مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3500|ئىنكاس: 10

سۆيۇش ۋە سۆيۈلۇشنىڭ سىرىنى بىلەمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7992
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 11:46:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيۇش ۋە سۆيۈلۇشنىڭ سىرىنى بىلەمسىز؟

گۆھەرقىز ئىبرايىم

سىز بىرسىنى سۆيۇڭ؛ ئالداڭ ؛ گوللاڭ ؛ قۆرقۇتۇڭ؛ پۇل-مالغا سىتىۋىلىڭ؛ ئۇنىڭغا زورلۇق ئىشلىتىپ بۇلاپ- تالاپ؛ باسقۇنچىلىق قىلىپمۇ ئىرشىڭ بەرىبىر ئىرىشىسىز بىراق ئىرىشكەندىن كىيىن ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىپ ئويلاپ بىقىڭ، سىز بەختلىك بولدىڭىزمۇ؟ سىز ئىرىشمەكچى بولغان بەخت مۇشۇمىدى؟  ياق! بۇ تىڭىۋاتقىنىڭىز سىزنىڭ خار سۆيگىڭىزدۇر خالاس. بىئىلاجلىقتىن سىزنىڭ قوينىڭىزدا يىتىپ باشقا بىر سۆيگىنىنى ياد ئىتىۋاتقان سىزنىڭ سۆيگىنىڭىز سىزنى قانچىلىك بەختلىك قىلىپ كىتەر؟ ئۇنداقتا سىز نەدىن كەتكۈزۈپ قويدىڭىز؟ نىمىگە سەل قارىدىڭىز؟  سىىز دەل ئۇنىڭ كۆڭلىگە، مەۋجۇتلىغىغا بىپەرۋا قارىدىڭىز، سۆيسىڭىزمۇ   سۆيدۈرەلمىدىڭىز ئەمەسمۇ؟

تۇرمۇش سۆيۇش ۋە سۆيىلىشتىن پەيدا بولغان قوش كىشلىك سەھنە. بۇنىڭدا ئەسەر يازغۇچىمۇ رول ئالغۇچىمۇ ئىككىلا ئادەم ، بىرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلمىسا بۇ سەھنىدىكى ئەسەر ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ياخشى كۆرگىنىنى سۆيۈش ۋە ئۇ تەرىپىدىن سۆيۈلۈشنىڭ ئۆزى قەدرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن ئالەمشۇمول بەخت. لىكىن ئىنساننىڭ تەبى ئاجىزلىغى قولىدا بار نەرسىنىڭ قەدرىنى بىلمەستىن قولدىن بىرىپ قويغاندا ھەسرەت چىكىش، توي قىلىشقا ئىرىشىشىشكە ئىنتىلىپ تىرىشىپ،  توي قىلىپ قولغا كەلتۇرۇپلا بىخۇتلۇق بىپەرۋالىق بىلەن تاشلاپ قويۇپ نىكاھنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشتۇرۇشتۇر. سىز سۆيگۈگە ئىرىشىپ بەختلىك بولۇش ، قارشى تەرەپ قەلبىدە ياخشى ئوبرازىڭىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە سەل قارىماڭ.

1.سۆيگىنىڭزنىڭ مەۋجۇتلىغىغا ۋە ئۇنىڭدىمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاشلا بىر يۈرەكنىڭ بارلىغىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۇنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىگىنى ھىس قىلغۇدەك بىر بوشلۇق قالدۇرۇڭ. ئۇنى ماشىنا ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ، تىزگىنەك ياكى قوپال بۇيرىق بىلەنلا باشقۇرماڭ. ئۇ سىزنى قانچە ياخشى كۆرسىمۇ سىزدىن شۇنچە تىز كۆڭلى سوۋۇپ كەتمىسۇن. لىكىن نىمىلا دىسە خوش دەيدىغان ئۇنىڭ قۇلىغىمۇ ئايلىنىپ كەتمەستىن ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىغىنى ساقلاڭ. چۈنكى سىرى يىشىلگەن مەۋجۇدادقا ھىچكىم قىزىقمايدۇ.

2.سۆيگۈڭىزنى ئىزھار قىلىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. مۇھاببەتلىشىشى جەريانىدا ئۇ سىزدىن دائىم سۆيگۇگە ئىرىشەتتى. تويدىن كىيىنلا سۆيگۈڭىزنى ھىس قىلمىسا ئۆزىنى تاشلاندۇق كىرەكسىز ھىس قىلىپ، ئۆتمۇشنى سىغىنىپ، سىرىتقا بولغان قىزىقىشى كۈچىيىپ ، سىزدىن ۋە ئائىلىدىن بىزارلىق ھىس قىلىدۇ. ئائىلىنى باغلاپ تۇردىغىنى نىكاھ ۋە بالا بولماستىن بەلكى سىزنىڭ مىھرى مۇھاببىتىڭىز ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتماڭ.

   3.قەدىرلەشنى بىلىڭ. ئۇ سىزگە بولغان مۇھاببىتىنى بۇرۇن سۆز ۋە تىلىدا ئىپادىلىگەن بولسا ھازىر ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. سىزدە بۇنى بىلگۈدەك بۇنى ھىس قىلغۇدەك، بۇنىڭدىن پەخىرلەنگۈدەك، ئىپتىخارلانغۇدەك قەلىپ بولسۇن.ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى نادانلارچە يەنىلا ئىغىز ۋە تىلدا ئىپادىلىمىدى دەپ ئاغرىنماڭ. بۇنى دەپلا ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە گۇمانلانماڭ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. ئۇ ئىپادىلىمىگەن بولسا سىز ئىپادىلەڭ. ئىشىڭىزنىڭ ئالدىراشلىقى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىڭىزنىڭ ئېغىرلىقىنى باھانە قىلىپ ، سۆيگۈنى بىپەرۋا تاشلاپ قويسىڭىز ئۇنىڭغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىدىغانلار چىقماي قالارمۇ؟ سىز ئايرىلىپ قالماي دىسىڭىز ئالدىراشلىغىڭىز ئىچىدىنمۇ 5 مىنۇتلۇق ۋاقىت چىقىرىپ تىلفۇن بىلەن بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۇپ  سىردىشىڭ.   ئۇنىڭغا قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن بېرىڭ؛ ئۇنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلىڭ؛ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ سەۋرىچانلىق بىلەن ئاخىرگىچە ئاڭلاڭ؛ رەت قىلىشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ ناھايتى گۈزەل بىر شەكىلدە كۆڭلىنى رەنجىتمەستىن رەت قىلىڭ؛ ئۇنى سۆيۈندۈرۈشنى بىلىڭ.

4. سۆيگىنىڭىزگە قوپال مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ ئۆزى خەتەرلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچ بولۇپ ، ئەڭ خەتەرلىكلىگى ئۇ سىزدىن مېھرى- مۇھەببەت ھېس قىلمىسا ئۈچىنجى شەخسنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتماي قالاتتىمۇ؟ شۇڭا سۆيگىنىڭزنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرۇڭ، ئۇنىڭغا مېھرى- مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا سەل قارىماڭ. ئۇ يوقسۇل ۋە مۇھتاج ۋاقتىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشاڭ ۋە قانائەتچانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇڭ، سەبر قىلىڭ، ئۇنىڭ ئالدىدا روھسىز جەسەتكە ئوخشاش بولماڭ، سىز ئۇنىڭ يېىنىدا بولسىڭىزمۇ، سىزنىڭ بار- يوقلىقىڭىزنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالمىسۇن. ئەركىلەشنى ۋە ئەركىلىتىشنى بىلىڭ. ئۇنىڭ بىلەن ھەمپىكىر بولۇشنى ئۇنتۇماڭ. ئۇنىڭ غېمىنى ۋە يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىڭ. ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئۇنى ماختاشنى ئۇنتۇماڭ. سۆيۇڭ ۋە سۆيۈلدۈرۈڭ، شۇندىلا مېھرى- مۇھەببەت كۈچىيىدۇ ۋە كۆڭلى سوۋۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

5.كىشىلىك تۇرمۇش بىر سازغا ئوخشايدۇ.ئۇنى چىلىشقا ئۇستا بولسىڭىز يۈرەكنى تىترىتىدىغان مۇزىكا چىقىدۇ، چىلىشنى بىلمىسىڭىز ئۇ ئوشۇقچە بىر يۇك بولىدۇ. سىز سۆيۈلۈشكە ئىرىشتىن بۇرۇن ھاياتنىڭ ھوزۇرىدىن لەززەتلىنىدىغان بىر يۈرەك پەيدا قىلىڭ. كۆيىنىشنى، مىننەتسىز ئەقىدە قىلىشنى، ئۇنى تەسىرلەندۈرۈشنى بىلىڭ.

  6.  ھەممىنى يوقاتسىڭىزمۇ سۆيگۈگە ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ؛ ئۈمىدسىزلەنمەڭ، يۇرەكلىك بۇلۇپ مۇۋاپىقيەت قازىنىشقا نىيەت باغلاڭ؛ پۇل-مالغا ھىرىسمەنلىكنى مەرىتلىككە ئۆزگەرتىڭ؛ ئاچچىقنى سەبىرگە ئۆزگەرتىڭ؛ مىجەز - خاراكتىرىڭىزنى ئۇچۇق قىلىڭ؛ ئىتقادىڭىزنى قۇرال قىلىڭ؛ چىرايىڭىزدىكى قايغۇنى كۈلكىگە ئۆزگەرتىڭ، مىننەتدار بولۇشنى بىلىڭ. ئۇنىڭ ئەركىنلىگىنى قامال قىلىۋالماستىن ئۇنىڭ بۈيۈك مۇرەببەسى؛ بەخـت ئارامگاھ؛ نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدىغان ۋىسال قىرغىقى؛ ئۈمىد بەخىش ئەتكۈچى رەسەتگاھى؛ مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى دولقۇنلاندۇرىدىغان مەيخانە؛ خۇپىيانە سىرلارنى ساقلايدىغان ئالتۇن ساندۇقغى؛ مۇشكۇلاتنى يىڭىشتىكى مەدەتكارى بولۇڭ.

7. سىز ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈڭكى كەمچىلىگىگە ئىسىلىۋىلىپ، ئورۇنسىز كوتۇلدىماڭ. سىزنىڭ كوتۇلداشلىرىڭىز ئۇنى چۈشكۈنلەشتۇرۈپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ سىزدىن جۇدا بولۇشقا ئىلىپ بارىدىغىنى ئۇنۇتماڭ. چۈنكى كوتۇلداش تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان دۇنيادىكى ئەڭ پاجىئەلىك قىيناش ئۇسۇلىدۇر. كوتۇلداپ قاپاق تۇرۇپ،چىرايىڭىزنى پۇرۈشتۇرۈپ، قول شىلتىپ ۋەھىمە بىلەن قۇماندانلىق قىلسىڭىز كىم سىزنى سۆيۈشكە جۈرئەت قىلسۇن. سىز شېرىن سۇخەن سۆزلىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان، يارىسىغا مەلھەم بولۇشنى ئۈگىنىڭ.  

   8.سىز ئۇنى بىزار قىلىپ، ئوخشاش بىر گەپنى كۆپ تەكرارلىماڭ، مۇلايىم بولۇڭ،  يۇمۇرلۇق تۇيغۇنى يېتىلدۈرۈڭ، جىددى پەيتتىمۇ تەمكىن بولۇڭ. ئۇنىڭ ھۇجۇدىنى ئىللىتىدىغان باھار ئاپتىۋى بولۇڭكى بىراق يۈرىگىگە سانجىلىدىغان تىكەن بولماڭ. مېھىر-مۇھەببەتسىز، ھەمدەمسىز، كوتۇلداش، تىل-ھاقارەت-تاياق، ئارتۇقچە غەزەپتىن تېشىلگەن سۆيگۈ كىمىسىنىڭ بوران چاپقۇنغا قارشى ئىلگىرلىيەلمەيدىغىنىنى بىلىڭ.

9.سىز ئۇنىڭ سىردىشى بولۇڭ. ئۇ  ھىچكىمگە دېيەلمىگەن گەپلىرىنى، يۈرىكىنى ئازاپلاپ، دىلىنى چىگىۋاتقان دەردلىرىنى، تۇرمۇشنىڭ بېسمى، ھاياتنىڭ جۇدۇن-چاپقۇنلىرى ئارىسىدا تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىنى ھەم ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، غايە-تەلپۈنۈشلىرىنى سىزگە دەۋالسۇن. سىز ئۇنىڭ شاتلىق ۋە قايغۇسىغا ھەمراھ بولۇشنى بىلىڭ. سىز ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ زور سەۋىر-تاقەت بىلەن، ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتىڭىزنى ساقلاپ، ئۇنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىڭ.

10. ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپلا ياشىماي، ھەر كۈنى ئۆزىڭىزنى ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەڭ، ھەدىگەندىلا مىنىڭ راس دەپ تۇرىۋالماستىن  ئىنسانىي پەزىلەتكە، ئىنسانىي مۇكەممەللىككە قانچە قەدەم يېقىنلاشقانلىقىڭىزنى ئۆلچەپ كۆرۈڭ، ئۆزىڭىزدىكى خاتالىق ۋە سەۋەنلىكنى تىپىپ چىقىپ، جۇرئەتلىك بىلەن تۇزىتىڭ. ئۆز ئىللىتىڭىزنى «ئالاھىدىلىكىم»، «ئۆزگىچىلىكىم»دەپ تۇرۇۋالماڭ. بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى دانە چىشلىق چاقنى مەجبۇرىي ئايلاندۇرسا ئاقىۋەتتە بىر-بىرىنى يەپ تەڭلا ئۇپراپ كىرەكتىن چىقىدىغىنىنى بىلىپ ، ئۇنىڭ تەنبىھ-نەسىھەتلىرىنىڭ مەنىسى، سەۋەبى ھەققىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىڭ. كەڭ قوساق بولۇڭ. تەنقىتنى توغرا قوبۇل قىلىڭ. ياخشى تەرىپىنى كۆپرەك ئويلاپ، ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ، قىيىنچىلىقىنى چۈشۇنۇپ،  ھالىغا يىتىڭ، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئاجىزلىغىنى كۈزىتىدىغان كۆزىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى كۈزىتىدىغان قىلىشقا تىرىشىڭ. ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ يىتەرسىزىلىگىنى سۆزلەيدىغان تىلىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ياخشىلىغىنى سۆزلەيدىغان تىلغا ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ. ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى، چۈشىنىشنى ، كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىڭ. ئۇنى چۈشۈردىغان گەپلەرنى ھەرگىز قىلماڭ. ئۇنى باشقىلارغا سىلىشتۇرۇپ ئاچكۆزلۈگىڭىزنى قاندۇرالمىغان ھەسەتخورلاردىن بولماڭ.

11. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۇپ، خۇشال ياشاشنى ئادەت قىلىڭ. مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قاراڭ. بىر قەدەم يول قۇيۇشنى ئۇگىنىڭ. ئەپۇچان بولۇڭكى ئۇششاق ئىشلارغا ئىسىلىۋالماڭ؛ قانائەتچان بولۇپ يىراقلارغا نەزەر سىلىڭ.

12.ئەخلاقلىق؛ دىيانەتلىك ؛سەمىمى؛ سادىق؛ ۋاپادار بولۇڭ .ئاسىلىق قىلماڭ. ئىلكىڭىزدە بارىنى قەدىرلەڭ.  ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنماستىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭغا ماسلىشىڭ . مىننىەتخۇرلۇقنى تاشلاپ، مىننەتدار بولۇشنى ئۈگىنىۋىلىڭ . يالغانچىلىق ساختىلىق بىلەن ئۇنى ئالدىماڭ. شەيتاننىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرى ئۇستىدىن غالىپ كىلىشنى بىلىڭ. سىز ئۇنىڭغا مەنىۋىي ئوزۇق بولۇڭكى مەنىۋىي زۇلۇم بولماڭ. دۇشمەننىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئوينىماڭ، ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىپ ئەمىلىي ھەركىتىڭىز بىلەن ئىشەچ تۇرغۇزۇڭ.

13.ئۇنىڭغا دائىم غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ھىس قىلدۇرۇپ، سەمىمى بولۇپ، لەۋزىڭىزدە تۇرۇپ ، ئۇنى قوغداپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇڭ. ئاچچىقلىنىش ، غەزەبلىنىشتىن ئۈزىڭىزنى لەنەتكە دۇچار قىلماڭ. ئازاپ ۋە قىيىچىلىققا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، ئۈمىتۋار ياشاڭ، ئۈزىڭىزگە خاس جەلىپكارلىقىڭىزنى يۇقاتماڭ ،   ئەقىل – پاراسەتلىك ، دىنايەتلىك،  ۋىجدان- غورۇرلۇق ، ۋاپادار توغرا يوللۇق ، سەۋىرچان ، كەڭ قوساق، ئەپۇچان، شۈكۈر قانائەتچان بۇلۇڭ، يۈرۈش تۇرۇش ، ھەتتا تىنىقلىرىڭىزغىچە ئەدەب قائىدىلىك، پاكىز تەرتىپلىك  بۇلۇڭ !

   14.ئۇنى ئەيىپلاپ ئاغرىنىپ كۆزىگە كىرىۋالماستىن ماختاش ، غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش، مۇھىم كۈنلەرنى خاتىرلەش ،سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەش ، ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بولۈش، ئورتاق مەشغۇلاتنى كۆپەيتىش، مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش ، خوشال تەبەسسۇم ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىڭ.

   15.   ھاياتنى قەدىرلەڭ، غورۇرلۇق، ھايالىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنى سۆيۈندۇرۇڭ .ئۇرۇنسىز ئۇرۇشماڭ، ئورۇنسىز كۈنلىمەڭ، ئۇنىڭ كىشىلىك  ئەركىنلىگىنى مۇنۇپۇل قىلماڭ، ئۇنىڭغا ۋاپادار بۇلۇڭ.

16.سۆيۈلۈشكە يىتەرلىك ۋاقىت بىرىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. روھى نامراتلىقنى قۇرال قىلپ، ئۇنىڭ مەنىۋى بىغىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىشتىن ساقلىنىڭ.

   17. مىڭىش- تۇرۇش كىيىنىشىڭىزگە ئېتىۋار بىرىڭ، ئاددى بولسىمۇ رەتلىك پاكىز ياراشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇپ مەدىنىي كىيىڭ. شەخسىي تازلىقىڭىزغا  تولىمۇ ئىتىبار بىرىڭ، سىزدىن گۈلنىڭ ھىدى تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.   ياسىنىشنى بىلىڭ، بىلىم قۇرۇلمىڭىزنى يېڭلاپ تۇرۇڭ ، ئۇنى ياردەمسىز يالغۇز تاشلاپ قويماڭ. ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈڭىز ۋە ئىشەنچىڭىزنى يوقىرى كۆتۇرۈپ  كۆڭلىنى ئۇتۇپ مەغرۇرلۇق ئىچىدە ياشاڭ. ئۇنى تەرپلەپ، رىغبەتلەندۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن سۆيۈنۇپ تۇرۇڭ، ئۇنى ماختاشنى ئۇنىڭدىن پەخرلىنىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، تىلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ ئۇنىڭغا مىھرىڭىزنى يەتكۈزۈپ تۇرۇڭ. مۇڭدىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. ئۇ سىرىتقا چىقىپ كەتسە ئۇنىڭدىن ئەنسىرگىنىڭىزنى ئۇنى سىغىنغىنىڭىزنى ئەسلىتىپ تۇرۇڭ. ئەھمىيەتلىك كۇنلىرىدە خۇشال قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆڭۈل ئىلىشقا ماھىر بولۇڭ. ئارىدىكى ئىشەنچنى كۇچەيتىپ، چىقىمچى، سۇخەنچىلەرگە ئارىدىن ئۇرۇن بەرمەڭ. كۇلۇشنى كۇلكە ئاتا قىلىشنىمۇ كۇلكىنىڭ پەيزىنى سۇرۇشنىمۇ بىلىپ  ھەممە جەھەتتە مۇكەممەل ئۇ پەخرلەنگۈدەك بولۇڭ. ئۆتكەن ئىشلارغا ئىسىلىۋالماڭ. گۇمانخور بولماڭ. ئۆزىڭىزگە ۋە ئاراڭلاردىكى مىھرى - مۇھاببەتكە ئىشىنىڭ، بۇرۇنقى كەمچىلىك يىتەرسىزلىگىڭىزنى، يامان ئادىتىڭىزنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىڭ. باشقىلارغا داتلاپ يۈرمەڭ. چىقىمغا چىداڭ.   ئەھمىيەتلىك بولغان كۆڭۈللۈك ، مەنزىرلىك جايلارغا ساياھەتكە چىقىڭ.

18. سىز بىشەم ھازازۇل بولماستىن ئۇنىڭ سادىق ھەمراھى، ۋاپادار دوستى، مەنىۋىي يۆلەنچۈگى،  ھاياتلىق پەرىشتىسى بولۇشنى بىلىڭ.

سىز يۇقۇرقىلارنى قىلالىسىڭىز سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئىچىدىكى ھەقىقى سۆيگۈگە ئىرشەلەيسىز، سىناپ بىقىشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  H! @( q1 q7 Z
                           مەنبە : ئۆزەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-23 11:48 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* |1 k7 t# t( C6 ?7 v7 v+ v5 P

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- T; R& J6 ?' H, n6 W' y! c0 g

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5275
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19000
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1916 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 08:57:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيۈلسە ئادەم تېخىمۇ سۆيىدىكەن.

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم .

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4937
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2014-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 10:10:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختۇر مېنى خوشال يۈرۈڭ دېدى ، نېمە دېگەن قىززىق ...كىم خوشال بولۇشنى خالىمايدۇ . كىم   كىتابلاردا ئىيتىلغاندەك بولۇشنى خالىمايدۇ دەيسىز . بەزى ئىشلارنى دېيىش شۇنچە ئاسان ، ۋاي ئىسىت ، قىلىشمۇ شۇنداق ئاسانلا ئىش بولغان بولسىچۇ ؟!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 w! {# Y3 F  [- h+ |& Uۋاي بولدىلا ، بۈگۈن چىسلاغا 22 ئىكەن . ئەتە23- چىسلادىن باشلاپ كىتابلاردا ئىيتىلغاندەك ، پىسخولوگلار دېگەندەك ئەڭ ئۆلچەملىك ئادەم بولايچۇ ...

بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

ئاللاھ ھەممىگە قادىر!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13901
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9117
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 10:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن ، رەھمەت.

يىگانە قالساڭمۇ ھەق تەرەپتە تۇر،رەقىبلەر كۆكسىگە خەنجىرىڭنى ئۇر.بولساڭمۇ قەلەندەر ياشا مۇستەقىل،شۇندىلا روھىڭدىن تارقىلىدۇ نۇر.

ئاللاھ ھەممىگە قادىر!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13901
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9117
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 10:36:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن ، رەھمەت.

يىگانە قالساڭمۇ ھەق تەرەپتە تۇر،رەقىبلەر كۆكسىگە خەنجىرىڭنى ئۇر.بولساڭمۇ قەلەندەر ياشا مۇستەقىل،شۇندىلا روھىڭدىن تارقىلىدۇ نۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2828
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 11:27:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا دەپ بەرسىڭىزچۇ؟؟؟  تويدىن بۇرۇنقى مۇھەببەت ياخشىمۇ؟ كىيىنكىمۇ؟  قايسىنى تاللىساق ياخشى، نۇرغۇن ئادەم تويدىن كىيىن ئوينى قىلتاق خانىغا ئايلاندۇرۇپ بىربىرىنى قانداقباپلاشنى ئويلىشىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81172
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 04:48:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 08:57 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% R/ O! ^8 l; L8 J: ^/ B0 K
سۆيۈلسە ئادەم تېخىمۇ سۆيىدىكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! `  Y  n6 L* f& W' c
ھەي كاككۇك نەچچە تېمىدا ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم بەك بەك مېغىزلىق گەپ قىلدىكەنسىز ،ئاجايىپ قايىل بوپ كېتپارىمەن

   مېھىرسىز كىشلەردىن بىر تال گۈل سورىساڭ ئۇ گۈلزارلىقتا تۇرۇپمۇ تىكەن بېرىدۇ.
  ئالىيجاناپ كىشلەردىن بىر تال يوپۇرماق سورىساڭ تەكلىماكاندا تۇرۇپمۇ گۈل بېرىدۇ.

                                      
                                                                   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81172
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 04:50:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ،باشتىن ئاخىر تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ،بەك جايىدا ، شۇنداق ئورۇنلۇق ،ھازىرلا ساقلىۋالاي

   مېھىرسىز كىشلەردىن بىر تال گۈل سورىساڭ ئۇ گۈلزارلىقتا تۇرۇپمۇ تىكەن بېرىدۇ.
  ئالىيجاناپ كىشلەردىن بىر تال يوپۇرماق سورىساڭ تەكلىماكاندا تۇرۇپمۇ گۈل بېرىدۇ.

                                      
                                                                   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1950
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 07:24:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن ، رەھمەت.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65723
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3966
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 11:06:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بىرىنى ھەقىقىي سۆيەلەيدىغانلار مېنىڭچە ھازىر ئۇنچە كۆپ بولمىسا كېرەك . سۆيگۈنى چۈشىندىغانلارچۇ ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش