سىلەرگە دىسەم مەن يىلۇ ئۇنىۋىرسىتىتىدا بىلىم ئىلىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى پەقەتلا ئىككى خەت بىلەن يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ ،يەنى جاۋاپ قايتۇرۇش.چۈنكى مەن بۇ يىلۇ ئالى بىلىم يۇرتىدا تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدەنگەن ،ھىرىپ چارچىغان ۋاقىتلاردا ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينىغان ،جانىجان دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن .مەن شۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇشتىن سىرتقى تەلىم-تەربىيەنىڭ ماڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغانلىقنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .مەن ئوقۇغان ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ بىزنى يىلۇلۇق دىگننى تولا ئاڭلاپ قالاتتم .ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ بىز نى نىمىشكە شۇنداق دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئانچە چۈشۈنۈپ يىتەلمىگەن ئىدىم .ئەمما مەن ھازىر ئاشۇ تولۇپ تاشقان زور ئىشەنىچ بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى ،يىلۇ بولغاچقىلا مەن مانا مۇشۇنداق تالانىت ئىگىسىگە ئايلىنالىدىم .ئەلۋەتتە ھەر قانداق ئالىي بىلىم يۇرتى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئۆتكەلنىڭ ئۆزىنىڭ ھايات يولنىڭ قانداق بولىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلدۇ.ئەلۋەتتە بۇ دۇنيادىكى مال-مۈلۈك سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ قەدىر قىممىتىنى ھەرگىز بەلگىليەلمەيدۇ.
سىلەر بۈگۈن ئامىركا تارىخىدىنمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇ ئالى بىلىم يۇرتنىڭ ئىلمى ئۇنۋانىنى قولۇڭلاردا تۇتۇپ تۇرۇپ خۇشال بولاۋاتامسىلەر ؟سىزنىڭ بۇ ئىلمى ئۇنۋاننى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىز سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بۇ ئالىي بىلىم يۇرتنى پۈتتۈرگەنلىكىڭىزدىن دىرەك بىرىدۇ .مەن ئەينى ۋاقىتتا قولۇمغا بۇ ئالىي بىلىم يۇرتنىڭ ئالغىچە تىخى ئۆزۈمنڭ ھايات يولۇمغا تخى يىتەرلىك پىلانلارنى تۈزمىگەن ئىدىم .مەن پەقەتلا بىر نەچچەيلەننىڭلا ئۆزىنىڭ ھايات يولىغا پىلان تۈزگەنلىكىنىلا بىلەتتم .بەزى ئىشلار ئىسپاتلىدىكى ،بىز ھايات يولىمىزدا ھەرخىل قىيىنچىلىقلاردىن قىچىپ قۇتۇلالمايمىز ،ئەمما ئەڭ مۇھىمى بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ بىشىمىزغا قاچان كىلىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھىچكىپ پەرەز قىلىپ يىتەلمەيدۇ .
ئەلۋەتتە ھەممىلا ئنساننىڭ ئۆزىگە خاس تالانتى بولىدۇ ،بىر كىمنىڭ تالانتى باشقىلارنىڭكىگە قەتتى ئوخشىمايدۇ .زوڭتۇڭ بولغان كىشىدىمۇ سىز بار تالانىت بولماسلىقى مۇمكىن ،بەزى ئىشلاردا بىر دۆلەتنىڭ زوڭتۇڭىمۇ سىزگە يەتمەسلىكى مۇمكىن .نەتىجە قازىنالمىغانلار نىمىگە مەيۇسلىنىسىز ،سىزدىمۇ زوڭتۇڭ بولۇشقا تىگىشلىك كۈچ قۇدرەت ،تالانىت بار .مەن لىكسىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا سىلەردىن كۈتۈدىغىنىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ئانا مەكتىۋىڭلارغا قايتىدىن كىلىپ ماڭا ئوخشاش ھىس تۇيغۇلارغائىگە بولۇپ بىقىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلمەن ،ئەمما ماڭا ئوخشاش ۋاقىتنى بەك سوزۇۋەتمەڭلار .ئاخىردا ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇغلۇق ،تۇرمۇشۇڭلارغا بەخىت تىلەيمەن .ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئاللاھ سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
I hope that there will come a time for you to return to Yale to say that ,and fell as I do today .And I hope you won’t wait as long .Congratulations all of you .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-1 07:04 PM