ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى،مىسرانىم تورى قۇرۇلۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈردى.مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشى ئۈچۈن مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ خالىس تۆھپىسى،تور يازارمەنلىرىنىڭ تېما يوللىشى،ئەزالارنىڭ قىزغىن مۇنازىرە مەيدانىغا جەم بولۇشىدىن ئايرىپ قايرىغىلى بولمايدۇ.ھازىر مۇنبەردە كۈندە يوللىنۋاتقان تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئىلىمغا تەشنا خەلقىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ كەلمەكتە.
بىز مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇپ يەتتە يىللىقى ۋە مۇنبەردە يوللىنۋاتقان تېما-ئىنكاسلارنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك مۇنبەرنىڭ تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق بولۇشى،تېما-ئىنكاسلارنىڭ تېز تەستىقلىنىشى،تېخىمۇ ياخشى مۇنازىرە كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى يىلدا يېڭىدىن مۇنبەرگە 30باشقۇرغۇچىنى نامزاتلىقىغا كۆرسەتتۇق.مۇنبەردە باشقۇرغۇچى بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەر ئانا تىلىمىزنىڭ تور ئارقىلىق تەرەقىي قىلىشى،مۇنبەردىن ئىبارەت بولغان پىكىر سورۇنىدا باشچى بولۇپ ياخشى مۇنازىرە سورۇنى بارلىققا كەلتۈرۈش،ئۇيغۇر تور تەرەقىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردىغانغا بىر يۇرۇق سەھنە تەييارلاپ بەردى.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تور يازغۇچىسى،مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى مارشال مۇنبەرنىڭ نورمال ھالەتتە مېڭىشى،تېمىلارنىڭ سۈپەتلىك ۋە تېز چىقىشى،مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كەلدى.ئۇ دېھقانچىلىقتىن بوشانغان چاغلاردا كۆپ ۋاقتىنى مىسرانىم مۇنبىرىگە ئاتاپ،تېمىلارنى ۋاقتىدا چىقىرىش،مۇنبەردە ياخشى مۇنازىرە ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن مۇنبەردىكى ئەزلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپ مۇنبەر ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ چىقاردى.ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئېتىزدىن بېرى كەلمەيدىغان،كەتمەننى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ جاھاندارچىلىق قىلىپ كەلگەن دېھقاننىڭ ئىلىم ئۆگىنىش،ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن دېھقانچىلىق بىلەن چەكلىنىپ قالماي،دېھقانچىلىقتىن بوشانغان چاغلاردا بىر قىسىم ناھىيە-شەھەلەردىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرى،قەدىمكى مازارلار،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىزمەت كېلىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ نۇرغۇن ياخشى تېمىلارنى يوللاپ مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا،قوللىشىغا،رىغبىتىگە ئېرىشتى.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلىمنىڭ زاكىتىنى مۇنبەر ئارقىلىق بېرىش،مۇنبەرنى ياخشى بولغان بىر مەكتەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ئالاقە قىلىپ ئۆتۈۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلارنى مىسرانىم مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىپ مۇنبەردە تېخىمۇ ياخشى تېمىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن مۇئەييەن قىممەت ياراتتى.بىزنىڭ پەخىرلىك دوكتۇرلىرىمىز بولغان بىلگەجان،تاشپولات رۇزى قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن ئالاقە قىلىپ مىسرانىم مۇنبىرىدە تەبىي پەنگە ئائىت تېمىلارنىڭ چىقىشى ۋە تور كۆرۈرمەنلىرىنىڭ تەبىي پەنگە ئائىت بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.ئۇ يەنە مۇنبەرنىڭ نورمال ۋە ساغلام تەرەقىي قىلىشى،مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر،تۇنىياز ئوسمان،بىلگەجان قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرسىدە تور ھەققىدە توختىلىپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ قانداق قىلغاندا ئەل ئۈچۈن تېخىمۇ ياىشى خىزمەت قىلالايدىغانلىنى،مۇنبەرنى قانداق باشقۇرغاندا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ قىممىتى بولدىغانلىقىنى سۆھبەت خاتىرسىدە ئېلان قىلىپ تورداشلارغا يېڭىچە ئۈمىد ئېپ كەلدى.
شۇ سەۋەبتىن مۇنبەر باشقۇرۇشتا مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان،ئۇيغۇر تور تەرەقىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقان،مۇنبەردە ئۇدا ئىزچىللىقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان
مارشالغا مۇنبەر باشلىقلىق ۋەزىپىسى بېرىلدى.مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە ئەزالارنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ھەمكارلىشىپ،ئۆز ئارا دوستانە كەيپىيات بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىز 19- يانۋار يېڭى باشقۇرغۇچىلارنى ئېلان قىلغان ئىدۇق، تورداش دوستلارنىڭ كۈچلۈك تەلەپ پىكرىگە ئاساسەن قايتىدىن رەتلەپ تۆۋەندىكى باشقۇرغۇچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدۇق ...
يېڭى باشقۇرغۇچىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
تىزىم نۇمۇرى ئەزا نامى :