ئانا تىل كۈنىدە ئانا تىل ساھىبلىرىغا ئىككى كەلىمە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 @8 g% \6 Z; r" S" u
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ئانا تىل كۈنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن (ئېسىڭىزدە بولسۇن بايرام ئەمەس، ئانا تىل كۈنى). كەلمىنە ئوغلان ئۇزۇندىن بۇيان ئانا تىل ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن ئازراق پىكىرلىشىش ئىستىكىدە بولغان بولساممۇ، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئىمكان بولمىغانىدى. مانا بۈگۈن ھەرقايسىڭلار بىلەن دىدارلىشىشقا پۇرسەت بوپتۇ. ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە ھىممىتى يار بولسۇن. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم تۆۋەندە مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساھىبى بولغان كەڭ قېرىنداشلار بىلەن ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدىكى بەزى قاراشلىرىم ھەققىدە ئورتاقلاشماقچى.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئۇزۇنيىللار داۋامىدا نۇرغۇنلىغان ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق سىستېمىلىق ھالەتكە كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، سودا-سېتىق، كىشىلىك ئالاقە......قاتارلىق ئىشلىرىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلدى. ئۇيغۇر تىلىمىز ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا كۈنسېرى بېيىدى، مۇكەممەللەشتى، زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىلدە تىل ئۆگىنىشقىزغىنلىقى، باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي سەۋەبلەر نەتىجىسىدە تىللار ئوتتۇرىسىدارىقابەت باشلاندى، ئۇيغۇر تىلىمۇ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇ خىل ئەھۋالتىلىمىزنىڭ شالغۇتلىشىش، تىلىمىزدا غەلىتە ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ياشلىرىمىزدا ئانا تىل سەگەكلىكى باشلاندى. تورلاردا، تېلېفونلاردا ئانا تىلدا سۆزلەش، ئانا تىلنى قوغداش چاقىرىقى بارلىققا كەلدى. ئاناتىلنى بۇزۇپ سۆزلىشىشىدىغان ئەھۋال كۈچلۈك مەسخىرە قىلىنىپ، ساپ ئانا تىلداسۆزلەش، ئانا تىلنى قوغداش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇزۇلۇشلار،غەلىتە ھادىسىلەر ئوڭشالدىمۇ؟ ياق، ئەكسىچە بۇنداق ئەھۋاللار يەنىمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ:
ئالدى بىلەن، شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ئانا تىلنى ئاسراش، قوغداش پەقەت شۇئارغىلا ئايلىنىپ قالدى. دېگىنىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز بولدى. بۈگۈن ئانا تىلنى بۇزمايلى دېگەن ئادەمگە ئەتىسى قارىسا ئاغزىدا ئەبجەش سۆزلەر. سىز باشقىلارغا ئانا تىلنى قوغداڭ دېيشىتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىز ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيىتىڭىزدە كۆرسەتسىڭىز، باشقىلار سىزنىڭ گېپىڭىزگە قارىغاندا ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىزدىن تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە ئالىدۇ ئەمەسمۇ.
يەنە بىر سەۋەبى، ئانا تىلنى قوغداش شۇئارى نوقۇل ئۇيغۇر تىلىنى بۇزماي سۆزلەشكىلا قارىتىلدى. ئانا تىلنى قوغداش پەقەت ساپ ھالەتتە سۆزلەش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ. ئانا تىلنى ئۆگىنىش، ئۇنى پىششىق بىلىش، ئۇنى تەتقىق قىلىشمۇ ئانا تىلنى سۆيگەنلىكنىڭ، ئۇنى قوغدىغانلىقنىڭ جانلىق بەلگىسى. قارايدىغان بولساق، ھازىر ئانا تىلنى قوغدايلى دېگەن ئاشۇ بىر جۈملە خەتنىمۇ ئۇيغۇرچە توغرا يازمايدىغان، يازالمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد بولماقتا. ئۆزىمىز قىلالماي تۇرۇپ باشقىلارغا ئانا تىلنى قوغدايلى، تىلنى بۇزمايلى، ئاسرايلى، دەپ شۇئار توۋلاۋاتىمىز. ھەتتا ساپ ئانا تىلدا سۆزلەيدىغان، ئانا تىلنى قوغداۋاتىمەن دەپ ئۆزىدىن پەخىرلىنىۋاتقانلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە توغرا يازالمايدىغان كىشىلەرمۇ خېلى بار. ئۇيغۇرچە خەتنى توغرا يازمايدىغان ئەھۋاللار ھەتتا تېلېۋېزىيە ئېكرانلىرىدىمۇ كۆرۈلمەكتە. تور بەتلەردىغۇ دائىملا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: مۇشۇ مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى تىزىملىكتە «دىتال» دېگەن بىر خەت بار، بۇ سۆز ئەسلىدە «دېتال»قىلىپ يېزىلىشى كېرەك. (ئۇنىڭدىن باشقا خاتالىقلارمۇ بار ئىكەن، بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمىدىم). شۇڭا ئانا تىلنى ھەقىقىي سۆيسىڭىز قۇرۇق شۇئار توۋلاپ ئولتۇرماي، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ، ئانا تىلنى ئۆگىنىڭ، ئۇنى ھەممە ئادەمدىن پىششىق بىلىشكە تىرىشىڭ. ئۇنى تەتقىق قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز باشقىلارمۇ سىزدىن ئۆگىنىدۇ. ئەۋلادلىرىڭىزغىمۇ مەكتەپكە تايانماي تۇرۇپ ئانا تىلنى ئۆگىتەلەيسىز. ئانا تىل شۇندىلا سىز ئارقىلىق (ھەر بىرىمىز ئارقىلىق) كېيىنكىلەرگە ئۇلىشىدۇ. داۋاملىشىدۇ. يوقالمايدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئانا تىلنى قوللاش ناھايىتى كەمچىل. بۇنداق دېسەم قوللاۋاتىمىز، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بېلەت تاشلاپ مىكروسوفتنىڭ يانفونىغا ئۇيغۇرچە تىل قوشۇش ئىلتىماسىنى بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكۈزدۇق دېيىشىڭلار مۇمكىن. شۇنداق، قوللاش بار، ئەمما ناھايىتى ئاجىز. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇنۇ سۆزىنى قىستۇرۇپ ئۆتەي: «ئانا تىلنى قوغدايمەن دەيسىز، ئۇنداقتا ئانا تىلدا نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلاردىن نەچچىنى سېتىۋالدىڭىز؟ كىتابقا بازار بولسا، يازغۇچىغا بازار بولىدۇ، يازغۇچىغا بازار بولدى دېگەن گەپ ئانا تىلغا بازار بولدى دېگەن گەپ». شۇنداق، بىز ئومۇميۈزلۈك كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرمىگەن خەق. بىر ئۇيغۇرچە يېڭى كىتاب ئادەتتە 3000 تراژدا نەشر قىلىنىدۇ. بۇنچىلىك كىتاب 10 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ كېتىشى كېرەك. ئەمما كىتابخانىلارغا قارىساق 3000 تراژدىكى كىتاب تېز سېتىلسا بىر يىلدا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. بەزىدە ھەتتا 3-4 يىلدىمۇ سېتىلىپ بولالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. تېلېفونلىرىڭىزغا ئايدا بىرەر يۈز يۈەن خەجلەيسىز. ھەتتا بەزىلەرنىڭ سۆزلىشىش ھەققى 200-300 يۈەنگە يېتىدۇ. تېلېفونلارمۇ بىر بىرىدىن ئېسىل. ئەمما خېلى كۆپ ئادەمنىڭ يېنىدىن بىرەر پارچە كىتاب چىقمىغىمۇ تەس. بىزدە ئەڭ قىممەت بىر قىسىملىق كىتاب 50 يۈەن ئەتراپىدا. سىز بىر ئايلىق خىراجىتىڭىزدىن 50 يۈەن پۇلنى تامامەن تېجەپ قالالايسىز. ئايدا ھېچ بولمسىا بىر پارچە كىتاب ئېلىپ قويسىڭىز، يىلدا 12پارچە كىتاب بولىدۇ. 5 يىلدا 60 پارچە كىتاب يىغىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىز پايدىلىنىسىز،باشقىلار پايدىلىنىدۇ. پەرزەنتلىرىڭىز ئانا تىلدىكى كىتابنى ئائىلىڭىزدە قىينالمايلا ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇيالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىڭىزدە ئانا تىلنىڭ ئىناۋىتى ئۆسىدۇ. سىزدىن باشقىلار ئۈلگە ئالىدۇ، ئاخىرىدا بۇ ئەۋج ئېلىپ ئانا تىلنى ئاسراستىكى، قوغداشتىكى بىر خىل «مودا» غا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانا تىلدىكى كىتابلارمۇ كۆپلەپ نەشر قىلىنىدۇ. پەن-تېخنىكا كىتابلىرىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىپ، ئانا تىلدىكى كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائي پەن كىتابلىرىلا بولۇشتەك بوشلۇقلارمۇ تولدۇرۇلۇشى مۇمكىن. قاراڭ، بۇ ئاغزىمىزىن كۆپۈك چاچرىتىپ شۇئار توۋلىغاندىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ.
تۆتىنچىسى، ئانا تىلنى جانلىق ئىشلەتمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونومىيە قانۇنىلا بولىدىكەن خەنزۇتىلى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىنى تەڭ ئىشلىتىش ئەركىنلىكى بار. ئەڭ ئاددىي مىسالى: بانكا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ئورۇنلاردا ئىش بېجىرگەندە قولىمىزغا ئىمزا قويىدىغان تالون چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ تالونلارغا تامامەن ئۇيغۇرچە ئىمزا قويۇش ئەركىنلىكىمىز بار. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرچە ئىمزا قويۇشتىن قورقىدۇ. ئۇيغۇرچىنى بىلسىمۇ ئۇيغۇرچە ئىمزا قويمايدۇ. بۇ ئىمزا پەقەت بىزنىڭ شۇ تالوندىكى سالاھىيىتىمىز. ئۇنى ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش-ئوقۇيالماسلىقى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئەمما ئۇنى ئۇيغۇرچە قويۇش باشقىلارغىمۇ، ئۆزىمىزگىمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ قەدرىنى بىلدۈرىدۇ. مەن بىر كۈنى دوستۇمغا پۇل سېلىپ بەرگىلى پوچتا بانكىسىغا كىردىم. مەشغۇلاتچى خادىم ئۇيغۇر ئايال ئىكەن، پۇلنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ تالون ئۇرۇپ ئۇنى ماڭا سۇنۇپ ئىمزا قويۇشۇمنى ئېيتتى، مەن خەنزۇچە ئىمزا قويدۇم. (مەكتەپتە دائىملا خەنزۇچە خەت يېزىپ كۆنۈپ قالغاچقىمۇ، ئۆزەممۇ بىلمەيلاخەنزۇچە قويۇپ قويۇپتىمەن) ئۇ ئايال تالوننى كۆرۈپ يىرتىۋېتىپ باشقىدىن ئۇرۇپ چىقىرىپ، ماڭا سۇندى ۋە ئىسمىڭىزنى ئۇيغۇرچە يېزىڭ دېدى. مەن ھەم ھەيران قالدىم ھەم ئۆزۈمدىن خىجىل بولدۇم ھەم ئۇ ئايالدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم.
گېپىمنى خۇلاسىلىسەم، مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئانا تىلنى سۆيۈش ھېسياتىنى ئىنكار قىلمايمەن. ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك«گېپى بولدى، ئېپى بولمىدى»غا خاتىمە بەرمىسەك بولمايدۇ. ئانا تىلنى شۇئار ئارقىلىق قوغدىمىساقمۇ، ھازىر ئانا تىلىمىزنى قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى مېنىڭچە ھەممىمىز تونۇپ يەتتۇق. پەقەت شۇ تونۇشنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالىساق، ئانا تىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى ھەرگىز يوقالمايدۇ. ئىشىنىڭكى، ئۇيغۇر بولىدىكەن، ئۇيغۇر تىلى يوقالمايدۇ.
تەۋسىيەرىم: ئۇيغۇرچىنى توغرا يازالمايدىغان تورداشلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، بولۇپمۇ، «ئې» غا ئاجىزلىشىدىغان ياكى «ئې» قىلىپ يېزىلىدىغان ھەرپنى «ئى» قىلىپ يېزىپ قويىدىغانلار بەك كۆپ ئىكەن. ئەگەر ئانا تىلنى ھەقىقىي سۆيسىڭىز ئىشنى ئانا تىل بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلاڭ. مانا بۇ ئادرېستىكىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى. توغرا يازالمايدىغانلار ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىپ قويۇڭلار:
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى
قوشۇمچە قىلىپ قويسام، بۈگۈن ئانا تىل كۈنىنى كىتاب بىلەن تەبرىكلىگەن ئادەمدىن قانچىسى بار؟ قېنى راستچىللىق بىلەن تۆۋەندە ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىپ بېقىڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) i; f0 C5 _+ d5 v
قەلەمدە: ئوغلان530
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! v5 \0 [& ]4 v( {' P' S
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوغلان530 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-21 07:58 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* [5 G0 m% W; M* Y7 w: Xبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* {- ^2 f1 s. m" Y& I0 B