س س م ب باش ئىدارىسى:كارخانا يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتى توختىتىلدى
پولات تەرجىمىسى
شىنخۇا تورى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:
جوڭگو سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە،بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ،تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرگەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ،پاي چەكلىك شىركىتى،خۇسۇسى شىركەت قانۇنى ئىگە،شېرىك كارخانا،شەخىسى مەبلەغ سالغان كارخانا ۋە ئۇلارنىڭ تارماق شىركەتلىرى ،چەتئەل شىركەتلىرى ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈش خىزمىتى توختىتىلىدىكەن.
شۇ كۈنى ،جوڭگو سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىركەتلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە مۇنداق دېگەن، جوڭگو گوۋۇيۇەن ئېلان قىلغان «مەبلەغنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى ئىسلاھ قىلىش لاھىيسى»دە ئوتتۇرغا قويۇلغان « شىركەتلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈش تۈزۈمى شىركەتلەرنىڭ يىللىق دوكىلات قىلىپ ئاشكارلاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ» دېگەن مەزمۇن تەلىپى بويىچە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ،تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرگەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ،پاي چەكلىك شىركىتى،خۇسۇسى شىركەت قانۇنى ئىگە،شېرىك كارخانا،شەخىسى مەبلەغ سالغان كارخانا ۋە ئۇلارنىڭ تارماق شىركەتلىرى ،چەتئەل شىركەتلىرى ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى توختىتىش قارار قىلىندى.
باش ئىدارە ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىلىرىدىن گوۋۇيۇەن ئېلان قىلغان «مەبلەغنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى ئىسلاھ قىلىش لاھىيسى»نىڭ تەلىپى بويىچە، شىركەتلەرنىڭ يىللىق دوكىلات قىلىپ ئاشكارلاش تۈزۈمى قاتارلىق يېڭى تۈزۈملەرنىڭ يولغا قويۇلۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.شىركەتلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈش تۈزۈمى شىركەتلەرنىڭ يىللىق دوكىلات قىلىپ ئاشكارلاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە يېڭى تۈزۈمنىڭ ئەھمىيتى جەمئىيەتكە كەڭ تۈردە ئاشكارە تەشۋىق قىلىنىدىكەن.ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ،نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شىركەت تىزىملىتىش قانۇن -تۈزۈملىرىگە خىلاپ ھەر خىل قىلمىشلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ جازالاپ،نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكىسيىسنى ھەقىقى ئادا قىلىدىكەن.
بۇلتۇر 12-ئايدا يەككە سودا-سانائەتچىلەر(يەككە تىجارەتچى)تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈش خىزمىتنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بارلىق تىجارەت كىنىشكىسى يىللىق تەكشۈرتۈش خىزمىتى توختىلىدۇ،ئورنىغا يىللىق دوكىلات قىلىش ئاشكارلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
مەنبە:
http://china.haiwainet.cn/n/2014/0219/c345646-20300172.html
سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز ئۈندىدار سۇپىسى-SL-12315 نى قوشۇۋېلىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polatbay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 02:11 AM