مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4580|ئىنكاس: 14

دېھقانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش كىتابى چىقارغان بوۋاي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32897
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12089 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 06:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
133126899_13927871202851n.jpg

ئىسھاق يارى ئۆزى تۈزگەن 5-پارچە كىتاب − ‹‹مۇچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى›› نىڭ ئورىگىنالىنى رەتلىمەكتە

    نەچچە ئون يىل كۆكتاتچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ پېنسىيەگە چىققان بىر ئۇيغۇر بوۋاي 17 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، شىنجاڭ كۆكتاتلىرىنى ئۆستۈرۈش (يېتىشتۈرۈش) جەھەتتە بەش پارچە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى يېزىپ ، نۆۋەتتە تۆتىنى نەشىردىن چىقاردى ، كىتابلارنىڭ شىنجاڭدىكى تىراژى (تارقىتىلىش مىقدارى) 20 مىڭدىن ئاشتى .

    شىنجاڭ كورلا شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق كوچىسى ‹‹نەشپۈت چېچىكى›› مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 77 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان كادىر ئىسھاق يارى كۆكتات بىلەن بىر ئۆمۈر ھەپىلەشتى ، ئۇنى ئەڭ كۆپ تونۇيدىغىنى بايىنغولىن دېھقانلىرى . 1960-يىلى، ئىسھاق يارى شىنجاڭ قومۇلدىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق تېخنىكىسى پونكىتىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى ، ئۇ كۆكتاتلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇش ئىلمىي تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى بولغان ، دېھقانچلىق تېخنىكىسى كەسپىي خادىمى بولغان . نەچچە ئون يىلدا ، ئۇ بايىنغولىننىڭ سەككىز ناھىيە بىر شەھىرىدىكى ھەر بىر پارچە كۆكتاتلىقنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقتى ، سانسىز قېتىم يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدىن دەرس سۆزلىدى ، نەگىلا بارسا ، دېھقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تونۇيتتى ، ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن ‹‹كۆكتات مۇتەخەسسىسى›› دەپ چاقىراتتى .

    خىزمەت مەزگىلىدە ، ئىسھاق يارى ئىزچىل كۆكتات ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلدۇردى ، 1989-يىلى بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، 1992-يىلى يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1997-يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ، ئىسھاق يارى ئىلگىرى توپلىغان كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى تەجرىبىلىرىنى توپلاپ ، دېھقانلارنىڭ ئەڭ جىددىي ئېھتىياجىنى چۈشىنىپ ، ئىلگىرى-كېيىن ‹‹كۈن نۇرىدا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى››، ‹‹يۇقىرى ھوسۇللۇق پەمىدۇر ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ››، ‹‹ئامېرىكا كاۋىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر››، ‹‹تەرخەمەك ئۆستۈرۈشتىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ›› قاتارلىق تۆت پارچە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابى تۈزۈپ چىقىپ ، شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلۈش دائىرىسى كەڭرەك كۆكتاتلارنىڭ پارنىك تېخنىكىسى ۋە پەمىدۇر ، ئامېرىكا كاۋىسى ، تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتات سورتلىرىنى ئۆستۈرۈش ، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى ئەتراپلىق تونۇشتۇردى.

    ئۇ يازغان كىتابلار ئاممىباب ، چۈشىنىشلىك ، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن بولغاچقا ، دېھقانلار بىر قاراپلا چۈشىنەلەيدۇ ، ئوقۇسىلا ئۆگىنىۋالالايدۇ . كىتاب تۈزۈش ئۈچۈن ، ئىسھاق يارى ھەر قېتىم ئېتىز-ئېرىقلارغا بارغاندا ، بىر قانچە يۈز پارچە سۈرەت تارتقان ، يەرلىك دېھقانلاردىن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن ھەم تۇپراقنىڭ تېمپېراتۇرىسى ، نەملىكى ، ھارارىتى قاتارلىق شارائىتلارنى ئۆلچىگەن . مۇشۇ يىللاردا ئۇ شەخسەن ئۆزى شىنجاڭنىڭ بايىنغولىن ، تۇرپان ، قەشقەر ، خوتەن ، يەكەن قاتارلىق نەچچە ئون ۋىلايەت (ئوبلاست) ۋە ناھىيە (شەھەر) سىگە بېرىپ نەق مەيدان ماتېرىيالى توپلىغان ، كۆپ مىقداردا 1-قول ماتېرىيال توپلاپ، يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈشكە تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلغان ھەم بازار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا كۆكتاتنى قانداق ئۆستۈرۈش، قايسى كۆكتاتنى ئۆستۈرۈشنى ئۆگەتكەن.

    ئىگىلىنىشىچە ، بوۋاي تۈزگەن بۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ قەلەم ھەققى ئىنتايىن ئاز ئىكەن . بىراق ھەر بىر پارچە كىتابى نەشىردىن چىقىشتىن بۇرۇن ، ئۇ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەشىر ھەققى تەييارلىغان ، مۇشۇ يىللاردا بۇ تۆت پارچە كىتابنى تۈزۈش ۋە نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيەلىرىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ ، ئازغىنە مائاشىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن . ھەر قېتىم كىتابى نەشىردىن چىققاندىن كېيىن ، ئۆزى نەچچە ئون پارچە ، ھەتتا نەچچە يۈز پارچە سېتىۋېلىپ ، دېھقان دوستلىرىغا سوۋغا قىلغان .

    11-فېۋرال ، ئىسھاق يارى بوۋاينىڭ دېيىشىچە ، ئۇ تۈزۈۋاتقان 5-پارچە كىتاب — ‹‹مۇچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ›› يېزىلىپ بولغان ، گەرچە ئۇ ئامالىنىڭ بارىچە پۇل جۇغلىغان بولسىمۇ ، بىراق نەشىر قىدۇرۇش خىراجىتىنى تېخى يىغىپ بولالماپتۇ . ئىسھاق يارى بوۋاي مۇنداق دېگەن : ‹‹بىر يېزا ئىگىلىكى ئىلمىي تەتقىقات خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مەيلى قايسى ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىش ئورنىدا تۇرۇشۇم كېرەك ، تېخىمۇ كۆپ جاپا تارتساممۇ ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلساممۇ ، مەن يەنىلا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابى يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان قېرىنداشلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىمەن ››

مەنبەhttp://uyghur.news.cn/2014-02/19/c_133126899.htm

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-22 06:59 PM  


ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 06:34:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ! ئاللاھ سىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن~

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7586
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7700 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 06:54:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بۇۋاي ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ، شۇنداق تېتىك كۆرۈنىدىكەن.بىلىمىنىڭ زاكىتىنى بېرىشنى ئونتۇپ قالمىغانلىغىدىن شۇنداق سۆيۈندۈم.بۇ بۇۋاينىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3295
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 06:59:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرسىمۇ غەيرىتىدىن قالماپتۇ، ئاپرىن

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2943
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 07:09:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز خەققۇ 30 تىن ئاشقاندىلا ئۆزىمىزنى قېرىتىۋېتىمىز،ھەتتاكى يېزىلىرىمىزدا ئۇ ياشتا كىتاپ كۆتۈرۈۋالغانلارنى كۆرسە مەسخىرە قىلىپ ئۈلگۈرۈدۇ بەزىلەر.......
چەتئەلدە بولسا قېرىپ مۇكچىيىپ قالسىمۇ ئىلىم ئۆگىنىشنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويمايدىكەن........
غەيرەت قىلىڭ بوۋا......

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مەھزۇن + 25 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 25   باھا خاتىرىسى

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

شۇنداق بىركۈنلەر كىلدۇكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94868
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 07:12:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىلىڭ بوۋا......

دىل بىرىپ يارسۆيمىگەن،بىلمەيدۇ جانان قەدرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103257
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 07:16:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا ، غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن !!!

[color=Blue]بۈگۈنكى تېرىشماسلىق - ئەتىكى مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىق .[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67065
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3458
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 07:46:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ  !!ئەجەپ  خوش  بولدۇم مۇشۇنداق  ياشاش  كىرەك  ئىدى  زادى

بىلىملىك بول ،كەمتەر ياشا !!!stay hungry ,stay foolish!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 07:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشاپ كەت بوۋا،تېنىڭىز سالامەت بولغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99209
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-11-3
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:20:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىنىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن  بوۋا  ئىشلىرڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش