|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر . بىز ئالدىنقى قىتىم قىرىندىشىمىز كىتابخۇمارنىڭ بۇ "پۇل ئۇرشى " دىگەن كىتاپتىن ئالغان تەسىراتى ئاستىدىكى "دۇنيانىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا يۇزى" دىگەن تىمىسى ئارقىلىق پۇل توغرىسىدا ۋە پۇلنىڭ بىر دولەت شۇنداقلا دۇنيا سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك كۈچى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە ۋە بىلىمگە ئىگە بولدۇق ۋە ياخشى مۇنازىرلەرنى قىلدۇق.
ئەمدى مىنىڭ بۇ تىمىنى يېزشىمدىكى مەقسەت بۇ "پۇل ئۇرىشى " توغرىسىدا تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلىمگە ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ توغرىسىدا ئىگىرلىگەن ھالدا مۇنازىرلىشىش . ھەممەيلەنگە مەلۇم دىيارىمىزدا يىقىنقى بولۇپمۇ 2005-يىلدىن كىيىن ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز دولىتىمىز ۋە چەتئەلنىڭ پاي چىكى ۋە پىرۋۇت ، ئالتۇن سودىسىغا كىرۋاتقانلار ئوزلۇكسىز ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ جۇملىدىن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىرمىزنىڭ مەبلىغى تىخچە قىزىل رەقەمدىن قۇتۇلالىغىنى يوق ھەتتا ھازىرغىچە "ئوقۇش پۇلى " تولەپ كىلىۋاتىمىز دىمەك بىزمۇ توردا ئىلىپ بىرلىۋاتقان بۇ "پۇل ئۇرىشى " دا كوپىنچىمىز ئوزلۇكسىز "مەغلۇپ" بولۇپ كىلىۋاتىمىز بولۇپمۇ كاپالەتلىك تاشقى پىرۋۇت سودىسىدا . بۇنىڭ تۈپ سەۋەبلىرى بۇ سودىنى قىلۋاتقانلارنىڭ كوپىنچىسىدە نە مالىيە نە ئىقدىساد ۋە پۇل توغرىسىدا بىلىمىمىز ۋە چۇشەنچىمىز يوق دىيەرلىك قارىسىغىلا خۇددى قىمار ئوينىغان پەدىدە پىرۋۇت ، ئالتۇن سودىسى قىلىپ كىلىۋاتىمىز . مەنمۇ بىر ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيەسىدىكى ئادەتتىكى بىر تىىجارەتچىمۇ جىنىمدا بۇ مەۋھۇم "پۇل ئۇرىشى " غا بۇ ئۇرۇش توغرىسىدا ھىچقانداق چۈشەنچەم ۋە بىلىمىمنڭ تايىنى يوق ھالدا بۇ ئۇرۇشقا قارىسغىلا قىتىلدىم . مىنىڭ ئىلگىرى ئاخرى بولۇپ پايچىكى ۋە پىرۋۇت سودىسى قىلغان قىسقىچە تۆت يىللىق تارىخىمدا ئومۇمى بىساتىمنىڭ 50% بۇ ئۇررۇشتا خوراپ تۈگىدى . "يىڭىلگەن چىلىشقا تويماپتۇ " دەپ مەنمۇ ھازىرغىچە بۇ يىڭىلىشلەرگە تويماي كەلدىم .
بۇ "ئۇرۇش " تا مەغلۇپ بولغانلاغا ئورتاق بولغان بىر خىل قاراش - جەزمەن بۇ سودىنى ئارقا سۇپىدا كورگىلى بولمايدىغان بىر مەۋھۇم كۇچ كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ بولمىسا نىمە ئۇچۇن بىز ئۇسۇشكە ياكى چۇشۇشكە مال كىرگۇزسەك خۇددى شۇ سودا سۇپىسىنىڭ جاسۇسلىرىدىن بىرسى بىزنىڭ ئۇستىمىزدە كوزتۇپ تۇرۋاتقاندەك بازارنىڭ يولنىشى بىز مال كىرگۇزگەن شۇ دەقىقەدە دەرھاللام قارشى يولنىشكە قاراپ ماڭىدۇ دىگۇچىلەر كوپ ھەتتا مەنمۇ شۇ قاراشتا ئىدىم . لىكىن بۇ سودىغا بىزگە قارىغاندا بىلىم ۋە تەجىربىدە پىشقان پىرۋۇتچىلار بىزنىڭ بۇ ئويىمىزغا مەسخىرە ئارلاش كۇلۇپ قويۇپ مۇنداق جاۋاب بىرەتتى - پاي چىكى بازىرىدا بىرەر شىركەتنىڭ پىيىنى بىرەر شەخس كونتىرول قىلىپ پاي چىكى باھاسىنى سىلىنمىچىلارنىڭ كوزى قىزارغىدەك ئوستۇرۇپ مەبلەغ سالدۇرۇپ ئاندىن پايچىكى باھاسىنى مەلۇم نوقتىلار ئارىسىدا يۇقىرى - تۆۋەن چايقاپ ئۇلارنىڭ كوزلىگىنىدەك پايدىغا باھانى ئوستۇرمەي ئەكسىچە زىينى تەرەپكە چۇڭقۇرراق چۇشۇرۇپ بۇ ھالەتنى مەلۇم ۋاقىت بىر - ئىككى ھەپتە ئىلىپ بىرىپ ئاخىرى "سۇنى لىيتىپ بىلىق تۇتىدۇ " يەنى سىلنمىچىلارنى زىرىكتۇرۇپ زىينىغا سىتىپ چىقىرىشقا مەجبۇرلاپ ئۇلارنىڭ مەبلىغىنى شۇ خىل ئۇسۇلدا ئاز-ئازدىن يەپ بىييىيدۇ . چۇنكى ئۇلار پاي چىكى سودىسىدىكى كوپ سانلىقلارنىڭ يىڭى ، بىلىمى ۋە تەجىربىسى يوقلۇقىنى ۋە تىز بىيىش پىسخىكىسى بويىچە قىسقا مۇددەتلىك بىر كۇندىن بىر ھەپتىگىچىلىكلام سودىنى ئاساسى سودا قىلىش ئۇسۇلى قىلىدىغانلىقىنى بەش قولدەك بىلىدۇ ئۇلار ئۇلارنىڭ يىڭى ۋە زىيادە تىز باي بولۇش پىسخكىسىدىن ئىبارەت ئاجىزلىقىدىن پايدىلنىپ ئۇلارنىڭ مەبلىغىنى شۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئاز-ئازدىن شوراپ يەپ بولىدۇ سىلەر بولساڭلار مەبلىغىڭلارنى كۆپ زىيانغا ئۇچىراپ كەتمەسلىكى ئۇچۇن ئازراق زىيان بىلەن سىتىپ چىقىرىپ زىياننىڭ چوڭىيىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولۇپ ئۇ كىچىككىنە زىيان كوزۇڭلىگە كورۇنمەي ئوزۇڭلارنىڭ زىياننى ۋاختىدا كونتىرول قىلالىغىنىڭلاردىن پەخىرلىنىپ يۇرىيسىلەر ئاقىۋەتتە سىلەرنىڭ مەبلىغىڭلار زىياننى تىزگىنلەش ۋە نوقتا ھەققى بىلەن ئاز-ئازدىن خوراپ تۇگەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلمايسىلەر .
ئەمدى تاشقى پىرۋۇت ، ئالتۇن - كومۇش سودىسىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ قارىشى مۇنداق بولدى - خەلقىرادا ئالتۇن - كومۇش ۋە بىرەر دولەتنىڭ پۇلىنى بىرەر شەخىس ياكى بىرەر دولەت كونتىرول قىلىۋىلىشقا قادىر بولالمايدۇ شۇڭا ئۇنى ئارقا سۇپىدا بىر مەۋھۇم كۇچ كونتىرول قىلىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئوينىتىۋاتىدۇ دىيىش بىر ئاخمىقانە قاراش . پاي چىكى بازىرىنى قولىدا بىر- ئىككى مىرلىيارىت پۇلى بار بايلار بىر شىركەتنىڭ پىيىنى كونتىرول قىلالىغان بىلەن ئەمما ئالتۇن -كومۇش ۋە بىر دولەتنىڭ پۇلىنى كونتىرول قىلىش ئۇچۇن نەچچە ئون تىرلىيون دوللار خەجلەشكە توغرا كىلىدۇ بۇنداق ئوزىنى ۋەيران قىلىدىغان ئەخمىقانىلىقنى ھىچقانداق دولەت قىلمايدۇ دىگەن ئىدى ئەلۋەتتە بۇ گەپ مۇشۇ "پۇل ئۇرۇشى " دىگەن كىتاپ نەشىردىن چىقىشتىن بۇرۇنقى گەپ .
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك بىز بۇ "پۇل ئۇرىشى " دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن دۇنيادا مومكىن ئەمەس دىگەن قاراشلارنىڭ ھەقىقەتەن مومكىن بولۇپ بولغانلىقىنى بايقايمىز . جۇملىدىن خەلقىرا ئالتۇن - كومۇش ۋە دولەتلەرنىڭ پۇلىنىڭ خەلقىرالىق پىرۋۇت نىسبىتنى ۋە باھاسىنى بىر قوللۇق كونتىرول قىلالايدىغان بىر قۇدىرەتلىك " قارا قوللارنىڭ " مەۋجۇدلىقىنى بايقىدۇق . بولۇپمۇ بۇ سودىلارنى يولغا قويغان ئاپىراتلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا بانكىرلىرىنىڭ بۆشىكى بولغان ئەنگىليە ۋە ئامرىكىدا ۋە شۇنداقلا دۇنيادا "پۇل ئۇرىشى " قوزغاۋاتقانلارمۇ مۇشۇلار . ئەمدى بىزمۇ بىلىپ بىلمەي ئۇلارنىڭ يەنە بىر مەۋھۇم "ئۇرۇش رايۇنى " ئالتۇن - كومۇش ۋە پىرۋۇت سودىسىغا كىرشىپ بۇ ئۇرىشقا "ئىشتىراك" قىلدۇق . بۇ "ئۇرۇش " دۇنيادىكى ھەربىر ئىقدىسادى گەۋدىلەرنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى خەۋەرلىرىگە ئىنتايىن سەزگۇر بولۇپ دۇنيادا " پۇل ئۇرۇشى"نىڭ ھەقىقى بولۇۋاتقان - بولمايۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان بىردىن - بىر قۇرال . ئالدىنقى 2013-يىلدىكى خەلقىرا ئالتۇن - كومۇش ۋە پىرۋۇت سودىلىرىنىڭ ھەركىتىگە ، شۇ ۋاقىتلاردا ئىلان قىلىنغان خەلقىرالىق ئىقدسادى گەۋدىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئامرىكىدىن ئىبارەت بايلىق پىرىنىڭ سىياسى ۋە ئىقدىساد توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى ۋە قارالمىلىرى بىلەن سىلىشتۇرساق بۇنى ناھايىتى ئىنىق ئىسپاتلىيالايمىز .
ئەمدى بۇ "پۇل ئۇرىشى" نىڭ ھەقىقى مەۋجۇدلىقىنى مۇشۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىن خەلقىرالىق سىياسى ۋە ئىقتىسادى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ ۋە تەھلىل قىلپ بىلگەنلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
"پۇل ئۇرىشى " تۇركىيەدە .
ھەممەيلەنگە مەلۇم تۇركىيە باش باقانى ئەردۇغان ئۇرۇمچىگە كەلگەندىن بۇيان ۋە ئۇ كىلىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى تۇركىيە مەھسۇلاتلىرنىڭ كوپلەپ دىيارىمىزغا كىرىشى شۇنداقلا كىنو - فىلىملىرنىڭ بىزگە قالدۇرغان تەسىراتلىرى سەۋەبىدىن تۇركىيە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدۇق .
ۋە شۇنداقلا بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالى تۇركىيەدە ھوقۇق يۇرگۇزگەندىن بۇيان تۇركىيەنىڭ قولغا كەلتۇرگەن مۇۋاپىقيەتلىرىگە شاھىد بولدۇق . ئەمدى ئوز گىپىمىزگە كەلسەك غەرىبنىڭ تۇركىيەدە "پۇل ئۇرۇشى " قوزغىشىغا نىمە سەۋەب بولدى . ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تۇركىيەنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ سىياسى يوزلنىشىنى ئاشكارلاپ مىڭىۋاتقان داڭلىق فىلىمى "كۇرۇتلار ۋادىسى " فىلىمىدا تۇركىيەنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى غەرىبنىڭ گىلادىيو ۋە تاكاناتچىلار دەيدىغان سىياسى تەشكىلاتلىرنىڭ قولىدا ئۇزۇن يىل كونتىرول قىلنىپ كەلگەنلىكى ۋە ئاخىردا شۇ چاغدىكى شۇ تەشكىلاتلارنىڭ تۇركىيەدىكى باشلىقى ، تۇركىيەنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە قارا جەمىيەتلىرنىڭمۇ تىزگىنىنى قولغا كىرگۇزۋالغان مەھمەت قاراخاندىن ئىبارەت يىللارچە تۇركىيەنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ كەلگەن غەرىبنىڭ تۇركىيەدىكى بۇ قارا قولىنى قانداق يوقاتقانلىقى ھىكايە قىلنىدۇ . ھەمدە ئەردۇغانمۇ بۇ غەلبىنى تەبرىكلەپ ئوزىنىڭ ھاكىمىيەت بىشىغا چىققان ۋاقتىدىكى نوتىقىدا ئىپتىخارلانغان ھالدا " ئەمدى تۇركىيەنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان قارا كۇچلەر يوق تۇركىيە ئەمدى ھەقىقى ئوز-ئوزىگە خوجا بولدى " دىدى . ئەمدى پۇل مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ كىنونى باشتىن ئاخىر كورۇپ كىلىۋاتقانلار مەلۇم بىر نوقتىغا دىققەت قىلماي قالمايدۇ بۇ كىنودا تا ھازىرغىچە چىققان قىسىملىرنىڭ ھەممىسىدە بايلىق ۋە پۇل دوللار ھىسابىدا ۋە ئاتالغۇسىدا ئىشلىتىلدۇ . بۇ نوقتىنى بايقىغانلار تۇركىيەنىڭ ئوزنىڭ پۇلى لىرا تۇرۇپ نىمىشقا بۇ كىنودا داۋاملىق دوللار تىلغا ئىلنىدۇ دىگەن قارشقا كىلىدۇ . دىمىسىمۇ بىز تۇركىيەنىڭ مۇشۇنداق نادىر كىنولىرى كىرىشتىن ئىلگىرى تۇركىيە توغرىسىدا بىزگە سەلبى تەسىر كورسەتكەن ۋە ئەخلاقى توغرىسىدا ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ تۇرۇكلەر شۇنداق بۇزۇق خەقلەركەن دىگەن قاراشقا ئەكىلىپ قويغان بۇرۇنقى "ئىمراخ " نىڭ بىر نەچچە كىنولىرى ۋە " زەينەپلەر ئولمىسۇن " دىگەن كىنولىردا بىر ئادەمنىڭ شۇ چاغدىكى بىر ئايلىق مۇئاشىنىڭ نەچچە مىليۇن لىرا بولىدىغانلىقىنى ۋە شۇنچىلا كوپ پۇلنىڭ تاساددىپى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالسا بىر قىتىملىق داۋالىنىش چىقىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى دىئالوگلارنى ئاڭلاپ ، تۇركىيەنىڭ پۇلىنىڭ نە قەدەر قىممىتى يوق خەلقىرا بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان "پاخال " پۇل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىمىز .
ئەمدى مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم مىنىڭ شۇ كىنولاردىكى تىلغا ئىلىنغان پاخال تۇركىيە لىراسىنىڭ ئورنىنى نىمە ئۇچۇن دوللارنىڭ ئالغانلىقى ئۇستىدىكى مۇلاھىزە مەن بۇنىڭغا بىرەر يازما ياكى خەۋەرنى ئسپات قىلمايمەن ھەم قىلالمايمەن چۇنكى مەن ۋە باشقىلار تۇركىيەنىڭ شۇ چاغدىكى تارىخى توغۇرلۇق كوپ نەرسە بىلمەسلىكىمىز مومكىن . مەن پەقەت بۇ يەردە ئەقلى يەكۇن چىقىرمەن . مىنىڭچە شۇ چاغدىكى تۇركىيە جەمىيتىكى بايلار ۋە ھاكىمىيەت بىشىدىكى پارتىيەلەر قىممىتى قالمىغان لىرانىڭ ئورنىغا ئوزىنىڭ بايلىقى قىممىتى مۇقۇم بولغان ۋە خەلقىرادا كۇچى ئوزلۇكسىز ئوسىدىغان دوللارغا ئالماشتۇرۇپ ۋاقتىنچە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن ئوتۇۋىلىش ئۇچۇن ئامرىكا ۋە ياۋرۇپا مەركىزى بانكىلىردىن زور ئوسۇمىگە دوللار قەرىز ئالغان بولۇشى مومكىن ھەم بۇنى شۇ چاغدىكى تۇركىيەنىڭ سىياسى ئىقتىسادى تىزگىنىنى قولغا كىرگۇزۋالغان غەرىبنىڭ قولچۇماقلىرىنىڭ تەۋسىيەسىدىن بولغان بولۇشى مومكىن . چۇنكى بىر دولەتنىڭ ئوزىنىڭ پۇلى ئوز ھاكىمىيتىدە ئىشلىتىلمەي باشقا دولەتنىڭ پۇلى ئىشلىتىلگەنلىكى بۇ دولەتنىڭ پۇل "مۇستەملىكە "ىسىگە بەنىت بولغانلىقى چۇنكى پۇلنىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان ئامرىكا دوللارنىڭ پىرۋۇت نىسبىتىنى خالىغانچە قىسىپ قويۇپ بىرىپ دوللارغا بىقىنغان دولەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ تاپقان تەرگىنىنى ئاز - ئازدىن شۇلۇپ يەيدۇ ئۇنىڭ ئۇستىگە قەرىزدار دولەت يەنە زور نىسبەتتە ئوسۇم تولەيدۇ . بۇ ھالەت ئەينى زاماندىكى بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشىدا مەغلۇپ بولغان گىرمانىيە بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ .
ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە قايىتساق ئەردۇغان ھوكۇمىتى بۇ ئامرىكا دوللىرنىڭ مۇستەملىكىسىدىنمۇ يىڭى تۇركىيە لىراسىنى چىقىرىپ قۇتۇلدى ۋە دۇنيا بانكىلىرنىڭ قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بۇ بويۇن تۇرۇقتىنمۇ قۇتۇلدى . ھەمدە ئامرىكا بۇرۇنقىدەك تۇركىيەنى ئوز بالىسىنى ئىشقا بۇيرىغاندەك ئىشقا بۇيرۇيالماس بوپ قالدى . ئۇنىڭ ئۇستىگە ئەردۇغان ھوكۇمىتى ، تارىختىن بۇيان غەرىب بىلەن چىقىشالماي كىلىۋاتقان دولەتلەر روسىيە ، جۇڭگۇ ، ئىران قاتارلىق كۇچلۇك دولەتلەر بىلەن دوسىتلۇق ئورنىتۇپ سىياسى ، ئىقتىساد ۋە ھەربى جەھەتتە زىچ ھەمكارلاشتى ھەتتا ئۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن يۇز ئورۇپ ئاشكارا قىلىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بۇ ئويىنى پۇتىنغا دەپ ئۆتكەنلىكىنى ئىيىتىتى ئۇنىڭ بىر قاتار غەرىبتىن چەتنىگەن سىياسەت ۋە پىكىرلىرى تۇركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئامرىكا ۋە ناتونى سارىسىمگە سىلىۋەتتە. بولۇپ ئوتكەن بۇ بىرقاتار غەرىبنىڭ تۇركىيە ۋە ئوتتۇر شەرىقتىكى مەنپەتىگە پايدىسىز بۇ سىياسەتلەر ئامرىكىنىڭ ئەردۇغان ھوكۇمىتىنى سەگىتىپ قويۇش ۋە ئىنتىقام ئىلىش ئۇچۇن تۇركىيەگە "پۇل ئۇرىشى " قوزغىشىغا سەۋەب بولدى . پىرۋۇت ، ئالتۇن - كومۇش سودىسىنى قىلىۋاتقانلار دۇنيادا بولۇۋاتقان سىياسى ، ئىقتىسادى خەۋەرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ چۇنكى بۇ ئوزىنىڭ شۇ بازاردىكى پايدا - زىينى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . يىقىنقى بىر نەچچە ئايلاردا تۇركىيەدە چىقىۋاتقان چىرىكلىك سەتچىلىكرى ۋە تۇركىيە لىراسىنىڭ بۇ سەتچىلىكلەر تۇپەيلى كۇرسى چۇشۇپ دوللارغا بولغان پىرۋۇت نىسبىتىنىڭ قىسقىغىنە ئالتە ئايدا 29% چۇشۇپ كىتىپ تۇركىيەنىڭ تاشقى پىرۋۇت زاپىسىغا ۋە ئىكىسپورىت سودىسىغا تەخمىنەن ئون مىرلىيارىت دوللار زىيان ئىلىپ كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلسا كىرەك بۇنىڭ تاساددىپى بولىدىغانلىقىغا ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ بۇ توغرىسىدا ئەردۇغانمۇ بۇ چىرىكلىك سەتچىلىكىنىڭ ئارقىسىدا ئامرىكىنىڭ تۇركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ قولى بارلىقىنى بۇنىڭ غەرىبنىڭ بىر سۇيقەستى ئىكەنلىكىنى ئەگەر بۇ سۇيقەسىتتىن قولىنى تارىتمىسا ئەلچىنى قوغلاپ چىقىردىغانلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش باياناتى ئىلان قىلدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامرىكىنىڭ ئۈچىنجى قىتىملىق ئامرىكا دوللىرىنى مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇپ بىرشى تۇركىيە ئىقتىسادىغا ئوت ئۇستىگە ياغ چاچقاندەك تىخىمۇ زەربە بولدى . ئامرىكىنىڭ بۇ "پۇل ئۇرىشى " يالغۇز تۈركىيەگىلام ئەمەس باشقا دولەتلەرنىڭ تاشقى پىرۋۇت زاپىسىغا ۋە ئىكىسپورتىغا زور زىيان ئىلىپ كەلدى ھەتتا بىزنىڭ دۆلىتىمىزمۇ "خەلىق پۇلى چوڭ بوران چاپقۇنغا دۇچ كەلمەكتە " دىگەن ئاگاھلاندۇرۇش خەۋرىنى چىقاردى ، ئارگىنتىنانىڭ پۇلى بولسا قىممىتى 50% ئەتراپىدا چۇشۇپ پىرۋۇت ساھاسىدىن چىكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى . دولىتىمىز ئامرىكىنىڭ مۇنداق "پۇل ئۇرۇشى " قوزغايدىغانلىقىنى ئالدىن پەمىلەپ " دولىتىمىز بولساخەلىق پۇلىنىڭ پىرۋۇت نىسبىتىنىڭ ئورلىشى ۋە چۇشۇشى ئارقىلىق خەلىق پۇلىغا ۋە دولىتىمىز ئىقتىسادىغا ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرىگە ئالدى تەييارلىق قىلىپ قويدى " دىگەن خەۋەرنى چىقاردى . دولىتىمىزنىڭ بۇ ئالدىن تەدبىر كۆرۈشى بىلەن بۇ قىتىمقى ئامرىكىنىڭ دوللارنى مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇپ بىرىشدىن ئىبارەت "پۇل ئۇرىشى "نىڭ ئىلىپ كىلىدىغان زىينىدىن باشقا دولەتلەرگە قارىغاندا ئۈنۈملۇك ئالدىنى ئالالىدى يەنى خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتىگە كورنەرلىك تەسىر كورسىتەلمىدى .
گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك "پۇل ئۇرىشى " دىگەن كىتابنى بىر قىتىم ئوقۇپ تۈگەتكەنلەر ئەينى ۋاقىتتىمۇ گىرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ يارۇپا ئىتتىپاقى قۇرۇپ يىڭى پۇل ياۋرۇنى بىسىپ ئامرىكا دوللىرنىڭ ۋە فونىدسىترلىڭنىڭ بويۇن تۇرقىدىن قۇتۇلماقچى بولغاندا روسچىلىد باشلىق ئەنگىليە ۋە ئامرىكا بانكىرلىرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ بىرنجى قىتىم ئۇلارنىڭ سىياسى بىسىمى ۋە ئويۇنلىرى ئارقىلىق مەغلۇپ بولۇپ ئىككىنجى قىتىم غەلبە قازانغانلىقىنى بىلىدۇ مانا بۇنىڭدىن نىمە ئۇچۇن ئامرىكا باشلىق غەرىب كاتتىۋاشلىرنىڭ يىڭى تۈركىيە لىراسىغا ۋە ئەردۇغان ھوكۇمىتىگە "پۇل ئۇرۇشى " قوزغىغانلىقىنىڭ سەۋەبى .
بىز ئولمىسەك تىخى دوللار بىلەن يۇەننىڭ "پۇل ئۇرىشى"غا شاھىد بولۇشىمىز مومكىن . مانا بۇ "پۇل ئۇرشى " دىگەن كىتابنى يازغان كىشىنىڭ دولىتىمىزنى ۋە پۇقرالىرنى ئامرىكىنىڭ جۇڭگۇغا پۇل ئۇرىشى قوزغايدىغانلىقىدىن ۋە قوزغاۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ بۇ كىتابنى يىزىپ چىقىشىدىكى سەۋەب بولۇشى مومكىن .
مەدىنىيەت سەۋيەمنىڭ تۆۋەنلىكى يىتەرلىك مالىيە ۋە ئىقتىسادى بىلىمىمنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن توردىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى خەۋەرلەرگە ۋە بۇ پۇل ئۇرىشى دىگەن كىتابدىن ئالغان تەسىرتىمغا ۋە ئۇچ-توت يىللىق پاي چىكى ، پىرۋۇت سودىسى قىلىش جەريانىدىكى ئۇگەنگەنلىرىم ، تەجىربىلىرىم ۋە ئاڭلىغان - بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن مۇشۇنچىلىك يازالىدىم خاتا كەتكەن ، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە يېتەرسىز يەرلىرى بولسا تورداشلارنىڭ تەنقىدى - پىكىر بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبە؛ ئۆزۈم
پايدىلانغان خەۋەرلەر -
http://www.nur.cn/news/2014/02/156804.shtml
http://www.nur.cn/news/2014/02/155957.shtml
http://www.taxkipirwot.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=702
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-26 11:02 PM
|
|
|
|
|
|