مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1116|ئىنكاس: 0

ج خ ئورگانلىرى قالايمىقان پىتنە-پاسات تارق  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالدىڭغا قاراپ ماڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5855
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8557
تۆھپە نۇمۇرى: 425
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2014-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-1 12:37:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          ئاسىيا كىندىكى تورى مۇخبىرىنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ
ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى
يانفۇندىن پايدىلىنىپ، قەستەن زىيانلىق قىسقا  ئۇچۇر ئويدۇرغان ۋە تارقاتقان بىر تۈركۈم دىلونى
ئارقا-ئارقىدىن پاش قىلغان. ئاممىنىڭ پاش قىلىشىچە: بەزى كىشىلەر يانفۇن ئارقىلىق ئاپتونۇم
رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرگە تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا چېتىشلىق ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىرى
كۆرسىتىدىغان يامان غەرەزلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، جەمئىيەتتە ۋەھىمە ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا
قىلىپ، جامائەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغان.
            8-ئاينىڭ 21-كۈنى مېڭ xx ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتىلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، پاكىت
ئېغىر بۇرمىلانغان ئۇچۇردىن بىرنى يېزىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە قوشنىلىرىغا
جەمئى
6 دانە يالغان ئۇچۇرنى تارقىتىپ، جامائەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغان. سانجى خۈيزۇ
ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى «ئامانلىق ساقلاش،باشقۇرۇش، جازالاش قانۇنى»نىڭ
25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ كىشىگە 7 كۈن مەمۇرى جەھەتتىن قاماپ قويۇش
جازاسى بەرگەن.
          8-ئاينىڭ 20-كۈنى لى xx ئاپتونۇم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئېلان قىلغان ئاقسۇدىكى
پارتىلاش
ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئۇچۇر مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىرى
يەتكۈزىدىغان، پاكىتتىن چەتنەپ كەتكەن پىتنە-پاسات سۆزلەرنى توقۇپ تارقىتىپ، ئامما
ئارىسىدا مۇئەييەن ۋەھىە پەيدا قىلغان،  سانجى خۈيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى
«ئامانلىق ساقلاش،باشقۇرۇش، جازالاش قانۇنى»
نىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ كىشىگە 4 كۈن مەمۇرى جەھەتتىن قاماپ
قويۇش جازاسى بەرگەن.
          8-ئاينىڭ 12-كۈنى، لو xx يانفۇن بىلەن شىخەنزىدىكى ساۋاقدىشى تىيەن xxغا
مۇقىملىققا چېتىلىدىغان پىتنە-پاسات ئۇچۇر يوللىغان، ئۇنىڭ قىلمىشى يېنىك ھەم جەمئىيەتتە
ئېغىر تەسىرى بولمىغان بولغاچقا قاتتىق تەنقىتلەش ۋە تەكشۈرۈشنامە يازدۇرۇشتەك ئۇسۇللار
بىلەن جازالىغان.
          جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاممىدىن شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى: پىتنە-پاسات
سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك ۋە ئويدۇرۇپ تارقاتماسلىق، نۆۋەتتىكى مۇقىم، ئىناق، تېنچ بولغان
ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىئورتاق قوغداش كېرەك. ناۋادا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان
  ئۇچۇرلارنى قەستەن ئويدۇرۇپ تارقاتقانلارنى سېزىپ قالغان ھامان شۇ جايدىكى ج خ
110 تېلىفۇن نۇمۇرىنى ئېلىپ ئۆز ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلىش كېرەك.....

مەنبە : http://news.qq.com/a/20100831/00 ... G=CLIENT.QQ.3007_.0


شۇنچىلىك ئۇرۇندۇم يالۋۇردۇم ئەمما ،
ھېچ مەقبۇل بولمىدى شۇ ئاددىي تەلەپ!
كۈتكىنىم بىر ئىللىق تەبەسسۇم ئىدى ،
ئالەمچە نەپرەتكە ئېرىشتىم ئەجەپ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش