مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14268|ئىنكاس: 77

مەمتىمىن ھۇشۇرغا ئوچۇق خەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

13

تېما

2034

يازما

2060

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98944
يازما سانى:
2034
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5180
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1574 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-10-24
ئاخىرقى:
2015-8-15
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك يازغۇچى تاغا:0 y. K0 @7 X5 u6 I; n5 x) j7 a& d3 H
   ئەزىز تېنىڭز ئامانمۇ؟رەڭگى روھىڭىز سامانمۇ؟يېزىقچىلىق ئىشلىرىڭىز ياخشىمۇ يا يامانمۇ؟
2 T, y. |" {2 u1 D, y" q0 ^: Yيېزىقچىلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە يېقىندا نەشىردىن چىققان ‹سالچىلار›رومانىڭزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.گەرچەبۇ رومانىڭىزنى ئوقۇش ماڭا ۋاقتىنچە نىسىپ بولمىغان بولسىمۇبىراق بۇ رومانىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى ھېكايە رومانلىرىڭىزغا ئوخشاش جانلىق ھەم ئۆزگىچە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.# i1 Z: J& s0 L- C9 a: l% i" ^
   ئەمدى گەپنى قەيەردىن باشلىسام بولار؟ھە يەنىلا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلاي،مەن ئىقتىسادى ئوتتۇرا ھال ئائىلىدە تۇغۇلغان بىر دېھقان قىزى،ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئىچىدە بىر قىز بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن سەل ئوغۇل بالا مىجەزرەك چوڭ بولدۇم،دائىملا چوڭ چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتسەم باشقىلارغا يۆلەك بولسام دەپلا ئويلايتتىم،بىراق ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم مېنى سەل ساراڭراق،كاللىسىنىڭ بىرەر ۋېنتىسى كەمرەك دەپ بىلىدۇ،نېمىشقا دېسىڭىز دائىما كۈلۈپلا يۈرىمەن،ئۆزۈمدىن بەكرەك باشقىلارنى ئويلايمەن ،بەلكىم دەل مۇشۇ ئاقكۆڭۈل مىجەزىم مېنى شۇلارغا ساراڭ كۆرسەتسە كېرەك.ئىشقىلىپ بۇ ساراڭ مىجەزىم تاكى ھازىرغىچە ئۆزگەرمىدى،ئۆيدىكىلەرمۇ مېنىڭ زىيادە ئاقكۆڭۈللۈكىمدىن قاقشىسا دوستلىرىم مېنى دائىم  ئۆزۈڭنىمۇ ئويلاپ قويغىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى...........1 z, U1 c1 v6 r( s& o
   تۇنجى قېتىم سىزنىڭ ئەسىرىڭىز بىلەن ئۇچراشقان چېغىمدا ئەسەرنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتكەنىدىم.چۈنكى ئەسىرىڭىزدىكى ئۇ ئاقكۆڭۈل ساراڭلارنىڭ بەزى گەپ-سۆز ھەم مىجەزلىرى ماڭا بەكمۇ ئوخشايتتى ھەتتا بىر مەزگىلگىچە سىزنى دائىم شۇنداق ئازمۇس گەپلەرنىلا يازىدىكەن، كاللىسىدا ئازراق چاتاق بار ئوخشايدۇ،يېزىۋېرىپ چېلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپمۇ يۈرگەنىدىم.‹قۇم باسقان شەھەر›رومانىڭىزدىكى سۈرىتىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەخمىقانە خىياللىرىمنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتكەنىدىم......
* O8 ~" k( {" d3 H3 a7 O   ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا‹ئالتۇن چىشلىق ئىت›ناملىق ھېكايىڭىزنى ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچىمىز ئەسەرنى ئۆزى شۇنچىلىك ھېسىياتلىق ئوقۇپ بەردىكى ھېكايىنى ئوقۇپ بولغۇچە سىنىپتىكى ساۋاقداشلار كۈلۈپ تىيەپ قالغان ئىدۇق.مەكتەپ ھاياتىمدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرىسمۇ شۇ بولغانىدى،دەرس ئاياغلىشىپ مۇئەللىمدىن ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى يىغىنچاقلاپ بېرىشنى سورىغىنىمىزدا ئەدەيىيات ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە قاراپ كۈلگىنىچە مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن تىل ۋە قىياپەت تەسۋىرىنىڭ ئۆزىلا مەركىزى ئىدىيىسىگە يېتىپ ئاشىدۇ،ئەگەر بىلسەڭلار ئاپتور ئەسەردە ‹ساراڭ›لارنى تەسۋىرلەش ئارقىلق ئاتالمىش‹ساق›لارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ،يازغۇچىنىڭ ھەممە ئەسەرلىرى شۇنداق، بىرقېتىم ئوقۇلىشىدا قىزىق تۇيۇلىدۇ بىراق قايتا-قايتا ئوقۇسا ئادەم كۈلكىنى قويۇپ چوڭقۇر خىيالغا پاتىدۇ دېگەنىدى.بەلكىم مۇئەللىمىمنىڭ شۇ گەپلىرىنىڭ تەسىرىدىنمىكىن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇشقا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ قالغانىدىم،شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەتتا كوچىدىكى ساراڭلارنى كۆرسەممۇ گەپكە سېلىپ باققۇم كېلەتتى،ئەسىرىڭىزدىكى ساراڭلارنى دوراپ پات-پات ساراڭ توغىرلىق شېئىرمۇ يېزىپ قوياتتىم.
7 m% D3 m  B! z  Y                                ساراڭ ساراڭ دېمە ساراڭ،- \  s6 z" _0 S. B
                                ساراڭ بولمىساڭ ساراڭ دەمتىم ساراڭ.9 V& s& |# b7 s9 b( d( L
                                ساراڭ بولغاچقا ساراڭ دەيمەن ساراڭ،+ f( F# W, G* s2 m- v
                                ساراڭ سەندىن ياخشىراق ساراڭ.  Z$ q) `9 x5 K. |
ھەتتاكى دۆلەتلىك ئىمتىھانىمنىڭ ماقال-تەمسىل تەييارلىقىدىمۇ مەخسۇس ساراڭ توغىرلىق بىر نېمىلەرنى كۆپ يادلايتتىم.بىر قېتىم بىزگە مۇئەللىم ماقال-تەمسىل تاپشۇرىقى بۇيرىغاندا‹ھارۋىدا خوت يوق،ساراڭغا سوت يوق.باغلاقلىق ئىت ئوۋغا يارىماس،ساراڭ خوتۇن چېچىنى تارىماس.كاجنى بازار ئوڭشار،ساراڭنى مازار›دېگەندەك ماقىلىلارنى ئوقۇپ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنى كۈلدۈرۈپ يىقىتىپ قويغانىدىم،شۇنداق ئازمۇس سۆزلەپ يۈرۈپ ئالىي مەكتەپ دەرىۋازىسىدىن ئاتلاپ ئاران بىر يىل بولغاندا ئائىلىدىكى ئىقتىساد تۈپەيلى ئوقۇشتىن چېكىندىم،شۇنداقتىمۇ يەنىلا شۇ ساراڭ مىجەزىمنى تاشلىمىغانىدىم،ھەمىشە باشقىلارنىلا ئويلايتتىم كىشى مېنىڭ دىلىمغا ئازار بەرسىمۇ مەن يەنە قارشى تەرەپ نېمە بولۇپ كەتكەندۇ دەپ ئۆزۈمنى قايرىپ قوياتتىم.تۇرمۇشلۇق بولۇپ بىر بالىغا ئانا بولغان ھازىرىقى ۋاقىتتىمۇ شۇ چاغلاردا دوستلىرىمنڭ مازاق قىلىشلىرى يەتمىگەندەك يولدىشىممۇ مېنى ساراڭ دەپ مەسخىرە قىلاتتى.چۈنكى ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن زىيادە ئاقكۆڭۈل ئىكەنمەن ئۇنداق قىلسام ھازىرىقى رىقابەت دەۋىرىدە كىشىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالارمىشمەن............
3 ?1 P  r: H2 l6 {* G4 ?' u! S     توۋا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانغا خاس تۇيغۇغۇ ؟ئەجىبا يولدىشىم ئېيتقاندەك ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ بازىرى راستىنلا كاساتمىدۇ؟.........
+ t& ~: }# ]+ d& d) v: c      بەزىدە ‹قىرلىق ئىستاكان›غا لىققىدە قارا چاي دەملەپ،‹ساراڭ›نىڭ خىيالىنى قىلىپ كۆزلىرىم ئۇيقۇغا بارىدۇ-دە،كاللام ھايت-ھۇيت دېگۈچە ‹بىغەملەر شەھىرى›دە سەيلە قىلىپ يۈرگەن بولىدۇ......‹چا خوراز›نىڭ سەت قىچقىرىشلىرى بىلەن تەڭ يەنە ئويغىنىپ كېتىمەن ئىچىمدە توختىماي چوقان سالىمەنۇ بىراق تېشىمغا چىقىرالمايمەن،بەزىدە ھەتتا ئىچىمدە ئويلىغان مونولوگلىرىممۇ دىئالوگ بولۇپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ.......
1 C' S' W$ X) f( L! O  z: o, l     ئەسلىدى مەن بۇنداق ئەمەس ئىدىم تاغا،بىراق ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ‹چىرايلىق› سۆزلىرى مېنى مۇشۇنداق ھاڭۋاقتى قىلىپ قويدى.قاقشىماڭ دەمسىز؟نېمىشقا قاقشىمىغۇدەكمەن؟نېمىشقا چېچىلمىغۇدەكمەن؟......نۇمۇس كۈچۈمنى يېڭىش ئۈچۈن كوچىلاردا بۇتۇلكا تېرىپ ئۆزۈمنى چېنىقتۇراي دەپ ئەمدى بىر قەدەم ئالغىنىمدا چوڭلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرگەن بولدۇم،كىچىك بىر ئۇكاشنى قۇتقۇزىمەن دەپ بېشىمنى يېرىۋالغىنىمدا بولسا نېمە كارىڭ ،ساراڭ بولدۇڭمۇ؟دېگەن ئېلھام سۆزلىرىگە ئېرىشتىم،مەھەللىمىزدىكى نېرىۋىسى ئاجىز كىشىلەرنى كۆرگىنىمدە سالام قىلىپ گەپ سورىغىنىم ئۈچۈن ساراڭ بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان بولدۇم،ماتماتىكا نەتىجەمنىڭ ئۆلچەمگە توشماسلىقىدىن ئەنسىرەپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن ماتىماتىكا ئۆگەنگىنىم ئۈچۈن ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا‹ماتىماتىكا سارىڭى›دېگەن لەقەملەرگە ئېرىشتىم،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا تۇرمۇش پۇلۇمنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ ئۆز خىراجىتىمنى غەملەش ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخنىسىدا بىر ئاي قاچا يۇيغىنىم ئۈچۈن نېمىنى كۆرسە قىلغۇسى كېلىدىغان ساراڭ دېگەن تاپا-تەنىلەرگە ھەمراھ بولدۇم،ئانىسى ئۆلۈپ قالغان قوزا بىلەن تەڭ يىغلىغىنىمدا بولسا ئىشەك ئۆلسىمۇ ھازا ئاچىدىغان ساراڭ بۇ دېگەندەك مەسخىرە سۆزلىرىگە مۇيەسسەر بولدۇم.........  E2 z& E; ]$ V( k
     ئەمدى سىزگە ئىلتىماس يازغۇچى تاغا: ' N* Y6 X' T/ Q2 t9 C. e
       مېنىمۇ ئاشۇ جاھانكەزدى سۈپۈرگە بىلەن بىغەملەر شەھىرىدىكى بىر توپ ساراڭلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېتىڭ.نېمىشقا دەمسىز؟ ئاقكۆڭۈللۈك ساراڭلىق ئىكەن،كۆيۈمچانلىق ۋە مېھرىبانلىق ساراڭلىقكەن تاغا،بۇنداق ‹ئەقىللىق›كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش ‹ساق›لىق سەپسەتىلىرى توغرا دېيىلىدىغان بولسا مەن بۇ بىر توپ ‹ساق›لار ياشاۋاتقان مەدەنىي جەمىيەتتە تۇرمىغۇدەكمەن،بۇ سەپسەتىلەر ماڭا ماس كەلمىگۈدەك.بىزلەر ساراڭلارنى كۆزگە ئىلمايدىكەنمىز،ئۇلارنى بىنورمال دەپ ياراتمايدىكەنمىز بىراق دەل بىز ‹چىرايلىق› ناملار بەرگەن ئاشۇ ئاتالمىش ‹ساراڭ›لارلا ھەقنى سۆزلەيدىكەن،ھەقنى كۆرىدىكەن،ئۇلاردا سوقۇۋاتقان،ئالغا ئىنتىلىۋاتقان يۈرەكلەرلا ئەسلى ھەقىقىي بىر ئىنسانغا خاس ئوتلۇق يۈرەك ئىكەن ئەمەسمۇ؟
  S9 V( K2 w2 ^2 |( R4 L' H6 V1 c    بۇنداق دېسەم بەلكىم مۇنبەرداشلىرىم ساراڭنى ماختىماقچىمۇ سىز دېيىشىڭلار مۇمكىن ؟نېمىشقا دەمسىز؟ساراڭلار بولسا بىلمەي قىلىدۇ،بىراق ئارىمىزدىكى ئاتالمىش ساقلار بولسا بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ،ساراڭلار كىشىگە ئاداۋەت تۇتمايدۇ، بىراق ساقلار بولسا تېشىدا كۈلۈپ يۈرگىنى بىلەن ئىچىدە ئات يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە ئاداۋەت تۇتىدۇ،ساراڭلار شۈكرى قىلىشنى بىلىدۇ بىراق ساقلار خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك ماق-دۇنيا يىغىدۇ......" {% R, Z& `' R8 [
    ئىلگىرى سىزنى نېمىشقا دائىم ساراڭ توغىرلىق بىر نېمىلەرنى كۆپ يازىدىغاندۇ دەپ ھەيران قالاتتىم،سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم،ئاتالمىش ‹ساق›لارغا قارىغاندا‹ساراڭ›لارنىڭ ئىچكى دۇنياسى سەل ‹ئاددى› بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟!!, p- O) J4 f) z6 T$ Q
    نېمە كالۋادەك بىر نېمىلەرنى يېزىپ كەتتىم،بىلىپ تۇرىۋاتىمەن،بۇ ئەسىرىممۇ ئۆزۈمگە ئوخشاشلا ساراڭدەك يېزىلىپ قالدى،بىراق ئاساسى مەقسىدىم، مەنمۇ قولىڭىزدىكى قەلەمنىڭ سايىسىدە شۇ ئەسەرلىرىڭىزدىكى بىر توپ ساراڭلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغۇم بار،كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت،ئىنسانىي پەزىلەت،ئۆزتىرىشچانلىقى بىلەن ھالاللاپ ياشاش،كۆيۈمچانلىق ۋە تەمەسىز ياردەم ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ساراڭلىق دەپ قارىلىدىغان بولسا ،بولدى ساراڭلا بولۇپ كېتەي .چۈنكى ساراڭ ئادەملەرلا ئەركىن دۇنيانىڭ ھەقىقى قەھرىمانى بولالايدىكەن،نېمە ئىش قىلغۇسى كەلسە خاتىرجەم قىلالايدىكەن،ھېچكىم ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالمايدىكەن،ئاتالمىش غورور،ۋىجدان،ئابرويپەرەسلىكتىن خالىي ئىكەن ئەڭ مۇھىمى ساراڭغا سوت يوق ئىكەن ئەمەسمۇ؟!......تاغا دېسىڭىزچۇ؟ئەجىبا ئويلىغىنىم خاتامۇ؟قەلەملىرىڭىز بىلەن بىرگە  غەيۋەت-شىكايەتمۇ، ئاداۋەتمۇ بولمىغان،پەقەت سەمىمىي ياردەم ۋە ئىللىق كۈلۈمسىرەشلەرگىلا تولغان ‹ساراڭ›لار دۇنياسىغا كەتسەم  ئاشۇلار بىلەن بىرگە تىنىچ ياشىسام دەيمەن،ۋاراڭ-چۇرۇڭغا ،رەزىللىككە تولغان بۇ مەدەنىي جەمىيەتتىن تولىمۇ،تولىمۇ....زېرىكتىم،مېنىڭ راستىنلا ساراڭ بولغۇم بار تاغا؟!.............., M- H2 t1 y4 _; Q: r+ N# u/ @; z  t

4 }7 g' Y* H; w/ t( Jيېزىقچىلىق ئىشلىرىڭىزغا مول ھوسۇل ھەم بەرىكەت تىلەپ ھۆرمەت بىلەن:! r1 R& S6 ~  ~# P( n# q! J3 J
                           ‹قۇم باسقان شەھەر›ئەتراپىدىكى تارىم ۋادىلىرىدا ياشاۋاتقان توپا چىراي سەھرا قىزىدىن
3 j9 c* g* v$ Q' P9 K) ]) i
+ \3 n! g9 {9 C                                       ھىجىرىيە 1435-يىلىدىكى مىلادى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى.
5 N* F0 h7 W! p# c* y- R                                                                                                                             شەھىرى ئاۋات1 b% ^0 q3 D* e; L, P. p4 c$ z% R
      مەنبە:ساراڭ كاللام.
8 ]( z! P4 Q& |6 L, l( c8 ?              " e+ O/ u1 c- a" y% P# J. S5 ~
  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +120 يىغىش سەۋەبى
sirlikmalika + 100 اللاھ ئاسانلىق بەرسۇن
TILSIMAT + 20 تەپەككۇرى كۈچلۈك

باھا خاتىرىسى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

131

تېما

1401

يازما

1532

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 53836
يازما سانى:
1401
نادىر تېما :
17
مۇنبەر پۇلى :
53424
تۆھپە :
1889
باھا :
1506
توردا:
10654 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-8-30
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2013-12-3 15:22:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى قېتىم يوللىغان ‹‹بىر تىللىمىغا يەنە كىملەر قالمىدى؟››دېگەن تېمىڭىز توردا ياخشى بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.4 u4 ~7 ]6 c# z, o
تېمىڭىزنى تۇنجى كۆرۈپ قايتا-قايتا ئوقۇدۇم.تۇنجى قېتىم ئوقۇپ تەستىقلاپ قويۇشتا ئىككىلەندىم.قايتا ئوقۇپ مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىمىزنىڭ ئەسەر يېزىش ئۇسلۇبى جەھەتتە سىزنىڭ بۇ يازغۇچىمىزغا دەيدىغان كۆڭۈل سۆزىڭىزنىڭ نۇرغۇن يۇشۇرۇن مەزمۇنلار بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم ھەمدە يازغۇچىغا بۇنداق خەت يېزىش ئۇسلۇبى كۆپ كىشىلىرىمىزگە ياقمىسىمۇ،لېكىن،بۇ ئۇچۇق خەتتىكى ئاساسىي مۇددىئا،مەركىزىي ئىدىيەنى ھەممە  كىشى چۈشىنىپ ئوقۇسا ياخشى بولغۇدەك....دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 07:23 PM  
5 ^: M$ O8 E  v1 G* H2 T( ^* h
  p/ o( }2 m4 ]: f5 G( f$ s

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

13

تېما

2034

يازما

2060

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98944
يازما سانى:
2034
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5180
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1574 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-10-24
ئاخىرقى:
2015-8-15
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-3 15:24:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم،تىرىشىمەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

uygur~ogli

5

تېما

861

يازما

867

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4700
يازما سانى:
861
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
199
تۆھپە :
813
باھا :
578
توردا:
1471 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-7-25
ئاخىرقى:
2016-3-1
ۋاقتى: 2013-12-3 15:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىمۇ خۇتۇنۇم دايىم ساراڭ دەيدۇ

نۇرمۇھەممەت
kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2013-12-3 15:36:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

13

تېما

2034

يازما

2060

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98944
يازما سانى:
2034
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5180
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1574 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-10-24
ئاخىرقى:
2015-8-15
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-3 15:37:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurmuhammat يوللىغان ۋاقتى  2013-12-3 03:25 PM
, ~, o7 {1 V' _* e, y8 F6 Xمىنىمۇ خۇتۇنۇم دايىم ساراڭ دەيدۇ
& Z! Y% G# N+ |+ Q0 E5 ~
ئادەم بەك ساق بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ دەپ ئويلايمەنغۇ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

4

تېما

785

يازما

790

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92091
يازما سانى:
785
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3273
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2186 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-22
ئاخىرقى:
2015-11-24
ۋاقتى: 2013-12-3 15:38:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مەمتىمىن ھۇشۇرغا ئوچۇق خەت»دىسە تېخى بۇ يازغۇچىمىزنىڭ خانتەڭرى مۇكاپاتىغا ئىرىشكىنىنى تەبرىكلەپ،يازغان ئوچۇق خەت ئوخشايدۇ دەپ كىرسەم ،باشقىچە مەزمۇن.
( M4 p: e6 s: x! N5 Z- n! ~ئوچۇق خەت دىگەن مۇنداق يازسىمۇ بولدىكەن؟

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

تۈركلان

54

تېما

433

يازما

489

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 8232
يازما سانى:
433
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10260
تۆھپە :
354
باھا :
290
توردا:
611 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-8-28
ئاخىرقى:
2015-12-5
ۋاقتى: 2013-12-3 15:41:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurmuhammat يوللىغان ۋاقتى  2013-12-3 03:25 PM   A9 ]) p' v( \4 A3 @" U* a% ?
مىنىمۇ خۇتۇنۇم دايىم ساراڭ دەيدۇ
5 ?; j& b7 `& I" _1 Q. r
ئۇنداقتا ئۇ  سىزنى  ياخشى كۈرىدىكەن  

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

تۈركلان

54

تېما

433

يازما

489

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 8232
يازما سانى:
433
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10260
تۆھپە :
354
باھا :
290
توردا:
611 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-8-28
ئاخىرقى:
2015-12-5
ۋاقتى: 2013-12-3 15:50:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىماكان بۇيىدا ياشاۋاتقان  ئاۋاتلىق قىزنىڭ   بۇ  يازمىسىنى    كۈرۈپ مىنىڭ بىرخىللا ئىلھامىم  كىلىپ قالدى دىسە  ،سىزنىڭ ئوبرازىڭىزنى باش پىرسۇناژ  قىلىپ تۇرۇپ بىرەر  ھىكەيىدەك تېما يېزىلسا ياخشى چىقارمىكىن دەيمەن .چۈنكى ئەگەر سىز   دىگىنىڭزدەك شۇنداق مجەزلىك ئىنسان بولسىڭىز  سىزنىڭ روھىيتىڭىزدىن قېزىپ چىقىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار دەپ قارايمەن    .

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

0

تېما

27

يازما

29

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100323
يازما سانى:
27
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
184
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
63 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-30
ئاخىرقى:
2015-1-26
ۋاقتى: 2013-12-3 16:00:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى تولمۇ ياخىشى يىزىپسىز ،مىنىڭ بىر يىقىن دوستىمنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز ،ئۇزۇن بولغان ئۇ دوستۇمنى كۆر مىگىلى توي قىلىپ ئۇ مىجەزلىرى ئۆزگەردىمۇ بىلمىدىم..... سىزگە بەخىت ۋە ئامەت يار بولسۇن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 04:59 AM, Processed in 0.136724 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش