ماندىلا ھاياتىدىكى مەشھۇر سۆزلەر
مەن تاللاپ بولدۇم.مەن جەنۇبى ئافرىقىدىن ئايرىلمايمەن،ھەم تەسلىممۇ بولمايمەن.كۈرەش قىلىش مىنىڭ ھاياتىم.مەن داۋاملىق ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىمەن،تاكى ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە.
-1961-يىلى6-ئاينىڭ26-كۈنى ئافرىقىلىقلار مىللى قۇرۇلتىيىدا سۆزلەنگەن
ئېرقى ئايرىمىچىلىق جىنايىتى بارلىققا كەلگەنئىكەن،ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مەڭگۈ ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولمايدىغان داغ بولۇپقالىدۇ.
-1990-يىلى ب د ت
ھەرقانداق ئادەم تۇغۇلۇپلا تېرىسىنىڭرەڭگى،كىلىپ چىقىشى،دىنىنىڭ ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىن باشقىلارغا ئۆچمەنبولمايدۇ.ئادەملەرنىڭ ئۆچمەنلىگى مۇقەرەركى ئۈگەنگەنلىكتىن كەلگەن،ئۇلارئۆچمەنلىكنى ئۈگىنەلىگەن ئىكەن،ئۇنداقتا ئۇلارنى يىتەكلىسەك سۆيۈشنىمۇئۈگىنەلەيدۇ.نەپرەتكە سىلىشتۇرغاندا مۇھاببەت تىخىمۇ ئاسان كىشىلەرنىڭ قەلبىگەسىڭىپ كېرەلەيدۇ.
-1994-يىلى«دولقۇنلاۋاتقانئەركىنلىك يولى»
ھەممە ئادەم ئىناق بىللە ياشىيالىسا،پۇرسەتمۇباراۋەر بولىدۇ.
-1964-يىلى دۆلەتكەئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى سوت مەيدانى
يارىلارغا شىپا بولىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى.بىزنىئايرىۋەتكەن يېرىقنى تولدۇرۇش ۋاقتى يىتىپ كەلدى.بەرپا قىلىش ۋاقتىمىز كۆزئالدىمىزدىلا.
-1994-يىلى جەنۇبى ئافرىقازوڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقى
بۇ گۈزەل تۇپراق ئەمدى مەڭگۈ،مەڭگۈ ئادەمنىڭ ئادەمگە بولغان زۇلۇم قىلىشىنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ،دۇنيانىڭ تاشلىۋىتىشلىرىگە باشئەگمەيدۇ....
1994-يىلى
بۇ مۇكاپات پۈتكۈل جەنۇبى ئافرىقا خەلىقىگەبېرىلگەن مۇكاپات، بولۇپمۇ ئاشۇ كۈرەش جەريانىدا كۈرەش قىلغان ئادەملەرگە،مەنئۇلارغا ۋاكالىتەن بۇ مۇكاپاتنى ئېلىۋاتىمەن.
-1994-يىلى 12-ئاينوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىنى ئىلىش مۇراسىمى
مەن ساپ ۋىجدانىم بىلەن ۋەزىپەمدىن ئايرىلدىم،ئۆزەمنىڭ خەلىقىم ۋە دۆلىتىم ئۈچۈن كىچىككىنە مەسۇليىتىمنى ئۆتىگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
-1999-يىلى زوڭتۇڭلۇقۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا
ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە جىنازىداياتقىنىمدا،مەن ئاشۇ تىرىك ئادەملەرنىڭ «بۇ يەردە ياتقان ئادەم خەلىق ۋە دۆلەتئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئادا قىلغان»دىگىنىنى ئاڭلۇغۇم بار
-1999-يىلى
ئۆلۈمنىڭ تەھدىدى مىنىڭ ۋەتەن يولىدا قەسىتكەئۇچراپ قۇربان بولغۇچىلارغا ئايلىنىش ئىستىكىمنى ئويغۇتالمايدۇ.ئەگەر چوقۇم ئۆلۈشلازىم بولسا،مەن ئۆلۈم يولىغا مىڭىشقا تەيارلىنىپ بولدۇم.بىراق ھاياتلىققا بولغان ئىنتىزارلىق مەندە داۋاملىق مەۋجۈد.
-«ئۆزەم بىلەنقىلىشقان گەپلىرىم»
مىنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرغۇنۇم،مىنىڭ ئۇلۇغلاردىنبولغانلىقىمدىن ئەمەس،بەلكىم سىلەردەك بولغۇنىم،يەنى خەلىقنىڭ ئەرزىمەس چاكىرى بولغانلىقىمدىن.سىلەرنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس،باتۇرلارچە قۇربان بېرىشلىرىڭلار، مىنىبۈگۈن مۇشۇ جايدا تۇرۇش ئېمكانىيىتىگە ئېگە قىلدى.مەن قالغان ھاياتىمنى سىلەرگە تاپشۇردۇم.
-1990-يىلى 2-ئاينىڭ11-كۈنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندە
بىز تېخىمۇ كۆپ پۇللارنى قورال-ياراققا سىتىۋىلىشقا سەرىپ قىلىۋاتىمىز،ھەرگىزمۇ مىليۇنلىغان ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىداۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس.بۇ بىر خىيال ۋە ئارزۇغا تولغان دۇنيا،شۇنداقلا بۇ بىر ئۈمىتسىزلىك،كىسەل ۋە ئاچارچىلىققا تولغان دۇنيا.
-2005-يىلى
مىنىڭ ئەيىپلىگىنىم،بىر چوڭ دۆلەت ھەمدە ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغان،توغرا تەپەككۇر قىلالمايدىغان زوڭتۇڭى،ئۇلار ھازىر دۇنيانى چوڭ قىرغىنچىلىققا ئېلىپ كىرمەكچى.
2003-يىلى بوش ئېراق ئۇرۇشىنى قوزغاش ھارپىسىدا
«شىنجىن سوداگىزىتىدىن»ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-8 09:22 PM