مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 828|ئىنكاس: 3

كومپيۇتېرلاردا بىر خىل خەت نۇسقىسىدا بېسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8605
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8129
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2011-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-31 04:34:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادەتتە Word ئارقىلىق يازغان ماقالىلىرىمىزنى باشقا كومپيۇتېرلاردا بېسىشقا توغرا كەلگەندە، ماقالىمىزدا ئىشلىتىلگەن بەزىبىر خەت نۇسقىلىرى باشقا كومپيۇتېردا بولماسلىقى مۇمكىن. بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال Word دا ئۇيغۇرچە خەت باسقان چاغدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسقىسىدا يېزىلغان ھۆججەتنى باشقا شىركەتنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى قاچىلانغان كومپيۇتېرغا سېلىپ ھۆججەتنى ئاچساق خەت توغرا كۆرۈنمەيدۇ.
بۇ مەسىلىنى Word نىڭ خەت نۇسقىسىنى ھۆججەتكە سىڭدۈرۈش (嵌入) ئىقتىدارى ئارقىلىق ھەل قىلالايمىز. بۇنداق بولغاندا كومپيۇتېرىمىزدىكى خالىغان خەت نۇسقىسى ئارقىلىق يېزىلغان ھۆججەتنى قايسى كومپيۇتېرغا ئاپىرىپ ئاچساق ياكى پرىنتېردا باسساق توغرا كۆرۈنىۋېرىدۇ.
خەت نۇسقىسىنى سىڭدۈرۈش ئۇسۇلى:
خەت نۇسقىسىنى سىڭدۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى Word دا ئېچىپ قورال (工具) دىن تاللاش تۈرى (选项) نى باسقاندىن كېيىن كۆرۈنگەن كۆزنەك ئىچىدىن ساقلاش (保存) نى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خەت نۇسقىسىنى سىڭدۈرۈش (嵌入 True Type) نى تاللاپ جەزىملەشتۈرىمىز.
بۇ خىل ئۇسۇلدا خەت نۇسقىسىنىڭ ھەممىسىنى سىڭدۈرىدىغان بولۇپ، ھۆججەتنىڭ سىغىمى نىسبەتەن چوڭراق بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇرىدىكى تاللاش تۈرى ئاستىدىكى پەقەت ئىشلىتىلگەن ھەرپلەرنىلا سىڭدۈرۈش (只嵌入所用字体) نى تاللاپ قويساق، پەقەت ھۆججەت ئىچىدە ئىشلىتىلگەن ھەرپلەرنىلا سىڭدۈرگەچكە،  ھۆججەتنىڭ سىغىمى كىچىكرەك بولىدۇ.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-31 06:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى بىر سىناپ باقاي [s:71]

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116820
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-31 06:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنى ئىشلەتكەن. بىراق چوڭ كىچىك سىغىمىغا ئىتبار قىلماپتىمەن. رەھمەت، بىلىم بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە.


ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10843
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-31 06:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما قايتا يوللاندىمۇ قانداق....    https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-1672.zhtml


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش