ئۇنتۇلغان بۇرچ
ئۇنتۇغاقلىقمۇ ئىنسان ئۈچۈن غەلتە كىسەل .ياشانغىڭىدا بۇنداق بۇلۇپ قالساڭ ،ئۇ چۈشىنىشلىك ،خەقمۇ كەچۈرىدۇ ،ئۈزۈڭمۇ كەچۈرىسەن .لېكىن ياشلىقىڭدىلا ئۇتۇغاق بۇلۇپ قالساڭ ،بۇنىڭغا خەق تۇرماق ،ئۆزۈڭمۇ كۈلمەي ئىلاجىڭ قانچە !؟ يات بىر شەھەردە ئاغىنەم بىلەن ساياھەتتە بولىۋاتقا چاغلىرىم ئىدى . بىر –بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن تار كوچىلارنىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر ئۆينى قونالغۇ قىلغان ئىدۇق . ئېسىڭلاردا بولسۇن : بىز بۇ ئۆيگە شۇ كۈنى كۈندۈزدە ئورۇنلاشقان . بازار ئايلىنىپ قورساقمۇ تازا ئاچقان مەھەلدە ھېلىقى ئۆيگە قايتماقچى بولدۇق . كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى . ئالدىمىزدا ئىككى يول تۇراتتى . مەن بەزى ئالامەتلەرگە قاراپ ئوڭ تەرەپتىكى كوچىنى شۇ دەپ جەزىملەشتۈردۈم ،لېكىن ئاغىنەم مىنىڭ دىگىنىمگە ئۇنىمىدى . ئۇ سول تەرەپنى كۆرسەتتى . مەمۇ جاھىل گىپىمدە چىڭ تۇردۇم . ئۇ مىنى ئۇنتۇغاق دىدى ، مەمۇ ئئۇنى يادىڭدا بىرنىمە تۇرمايدۇ دىدىم . ئۇ مەن بۇ شەھەرگە بۇرۇن كىلىپ باققان دىدى . مەن ، بۇرۇن كىلىپ باقمىغا بولساممۇ ،بۇ كوچىدىن تېخى چۈشتىلا چىققان، دېدىم . بىز خېلى تالاشتۇق . ئاخىر مەن : ـــ ئۇنداق بولسا ، ھەر بىرىمىز بىلگەن يولىمىزغا ماڭايلى ،ــ دېدىم . ئۇ كۈلدى ۋە : ـــ ياق ، سەن بىلەن بىللە ماڭاي ،لېكىن بۇ تەن بەرگىنىم ئەمەس ،ــ دېدى . مەن غەلبە تەمااسى بىلەن ئۇنى باشلاپ ئۆزۈم دىگەن كوچىغا ئېلىپ كىردىم . كېتىۋاتىمىز ، كېتىۋاتىمىز ،بىز چۈشكەن ئۆي كۈرىنىدىغادەك ئەمەس . ماڭغانسىرى كىچىك كوچىلار كۆپىيىپ ،كۈرۈپ باقمىغانلا بىريەرگە كىلىپ قالدۇق . مە ئاخىرى گاڭگىرىغان ھالدا ئاغىنەمنىڭ كۆزىگە قاراپ قالدىم . ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى ۋە گەپ –سۆزسىزلا كەينىگە بۇرۇلدى .مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم . ھېلىقى كوچا دوقمۇشىغا چىققاندىن كىيىن ، ئۇ مىنى بايام دىگەن يولغا باشلىدى .ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا ھېلىقى ئۆيگە يىتىپ كەلدۇق . مەن ئۇنىڭ كۆزىگە خىجىللىق ئارىلاش قارىدىم . ئۇ كۈلدى ، دىمىسىمۇ ،ئۇ كۈلۈشكە ھەقلىق ئىدى . لېكىن كۆڭلۈمدە بىرنەرسە چىگىش : نىمىشقا ئۇ ئۈزىنىڭكى توغرا بولغاندىكىن ،ئۆز يولىغا كىتىۋەرمىدى ؟ نىمىشقا مىنىڭ كەينىمدىن ماڭدى ؟ مەن كۆڭلۈمدىكى ئويلىغانلىرىمىنى ئۇنىڭدىن سورىدىم . ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى : ــ مىنىڭ كەينىڭدىن ماڭغىنىم خاتالاشقانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە تۇنۇتۇش ؛ ئۆزۈمنىڭ يولىغا كىتىۋەرگىنىم ، توغرا يولغا سىنىمۇ بىللە ئېلىپ مېڭىش . دوستىنى ئازغۇن يوللاغا يالغۇز سېلىپ قۇيۇش ئادەملىك بۇرچ ئەمەس . مەن قايىل بولغان ھالدا ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم . ئۇ كۈلدى . ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ماڭا بايامقى ئۇنتۇغاقلىقىمنى ئەمەس ، بەلكى مەن ئۇنتۇپ قالغان ئاجايىپ بىر بۇرچنى ئىما قىلغانىدى . (مەنبە : ئەخمەت ئىمىننىڭ «مىنىڭ بىر كۈنۈم » ناملىق نەسىرلەر توپلىمى )
|