مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 879|ئىنكاس: 6

لۈي گۇاڭ ۋە كۈسەن مەدەنىيىتى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-29 09:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لۈي گۇاڭ ۋە كۈسەن مەدەنىيىتى

 

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر

 

       لۈي گۇاڭ(338---399) دېگەن بۇئىسىم كۈسەننىڭ مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.يەنە كېلىپ ئۇنىڭ كۇماراجىۋا بېلەن بولغان باغلىنىشى تېخىمۇ زىچ بولۇپ، ئۇنى تارىخىي تېما سۈپىتىدە يورۇتۇپ ئۆتۈش كۈسەنشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي يۇرىت مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

       لۈي گۇاڭ مىلادى 338-يىلى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى چىنئەننىڭ شەرقىي شىمالىدا تۇغۇلغان بولۇپ دى قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا شىمالدىكى چېگرا رايونلاردا ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەت---دىلار قۇرغان ئالدىنقى چىن خاندانلىقىدا ئەمىر لەشكەر بولغان. ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ماھىرلىقى ۋە باتۇرلىقى بېلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ شىرمەت سانغۇنلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.

     ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرى كەڭ ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرى پارچە ھاكىمىيەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن، ھەرقايسى ئۇششاق خانلىق---بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش كەسكىنلىشىپ، ئاۋام-پۇقرالار ئىقتىسادىي قاششاقلىق ۋە ئىدىيىۋى بۆھراننىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان بولۇپ، مەنىۋى جەھەتتىن كۇماراجىۋادەك مەنىۋى ئۇستازغا  تولىمۇ تەشنا بولىۋاتقان دەۋىر ئىدى. شۇڭا ئالدىنقى چىن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى فۇ جىيەن  تەرىپىدىن”كاتتا ئۆلىما“  دەپ تەرىپلىنىپ شۆھرەت قازانغان غەربىي يۇرىتلۇق مەشھۇر بۇددا ئالىمى بۇددا تۇدىن(232---348) نىڭ شاگىرتى داۋئەن (312---385)نىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن غەربىي يۇرتلۇق ئەۋلىيا كۇماراجىۋانى ئوتتۇرا ئىقلىمغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىلادى 383-يىلى ئالدىنقى چىن پادىشاسى فۇ جىيەن لۈي گۇاڭنى 70مىڭ كىشىلىك خىللانغان قوشۇن بېلەن كۈسەنگە لەشكىرىي يۈرۈشكە ئاتلاندۇرىدۇ.لۈي گۇاڭ يولغا چىقىش ئالدىدا پادىشاھ فۇجىيەن ئۇنىڭغا كۇماراجىۋانى ئىززەت –ئېكرام بېلەن تىرىك ئېلىپ كېلىشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ.

    «جىننامە. لۈيگۇاڭ تەزكىرىسى » دە قەيىت قىلىنىشىچە، لۈيگۇاڭ قوشۇنلىرى كىنگىت ( قارا شەھەر) نى ئېلىپ نارا خاننى تەسلىم قىلدۇرغاندىن كېيىن كۈسەنگە لەشكىرىي يۈرۈش قىلىدۇ. كۈسەن خانى ئاقارى پاك كۇماراجىۋانىڭ نەسىھىتىگە قارىماي قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن لۈيگۇاڭ تەرىپىدىن  قەتلى قىلىنىپ ، ئورنىغا ئىنىسى ئاقارى چىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلىدۇ.

      لۈي گۇاڭ كۈسەنگە كىرگەندىن كېيىن بۇ زېمىننىڭ باي-باياشاتلىقى ۋە كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان رەڭگارەڭ مەدەنىيىتى ئۇنى تاڭ قالدۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ كۇماراجىۋانى ”مىرزا مەھبۇس “ سۈپىتىدە ياللاپ ئېلىپ ماڭاشىدا 20مىڭ تۇياق ئات---قېچىرغا كۈسەننىڭ ئالتۇن كۈمۈش، ئۈنچە مەرۋايىت، زىبۇ-زىننەتلىرى بېلەن بىرگە ھەر خىل باغ قۇشلىرى ۋە خىلمۇ خىل ئېسىل بۇدساتۋا ھەيكەللىرى، چالغۇلار، سازەندە---رەققاسلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ ماڭىدۇ.

      مىلادى 384-يىلى لۈي گۇاڭ قوشۇنى كۇماراجىۋانى ئېلىپ گەنسۇنىڭ لىياڭجۇ( ھازىرقى ۋۇۋېي) غا كەلگەندە ئالدىنقى چىن پادىشاسى فۇ جىيەننىڭ كېيىنكى چىن پادىشاسى ياۋچاڭ تەرىپىدىن يوقۇتۇلۇپ، كېيىنكى چىن سۇلالىسى قۇرۇلغانلىق خەۋىرى يېتىپ كېلىدۇ. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن لۈيگۇاڭ لىياڭجۇنى پايتەخىت قىلىپ كېيىنكى لىياڭ سۇلالىسىنى قۇرىۋالىدۇ. بۇ سۇلالە لۈي گۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن لۈي چۇەن، لۈي شاۋ زامانىغىچە داۋاملىشىپ، مىلادى 401-يىلى كېيىنكى چىن پادىشاسى ياۋ شىڭ ئىنىسى ياۋ شۇنى ئەۋەتىپ، كېيىنكى لىياڭ سۇلالىسىنى يوقاتقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

      كۇماراجىۋا كېيىنكى لىياڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لىياڭجۇدا تۇرۇپ، خەنزۇ تىل-مەدەنىيىتىنى ئۈگەنگەچ لىياڭجۇنى مەركەز قىلغان ھالدا كېيىنكى لىياڭ سۇلالىسى دائىرىسىدە كۈسەننىڭ ئىلغار مەدەنىيەت-سەنئىتىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇمىيلاشتۇرۇپ، بۇ رايونلارنىڭ بۇددا ھەيكەلتاراشچىلىقى، ئېھرام---مىڭئۆي مىمارچىلىقى، رەسساملىقى ۋە ناخشا---ئۇسۇل قاتارلىق بۇددا مەدەنىيەت-سەنئىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ بەخىش ئەتكەن.

    لۈي گۇاڭ ئاتا-بالىلار لىياڭجۇدا كۇماراجىۋاغا ئاتاپ مەخسۇس ئىبادەتخانا سالدۇرۇپ بەرگەن ھەم دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرىدا دائىم ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئېلىپ تۇرغان. لىياڭجۇنى پايتەخىت قىلىپ قۇرۇلغان كېيىنكى لىياڭ سۇلالىسى گەرچە ئاران 16يىل ھاكىمىيەت يۈرگىزەلىگەن بولسىمۇ ئەمما شۇ مەزگىلدە”دۆلەت ئۇستازى“لىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن  كۇماراجىۋانىڭ ئىدىيىسى شۇ سۇلالىنىڭ دۆلەت ئېدىئولوگيە ساھەسىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ، كۈسەن مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ مۇشۇ رايونلاردا تارقىلىشىنى پۇختا سېياسىي، ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە قىلغان.

     گەنسۇنىڭ تىيەنشۈيدىكى 127-نومۇرلۇق مەيجىشەن تاشكېمىرىنىڭ تېمىغا ”غەربىي پاك زېمىننىڭ ئۆزگىرىشى “ ناملىق تام رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، بۇ رەسىمدە كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۇچىۋاتقان ئۇسۇلچى رەققاسلار ۋە ئۇلارنىڭ قولىدىكى تۈرلۈك چالغۇلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. تىپىك كۈسەن ئۇسلۇبىدىكى بۇ رەسىمنى كۇماراجىۋا بېلەن مۇناسىۋەتسىز دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، كۇماراجىۋا «ھېكمەتلىك نېلۇپەر سۇترا» غا ئىلاۋە يازغاندا كۈسەن مۇزىكىلىرى ۋە چەللە، بەرباپ قاتارلىق چالغۇلارنى تونۇشتۇرغان.

     2007-يىلى ئەتىيازدا كۇچا ناھىيىسى تەشكىللىگەن بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەينى يىللىرى كۇماراجىۋا قالدۇرغان ئىزلارنى بويلاپ گەنسۇنىڭ   ۋۇۋېي(تارىختىكى لىياڭجۇ)غا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا بۇ رايوندا  خېلىلا ئومۇمىيلاشقان قەدىمىي بەرباپ كۈيلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان. مۇتەخەسىسلەر بۇ قەدىمىي بەرباپ كۈيلىرىنىڭ رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىق جەھەتتىن قەدىمقى كۈسەن كۈيلىرىگە يېقىنلىشىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ ، ئۆزئارا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئارقىلىق ۋۇۋېيدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمقى لىياڭجۇ كۈيلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە قەدىمقى كۈسەن كۈيلىرى بېلەن تومۇرداش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. يەنە كېلىپ ياخشى ۋارىسلىق قىلىنغان ۋە قوغدالغان بۇ لىياڭجۇ قەدىمقى كۈيلىرى گەنسۇ رايونى تەۋەسىدىكى ئاۋام ئارىسىدا ناھايتى كەڭ تارقالغان ھەم ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ شىرمەت سانغۇنى لۈي گۇاڭ ئەينى يىللىرى كۈسەندىن ئېلىپ بارغان كۈسەن مۇزىكانىتلىرى، ئۇسۇلچى رەققاسلارنىڭ     لىياڭجۇنى مەركەز قىلغان گەنسۇ رايونىدا كۈسەن ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتىنى كەڭ دائىردە سىستېمىلىق ھالدا ئومۇمىيلاشتۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

     گەنسۇنىڭ ۋۇۋېيدىكى ئەينى يىللىرى لۈيگۇاڭ تەرىپىدىن كۇماراجىۋاغا ئاتاپ سېلىنغان كۇماراجىۋا ئىبادەتخانىسى ۋە كۇماراجىۋا مۇنارى بولسۇن ياكى دۇنخۇاڭ رايونىدىكى ئەينى يىللىرى كۇماراجىۋا مىنگەن ئاق بوز ئاتقا ئاتاپ سېلىنغان ”ئاق بوز ئات “ مۇنارى بولسۇن ھازىرغىچە مۇكەممەل ھالەتتە ساقلىنىپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ جەلىپكار نۇقتىسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

    بۇلاردىن باشقا يەنە گەنسۇنىڭ تىيەنشۈيدىكى مەيجىشەن تاشكېمىرىنىڭ 123-، 127-نومۇرلۇق ئۆيلىرىگە سىزىلغان رومبا شەكىللىك تام رەسىملىرىدە كۇماراجىۋا تەرجىمە قىلغان «ساددارما پوندارىكا سۇترا»، «ۋىلاماكىرتى ردېسسا سۇترا» ۋە »ئامىتابا سۇترا» دا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلار بويىچە رەسىم سىزىلغان.

    رىۋايەت قىلىنشىچە، كۇماراجىۋا تىيەنشۈيدىكى ۋۇشەن تېغىنىڭ شۈيىنلىيەن غارىدا بۇددا ئىبادەتخانىسى سالدۇرغان بولۇپ، كارامەت ياسالغان بۇ بىناكارلىق ئۈلگىسى ”شاۋلا ئىبادەتخانىسى “ دېگەن نام بېلەن يىراق-يېقىندا داڭق چىقارغان. بۇنىڭدىن كۇماراجىۋانىڭ چىنلوڭ رايونىدىكى مۇرىتلار ئىچىدە زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

      يەنە گنسۇنىڭ يوڭچېڭ ناھىيىسىدىكى بىڭلىڭ تاشكېمىرىنىڭ زور ھەجىمدىكى تام رەسىملىرى پۈتۈنلەي كۇماراجىۋا تەرجىمە قىلغان «ساددارما پوندارىكا سۇترا» دىن تېما ئېلىش ئاساسىدا ئىجات قىلىنغان.

     مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى لۈي گۇاڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئىقلىمنىڭ تۇنجى بېكىتى لىياڭجۇغا ئېلىپ بېرىلغان كۇماراجىۋا ۋەكىللىكىدىكى كۈسەن مەدەنىيەت-سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كۈسەن مەدەنىيىتىنى بۇ رايونلاردا كەڭ دائىردە تارقىتىپ، ئومۇمىيلاشتۇرغانلىقىنىڭ جانلىق پاكىتى سۈپىتىدە كىشىگە پەخىرلىك تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىپ كەلمەكتە.

      مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن ئەپەندى «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ناملىق كىتابىدا لۈي گۇاڭنىڭ ۋاستىسى بېلەن لىياڭجۇ رايونىغا تارقالغان كۈسەن تاشكېمىر سەنئىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ : «لىياڭجۇ تاشكېمىرلىرى بولۇپمۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تاشكېمىرلىرى بىناكارلىق سەنئتى ئۇسلۇبى،  ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى ئۇسلۇبى ۋە تام رەسساملىق سەنئىتى ئۇسلۇبى جەھەتتىن بولمىسۇن كۈسەن ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرگەن.»

     كۇماراجىۋا لىياڭجۇدا لۈي گۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھېمايىسىدە تۇرغان 16يىلدا خەنزۇ مەدەنىيەت غەزىنىسىگە يۈزلىنىپ، خەنزۇ تىل- مەدەنىيىتىنى ناھايتى پىششىق ئىگىلەيدۇ. خەنزۇچە شېئىر-نەزمىلەرنى يېزىشقا ماھىر بولۇپلا قالماي يەنە ئوتتۇرا ئىقلىمنىڭ قەدىمقى ئەدەبىياتى، پەلەسەپىسدى ۋە تارىخىنى ئۆگۈنىدۇ. يەنە كۆپ خىل دېيالېكىتلارنىمۇ ئىگىلەپ بۇددا دىنىدىن باشقا يەنە كۈسەن مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي يۇرىت مەدەنىيىتىنى لىياڭجۇنى مەركەز قىلغان تار دائىردىن ھالقىتىپ، چاڭئەننى مەركەز قىلغان پۈتكۈل ئوتتۇرا ئىقلىم دائىرىسىدە سىستېمىلىق ئومۇمىيلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا ئاساسىنى تۇرغۇزىدۇ.

       مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغۋار ئىدىيە قۇرۇلۇشىنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا لۈيگۇاڭدىن ئىبارەت بۇ تاخىي شەخىس موھىم ۋاستىلىق رولىنى ئوينىغان.

 

---------------------------

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

 

(1)«يىپەك يولى مەدەنىيەت قامۇسى» ، بېيجىڭ قىزىل بايراق نەشىرىياتى 1995-يىل 8-ئاي خەنزۇچە نەشرى، 111 -،129بەتلەر.

(2) ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن: «ئۇيغۇر پەلەسەپە تارىخى» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1997-يىلى 8-ئاي نەشرى، 86-بەت.

(3) ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن: « غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 1998-يىل8-ئاي نەشرى ،392-، 393-بەتلەر.

 

2001-يىلى يانۋاردا ئاقسۇدا يېزىلدى،2008-يىل24-ئاپرىل قايتا تولۇقلاندى.

 

 

ھەر كىم ئۆز تەقد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3311
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11205
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2011-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-29 10:14:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزچىر  ئەپەندى خەتنى نىمىنداق  چوڭ قىلىۋاتقانسىز ھە  بىزيا   近四眼بولمىساق

مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4143
يازما سانى: 1736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11725
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-29 11:13:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ كۈسەننىڭ مەدەنىيتىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىكەنسىز جۇمۇ. ھارمىغايسىز.

جەننەتتىكى ھۆر پەرىلەر بولسىمۇ گۈزەل، يېنىڭدىكى مەشۇغۇڭ ئۇنىڭدىن ئەزەل. ئادەم قادىر ھەممىگە، گەپ ئادەمنىڭ ئۆزىدە.
honzada بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-29 11:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2776
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9604
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2011-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-30 01:17:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بەزى ئىبارىلەرگە ( سۆزلەرگە ) چۈشەنچە بىرۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى . بىلىمىم تۆەن بولغاچ چۈشىنەلمىدىم .

تەڭ ئىدۇق ئىككىمىزتەڭرى ئالدىدا، ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋرى ئالدىدا . كۆرەڭلەپ كەتمىگىن كەلگەندە ئامەت ، ئاخىرى تەڭ بولۇرمىز قەبىرى قىيامەت .

بىردەملىك تاقەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2025
يازما سانى: 3030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21377
تۆھپە نۇمۇرى: 734
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-30 03:43:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپخانلاردىن يېڭى كىتاپنى ئانچە تاپقىلى بولمايدىغان توردا ياخشى ئەسەرلەرنى تاپقىلى بۇلىدىغان بوپتۇ. خۇداغا شۇكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3250
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8985
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 979 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2011-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-30 12:41:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت uMaKXuM0102 كە 2010-08-29 10:14 PMئەۋەتىلدى :
بوزچىر  ئەپەندى خەتنى نىمىنداق  چوڭ قىلىۋاتقانسىز ھە  بىزيا   近四眼بولمىساق

بوزقىر دەڭ ،ئۇيغۇر لاتىن ئېلىپبەسىدە شۇنداق يېزىلىدۇ .
近视眼دېمەكچىمۇ يا ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش