ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ
تويى بولۇپ ئاغىنىمىزنىڭ ،
نىكاھىغا باردۇق سەھەردە .
ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ ،
پۇر كېتىپتۇ پۈتۈن شەھەرگە .
خىجىللىقتىن قىزاردى چوڭلار ،
باشلىغاچقا بوۋىلار سوراق .
بايان ئەيلەي كىتاپخانلىرىم ،
ئەسلى ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق .
ئىمام ئاخۇن باشلىدى تەپسىر،
شۈك بولۇشتۇق ئايەتنى ئاڭلاپ .
ھەيران بولدى مىنكاۋخەن يىگىت .
چىقتى بىر قۇر ھەممىگە قاراپ .
-«خاتۇنلۇققا قۇبۇل قىللىمۇ »؟
-دېدى ئىمام ،يىگىتكە ،قىزنى !
ئىپادىسىز ئولتۇردى يىگىت ،
چۈشەنمىگەچ تازا بۇ سۆزنى .
قىستىغاچقا ئىمام جاۋاپنى ،
-«تا شوسا» دەپ باقتى قولداشقا .
توۋا دېدى بوۋىلار غەزەپ -
-بىلەن قاراپ دادا قاقباشقا .
پىچىرلىغاچ قولدىشى كۈلۈپ ،
«تۇڭيى»دېدى يىگىت ئالدىراپ ،
«ئاپلا» دېدى ئىمام ئاخۇنۇم ،
توختىماستىن ساقالنى سىلاپ .
داۋام ئەتتى نىكاھنى ئىمام ،
بىر غەزەپتىن چاقناپ كەتتى كۆز .
تاشقىردىكى قىزنىڭ ئاغزىدىن ،
ئاران چىقتى «ھەئە »دىگەن سۆز ...
تۇزلۇق ناننى يىگىتكە بەرسە ،
ھەيرانلىقتا دېدى «جىگى سا ؟»،
چىرقىرىدى تاشقىردىكى قىز ،
«جىگى مو مو ،فىيچاڭ نەنچىلا »...
-«توۋا» دېدى ئىمام غەزەپتىن ،
«مۇشۇمۇ ھە بىزنىڭ بالىلار »!!!!!
بىر قاباھەت يادىدىن كېچىپ ،
ھەسرەت ....دېدى ئاقباش بوۋايلار ....
-شەرەپلىك ئىش قوش تىللىق بولۇش ،
ئانا تىلنى ئۇنتۇش جىنايەت !
ئانا تىلسىز ئەلنىڭ كەلگۈسى ،
مۇقەررەركى قىزىل قىيامەت !
تامام بولدى بۇ نىكاھ شۇنداق ،
پوق يىگەندەك بوپ قالدى ھەممە ،
ئىمام يىغلاپ دىگەن بۇ گەپلەر ،
بارچىمىزگە بولسۇن تەربىيە !!!!!!!!.
خاتىمە :
قىز دەپتۇمىش ئىمام ئاخۇننى ،
«بۇ داخۇزى نائىردى جۈجاڭ ؟»
ساددا يىگىت دەپتۇ ئىمامنى ،
«جىگى يې يې مەسچىتكە شوۋجاڭ !!!!»
-شەرەپلىك ئىش قوش تىللىق بولۇش ،
ئانا تىلنى ئۇنتۇش جىنايەت !
ئانا تىلسىز ئەلنىڭ كەلگۈسى ،
مۇقەررەركى قىزىل قىيامەت !
ئاپتۇرى:ئىزدىنىش تورىدىن ئەيساجان
-----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:سەنەم مۇنبىرى ,تەپسىلىي ئادىرسى:
http://www.sanam.com.cn/bbs/read.php?tid=295-----