مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5396|ئىنكاس: 11

پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئون ئۆلچىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:40:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  1. تولۇق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولۇش لازىم


   بىخەتەرلىك ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي مۇھىت، تەبىئىي مۇھىت، ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلارنى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ چوڭ. چۈنكى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېھتىياجلىق ئەڭ ئاساسىي تەلەپ ئۆزىگە تەۋە بىر ئايرىم جاي بولۇش بولۇپ، بۇ ئايرىم جاي دەل ئائىلىدۇر. ئائىلە بولغاندىلا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بىخەتەر، تەبىئى مۇھىتنىڭ گۈزەل، خىزمەت مۇھىتىنىڭ ئازادە بولۇشىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشقا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.


  2. تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك


   تۇرمۇش نىشانىنى بەلگىلىگەندە، ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش، ھەم بەلگىلىك ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارى دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ناۋادا، بەلگىلىگەن تۇرمۇش نىشانى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكىنى قانچە كۆپ بولسا، روھىي بېسىممۇ شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ. ‹‹قانائەتچان كىشى دائىم خۇشال يۈرىدۇ›› دېگەندەك ئۆزىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ۋە مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا، كۆڭۈل توقراق بولىدۇ. تەرىقەتچىلەرنىڭ پېشۋاسى لاۋزى: ‹‹غەمسىزلىكتىن ئارتۇق شاتلىق بولماس، قانائەتچانلىقتىن ئارتۇق بايلىق بولماس›› دېگەنىدى. ئادەم غەم – قايغۇسىز، قانائەتچان بولسا، كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ، بۇنداق ئادەملەر ساغلام كېلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.


  3. ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك


   ئىقتىدارىغا ئوبيېكتىپ، توغرا ھۆكۈم قىلىش ياكى قىلالماسلىق، كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىدارىنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەپ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى زورىغا قىلغاندا، ھەمىشە كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، روھىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچرايدۇ؛ ئىقتىدارىنى زىيادە تۆۋەن مۆلچەرلەپ، ئۆزىگە قويغان باھاسى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسىمۇ، چۈشكۈنلۈكنى پەيدا بولىدۇ.


  4. سىرتقى مۇھىت بىلەن بولغان باغلىنىشلىقىنى ساقلاش كېرەك


   بۇنداق بولغاندا، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقىلى، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرىكىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، مۇھىتقا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى بولىدۇ. پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولۇپ، ئۇلاردا دائىم خامۇشلۇق ۋە ئىچى پۇشۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش، ھەر قايسى ياشتىكىلەر(بولۇپمۇ ياشانغانلار) بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلىش ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلى ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.


  5. ئىندىۋىدۇئاللىقنى ساقلاش كېرەك


   ئىندىۋىدۇئاللىق يەككە گەۋدىنىڭ خاسلىقى، يەنى، بىر ئادەمنى باشقا ئادەملەر بىلەن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئىندىۋىدۇئاللىق ئېھتىياج، مەقسەت، قىزىقىش، ئىقتىدار، مىجەز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىندىۋىدۇئاللىقتىكى ئىقتىدار، قىزىقىش، مىجەز قاتارلىق پىسخىك ئالاھىدىلىكلەر چوقۇم ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، تۇرمۇشىدىن بەخت ۋە قانائەت ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەمدە ئىقتىدار بولۇپ، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتكە قىزىقىش بولمىسا، خىزمىتى مىجەزىگە ماس كەلمىسە، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە قانائەت ھېس قىلالىشى ناتايىن. ئەكسىچە، ئۇ خىزمىتىگە قىزىقىدىغان بولۇپ، ئىقتىدارى ئاجىزراق بولسىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.


  6. مەلۇم ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش لازىم


   ئۈزلۈكسىز يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھازىرقى جەمئىيەتتە، پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى تېز بولۇۋاتىدۇ. يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش كېرەك. مەسىلەن: كومپيۇتېر ئۆگەنمىگەندە تورغا چىقىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. ساغلاملىق ھەققىدىكى يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەندە، كىيىنىش، تويۇنۇش سەۋىيەسىدىلا توختاپ قېلىش مۇمكىن. ئۆگىنىش ياشانغانلارنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، مېڭە فۇنكسىيەسىنىڭ چېكىنىشى ۋە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.


  7. ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش كېرەك


   كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋىتى، قېيىنئاپا – كېلىن مۇناسىۋىتى، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى، دوستلۇق مۇناسىۋىتى، ئۇستاز – شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلىش، ھېسسىيات، ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى پىسخىك ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىلىش ئامىلى يەككىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ھالىتىنى چۈشىنىشىنى؛ ھېسسىيات ئامىلى مۇناسۋەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ھېسسىيات جەھەتتىكى ياقتۇرۇش دەرىجىسى ۋە مۇناسىۋەت ھالىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى؛ ھەرىكەت ئامىلى كونكرېت كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھېسسىيات ئامىلى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ھېسسىيات جەھەتتىكى باغلىنىش كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىلغار مۇناسىۋەتلەرمۇ، ناچار مۇناسىۋەتلەرمۇ بولىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ماسلاشقان بولۇش – بولماسلىقى، كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.


  8. كەيپىياتنى ئىپادىلەش ۋە تىزگىنلەش لازىم


   كەيپىيات كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا، ئارزۇسىغا ۋە كۆز قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىش – كەلمەسلىكىدىن شەكىللەنگەن كەچۈرمىشىدۇر. ئومۇمەن ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ياكى ئارزۇسىغا، كۆز قارىشىغا ماس كېلىدىغان ئوبيېكتىپ شەيئىلەر كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، مۈئەييەنلەشتۈرىدىغان كەيپىيات ھاسىل قىلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا، كۆز قارىشىغا ماس كەلمەيدىغان ئوبيېكتىپ شەيئىلەر كىشىلەردە زېرىكىش، بىزارلىق كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. سىرتقى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ئىنكاس پەيدا قىلىشى كەيپىيات ساغلاملىقىنىڭ بىر بەلگىسى. كىشىلەردە خۇشال بولۇش، غەزەپلىنىش، قايغۇرۇش قاتارلىق كەيپىيات ئالامەتلىرى بولىدۇ.


  9. قابىلىيىتىنى چەكلىك دائىرىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك


   كىشىلەر قابىلىيىتى ۋە قىزىقىشىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ئەمما باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە توسالغۇ بولماسلىقى، ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى لازىم. بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ۋە قىزىقىشى ئۆزىگىمۇ، ئائىلىسىگىمۇ، جەمئىيەتكىمۇ پايدىلىق بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولماي، پەقەت ئۆز قابىلىيىتى ۋە قىزىقىشىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، زىددىيەت تۇغۇلۇپ، ئاۋارىچىلىك كېلىپ چىقىدۇ – دە، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا زىيان يېتىدۇ.


   10. ئادەمنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇلۇشى لازىم


   شەخسنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندا، ئۇ خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ. بۇنداق تۇيغۇ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا پايدىلىق. ئەمما، ئېھتىياجنىڭ چېكى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ چوقۇم قانۇن – نىزاملارنىڭ ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ قېلىپلاشتۇرۇشى ئاستىدا، شەخسنىڭ مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەندە، ۋىجداننىڭ ئەيىبلىشىگە، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا، ھەتتا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، بۇ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا پايدىسىزدۇر.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 01:33 AM  


ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101574
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 83
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2013-12-31
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 01:45:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەمگىكڭزگە رەخمەت ،  مەن مۇشۇ پىسخلوگىيەگە بەك قىزىقىمەن ، بولسا داۋاملىق مۇشۇ توغۇرلۇق ئەسەر يوللاپ تۇراسىز …

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 01:48:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىمىسىڭىزمۇ بوپتىكەن ئادامنى ئاۋارە قىلىپ !


ھە راس ، تاس-تاس قاپتىمەن ‹‹  ياخشى يېزىپسىز ›› نى ئۇنتۇپ قالىلى .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2821
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 01:19:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر پايدىلىق پىسخىك رېتسىپ ئىكەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4840
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1655 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 06:13:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ، ھارماڭ ،
ئەلى مۇئەللىمنىڭ  بىلوگىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

ئۈندىداردا IGILIK نى قوشىۋېلىڭ . تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىساد بىلىملىرىدىن بەھىر ئالالايسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 08:22:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىسخىك جەھەتتە ئادەم ساغلام بولسا ئەڭ ياخشى. بىراق كۆپ جەھەتلەردىن بۇنداق بولماق تولىمۇ تەس.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 09:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغىنىمىز ياخشى.رەھمەت سىزگە

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 09:31:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى مەندە بارمىدۇ؟

ئاللاھ ھەممىگە قادىر!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13901
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9123
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 05:46:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىزىقىدىغان تىما ئىكەن. رەھمەت سىزگە.

يىگانە قالساڭمۇ ھەق تەرەپتە تۇر،رەقىبلەر كۆكسىگە خەنجىرىڭنى ئۇر.بولساڭمۇ قەلەندەر ياشا مۇستەقىل،شۇندىلا روھىڭدىن تارقىلىدۇ نۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83102
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 10:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقيقەتەن ياخشى تيمكەن بۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش