ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن دوستلار مەندىن سورىدى : "قانداق ئۆگەنسەم بولار؟،نەدىن باشلىسام بولار؟" دەپ،مېنىڭچە سىزمۇ كىتاپ يوق،ئۆگىتىدىغان ئادەم يوق دىمەي ئاۋال بىر بىسمىللاھ دەپ قارىسىغا يادىلاپ بولسىمۇ ئۆگىنىپ بېقىڭ ،چوقۇم ئۈنىمىنى كۆرىسىز.چۈنكى :çaliştıktan veinandıktan sonra başarilmiyacak hiç bir şey yok!تىرىشتىن ۋە ئىشىنىشتىن كىيىن غەلبە قىلغىلى بولمايدىغان ھىچقانداق ئىش يوق!
ئۇنداقتا بىسمىللاھ دەپ ئۆگىنىشمىزنى باشلايلى.
تۈرك تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قىسقىچە سىلىشتۇرما
تۈرك تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى گەرچە بىر-بىرىگە يېقىن بولسىمۇ ئۇلار ئوتتۇرسىدا يەنىلا بەزى پەرق بار.
مەسىلەن: eski دىگەن سۆزنى بىز ئەسكى دەپ چۈشەنسەك،تۈرك تىلىدا كونا دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
sebze دىگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدە مەلۇم بىر كۆكتاتنىڭلا ئىسمىنى بىلدۈرسە،تۈرك تىلىدا بارلىق كۆكتاتلارنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاي تۈرك ھەدەم ئېيتقاندەك bekar دىگەن سۆزنى بىز بىكار دەپ چۈشەنسەك،تۈركچىدە ئۇ بويتاق دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇڭا تۈرك تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرسىدىكى بەزى مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى.
1- تۈرك تىلىدا ،ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى يوق،مەسىلەن:çanta(سومكا) دىگەن بۇ سۆزنى،سومكىسى دىيىش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ،ئاجىزلاشتۇرۇپçantisi دىمەيمىز،ئاجىزلاشتۇرمايلاçantasi دەيمىز.
2- ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ت تاۋۇشى تۈركچىدە د بولۇپ كىلىدۇ،مەسىلەن:dilek,dil,dağ,duman( تىلەك،تىل،تاغ،تۇمان)....
3-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ك تاۋۇشى تۈركچىدە گ بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن:göz,gün,gönül,gömür(كۆز،كۈن،كۆڭۈل،كۆمۈر)....
4-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن م تاۋۇشى،تۈرك تىلىدا ب بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن:ben,buz,bin( مەن،مۇز،مېڭ)...
5-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن پ تاۋۇشىمۇ،تۈركچىدە ب بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن: batak,butak,bacak,but ( پاتقاق،پۇتاق،پاچاق،پۇت)....
6-يۇقىردىكىنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ب تاۋۇشى،تۈركچىدە پ بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن:pazar,parmak( بازار،بارماق .قول-پۇت بارماقلىرى>)....
7-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن چ تاۋۇشى،تۈركچىدە س بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن:saç,siçmak(چاچ،چىچىماق) ھى ھى ھى كەچۈرۈڭلار باشقا سۆز كاللامغا كەلمىدى.
8-يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن چ تاۋۇشى،تۈركچىدە د بولۇپ كىلىدۇ،مەسىلەن:düşünce,düşmek,diş (چۈشەنچە،چۈشمەك،چىش).......
9-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ب تاۋۇشى،تۈركچىدە ۋ بولۇپ كىلىدۇ،مەسىلەن:vermek,varmak( بەرمەك،بارماق).....
10-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ي تاۋۇشى،تۈركچىدە ئى،ياكى ئې بولۇپ كىلىدۇ،مەسىلەن:ip,irin,ırak( يىپ،يىرىڭ،يىراق)....
مانا بۇئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ تۈركچە ئىپادىلەنگەن چاغدىكى ئۆزگىرىشى، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەممە سۆزنى مۇشۇنداقلا ئۆزگەرتىپ قويساق تۈركچە بولىدۇ،دىگەنلىك ئەمەس جۇما،بۇ پەقەت باغلىنىشى بار بولغان سۆزلەرنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قارىتىلغان.
ئەمسە قۇرۇق گەپنى ئازراق قىلىپ ئەمىلى پاراڭلىشىشنى ئۆگىنەيلى،ھە راسىت پىقىر بىلوگ بىلىملىرىگە يىڭى كەلداخۇن بولغاچ تازا پىششىق ئەمەس،ماۋۇ بىلوگ تۈركچىنى تازا تونۇپ بولالمايۋاتامدۇ يا،بەزىلەرنىڭكىدە تۈركچە ھەرپلەر كاتەكچىگە ئايلىنىپ كۆرىنىدىكەن،بۇ مەسىلىمۇ ئالدىرماي ھەل بولار.
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم!!!!
سالاملىشىش،تونۇشۇش
merhaba،selam=ياخشمۇسەن؟؟
günaydın، iyi gunler =خەيىرلىك سەھەر،gün=كۈن،aydın=ئايدىڭ، خەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلساق كۈنۈڭ ئايدىڭ بولسۇن،ئايدىڭ دىگەن سۆزنىڭ يەنە زىيالى دەپمۇ مەنىسى بار،مەسىلەن:uygur aydinlari!
tünaydınياكىiyi ö-glenler =چۈشلىكىڭ خەيىرلىك بولسۇن.
iyi akşamlar ،iyi geceler!=خەيىرلىك كەچ!
Hoş geldiniz=خۇش كەپسىز.
Hoş bulduk=يۇقىرقى سۇئالغا جاۋابەن قوللىنىلىدۇ،bulmak=تاپماق،يەنى بۇ يەرگە كېلىپ خۇشاللىق تاپتىم دىگەن مەنىدە
Nasılsınياكى iyi misin =ئەھۋالىڭ قانداق؟Nasıl=قانداق،iyi =ياخشى،بۇلارنى سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىما قىلساق،Nasılsın
.................................
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ تۈركچە دەرس سەھىپىسىدىن ھا ھا ھا ئىلان چەكمەيسىز...
http://melek.blogbus.com/