مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 707|ئىنكاس: 4

ئەجداتلىرىمىزنىڭ تاشگەرلىك ھۈنەر سەنئىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2889
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3606 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 05:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 V7 Q4 H( G1 _' M

ئەجداتلىرىمىزنىڭ تاشگەرلىك ھۈنەر سەنئىتى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ S" `; Y  x& o$ X1 Y/ i# |/ [


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 Y3 |/ X$ S% g8 q$ l6 @بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% l7 j/ s* v, x% P! e# N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# C+ {, I% `/ |' c* I" f9 p
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ |) a; x$ F4 Z" b% f; g2 j

ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك قاشتېشى مەدەنىيىتى مۇتەخەسسى-ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- F7 S4 `) L1 O0 o/ S

تاشگەرلىك – ئىنسانلار مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپلا مەيدانغا كەلگەن كەسىپ بولۇپ، ئىنسانلار كونا تاش قۇراللار دەۋرى ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىس قوراللار (برونزا) دەۋرىگە قەدەم قويغان. تارىم ۋادىسىدا ياشىغان قەدىمىي ئىنسانلارمۇ بۇ دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. رايۇنىمىزدا بۇنىڭدىن تەخمىنەن 30 ~ 50 مىڭ يىللار بۇرۇنقى دەۋىرگە تەۋە تاش قورال ئىزلىرى بار بولۇپ، كونا تاشقۇراللار دەۋرىدىن يىڭى تاش قوراللار دەۋرىگىچە تەۋە ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان تاش قوراللار دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىس قوراللار دەۋرى ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنمۇ، تاش قوراللاردىن ئايرىلالمىغان. يەنى، بۇرۇنقى بەزى تاش قوراللارنىڭ ئورنىنى مىس قوراللار ۋە تۆمۈر قوراللار ئىگىلىگەن بولسىمۇ، يەنە بەزى تاش قوراللارنى بىر جەھەتتىن مېتالدىن ياساپ ئىشلىتىش ئىمكانىيى بولمىغاچقا، يەنە بىر جەھەتتىن تاۋلانغان مېتاللار ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا، تاش قورال ئىشلىتىش خېلى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان. بەزى تاش قورال- ئۈسكۈنىلەرنى تاشتىن ياساپ ئىشلىتىش بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" V0 E; G8 f! d, O, S! f: Cبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 L( E: |* Y$ L. K2 I4 g3 a

تاشگەرلىك كەسپى يەنە «تاشچىلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاشتىن ياسالغان، ئويۇلغان بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ تاشگەرلىك كەسپىنى چوڭ جەھەتتىن ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى سەنئەت بويۇمى تاشگەرلىكى، يەنە بىرى قورال بۇيۇم تاشگەرلىكى. سەنئەت بويۇمى تاشگەرلىكى ئاساسلىقى قاشتېشى، ھېقىق، كەھرىۋا، ياقۇت، مەرمەر، خرۇستال، كاۋاش … قاتارلىق ئاز تېپىلىدىغان قىممەت باھالىق تاشلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، تۈرلۈك زىننەت بويۇملىرى، بىزەك بويۇملىرى، دىنىي مۇراسىم بۇيۇملىرى، ئوردا بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئويۇش قاتارلىقلارغا تۈرلىنىدۇ. بۇ خىل بۇيۇملار يەنە ئادەتتىكى تاشلاردىنمۇ ياسالغان، بايلار، ئەمەلدارلار قىممەت باھالىق تاشلاردىن ئويۇلغانلىرىنى ئىشلەتكەن بولسا، نامراتلار ۋە ئاۋام پۇقرا ئادەتتىكى تاشلاردىن ئويۇلغانلىرىنى ئىشلەتكەن. بۇ نوقتىنى قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرىغا قاراپ بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. ئاق سۆڭەكلەرنىڭ قەبرىسى چوڭ، دەپنە قىلىنىشى ئالاھىدە، كېپەنلىرىمۇ ئىسىل، ھەم دەپنە بۇيۇملىرى كۆپ بولۇپ، تاش بۇيۇملار كۆپىنچە قىممەت باھالىق تاشلاردىن ياسالغان بولىدۇ. پۇقرالارنىڭ قەبىرىسى ئاددى، كېپەنلىرىمۇ ئاددى، ھەمدەپنە بۇيۇملىرى ئاز، تاش بۇيۇملار ئادەتتىكى تاشلاردىن ياسالغان بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ۋە تارىم مەدەنىيىتىگە ئورتاق ھادىسە. قورال بۇيۇم تاشگەرلىكى ئادەتتىكى تاشلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، تاش تۈرى ياسىلىدىغان بۇيۇمنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللانغان. بۇ خىل بۇيۇملار ئەمگەك قوراللىرى، ئوۋ قۇراللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ھۈنەر- كەسىپ سايمانلىرى قاتارلىقلارغا تۈرلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 L- T) E1 S! [# ]( a
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  a/ Q. [) D/ B( Y3 T: d

قەدىمقى دەۋىرلەردە، خوتەن بوستانلىقى ئۆزىدىن چىقىدىغان ئېسىل قاشتېشى ئەۋزەللىكىنى مەركەز قىلىپ،  سەنئەت بويۇمى ئويۇش يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. قەدىمقى يازما يادىكارلىق ۋە يازما مەنبەلەر، قەدىمقى مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تېپىلغان قاشتېشى تېپىلمىلارغا ئاساسلانغاندا، قاشتېشىدىن سەنئەت بويۇمى ئويۇش – دىنىي ئېتىقاد نوىتىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، تۈرلۈك سەنئەت بۇيۇملىرى، زىننەت بۇيۇملىرى، جەڭ قوراللىرى، ئەمگەك قوراللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ھەتتا كىيىم- كېچەك ئويۇشلارغىچە تەرەققى قىلغان. ئەلبەتتە بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ بىر قىسمى يەنىلا سەنئەت نوقتىسىنى چىقىش قىلغان. شۇ ئاساستا ئادەتتىكى تاشلاردىن بۇيۇم ئويۇشمۇ ماس قەدەمدە تەرەققى تاپقان. چىن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 221- يىلدىن بۇرۇنقى 206- يىلغىچە) دەۋرىدىن باشلاپ، تاڭ دەۋرىگە قەدەر خوتەن رايۇنىدىن يېتىشىپ چىققان تاشچى، ھەيكەلتاراچ ئۇستىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە خان ئوردىسىغا تەكلىپ بىلەن بېرىپ، ئۆز ماھارەتلىرى نامايەن قىلغان ۋە شاگىرت يىتىشتۈرگەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 _& G2 R2 _6 [2 Q4 Aبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- d0 @! _9 ^0 y4 ^

لوشاۋۋىن ئەپەندى خوتەن قاشتېشى ئۈستىدە توختىلىپ: ”دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭدا قەدىمقى تارىملىقلار، جۈملىدىن خوتەنلىكلەر قاشتېشىنى تۇنجى بايقاپ قازغۇچىلار ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پىشىۋا ئۇستىلىرى. خوتەن قاشتېشى جابدۇقلىرى، قاشتېشى بۇيۇملىرى ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىق ھۈنىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە خېلى بۇرۇنلا تارقالغانىدى“ دەپ يازغان. قاشتېشى ئويمىچىلىق سەنئىتى دەسلەپ قاشتېشى ماكانى بولغان خوتەن ۋە خوتەنگە يېقىن بولغان يىڭىسار، يەكەن قاتارلىق جايلاردا بارلىققا كېلىپ، تەدرىجى تەرەققى قىلغان. قاش قۇراللار دەۋرىگە كەلگەندە، قاشتېشىدىن نەپىس، سىپتا سەنئەت بۇيۇملىرى ئويۇش، ھەتتا قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان نەيگە ئوخشاش سازلارنى ئويۇشتەك يۇقۇرى ماھارەتلەر بارلىققا كەلگەن. «قاش نامە» (玉海)، «نەپىس سۈرەتلەر» (瑞应图)، «بامبۇك يىلنامە» (ياكى «قۇمۇچ پۈتۈك يىلنامىلىرى») (竹书记年)، «دىۋان بەگلەر تەزكىرىسى» (尚书大传)، «كاتتىلار يۇسۇنى» (大戴礼记)، «موتىيەنزى تەزكىرىسى» (穆天子传) قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئوماينىڭ ئاق بۇغىغا مىنىپ كىلىپ، خۇاڭدىغا قاشتېشى ھالغا، قاشتېشى جۈپتەك تەقدىم قىلغانلىقى؛ شۈن دەۋرىدە يەنە قاشتېشى نەي تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر خاتىرىلەنگەن. بۇ نەي توغرىسىدا «غەربى ئاستانە خاتىرىلىرى» دا خەن گاۋزۇ (لىيۇ باڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 256~195- يىللىرى) شىيەنياڭ ئوردىسىدىكى ۋاقىتلىك مەھكىمە خەزىنىسىگە كىرىپ، ” ئۇزۇنلۇقى 2 چى 3 سۇڭ، 16 تۆشۈكلۈك، چالغاندا ھارۋا- ئاتلار تاغ- ئورمانلاردا يۈرۈۋاتقانغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىدىغان، (ئۈستىگە) گۈزەل نەي دىگەن خەت ئويۇلغان بىر قاشتېشى نەي تاپقان“ لىقى خاتىرىلەنگەن. «جىننامە. قانۇن تەزكىرىسى»دە: ”خۇاڭدى پەرمان قىلىپ، قاشتېشىدا نەي ئويۇشنى بۇيرىغان، (ئۆزى) ئۇزۇن، 6 تۆشۈكلۈك، 12 كۈيلۈك، شۈن دەۋرىگە كەلگەندە، ئوماي گۈزەل بىر نەي تەقدىم قىلغان، (بۇ نەي) قاشتېشىدا ئويۇلغان“ دەپ خاتىرىلەنگەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- e  q9 @8 ?. z) |# I3 o( ]! O

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ?+ y6 n& ]4 v  v7 J4 F5 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) d$ _3 ^9 ^* M, q& `

بۇ خاتىرىلەردىن خۇاڭدى، يەن، شۈن دەۋرىدىلا قاراقۇرۇم ئېتىكىدە گۈزەل قاشتېشى نەي ئويۇشتەك يۇقۇرى ماھارەت بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «مۇ تىيەنزى تەزكىرىسى»دە، بۈگۈنكى خوتەن رايۇنى، يىڭىسار (羽陵)، يەكەن دەرياسى (黑水) ئەتراپىدىكى ئاھالىلارنىڭ مەخسۇس قاشتېشى ئويمىچىلىقىنى كەسىپ قىلغانلىقى، شۇنداقلا قاشتېشىچىلىق ئۇستىخانىلىرى (كارخانىلىرى) قۇرۇلۇپ، ھەر خىل زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى، ئادەم ۋە ھايۋانلار ئوبرازىدىكى ھەيكەل- قونچاقلا، كىيىم- كېچەك، چالغۇ ئەسۋاپ، قىلىچ، شەمشەر دىگەندەك جەڭ قۇراللىرى ياسايدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. مىلادىدىن مىڭ يىللار بۇرۇن شۇ دەرىجىدە تەرەققى قىلغان قاشتېشى ئويمىچىلىق سەنئىتى – جىن، خەن دەۋىرلىرىدىن سوڭ دەۋرىگە قەدەر (خوتەنگە ئىسلام دىنى كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا) تېخىمۇ گۈللىنىپ، يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان.

«مۇ تىيەنزى تەزكىرىسى» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، قاشتېشى كىيىم ياساش – ئەڭ بۇرۇن قاراقۇرۇم ئىتىكىدىكى ۋادىلاردا بارلىققا كەلگەن. «يىلىن» (意林)، «شىۋېي» (士纬) دىگەن كىتاپلاردا ئۇدۇن دۆلىتىدە قۇرال- سايمانلار ۋە كىيىم- كېچەكلەرنىڭ قاشتېشىدا ياسىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى (مىلادىدىن 220 يىللار بۇرۇن) پادىشاھ ۋە ئاق سۆڭەكلەر قاشتېشى كىيىم كىيىش بارلىققا كەلگەن. ۋىي سۇلالىسى ۋىندى دەۋرىدە (مىلادى 220~227- يىللار) بىكار قىلىنغان. ئەينى دەۋىردە قاشتېشى كىيىم قاراقۇرۇم ئىتەكلىرىدىكى ۋادىدا جەڭدە كىيىدىغان دۇبۇلغا- ساۋۇتلارنى قاشتېشىدا ياساشتىن تەرەققى قىلىپ، تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە بولسا، “قاشتېشى جەسەتنى چىرىتمەيدۇ” دىگەن ئەقىدىنىڭ تەسىرىدە يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ كېپىنى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل كىپەن 3 تۈرلۈك بولۇپ، زەر يىپ (ئالتۇن يىپ) بىلەن توقۇلغىنى «زەر يىپلىق قاش كىيىم» (金丝玉衣) دەپ ئاتىلىپ، خاقان- پادىشاھلارنى كېپەنلەشكە ئىشلىتىلگەن. كۈمۈچ يىپتا توقۇلغىنى «كۈمۈچ يىپلىق قاش كىيىم» (银丝玉衣) دەپ ئاتىلىپ، كىچىك خانلىقلارنىڭ خانلىرى، بەگلىكلەرنىڭ بەگلىرى، ئەڭ يۇقۇرى تەبىقىدىكى ئاق سۆڭەكلەر، خانىشلار، مەلىكىلەرنى كېپەنلەشكە ئىشلىتىلگەن. مىس يىپتا توقۇلغىنى «مىس يىپلىق قاش كىيىم» (铜丝玉衣) دەپ ئاتىلىپ، چوڭ ئاق سۆڭەكلەر، مەلىكىلەرنىڭ كېپەنلىكى قىلىنغان. 1968- يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مەنچېڭ رايۇنىدىن غەربى خەن جۇڭشەن چىڭ خانى لىيۇ تىڭ ئەر- خوتۇنلارنىڭ قەبرىسىدىن ئىككى قۇر قاش كىيىم تېپىلىپ، دۇنيانى زىل- زىلىگە سالدى. بۇ مەملىكىتىمىزدە تۇنجى بايقالغان ۋە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قاش كىيىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ قاش كىيملەر باش قاپ (جەسەتنىڭ بېشى سولىنىدىغان قىسمى)، چاپان، يەڭ، قولقاپ، شىم، ئۆتۈكتىن ئبارەت 6 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، شەكلى ئادەم بەدىنىنىڭ شەكلى بىلەن ئوخشاش. بۇ «زەر يىپلىق قاش كىيىم»گە چوڭ- كىچىك بولۇپ، جەمى 2160 پارچە قاشتېشى ياپراقچە، تەخمىنەن 700 گىرام ئالتۇن ئىشلىتىلگەن. قاشتېشى ياپراقچىلارنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى3.5 سانتىمېتىر، ئەڭ كىچىكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى بىر سانتىمېتىر بولۇپ، قېلىنلىقى 0.35~0.2 سانتىمېتىرغىچە. ھازىر بۇ كېپەن دۆلەتلىك موزىيدا ساقلانماقتا. ئالىملار بۇ كىيىمنى خېمىيەلىك تەجرىبە قىلىش ۋە پىزىكىلىق ئانالىز قىلىش ئارقىلق، بۇ كىيىمگە ئىشلىتىلگەن قاشتېشىنىڭ خوتەن قاشتېشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. قاشتېشى كىيىم توغرىسىدىكى يازما خاتىرىلەر ۋە قاراقۇرۇم ئىتىكىدىكى ۋادىلاردىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا، شۇنداقلا غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاشتېشى ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ تېخى ئەمدى تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ھالىتى … قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ، بۇ قاش كىيىملەر ئۇدۇن ئىلىدە ياسىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئېلىپ بېرىلغان، دىگەن يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 k$ n$ M9 K' {7 T
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 s% R7 j, r& T9 B' U; T+ G8 \- ~بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ h* i6 T1 S9 J! p# w0 ^

خېنەن ئۆلكىسى دىڭشەن ناھيىسىدىكى جۇڭشەن مۇۋاڭ خان لىۇچاڭنىڭ (شەرقى خەن سۇلالىسى) قەبرىسىدىن بىر قاشتېشى توساق تېپىلغان بولۇپ، توساق نەپىس نەقىشلەپ ئويۇلغان ئىككى پارچە قاشتېشى كېشەك (تۈۋرۈك) كە ئاستى- ئۈستى قىلىپ، ئىككى پارچە نەقىشلىق قاشتېشى تاختاي ئورنۇتۇپ ياسالغان. ئۈستىدىكى تاختاينىڭ ئۈستىنكى قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا شازا قۇرۇپ ئولتۇرغان شاھزادە، ئاستى ئوڭ- سولغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ئىككى ئايال، ئەتراپىغا سۇمرۇغ، قۇش، بابرا كىيىك، ئۆردەك ۋە باشقا ھايۋانلار ئويۇلغان؛ ئاستى تاختايغا ئوتتۇرىسىدا خانىش ئولتۇرغان، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە كۈن، ئاي، ئىككى يېنىغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ئىككى ئايال، ئەتراپىغا تاشپاقا، يىلان، ئېيىق قاتارلىقلار ئويۇلغان. ئارخىلوگلار بۇ توساقتىكى ئادەم، ھايۋان، قۇشلارنىڭ بىر گەۋدە قىلىپ كىرىشتۈرۈپ ئويۇلغان مەنزىرىسىگە ئاساسەن، ئاستىدىكى تاختايدا ئويۇلغىنى رىۋايەتلەردىكى ئوماي دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىمىسىمۇ بۇ مەنزىرە «مۇ تىيەنزى تەزكىرىسى» قاتارلىق كىلاسسىك كىتاپلاردا تەسۋىرلەنگەن ئوماي ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە بەك ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ ئوماي ياشىغان قاراقۇرۇم تېغى تەسۋىرلەگەن ئويما بولغان ئىكەن، ئۇ ھالدا بۇنى قاراقۇرۇم ۋادىسىدا ياشىغۇچى ئۇستىلار قەدىمىي رىۋايەتلەر ئاساسىدا ئويۇپ چىققان دىيىشكە بولىدۇ. بۇ ئادەم، مەنزىرە ۋە جانلىقلار گىرەلەشتۈرۈپ ئويۇلغا، رىۋايەت تەسۋىرلەنگەن قاشتېشى ئويما توساق بولۇپ، ھازىرغىچە بار بولغان بۇ خىلدىكى توساق پەقەت مۇشۇ بىرلا. دۇنيادىكى بىردىن بىر گۆھەردۇر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- Z2 w  ^- S& O( c7 H4 @3 P9 ?9 Q' I/ l

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 S5 Z; e# q$ N6 Q5 N6 f$ ~2 s
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" n) \3 S" _4 X2 c5 h" r/ p

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەيكەل، بۇت ئويۇش دىنىي چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، تاش ئويمىچىلىق سەنئىتى تەدرىجى خاراپلىشىپ، زىننەت بويۇمى، ئەمگەك قوراللىرى، ھۈنەر سەنئەت قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بويۇمى ئويۇش بىلەنلا چەكلەنگەن. زىننەت بۇيوملىرى ئاساسلىقى قاشتېشى ۋە ھېقىق قاتارلىق قىممەت باھالىق تاشلار بىلەن چەكلەنگەن. بۇ خىل تاشتا بۇيۇم ئويۇدىغان ئۇستىلار «ئويمىچى» دەپ، ئادەتتىكى تاشلاردىن تۈرلۈك بۇيۇم ئويۇدىغان ئۇستىلار «تاشچى» دەپ ئاتالغان. كېيىنكى دەۋىرلەردە قاشتېشى قازغۇچىلار ۋە ئېلىپ ساتقۇچىلارمۇ «تاشچى» ئاتالغۇسى بىلەن ئاتىلىدىغان بولغان.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 O' S) p+ w4 [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& Y9 v9 H( k5 E& j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' ?" H& l6 L1 f, R% \
يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تاش قورال بۇيۇم ئويمىچىق كەسپىنى ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:

ئەمگەك قوراللىرى: قەدىمقى دەۋىرلەردە ئاساسلىق ئەمگەك قوراللىرىنىڭ كۆپ قىسمى تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ھازىرقى زامانغىچە يېتىپ كەلگەنلىرى ئاساسلىقى سوقا، سۈرمەل، ياغۇنچاق، بۇغۇس چىشى، قاڭ، ياغىچاق، بۈلەي قاترلىقلار.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" r4 A! w8 w2 N) w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# @8 c8 v# j% k- C

1. سوقا: يوغان تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ كاتەك ئويۇپ، ئىچىگە شال قۇيۇپ، سوزۇنچاق تاش بىلەن سوقۇپ شال ئاقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان قورال. تاشتىن ئويۇلغان كاتەك  چوڭقۇر، ئىچى قىسمى كەڭ، تىگى ئويمان، سىلىق ئويۇلىدۇ. كىچىك سوقلارغا سوقۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سوزۇنچاق تاشقا كۆپىنچە تەبىئى سوزۇنچاق تاش ئىشلىتىلىدۇ. كىچىك سوقا ئادەتتە ھاۋانچا ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ سوقىلارنىڭ سوقما تېشى مەخسۇس ياسىلىدۇ. ياسالغان تاشنىڭ بىر ئۇچىدىن چوڭقۇر كاتەك ئويۇپ، تىك ھالەتتە ياغاچ دەستە ئورنۇتۇپ ئۆرە تۇرۇپ سوقۇپ ئىشلىتىلىدۇ. سوقىنىڭ يەنە سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەتلەندۈرىلىدىغانلىرى بار بولۇپ، ياسىلىش ئۇسۇلى مۇنداق: ئېقىننىڭ سەل ياتۇ، سۈيى تىز ئاقىدىغان جايىنى تاللاپ، ئىككى قىرغاققا بىردىن ئىككى كۆتەك ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئۈستى قىسمىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ، چوڭ پالاق بېكىتىلگەن ئۇزۇن ياغاچ ئوقنىڭ ئىككى بۇ تۆشۈكلەردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، سۇ پالاقنى ئىتتىرسە، ئوق ئايلىنىدىغان قىلىپ تەييارلىنىدۇ. ئادەتتە پالاقنىڭ سانى تۆتتىن 8 گىچە بولىدۇ. ئېقىندىكى سۇ يۈزى چوڭقۇر بولسا، پالاق ئوققا دەستە ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ ۋە پالاق سانى كۆپەيتىلىدۇ. ئايلانما ئوقنىڭ بىر ئۇچى كۆتەك تۆشىكىدىن ئۇزۇن چىقىرىلىپ، مۇۋاپىق يىرىدىن چاسا تۆشۈك ئېچىلىپ، تۆشۈكتىن چاسا ياغاچ ئۆتكۈزۈپ مۇنتىزىملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ياغاچ «باسقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. سوقىنىڭ سوقما تېشىنىڭ بىر بېشىغا توغرىسىغا تۆشۈك ئېچىپ دەستە بېكىتىلىدۇ ياكى دەستە توغرىسىغا باغلاپ بېكىتىلىدۇ. سوقا ئايلانما ئوقتىن سوقما تاش دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن باراۋەر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دەستىنىڭ ئايلانما ئوققا يېقىنراق جايى بىر ئاچىغا ياكى ئىككى قوزۇق ئارىسىغا ھەرىكەتچان قىلىپ ئورنىتىلىپ، دەستىنىڭ ئۇچى ئوققا بېكىتىلگەن باسقۇ ئاستىغا توغرىلىنىدۇ. ئوق ئايلانغاندىن كېيىن، باسقۇ دەستىنىڭ بېشىنى بېسىپ، سوقما تاشنى كۆتۈرىدۇ، باسقۇ سېرىلىپ پەسكە چۈشۈپ، دەستە بېشى باسقۇدىن ئايرىلغاندا، سوقما تاش پەسكە چۈشۈپ، كاتەك تاشقا قۇيۇلغان شالنى سوقىدۇ. سۇ كۈچى ئاجىزراق ئېقىنلاردا بىر ئوققا بىرلا سوقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، سۇ كۈچى كۈچلۈكرەك ئېقىنلاردا بىر ئوققا ئىككى سوقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئىككى تال باسقۇ ياغاچ مەلۇم ئارىلىق قويۇلۇپ، كىرىس شەكىللىك ئورنىتىلغاچقا، سوقىنىڭ بىرسى كۆتۈرۈلسە، بىرسى چۈشىدۇ. چوڭ ئېقىنلارغا چوڭ پالاقلىق ئۇزۇن ئوق ئۈچ كۆتەككە ئورنىتىلىپ، (ئىككى كۆتەك ئېقىن قىرغىقىغا، يەنە بىرى باسقۇ بېكىتىلىدىغان قىسمىنىڭ ئۇچىغا بېكىتىلىدۇ) 4، 6، 8 سوقا ئورنىتىلىدۇ. قارىقاش ناھىيىسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى داراسكال كەنتىدە بۇ خىل سوقا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، خوتەندە «داراسكالنىڭ سوقىسىدەك»، «داراسكالدا ئىككى سوقا، بىرسى ياتسا بىرسى قۇپا» دېگەن سۆزلەر ئىدىيومغا ئايلانغان. خەلق ناخشىلىرىدا «داراسكالنىڭ سوقىستەي داراقشىتىۋا، چوڭ چىلىمنىڭ سۈيىدەي داۋالغۇتىۋا» دېگەن مىسرالار نەقرات قىلىپ ئېيتىلىدۇ.

«سوقا» ئاتالغۇسى ئەسلى سوقما تاشقا قارىتىلغان ئاتالغۇ بولۇپ، «سوقما» سۆزىدىن فونىتىلىك ئۆزگۈرۈش ياساپ ھاسىل بولغان. سوقما تاش سوزۇنچاق بولغاچقا، ھەرقانداق سوزۇنچاق نەرسىنىڭ شەكلىنى «سوقا»، «سوقىچاق» دىيىش شۇنىڭدىن كەلگەن. كىشىلەرنىڭ كەينى تەرىپى ئۇزۇن بېشىمۇ «سوقا باش» دىيىلىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى «سوقا» لەقەملىكلەر بىرى ئەجداتلىرى سوقا ماڭدۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلار بولسا، يەنە بىرى سوقا باش كىشىلەردۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- }8 Y1 P4 I- B, r9 g
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" k; x6 B2 {4 r2 o! k/ Y

2. سۈرمەل: بۇ ئەڭ ئىپتىدائى ۋە ئىشلىتىلىش دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن يۇمشىتىش قورالى بولۇپ، ئائىلىلەردە يىرىك ئاشلىقلارنى ئىزىپ ئۇن قىلىشقا، قورۇپ پىشۇرۇلغان يىرىك ئاشلىقلارنى ئىزىپ تالقان قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ سوزۇنچاق تاشنىڭ بىر يۈزى ياي شەكلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يىرىك ئاشلىقنى ئۈستىگە يېيىلتىپ، نوغۇچسىمان تاش بېلەن سۈرۈپ يۇمشىتىلىدۇ. سۈرمەل تەبىئى سوزۇنچاق تاشتىن ياسالغاچقا، چوڭ- كىچىكلىك ئۆلچىمى بولمايدۇ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50~60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، كەڭلىكى 25~30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. سۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان نوغۇچ تاشقىمۇ تەبىئى سوزۇنچاق تاش ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( |  H9 T( K3 U1 e, Y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" H- c0 ~; ]5 a5 L& |1 ?. y

تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ۋە قەدىمىي ئىزلاردىن بۇ خىل سۈرمەل تاشلار كۆپ تېپىلغان. بولۇپمۇ كېرىيە ناھىيىسىنىڭ يۇمۇلاق قۇم قەدىمىي شەھەر خارابىسى ۋە سەتمەت قەدىمىي ئىزىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان سۈرمەل تاشلار خېلى كۆپ ۋە نىسبەتەن گەۋدىلىك. بۇ خىل سۈرمەل خەلق ئارىسىدا تاكى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىغىچە ئىشلىتىلگەن.

3. ياغۇنچاق: ياغۇنچاق – ئائىلىلەردە قول بىلەن ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى تۈگمەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئارپا، قوناقتىن ياما يېرىش، نۇقۇت، ماش، پۇرچاق قاتارلىقلاردىن تالقان چىقىرىش، زۈرۈر تېپىلغاندا بۇغداي، ئارپىدىن ئۇن تارتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ياغۇنچاق دۈگۈلەك ياسالغان ئىككى تاشتىن تۈزۈلىدۇ، بىر تاش ياغاچ قۇرۇلما ئۈستىگە مۇنتىزىم ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، بۇ «ئاستىن تاش» دىيىلىدۇ، يەنە بىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن بىر تۆشۈك، يان تەرىپىدىن بىر تۆشۈك ئېچىلىپ، يان تۆشۈككە ياغاچتىن تۇتقۇچ بېكىتىپ ئاستىن تاشنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. بۇ «ئۈستىن تاش» ياكى «تۆپە تاش» دىيىلىدۇ. ئۈستىن تاشنىڭ ئوتتۇرا تۆشىكىدىن ئىزىلىدىغان دان سېلىنىپ، تۇتقۇچ بىلەن ئۈستۈن تاشنى ئايلاندۇرۇپ ئىزىلىدۇ. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ يۇمۇلاق قۇم قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن بۇنىڭدىن 2700 يىللار بۇرۇنقى دەۋىرگە تەۋە ياغۇنچاق تېشى (ئۈستىن تاش) تېپىلغان بولۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ياغۇنچاق ئىشلىتىش تارىخنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. «ياغۇنچاق» سۆزى قەدىمىي تۈرۈك تىلى بولۇپ، يېرىش مەنىسىدىكى «يار» پېئىلىغا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «غۇن»نىڭ ئۇلۇنىشى بىلەن «يارغۇن» شەكلىدە ياسىلىپ، كىچىكلىتىش قوشۇمچىسى «چاق» نىڭ ئۇلۇنىشى بىلەن ياسالغان بولۇپ، فونىتىكىلىك ئۆزگۈرۈش ياساپ «ياغۇنچاق» بولۇپ قالغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: B/ h! f7 P& o; s' ?: \
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- a( \; q) Q$ i2 K& @+ g' a+ t

4. بۇغۇس چىشى: بۇغۇس چىشى تۆمۈرچىلىكتە سۆزلەنگەن قورال بولۇپ، تاشتىن ياسالغىنىنىڭ غەكلىمۇ تۆمۈردىن ياسالغىنى بىلەن ئوخشاش. بۇ خىل چىش نىسبەتەن يۇمشاق ۋە سىلىق تاشتىن ياسىلىدۇ. لېكىن تۆمۈر چىشقا قارىغاندا قوپالراق، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەنرەك بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) v$ x( K3 f0 _7 Z6 X6 i
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 k% _( q' l5 z+ K- P8 J/ `( ~! e

5. قاڭ: يوغان تاشنى چاسا شەكىللىك ياكى سېلىندىر شەكىللىك ياساپ، ئۆزىدىن تۇتقۇچ چىقىرىپ ياكى ياغاچتىن تۇتقۇچ ئورنۇتۇپ ياسالغان قورال بولۇپ، يەر چىڭداشقا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپىنچە قۇرۇلۇش ھۇلى، دەريا، كۆل توسمىسى، ئېرىق- ئۆستەڭ قېشى قاتارلىقلارنى چىڭداشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى ياكى تۆت ئادەم تۇتقۇچىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ، تاشلاپ ياكى يەرگە ئۇرۇپ مەشخۇلات قىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 H, K) R* F" y. M$ H  zبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- @7 ]) {/ q5 d' R

6. بىلەي: بىلەي – ئەڭ ئىپتىدائى تاش قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ، تاش قوراللار دەۋرىدە بىلەيدىن پايدىلىنىپ، باشقا تاشلارنى بىلەش ئارقىلىق تۈرلۈك تاش قوراللار ياسالغان بولسا، مىس قوراللار دەۋرى ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرىدە مېتال بۇيۇملارنى بىلەش ئارقىلىق بىس چىقىرىش، سىلىقلاش، پارقىرىتىش  مەقسىتىگە يەتكەن. بىلەي ئاساسىدا قۇم چاق بارلىققا كېلىپ، تىغلىق ئەسۋاپلارنى چاقلاشقا ئىشلىتىلىپ ئومۇملاشقان. چاقلانغان تىغلىق ئەسۋابلارنى بىلەيگە بىلەپ، قىلاتىنى ئېلىپ ئىشلىتىدۇ. بىلەي ئەلمىساقتىن ھازىرغا قەدەر تۇرمۇشىمىزدىن ئايرىلماي كېلىۋاتىدۇ. بىلەي بۈگۈنكى كۈندىمۇ تىغلىق ئەسۋاپ ئىشلىتىدىغان ھۈنەرۋەنلەر ۋە ھەممە ئائىلىلەردە بار. قەدىمىي تۈرۈك تىلىدا بىلەي «بىلەگۈ» دەپ، بىلەي تاش «نىژداغ» دەپ ئاتالغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: T! Q* t& x% N  P$ F& Tبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. _1 |' T* T5 b. l3 w. z, b

بىلەي تاغ جىنىسلىرى ئارىسىدىكى بىلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان تاشلاردىن ياسىلىدۇ. بۇ خىل تاشلار «بىلەي تاش» دەپ ئاتىلىدۇ. بىلەينىڭ شەكلى ئۇزۇنچاق چاسا بولىدۇ. يىرىك- يۇمشاقلىقى ئوخشاشمايدىغان بىر نەچچە خىل بولىدۇ. ئەڭ يىرىكلىرىنى گال تىغلارنى بىلەشكە، سەل يۇمشاقلىرىنى پىچاق قاتارلىق كىچىك تىغلىق بۇيۇملارنى بىلەشكە، ئۇنىڭدىنمۇ يۇمشاقلىرىنى تىغ بىسىنىڭ قىلاتىنى ئېلىشقا، ئەڭ يۇمشاقلىرىنى ئۇستىرىغا ئوخشاش ئۆتكۈر تىغلىق ئەسۋاپلارنىڭ قىلاتىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدۇ. تىغلارنى چاقلىغاندا، بىستا ئىنتايىن نېپىز بىرقات بىس ھاسىل بولىدۇ. بۇ «قىلات» دەپ ئاتىلىدۇ. بىستە ھاسىل بولغان قىلار بەك نېپىز ۋە يۇمشاق بولغاچقا، ئاسانلا قاتلىشىپ، بىسنىڭ ئۆتكۈرلۈكىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ. يۇمشاق بىلەي بىلەن بىلىگەندە قىلاتى چىقىپ كېتىپ، ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان بىس قالىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 V- _9 v- _$ s9 c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 r0 o* f/ q# G! N

ھازىر قۇمدىن ياسالغان قۇم چاقتىن باشقا، سۈنئى ئۇسۇلدا ياسالغان قۇم بىلەي ئومۇملىشىپ كەتكەچكە، تاش بىلەي كەمدىن- كەم تېپىلىدۇ. يەرلىك ئۇستىرا ئىشلىتىدىغان ساتىراچلار يەنىلا تاش بىلەي ئىشلىتىدۇ. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاتچان يېزىسى ئەچكىبۇلۇڭ كەنتىنىڭ شەرقىدىكى ساي (ئېقىن)دىن بىلەي تاش چىقىدىغان بولۇپ، بۇ ساي «بىلەيتنىڭ ساي» دەپ ئاتالغان. ھازىر بۇ يەردە بىلەي تاشلىرى يەنىلا مول بولسىمۇ، بۇ خىل بىلەي كۆپ ئىشلىتىلمىگەچكە، بىلەي ياسايدىغانلار يوقۇلۇپ كەتكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 i8 a+ G/ O/ `" |. Sبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ _+ n: t' }: t1 B* a8 y! x

ھۈنەر- كەسىپ سايمانلىرى: بۇرۇنقى دەۋىرلەردە، ھۈنەر- كەسىپلەردە ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلمىلارنىڭ مەلۇم زاپچىسى تاشتىن ياسىلاتتى. تىز سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇپ مەشخۇلات قىلىدىغان قۇرۇلمىلارغا تاشتىن ياسالغان چاق ئورنۇتۇپ، قۇرۇلمىنىڭ نورمال ۋە كۈچلۈك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. بۇ خىل چاقلار خوتەن شىۋىسىدە «تو چاقا» دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن تاش زاپچاس ئىشلىتىدىغان قۇرۇلمىلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. V! W: g- D" \4 U$ f4 nبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' b' ?" C3 T  @* ^: [

1. تۈگمەن تېشى: تۈگمەن – ئۇن تارتىشقا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، ياغۇنچاق ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. تۈگمەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ كەڭ ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، تەبىئى جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئاساسەن، ئايلاندۇرۇشقا شامال كۈچى ۋە سۇ كۈچى ئىشلىتىلگەن. شامالدا ئايلىنىدىغىنى «شامال تۈگمىنى»، سۇدا ئايلىنىدىغىنى «سۇ تۈگمىنى» دەپ ئاتالغان. رايۇنىمىزدا سۇ كۈچى بايلىقى شامال كۈچى بايلىقىغا قارىغاندا كۆپ، ئېقىلارنىڭ ئوكلونى يوقۇرى بولۇشتەك تەبىئى ئەۋزەللىككە ئېگە بولغاچقا، سۇ تۈگمىنى كەڭ ئومۇملاشقان. تۈگمەن قەدىمىي تۈرۈك تىلىدا «تەگۈرمەن» دەپ ئاتالغان.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 ^+ R: g. ~: W* b; Z

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& `6 ?9 P% P) I2 v

تۈگمەن كىچىك ئېقىنلارنىڭ پەس جايىغا (سۇ دۆڭدىن ئېقىن چۈشۈدىغان جايىغا) قۇرۇلىدۇ ياكى ئېقىن سۇ ئىگىز دۆڭگە باشلاپ چىقىلىپ، دۆڭدىن چوڭقۇر جايغا ئېقىتىپ چۈشۈرگەن يەرگە قۇرۇلىدۇ. دۆڭدىن پەسكە قارىتىپ قوغاش ئورنۇتۇپ، سۇ قوغاش بىلەن ئېقىتىلىپ، سۇنىڭ كۈچى بىلەن ئايلاندۇرىلىدۇ. تۈگمەن ياغۇنچاققا ئوخشاش ئىككى يوغان دۈگۈلەك تاشتىن ياسىلىدۇ. ئوتتۇرۇسىدىن تۆشۈك ئېچىلغان ئاستىن تاش ياغاچ قۇرۇلمىغا مۇنتىزىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قۇرۇلما ئاستىغا چىلان ياغىچى ياكى ئۈرۈك ياغىچىدىن ياسالغان چاق پىلەك ئورنۇتۇپ، چاق پىلەكنىڭ ئوقىنىڭ بىر ئۇچى ئۇچلۇنۇپ، ئاستىن تاشنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئوقنىڭ ئۇچىغا تۆمۈر ياكى ياغاچتىن ياسالغان چىشلىق توغرىسىغا ئورنىتىلىدۇ. ئۈستىن تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىرلا تۆشۈك ئېچىلىپ، تۆشۈكنىڭ تىگى تەرىپى چىشلىق چۈشىدىغان قىلىپ قىنىلىدۇ. ئۈستۈ تاش چاق پىلەك ئوقىنىڭ ئۈستىگە مىندۈرۈلۈپ، چىشلىق قىناققا پاتۇرۇلىدۇ. سۇ قويۇپ بىرىلگەندىن كېيىن، چاق پىلەك سۇنىڭ كۈچى بىلەن ئايلىنىپ، ئۈستىن تاشنى ئايلاندۇرىدۇ. تۈگمەندە تۈرلۈك دانلىق زىرائەتلەردىن ئۇن تارتىشقا ۋە يارما يېرىشقا بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 r+ y, @% A& q8 ^  K0 aبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ P1 b1 R8 D' B/ ^

2. جۇۋاز تېشى: جۇۋاز ئۆكۈز ئارقىلىق ئايلاندۇرۇپ ماي تارتىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، ماي ئىزىش قاچىسى تاشتىن ياسىلىدۇ. يوغان ئۇزۇنچاق تاش سىلىندىر شەكلىدە ياسالغاندىن كېيىن، ئۈستى تەرەپتىن چوڭ كاتەك ئويۇلىدۇ. كاتەك تىگىدىن بىر يانغا كىچىك تۆشۈك ئېچىلىدۇ. بۇ «جۇۋاز تېشى» دەپ ئاتىلىدۇ. جۇۋاز تېشى ياغاچتىن سۇغا شەكلىدە ياسالغان قۇرۇلما ئىچىگە مۇۋاپىق ئىگىزلىكتە مۇنتىزىم ئورۇن لاشتۇرۇلۇپ، كاتەك ئىچىگە چىلان ياغىچىدىن ياسالغان ئوق سېلىنىدۇ. ئوق بىلەن تاش ئارىسىدا مۇئەييەن بوشلۇق قالىدۇ. ئوقنىڭ كاتەككە سېلىنىدىغان بېشى كاپاباش (يوغان موللەك) بولىدۇ. يەنە بىر ئۇچى ئۇچلۇنۇپ، ئۇچىغا كاتەك ئېچىلغان ئۇزۇن ياغاچ سېلىنىدۇ. جوۋاز گەۋدىسىگە ئاچا ياغاچنىڭ ئاچا تەرىپى ھەرىكەتچان قىلىپ قىستۇرۇلۇپ، تاق ئۇچىغا ئوقنىڭ ئۇچىغا قويۇلغان ياغاچنىڭ يەنە بىر ئۇچى ئورنىتىلىدۇ ھەم تاق ئۇچى تەرەپكە چوڭ تاشلارنى ئېلىپ قويۇپ، ئوقنى يانغا قىستاپ باسىدۇ. بۇ ئۇچىغا مۇناسىپ قۇرۇلمىلار ئارقىلىق ئۆكۈز قوشۇلىدۇ. كاتەككە مايلىقدان سېلىنىپ، ئۆكۈزنى ھەيدىگەندە، ئۆكۈز ئاچىنى سۆرەپ مېڭىپ، ئېغىر بېسىم چۈشكەن ئوقنى ئايلاندۇرىدۇ- دە، مايلىقدان ئىزىلىپ ماي چىقىدۇ. ماي جۇۋاز تېشىنىڭ تىگىدىن قويۇلغان كىچىك تۆشۈكتىن ئېقىپ چىقىدۇ. بۇ تۆشۈككە ئىنچىكە نوكاچ ئورنۇتۇپ، نوكاچ ئۇچىغا قاپاق ياكى باشقا قاچا ئېسىپ قويۇلىدۇ. جۇۋازدا ماي تارتىش سۈرئىتى ئاستا، ئەمگەك سىجىلغانلىقى يوقۇرى، مەھسۇلات مىقتارى ئاز بولسىمۇ، ماي سۈپۈتى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% K% r( o  }4 {" m) [

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 s  V; V7 {4 B! K* G

3. ياغىچاق: بورا توقۇش كەسپىدە قۇمۇش ئىزىشكە ئىشلىتىلىدىغان سايمان بولۇپ، بىر تەرىپى تىلىپ تەييارلانغان قومۇچنى ئىزىپ، ئىككى تاك چوكا ياغاچ بىلەن سىرىپ يېيىپ تەييارلاپ بورا توقۇلىدۇ. ياغىچاق ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، سېلىندىر شەكىللىك ياسالغان تاشنىڭ ئىككى بېشىدىن تۆشۈك ئېچىپ، ياغاچتىن دەستە ئورنۇتۇپ، ئاچا ياغاچ ياكى ئىككى تال ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچىدىن تۆشۈك ئېھىپ، دەستىگە ئۆتكۈزۈپ، تاشنى ئىتتىرىش، تارتىش ئارقىلىك دومىلىتىپ ئىزىلىدۇ؛ يەنە بىرى يارغۇنچاق تېشىغا ئوخشاش دۈگۈلەك ياسالغان تاشنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تۆشۈك ئېچىپ، ياغاچتىن ئۇزۇن دەستە بېكىتىپ، دەستە ئارقىلىق تاشنى كۆتۈرۈپ قويۇپ بىرىش ئارقىلىق ئىزىلىدۇ. «ياغىچاق» سۆزى يېرىش مەنىسىدىكى «يار» پېئىلىغا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «غۇ»نىڭ ئۇلۇنىشى بىلەن «يارغۇ» شەكلىدە ياسىلىپ، كىچىكلىتىش قوشۇمچىسى «چاق»نىڭ ئۇلۇنىشى بىلەن ياسالغان بولۇپ، فونىتىكىلىك ئۆزگۈرۈش ياساپ «ياغىچاق» بولۇپ قالغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 f4 I& h2 k1 c  i0 Oبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. f! K1 Q# q. X" H* C+ {

تۇرمۇش بويۇملىرى: بۇرۇنقى دەۋىرلەردە نۇرغۇن تۇرمۇش بويۇملىرى تاشتىن ياساپ ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل تاش بۇيۇملار تەدرىجى ئازلاپ كەتكەن. ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن تاشتىن ياسالغان تۇرمۇش بويۇملىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:

1. ھاۋانچا: تاش ھاۋانچا چوڭ تاش سىلىندىر شەكىللىك ياكى چاسا، ئالتە قىرلىق، 8 قىرلىق شەكىللەردە ياسىلىپ، ئۈستى يۈزىدىن كاتەك ئويۇپ ياسىلىدۇ. سوقما تاشقا تەبىئى سوزۇنچاق تاش ئىشلىتىلىدۇ. تاش ھاۋانچا مىللى تىبابەتچىلىكتە دورا- دەرمەكلەرنى سوقۇشقا ئىشلىتىلىپلا قالماي، كۈندىلىك تۇرمۇشتا چايلىق، قىيمىلىق دورا- دەرمەك سوقۇش، ياڭاق مېغىزى، بادام مېغىزى سوقۇپ، چاي سۈتلەپ ئىچىش، بوۋاقلارغا نان سوقۇش، قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن ياڭاق مېغىزىنى سوقۇپ سوقماق ياساپ يىيىش … قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 X" u* f4 ^' G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" Y2 q( b4 N, k- ~7 X- a# z

2. جىنچىراق: كىچىك سوزۇنچاق تاشنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن ماي قۇيۇلىدىغان كاتەك ئويۇلۇپ، كاتەكنىڭ بىر تەرىپىدىن ئۇچلۇق ياكى ئۇچلانغان ئۇچىغا قاتىرىپ كىچىك ئېرىقچا ئويۇلىدۇ. تىگى تەكشىلىنىپ، مۇنتىزىم تۇرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. كاتەككە زىرائەت مېيى قۇيۇپ، پاختىدىن پىلىك ئېشىپ سېلىپ، پىلىكنىڭ بىر ئۇچى ئويۇلغان ئېرىقچا ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىپ ئوت يېقىلىدۇ. بۇ جىن چىراقنىڭ ئەڭ ئاددىسى ھېسابلىنىدۇ. سىپتا ئىشلەنگەنلىرىگە ئالدىغا تۇمشۇق (پىلىك چىقىرىش ئېغىزى)، كەينىگە تۇتقۇچ چىقىرىپ، ئەتراپىنى نەقىشلەپ ياسىلىدۇ. چىپتىلىرى كۆپىنچە قاشتېشىدىن ئويۇلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 X9 T5 [1 {" S/ l" [بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& A/ y7 I& g1 V5 T( F5 L

3. كاتەك تېشى: كاتەك تېشى مۇزا، بوزۇغا، ئىگىر قاتارلىق دورىلارنىڭ سۈرۈپ ئىزىپ، كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان سايمان بولۇپ، يىرىك تاشتىن ياسىلىدۇ. كىچىكرەك تاش دۈگۈلەك ياكى چاسا شەكىللىك ياسىلىپ، ئۈستىگە كاتەك ئويۇلىدۇ. سۈرۈلىدىغان دورىغا ئاساسەن، بىرقانچە ئارا قىلىپ ئويۇلغانلىرىمۇ بولىدۇ. دوسا سۈرۈشتە كاتەككە مۇۋاپىق مىقدارسا سۇ قۇيۇلۇپ، دورا تاشقا سۈرۈلىدۇ. ئادەتتىكى ئائىلىلەر كۆپىنچە تەبىئى كاتىكى بار تاشلارنى تېپىپ ئىشلىتىدۇ. بوۋاقلارنى ئۇۋىلاش رايۇنىمىزدا كەڭ ئومۇملاشقان ئادەت بولغاچقا، ھەممە ئائىلىدە ئاساسەن بىردىن كاتەك تېشى بولىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 N3 C* m6 m' E. u

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" h0 P# A! V# ~% J

قۇرۇلۇش ماتېرىيالى: يوقارقىلاردىن باشقا يەنە ۋادەكلەپ ئۆي سېلىشتا، بولۇپمۇ زەيكەش يەرلەرگە ئۆي سالغاندا، تۈۋرۈك تىگىنىڭ چىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، تاشنى سىلىندىر شەكىللىك ياساپ، ئۈستى تەرىپىدىن چوڭ كاتەك ئويۇپ، تۈۋرۈك ئورنىتىلىدىغان جايغا يەر يۈزى بىلەن تەڭ ياكى ئېگىزرەك كۆمۈپ، كاتىكىگە تۈۋرۈكنىڭ تىگىنى كەپلەپ بېكىتىپ سالىدۇ. بۇ خىل تاش «كۆتەك تاش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاشتىن زىندىپاي ياساپ قويۇلىدۇ، تاش چاسا شەكىللىك ياسىلىپ، پەلەمپەي ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن سېمونتنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى بىلەن بۇ خىل ماتېرىياللار ئىشلىتىلمەيدىغان بولدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 D  N: O  f6 X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# s& a  H" N, [) f

پايدىلانمىلار:

1.       مەھمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.

2.       ياڭ بودا «قەدىمقى قاشتېشى تارىخى تەتقىقاتى»، «قەدىمى جۇڭگۇ قاشتېشى مەدەنىيىتى» زىجىنچېڭ نەشرىياتى 1998- يىلى خەنزۇچە نەشرى.

3.       ياڭ بودا قاتارلىقلار «قاشتېشى تېپىلما بۇيۇملارنى بىكىتىش ۋە تەتقىقات» زىجىنچېڭ نەشرىياتى 2001- يىلى خەنزۇچە نەشرى.

4.       ياڭ بودا قاتارلىقلار «جۇڭگۇ قاشتېشى مەدەنىيىتى قاشتېشى ئىلمى نەزەرىيەسى» زىجىنچېڭ نەشرىياتى 2002- يىلى خەنزۇچە نەشرى.

5.       تاڭ يەنلىڭ، چېن باۋجاڭ، جىياڭ رېنخۇا قاتارلىقلار تۈگەن «جۇڭگۇ خوتەن قاشتېشى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، تەيۋەن يەرشارى نەشرىياتى 1994- يىلى خەنزۇچە نەشرى.

(ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىدا)

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 \  k8 p& c; P

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 05:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەردە ‹‹تاش بازىرى كوچىسى›› دەيدىغان بىر كوچا بار، چوڭ دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، بۇ كوچىدا تۈگمەن تېشى، خامان تېشى، جۇۋاز تېشى، ياغۇنچاق، بىلەي تاش  دىگەندەك تاش بويۇملىرى سېتىلىدىكەن. ھازىر  بۇ كەسپكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار قالمىغان بولسىمۇ، ھەرھالدا كوچىنىڭ قۇرۇق نامىلا قالدى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 05:33 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! i4 V6 J- y4 {

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. w' b! d3 Q: M; j) J

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 05:45:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك ۋاقتىمدا داداملارنىڭ ئۆيىدە قىلىنلىقى يىگىرمە سانتىمىتىر،ئۇزۇنلىقى 60سانتىمىتىر كىلىدىغان بىر تاش بۇلىدىغان ، ئاپاملار چەيدۇ، پىچاقلارنى شۇ تاشقا سۆركەپ ئىشلىتەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3503
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 06:53:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 05:28 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 t9 d  k- |1 e+ ^2 c0 S
قەشقەردە ‹‹تاش بازىرى كوچىسى›› دەيدىغان بىر كوچا بار،  ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 s- e% v( f9 {  P
ئەسلى  مۇنداقكەندە   ..     مەن    ئاشۇ  كوچىنىڭ  ئالدىدىن     ھەر  ئۆتكۈنۈمدە      نىمىشقا  مۇشتاق   ئاتايدىغاندۇ؟    دەپ    قالاتتىم                              ..                ئەمدى  بىلىۋالدىم    .  رەھمەت   سىزگە

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103087
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2014-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 01:02:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا تاشلارنىمۇ قويۇپ تۇرايلى شەخسەن  مۇشۇ بىلەينىمۇ ھازىرقى باللىرىمىز بىلمەيدۇ ..قاشتىشىنىغۇ بىلىدىكەن ئەمدى ..ھەقىقەتەن ياخشى ماتىريالكەن رەھمەت !

[/cئۆلۈم يېتەرلىك نەسىھەت!!!olor]
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش