مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3218|ئىنكاس: 6

ئىنسانىيەت شائىرى ۋە ئۇنىڭ «مەسنەۋېيى مەئنەۋىي» ناملىق ئەسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىلى كور ئادەم ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5079
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11549
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 3023 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 05:47:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنسانىيەت شائىرى ۋە ئۇنىڭ «مەسنەۋېيى مەئنەۋىي» ناملىق ئەسىرى

ئىبراھىم ھەققۇل

مەن چۇ گۇيام ۋەسفى ئان ئالىيجاناپ،

نەسىت پەيغەمبەر، ۋەلې داراد كىتاب

(مەن نېمە دەي بۈيۈك زات ۋەسفىدە، بەس،

بار كىتابى، لېكىن پەيغەمبەر ئەمەس.)

-ئابدۇراخمان جامىي

دۇنيا ئەدەبىياتىدا شۇنداق كىتابلار يارىتىلغانكى، تىلى، مەدەنىيىتى، ئىجادىي سالاھىيىتى يۈكسەلگەن ھەر بىر خەلق، ھەر بىر مىللەت ئۇلارنى ئالاھىدە ئىشتىياق ۋە زوق بىلەن ئوقۇپ ئۆگەنگەن. ۋاقىت ئۆتكەن، زامان ئۆزگەرگەن، ئەسىرلەر كەينىدىن ئەسىرلەر ئالماشقان، بىراق بۇنداق شاھ ئەسەرلەرگە قىزىقىش ئەسلا پەسەيمىگەن. مەۋلانە جالالىددىن رۇمىيىنىڭ «مەسنەۋىيى مەئنەۋىي» سى ئەنە شۇ پىكىرنىڭ يارقىن مىسالىدۇر. مەۋلانىنىڭ «مەسنەۋىي» سى دۇنياغا كەلگۈچە بولغان شەرق شېئىرىيىتى بىلەن ئۇندىن كېيىنكى شەرق شېئىرىيىتى، توغرىسى، ئۇنىڭ بىتىمسال «مەسنەۋىي» سى ئىنسان ماھىيىتىنى يورۇتۇشتىمۇ، ئىلاھىي كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئادەمدە زۇھۇرلىنىش سىر-ئەسرارىنى يۇرۇتۇپ، شەخىستە ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچىنى يۈكسەلدۈرۈشتىمۇ كەشپىيات بولغان ئىدى. رۇمى ئىنسان نىگاھىنى ئۇنىڭ باتىنىغا، قەلبى ۋە روھىغا قاراتتى. ئەلشىر نەۋايى تەكىتلىگەندەك «ئۆز ۋۇجۇدۇڭغا تەپەككۇر ئەيلەگىل، ھەرنە ئىستەرسەن، ئۆزۈڭدىن ئىستەگىل» دېگەن ھەقىقەتكە كۆپچىلىكنى تەل-تۆكۈس ئىشەندۈرەلىدى.

تارىختىن مەلۇمكى، جالالىددىن رۇمىي ياشاپ ئىجاد قىلغان دەۋىر يەر يۈزىنىڭ كاتتا قىسمىنى ئاياۋسىز موڭغول توپانى قورشاپ ئالغان، كۆپ خەلقلەرنىڭ ئاڭ ۋە ئىدراكىدا قورقۇنچ، تەھلىكە كۈچەيگەن بىر دەۋىر ئىدى. رۇمىيشۇناس ئالىم ھەسەن ئەن دەۋىيىنىڭ يېزىشىچە، مەۋلانە ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى رەت قىلغان ۋە بۇ ئالەمدىكى قەدىر –قىممىتىنى تەھقىرلىگەن زامان پەرزەندى بولۇپ مەيدانغا چىقتى ۋە بۇ بۈيۈك سەنئەتكار ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك شېئىرىيىتى بىلەن ئۈمىدسىز ئەدەبىيات خارابىلىرى ئىچىدە قالغان، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان شېئىر بىلەن كۆمۈلگەن ئىنسان روھىيىتىنى ئىلھاملاندۇرالىغانىدى. «رۇمىي پارلاق ۋە بىتەكرار تىل بىلەن، ئىمان ۋە بالاغەت ياغدۇسى بىلەن ئىنساننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئادىمىيىلىك پەزىلەت ۋە شەرىپىنى ئۇلۇغلىدى. نىھايەت، جەمىئىيەتتە جانلىنىش باشلاندى. ئىنسان ئۆزىنىڭ شەرىپى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كويىغا چۈشتى. ئەنە شۇ جەزىبىلىك قۇۋۋەت ۋە ئۇلۇغۋارلىق ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.» مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەۋلانىنىڭ شەخسى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ مەقامى ناھايىتى ئالىي ۋە ئىبرەتلىك. «مەسنەۋىي» كاتتا بىر ھاياتىي زوق ، ئىشىق ۋە ئىرپان بىلەن چۇلغانغان كۆڭۇل ساخاۋىتىدىن يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكى سوپىيانە مەنە-مەزمۇنلارمۇ كىشىنى دۇنيادىن يىراقلىىششقا ئۈندىمەيدۇ، دۇنيا مۇئەممالىرىنى شۇ دۇنيادا ياشاپ، ھېچقانداق قېيىنچىلىق، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن يېڭلمەي، خۇددى شۇ دۇنيادا ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ، ئىنسانىي ئىپادىگە ھەق ئىپادىسىنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ئۈگىتىدۇ.

ساي ھەق بار سارى بەندە بۇۋاد،

ئوقۇبەت جۇياندا يا بەندە بۇۋاد.

يەنى ھەق سايىسىنى ئىنسان ئۆزىدىن مۇشاھىدە ئەيلەيدۇ ۋە ئاقىۋەتتە ئاختۇرغۇچى تاپقۇچى بولىدۇ.

«مەسنەۋىي» دە تۈرلۈك-تۈرلۈك رەڭ ۋە ئاھاڭلاردا، بىر-بىرىدىن كۆركەم رىۋايەت ۋە ھېكايەتلەر ۋاستىسىدە تەلقىن قىلىنغان ماھىيەت مانا شۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئىنسان ئاللاھنى تونۇيالىسىلا ئۆزىنى تونۇيدۇ، ئۆزىنى بىلىشنىڭ دەخلىسىز «ئۇستۇرلابى»، بۇ –ئىشىق ۋە ئىرپان. ئىشىقتىن، چەكسىز-چېگراسىز ئىرپان زوقىدىن تۇغۇلغان يېڭى مەنىۋىي شەخسىيەت بولسا ھېچكىم ۋە ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغان پارچىلانماس بىرلىك تىمسالىدۇر. بۇنى رۇمىي روبائىيلىرىدىن بىرىدە ئىپادىلەپ دەيدۇ؛

مەن بىرگىنە جانمەنۇ يۈز مىڭچە تېنىم،

ئەمما نە قىلايكى، مەن ئاچالماي دەھەنىم.

كۆردۇم نە تۈمەن خەلقكى، ئۇلار مەن ئىدىم،

يوق ئىدى ئۇلاردىن بىر ئوخشىشىم مېنىڭ.

شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، رۇمىيىنىڭ شەخسىيىتىدىمۇ، شېئىرىيىتىدىمۇ ئۆزگىچە بىر سېھىر ۋە جەزىبە بار. بۇ شېئىرىيەت نەزمىۋازلىق، تەكرارىيلىق، شۇئۇر ۋە مۇشاھىدە ناچارلىقىدىن پۈتۈنلەي خالىي، شائىرغا، شېئىرغا ئىشەنچنى كۆككە كۆتىرىدىغان شېئىرىيەت. بۇ شېئىرىيەت –ئادەم قەۋمىنى ھەر تۈرلۈك ئەخلاقى خەستلىك، نەپساني ئىللەت ۋە تەلۋىلىكلەردىن ئاسراپ ئاۋايلايدىغان، رىزىق ئۈچۈن ئەمەس، جان سالامەتلىكى، روھ پاراغىتى ئۈچۈن ئاللاھقا باغلىنىش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان شېئىرىيەت؛

ئان گەدا گۇياد خۇدا ئەز بەھرى نان،

مۇتتەقى گۇياد، خۇدا ئەز ئەينى جان.

(ئول گاداي دەيدۇ «خۇدايىم» نان ئۈچۈن،

مۇتتەقى دەيدۇ «خۇدايىم» جان ئۈچۈن.)

«ئەگەر ئادەم بۇزۇلسا،- دەيدۇ غەربلىك مۇتەپەككۇرلاردىن بىرى،- ئۇنىڭ دىلىمۇ، تىلىمۇ بۇزۇلىدۇ، قاچانكى، ئەڭ ئالي تۇيغۇلار ئەمەس، بايلىققا ھەۋەس، ھۇزۇر-ھالاۋەت، ماددىي كۈچ-قۇۋۋەت، شان-شۆھرەت ھاكىملىق قىلسا، بۇ ئىنساننى تەبىئىيىلىك ۋە مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. قاچانكى ئاددىيلىق ۋە ھەقىقەت ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋە يالغانغا ئورۇن بوشاتسا، ساماۋىي ئەركىنلىك ئىمتىيازلىرى ئۆز-ئۆزىدىن چەكلىنىپ بارىدۇ، يېڭى تىمساللار يارىتىلمايدۇ، قەدىمى سۆزلەرنىڭ مەزمۇنى بۇزۇلىدۇ».

رۇمي ئىجادىيىتىنى ئۆگەنگەن غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ماقالە ۋە كىتابلىرى بىلەن تونۇشقان كىشى ئۇلارنىڭ بۇنداق بۇزۇلۇش ۋە خەستلىكلەردىن قۇتۇلۇشتا «مەسنەۋىي» بىر شىپا كىتابى-ئىنسانىيلىق، مېھىر-شەپقەت، ئىمان-ئېتىقاد قامۇسى بولۇشىغا ئۈمىد بىلەن قارىغانلىقلىرىنى ئاسان بايقايدۇ. دەر ھەقىقەت، 25730 بېيىتتىن ئىبارەت ۋە ئالتە مۇستەقىل دەپتەردىن تەركىب تاپقان «مەسنەۋىيى مەئنەۋىي» ئىنسانىيەتنىڭ پىكىر ھاياتىنى پاكلايدىغان، ئىرق، مىللەت، ئېتىقاد، سىياسەت توسوقلىرى ۋە زىددىيەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز-ئارا ھەمجەھەتلىكتە ياشاشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى سەنئەت تىلى بىلەن ئىسپاتلىغان نىجات كىتابى. مەۋلانە ئۇنىڭ بىرىنچى دەپتىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە سەۋەبسىز مانا بۇ سۆزلەرنى يازمىغان؛ «مەسنەۋىي-ھەقتائاللاھقا ۋاسىل بولۇش سىرلىرىنى كەشىپ قىلىشتا ۋە ئىلمۇليېقىن ھاسىل قىلىشتا دىيانەت ئاساسلىرىنىڭ ئۇسۇلىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك قانۇنى، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئايدىڭ يولى، ئاللاھنىڭ رەت قىلىنماس دەلىلىدۇر».

بۇلا ئەمەس، رۇمىي ھەزرەتلىرىنىڭ سەلتەنەتلىك «دىۋانى كەبىر»ى، «فىھى مافىھى (ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر)، «مەكتۇبات» كەبى ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى-ئەخلاقى كامالىتى ۋە ئىستىقبالىغا خىزمەت قىلىدىغان كۆڭۈل تۆھپىسى، تەپەككۇر خەزىنىسىدۇر.

جاھان ئەدەبىياتىدا ۋاقىت، زامان، دەۋىر چېگرالىرىنى تەن ئالمايدىغان ئۆمرى باقى كىتابلار كۆپ. ئەمما ئۇلار ئارىسىدا ئوقۇلۇش تارىخى، ئىزچىللىق بىلەن مەخسۇس تەكشۈرۈشكە يارايدىغانلىرى قانچىلىك؟ مەسنەۋىيخانىلىق- شەرق خەلقلىرى مەدەنىي، ئەدەبىي ھاياتىدىكى ئۆزىگە خاس ھادىسە، نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، مەشھۇر تۈرك شائىرى يەھيا كامالدىن؛ «قەدىم ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشى قانداق بولغان؟ ئۇلار قانداق ياشاشقان؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ؛ «ناھايىتى ئاددىي، پولۇ يەپ، «مەسنەۋىي» نى ئوقۇپ كۇن ئۆتكۈزۈشكەن»، دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. پولۇ ۋۇجۇدىنى كۈچلەندۈرگىنىدەك، «مەسنەۋىي» مۇ يۈرەككە قۇۋۋەت، تەپەككۇرغا ھېچ كۈتۈلمىگەن ھەرىكەت بېغىشلايدۇ. ئۇنى شەۋقلىنىپ ئوقۇغان كىتابخان روھاني سەيرى سۈلۈك لەززىتىگە يېتىشى ئېنىق، ئەلۋەتتە.

«مەسنەۋىي» گە پۈتۈلگەن شەرھ ۋە ئىزاھلار بىر جايغا جەملەنسە، رەسمىي بىر كىتابخانا پەيدا بولىدۇ، ئېھتىمال، ئۇنى ئىلمىي تەتقىق ۋە تەلقىن قىلغان ئالىملارنىڭ قايسى يورت، قايسى مىللەتكە مەنسۇپلۇقىنى ئېنىقلاش مۇمكىندۇر، لېكىن ئۇنىڭغا بېغىشلاپ يېزىلغان ماقالە، رىسالە ۋە ئالاھىدە مەجمۇئەلەرنىڭ ھەددى-ھېسابىنى ئېنىقلاش مۈشكۈل. «مەسنەۋىي» تەرجىمىلىرىچۇ؟ بۇ يەنىمۇ مۇھىم ۋە قىزىقارلىق ماۋزۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇرا ھۆكۈمىتى دەۋىر سۈرگەن دەۋىرلەردە «مەسنەۋىي» نى ئۆزبىكچە ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەسلىيىتى بىلەن ئوقۇپ پىكىر بىلىدۈرۈشمۇ تەقىبلەنگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئابدۇللا خاراباتى سۆزلىرى بىلەن ئېيىتقاندا؛

«مەسنەۋىي» ھە جان، ھەم جانان ئېرۇر،

«مەسنەۋىي» ھەم دەرد، ھەم دەرمان ئېرور.

نىھايەت، بىز بۇ ھەقىقەتنى قايتا بىلىش، يېڭىدىن مۇشاھىدە قىلىش ئىمكانىغا ئېرىشتۇق. خەلقىمىز ھومېرنىڭ «ئىلئادا»سى، دانتېنىڭ «ئىلاھ كومىدىيىسى»، گىيوتېنىڭ «فائۇسىت»ىغا ئوخشاش كىتابلار قاتارى، «مەسنەۋىي مەئنەۋىي» نىمۇ ئانا تىلدا ئوقۇيدىغان بولدى. بۇ مۇشەققەتلىك، ئەمما غايەت شەرەپلىك ئىشنى ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى جامال كامال ئەمەلگە ئاشۇردى. تەرجىمە ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ياخشى قوبۇل قىلىندى. ئەلۋەتتە، ھەر قانداق خەيرلىك ۋە كاتتا ئىشنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا قانداقتۇر كەمچىلىكلىرى بولىدۇ، بۇنىڭسىز مۇمكىن ئەمەس. شەخسەن ماڭا بىر نەچچە كىشى تەرجىمىدە ئەرەپچە، پارىسچە سۆز-ئىبارىلەر كۆپ دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈشتى. بۇنداق ئېتىزارلاردا، ئەلۋەتتە، جان بار.

ئۇ ياكى بۇ تىلدىكى تەرجىمە، ئەينەن ئاشۇ تىلنىڭ سۆز بايلىقى، ئىپادە ئىمكانىيىتى، ساددىلىق جەزبىسىگە ئاساسلىنىشى زۆرۈر. تاكى ئوقۇرمەن ئەدەبي مەتىن مەزمۇن-ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە قىينالمىسۇن، لوغەت ئاختۇرۇشقا ئارتۇقچە ئېھتىياج سەزمىسۇن، لېكىن ئەينى پەيىتتە پارس تىلىدا يېزىلغان مۇمتاز شېئىرىيەت نەمۇنلىرى تەرجىمىسىنى كونا سۆز-ئىبارسىز تەسەۋۋۇرغا سغدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئويلاش كېرەك. مانا، پارسچىغىمۇ، ئەرەب تىلىغىمۇ ھېچ ئالاقىسى يوق دانتېىنىڭ «ئىلاھى كومېدىيە» سىنى ئالايلۇق، ئۆزبېكچە تەرجىمىسىدە ناھايىتى كۆپ قەدىمىي كەلىمىلەر قوللىنىلغانكى، ئۇلارنىڭ دىيەرلىك ھەربىرى ئۆز ئورنىنى تاپقان. «مەسنەۋىي» نىڭ ئۆزبېكچە مەتنىدە ھەم ئەھۋال شۇنداق. بىزنىڭچە، پەقەت تەرجىماننىڭ غەيرىتىنى ئەمەس، بەلكى تەرجىمە سۈپىتىنى يۇقىرى باھالىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئىككى دۆلەت-تۈركىيە ۋە ئىران جامال كامالنى مۇكاپات بىلەن تەقدىرلىدى...

خۇلاسە كالام، «مەسنەۋىيى مەئنەۋىي» يۇرتىمىزدا يېڭى ھايات يولىنى باشلىدى. خۇدا خالىسا، ئۇنىڭ ھەربىر يېڭى نەشىرى ئۇشبۇ يولنىڭ بەرداۋاملىقىنى تەستىقلايدۇ.

بىرىنچى دەپتەر

بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم

(تەۋپىق ئاللاھتىندۇر)

بۇ مەسنەۋىي كىتابىدۇر. مەسنەۋىي ھەق تائاللاھقا ۋاسىل بولۇش سىرلىرىنى كەشىپ قىلىشتا ۋە ئىلمۇل يەقتىن ھاسىل قىلىشتا دىيانەت ئاساسلىرىنىڭ ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئاللاھتائاللاھنىڭ بۈيۈك قانۇنى، ئايدىڭ شەرئىتىدۇر. ئاللاھنىڭ رەت قىلىنماس دالىلىدۇر. مەسنەۋىي ئىچىدە يەنە بىر قەندىلى بار قەندىلگە ئوخشايدۇ، تاڭلاردىنمۇ يورۇقراق نۇر چېچىپ پارلايدۇ. ئۇ كۆڭۈللەرنىڭ جەننىتىدۇر بۇلاقلىرى، بۇتاقلىرى بار. بۇ يول ئەھلىلىرى ئۇ بۇلاقلارنىڭ بىرىنى سەلسەبىل دېيىشىدۇ. مەقام ۋە كارامەت ساھىبلىرى ئۈچۈن ئەڭ خەيرىلىك ماكان، ئەڭ گۈزەل راھەت-پاراغەت  مەنزىلىدۇر. ئەبرارلار ۋە ئەھرارلار ئۇنىڭدا شادلىقتا ۋە سۈرۈردە بولۇشىدۇ.

مەسنەۋىي مىسىر مەملىكىتىدىكى نىل دەرياسىغا ئوخشايدۇ، سەبرۇ قانائەت ئەھلىگە ئابى زىلال، پىرئەۋىننىڭ زاتى زۇريادى ۋە كاپىرلار ئۈچۈن ھەسرەت ھەم قان، چۈنكى، تەڭرىتائالا مەرھەممەت قىلغانكى؛ «بۇ مەسەل بىلەن (ئاللاھ) نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ» راستىنلا ئۇ قەلبلەرگە شىپا، غەمكىن كۆڭۈللەرگە جۇلادۇر، قۇرئانى كەرىمنىڭ ئوچۇق-روشەن بايانىدۇر. رىزقلارنىڭ مول، خۇلقلارنىڭ پاك، گۈزەل بولۇشنىڭ سەۋەبچىسىدۇر. ئۇنى مەرتىۋىلىرى يۈكسەك، ئۆزلىرى خەيرلىك-خاسىيەتلىك كاتىبلار يازغاندۇر. ھالال، پاك كىشىلەردىن ئۆزگىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قول تەگكۈۈشسىگە يول قويۇلماس. بۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدىن بىر ئىنئامدۇركى، باتىل نە ئۇنىڭ ئالدىدىن، نە ئۇنىڭ ئارقىدىن يېقىنلىشالماس، ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ئاسرايدۇ، ھىپزۇ ھىمايە قىلىدۇ، چۈنكى، ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھىمايىچىدۇر، مەرھەمەتلىكلەرنىڭ مەرھەمەتلىكىدۇر.

مەسنەۋىيىنىڭ باشقا سۈپەتلىرىمۇ باردۇر. ئۇ سۈپەتلەرنى ئاللاھ نېسىپ ئەتكەندۇر. بىز ئازنى كۆپ ئورنىدا كۆرۈپ، سۆزىنى ئىخچام قىلدۇق. چۈنكى كەم كۆپكە، بىر يۇتۇم سۇ كۆلگە، بىر چاڭگال بۇغداي خامانغا دالالەت ئېتەر. بۈيۈك ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مۇھتاج، ئاجىز ۋە ناتىۋان بەندە مۇھەممەد ئىبىن مۇھەممەد ئىبىن ھۆسەيىن بەلخي (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دەيدۇكى؛

«تەڭداشسىز، مىسىلسىز، ئوخشىشى ئاز بولغان نەرسىلەرنى، يۈكسەك سۆزلەرنى، ھىدايەت گۆھەرلىرىنى، زاھىدلارنىڭ تەرىقىتىنى، مۆمىن بەندىلەرنىڭ باغۇ گۈلشىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىشىكلىرى قۇلۇپلانمىغان، مەنىلىرى تىرەن ئۇشبۇ مەنزۇمەنى-مەسنەۋىيىنى ئاللاھ ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن، خوجامنىڭ، تايانچىمنىڭ، قۇۋانىچىمنىڭ تىلىكى، جىسمىمدا جان ھېسابلىنىدىغان، بۈگۈنۈم ۋە ئەتىكى كۈنۈمنىڭ ئوزۇقى بولغان زاتنىڭ خاھىشىى بىلەن سۇنۇشقا ھەرىكەت قىلدىم.»

ئۇ زات ئارىفلارنىڭ مۇقتەداسى، ھىدايەت ۋە ئىلمۇ يەقىن ئىمانىدۇر. خەلقنىڭ پەريادىغا يېتەلىگىچىدۇر. كۆڭۈللەرنىڭ، ئەقىللەرنىڭ ئەمىنى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدىكى دەلىلىدۇر. ئىگەم بەندىلىرى ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپتۇ، ئۆز پەيغەمبىرىگە ئۇنىڭ خۇسۇسىدا تەۋسىيەلەر سۆزلەپتۇ، ھالال، پاك بەندىسى پاناھىدا ئۇنى يوشۇرۇن ساقلاپتۇ. ئەرش خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچى، يەر يۈزى دەپىنلىرىنىڭ ئەمىنىدۇر ئۇ.

ئۇ پەزىلەتلەر ساھىبىدۇر، ئاخي تۈرك ئوغلى نامى بىلەن مەشھۇر ھەسەننىڭ ئوغلى مۇھەممەدنىڭ ئوغلى ھەسەن، دىن ۋە ھەق قىلىچى شەيىخ ھەسەن، دەۋراننىڭ بايەزىدى ئۇ. زاماننىڭ جۈنەيدى، سىددىق ئوغلى سىدىق ئوغلى سىددىقتۇر ئۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇلاردىن ھەم! ئانىلىرى جەھەتتىن ئۇرۇمىياۋىي، «كۇرد بولۇپ ئۇخلىدىم، ئەرەب بولۇپ ئويغاندىم» دېگەن ساھىبى كارامەت شەيىخنىڭ زۇريادى. ئاللاھ ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ بوۋىلىرىنىڭ روھىنىمۇ پاك ئەتسۇن، نەقەدەر گۈزەل ئەجداد، نەقەدەر گۈزەل ئەۋلاد!

بولسا ئەسلى بار ئۇنىڭ، ئەسلىگە نۇر چاچقاي قوياش،

بولسا نەسلى بار ئۇنىڭ، نەسلىگە يۇلتۇز نۇرى ئاش.

خانادانلىرى دۆلەتمەنلەر يۈزلەنگۈچى قىبلە ۋە سائىللار تاۋاب قىلغۇچى كەبە بولسۇن. تاكى يولتۇزلار چاراقلاپ، قوياش نۇرى چاچىدىكەن، رەبباني، روھاني، نۇرلۇق، سۈكۈتلۈك، نىگاھلىق، بۈيۈك، سۈرەتتە غايىپ، مەنەن ھازىر، ھېرقە لباسلىق سۇلتانلار، ئالي خىسلەتلەر ۋە پەزىلەتلەر ساھىبى، جان كۆزلىرى ئوچۇق ئەرلەر پاناھى بولسۇن...

ئامىن، يا رەببىل ئالەميىن!

بۇ بىر دۇئادۇركى، بۇلۇر ئىجابەت،

جۈملە خەلق قول ئېچىپ، «ئامىن!» دەر پەقەت.

ئالەملەرنىڭ رەببىگە ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئاللاھ ئۆز رەسۇلىنى، ئۇنىڭ پاك ئەسلى-نەسلىنى، بارلىق ساھابىلىرىنى رەھمەت قىلسۇن!

ئاللاھتىن باشقىغا مۇھتاج ئەمەسمىز، ھاجەتلىرىمىزنى پەقەت ئۇ راۋا قىلىدۇ، ئۇ ئەڭ ياخشى خوجا ۋە ئەڭ ياخشى مەدەتكاردۇر. پەقەت ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ ۋە خالىغىنىنى بۇيرۇيدۇ.

ئۆزبىكىستان خەلق شائىرى جامال كامال تەرجىمە قىلغان، ئۆزبىكىستان «MERIYUS» نەشىرىياتى 2010- يىلى نەشىرىدىن مۇھەممەد سالىم ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baburxah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-28 05:48 PM  


بابۇر بىر مەشھۇر پادىشاھ ۋە ھەربى قۇماندان،  ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ،   1483 - ﻳﯩلى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

دىلى كور ئادەم ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5079
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11549
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 3023 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 05:51:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mawlana jalalidin rumi 1.jpg

mawlana jalalidin rumi.jpg


ئۆزبىكچە نەشىرىنى تەييارلىغان جامال كامال ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىمزاسىنى قويۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىغا سوۋغىسى mawlana jalalidin rumi 2.jpg


بابۇر بىر مەشھۇر پادىشاھ ۋە ھەربى قۇماندان،  ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ،   1483 - ﻳﯩلى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 08:49:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم ،

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1015 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 11:11:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مەسنەۋىي دېسىلا خەنزۇلارنىڭ 对联 دەپ چۈشىنىپ قالىدىكەنمەن...

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5083
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1276 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 05:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى چاغدىغۇ مۇشۇ مەسنەۋى توغىرلىق خېلى بىر نېمىلەرنى بىلەتتىم بىراق ....

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7098
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 07:30:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. ھارمىغايسىز.

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 12:09:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش