غالجىر ئىت
& q" F+ I* x' }! O
. {7 u1 E& a% C4 eئاپتورى: مەن
# v- y& i. ]0 ?" M! _/ T
0 X& Z' Y1 u' a! cمەردان، ئوغلۇم ئورنۇڭدىن تۇر، ئىشقا كېچىكىپ قالمىغىن يەنە..... تېز بول....
ھە مانا... ناشتامنى قىلىپ خىزمەتكە ماڭدىم. بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلىغاچ گېزىت كۆرۈۋېتىپ ئەتراپىمدا ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بىرى خاتىرە كومپيۇتېردا پۈتۈن ئەس يادى بىلەن بىر نەرسە يېزىپ ئولتۇراتتى. يېنىدا يەنە بىر يولۇچى بولسا بىر كېچە ئۇخلىماي نەلەردە يۈردىكىن تاڭ، تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن، يەنە بىر يولۇچى بىرسى بىلەن تېلېفۇندا پاراڭلىشىپ توردىكى ئۇرۇش جېدەل توغۇرلۇق ئاچچىقلىنىپ سۆزلەۋاتاتتى..... ئاپتوبۇسمۇ كەلدى، ئاپتوبۇسقا چىقىپ كۆرگۈنۈم يەنە شۇ مەنزىرە. بىرى ئۇخلاۋاتقان، بىرى خاتىرە كومپيۇتېردا بىر نەرسە يېزىۋاتقان، بىرى تېلېفۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتەيلا دەپ قالغان...... توۋا، بۈگۈن بۇ ئادەملەرگە نىمە بولغاندۇ ئەمدى، ھەممىسى شۇنداق روھسىز، ھارغىن، خۇددى ئىشقا بارغىسى يوقتەكلا بىرخىل چىراي ئىپادىلىرى....
ئىشقا كېلىپ ئىشخانامنى تازىلاپ ئەمدى خىزمىتىمنى باشلاي دەپ تۇرۇشۇمغا خىزمەتدېشىم ئوسمان كىرىپ كەلدى. بىز خىزمەتتە بولسۇن، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بولسۇن ئوخشاشلا ئىنتايىن ياخشى ئۆتەتتۇق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش، بالدۇرلا كېلىۋاپسەنغۇ؟ دېگىنىچە ئۇدۇل سافاغا بېرىپ يېتىشقا تەمشەلدى.
ئوسمان، ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
- ياقەي، قارىسام ئىشقا چۈشكىچە يەنە 20 مىنۇت ۋاقىت باركەن، شۇڭا بىردەم ئۇخلىۋالاي دەپ.
نېمە؟ ئۇخلىۋالاي دەپ. كېچىدىن ئۇخلىماي نەگە بارغان؟ مەن بىلمەيدىغان بىرەر ئىشلىرىڭ چىقىۋاتامدۇ ھە ئاداش...
ۋاي ياقەي، ئاخشام شۇ مۇنبەردە ھېكايە ئوقۇغان، بەك كەچ بوپ كىتىپتىكەن، ئۇيقۇم كەم بوپ قالدى شۇ.
نېمە ھېكايىكەن ئۇ، سېنى شۇنداق ئۆزىگە رام قىلىۋالغان؟
ۋاي-ۋۇي، تولا گەپ قىلىپ ئۇخلىغىلى قويمايدىغان بولدۇڭدە مېنى. ئۇ شۇنداق دەپلا قوپۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە كېلىپ ئولتۇردى. ساڭا دېسەم مەردان ئاداش، مەن بىر ئايچە بوپ قالدى مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگەن، شۇندىن بېرى كۈندە دېگۈدەك ھېكايە ئوقۇپ، ئۇرۇش جېدەل كۆرۈپ، بەزىدە مەنمۇ ئارىلىشىپ قويۇپ دېگەندەك ئۆتۈۋاتىمەن دىگىنە. شۇنداق قىزىقىپ قالدىم ئۇ مۇنبەر دىگەنگە. ھەي، سەنمۇ تىزىملىتىپ كىرگىنە، بىللە جېدەل ئوينايمىز.
توۋا، ئوسماننى خېلى بىر ئۇقۇمۇشلۇق، تەربىيە كۆرگەن دىتى بار يىگىت دەپ ئويلىسام، ماۋۇ ئاداش ئەمدى بىللە جېدەل ئوينايمىز دەيدىغۇ؟ شۇنداق ئويلىغاچ ئۇنىڭدىن سورۇدۇم. توردىكى ياخشى ئەسەرلەرنى، يېڭى خەۋەرلەرنى كۆرگىنىڭ ياخشى بوپتۇ. بىراق، جېدەل ئويناپ دېگىنىڭنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىمغۇ؟
ھەي ئاداش، بۇ مۇنبەر دىگەندىچۇ ھەر خىل ئادەملەر باركەن. مېنىڭمۇ باشقىلار بىلەن، يەنە كېلىپ توردىكى ئۆزەممۇ تونۇمايدىغان ئادەملەر بىلەن جېدەللەشكىم يوق. لېكىن مۇشۇ توردىكى بەزى ئادەملەر ئاجايىپ غەلىتە بولىدىكەن. ساڭا دېسەم، مەن تىزىملاتقان مۇنبەردە ئالىم، قارى، ئوقۇتقۇچى، مەمۇر، سودىگەر، ئوقۇغۇچى....... يەنە دىسەم جىق، ئىتتىن تارتىپ پىتقىچە ھەممە نېمە باركەن دېسەممۇ بولىدۇ.... ھەي مۇنداق قىلايلى، كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ مۇنبەرگە كىرمەمدۇق؟- شۇ بانادا سەنمۇ تىزىملىتىپ كىرىپ، توردىكى بەزى دانىشمەنلەرنىڭ يازمىلىرىنى بىر كۆرۈپ باقمامسەن.
ئىككىمىز شۇنداق قىلىدىغانغا پۈتۈشۈپ خىزمەتكە كىرىشتۇق. شۇ ئەسنادا باشلىق كىرىپ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مانا، بىر كۈنلۈك خىزمەتنى تۈگۈتۈپ تاماق يەۋېلىپلا ئۇدۇل كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئۈنۈپ بولدۇق.
ئاداش ئوبدان قارا ھە، مانا ساڭا تىزىملىتىشنى باشلىدۇق. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ مۇنبەرنىڭ يېڭى بىر ئەزاسى بوپ قالدىم. ئوسمان مۇنبەرگە كىرىپلا ئۆزىگە چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئوخشاش بىر تېمىدىكى ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە ئوسماننى ھاقارەتلەپ يېزىلغانلىرىمۇ، قوللاپ يېزىلغانلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇ ھەممىسىگە جاۋاب قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بۈگۈنكى يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە باشلىدى. توۋا دېدىم ئىچىمدە، بۇ مۇنبەردىكىلەر ئاجايىپ ئادەملەركىنا، ئۆزى تونۇمايدىغان ھەتتا يېنىدا بىللە ئولتۇرسىمۇ تونۇمايدىغان ئاشۇ ناتۇنۇشلار بىلەن ئۇرۇشۇپ نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ شۇنداق خىياللار ئىچىدە نەچچە سائەت شۇ مۇنبەردىكى تېما ۋە ئىنكاسلارنى كۆردۇق. ئوسماننىڭ دېگىنى ھەقىقەتەن توغرا چىققان ئىدى، مۇنبەردە ھەر قانداق تىپتىكى ئادەم، يەنە كېلىپ ئادەمىيلىك سالاھىيتىمۇ يوق بەزى ساپاسىز مەخلۇقلارمۇ بار ئىدى. شۇ تېما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈش جەريانىدا تويۇقسىز بىر نەرسىنى بايقاپ قالدىم. ھەي ئوسمان، مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزانىڭ يازغان ئىنكاس ۋە تېمىلىرىنى ئايرىم كۆرگىلى بولامدۇ؟- ئەلۋەتتە بولىدۇ. شۇنداق دەپلا مەن كۆرمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى چىقىرىپ بەردى. ھەممىنى كۆرۈپ بولۇپ ئوسماندىن سورۇدۇم. ئوسمان ئاداش، بۇ مۇنبەردە قانچە خىل تىپتىكى ئادەملەر باركەن؟
مەن ئىككى خىل تىپتىكى ئادەملەرنى بايقىدىم دېدى ئۇ. بىرى، ھەممە ئىشتا دىننى سۆزلەيدىغانلار. يەنە بىرى دىنغا قارشى گەپ قىلىدىغان.
مەن تۆت خىل تىپتىكى ئادەملەرنى بايقىدىم. بىرى توردا موللىلىق دەۋاسى قىلىدىغانلار. بۇلار دېگىنى توغرىمۇ خاتامۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق. كۆزىنى يۇمۇپ سۆزلەۋېرىدىغانلاردىن كەن. بۇنداقلارغا شۇنداقلا بىر كىچىككىنە رەدىيە بېرىپ قويساڭ سېنى ئېنىقلا كاپىرغا چىقىرىدۇ.
ئىككىنچىسى، ئىمانى ساپ، مىللەتنى سۆيىدىغان، بىلىم-ھېكمەتكە ھېرىسمەن ئاقىل كىشىلەركەن. مۇنازىرە قىلساڭ مانا مۇشۇ خىلدىكى ئادەملەر بىلەن قىلساڭ بولىدۇ. پىكىر بەرسەڭ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. سېنىڭ خاتا بولسا ئىلمىي يوسۇندا ساڭا چۈشەنچە بېرىدۇ. (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)
ئۈچىنچىسى، دىنغىمۇ، بىلىمغىمۇ، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىگە قارشى تۇرىدىغان پاسىقلار. بۇنداقلار ئاغزىدا بىلىم-مەرىپەت بايرىقىنى كۆتۈرىۋېلىپ دىنغا قارشى چىققىنى بىلەن، ۋاقتى كەلسە شۇ بىلىمدىمۇ ھېچ قانداق ئۇمىچى يوق. ئەسكى تامنىڭ ئىچىدە جاھان سورايدىغان بىكار تەلەتلەر. ئۇلار ئۆزىچە دىننى كەمسىتىپ ئۆزىنى بىلىملىك زىيالى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇلار بىلسىدى، كىتابىمىز قۇرئاندا بىلىم ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغىنىنى.
تۆتىنچىسى، پارازىت قۇرتلار، كۆتەمىكەشلەر، جەمئىيەت داشقاللىرى. بۇلارنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تىرىكىنىڭ پەرقى يوق. چۈنكى مۇنبەردە خېلى ۋەزنى ئېغىر مەزمۇنلار باركەن. شۇ مەزمۇنلارغا ئىنكاس يازغاندىمۇ بۇنداقلار ھەممە ئادەمگە سىزنىڭ راست دەيدىكەن. قايسى مەزمۇنغا قارىسا شۇلار بىرەر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇپ ياكى بولمىسا چىراي ئىپادىسى يوللاپ قويۇپ ۋاقتىنى شۇنداق ئىشلارغا سەرىپ قىلىدۇ، مۇقىم مەيدانى يوق. بۇنداقلار ئەڭ قورقۇنۇچلۇق، ۋاقتى كەلگەندە قېرىنداشلىرىنى سېتىشتىن يانمايدىغىنى دەل شۇنداقلار.
ئوسمان ئاداش، مەن تىزىملاتمىغان بولاي، بولدى مۇشۇ مۇنبەرگە كىرمەيمىكىن.
نىمىشقا ئەمدى، مۇنبەردە ياخشىلارمۇ ئىنتايىن كۆپقۇ، بەزى بىر ناكەسلەرنىڭ دەردىدە بىلمىگەننى ئۆگىنەلمەي ئۆتەتتۇقمۇ؟
ئۇ دېگىنىڭمۇ راس، ھە بوپتۇ مەن كۆرگەن ياخشى تېمىلارنى يازغان، ھەر بىر ئىنكاسى ئادەمنى ئويغا سالىدىغان شۇ ئاقىل كىشىلەر بىلەن تور يۈزىدە بولسىمۇ پىكىرلىشىش ئۈچۈن ئەتە مەنمۇ مۇنبەرگە كىرەي. ھە راست، ھېلىقى ئەڭ قالايمىقان ئىنكاس يازىدىغان ئادەمنىڭ ئىسىمى نېمىكەن؟
قايسىنى دەيسەن، ھېلىقى ھەممە نېمىگە قارشى چىقىدىغان، نەچچە ئەگەشكۈچىسى بارنى دەمسەن؟ توختا مەن ئىزدەپ باقاي.........ھە تاپتىم، <<غالجىر ئىت>> كەن.
نېمە؟ <<غالجىر ئىت>>، ئىسمى جىسمىغا لايىقلا ئىتكەنغۇ ئەمسە. ھا ھا ھا ھا ........ تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق. مەنمۇ ئوسمان بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆيگە قايتىۋاتىمەن. كېتىۋېتىپ خىيالىمغا ئەتىگەن كۆرگەن مەنزىرىلەر كەلدى. ئەسلىدە شۇلارمۇ كېچىسى مۇنبەردە، ئەتىسى ئاشۇنداق ئۇخلاپ يۈرەمدىغاندۇ؟ ئەجىبا ھېلىقى تېلېفۇندا ئاچچىقلىنىۋاتقان ئادەم شۇنداق ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان يازمىلارنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپ كەتكەنمىدۇ ياكى توغرا پىكىرلەرگە قارشى غەۋغا كۆتەرگىنىمۇ؟ ھېلىقى <<غالجىر ئىت>> شۇ مۇ تېخى.... توۋا، نېمە خىياللارنى قىلىپ كەتتىم، گۇمان ئىماننى يەيدۇ دەيدىغان، باشقىلاردىن گۇمان قىلماي.
ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ، ئۆزەمنى كارۋاتقا تاشلاپلا توردىكى ئىشلارنى ئويلىغاچ ئۇيقىغا كېتىپتىمەن.
' n+ `* ~9 n) P( ~) v7 Z2 D7 |بىز ئەسلى قانداق مىللەت، ھازىر قانداق بوپ قېلىۋاتىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۆز-ئارا پېتىشمايمىز؟ ھەتتا ئاشۇ توردىكى مەۋھۈم دۇنيادىمۇ بىر-بىرىنى تونۇشمايدىغان تۇرۇپ ئۆز-ئارا چىقىشالمىسا، بىرى بىرەرسىنى ماختاپ بىر نەرسە يوللىسا شۇ ماختالغۇچىغا بىردمنىڭ ئىچىدە بۆھتانلارنى چاپلاپ، توردىلا چالما كېسەك قىلىپ ئۇ بىچارىنى مەۋھۈم دۇنيادا بولسىمۇ يوقىتىۋېتىشكە ئاران تۇرساق. ئەجىبا بىزدىكى شۇ ئۆز-ئارا پېتىشالماسلىق، ئەمدى بىر ئىشنى باشلاي دەپ ئۈنۈپ چىققان مايسىنى چىققان يىرىگە دەسسەپ، يەنجىپ كۆڭۈل خۇش قىلىدىغان ناچار ئىللەتلەر ئېلىپ كەلگەن كۈنلەر تېخى يەتمىدىمۇ؟ يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۇرۇش-تالاش قىلىپ ياشىماقچى؟ ئەۋلادلىرىمىزغا مۇشۇ ئىللەتلەرنى مىراس قالدۇرماقچىمۇ؟ ئۇنداق قىلمايلى قېرىنداشلار.
ھېلىمۇ ياخشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتقان نى-نى ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز بار. بىزمۇ شۇلاردەك ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، تىرىشىپ ئىلىم-مەرىپەت قوينىغا كىرسەك، بەزى ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ يوقاتساق بىز يەنىلا شۇ دۇنيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەت. چۈنكى بىز___ ئۇيغۇر!
s7 n5 g* U3 U" b0 c* _; O) B0 z
3 r/ V$ x- z9 M+ }
' L- [6 W' Q" i
يېزىقچىلىقتىن ئانچە خەۋىرىم بولمىغاچ بەزى نوقسانلار مەۋجۇت. تورداشلارنىڭ سەمىمىي پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ATAMAN25 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-4 02:41 AM ' u' ~- t2 F. P* U3 F' a% l
, b+ a& y K+ ]