مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1775|ئىنكاس: 8

روھنى پەرۋىش قىلىش جەريانى (شاھىدى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102483
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 01:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

روھنى پەرۋىش قىلىش جەريانى

قۇربان داۋۇت شاھىدى

تەربىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى-خاراكتېرنى شەكىللەندۈرۈشتۇر.

                                                ك.د. ئوشىنىسكىي

  ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «گۈزەل خۇلۇقئىنسان ئەيىبىنى ياپقۇچ» دەپ يازغانىكەن. بۇ ئالتۇن سۆزنىڭ ئورامىدىن قارىغاندىمۇ،ئىنساننىڭ خۇلۇق، مىجەزلىرى، مەنىۋىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىش بىزدە يىراق قەدىمكىزامانلاردىلا باشلانغان دېيىش مۈمكىن. يەنە مەلۇمكى، ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسلىرىدىمۇئىنساننىڭ مىجەز-خاراكتېرى، يەنى روھى ھالىتى ئارقىلىق بىر كىشىنىڭ تالەي،پېشانىسىگە، ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلىش، كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇھىم بىر تېببىيساۋات، بىر خىل ئىلىم سۈپىتىدە تەكىتلىنىدۇ. ھالبۇكى، بىزدە شۇنداق بۇرۇنباشلانغان روھىي ھالەت ئىلمى پەقەت يېقىنقى نەچچە يىلغا كەلگەندىلا ئاندىنكىشىلەرنىڭ دىققەت، ئېتىبارىنى تارتىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. چەتئەللەردە بولسابۇخىل ئىلىمنىڭ، مۇنداق تەتقىقاتنىڭ تەرەققىياتى نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا باشلانغان،مۇنتىزىملىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئادەم تەربىيەلەشتە روھنى پەرۋىش قىلىشنى ئەڭ ئالدىغاقويۇپ كەلگەن. مەيلى كىتابلاردا بولسۇن ياكى تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكىكۆرۈنۈشلەردە بولسۇن چەتئەل ئادەملىرىنىڭ، جۈملىدىن يارىتىلغان شۇ خىل پېرسۇناژنىڭخاراكتېر گۈزەللىكى، مىجەزدىكى ئارتۇقچىلىقى ئادەمنى ئالامەت ھەيران قالدۇرىدۇ،ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ، دېمەك، ئۇلار خاراكتېر يارىتىشقا ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدەكۈچەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندىمۇ خاراكتېر ئىنساننى چاقنىتىدىغان، گويا گۈلدەكئېچىلدۇرىدىغان بىر خىل سېھرىي كۈچ، مەنىۋى شىجائەت، شۇنداقلا يەنە بىر ئادەمنىڭئۆمرىدە ئەڭ زۆرۈر بولىدىغان پۈتمەس-تۈگىمەس ھەم خورىماس بايلىقى.

  پسىخولوگىيە ئىلمىدە خاراكتېرغا مۇنداق تەبىربېرىلىدۇ. خاراكتېر- بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە، باشقىلارغا ۋە تۈرلۈك شەيئىلەرگە تۇتقانپوزىتسىيىسىدە ئىپادىلىنىدىغان پسىخىك ئالاھىدىلىك. ئىنسان خاراكتېرى يەنەئوخشىمىغان تىپلارغا بۆلۈنىدۇ. خاراكتېرنى تىپلارغا ئايرىش بولسا، بىر كىشىنىچۈشىنىش، خاراكتېرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىش كۆرۈشكە پايدىلىقتۇر. ئادەتتە بىز دائىمئۇچرىتىپ تۇرىدىغان خاراكتېر تىپلىرىنى بولسا مۇنداق تۈرلەرگە ئاجرىتىمىز: يەنى بىرئادەمدىكى بىلىش، ھېسسىيات، ئىرادىنىڭ قايسىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقىغاقاراپ، خاراكتېرنى ئاقىلانە تىپ، ھېسسىيات، ئىرادە تىپى دەپ ئايرىيمىز. پسىخىكپائالىيەتنىڭ تاشقى ياكى ئىچكى يۈزلىنشىگە قاراپ، تاشقى مايىل تىپ، ئىچكى مايىلتىپ دەپ ئىككىگە ئايرىيمىز. كىشىلەرنىڭ مۇستەقىللىق دەرىجىسىگە ئاساسەن خاراكتېرمۇستەقىل تىپ ۋە ئىتائەتچان تىپ دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئىجتىمائىي مەدەنىيەتقارىشى بىلەن ئادەمنىڭ قىممەت يۈزلىنىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئىنسانخاراكتېرىنى يەنە ئىقتىسادىي تىپ، نەزەرىيە تىپى، گۈزەللىك تىپى، دىنىي تىپ، ھوقۇقتىپى، ئىجتىمائىي تىپ قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئەمما ئىنسان بالىسىنىڭخاراكتېرى ھەم ئىرسىي، ھەم تەبىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى تىرىشىپيېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆزىگە ھەم ئۆزگىگىمۇ پايدىلىق بولغان ئېسىل، گۈزەل،پۇختا خاراكتېرنى پەرۋىش قىلىپ چىقىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا  ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى روھنى قانداق ھالەتتە قۇرۇپچىقىش مەسىلىسى، روھىيەتنىڭ ئىنژېنېرلىرى بولغان بىز ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىدىكىتولىمۇ زىل مەسىلىدۇر. خاراكتېرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى چۈشىنىشتەئىلگىرى بىز ئۆگۈنۈپ ئۆتكەن ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپ دېگەن ئابىستىراكىتنىئۇقۇملاردىن بىر ئاز بولسىمۇ ھالقىپ چىقىپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز ئىنسانخاراكتېرىنى يۇقىرىدا بىرقانچە تىپلارغا بۆلدۇق. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭغا تەسىركۆرسىتىدىغان ئامىللارنىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن دەپ جەزىم قىلىشقا ھەقلىقمىز.  بىز خاراكتېر تەربىيىسىدە يوغان ئۇقۇملارئۈستىدە ئەمەس، بەلكى كىچىك نۇقتىلار ھەققىدە كۆپرەك باش قاتۇرمىساق، توختالمىساقبولمايدۇ. بىز بىلىمىزغۇ، تاغلارمۇ بىر كۈندە ئېگىز بولمىغان، دېڭىزلارمۇ تامچەسۇدىن ھاسىل بولغان. ئادەمنىڭ چېچىمۇ بىر تال-بىر تالدىن ئاقىرىدۇ ئەمەسمۇ. خۇددىشۇنىڭغا ئوخشاشلا ئادەمنىڭ مىجەز- خاراكتېرىمۇ ئىنتايىن ئاستا قەدەم بىلەنيېتىلىدىغان، كۆزگە چېلىقىدىغان  جەريان.ئۇنىڭ يېتىلىش قەدىمى شۇنداق ئاستا بولغاچقا، شەكىللەنگەن خاراكتېرنىڭ ئۆزگىرىپكەتمىگىمۇ بەسىي مۈشكۈلدۇر. شۇڭا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا: «تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلىپتۇ،مىجەز يۆتكەلمەپتۇ»، «ھەدەت (ئادەت) نىڭ دورىسى يوق، مەسچىدنىڭ مۇرىسى يوق»، «قانبىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىپتۇ»، «ئۆگەنگەن خۇي، ئۆلگىچە»، «ئالا قۇيرۇقنىڭبالىسى، چالا قۇيرۇق» دېگەندەك ماقال- تەمسىللەرمۇ كەڭ تارقالغان. بۇلاردىنئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئۇدۇمىنى تارتىدۇ ھەم ئۇ بىر يېتىلىپ قالسا، ئوڭايلىقچەئۆزگەرتكىلى بولماس، ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا چوڭ تەسىركۆرسىتىدۇ، پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسىمۇپوزىتسىيەگە باغلىق دېگەندەك چوڭقۇرلۇقنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. دانىشمەنئەجدادلىرىمىز ئۆز ئۆمرىدە مۇكەممەللىكنى، ئاڭ-ئىدىيەدىكى كامىللىقنى، ھالقىشنىبەكمۇ قوغلاشقان، بۇنداق تەشەببۇسنى ئەۋلاد تەربىيىسىدە زادىلا ئېسىدىنچىقارمىغان. مەڭگۈ تاش ئەدەبىياتىدىن تارتىپ، ئەپسانە، رىۋايەتلەردىمۇ، كېيىنكىزاماننىڭ چۆچەك، قىسسەلىرى بىلەن شېئىرىيەت-داستانلىرىدىمۇ، مەدداھ، ۋاھىزلارنىڭۋەز، نۇتۇقلىرىدىمۇ جاھانشۇمۇل پىر، ئۇستازلارنىڭ سەكرات ئالدىدىكى ۋەسىيەت،ۋەسىقىلىرىدىمۇ ئىنسان خاراكتېرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى قىممەتلىك ئۈزۈندىلەر،بايان، پارچىلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمدىكى گەپنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىلار بويىچەراۋاجلاندۇرۇپ كۆرەيلى.

ئائىلە تەربىيەسى ۋەخاراكتېر

ئىنسان بالىسىغا ئۆتۈلىدىغان تۇنجى دەرسئائىلىدىن باشلىنىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئەقىل-ئىدراك، ئەدەپ-ھايا، مۇھەببەت-نەپرەت،ھەق-ئادالەت سۇپىسىدا كۆكلەپ ئۆرە بولىشىدا، ئائىلىدىنمۇ مۇھىم بولغان، رولى ئەنەشۇنداق ئۆتكۈر بولغان يەنە بىر دەرسخانىنىڭ بارلىقى ھېچقانداق يەردە تىلغائېلىنمىغان. شۇڭا ئادەم تەربىيەلەشنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلى بولغان ياكى تۇنجى بۆشۈك دەپ قارالغان ئائىلە ھەققىدە گەپئاچقىنىمىزدا، سۆز تېمىسى تەبىئىي ھالدىلا تەربىيەگە يەنى ئائىلە تەربىيەسى دېگەنئۇقۇمغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ. لېكىن تا ھازىرغا قەدەر ئائىلە تەربىيەسىنىڭ زادىقانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۆلچەملىكرەك چۈشەنچە يوق. بۇ خۇددى ھەممىلائادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تاپقان گېپىنى قىلغىنىدەك، ھەر بىر ئائىلىنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشابولغان ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە مەدەنىيىتى، بالا تەربىيەلەش يولى، ياشاش، تۇرمۇشكەچۈرۈش ئادەتلىرى بولىدۇ. شۇڭا جەمىئىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ خاراكتېر ۋە خاسلىقتابىر-بىرىگە ئوخشىماي قېلىشىمۇ شۇنىڭدىن بولىدۇ. «بەش قول ئوخشاش ئەمەس» دېگەنتەمسىلمۇ شۇنىڭدىن قالغان بولۇشى مۈمكىن. مانا بۇخىل «بەش قولنىڭ ئوخشاشبولماسلىقى» نى، ئادەملەرنىڭ مىجەز- خاراكتېرىنىڭ تۈرلۈك-تۈمەنلىكىنى، «ئوتى باريەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق» لىقىنى بىر خىل تەبىئىي تەڭپۇڭلۇق،ھاياتلىقنىڭ رەڭدارلىقى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرى، ساپا- سەۋىيسىئوخشاش بولمايدۇ.  ئەمما ھەممىلا ئادەمئاخىرقى ھېسابتا ئائىلە قۇرىدۇ، ئۆي تۇتىدۇ. ئائىلە شۇ ئائىلە ئەزالىرى ياشايدىغانيۇرت ياكى ۋەتەندۇر. بۇ ۋەتەننىڭ پۇقرالىرىنىڭ ساپاسى، بۇ يۇرتنىڭ، ئۇشبۇمەھەللىنىڭ ئادەملىرىنىڭ پەزىلەت، خىسلەتلىرى مۇشۇ ئائىلىنىڭ كېيىنكىئەۋلادلىرىنىڭ، كېيىنكى كىشىلىرىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا، قانداق جاھانتۇتۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ تەسىرىمۇ بۇنچىلىك بولۇپكەتمەسلىكى مۈمكىن. نەق گەپنى قىلغاندىمۇ مەكتەپ يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردە ئائىلىنىڭرولىنى ئوينىيالمايدۇ، ئائىلە بالىلارغا كۈچىمەيلا بېرەلىگەن كېرەكلىك قاننى،مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىنى، مەنىۋى مىراسسلارنى نۆۋىتى كەلگەندە مەكتەپتىن ئىبارەتبۇ چوڭ ئائىلە بېرەلمەي قالىدۇ. مەكتەپنىڭمۇ بىر قىسىم تەلىم-تەربىيە مەزمۇنلىرىغاماس كەلمەي قالىدىغان مەزگىللىرى بولىدۇ.  بىرئادەمنىڭ قىزىقىشى، ئارتۇقچىلىقى، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ بوۋاقلىقمەزگىلىدىن باشلاپلا مەلۇم بولۇشقا، بىلىنىشكە باشلايدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئاتا- ئانابولغۇچىلار پەرزەنتى، يۈرەك پارىسىدىكى بۇنداق ئالامەتلەرنى سەزمەيدۇ، ھېس قىلالمايدۇ.ھەتتا نۇرۇن ئاتا-ئانىلاردا ئەقىل دېگەن نېمە، تالانت قانداق بولىدۇ، بالىلارنىڭقىلىقلىرىدا قانداق ھېكمەت، ئۆزگىرىشلەر ئۇچقۇنداۋاتىدۇ بۇنى ئۇققىدەك، بۇنىئارىيالىغۇدەك، بالىلاردىكى بۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ھېساب-كىتاب قىلىشقۇدەكھۇش ھەم كەيپىيات يوق، مادارا، مەنىۋىيەتلەرمۇ كەمچىل ياكى يوق. شۇڭا بىزدەتالانتلىقلار، سەرخىلللار ئاز بولماقتا. يەنە بىر جەھەتتىن بىغەملەر، بوشاڭلار،لاي غەزەللەر قەيەردە كۆپ بولسا، شۇ يەردە تالانت، ماھارەت، قابىلىيەت دېگەنلەرئۆلگەن بولىدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ سەرخىل سۈپەتلىرى ئۆزلىكىدىن يېتىلىپ قالمايدۇ،ئۇمۇ بايقاشقا، پەرۋىش قىلىشقا، كۆيۈنۈشكە ھەم سۆيۈنۈشكە باغلىق بولىدۇ ھەم شۇنداقمۇھىتتا شاخلاپ ئاينىيدۇ. ئىنسان ئۆمرىدە ئەجرىگە، تىرىشچانلىقىغا، ئارزۇسىغاچۇشلۇقلا ئېرىشىدۇ. بۇ دېگەن ئەقىلنىڭ ئەلگىكىدىن ئۆتكەن ئۇقۇم ۋە ياكى ھاياتلىقپەلسەپىسىدۇر. بىزنىڭ مائارىپىمىز مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىشى، مېڭە ئىشلىتىشى كېرەك. ئەقىلبىلەن قىلىنغان ئىشنىڭ ياخشى تەرىپى ئىنتايىن كەڭرى بولىدۇ. مائارىپنىڭمۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى سىرىمۇ ئويلىنىشتا.

دېمەك، ئائىلە تەربىيىسى خاراكتېريېتىلدۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىمدۇر. ئائىلە تەربىيىسىدە كەڭ ئاتا-ئانىلارغا ئۇدۇم،ئەنئەنە تەربىيىسى بېرىشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چىن دىلىمدىن ئەسكەرتىمەن.بىزدە باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئېتىبار قىلمايدىغان بىر كونا كېسەل مەۋجۇت. موللا مۇساسايرامى، بىلال نازىم، ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق ئالدىنبىلگۈچىلىرىمىزمۇ ئۆز سۆزىگە ئېتىبار قىلىشنى، كېيىن پۇشايمان يېمەسلىكنى بىزدىنكۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلغانىدى. لېكىن بىزنىڭ بالا تەربىيىلەشتە قىلغان پۇشايمان،ئۆكۈنۈشلىرىمىز بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. يەنە شۇنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئانامەدەنىيەت گۈلىستانىمىزدا، ئادەم بولۇش، بالا تەربىيىلەش ئەنئەنىمىزدە، ئېتىقاد،ئەقىدىمىزدە گۆھەردەك نۇرلۇق خىسلەتلىرىمىز ۋە ئۇسۇللىرىمىز ئىنتايىن تولا. ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ ئۆزىگىلا يارىشىدىغان، ئۆزىنىڭ قېنىغا توغرا كېلىدىغان، ئۆزىگە خاسبولغان ئادەم بولۇش ئەنئەنىسى بار، پەزىلەت، پەندىيەتلەرنىڭ جەمگاھى، مەيدان،رىسالىسى بار، مەنزىل، ماقامى بار. شۇڭا بارچىمىز ئەقىل بىلەن ئىش كۆرىدىغان، «چوڭئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇش» نى بىلىدىغان، ئۆزىمىزچە بالا تەربىيىلەشنىڭمەسئۇلىيەتچان، ساپ دىل ئاتا-ئانىلىرى، قىل بىلەن تام قوپۇرۇپ، يىڭنە بىلەن قۇدۇقكولاشقا سەۋىر-تاقىتى ۋە چامى يېتىدىغان، باشقىلارنىڭ بالىسىنىمۇ بالامدېيەلەيدىغان قەيسەر، مەردانە ئۇستازلىرى بولىشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ ئىدىيىسى،مىجەز- خاراكتېرى، يۈرۈش- تۇرىشى، گەپ-سۆزى، كىيىنىشى، چاچ پاسونلىرى،ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى تۈپتىن ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ كارىبولمايدىغان نۇرغۇن گالۋاڭ، ھاڭۋاقتى ئاتا- ئانىلار، بىر بالىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپئاخىرىدا باشقۇرالمايدىغان، سۆزىنى ئۆتكۈزەلمەيدىغان بىچارە، بېلى بوشئاتا-ئانىلار ئارىمىزدا يەنىلا بار. يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن، بالىلىرىمىزنىئېسىل مىجەزلىك، دۇرۇس ئادەم بولسۇن دېسەك ئۆزىمىز ئۈلگە بولايلى. بالا تۇغقان،بالا باققان ئادەملەردەك سالاپەت، ساپا ھازىرلايلى. كىتاب ئەقىلنىڭ بىلەي تېشىشۇڭا ئىزچىل كىتاب ئوقۇيلى. ئۆيدە، ئائىلىمىزدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا كىتابساقلايلى، كىتاب بىلەن ئۇچرىشىپ چوڭ بولغان بالا نادان بولۇپ قالمايدۇ. «قۇتادقۇبىلىك» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەسەرلىرىبىلەن پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەسەرلىرىنى، دوكتۇر ئەسەد سۇلايماننىڭبىباھا دەستۇرلىرىنى، داڭلىق ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ كىتابلىرىنى، مەرھۇم تۇغلۇقئەپەندىنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىنى، دوكتۇر ئۆزباشنىڭ ئەسەرلىرىنى نەدە بولسا شۇيەردىن ئىزدەپ تېپىپ ئۆيگە ئەكىلىۋالايلى. ناۋادا «روھىيەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرى»بىلەن «روھىي ساغلاملىق دۇردانىلىرى» دېگەن ئىككى كىتاب ئۆيىمىزگە كىرسە بۇنىڭخۇشلۇقىغا بىر نەرسە توغرا كەلمەس، (مەن بۇ كىتابلارنى تولۇق ئوقۇپ چىققان).ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ياخشى كىتابلار بار. ھازىر كىتابلار ئەرزان، كىتابسېتىۋېلىش بولسا بەك قولايلىق. بالىمىز تۇغۇلغىچە كۆپرەك كىتاب يىغىپ قويايلى.كىتابنى ئوقۇماي، كىتابقا قاراپ قويۇپ، كىتابنى كۆرۈپ چوڭ بولغان بالىنىڭ روھىيدۇنياسى كىتابسىز ئۆيدە ئۆسكەن بالىنىڭكى بىلەن مۇتلەق ئوخشىمايدىغانلىقى نەچچەمىڭ قېتىملاپ ئىسپاتلىنىپ بولدى. بىز بالىلارنى، ئۈمىد يۇلتۇزلىرىمىزنى ئۆزىمىزنومۇس قىلىپ قالىدىغان، قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى، گۇناھىنى ئارتىۋالىدىغان ھالدائەمەس، بەلكى، مۇشۇ مىللەتكە، قېرىنداشلىرىغا شەرەپ كەلتۈرىدىغان، ئاشۇشەرەپلەردىن كۈللى جاھان شاتلىنىدىغان، ئۇيغۇر دېگەن مۇبارەك ئىسىمنى پايانسىزئالەمگە غۇرۇر، ۋىجدان بىلەن ئاڭلىتالايدىغان، ئۇتۇق، ئىتائەتلىرىدىن يەتتەئەجدادى ۋە يەنە يەتتە ئەۋلادى سۆيۈنۈپ بېشى ئاسمانغا يېتىدىغان، توغرا، دۇرۇسئىش- ئەمەللەرنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدە چوڭ قىلساق بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلاردا يەنەنېمە ئارمان بولسۇن دەيسىز؟! شۇڭا بالا، پەرزەنت تەربىيىسىنى، جۈملىدىن مىجەز-خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تەربىيىسىنى، روھىيەتنىڭ ساغلاملىق، ساقلىق، گۈزەللىك پەرۋىشىنىيەنىلا ئالدى بىلەن ھىدايەت ۋە دىيانەت گۈلزارى بولغان تۇنجى مەدەنىيەت بۆشۈكى ئائىلىدىنباشلاش زۆرۈر ۋە تەخىرسىزدۇر.

دەرسخانا تەربىيەسى ۋە خاراكتېر

پەنلەر ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلغان دەرسخاناتەلىم-تەربىيىسى يىللاردىن بۇيان بالىلاردىكى خاراكتېر يېتىلدۈرۈش مەسىلىسىگە،ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش جەريانىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىخاراكتېر تەربىيىسى تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، مېڭە ئىشلىتىش تىپىدىكى ئىجادىيتەربىيە بولغانلىقىدىن بولدى. بىزنىڭ دەرسخانىلىرىمىزدا ئاجايىپ گۈزەل بولغان،كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىلەيدىغان ئوتلۇق خاراكتېر، يېقىملىق خاراكتېربالقىپ چىقالمىدى. ئەسلىدە ھەر بىر پەننى، ھەر بىر دەرسنى ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىداشۇ پەننىڭ خاس خۇسۇسىيەتلىرىگە، ئالاھىدىلىكلىرىگە ماس كېلىدىغان خاراكتېر جەۋلانقىلىپ تۇرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بىزنىڭ يۇمران بالىلىرىمىز ئەدەبىيات، تارىخئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خاراكتېرىدىن سەنئەتنىڭ، بىر سۆيۈملۈك سەنئەتكارنىڭ سېيماسىنىكۆرەلمىدى. بەلكى، دەرسخانىدا كۆرگىنى بولسا بىرەر كۇبلىت شېئىرنىمۇ ئاۋازىنى،ھېسسىياتىنى كەلتۈرۈپ ئوقۇيالمايدىغان، بابۇر، بۇغراخانلارنى، ئۇلۇغبەگ،سايرامىلارنى بىلمەيدىغان، بۇنداق سۇئاللار ئالدىدا مەڭدەپ قالدىغان ئادەتتىكى بىرئادەم بولۇپ چىقتى. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىيات بىلەن تارىخ بىر ئەزىم دەريانىڭ جاھانقىرغاقلىرىنى سۆيۈپ ئاقىدىغان ئەبەدىي ئۈزۈلمەس دولقۇنلىرىدۇر. قايسى بىرپەيلاسوپنىڭ: «بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى شۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى سۆزلىسۇن» دېگەنسۆزىدىن ئەجەپمۇ سۆيۈنىمەن. تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسخانىدا ئارخىمېدنىڭ، خىپاتىيا(Hypatia) (ئايال)، نيۇتون،پاسكاللارنىڭ، ۋات بىلەن برۇنونىڭ خاراكتېرىنى، روھىي دۇنياسىنى بالىلارنىڭ كۆزئالدىغا بىرەر قېتىممۇ يايالمىدى. بىز ئاڭلىغانغۇ، ئۇلار ھەققىدە ئادەم يىغلاپكەتكۈدەك ھېكايىلەر بار ئەمەسمۇ؟! قەدىمكى يۇنان ماتېماتىكى، فىزىئولوگى ئارخىمېدبېشىغا قىلىچ تەڭلىنىپ تۇرغاندا: «دوستلار، نېرىراق تۇرۇڭلار، چەمبەر شەكلىمنىبۇزىۋەتمەڭلار!» دەپ، توۋلىغان. ھەم شۇ چاغدا قەتلى قىلىنغان. بۇ دېگەن مىلادىيدىنبۇرۇنقى 212-يىلى ئىدى.  دۇنيا ئىلىم-پەنتارىخىدا يەنە قەدىمكىى رىمنىڭ ئايال ماتېماتىكا ئالىمى خىپاتىيا توغرىلىق مۇنداقبىر تەسىرلىك ھېكايە بار. مىلادى 391-يىلى رىم پادىشاھى خىرىستىئان دىنىنىمەجبۇرىي كېڭەيتىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرىدۇ. ھەم بارلىق غەيرىي دىنلارنى مەنئىيقىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ماتېماتىكا، ئاستىرونومىيە قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگنىشكەرۇخسەت قىلمايدۇ. خىپاتىيا ماتېماتىكا ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىلىم-پەنبىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ. بۇ ئىش دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئۇلارئالىمنى تۇتىۋېلىپ، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىمىز دەپ داۋراڭ سالىدۇ. ئۇنى لاۋۇلداپكۆيىۋاتقان ئوتقا تاشلاپ، ماتېماتىكىغا تۇرىدىغانلىقى ياكى جانغا تۇرىدىغانلىقىھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە قىستايدۇ. خىپاتىيا: «ماتېماتىكىغا تۇرىمەن!»  دەپ تەنتەنىلىك ھالدا ئۈنلۈك جاكارلايدۇ.ئىسسىق قېنى ۋە قىممەتلىك ھاياتى ئارقىلىق ھەقىقەتنى، بىلىمنى قوغدىغان بۇقەھرىماننىڭ نامى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ئىنسانىيەتنى ھور ماشىنىسىدەۋرىگە ئېلىپ كىرگەن ئەنگىلىيەلىك داڭلىق كەشپىياتچى جامېس. ۋات 1819-يىلى8-ئاينىڭ 25-كۈنى 84 يېشىدا سەكرات ئالدىدا: «بىر ئادەم ئۆز كۈرىشىدە غەلبە قىلىشى ياكى مەغلۇب بولۇشىدىنقەتئىي نەزەر، دۇنيانى تاكاممۇللاشتۇرۇش يولىدا ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ،باتۇرلۇق بىلەن ئىشلىسىلا بولغىنى. قېرىغان چاغدا مەمنۇنلۇق بىلەن ئۇ ئالەمگەسەپەر قىلىپ، كېيىنكىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك» دېگەن مەشھۇر سۆزىنىقىلغان. كېيىنكىلەر بۇ ئالىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن قۇۋۋەت بىرلىكى «ۋات» دەپئاتىغان. ئۇلار ئىلىم-پەن ئۈچۈن قۇربان بەرگەنلەر ئىدى، ھەقىقەتنى، توغرا يولنىيورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن جىسمى مەشئەلگە ئايلىنىپ كەتكەنلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇشۇپانىي دۇنيا ئۈچۈن تەقدىم ئەتكەن بەدەللىرىنى دەڭسىگىلى بولمايتتى. بىراق بىزئۇلارنىڭ ئىسىم- زاتىنى، تەلىمىنى، ئىدىيىسىنى زىكرى قىلغان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭتۇيغۇ- تەلقىنلىرىمىزدە، ۋىجدان، ئىدراكىمىزدا، ھۆرمەت، پاساھىتىمىزدە ئۇلارنىڭسېيما-سۈپەتلىرى خىرە-شىرە بولسىمۇ ئەكس ئەتمىدى. بىز بۇ دەرسنى بېشىمىزنى قاشلاپ،بېقىنىمىز تاتىلاپ، بۇرنىمىزنى كوچىلاپ، ئەسنەپ، چۈشكۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۆتىۋەردۇق. شۇتۈپەيلىدىن، ئەۋلادلارنىڭ ۋىجدان تومۇرى كۈندىن-كۈنگە يىگلەپ، ئىنچىكىرەپ كەتتى.ھەر بىر پەننىڭ ئىگىىسى بولغان ئوقۇتقۇچىدا شۇ پەننىڭ خاراكتېرى يېتىلىشى كېرەك.ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا شۇ پەن ھەققىدە سۆز قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغانبولىدۇ. بىزدە بىر ئوقۇتقۇچى ئاز دېگەندە بىر پەننىڭ ئىگىسىدۇر. بۇ يەردىكى «ئىگە»دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى چاقناپ تۇرغان مەنە تۈگۈنى بەك يوغان، زىيادىدۇر. ئەگەربىز شۇنىڭغا يارىشا، يەنى بېرىلگەن ھوقۇققا، بەھرىمان بولغان ئىمتىيازغا چۇشلۇق مەنىۋىشەرتنىڭ ئىگىىسى بولمىساق، شۇنداق بىر كۈن كەلگەندە ئاشۇ ئەللامە، ئەجدادلارئالدىدا، كېيىنكى زاماننىڭ ھەقدارلىرى ئالدىدا تىلىمىز تۇتۇلۇپ قالىدىغاندەكقىلىدۇ. بىزدە: «ھەممە ئىشلارنىڭ باردۇر ھېسابى» دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟!

يىغىپ ئېيتقاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشى ياش-ئۆسمۈربالىلاردا خۇلۇق- خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە، بالىلىرىمىزنىڭ ياخشى، چىرايلىق قىلىقنىڭئىگىسى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قارىتا پۇختا، پىلانلىق ئىش كۆرۈشى كېرەك. ھەركىمدە بىر خاراكتېر بولىدۇ. ئالىمنىڭ ئالىمغا خاس، دېھقاننىڭ دېھقانچە، باتۇرنىڭباتۇردەك خاراكتېرى بولىدۇ. بىز بىراۋنى ياد ئەتسەكمۇ، ئۇنى شۇ مىجەزلىرى، ئاشۇچىڭ خاراكتېرى بىلەن كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك خاراكتېربىر ئادەمنىڭ بايلىقى، يەنە شۇنداقلا بىلىم ۋە تەجرىبە- ساۋاقلىرىدۇر. بىزنىڭكەچۈرمىشلىرىمىز ئارىسىدا تىراگىدىيەلىك ساۋاقلار، كۆز يېشى تېمىپ تۇرىدىغانتەقدىر تەكرارلىقى بەك كۆپ. بىز مۇشۇ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىمۇ بالىلىرىمىزنىكۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇتۇپ بولالماي، سىزغان سىزىقىمىزغا ئەكىلەلمەي كۆپ قېتىمپۇشايمانغا قالغان، لەۋ چىشلىگەن. زۇكام بولۇپ قالسا دوختۇرخانىغا بېرىپ ھەپتەياتىدىغان، پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسە، بىر ئاي رۇخسەت سورايدىغان، چايان (ئىشەك)چېقىۋالسا يىغلاپ جاھاننى ئېپ بولىدىغان، ئىت قورقىتىۋەتسە يۈرىكى يېرىلىپكېتىدىغان روھىي زەئىپلىكلەر مانا ھازىر بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا بار. ئاتا-بوۋىلىرىمىزئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۆتكەن ئەڭ چاكىنا، پەس ئىشلارغا قىزىقىپ قالىدىغان، ئەرگىمۇ،ئايالغىمۇ ئەتىۋار بولغان نومۇسچانلىقنى ئون تىيىنغا تېگىشىۋاتىدىغان ئىدىيەئاجىزلىقى بىلەن خاراكتېر كەمتۈكلىكى بىزنى نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ھەر كويلارغاتاشلاپ كەلگەن. ئەمدى بولسىمۇ ئەللەر قاتارى قۇدرەتلىك، گۈللەنگەن خەلق توپىنىشەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن بالىلاردىكى روھىي دۇنياغا، خاراكتېرگە كۈچەش كېرەك. دوسكائالدىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ، بالىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا دەسسىلىپ يۈرگەن بورئۇۋاقلىرىمۇ، ئاشۇ غىچىرلاپ تۇرغان پارتا- ئورۇندۇقلارمۇ، بىزنىڭ ھەر بىر قەدەمتىۋىشلىرىمىزمۇ، زۇۋان-زوقلىرىمىزمۇ، ھەتتا بىز كەيگەن چاپاننىڭ رەڭگىمۇ چىنئىنسانلىق خاراكتېرى ھەققىدە ھېكايە سۆزلىشى كېرەك. بىز كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرىبولىدىغان بالىلارنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس دەرسخانىسىدامەنپەئەتكە ئەمەس، بەلكى مەردۇ- مەردانىلىققا مايىل، ھوزۇر- ھالاۋەت، ھەشەمگەئەمەس، بەلكى ھايا، ھەقىقەتكە ئەگىشىدىغان ئەقلى، تەپەككۇرى، خاراكتېرى ھۆر ھەمپۈتۈن، ئادەمدەك ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەكتەپ مەدەنىيىتى تەربىيىسىۋە خاراكتېر

مەكتەپ ئىنسان خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشتەئائىلىدىن قالسا ئىككىنچى بۆشۈك ھېسابلىنىدۇ. ئەمدىكى گەپ مەكتەپ تەلىم- تەربىيىسى،جۈملىدىن مەكتەپ مەدەنىيىتى ھەققىدە بولىدۇ. مەن يۇقىرىدا مەكتەپنى ئىككىنچى بۆشۈكدەپ ئاتىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ «ئىككىنچى بۆشۈك» نىڭ ھازىرقىدەك ئۇچۇرلاشقان،تورلاشقان، مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقى باش كۆتىرىۋاتقان، تېز سرئەتلىك جەمئىيەتتە ئۈستىگەئالغان ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنىڭ مۇھىملىقى، سالمىقىنىڭ ئېغىرلىقى بولسا،بىز «بىرىنچى بۆشۈك» دەپ تەرىپلىگەن ئائىلىدىن ھېچبىر كەم ئەمەس. ھەتتا نەچچەھەسسە ئېشىپ چۈشىشى مۈمكىن. شۇڭا جاھاندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جاي مەكتەپ، بىلىمبۇلىقى. مەكتەپ ئۇ ئىنسان بالىسىنى قايتا تۇغىدىغان، ئىلىم ئارقىلىق ئاپىرىدەقىلىدىغان يەنە بىر «ئانا» دۇر. ھاياتلىق ئالىمىدە جىمىكى مەۋجۇداد ئانىدىن تەلىمئالىدۇ، ئانىدىن ئۆگىنىدۇ، ئانىنىڭ ھىدىدىن كۆڭۈل كۆزى ئېچىلىپ كۆرىدىغان بولىدۇ.بۇ جەھەتتە، مەكتەپ ئانىمۇ ئوخشاشلا ئۆز باغرىدا ئۇچۇم بولغان، ئۆزىدىن سۈت ئەمگەنبالا- بوغۇنلارنىڭ دىلىغا ئۆمۈرۋايەت ئۆچۈپ كەتمەيدىغان گۈزەل مەنىۋى ئەن- تامغىلارنىباسىدۇ. ھەر بىر ئىنسان بالىسى مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت مۆجىزىسىدىن سىر-ھېكمەتلەر ئىگەللەپ، ۋۇجۇدىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ روھ سەپىرىگە قاتنىشىدۇ. ئىرادەكەمىرىنى مەھكەم باغلاپ غايە، ئېتىقاد قىياسىغا يامىشىدۇ. ئۇشبۇ ياشاش جېڭىدە ئۇيەنە سانسىزلىغان دوقال، داۋانلاردىن ھالقىپ، تالاي ئەلگەكلەردە تاسقىلىپ، نۇرغۇنقازانلاردا قايناپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پىشىپ رەسمىي بىر ئادەم قاتارىغا ئۆتىدۇ.مەكتەپ ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ مانا مۇشۇ جەريانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ھەقىقىيمەنىدىكى روھىيەت پىرامىداسىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئۇل سېلىش خىزمىتىنىئىشلەيدىغان بىردىن-بىر ھەم يىگانە ئورۇن، ئىنسانلارغا نېسىپ بولغان مەنىۋىپاناھگاھ، ئۈمىد، ئىستىقبال مۇنارى، ئەخلاقتا يىمىرىلىش، روھتا ھالاك بولۇشتىنساقلاپ قالغۇچى جەڭگىۋار قورغان!  

يىللاردىن بۇيان بىز بالىلارنى ياراملىقتەربىيەلەش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىشلەر ئېلىپ باردۇق. ھازىر ئەمدى مەكتەپ مەدەنىيىتىقۇرۇلۇشى ئۈستىدە باش قاتۇرىۋاتىمىز. ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ بۇ قۇرۇلۇشقا زورمەبلەغ سەرىپ قىلىپ، مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاۋاتىدۇ. مەكتەپلىرىمىزنىڭ قاتتىقدىتال قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى سۈپىتى ھەقىقەتەنمۇ تېزلا مەدەنىيلىشىش ئۆلچىمىگە يېتىپ،كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدار مەكتەپ مۇھىتى بارلىققا كەلدى. مەنچە بۇ بىز دەۋاتقانمەدەنىيەتنىڭ تاشقى پوستى بولۇشى مۈمكىن. ماھىيەتنىڭ، ئىچكى ئامىلنىڭ مۇھىملىقىنىھېچكىم يەنىلا چەتكە قاقمايدۇ. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش،ئاستا-ئاستا ئۆرە بولىدىغان جەريان. ئۇ بىنالارنى ئېگىز- ئېگىز سېلىپ قويۇش بىلەن،مەكتەپ ئىچىگە بىرقانچە ھەيكەلنى ئورنۇتۇپ، تاملارغا رەسىم سىزىپ قويۇش،كومپىيۇتېرلارنى تىزىپ قويۇش بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت،تارىخ ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن مۇئەللىم: «ئەڭ بۈيۈك مەدەنىيەتنى خەلقئۆزى يارىتىدۇ» دېگەنىدى. بىر ئەلنىڭ، بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىشىش دەرىجسىگەباھا بېرىشتە پۇقرالىرىنىڭ ساپاسىغا قارايمىز. مەكتەپمۇ ئۆز ئەينى شۇنىڭغائوخشايدۇ. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى مەكەپمەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەدەنىيەت دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسىتېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى تىكلەشتۇر.

دەرۋەقە، توغرا، مۇكەممەل بولغان مەكتەپمەدەنىيىتى بەرپا قىلىش  بالىلاردىكىخاراكتېر يېتىلدۈرۈش تەربىيىسىگە تولىمۇ پايدىلىق. ئەڭ ئاددىيسى مەكتەپ كۆلىمىۇبالىلارنىڭ پسىخىك دۇنياسىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەكتەپ ھويلىسى كەڭ، پائالىيەتسورۇنلىرى ئازادە بولسا مەردانە، مەرد ئادەملەر، خاراكتېرى توق ئادەملەر بارلىققاكېلىدۇ. گەپنى ئازلا قىلغاندا بۈركۈت ھاۋادا، چاشقان كارماردا چوڭ بولىدۇ، شۇڭابۇلار بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. يولۋاس تاغدا، قۇشقاچ باغدا ياشايدۇ،بۇلارنىڭ مىجەز- خاراكتېرىمۇ بىر-بىرىگە ھەم ئوخشىمايدۇ. ياشاش مۇھىتى جمىكىجانلىقلارغا ئەنە شۇنداق ئۆتكۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلىرىمىز ئوقۇۋاتقانمەكتەپلەرگە قاراپ باقايلى. مەكتەپ قۇرۇلۇشىنىڭ لايىھەلىنىشى، مەكتەپ ئىچىنىڭبېزىلىشى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش، بىلىم ئېلىش ئېھتىياجىغا ئويغۇن بولۇش جەھەتتە ئاساسەنئۆلچەمگە يەتمەيدۇ. شۇنداق كەڭرى زېمىندا ياشاپ تۇرۇپ، سېلىۋالغان مەكتەپلىرىمىزتار ھەم كىچىك. مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش نامىدا يەنە نۇرغۇن سۈنئىي، يالغانجىسىملار، تەربىيىۋى قىممىتى يوق ياكى تۆۋەن  نەرسىلەرمۇ سودا-سېتىق مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتەپئىچىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۈلگۈردى. مەكتەپ ھويلىسىغا، بالىلار ماڭىدىغان يوللارغائۆزىمىزدىن چىققان ئالىملارنىڭ، باتۇر، پالۋانلارنىڭ، جامائەت ئەربابلىرى،مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ، ئەلنىڭ نەزەرىدىن ئۆتكەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ رەسىم،ھەيكەللىرىنى قويساق، تىكلىسىەك بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئوبرازىدا، ئۇلارنىڭپورتىرىتىدا ئاجايىپ ئۆزگىچە بولغان، تەسىرچانلىققا ئىگە خاراكتېر بار ئىدى.رىزىۋانگۈل بىلەن نۇزۇگۇمنى دېمەيلا تۇرىلى، بىزنىڭ ئەل سۆيگەن، تالانتىلىق ئاۋازئارتىسىمىز، راك كېسىلىگە جەڭ ئېلان قىلغان قەيسەر ئايال، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قىزى مەرھۇممۇنەۋۋەر ئابلەتنىڭ ماھارەت، مېتودلىرى، كېسەل ئالدىدىكى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قاقاھلاپكۈلۈپ تۇرغان مەردانە خاراكتېرى تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلگەندە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭقاتارىدا مېنىڭمۇ يۈرىكىم يىغلىغان ئىدى. ئەگەر ئەڭ مۇنەۋۋەر بىر دەرس، بىرتەربىيەنى، ياكى بىر مەدەنىيەتنى، يالقۇنجاپ تۇرغان ئىنسان خاراكتېرىنى  كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ھېچيەردىن تاپقىلى بولماس. مەن سۆز ئارلىقىدا ئۇلۇغ كەشپىياتچى، شىۋېتسىيە خېمىيەئالىمى نوبىل ھەققىدىكى مۇنداق بىر ھېكايىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى ھوزۇر ھېسابلايمەن.نوبىلنىڭ پەقەت پارتلاتقۇچ دورا ياساش جەھەتتىكى پاتنېت ھوقۇقىلا 129 غا يەتكەن.ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن بايلىقنىڭ ئىگىسى بولغان. ئەمما بىر ئۆمۈر ئۆيلەنمىگەن. ئۇ1896-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى جان ئۈزۈش ئالدىدا مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرغان:«مىراسىمنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى 9 مىليون 200 مىڭ دوللارنى بانكىغا قويۇپ، ئۇنىڭيىللىق ئۆسۈمىدىن بەش خىل مۇكاپات فوندى تەسىس قىلىپ، شۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتكەئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىڭلار. بۇ مۇكاپات فوندنى ئېلىشنى دۆلەت تەۋەلىكىسۈرۈشتۈرمەي، ئىرىق ئايرىماي، ھەممەيلەننىڭ ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بار».دەرۋەقە، شۇنىڭدىن كېيىن 1901-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن كۈندەبۇ مۇكاپات تارقىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە نوبىل ئالەمدىن ئۆتكىلى 117 يىل بولغانبولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغان مەردانە خاراكتېرى بىلەن ئۆزى ياراتقاننوبىل روھىنىڭ شۆھرىتى، زىل-زىلىسى بولسا يىلسېرى ئېشىپ، كۈچىيىپ بارماقتا. دېمەك،خاراكتېر روھىي ئالەمنىڭ ئەينىكى. كۆرگىلى بولىدىغان قەلب، ھوزۇرلانغىلى بولىدىغانبېجىرىم يۈرەك. بىز مەكتەپ تەلىم- تەربىيەسىدە روھنى پەرۋىش قىلىشىمىز، خاراكتېرنىيېتىلدۈرىشىمىز، يەنىمۇ مۇھىمى خاراكتېرى بار، ئىدىيىسى بار كىشىلەرنى تەربىيەلەپچىقىشىمىز كېرەك. بىر سۆھبەتتە ئابدۇقادىر جالالىددىن مۇئەللىم يازغۇچى سەمەتدۇگايلى ئاكا ھەققىدە گەپ قىلىۋېتىپ: «ئۇ خاراكتېرى بار ئادەم» دېگەنىدى. بىز بۇنداقئىرادە، ئىستەكلىرى يېلىنجاپ تۇرىدىغان، ئەقىدە، ئېتىقادىدن ئوڭايلىقچە ۋازكەچمەيدىغان، تومۇرىدا قىپقىزىل قان ئاقىدىغان كىشىلەرنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈنكارىل. ماركىس ئېيتقان:«تەربىيەلىگۈچى ئالدى بىلەن تەربىيەلەنگەن بولۇشى كېرەك»دېگەن مۇبارەك كالامنى ياقلايمىز. بىزنىڭ مائارىپىمىز، ئىناۋەت، ئابرويىمىز، ھەق،ھوقۇقلىرىمىز، ئىشەنچ، ئىستىقبالىمىز ئائىلىنى سۆيىدىغان پىداكار ئاتا-ئانىلارغا،دەرسخانىنى، مەكتەپنى مۇقەددەس بىلىدىغان مۇنەۋۋەر مۇئەللىملەرگە، ئۆزى بىربولسىمۇ مېڭىسى مىليونغا مەنسۇپ مەرىپەت مەردانىلىرىغا مۇھتاج!...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-21 02:00 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ R8 B4 R8 N6 H9 Q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 f: x( c# N1 ?* V

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2823
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 878 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 02:31:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بىلىۋالدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-21 02:31 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 ]5 d  J. Q: Q5 E& |بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* V5 W3 P, O0 n* G3 o! ], s

كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5129
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1182 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 03:27:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلىدىغان تىمىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1063
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 404 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 07:14:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مائارىپىمىز، ئىناۋەت، ئابرويىمىز، ھەق،ھوقۇقلىرىمىز، ئىشەنچ، ئىستىقبالىمىز ئائىلىنى سۆيىدىغان پىداكار ئاتا-ئانىلارغا،دەرسخانىنى، مەكتەپنى مۇقەددەس بىلىدىغان مۇنەۋۋەر مۇئەللىملەرگە، ئۆزى بىربولسىمۇ مېڭىسى مىليونغا مەنسۇپ مەرىپەت مەردانىلىرىغا مۇھتاج!...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Q4 U" T7 I1 r! {( A6 eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- M# J6 m" M. Q. |" s
ئىنتايىن   توغرا  گەپ

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5543
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 810 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 07:30:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روھىي ساغلاملىق ھەمىدىن مۇھىم ھازىر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! a! g3 G0 I' N- W! s, Aھارمىغايسىز قېرىندىشىم،ئىسىل تېمىكەن

ئىككى مۆچەلنى ساق توشقۇزۇشقا نسىپ قىلدىڭ .....12 يىللىق ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلىنىپ قالمىسىكەن،پەقەت سەندىنلا ئاسانچىلىق تىلەيمەن يا رەببىم.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94624
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 414
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2014-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 10:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇ سەن؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& e: I7 ?" F0 d  \
تىماڭنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ سۆيۈندۈم،تېخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللاپ،قېرىنداشلارغا روھى ئۇزۇق بىرىشىڭگە تىلەكداشمەن!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 M! _- L0 E" j8 P; h. P. Q  Qساڭا سالاملار بولسۇن ساۋاقداش.

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8482
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1210 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 11:12:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       بۈگۈنكى جەمىيەت موھىتىدا ، ئائىلە ۋە جەمىيەت ھۈجەيرىلىرىنىڭ...ساغلام تەرەققى قىلىشى...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! h& p3 j( U( F  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان_روھنى پەرۋىش قىلىش  دىققەت -ئېتىۋارىمىزنىڭ سىرتىدا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& k/ x, C& {. y7 f8 Q  قالماقتا....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, ?4 h$ \- {6 \8 [    بۇ تېما  ياخشى يېزىلىپيۇ،   ھارمىغايسىز.......بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* V. n; S9 h2 z; {" Z" Q- k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! o' i' R" S' N# B# X, N
  

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2828
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 11:59:10 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەدىبىياتتا نوبىل مۇكاپاتى ئامماق بولسام   قانداق شارائىتلارنى ھازىرلىشىم كىرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102483
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 12:19:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسلارنى ئوقۇپ يېڭى خىيال، يېڭى تۇيغۇ يەنە يېڭىچە تەسەۋۇرلارغا ئېرىشتىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش