تالىبان تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئەنگىليەلىك مۇخبىرنىڭ ئىسلامغا كىرىشى!
BBC خەۋرى:
ئەگەر سىز ئامرىكا ئىشپىيونى دەپ گۇمان قىلىنىپ تالىبان تەرپىدىن سوراق قىلىنسىڭىز، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.
بىراق مۇخبىر يون رىدلى ئۈچۈن ئافغانىستاندىكى بۇ تەۋەككۈلچىلىك ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ياخشى بولغان دىنغا كىرىشىگە تۈرۈتكە بولدى.
بۇرۇنقى ئېغىر ھاراقكەش sunday مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى تالىبان تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىن قۇرئان ئوقۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن.
ئۇ رادىكاللا روھانى ئەبۇ ھەمزا ئەل مەسرى نى ياخشى ۋە تالىباننى ناھەق زۇلۇمغا ئۇچرىدى دەپ ئىلان جاكارلىغان.
2001-يىلى (Sunday Express) يەكشەنبە گېزىت دە مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان يون رىدلى پاكىستاندىن ئافغانىستانغا ئوغۇرلۇقچە كىرىدۇ.
ئافغانىستان بومباردىمان قىلىنىش ئالدىدا تۇراتتى ۋە تالىبانلارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى بولسا مىنىڭ ئىچ كىيمىم ئىدى.
جالال ئاباد ئەتراپىدا ئۇ بىر تالىبان ئەسكىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتكىچە مۈنىۋالغان ئىشەك ھارۋۇسىدىن يىقىلىپ چۈشىدۇ ۋە ئۇنىڭ نىقابى ئېچىلىپ كىتىپ كىيىم ئارسىغا يۇشۇرۇۋالغان كامىراسى كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
بىر غەزەپلەنگەن ياش ئەر ئۇنىڭغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەلگەندە ئۇنىڭ تۇنجى ئويلىغان خىيالى نىمە بولغىتى؟
< ۋاھ، سىز بەك ئۇماقكەنسىز > بۇ مۇخبىرنىڭ تۇنجى ئىنكاسى مۇشۇ بولدى.
بىراق ئۇنىڭ دىيىشچە: قورقۇنۇش تىزلا ئۇنىڭ چىرايىدا ئىپادىلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ قويۇپ بىرىلگەن دىن كىيىن بۇ ئەرنى ئۇنىڭ ماشىنىسىدا تۇرۇپ ئۆزىگە قول پۇلاڭشىتقانلىقىنى كۆرۈگەن.
تالىبانلار تەرپىدىن تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا رىدلى ھېچقانداق بىرسى بىلەن ئالاقە قىلىشقا يول قۇيۇلماي 10 كۈن سوراق قىلىندى ۋە بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگىمۇ قاتنىشالمىدى.
ئۇ تالىبان توغۇرلۇق سۆز قىلىپ: مەن بۇرۇن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ۋە ئىتقادىنى قەتئىي قوللىمايتىم. ئۇلارنى ئالۋاستىدىنمۇ ئۆتە ئەسكى دەپ قارايتىم. مىنى تۇتۇپ تۇرغانلارغا قوپاللىق قىلدىم، تاماقلىرىنىمۇ يىمىدىم. ئىسلامغا بولغان قىزىقىشىم ئۇلار مىنى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن پەيدا بولغان.
نېپىز ئىچ كىيىم
ھەقىقەت شۇكى، مەن يەر ئاستىدىكى تۈرمىنىڭ يۇيۇش ئۆيىدە كىيمىمنى ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلىپ، مۇشۇ يەردە ئالماشتۇرىمەن دەپ تۇرىۋالغان ۋاقتىمدا، تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كەلدى ۋە ماڭا سۆز قىلىپ:
< ھېي، ئاڭلاڭ، سىز بۇ يەردە كىيىم ئالماشتۇرسىڭىز ئەسكەرلەر سىزنىڭ ئىچ كىيمىڭىزنى كۆرۈپ، ناپاك خىياللارنى قىلىپ قىلىپ سالىدۇ> دىگەن.
بۇ ۋاقىتتا ئافغانىستان دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت تەرپىدىن بومباردىمان قىلىنىش ئالدىدا تۇراتتى ۋە تالىبانلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى مىنىڭ چوڭ، قارا ئىچ كىيمىم ئىدى.
رىدلى ئەنگلىيەگە قايتقاندىن كىيىن ئۇنىڭ كەچۈرمۈشلىرىنى تېخىمۇ چۈشۈنىش ئۈچۈن قۇرئاننى ئوقۇشقا باشلايدۇ.
ئۇنىڭ ديىشچە: 1400 يىلغىچە قۇرئاننىڭ بىر تال چىكىتىمۇ ۋە ھېچقانداق مەنىسىمۇ ئۆزگەرتىلمىگەنلىكىنى ئوقۇپ پۈتۈنلەي ھەيران قالىدۇ. مەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ بەخىتلىك ئائىلىگە تەۋە بولدۇم. بىزدە مۇستەھكەم ئىتىپاقلىق بولىدىكەن، بىز ھەر قانداق بىرسىدىن غالىب كىلىمىز. دەسلەپتە مىنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىم مەندىن قورقۇپ قالدى، بىراق ھازىر ئۇلار مىنىڭ قانچىلىك بەخىتلىك، قانچىلىق خۇشال بولۇپ ياشاۋاتقىنىمنى كۆرەلەيدۇ.
مىنىڭ ئاپام مىنىڭ ھاراقنى تاشلىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى.
رىدلى ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىنى قانداق تەسۋىرلەيدۇ؟
< مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئاياللار بار، بىراق ئەگەر سىز خالىسىڭىز مەن سىزنى ئەنگىليەنىڭ تايىنسايىد كوچىسىغا باشلاپ ئاپىرىپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئاياللارنى كۆرسۈتۈپ قوياي. زۇلۇم قىلىش بولسا بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيتى، ئىسلام بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. قۇرئاندا ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى ئىنتايىن ئىنىق قىلىپ ئېيتىلغان. ئۇ يەنە، مىنىڭ مۇسۇلمانچە يېڭى كىيمىم مىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلدى. پۇتىنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كۆكرەكنىڭ يوغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھايالىق ۋە ئەقلى ھوشىڭىز نىڭ بارلىقى ئۈچۈن باھالىنىش نىمە دىگەن ئازادىلىك. مەن ئەمدى قاچان بىر ئەركىشىدىن تىلىفۇن كىلەر دەپ تىلىفۇن نىڭ يېنىدا سائەتلەپ ئولتۇرمايمەن. بۇ بولسا مىنىڭ قۇرامىمغا يەتكەندىن باشلاپ تۇنجى قېتىم ئوغۇل دوست ياكى يولدىشىم بولسىكەن دەپ ئۈمۈد قىلمىغان ۋاقىتلار.
ئۇزۇن ئۆتمەي، شىمالى لوندوندىكى بىر دىن تارقاتقۇچى دىن تىلىفۇن كىلىپ ئسلامغا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ.
ئۇ تېخى ئىسلامغا تولۇق كىرمىگەنلىكىنى ۋە بۇ دىن تارقاتقۇچىغا دەيدۇ.
__ ھېچقانداق بېسىم ۋە مەجبۇرلانغاندەك ھىس قىلماڭ، پۈتۈن مۇسۇلمان ئاممىسى سىز بىلەن بىرگە. ئەگەر بىرەر ياردەم لازىم بولسا ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنىڭ بىرەرسىنى ياردەمگە چاقىرىڭ،_ دەيدۇ.
دوزاغ ئوتىدا كۆيۈش
مەن تىلفۇننى قويىۋىتەي دەپ تۇرۇشىمغا ئۇ : سىزگە دەيدىغان يەنە بىر گىپىم بار. ئەتە ئەگەر سىز بىرەر كىلىشمەسلىككى يولۇقۇپ ئۆلۈپ كەتسىڭىز، ئۇدۇل دوزاغقا كىرىسىز، دەيدۇ.
ئۇ قورقۇپ كىتىدۇ ۋە ئىسلامنى ھەقىقى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تەييارلىقلارنى ھازىرلاپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ.
ھۆرمەتلىك تورداشلار، تىلىمنىڭ كەمتۈكلىكىدىن ياخشى تەرجىمە قىلالمىغان بولسام، ئەپۇ قىلاسىلەر.
بۇ خەۋەر BBC تەرپىدىن ئىلان قىلىنغان. ئۇ ئايالنىڭ توربىتىگە كىرىپ ئۆزى يازغان ماقالىسىنى تەرجىمە قىلاي دەپ ئويلىغان، لىكىن ئۆزى كەچمىشى توغۇرلۇق يازغان ماقالىسى ئېچىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تور بىتى:
http://yvonneridley.org
مەنبەسى:
http://news.bbc.co.uk/2/hi/uk_news/england/3673730.stm
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنى تەستىقلاپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.