ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەقدىرى
ماشىياڭبىن
ناۋادا ئاخبارات ۋاستلىرى خەۋەر قىلمىغاندا ئىدى،چىېڭشڭگۇيمۇ باشقا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش جەمىيەت تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بۇلاتتى.چېنشىڭگۇي،بۇيىل 58ياشتا بۇلۇپ،يۈننەن يەنجىن ناھىيىسىدىكى بىر يېزىدا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىسى بولغان. 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى بىر يامغۇرلۇق كېچىگدە ئۇ كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئىسىدىن چىقماس بىر ھىكايىنى قالدۇرۇپ كەتتى.بۇندىن بۇرۇن ئۇ 8 يىللىق ئۇقۇتقۇچىلىق سىتاژىنى بىكىتىشتە خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئازارلىشىپ قالىدۇ.تەكشۈرۈپ بىكىتكۈچى:سىنىڭ ماتىريالىڭ بولسا بىر ۋاراق كېرەكسىز قەغەز،دەيدۇ.ئۈزىنى ئىسپاتلاشقا ئامال قىلالمىغان چىېڭشڭگۇي ئۈزىنى ئۆلتۈرۋېلىش بەدلىگە ئۈزىنىڭ 25يىللىق ئۇقۇتقۇچىلىق سىتاژىنى بىكىتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئېيىغا 850 يۈەنلىك تۇلۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ.
چىېڭشڭگۇينىڭ ئۈزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى جەمىيەتنىڭ ھىسداشلىغىنى قوزغىدى.ئەمما چىېڭشڭگۇيغا ئوخشاش يۈننەندىكى 10مىڭدىن ئارتۇق ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلار يەنىلا ئوخشاش بىر مەسلىگە دۈچ كەلدى.چۈنكى ئۇلار قايتۇرۇلغاندا ،2011-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىگى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار بىرلىشىپ تارقاتقان«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەسلىسىنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى» ۋە 2013-يىلى 3-ئايدا يۈننەن ئۆلكىسى ئوتتۇرغا چىقارغان شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يولغا قۇيۇش پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا،ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتكى كىرىمدىن يۇقىرى تۇلۇقلىما ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بۇلۇپ،لېكىن ئۇلار ئېرىشىشقا تىگىشلىك نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر ئىسپاتنى ھازىرلىشى شەرت ئىدى:ئۈزىنىڭ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلىق تارىخىنى ئىسپاتلاپ بېرىش.ۋاھالەنكى يېزا ئۇقۇتقۇچىلىرىدا ئۇمۇميۈزلۈك ماددى ئىسپات كەمچىل بۇلۇپ،ئىسپات بولغۇچى ياشىنىپ قالغان ۋە ياكى ئۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ چىقاتتى.
كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان يىرى شۇكى،ھۈكۈمەت ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىدىغان ئىشلارنى نىمىشقا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا ئورۇنداشقا بۇيرۇيدۇ؟ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر سىياسەت قانداق قىلىپ بۇ توپقا يېڭى بىر جاراھەت قالدۇرىدۇ؟ بۇلار قارىماققا ئاددى ئەمما جاۋاپ بېرىش قىيىن بولغان سوئاللار.ئۇنى ئاددى دىسەك ھەممە كىشىگە چۈشىنىشلىك بولغاندەك،بىر سىياسەت بىر قىسىم يەرلىك ھۈكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھاكاۋۇرلىغى ۋە ھۇرۇنلىغى تۈپەيلى، ئەمىلىلىش جەريانىدا ھەقىقى تۈردە ئەمىلىلەشمەي قالىدىغان يەرلىرىمۇ بۇلىدۇ؛ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەك قىيىن دىسەك، چۈنكى ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلار ئىسپاتلاشقا تىگىشلىك بولغىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن سىتاژىلا بۇلۇپ قالماستىن، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئېلىپ كەلگەن ھەم قۇتۇلغىلى بولمايدىغان سىياسەت بەلگىلىگەن تەغدىردۇر.
1985 -يىلدىن باشلاپ،نەچچە يۈزمىڭلىگەن ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلار مائارىپ سىېپىگە قۇشۇلدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن «ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى» دىگەن دىگەن ئۇلۇغ ئوبرازى بىلەن بالىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ ئۇقۇتقۇچىلار سېپىدا مەۋجۇت بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «قانۇنغا خىلاپ، بەلگۈلىمىگە خىلاپ،ئىسمى يوق،ئۈلۈشى يوق»دىگەن شەكىلدە مەكتەپتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇپ،ئازغىنە مائاش بىلەن ھاردىم-تالدىم دىمەي ئۈن-تىنسىز تۆھپە قۇشۇپ كەلدى.ھۈكۈمەت ئۇلارغا قەرزدار،مەيلى ئۇلارنىڭ نامرات تۇرمۇشىغا بولسۇن،ياكى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدىغان ياشلىق باھارىغا بولسۇن.
ناۋادا بىز بۇنى تارىخى شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان دىسەك،دىمىسىمۇ ئەينى چاغدا دۆلەتنىڭ مائالىيە كۈچى ئاجىز، ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش شەكلىدە ئاساسى مائارىپنىڭ كۆلىمى نىسبەتەن كېڭەيتىلگەن ئىدى. ئەمما بۇ 10يىل ئىچىدە GDP يىلىغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن%10.7تىزلىكتە ئېشىپ بېرىپ،مالىيە كۈچى تەدرىجى كۈچەيدى،ھازىر ھۈكۈمەت ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنى چىكىندۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى بىر تەرەپ قىلسا مۇۋاپىق بولمايدىغان يىرى يوق.ئەمما سىياسەت ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا ھۈكۈمەت بۇ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا يەنە بىر قېتىم يېڭىدىن قەرزدار بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟
ئەمىلىيەتتە ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا يېڭىدىن قەرزدار بۇلۇپ قالغىنى پەقەت يۈننەن بۇ رايۇنلا ئەمەس. 2010-يىلى گەنسۇنىڭ ۋېييۈەن ناھىيىسى ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنى چىكىندۇرگەندە خىزمەت سىتاژى 15 يىلدىن يۇقۇرى بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا 800يۈەن، 10 -15يىلغىچە بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا 600يۈەن،10-5يىلغىچە بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا 500يۈەن،5يىلدىن تۈۋەن بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا 300يۈەندىن تۇلۇقلىما بەرگەن. لېكىن ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلار بۇنىڭ ئۈچۈن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلغان ئىدى.
ناۋادا ۋاقىتنى 30يىل كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا ئىدى،ئۇلار يېزىلاردىكى «ئىلغار توپ»بۇلۇپ،ھەممە ئىتتىراپ قىلىدىغان زىيالىلاردىن ھىساپلىناتتى.ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشى ىىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر ئەزەلدىن چەتكە قېقىلمىغان تەغدىرىدىن چىرايلىقچە خوشلاشتى.يالغۇزلۇق ،نامراتلىق ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بۇلۇپ قالدى.بۇ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارغا كۆپرەك ئىللىقلىق ۋە ھۆرمىتىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
مەنبە:فېليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى2013-يىللىق ئالدىنقى ئايلىق 11-سان
يۈسۇپجان مەخمۇت تەرجىمىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yusuf5126212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-31 03:49 AM