ئۈندىدار (
微信) ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى
يانفۇن نۇمۇرىنى باغلاپ ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرسە، يەنە بىر قسىم تورداشلار باغلاشنى ياقتۇرمايدۇ
ئۈندىدار (微信) غا يانفۇن نۇمۇرىنى باغلاش ۋە باغلىماسلىقنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرى بار.
ئارتۇقچىلىقى: ئۈندىدار (微信) غا يانفۇن نۇمۇرىنى باغلاپ ئىشلەتكەندە، ئۈندىدارنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى قايتۇرۋېلىش مەشغۇلاتىنى يانفۇندىلا بىجىرگىلى بولىدۇ، يانفۇندا ساقلانغان بارلىق ئالاقىداشلارنىڭ ئۈندىدار (微信) ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلگلى بولىدۇ.
كەمچىلىكى: ئۈندىدار (微信) غا يانفۇن نۇمۇرىنى باغلاپ قويغاندا، پەۋقۇلئادە يانفۇن ياكى نۇمۇر يۈتۈپ كەتسە، نۇمۇرنى سىز ئالماشتۇرسىڭىز، ئۈندىدار (微信) مۇ يوق بولىدۇ، قايتۇرۇپ كېلىشتە نۇرغۇن ئاۋارىچلىقلار سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى
روھلانغا يوللانغان «ئۈندىدارىمنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار »، «ئاھ مېنىڭ ئۈندىدارىم» دېگەندەك ماۋزۇدىكى تېمىلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ، ئەمدى سىز باغلاش ياكى باغلىماسلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلى شارائىتىڭىزغا بېقىپ قارا قىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى باغلاش ۋە باغلاشنى بىكار قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
روھلان ئۈندىدار سالون
ئىزدەش نۇمۇرى: rohlancn
باغلاش ئۇسۇلى:
1. iPhone /
android يانفۇنلاردا: ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە مەشغۇلات قىلىسىز.
我=》我的帐号=》手机号码=》启用=》输入手机号=》下一步
بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ يانفۇنىڭىزغا بىر قىسقا
ئۇچۇر كېلىپ تەستىق نۇمۇرى ئەۋەتىدۇ، سىز تەستىق نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ جەزىملىسىڭىزلا باغلىنىدۇ.
2. باشقا يانفۇنلاردا: ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە مەشغۇلات قىلىسىز.
选项=》设置=》手机通讯录匹配=》启动=》输入需绑定的手机号码
يانفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ كېيىنكى قەدەمنى باسسىڭىز ئوخشاشلا يۇقىرىدەك ئۇچۇر ئەۋەتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭدىكى تەستىق نۇمۇرنى كىرگۈزسڭىز باغلىنىدۇ.
باغلاشنى بىكار قىلىش ئۇسۇلى:
1. iPhone /android يانفۇنلاردا: تۆۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە قىلسىڭزلا بىكار بولىدۇ.
我=》点击头像=》我的帐号=》手机号码=》解绑/停用
2. باشقا يانفۇنلاردا: تۆۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە قىلىڭ
设置=》手机通讯录匹配=》停用,即可解除绑定
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى خەنزۇچە خەتلەر تەرجىمە قىلىنمىدى، سەۋەبىنى دېمىسەممۇ بىلدىڭلار ھەقىچان، %95 تىن كۆپ ئادەم ئۈندىدارنىڭ خەنزۇچىسىنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئۇنى تەرجىمە قىلپ قويسام يەنە بۇ تېمىنىڭ ئەھمىيتى قالمىغۇدەك.
كىچىك ئېلان:
روھلان ئۈندىدار سالۇنى قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىسىمۇ كۈندە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇۋالغانلارغا ئاپتۇماتىك يوللاپ بېرىۋاتىدۇ، خالىسىڭىز قوشۇلىۋېلىڭ.
روھلان ئۈندىدار سالون
ئىزدەش نۇمۇرى: rohlancn
تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە تەپسىلاتى:
http://bbs.rohlan.com/weixin
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rohlanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-4 12:38 AM