مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 485|ئىنكاس: 2

زەھەر چەككۈچنىڭ ئۆلۈمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بارچۇق قىزى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 808
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9222
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2112 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-30 03:55:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپىم جىمجىت،ھىچ قانداق چۇقان سۈرەن ئاۋاز يوق،ھەتتا ئۈزۈمنىڭ يۈرەك سۇقشىنمۇ ھىس قىلالمايمەن.ئۈزۈمنىڭ قەيەردە نىمە قىلۋاتقىنمنىمنىۇ،قەيەردە يېتىپ قالغانلىقمنىمۇ بىلمەيمەن،جانسىز قوللۇرۇم بىلەن ئەتراپمنى سىلاشتۇرۇپ باقماقچى بولدۇم،لىكىن زەھەر چىكىپ زەئىپلەشكەن تىنمدە شۇنچىلىك ئاددى ھەركەتنى قىلغۇچلىك ماغدۇر يوق.مەن قەيەردە يېتىپ قالغاندىمەن؟بۇ قەيەر؟زادى قەيەر؟......بۇ قېتىم زەھەرنى ئۇكۇل قىلپ ئۇرغىنمدا مىقدارى خىللا كۆپ بوپ كەتكەن،بۇنچىلىك ئۈزۈمنى بىلەلمىگدەك بولساممۇ مۇنچە ئۇزۇن يېتىپ قالمايتىم،مەن ئۈلۈپ كەتكەن ئوخشايمەن،مەن راسلائۈلۈپ قالغاندىمەنمۇ؟باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئادەم ئۈلۈپ جېنى تىندىن ئايرىلىپ نەچچە سائەتكىچە ئەتراپدىكى مۇھتىن خەۋەردار بۇلارمىش،ئەتراپدىكىلەرنىڭ نىملەرنى دەۋاتقالىقنى ھىس قىلالارمىش لىكىن ئىنكاس قايتۇرالماسىش،لىكىن مەن ھىچنىمنى ھىس قىلالمىغان تۇرسام،بەلكى ئۇنداق ھالەتتە ئۈلدىغانلار ناھايتى ئاز ساندا بۇلشى مۇكىن،بەلكى مەن راسلا ئۈلۈپ قالغان بۇلشۇممۇ مۇمكىن،ئەگەر ئۈلۈپ كەتمەي ھاياتلا قالغان بولسام،بىرەر باغچىدا ياكى يول بۇيدا،ھىچ  بولمىسا ئەخلەت دۈۋىلىرى يېندا بولسىمۇ يېتىپ قالغان بولسام باشقىلار دوختۇرخانغا ئېلىپ بارمىسمۇ ھىچ بولمىغاندا جىددى قۇتقۇزۇش بۈلمىگە تىلفۇنمۇ بولسا قىلپ خەۋەر قىلپ قۇيشىدۇ،ئۈلۈپ كەتسەم ساقچىخانغىمۇ بولسا خەۋەر قىلپ قۇيدۇ،ياكى بەك كەچ بوپ كەتكەن بولسا باشقىلار كۆرمەي قالغان بولسا كىرەك،كۈندۈز بولسا مەن مەيلى ھايات بۇلاي مەيلى ئۈلۈپ كىتەي باشقىلار مىنى بىرەر جايغا ئۇرۇنلاشتۇراتتى،چۈنكى بۇ گۈزەل تەرەققى قىغان شەھەردىكى مەدەنىيەتلىك كىشلەر بىچچارە بىر زەھەر چەككۈچنىڭ ھۇشسىز ياكى ئۆلگەن ھالتى بىلەن شەھەرنىڭ  گۈزە ل مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتشنى،تىنىچ تۇرمىشغا ۋەھمە سېلىپ قۇيشىغا قاراپ تۇرمايدۇ،ھەم خالمايدۇ ئەلۋەتتە......     ئۈلۈم!ئاھ -خۇدا مەن راسلا ئۈلۈپ قالغاندىمەنمۇ؟مەن ئۈلۈمدىن ھەقىقەتەن قورقىمەن،مەنلا ئەمەس ئادەمدىن ئىبارەت بۇ ئەقىلىق مەخلۇقنىڭ ھەمىسى ئۈلۈمدىن قورقىدۇ،قورقۇپ تۇرۇپ ئۈلۈم پەرشتىسگە،ئەزرائىلغا ئەڭ تىز ئۇچراشتۇردىغان ئىشلارنى ،يوللارنى تاللاشقا ئامراق،ئادەتتە پىيادە يول يۈرگەندىن ئاپتۇموبىل، ئايرۇپلاندا ماڭسا خېيىم خەترى  كۆپ بۇلدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان تۇرۇپ،ىېيىم خەتەرنىڭ بىلتىنى قىممەت باھادا سېتۋالمىز،تېخى ئەڭ تىز سۈرئەتتە قەھەنەمەە ئاپرىپ قۇيامدىكىن دىگەندەك سۈرئىتى تىز ئاپتۇمبىللارنى قىممەت باھادا سېتۋېلىپ ھەيدەيدەغنمىز قىززىق،مانا مەنمۇ جەھەنەمگە تەستە لىكىن قىممەت باھادا ئاپىردىغان زەھەردىن ئىبارەت نىجىسنى تاللىدىم ،ئۇنى چەكتىم،ئۇكۇل قىلدىم،مەن ئاپتۇمبىل سېتۋالغان بولسام بەلكىم ھازىرغىچە ئۇ دۇنياغا 10 قېتىم ئەرزەنرەكىنى ئالسا 50 قېتىم بېرىپ بۇلار ئىدىم لىكىن ،مەن كىينراق باراي دەپ زەھەر چەكتىم ھەي.........     مەن راستىنلا ئۈلۈپ كەتكەندىمەنمۇ؟مەن ئۈلۈپ كەتسەم ئۈلكۈم قەيەرلەردە سەرگەردەن بۇلار،ئۈزۈمنىڭ  ھايات ۋاقتىمدىكىسەرگەردانلىقىم  يەتمىگەندەك،كىم مىنى رەھمەتلىك.....دەپ ياخشى ئەمەلىرمنى ياخشى خۇلۇقلىرمنى دەپ ئەسلەپ قۇيار،كىممۇ جىنازىغا سېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ زاراتگارلىققىغا قۇيۇپ قۇيار،مەن ھاياتلىقمدا نىمە ياخشى ئىشلارنى قىلدىم؟توغرا مىنى مىڭ بىر جاپادا  بېقىپ تەربىيلەپ ،نەچچە گۈزەل ئارزۇللار بىلەن ئۇقتۇپ  خىزنمەتكە چىقارغان جاپاكەش ئاتا ئانامغا،مەندىن چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن يۇرۇت خەلقىمگە،مىنى چىن دىلدىن سۈيۈپ مەن ئۈچۈن بارلىقنى ئاتغان ئايالىم چولپانغا،ئۇماق ئوغلۇم ئالمجانغا مەن نىمە قىلپ بەردىم؟..مەن ئۇلارغا پەقەت ئازاب،پۈتمەس غەم ئەندىش،دىل يارسى قالدۇردۇم،ئەڭ ئاددى بىر دادنىڭ قىلشقا تىگىشلىك مەجبۇريەتلىنىمۇ ئۈتيەلمىدىم،مەن نىمانداق قالايمىقان بىر نىملەرنى ئويلاپ كىتمەن ھىلى ئۇ يەردىن ھىلى بۇيەردىن،مەن ئۈلۈپ قالغان تۇرسام،توغرا مەن ئۈلۈپ كەتسەم ئۈيۈمدىكلەر بۇنڭدىن خەۋەرسىز قالارمۇ،ئۇلارمىنىڭ ھايات مەزگىلمدىكى تۇرمۇشۇمنى قەيەرلەردە سەرگەردان بولغىنمنىمۇ بىلمەيدىغان تۇرسا  مىنڭ ئۈلمىمنى بىلەلمەسلىكىمۇمكىن،چۈنكى مەن تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن نەچچە مىڭ كىلوومىتىر يىراقلىقتىكى يات شەھەردە،ئۇلار بولسا تەكلىماكانىڭ يىراق يېزسىدا،مەن ئۈزۈمنىڭ ئۈلۈپ كەتكەنلىكگە سەل ئىشنەلمەيۋاتمەن،چۈنكى مىنى تېخى ئۇ دۇنيادىكى پەرشتىلەر سۇراق قىلمىدى،قارغاندا مەن ئۇخلاۋاتقان بۇلشۇم مۇمكىن مەن بارغانسىرى قاتتىق ئۇخلاۋاتقان بولسام كىرەك...    قۇلاق تۈۋىمدە تۇنۇش بىر يېقىملىق ناخشا ئاۋازى.ئەنە يالغۇز قېرى توغرق تۈۋدىكى ئاددى لىكىن مىھرى تۇلمۇ ئىسسىق ئۈيمىز،ئۈيمىزنىڭ يېنىدىكى قىزغۇچ چىچەكلەپ كەتكەن يۇلغۇنزارلىق ،يۇلغۇنلارغا يانداشقان كەڭرى كەتكەن قۇملىقتا ئۆسكەن قۇمۇشلارنىڭ ساپسېرىق پۈپۈكلىرى،مىنى بۇ يەرگە كىم ئەپكەلدى ؟بۇ مەن ھايات چېغىمدا چۈشۈمدىمۇ كىلشنى ئويلايدىغان كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن زىمىن ئەمەسمۇ؟مەن بۇ يەرگە قانداق كەپ قالدىم،مەن بۇلار بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشقىلى كەلگەن بولسام كىرەك....ئەللەي..توغرا ئەللەي ناخشىسى بەلكىم مۇشۇ ناخشىنىڭ تەسىردە قاتتىق ئۇخلاۋاتقان بولسام كىرەك،بۇ ناخشنى كىم  كىمگە ئېيتىپ بىرۋاتقاندۇر؟ توغرا كىم ئېيتۋاتقاندۇر؟ئانام ئوغلۇمغا ئېيتىپ بىرۋاتامدىغاندۇر ؟ئايالىم ئېيتىۋاتامدىغاندۇر؟ياق توغرا ئەمەس ئەللەي ناخشىسنى بۈشۈكتىكى بۇۋاق باللارغا ئېيتىپ بىردىغان تۇرسا ئوغلۇم ئاللىقاچان 10 ياشقا كىرگەن بالا.....ئاھ خۇدا بۇ ئانام ئەمەسمۇ،ئەنە  ئۇ بۈشۈك يېنىدا ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتقاچ بۈشۈكنى تەۋرەتمەكتە،توۋا بۇ ئانامنىڭ قىلۋالغان ئىشلىرنى قېرغاننى سەزمىەەندەك چاچلىرنى ئۆرۈپ دوپپا كىيۋاپتۇ،تېخمۇ قىزىقى قېشغا ئوسما قۇيۇپ ماۋۇ مىنڭ ئايالىم چولپاندىنمۇ ياشرىپ كەتكىننى،ئۇ مىنىڭ سەكراتتا ياتقىنمنى بىلمەەنمىدۇ....ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسىغا يېقىندىنلا دوۋس خېنىم ناخشىسى ئارلاشتى بۇ ناخشىنى بىر ئەر ئېيتىۋاتاتى،كىمدۇ بۇ مەن ئامراق ناخشىنى ئاڭلىغىلى قويماي ناخشا ئارلاشتۇرغان،ناخشا تېخمۇ يېقىندن ئاڭلاندى،ئانام ناخشىسىنى توختاتتى ،ئۈيمىزگە بىرى كىرىپ كەلەەن بولسا كىرەك،ئانام ئورنىدىن تۇرغاندەك قىلدى،ناخشا ئاۋازىمۇ توختاپ بىرى بۈشۈك تۈۋگىلا كەلدى ،بۇ دادام ئىدى،ما كارامەتنى كۈرۈڭ دادمنىڭ مۈكچەيگەن بەللىرى تۈزلىنىپ ،ئاپئاق چاچ ساقالىرى قاپقارا بوپ قاپتۇ،چىرايدا قورۇق دىگەن نەرسە يوق ،ھەتتا مەندىنمۇ ياشراق بوپ قالغاندەك قىلاتتى ئۇ ئاستا بۈشۈككە ئىڭشىپ بۈشۈكتىكى بالىنى سۆيدى،شۇ ھامان  مەڭزىمگە ئىسسىق بىر ھارارەت ئۇرۇلدى،ئەسلى بۈشۈكتىكى مەن ئىدىم،مەن ۋىلقلاپ كۈلمەكچى بۇلاتتىم لىكىن ئەللەي ناخشىسىدىنمۇ ئەيتاۋۇر قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن  بولسام كىرەك تاتلىق ئۇيقۇمدىن ۋاز كىچەلمەي كۆزلىرىم تېخمۇ چىڭ يۇملۇپ تېخمۇ قاتتىق ئۇخلۇدۇم.


    يۈزۈمگە سۇ تامچىلغاندەك قىلدى،قارغاندا يامغۇر ياغقان ئوخشايدۇ .ياق بۇ يامغۇر ئەمەس،دەريا سۈيى،ئەنە زەرەپشان  ؟مەن ئاڭلىدىم ،سۇنىڭ شارقىراپ ئېقۋاتقان ئاۋازى،دەريا بۇيدىكى پەلەككە بوي سۇنغان ئىگىز توغراقلار،ئۈزگە سۇ بەرگەن دەرياغا ئىگلىپ تازىم قىلۋاتقاندەك ئۆسكەن يۇلغۇنلار....    بۇرنۇمغا  دەريا بۇيدىكى ياۋا گۈللەر پۇراۋاتدۇ،بۇ گۈللەرنىڭ پۇرقىغا ھىچ بىر گۈلنىڭ پۇرقىنى ئوخشىتۇش مۇمكىن ئەمەس,ماۋۇ شەھەرلەردەقىممەت باھادا سېتۋاتقان پارنىكنىڭ ئەتىر گۈللىرمۇ ماۋۇ يۇرتۇمنىڭ ياۋا  گۈلىرچىلك پۇرقى يوق،خۇددى  گىرىم  بىلەن چىرايلىق بۇلۋالغان،قىممەت باھالىق كىيملەرنى كىيۋالغان ماۋۇ شەھەرنىڭ قىزلىرى گىرمسىز ،تەبئى ،چاچلىرنى نەچچە تال قىلپ ئۆرۈپ،ئەتلەس كۆينەك كىيىپ يالاڭ ئاياغ يۈرگەن سەھرا قىزلىرچىلك چىرايلىق كۈرۈنمىگەندەكلا.......توغرا مەن بۇنى نىمە ئۈچۈن بالدۇرراق ھىس قىلمغاندىمەن،مىنىڭ ئايالىم چولپان دەل شۇنداق تەبئى گۈزەل قىزلاردىنغۇ؟مەن ئۇنى تاشلاپ كەتتىم،ئۇنىڭ پاك قەلبىگە ئازاپ،ماڭا بولغان ئۆچمەنلىك قالدۇرۇپ ،مۇشۇ نەپسىمنىڭ ،شەيتانىڭ كەينىگە كىرىپ مۇشۇ يات شەھەرگە كەلدىم ،مىنىڭ بىر ئوبدان خىزمىتىم،بەختلىك ئائىلەم ،ئەنە شۇنداق گۈزەل ئايالىم بار ئىدىغۇ؟........ئەخمەقنىڭ دوستى تۇلا پىيازنىڭ پوستى،دەيدىغان، دادام،بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۈز ئىكەنلىكنى ئەمدى ھىس قىلدىم لىكىن تۇلمۇ كىچىكىپ ھىس قىلدىم،مىنىڭ مۇشۇنداق بەڭگى،چىكەرمەن بوپ قېلشىمغا،زەھەردىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستىنىڭ قۇلغا تۇتۇپ بەرگىنى يەنلا شۇ دوسلۇرۇم ئەل ئاغىنلىرمدىن چىققان مۇناپىقلار سەۋەبچى ئەمەسمۇ؟.................   شۇنداق تىنىچ تۇرمۇش كەچۈرۋاتقام كۈنلىرمدە يۇرتىمىزدىكى بۇرۇن كۇلىغا (يەرلىكتىكلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەمىسنى قۇشۇپ كۇلى دەپ ئاتايدۇ)چىقىپ كىتىپو يۇرتقا قەدەم باسمىغلى ئۇزۇن بولغان ئاغىنەم ھاشىم ئۇچقۇر پەيدا بولدى،ئۇنىڭ بۇرۇندىنلا مەھەلمىزدە داڭقى چىققان ئوغرى ئىكەنلىكنى ھەممەيلەن بىلەتتۇق،لىكىن بۇ قېتىم ئۇ باشقىچە بىر تۈس بىلەن مەھەلىمىزگە پەيدا بولدى،داڭلىق ماركىلىق پىكاپ،ئۇچسىدىكى تىلۋىزۇرلاردىكى ئارتىسلارنىڭكىدەك چىرايلىق كىيملىرى  ئۇنى باشقىچە قىلۋەتكەن،قوللىردىكى ئالتۇن ئۈزۈكچۇ تېخى ھەمىدىن ھەيران قالارلىقى ئۇ بۈدرە چاچلىرى ئالا تاغىل بۇيالغان .كۈرنىشدىن دۇكانلاردىكى چەتئەلنىڭ قونچاقلىردەك ياسانغان بىر قىزنى ئەگشتۈرۈپ كەلگىنى بولدى،ئۇ مەھەلىگە كىلپلا بۇرۇنقى ئاتا ئانسىنىڭ كونا ئۆيلىرنى يېڭدىن   پىششىق قىش بىلەن ھەشەمەتلىك قىلپ سالدى،بىزنىڭ يېزمىزدىكى ئەڭ كاتتا ھىساپلىندىغان  تۇردى ھاجىنىڭ ئۈيىمۇ ئۇنىڭ سالغان ئۈينىڭ ئالدىدا ھىچنىمگە ئەرزىمگىدەكلا بوپ قالدى،كىمنىڭ ئاغزىغا قارسىڭىز ھاشم ئۇچقۇرنىڭ گەپ سۆزلىرى،قاراڭلار ئۇ بەك كاتتا باي بوپ كىتپتۇ،كۇلىدا چوڭ تىجارەت قىلۋېتىپتۇدەك،ئاۋۇ قىز ئۇنىڭ  ئايالكەن ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق باينىڭ قىزكەن.......بۇنداق پاراڭلار كۇچدىن ھەتتا مەن ئىشلەۋاتقان كەنىت باشلانغۇچ مەكتىۋىگچە كىردى،دەرستىن بىكار بولغان بىر نەچچە ئۇقۇتقۇچلار ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ئۇنىڭ پارىڭىنى قىلشاتتى،بۇرۇن ئۇنى ھاشىم ئۇچقۇر دەيدىغانلار ئەمدى ئۇنى ھاشىم لوبەن،ھاشىم جان دەپ چىرايلىق ئاتايدىغان ،ئۇنى خۇددى يېڭىلا ھەرەمدىن كەلگەن ھاجىلارنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلىشدىغان بۇلۇشتى.  ئۇنىڭ بىلەن مەن بىر مەھەلىدە ئويناپ چوڭ بولغاچقا،ئۇنىڭ بىلەن خىلى يېقىن ئۈتەتۇق ئۇ پات -پات مىنى ئىزدپ مەكتەپكىمۇ كەپ قۇياتتى، بۇنداق چاغلاردا مەكتەپداشلىرىم ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قېتىم پاراڭلىشۋېلىش كۇلىدكى تەرەكقىياتلاردىن ئانچە مۇنچە ئاڭلىۋېلىش ئۈچۈن زورلاپ دىگدەك ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ ئەھۋال سۇرشۇپ كىتەتتى.بۇنداق چاغلاردا ۋىلايەتنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان مەندەك سەھرالىق ئۇقۇتقۇچمۇ ئۇنىڭ دەپ بەرگەن ئالامەت كارامەت ئىشلىرنى زەن سېلىپ ئاڭلايتىم ،ئۇمۇ زىركمەي تەپسىلى خۇددى مەككە مەدىنەنى تەرپلىگەندەك كۇلىنىڭ داڭقىنى سۆزلەيتى.شۇنداق قىلپ بىزمۇ پات پادت كۈرشۈپ تۇردىغان بولدۇق ،ئۇ بىر كۈنى مىنى ۋىلايەتنىڭ مەركىزى شەھرىگە ئېلىپ برىپ ئويناتتى،ئاتا ئانام كەمبىغەل بولغاچقا بۇ يەردىكى دارلمۇئەلىمدە ئۇقغان ۋاقتىمدىمۇ ئۇيۇن تاماشا ىبار يەرلەرگە ئانچە بېرىپ كەتمەيتىم،چۈنكى ئۇنداق يەرلەر گە پۇل بولمىسا بولمايدۇ دە-! بىز بۇ قېتىم قانغۇچە ئوينىدۇق ،ئۇنىڭ ھېلقى ياسانچۇق قونچىقمۇ بىز بىلەن كەلدى،ئۇ مەن بىر قىز زىركىپ قالمەن دەپ بۇ يەردىكى تۇنۇش بىر دوستىغا تىلفۇن بىرىپ چاقىرۋىدى ئۇ بىردەمدىلا پەيدا بولدى،ئۇمۇ  ماۋۇ ھاشىم ئۇچقۇر ياق ھاشىم لوبەندەك كۇلىغا چىقدىغان قىز ئىكەن ئۇنىڭ تۇرقىمۇ ھاشىم لوبەننىڭ قونچىقنىڭ تۇرقىدىن قېلشمايتى،ئۇلار بىز ئىككەيلەنى تۇنۇشتۇرۇپ قويدى،بىزمۇ خىلى چىقشىپ قالدۇق،ئۇنىڭ ئىسمى گۈلچىھرە ئىدى،بۇ قېتىم تۆتەيلەن،بەزمىخانا ،تاڭسىخانا،دىبا،رىستۇرارن دىگەنىڭ ھىچقايسسى چالا قالدۇرماي تازا ئوينىدۇق،ھاشىم لوبەن بىلەن ئۇنىڭ قونچىقى ،گۈلچىھرە مىنى سودا سارايلارغا ئېلىپ بېرىپ كىيىم كىچەكلەرنى ئېلىپ بىرىپ مىنمۇ ئۆزلىردىن قېلىشمىغدەك ياسۋەتتى.كەچتە ياتاققا قايتتۇق،بايا رىستۇراندا ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىردىن مەنمۇ خۇدۇمنى ئانچە بىلەمىگەن بولسام كىرەك،مەستلىكتە گۈلچىھرە بىلەن بىر ياتاققا كىرىپ كىتپتىمەن،بۇلار ئىشنىڭ ھەمىسى بوپتۇ،ئەتسى ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارسام ئۇ قوينۇمدا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن،كاللامدىن چاقماق چاققاندەك بىر سىزىم ئۆتتى،نىمە قىلارىمنىمۇ بىلمىدىم،چۈنكى مەن بىر بالنىڭ دادسى،مىنڭ ئايالىم ئائىلەم بار ئادەم تۇرسام،بۇ مىنىڭ تۇنجى باسقان خاتا قەدىممىم ئىدى،لىكىن بۇ قەدەمنىڭ مىنڭ پۈتۈن ھاياتىمغا تەسىر قىلشىنى مەن خىقيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم


تويمىزنى تۈگتۈپ بىر ھەپتىگىچە گۈلچىھرە ماڭا ھەمرا بۇلۇپ شاڭخەينىڭ ئەڭ چىرايلىق يەرلىرنى، داڭلىق ئۇيغۇر ئاشخانلىرنى،ساياھەت رايۇنلىرنى،دېڭىز بويلىرنى ،كاتتا سودا سارايلارنى كۆرسىتىپ ساياھەت قىلدۇردى،ماڭ ياققان ھەممە نەرسىنى غىڭ قىلماي ئېلىپ بەردى.بىز خۇشال خۇرام شىرىن كۈنلىرمىزنى مانا مۇشۇنداق باشلىدۇق،بىر ھەپتىدىن كىيىن  ئۇ ئوقەتلىرى بىلەن تۇلمۇ ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى،كۈندىزى بەزى ۋاقىتلاردىلا بىرەر دوستىنىڭ توي،چايلىرى بولسا بىللە رىستۇرانلارغا بىرگە بارمىز،بولمىسا ئۇنىڭ ماڭا ھەمرا بۇلدىغىنغا ۋاقتى يوق .سودا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش،نىمە سودا دىدىڭىزما ،بۇنداق چوڭ شەھەرلەردە بىزدەك ئادەملەرگە ھالال تىجارەت قىلپ جان باقدىغان ئىش كەمدىن كەم ئۇچراپ قالدۇ،بۇرۇن كىلپ ئاشخانا ئېچىپ ،كاۋاپچىلىق قىلدىغانلاردىن باشقا كۆپ قىسم  ئادەملەر زەھەر سودىسى ،ياكى يانچۇقچۇلۇق قىلپ جان باقمىز،بۇ يەردە بۇ كەسپلەرگە تۇلمۇ چىرايلىق قىلپ نام بىرلگەن،زەھەر سودىسى قىلدىغانلار ئوقەتچىلەر،يانچۇقچۇلۇق قىلدىغانلار بازار ئوينايدىغانلار دىيلىدۇ، مەنمۇ ئەڭ دەسلەپ ئايالىم گۈلچىھرە ئوقەت قىلمەن دىسە نىمە ئىش قىلدىكىن دەپتىمەن،كىينچە ئۇنىڭ زەھەر سودىس قىلدىغىننى بىلدىم،بۇرۇنقى زەھەر دىگەن نىجس نەرسە،ئۇنى ساتقۇچى ئىپلاس كىشلەر دەيدىغان قارشىممۇ گۈلچىھرە بىلەن توي قىلپ پۇلنىڭ دۆلتىنى،كارامەتلىرنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆزگىرىپ،بۇ ئوقەتنىمۇ يۈركى بارلار قىلدىغان سودا،زەھەرنىمۇ باي بۇلۇشتىكى كۇزۇزر دەپ ھىساپلايدىغان، كاللام تۇلمۇ ئۇچۇق كۇلىچى بوپ كەتتىم.گۈلچىھرە كۈندىزلىرى ئالدىراش ،سەھەردىلا ئىجارە ئالغان ئۈيمىزدىن چىقىپ كەتسە كەچتە  تۇتام- تۇتام پۇللارنى كۈتۈرۈپ كىرەتتى،مەن بولسام ئۆيدە بىكار يېتىپ تىلۋىزۇر كۈرەتتىم،زىركسەم،ھاشىم ئۇچقۇر بىلەن تىلفۇندا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سۆزلىشىپ،ئىچ پۇشقۇمنى چىقراتىم،كىينچە گۈلچىھرەنىڭ دەۋتى بىلەن كۇچلارنى ئايلىنىپ كىردىغان،خادلىغان نەرسىلىرمنى سېتۋالدىغان بولدۇم،بۇنىڭدىنمۇ زىركسەم تۇيمىزدا تۇنۇشقان ھېلقى كونا كۇلىچى يىگىتلەر بىلەن قاۋاقخانلارغا، بەزمەخانلارغا بېرىپ كۈڭۈل ئاچدىغان بولدۇم ،مەندەك ئىش كۆرمىگەن پۇلدار كۇلىچى بىلەن ئۇلارمۇ يېقىن بوپ كەتتى،بىردەم كۈرۈشمىسەك چىداشمايدىغان،ئۈزمىز كۈرشەلمىسەكمۇ تىلفۇندا بولسىمۇ كۈرشىدىغان بولدۇق.كىينچە بارا- بارا بۇ ئۇيۇن تاماشىلاردىن زىركىپ بىرەر ياتاققا كىرۋېلىپ قىمار ئوينايدىغان بولدۇق.بۇرۇن يېڭى كەلگەندە كۈنەلمەي زىرككەن بولسام ئەمدى كۈنۈپ كونراپ  قالدىم،كۈنۈپ قالغاندىن كىيىن بولسا ئۈزۈممۇ تۇيمايلا يېزامنى، ئاتا -ئانامنى ،ئوغلۇمنى،ئايالىم چولپاننى ئەسلەپ قالاتىم ،ۋەيتەنگە بېرىپ خۇڭپۇجاڭ  دەرياسىنى كۆرسەم خۇددى زەرەپشان دەرياسى بۇيدا ،ئولتۇرغاندەك تۇيلۇپ كىتەتتى،لىكىن بۇ دەريا بۇيدا يۇرتۇمدىكدەك توغراق يۇلغۇنلار يوق ،قىرغاقلارغا ئۇرلۇپ ئېقۋاتقان دەرياغا قارغىنمچە  زەرەپشانىڭ گۈزەل مەنزىرسىى،مىھرىبان ئانام،جاپاكەش بەللىرى  مۈكچەيگەن دادام،شۇ ئۇماق ئوغلۇم ،چولپانىڭ چىرايلىق كۆزلىرى   ئىسمگە ئېلىپ كۈزۈم ياشقا تۇلاتتى،ئۆز-ئۈزۈمنى بەزلەشكە باشلايتىم ،بولدى قىل،سەن ئۇلارنى ئەسلىمە ،سەن گۈلچىھرەنى ئويلا،بۇ گۈزەل شەھەر تۇرمۇشىڭنى ئويلا ،ئەگەر گۈلچىھرە بولمىسا سەن بۇنچە چىرايلىق،تەرەققى قىلغان ،داڭلىق شاڭخەي  شەھەرىگە كىلەلەمتىڭ،ئايرۇپلاندا ئولتۇرۇشنى خيالىڭغا كەلتۈرەلەمتىڭ،ماۋۇ كىيۋاتقان كىيملىرڭنى پەقەت خەقنىڭ ئۇچسىدا كۈرەتىڭ،ماۋۇ يانچۇقۇڭدىكى پۇللارنى ھۈكمەتكە نەچچە ئاي سادىق چاكار بۇلۇپ ئىشلىسەڭ ،ئاندىن ئالاتىڭ،ماۋۇ ۋەيتەنگە كىلپ ياغاچ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئاۋۇ كۈرۈنۈپ تۇرغان داڭلىق دۇڭفاڭ مىنزۇ مۇنارىنى،پۇدۇڭ تەرەقىيات رايۇننىڭ كىچلىك مەنزىرسىنى   ئۇخلىساڭ چۈشۈڭدە،ياكى بولمىسا بىرەر كىنو،خەۋەرلەردىلا كۈرەتتىڭ ،مانا ھازىرچۇ پەقەت گۈلچىھرە بولغاچقىلا، شۇ بايلىق پەرشتەڭ بولغاچقىلا سىنىڭ پۈتۈن خام خىيالىرىڭ رىئانلىققا ئايلاندى ،سەن يۇرۇتۇڭدىكلەر،ئۇرۇق تۇققانلىرىڭ،ئاتا-ئاناڭ  بىر ئۈمۈر كۈرۈپمۇ باقمايدىغان يەرلەرنى كۆردۈڭ. تۇتام-تۇتام پۇللار سەن ئۈچۈن ھىچ نىمە ئەمەس ،خالغىنىڭنى قىلسەن،بارغۇڭ بار يەرگە بارسەن، ئالغۇڭ بار نەرسىنى ئالسەن يەنە سىنىڭ نىمەڭ كەم ؟بولدى قىل ئەخمەق !-دەيتىم ئۈزۈمگە.شۇ زىركىشلىك كۈنلىرمدە ھاشىم ئۇچقۇرمۇ يۇرتۇمدىن بۇ يەرگە قايتىپ كەلدى،ئۇنى كۈرۈش بىلەنلا مانا ئەمدى زىركمەيدىغان بولدۇم دەپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم ،نىمىلا بولمىسۇن ئۇ بۇ يەرگە مەندىن بۇرۇن كەلگەن،بۇ يەرگە پىششىق،ئۇمۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك كىلپلا مەن بىلەن  كۈندە كۈرشۈپ تۇردى، ئۇنىڭ ئايالىمۇ كىلىپلا ئالدىراش بوپ كەتتى ،ھاشىم ئۇچقۇرنىڭ ئايالى  يۇرتىكلەر ئېيتقاندەك چوڭ باينىڭ قىزى بولماستىن بەلكى مۇشۇ شەھەردىكى داڭلىق مۇشتۇمزورنىڭ قىزى ئىدى ،ئۇ مىنىڭ ئايالىمدەك ئوقەت قىلمايتى،ئۇنىڭ بىر نەچچە پىشقان كىچىك ئوغرىللىرى بۇلۇپ بازار ئوينايتى ،ئۇنىڭ تاپاۋىتمۇ مىنىڭ ئايالىمنىڭكىدىن قېلىشمايتى،،ھاشىم ئۇچقۇر بىلەن مەن ئالغان چىرايلىق سەتەڭ، قۇلدىن ئىش كىلدىغان خۇتۇنلارنىڭ دۆلتىنى كۈرۈپ ياشاۋەردۇق ،كۈنلىرمىز ،ھاراق ئىچىش،كۈڭۈل ئېچىش،قىمار ئويناش بىلەن ئۆتتى،مانا ئەنە دەپ ئولتۇرۇپ مىنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنمگە 2يىلدىن ئاشقان شۇ كۈنلەردە ئۈزۈممۇ ھىس قىلماستىن خەنزۇچە سەۋيەم ئۈسۈپ كەتتى.خەنزۇچە سۆزلەڭ دىسە خىلى -خىلى  ئۇقغان مىن كاۋ خەنلەردىن قېلىشمىغدەك بوپمۇ قالدىم،خەنزۇچە سەۋيەم ئاشقاندىن كىيىن بىزنىڭ باردىغان سورۇنلىرمىزنىڭمۇ دەرجىسى كۈترىلدى،بۇرۇنقىدەك ئۇيغۇرلانىڭ رىستۇرانلىردا ئىچىپ ئولتۇرماستىن خەنزۇلارنىڭ ھەتتا چەت ئەلىكلەرنىڭ ئاچقان بەزمەخانلىردا سورۇن تۈزدىغان بوپ كەتتۇق،بىر نەچچە داڭدار سەتەڭلەر بىلەنمۇ تۇنۇشۇپمۇ قالدۇق ،ئۇلارمۇ ھاشىم ئۇچقۇر بىلەن ماڭا  بەك ئامراق بۇلۇپ كىتشتى،چۈنكى يانچۇق توم  ،ئۈزمىز مەرت،كىلشكەن تۇرساق،كىينچە بۇ سەتەڭلەردىنمۇ،ھاراقتىنمۇ زىرىكىپ نەشە چىكدىغان بۇلۋالدۇق،نەشىنمۇ بىرەر يىلدەك چەكتۇق، نەشنىڭ كەيپىمۇ تېتماس بولدى،ھاشىم ئۇچقۇرنىڭ  پىكرى بۇينچە  زەھەر چىكپ باقماقچى بولدۇق، دەسلەپ ئىككى،ئۈچ كۈندە بىرەر قېتىم چەكتۇق،كىينچە كۈندە بىرەر قېتىم چەكتۇق،بارغانسىرى چەكمىسەك تۇرالمايدىغان كۈندە نەچچە قېتىم چىكدىغان ھالەتكىمۇ كەلدۇق،چەكمەي قالساق كۈزمىزدىن ياش ئېغزىمىزدىن شۆلگەي ئېقىپ توختىماس بولدى، بەدەنلىرمىز سانچىلىپ ئاغرىپ بىئارام بۇلۇپ يۈردۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زەھەرنىڭ خۇمارى،كەيپى بىزنى ئۈزگە بەن قىلدى،ئۇنى چەككەن كۈنلىرمىز شغۇنچىلك روھلۇنۇپ،خىيالىمىزدا جەننەت ھۇزۇرى سۈرگەندەك بۇلۇپ قالاتتۇق،ئايالىم گۈلچىھرە مىنڭ زەھەرگە ئۈگۈنۈپ قالغىنمنى بىلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە ماڭا  ئانچە قاتتىق تەگمىدى،مىنى چەكمەڭ دىگەن گەپنىمۇ قىلمىدى ،مىنى ۋاقتىدا چىكدىغان تاماكام بىلەن تەمىنلەپ تۇردى ،ئەڭ دەسلەپ قەغەزدە بەڭ قىلپ چەككەن بولسام كىينچە خۇمارىم ئېغىرلاپ ئۇكۇل قىلپ ئۇردىغان بولدۇم ،ئۇنىڭ قارشىچىمۇ  زەھەرنىمۇ پۇلى بار نوچىلار چىكەلەيمىش،مەن چەكسەم ئۇنىڭ ئوقەتچى  دوسلىرى ئالدىدا يۈزى يۇرۇق بۇلارمىش، ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ مال ئەۋرىشكىسنى كۆرسەتكىلى خەقنى ئىزدەپ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمەيدۇ- دە،مانا ئەمدى بىز سىپىمۇ، تىغمۇ  ئۈزدىن  زەھەر ئەتكەسچىسى بولدۇق،ئۇ ساتدۇ ،مەن  ئەۋرىشكىسنى كۈرمەن .مىنىڭ زەھەردىن غىمىم يوق چىكىپ  يۈرىۋەردىم .
كۇلىغا كىلپ 3يىلدىن ئاشقاندا يۇرتۇمىزغا بىر قېتىم باردۇق ،مەن بۇرۇن خيال قىلغىنمدەك  داڭلىق ماركىلق پىكاپتىن بىرنى ھەيدەپ ،ئايالىم گۈلچىھرەنى قونچاقتەك ياساپ يېزىمىزغا باردىم،ھەممە كىشى ماڭا ھەۋەس قىلپ قاراپ قالدى،ھاشىم ئۇچقۇرغا ھۆرمەت قىلغاندەك ھۆرمەت قىلدى،لىكىن ئاتا -ئانام ،مىنىڭ بۇ ئىشلىرمنى قوللىمدى،ئاپارغان سوۋغا،سالاملىرمنى قۇبۇلمۇ قىلمىدى ،ئايالىم گۈلچىھرەنى كىلنىمىز دەپ ئىتراپمۇ قىلمىدى،ئۇلارنىڭ قارشىچە ئايالىم گۈلچىھرە بۇزۇق خۇتۇن ئىدى،قانچە چۈشەندۈرۈپ يالۋۇرساممۇ ئۇلار جاھىللىق قىلپ  بىزنى قوغلاپ چىقاردى.مەيۈسلۈك بىلەن گۈلچىھرەنى ئېلىپ شەھەرگە قايتىپ ككىلپ ھېلقى داچىدا بىر مەزگىل تۇرۇدۇق،چىكىش ئۈچۈن ئەكەلگەن زەھەر تۈگەپ ھەر تەرەپتىن مال ئىزدەيتىم،بۇ يەردە مال تاپماق بەكمۇ مۈشكۈل ئىكەن ئاخىرى ،قوزغۇلۋاتقان خۇمارىمغا چىديالماي  يەنە شاڭخەيگە قايتىپ كەلدۇق.مىنڭ ئىشرەتلىك كۈنلىرىم يەنە باشلاندۇ،گۈلچىھرەنىڭ ئوقىتمۇ بۇرۇنقىدەكلا ياخشى ،ھىچنىمدىن غىمىم يوق،ئاق چىكمەن،ئوينايمەن،ئايالىمنىڭ تاپقان پۇلنى خاتىرجەم خەجلەيمەن .
قايتىپ كىلپ بىر يىلدىن ئاشقاندا ھاشىم ئۇچقۇر يۇرۇتقا بىر قېتىم بېرىپ كەلدى،ئۇنىڭ ئېيتىشچە دادام ئۈلۈپ كىتپتۇ،ئانام چولپان بىلەن بىرگە تۇرۋېتىپتۇ،ئوغلۇممۇ مەكتەپتە ئۇقۋېتىپتۇ،دادامنىڭ ئۈلۈم خەۋرىنى   ئاڭلاپ  كۆڭلۈم يۇلمۇ يېرىم بولدى،قانغىچە يىغلىدىم،ئۈزۈمنىڭ بىر ئۇغۇل تۇرۇپ دادامنىڭ ئۈلمىدىمۇ  تۇرالمىغنىمدىن،ئۇنىڭ جىنازىسنىمۇ كۈترەلمىگىنمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم ،بۇ كۆڭلۈمنىڭ يىرملىقى بىر قېتىملىق زەھەر خۇمارىمنىڭ بېسلىشى بىلەن تەڭ،بىر نەچچە پۇتۇلكا پىۋا ئىچىپ  خاتىرەمدىن ئۇنتۇلدى.كەيىپ ساپالىق تۇرمۇشۇم يەنە بىر مەزگىل داۋام  قىلدى،لىكىن بۇ داۋاملىشىش ئۇزۇنغا بارمىدى،ئايالىم گۈلچىھرە  زەھەر سودىسى قىلۋاتقاندا ساقچىلارغا  تۇتلۇپ قېلىپ،تۈرمىگە تاشلاندى،ئۇ كىرىپ قالغان دەسلەپكى كۈنلەردە ئۈيمىزدە قالغان ماللارنى چىكىپ كۈن ئۆتكۈزدۈم ،ئۇ مالمۇ تۈگەپ پۇلغا ئېلىپ چەكتىم،يېتىپ يىسە تاغ توشماس دىگەندەك گۈلچىھرە بار ۋاقىتتا بىلنەشمىگەن چىقىم مانا ئەمدى تازا بىلنگىلى تۇردى،ئالتە ئايغا قالمايلا گۈلچىھرەدىن قالغان نۇرغۇن پۇلنى چىكىپ تۈگەتىم .بۇرۇنقى شاھزادىلەرچە تۇرمۇشۇم پۇلدىن ،گۈلچىھرەدىن ئايرىلغاندىن كىيىن دىۋانىلەرچە تۇرمۇشقا ئايلاندى.يانچۇقتا پۇل يوق،ھېلقى كۇلىچى ئاغىنلىرممۇ ماڭا قارماس بولدى،ھاشىم ئۇچقۇرمۇ بۇرۇنقىدەك كۈندە كىلپ مىنى يوقلىمايدىغان بولدى،پەقەت بىر نەچچە كۈندە بىرەر قېتىم ئاشخانغا ئاپرىپ تاماق ئېلىپ بىرشكە ياردى،شۇنداق قىينىلۋاتقان كۈنلىرمدە ماۋۇ ئىجارە ئالغان ئۈيۈمنىڭ ۋاقتى تۇشۇپ ،سىرىتلا قالدىم ياتاقتا يېتىشقا پۇل يوق ئامالسىز باغچىلاردا يول بۇيدىكى ئورمانلىقلاردا كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇم .زەھەر خۇمارىم بىلەن ئاچلىق بىرلىشىپ مىنى تۇلمۇ قىينىدى،نەم يەرلەردە يېتىش ،ئاق چىكىپ زىئىپلەشكەن تىنمنى تېخمۇ  زەئىپلەشتۈرۋەتتى .
بىرەر ئاشخانلاردا ئىشلەپ جان باقماقچىمۇ بولدۇم، لىكىن مەندەك چىكەرمەن بەڭگىنى ئىشلىتىدىغان ئادەم نەدە دەيسىز ،ئۇلار ماڭا بىرەر ۋاق تاماق بىرپلا مىنى چىقىرۋىتشتى، يۇرتۇمغا قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم،لىكىن قايتىپ كىتدىغانغىمۇ كىراغا پۇل يوق،گۈلچىھرە بىلەن مىنىڭ ئارمىزدا پەقەت نىكاھلا بار،توي ختمىز يوق بولغاچقا ئۇنىڭ يۇرۇتكى مال مۈلكىگە مىنىڭ ئىگدارچىلق قىلش ھۇقۇقۇم يوق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بۇلغانغان بەدنىمنى،بۇلغانغان ۋىجدانىمنى  ئاشۇ بۇلغانمىغان زىمنغا ئاپرىشقا يۈزۈم چىدمىدى ،تۈنگۈن خۇمارىم تۇلمۇ قاتتىق تۇتتى،كۈزۈمدىن ياش، بۇرنۇمدىن سۇ ئېقىپ ،پۈتۈن بەدنىمگە بىر نەرسە سانچىلغاندەك ئاغرىپ ،قۇرسۇقۇم مۇجلۇشقا باشلىدى،مىنىڭ بۇ تۇرقۇم بەئەينى رۇھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانسىدىكى  كىسەللەرگە ئوخشاپ قالدى،ياتقان ئورمانلىقتىن سىرتقا مىڭ تەستە چىقتىم،يول بۇيدىكى  ئامىۋى تلفۇندا ئاغىنەم يۇرتۇدېشىم ھاشىم ئۇچقۇرغا،ياق ياق ھاشىم لوبەنگە تىلفۇن ئۇردۇم،ئۇ تىلفۇننى تەستە ئالدى،مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا  كىچىك بالدەك مىشلداپ يىغلاشقا باشلىدىم، ئۈزۈمنى پەقەت تۇتۋالالمىدىم ،ئۇنىڭغا ئەڭ چىرايلىق گەپلەرنى قىلدىم ، يالۋۇردۇم، ئۇنىڭ ماڭا رەھمى كەلدىمۇ قانداق ئايالىنىڭ قول ئاستىدىكى كىچىك بىر ئوغرىدىن ئازراق زەھەر ۋە پۇل ئەۋەتىپتۇ،زەھەرنى كۈرۈش بىلەن گۈلقەقەلىرم ئېچلىپ ،پۇت -قۇلۇمغا ماغدۇرمۇ كىرىپ كەتتى ،دۇرخاندىن  زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئىشلتىدىغان   ئىشپىرستىن بىرنى،مىنرال سۇدىن بىر پۇتۇلكا سېتۋالدىم ،يول بۇيدىكى قۇيۇق ئورمانلىققا كىردىم ،ھاشىم ئۇچقۇرنىڭ ئەۋەتكەن خىلى كۆپ زەھرىنىڭن ھەمىسنى  ئىشپىرسقا سېلىپ ئازراق سۇدا ئىرتىم ،ئۇكۇلنى ئۇردىغانغا تۇمرۇمنى ئىزدىىدىم ،نەچچە ۋاقىتىن بىرى تۇلا ئۇكۇل ئۇرغاچقىمۇ پۇت-قۇلۇمنىڭ ساق تۇمۇرلىرى قالمىغان ئىكەن،ئاخىر  قاتتىق تۇتقان خۇمارىمنى بېسىش ئۈچۈن، قاراملىق قىلپ ئۇكۇلنى بوينۇمدىكى چوڭ گۈرەن تۇمرۇمغا سانچىدىم ،زەھەر سۇيۇقلىقى ئاستا-ئاستا تۇمۇرۇمغا كىرشكە باشلىدى ، تەسۋىرلىگىسىز بىر خىل لەززەت پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى ،كۈزۈم ئاستا-ئاستا يۇملۇشقا باشلىدى .تىنىم بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكىمۇ ،ۋە ياكى بۇقېتىملىق زەھەرنىڭ مىقدارى سەل كۆپ بوپ كەتىمۇ قانداق  ئىسمگە كىلەلمىدىم،قۇلاق تۈۋىمدىكى ئەللەي ناخشىسىنىڭ  مۇڭى قۇشلۇپ تېخمۇ قاتتىق ئۇخلاشقا باشلىدىم،مانا يۇرتۇم،مانا شاۋقۇنلاپ ئېقۋاتقان زەرەپشان،مانا يۇلغۇنلۇق ئارسىسىكى مىھرى ئىسسىق ئۈيمىز،يىنك شامالدا تەۋرىنۋاتقان قۇمۇشلار.....ئەنە ئوغلۇم غۇلاچلىرنى كەڭ يېيىپ -دادا..دىگنىچە مىنىڭ يېنىمغا يۈگرەپ كەلمەكتە،ئايالىم چولپان بولسا ھېلقى كونا چىلەكنى كۈترۈپ دەريا بۇيغا سۇغا ماڭدى ...كۈزۈم چىڭ يۇمۇلدى..ئەتىدىكى  شاڭخەينىڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر گىزتىگە مىنىڭ يامغۇردىن كىينكى نەم ئورمانلىقتا تۈگۈلۈپ ياتقان ،ئۇرۇق ،جانسىز ، جەسىدىمنىڭ سۈرتى،يۇغان خەتلىك قىلپ،ئۇرۇق تۇققانلىرمنىڭ تۇنۇتش بىلشلىرمنىڭ تۇنۋېلىپ جەسىدىمنى ئەكىتىشنى تەۋسىيە قىلپ ئىلانلار  بېسىلغان ،ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ ئاشخانلىردا كىشلەر قۇلقىنى قۇلقىغا يېقشىپ مىنىڭ شۇ بىچارە تۇرقۇمنى سۈرتىمدىن كۈرۈ پ كۇسۇلداشماقتا،تۇنۇش بىلشلەر بولسا ئىچ ئاغرىتماقتا،بىلمەيدىغانلار شۇ بىر زەھەر چىكدىغان بىر بەڭگى ئۈلۈپ قاپتۇ دىيشمەكتە...قۇلاق تۈۋمدە ئەللەي ناخشىسى،بۇرنۇمدا ياۋا گۈللەرنىڭ مەستخۇش پۇرقى............

تۈگىدى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kamran + 5 ئېسىل يازمىكەن،باھالاندى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 5   باھا خاتىرىسى

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7542
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-30 06:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ماۋزۇدىكى«ئۈلمى»دىگەن«ئۆلۈمى»دېگەن گەپمۇ يا ؟

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-30 09:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1(ناز)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

تەھرىرلەپ قويدۇم...ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت....

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش