مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2790|ئىنكاس: 22

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2990
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 06:12:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% v7 O0 z3 |1 Q* l# J4 m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: P( [4 K; _2 Pنەزىرە مۇھەممەد سالىھ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- I+ ~  i8 p) iبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, D/ ~( t6 \& \5 I; @
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 X+ s, b: k* c/ U# S, C$ D' N$ g1 f; @

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 d4 _9 ^, k4 B' V/ M   ئۆلۈم- ئىنساننىڭ بىلىش ئېڭى ۋە قۇدرىتىدىن ھالقىغان، ئىنسان قارشى تۇرالمايدىغان، ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئوبىكتپ مۇقەررەرلىك. ئۆلۈم- ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق مەنزىلىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى. ئۆلۈم ئادەملەرنى قەسىرلەردىن قەبرىلەرگە، يورۇق دۇنيادىن زۇلمەت قاراڭغۇلۇققا يۆتكەيدىغان ۋەھىمىلىك سىر. ئۆلۈم ھاياتلىق جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چېكىت. بۇ چېكىتنىڭ كەينىگە ئىلاھى ھۆكۈم بىلەن ھايات-مامات ھەقىقەتلىرى يوشۇرۇنغان. ئۆلۈم ئەزەلدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئېڭى ۋە تەپەككۇرىدا، دىنلارنىڭ ئېتىقاد-ئەقىدىلىرىدە، پەلسەپە ئىلمى تەتقىقاتىدا چوڭقۇر ئىزىنى قالدۇرۇپ كەلدى. ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان ئادەمنىڭ ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشى پەقەتلا بىر ئىپتىدائىي تۇيغۇ. ھالبۇكى بۇ تۇيغۇنىڭ كەينىدە جاۋاب بېرىشنى كۈتۈپ تۇرغان تېخىمۇ ماھىيەتلىك سوئاللار بار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, E. {' U  j8 pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- w- n( V/ P+ i! M
   ئۆلۈم ۋەھىمىسى قەلبىمىزگە سايە تاشلىغاندا بىز شۇنداق دەيمىز. ئۆلۈم پۈتۈنلەي يوقىلىشمۇ؟ ئەجەبا ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ھېكايىسى مۇشۇ دۇنيادىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ ياخشىلار ئەجىرىگە لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن، مەزلۇملار ئەنتىنى ئالالمىغان، يامانلار جازاسىنى تارتماي، ئەكسىچە خاتىرجەم ياشاپ ئۆتكەن ھالەتتە ھاياتنىڭ ئاياقلىشىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ياكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە كاپىرلار تىلىدىن ئېيتقان «بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلۈمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ قايتا تىرىلمەيمىز)» (سۈرە مۆئمىنۇن 37-ئايەت) دېگەندىكىدەك بولامدۇ؟ ئۆلۈمنى ئۈزۈل-كېسىل ھالاكەت دەپ چۈشەنگەن كىشىلەر قاراڭغۇلۇق، چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پاتتى. ئۆزىنى «روھىيەت تەربىيىچىسى» دەپ ئاتاپ، پۈتۈن ھاياتىدا كىشىلەرنى غەم-قايغۇنى چۆرۈۋېتىپ خۇشال ياشاشقا، چۈشكۈنلەشمەسلىككە ئۈندىگەن دالى كارنىكتەك تالاي بىچارىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى بارلىق مەنىسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى قىلىپ تاللىۋالدى. ھالبۇكى پەيلاسوپلار، دوختۇرلار بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپمۇ بىلەلمىگەن نەرسىنى ئىمان بىلەن دىلى يورۇغان مۆمىن خاتىرجەملىك ئىچىدە بىلىۋالدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 ?+ e# h" D" |" g$ y1 R; P* ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; H$ t" x3 Z. Z6 L( l, |+ W
   ئىنسان بىكاردىن بىكار يارىتىلمىغان. ئۇنىڭ يارىلىشى، ياشىشى، ئۆلۈشى ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى يېشىمىدە چوڭقۇر ھېكمەت ۋە ئۇلۇغ مەقسەت بار. ئىسلام ئەقىدىسىگە سىڭىپ كەتكەن ئۆلۈم ۋە ئاخىرەت ھاياتى مۇكەممەل سېستىما ۋە كۈچلۈك پەلسەپىۋى مەنتىقە ھاسىل قىلغان. ئىسلام سايىسى ئاستىدىكى ئۆلۈم، قەبرە ھاياتى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى، قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋاللىرى، جەننەت نېمەتلىرى، دوزاخ ئازاۋى – مانا بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئىبرەت ۋە ھېكمەت شولىلىرى پارلىغان مۇپەسسەل ئىلىم. قاراپ بېقىڭ! بۈگۈنكى ئادەم ھاياتى دۇنيانى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىۋالدى. دۇنياغا بولغان زىيادە ھېرىسمەنلىك ئازراقمۇ بوش قويمىغان ھالدا ئۇنىڭ نەپسىنى ئىگىلەپ كەتتى. ئۆلۈم ۋە قىيامەت ئۇنىڭغا تولىمۇ يىراقتىكى ئىشتەك بىلىندى. «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقتى (يەنى قىيامەت)  يېقىنلاشتى . ھالبۇكى ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرىلىق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.» (سۈرە ئەنبىيا 1-ئايەت) ئۆلۈمدىن سوزۇلغان ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىدىن ھايات ھەقىقەتلىرى چاقنايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەربىرىمىزنى ئۆلۈم ۋە ئاخىرەت ھەققىدە سوراش، سۆزلەش، تەپەككۇر قىلىش ۋە بىلىش بەختىدىن نېسىۋىدار قىلغاي! ئاللاھ تائالا بىزنى قىيامەت كۈنىدىكى ئېغىر ھېسابتىن ئىلگىرى دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان، تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئىشلارنى ئاخىرەتلىك سەپەرنىڭ ئوزۇقى قىلغان سائادەتمەنلەردىن بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; U. C& g( z( |' v* @1 _: a

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' {1 X1 z5 X1 h% Q& a" k, Bئۆلۈمدىن باشلانغان ھاياتلىق
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( k/ x: l, |" g/ h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- s9 @  L) h0 r8 ]- M* k* b‹‹سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمىلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى» ( سۈرە مۈلۈك 2-ئايەت) «ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى (يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابى مەنىي ئىدىڭلار) كېيىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ئاللاھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتۇرىلىسىلەر» (سۈرە بەقەرە 28-ئايەت) ھەق بىلەن باتىلنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى قۇرئاننىڭ يۇقىرىقى ئايەتلىرى ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. قۇرئان كەرىم بىزگە شۇنداق دەيدۇ: ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ خاتىمىسى ئەمەس، بەلكى ئاخىرەتتىكى يېڭى بىر ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى. ئىنسان پەقەت دۇنيا ھاياتى ئۈچۈنلا يارىتىلمىغان، بەلكى تېخىمۇ ئېسىل ۋە مەڭگۈلۈك ھايات ئۇنىڭ قارارگاھى. ئۆلۈم ئىنساننىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە ئىنسان ئۆلۈم ئارقىلىق بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا، چەكلىك ھاياتتىن چەكسىز ھاياتقا يۆتكىلىدۇ. ئاللاھ تائالا دۇنيانى ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارلىقى قىلىپ ياراتتى. ئىنسان ھامان يوقىلىدىغان بۇ فانىي دۇنيادا ئاخىرەتتىكى ھاياتى ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقىدىن ئىمتىھان بېرىۋاتقان كىشىدۇر، ئۇ ھاياتتىكى ئەمەللىرى بىلەن گويا ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىۋاتقان دېھقانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاخىرەتتە يىغىۋالىدۇ. شۇڭا سەلەف ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىدىكى بىر ھېكمەت مۇسۇلمانلار ئەقىدىسىدىكى ئۆلۈمنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. «سىلەر مەڭگۈگە يارىتىلدىڭلار، سىلەر ئۆلۈم ئارقىلىق پەقەت بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا يۆتكىلىسىلەر››.    ئۆلۈم روھنىڭ تەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىدۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىشى ئارقىلىق روھ يەنە تەنگە قايتىپ كېلىدۇ. ھاياتلىقتىن ئۆلۈمگە، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا باشلانغان يول – ئاللاھنىڭ ئادەم بالىلىرىغا پۈتكەن تەقدىر-قىسمىتىدۇر. ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، رەھمىتى، ئادالىتى شۇنداقلا غەيپ ئىلمى ئايان بولىدۇ. «ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر» (سۈرە ئەنبىيا 35-ئايەت) ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ھاياتى دۇنيادا چەكلىك نەرسىلەرنى  ۋە ۋاقتى-سائىتى ئېنىق ئەجەلنى بېكىتكەن. ئىنسان ئۆزىنىڭ قەيەردە، قاچان، قانداق سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈشىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس غەيىپ ئىلمى دائىرىسىدىكى ئىشتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بالىغا قورساقتىكى چېغىدىلا بىر پەرىشتىنى مۇئەككەل قىلىدۇ، پەرىشتە: ئى رەببىم، بۇ ئابى مەنىدۇر. ئى رەببىم بۇ ئۇيۇل قاندۇر. ئى رەببىم ، بۇ بىر پارچە گۆشتۇر دەيدۇ. ئاللاھتائالا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تولۇق ياراتماقچى بولغاندا پەرىشتە:‹‹بۇ بالا ئوغۇلمۇ قىزمۇ؟ ساڭا ئاسىيلىق قىلامدۇ، ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئۇنىڭ رىزقى ۋە ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟ دەپ ئاللاھتىن سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقاردىكىلەر بالا ئانىسىنىڭ قورسىقى چېغىدىلا پېشانىسىگە پۈتۈلىدۇ››. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئىنسان مەيلى كېسەل بىلەن ئۆلگەن، ياكى سۇغا غەرق بولۇپ، ئوتتا كۆيۈپ ۋە ياكى باشقا تۈرلۈك ھادىسىلەر سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن بولسۇن، ئاللىبۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلىپ، ئىنسان تەقدىرىگە پۈتۈۋېتىلگەن ئەجەل بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ. «ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن» (سۈرە ئال ئىمران 145-ئايەت)  ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم تەڭدىشى يوق بىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. مانا بۇ ئاللاھنىڭ 99 گۈزەل ئىسىملىرى ئارىسىدىكى ‹المحي› ھاياتلىق بەرگۈچى، تىرىلدۈرگۈچى  بىلەن ‹المميت› جان ئالغۇچى، ئۆلتۈرگۈچى سۈپىتىنىڭ مەنىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى چەكسىز، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىنساننىڭ ئەجەل سائىتىنى ئۇنىڭدىن مەخپىي قالدۇرغانلىقى. پەيلاسوپ ھېكىم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قاچان ئۈلۈشۈمنى بىلگەن بولسام، ئاللىبۇرۇن ئەقلىمدىن ئاداشقان بولاتتىم. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە رەھمەت يۈزىسىدىن غەپلەت ۋە تۈگىمەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى ئاتا قىپتۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا ئادەمگە يېگىنى زەھەر، كىيگىنى كېپەن بولغان، زېمىنمۇ مۇنچە ئاۋات بولمىغان بولاتتى››.    مۆمىنگە شۇ نۇقتا ئايان بولىشى كېرەككى، ئاللاھ ھاياتنى تۈپتۈز داغدام يول ئەمەس، تۈرلۈك زىيان-زەخمەت، بالايى-ئاپەت، ئەزىيەتكە تولغان سىناق مەيدانى قىلىپ ياراتقان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلىشى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قورقۇنچ ۋە سەپەر بىلەن سىنىلىشى، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ھەمراھى تەرىپىدىن سېتىۋىتلىشى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىك ۋە كۇففارلار بىلەن كۈرەش قىلىپ ھىجرەت قىلىشى ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ قانۇنىيەتلىرىگە ماس كەچمىشلەردۇر. قۇرئاننىڭ قۇياشتەك روشەن ئايەتلىرى، پەيغەمبەرلەر، سالىھلارنىڭ ھايات يوللىرى بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇرىدۇ. «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن» (سۈرە بەقەرە 155-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇشبۇ ئايىتى دىلىغا سىڭگەن مۆمىن كېسەل بولسا ئاللاھنىڭ شىپالىقىدىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. ئېغىرچىلىقتا قالسا نىجاتلىقتىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. گۇناھ قىلسا ئاللاھنىڭ مەغپىرەت – كەچۇرۈمىدىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ھارام قىلىنغان. شۇنداقلا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش، ئۆلۈمنى تىلەشمۇ چەكلەنگەن. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېنىق قىلىپ، مۇنداق دىگەن: «سىلەردىن ھېچكىم ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەت تۈپەيلى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن، ئەگەر ھەقىقەتەن قاتتىق ئېغىرچىلىقتا قېلىپ تىلىمەكچى بولسا، مۇنداق دىسۇن: ئى ئاللاھ ئەگەر ھايات ياشاش مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا، مېنى ھايات قالدۇرغىن، ئەگەر ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا جېنىمنى ئالغىن››. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). «سىلەردىن ھېچكىم ئۆز ئۆلۈمىنى تىلىمسۇن، ئەگەر ئۇ توغرا يولدىكى ئادەم بولسا ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن ياخشىلىقلىرىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئادەم يامان ئىش قىلغۇچى بولسا، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا قايتىشى مۇمكىن››. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).  بەزى كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سىنىقى بولغان تۈرلۈك خاپىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، «بۇنداق قىينالغۇچە ئۆلۈپلا كەتسەم بوپتىكەن» دىگەندەك ئاچچىقىدا ئېيتقان سۆزلىرىمۇ رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن قىلمىش قاتارىغا كىرىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 X& S. {* D) j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" W+ ~0 {" Y! [, s0 f$ U6 O4 m& m6 N5 n
   ئىنسان نەپسىگە ئېغىر تۇيۇلىدىغان، مۇئمىن سەۋىر بىلەن، كاپىر قورقۇنچ بىلەن يۈزلىنىدىغان ئۆلۈمنى قۇرئاندا مۇسىبەت دەپ ئاتىغان. ئەمما ئىنساننىڭ ئۆلۈمنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قېلىشى تېخىمۇ چوڭ مۇسىبەتتۇر. چۈنكى ئۆلۈمنى ئۇنتىغان، ئۆلۈم ھەققىدە ئويلانمىغان ئادەمدە ئۆلۈمگە تەييارلىقمۇ بولمايدۇ. قەلبى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن خالى، ئىككى قولى قۇرۇق ھالدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغان ئادەم ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىدۇر. ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىدىم، ئەنسارلاردىن بىر كىشى «ئى رسۇلۇللاھ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى ۋە ھۆرمەتلىكى كىم؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ئۆلۈمنى ئەڭ كۆپ ياد ئەتكەن ۋە ئۇنىڭغا پۇختا تەييارلىق قىلغان  ئادەم ئەڭ ئەقىللىق ئادەمدۇر، شۇنداق ئادەم بۇ دۇنيانىڭ ئىززىتىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرگەن ھالدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى. (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە مۇنداق تەلىم بىرەتتى: «سىلەرنى دۇنيا لەززەتلىرىگە غەرق بولۇپ كىتىشتىن توسقۇچى ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىڭلار» (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) شۇنداق ئۆلۈمنى ياد ئېتىش بىلەن تاشتەك قېتىپ كەتكەن قەلىبلەر يۇمشايدۇ، دۇنيا نېمەتلىرىگە بېشىچىلاپ چۆكۈپ كەتكەن غاپىللار ئويغىنىدۇ، گۇناھ ، ھارام ئىشلار ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەر كەينىگە يانىدۇ. ئۆلۈمنى ياد ئېتىش كىشىنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھىساپ بىرىشتىن ئىلگىرى بۇ دۇنيادا ئۆزىدىن ھىساپ ئېلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ چاقىرىق بىلەن ئىنسان جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى قېقىشقا نائىل بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىچە-كۈندۈزدە ئۆلۈمنى 21 قېتىم ياد ئەتكەن (بۇنىڭدا سان مەقسەت ئەمەس، بەلكى ياد ئېتىشنىڭ كۆپلىكىگە تېمسال قىلىنغان) كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە شېھىتلار بىلەن بىللە توپلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ تەۋسىيېلەر ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتۇشنىڭ بەندىنىڭ ئىمانى، ئەخلاقى، ئەمەللىرىنى تۈزەشتىكى پەزل-ھېكمىتى سەۋەبىدىن ئېيتىلغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ]) k, q" W& E% F" U; [: b9 eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% h% Q: e! D( U1 D8 N  ~
   ئىنسان ھاياتىدا خۇشاللىق بىلەن خاپىلىق، بەخىت بىلەن بەخىتسىزلىك ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئىنسانغا قاتتىقلىق يەتسە ئۆلۈمنى ياد ئېتىش بىلەن دۇنيا مۇسىبەتلىرى ئۇنىڭغا يەڭگىل تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا خۇشاللىق نىسىپ بولسا، ئۆلۈمنى ئېسىگە ئېلىش بىلەن دۇنيا پاراغەتلىرىگە مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە تەۋسىيە قىلغان ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىش ھەر بىر مۇئمىن خۇلۇقلىنىشقا تېگىشلىك پەزىلەتتۇر. شۇڭا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۇننىتىگە ئەگەشكەن ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە سەلەف-سالىھلارنىڭ ھەربىر نەپىسىدە، ئولتۇرۇپ قۇپۇشلىرىدا ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتقانلىقىدەك خىسلىتىدىن ئىسلام دىنىنىڭ شۇ چاغلاردىكى نۇسرىتىنىڭ سىرىنى چۈشەنگەندەك بولىمىز. خەلىپە ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ھەر ئاخشىمى ئۆلىمالارنى يىغىپ، ئۆلۈم، قىيامەت، ئاخىرەت ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئىلمى سۆھبەت ئېلىپ باراتتى. سۆھبەتنىڭ ئاخىرى يىغا-زارە بىلەن ئاياغلىشاتتى، سىرتتىن بىرەرسى كىرىپ قالسا ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ بۇ يەردە بىرەر مۇسىبەت بولۇپ، جىنازا ئالدىدا ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى. ئالىم ئىبراھىم تەيمى مۇنداق دەيتتى: ئىككى نەرسە مىنى دۇنيا لەززەتلىرى بىلەن ھۇزۇرلىنىشتىن توساپ تۇرىدۇ. بىرى، ئۆلۈمنى ياد ئېتىش  يەنە بىرى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھىساپ بىرىش ئۈچۈن تۇرۇش. رەبىئى ئىبنى ھەيسەم ئۆز ھويلىسىغا بىر قەبرە قېزىپ ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم قەبرىگە كىرىپ يېتىپ چىقاتتى، ئۇ بۇنى ھەردائىم ئۆلۈمنى ئەستىن چىقارماسلىق ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئېيتپ: «ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش قەلبىمدىن بىر سائەت كۆتۈرىلىدىكەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختىم بۇزۇلىدۇ» دەيتتى. يەزىد رەقاشى دائىم مۇنداق دەيتتى: «ئى ئادەملەر، سىلەر يىغلىمامسىلەر، كىمنى ئۆلۈم تاپسا ، قەبرە ئۇنىڭ ئۆيى بولىدۇ. توپا ئۇنىڭ سېلىنچىسى بولىدۇ. قۇرت-قوڭغۇزلار ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ. مۇشۇ ئېغىر ئەھۋالدا ئىنسان يەنە ئەڭ چوڭ قورقۇنۇچنى – قىيامەتنى ساقلايدۇ! ئىسىت، ئۇنىڭ ھالىغا»، دىگىنىچە يىغلاپ ھۇشىدىن كىتەتتى. ئۆلىمالار ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتقان كىشىنىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. 1- تەۋبىگە ئالدىرايدۇ. 2- قەلب خاتىرجەملىكىگە ئىرىشىدۇ. 3-ئىبادەتلىرىگە ئىخلاس ۋە تەقۋالىقنى ھەمراھ قىلىدۇ. ئۆلۈمنى ئۇنتۇغان ئادەم مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك زىيان تارتىدۇ. 1- تەۋبىنى كىچىكتۈرىدۇ. 2- قانائەت ۋە سەۋرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. 3- ھايات دىگەن ئۇزۇن، كېيىن قىلىۋالارمەن، ئېتىۋالارمەن دىگەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن ئىبادەتكە ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ.    مەشھۇر مۇفەسسىر ئالىم ئىبنى كەسىر «تەفسىر ئىبنى كەسىر» ناملىق كىتابىدا «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا كۆكسىنى  ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ» (سۈرە ئەنئام 125-ئايەت) ئايىتى ھەققىدىكى شەرھىدە ئوخشاش مەزمۇندىكى مۇنداق ئىككى ھەدىسنى كەلتۈرگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا كۆكسىنى  ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ» ئايىتىنى ئوقۇدى. ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ، كۆكسىنى ئېچىش قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ قەلبكە سېلىنىدىغان نۇردۇر» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭ بىلگىلى بولىدىغان ئالامىتى بارمۇ؟» دىيىشتى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ھەئە، بار، ئۇ ئالامەت بولسا كىشىنىڭ ئاخىرەتنى مەقسەت قىلىشى، ھايات زىننەتلىرىگە بېرىلىپ كەتمەسلىكى، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۆلۈمگە ئوبدان تەيارلىق قىلىشىدۇر» دىدى. تابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىم ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ: بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ھېساپ تۇرغۇزغانلار مۇئمىنلەردۇر، دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساپ ئالغان كىشىگە قىيامەت كۈنى ھېساپ ئاسان بولىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى ئېغىر ھېساپ دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساپ ئالماي ئىش قىلغانلارغا كىلىدۇ››.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" X$ v  _$ F& E: _- L

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; |9 [( U5 ?  J$ k1 s" Z9 f& e   ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان، تەقۋادارلىقنى ئۆز خۇلقى قىلغان مۆئمىنگە نىسبەتەن ئۆلۈم قورقۇنۇچلۇق، دەھشەتلىك ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈم ئۇنى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشقا يەتكۈزىدىغان بىكەت، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە تەييارلىغان كاتتا ئەجىر-مۇكاپاتى، ئۆلۈشمۇ، قېرىشمۇ، ئازاپمۇ بولمىغان جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش. ئەمما ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ياد ئىتىشتىن يۈز ئۆرىگەن ئادەم ئۈچۈن ئۆلۈم مۇسىبەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك مۇسىبەت، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى يامان ئەمەللەرنىڭ جازاسى، تېنى ئوتتىن پىچىلغان كىيىمنى كىيىپ، جېنى يىرىڭ ئارلاش قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىدىغان دەۋزەختە قاتتىق ئازاپنى تېتىغان، خار ھالدا مەڭگۈ قېلىشتۇر. ئىمام ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن: «ئۆلۈم مۆئمىن ئۈچۈن مەينەت، كىر كىيىمنى سېلىۋېتىپ، ئەڭ ئىسىل كىيىمنى كىيىش، تەنھا غېرىپ كەپىسىدىن ھەشەمەتلىك، كۆڭۈلنى خوش قىلىدىغان تۇرالغۇغا كۆچۈشتۇر. كاپىر ئۈچۈن ئۆلۈم ئىسىل كىيىمنى سېلىپ تاشلاپ ئەڭ ناچار، مەينەت جەندىنى كىيىش، يارۇ –بۇرادەرلىرى بىلەن ئاۋاتلاشقان ئۆيدىن غېرىپ كەپىگە، دەھشەتلىك ئازاپقا كۆچۈشتۇر››. شۇڭا ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش مۆئمىننىڭ خۇلقى ئەمەس. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياتقۇرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرمايدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇ ئادەمگە مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆىدۇ» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ئۆلۈم ئىنسان ئۈچۈن يېتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر. پەقەت كور قەلىبلەرلا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ. ئۆلۈم ئىنسانغا يىڭى مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ. ئىنسان بۇ دۇنيادىكى ئەمەللىرى بىلەن ئۇنى نېمەتلىك ياكى ئاپەتلىك ھاياتقا ئايلاندۇرىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 C6 f1 W5 a! t3 `

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 k! _) I# J, R0 `ئۆلۈم بوسۇغىسىدابۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( @1 C3 u3 ], o

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ G4 R9 j; @. b: e" o  ‹‹ئۆلۈمنىڭ سەكرىتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى» (سۈرە قاف 19-ئايەت) «راستلا جان ھەلقۇمغا يەتكەندە (بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ دىيىلىدۇ. (سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ. (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ.» (سۈرە قىيامەت 26-27-28-29-ئايەتلەر)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 I- K1 D7 Z8 @1 ^

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& s4 l% _( l/ q' v   يۇقارقى ئايەتلەرنى تىلى بىلەنلا ئەمەس، دىلى بىلەن زىكىر قىلىپ ئوقۇغان كىشىگە ئۆلۈم سەكرىتىنىڭ دەھشىتى يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۆلىمالار ئۆلۈم سەكرىتىنىڭ قاتتىقلىقىنىڭ ئىنساننى مىڭ قېتىم قېلىچ بىلەن چاپقان، ھەرە بىلەن ھەرىدىگەندىنمۇ ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ تومۇر-تومۇرلىرىنىڭ سەكرات ئازاۋىنى تېتىيدىغانلىقىنى تۈرلۈك نەقىللەر بىلەن بايان قىلىدۇ. شەھر ئىبنى ھۇۋشەب رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈمنىڭ قاتتىقلىقى ھەققىدە سۇرالغاندا مۇنداق دىگەن: ئەڭ ئاسان ئۆلۈم يۇڭنىڭ ئىچىدىن بۇدۇشقاق تىكەننى تارتىپ چىقارغانغا ئوخشايدۇ، ھەرقانچە قىلسىمۇ تارتىپ چىقىرىلغان بۇدۇشقاققا ھامان يۇڭ يېپىشقان بولىدۇغۇ؟!. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئاسانلىق تىلەشتىن غەپلەتتە قالغان ئۆلۈم سەكرىتىدىن پەيغەمبەر – ئەنبىيالار ناھايتتى كۆپ پاناھ تىلەيتتى. رەسۇلۇللاھ ھەردائىم «ئى پەرۋەردىگارىم، ماڭا ئۆلۈم سەكرىتىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن» دەپ دۇئا قىلاتتى. ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى كېسەللىك ھالىتىدە ياتقاندا يېنىغا بىر قاچا سۇ قويۇلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ مۇبارەك قولىنى سۇغا تىقىپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنى سىپايتتى ۋە «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۆلۈمنىڭ سەكرىتى ھەقتۇر» دىدى، ئاندىن قولىنى سوزۇپ «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا» دىگىنىچە قولى چۈشۈپ كىتىپ، نەپەستىن قالدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 o# J) K; i$ @2 A. \+ A& b

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& @& c5 Y4 ^9 @; X# Z   ھەدىسلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەقىللىرىدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك ئۆلۈمنىڭ بالاسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچىسى سەكرات ئازاۋى بولۇپ، بۇ روھنىڭ تەندىن تارتىپ چىقىرىلىش جەريانىدۇر.          ساھابىلاردىن ئەمرۇ ئىبنى ئاس  قاتتىق كىسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندا، ئوغلى مۇنداق دىگەن: ئى دادا ، ئىلگىرى سىز ئەگەر مەن ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن بىرەر ئاقىل ئادەمنى ئۇچراتسام، چۇقۇم ئۇنىڭدىن ئۆلۈمنى ماڭا سۈپەتلەپ بىرىشنى ئۈتۈنگەن بۇلاتتىم دىگەن ئىدىڭىز. سىز ئۆزىڭىز سۈپەتلىگەن ئاشۇ ئاقىل كىشى، ماڭا ئۆلۈمنى سۈپەتلەپ بېرىڭ دىگەن. ئەمرۇ ئىبنى ئاس: ئى ئوغلۇم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھازىر ئۆزەمنى قاتتىق قارا تاختاينىڭ ئۈستىدە يېتىۋاتقاندەك، يىڭنىنىڭ تۈشۈگىدىن نەپەس ئېلىۋاتقاندەك، بىرسى شوخىلىق تىكەننى تاپىنىمدىن كىرگۈزۈپ، بېشىمدىن تارتىپ چىقىرىۋاتقاندەك سىزىۋاتىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەئب ئىبنى ئەھبار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئۆلۈم ھەققىدە بىزگە سۆزلەپ بەرسەڭ» دەپ ئۆتۈندى. كەئب: «ئى ئەمىيرۇلمۆئمىنىين، ئۆلۈم گۇيا تىكەنلىك شاخقا ئوخشايدۇ، ئۇ ئىنساننىڭ بەدىنىگە سانچىلغاندا، ھەربىر-ھەربىر تومۇرلىرىغىچە كىرىدۇ. ئاندىن ئۇنى قاتتىق تارتقاندا تىكەنلىك شاخ بىلەن قۇشۇلۇپ چىققىنى چىقىدۇ. تىكەن بىلەن قالغىنى قالىدۇ»دىدى. پەيغەمبەرلەر، سالىھ بەندىلەرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سەكرىتى شۇنداق بولسا، ئۆلۈمنى يىراق ساناپ، ئاخىرەتتىن غەپلەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھالى نىمە بۇلار؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( x& w3 t! h4 c3 H4 U. s7 p2 t: V
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: H1 Z* i9 }$ G/ p  ئىككىنچى تۈرلۈك بالا سەكراتتىكى كىشىنىڭ جان ئالغۇچى پەرىشتە ئەزرائىلنى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ سۈر- ھەيۋىسىدىن قاتتىق قورقۇنچقا قېلىشىدۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: « (ئازاب) پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟» (سۈرە مۇھەممەد 27-ئايەت) سەلەف ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەزرائىلنىڭ سەكراتتىكى كافىر – مۇناپىققا  ناھايتتى قورقۇنچلۇق، بەد سۈرەتتە كۆرىنىدىغانلىقى، ئىنسان زاتىنىڭ ئۇنىڭغا قاراشقا تاقىتى يوقلىقى، شۇنداقلا مۆئمىنگە  ئەزرائىلنىڭ چىرايلىق سۈرەتتە كۆرىنىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى ھەدىسلەر كەلگەن. مانا بۇ ھەدىسلەر جۈملىسىدىن  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلى تۇشۇپ، ئەزرائىل كەلگەندە ئۇنىڭدىن كۇففارلارنى قەبزى روھ قىلغاندىكى كۆرۈنىشنى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەزرائىل ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: سەن مېنى ئۇ خىل ھالەتتە كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايسەن، دەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام «ياق، مەندە ئۇنچىلىق تاقەت بار» دەپ تۇرۋالىدۇ، ئەزرائىل ئۇنىڭغا « ئەمىسە ئارقاڭنى قىلغىن» دەپ بىر ئازدىن كېيىن ئالدىنى قىلىشنى ئېيتىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەزرائىلنىڭ دەھشەتلىك تۇرقىغا قاراپلا ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ. ھۇشىغا كەلگەندە ئەزرائىل ئۇنىڭدىن «قانداق، كۆرۋالدىڭمۇ؟» دەپ سورايدۇ.ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام : «ئى ئەزرائىل، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر كۇففارلارغا ئاخىرەت ئازابى بولماي سېنى كۆرۈشلا بولسىمۇ، شۇ ئازاپمۇ ئۇلارغا يىتەرلىككەن» دەيدۇ.    ئۈچىنچىسى، جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ھەربىر ئادەمگە ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقى، روھ تەندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كافىرغا: ئى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى! سىنىڭ جايىڭ دوزاخ، مۆئمىنگە: ئى ئاللاھنىڭ دوستى! سىنىڭ جايىڭ جەننەت دىيىلىدىغانلىقى. قۇرئاندا بۇنى دەلىللىگۈچى ئايەتلەر كەلگەن. «شۈبھىسىزكى «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دىگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستۇڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى، مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بىرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ››. (سۈرە فۇسسىلەت 30-32-ئايەتلەر)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ e1 ~6 j" l+ W4 b# m

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' p1 D0 }$ r9 A  o   ھەدىس كىتابلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە بەزى سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. سەكرات ھەقىقەتلىرىنى بىلىشتە ئەنە شۇ سەھىھ ھەدىسلەرگە مۇراجەت قىلىش ئەڭ ئىشەنچىلىك مەنبە ھىسابلىنىدۇ. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇ كىشىگە مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدۇ. ئائىشە: بىز ئۆلۈمنى ھېچ ياقتۇرمايمىز، دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: مىنىڭ دىگىنىم ئۇ ئەمەس، مۆئمىن ئادەمگە ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان رازىلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن بىشارەت بىرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن سۈيۈملۈك نەرسە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. كافىرغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە ئوقۇبىتى بىلەن بىشارەت بىرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىنمۇ يامان نەرسە بولمايدۇ. ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ جەننەت ياكى دوزاخ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھالەتتە ئاندىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ». (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالغان چېغىدا بىر قانچەيلەن يوقلاپ كىرگەندە، ئارىدىن بىرى: «ئى ئاللاھ ئەبۇ ھۈرەيرىگە ئاسانلىق بەرگىن دەپ دۇئا قىلغان، بۇ چاغدا ئەبۇ ھۆرەيرە «ياق، ياق» دېگىنىچە يىغلاپ كەتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: ئى قېرىندىشىم ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن دۇنيادىن ئايرىلىشقا قىيماي ھەسرەتلىنىپ ياكى سلەردىن ئايرىلىشتىن قورقۇپ يىغلاۋاتقىنىم يوق. بەلكى ئاخىرەتتىكى ئورنىمنىڭ جەننەت ياكى دوزاخ بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەرۋەردىگارىمدىن بېرلىدىغان بىشارەتتىن قورقۇپ يىغلاۋاتىمەن››.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: S! B7 i3 T4 B# W' c  r& G: t

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  n6 x; e) ~4 o3 C) w: E   بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كۈنى بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە ئەنسارلاردىن بىر كىشىنىڭ جىنازىسىنى ئېلىپ قەبرىستانغا چىقتۇق. رەسۇلۇللاھ قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا ئولتۇردى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ خۇددى بېشىمىزغا قۇش قۇنىۋالغاندەك جىمجىت ئولتۇردۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدىكى ياغاچ بىلەن يەرگە ئۇرۇپ بىر ئاسمانغا بىر يەرگە قارىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا سېغىنىپ قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەڭلار» ئۇ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن «ئى پەرۋەردىگارىم، ساڭا سېغىنىپ قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى: مۆئمىن دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدا، يېنىغا ئاسماندىن ئاق يۈزلۈك، مېھرى قۇياشتەك پەرىشتىلەر چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدا جەننەت كېپەنلىرىدىن بىر كېپەنلىك، جەننەت خۇشپۇراقلىرىدىن بىر خىل خۇشپۇراق بولۇپ ئۇ كىشىنىڭ كۆزى كۆرگىدەك يەردە ئولتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئەزرائىل كېلىپ، ئۇ كىشىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ: ئى پاك روھ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە مەغپىرىتىگە چىققىن دەيدۇ. ئاندىن ئەزرائىل ئۇ ئادەمنىڭ جېنىنى سۇ ساتقۇچىنىڭ سۈيىدىن سىرغىپ چىققان بىر تامچە سۇدەك سىلىق ئالىدۇ. ئۇنى ئالغان ھامان بىر مىنۇتمۇ قويماستىن كېپەن ۋە خۇشپۇراق بىلەن ئورايدۇ. ئۇنىڭدىن يەر يۈزىدە مەۋجۇت بولغان ئەڭ خۇشپۇي ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. پەرىشتىلەر روھنى ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلار: بۇ خۇشبۇي روھ كىمنىڭ روھى؟ دەپ سۇرايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇ ئادەمنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەڭ ياخشى نامىنى تىلغا ئېلىپ «بۇ پۇكۇنى ئادەمنىڭ بالىسى پۇستانى» دەيدۇ. ئەنە شۇنداق ئۆرلىگەنسېرى ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، يەتتىنچى ئاسمانغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا: بەندەمنىڭ نامە ئەمەللىرىنى ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن ئىللىيۇنغا يېزىڭلار، ئۇنىڭ روھىنى زىمىندىكى جەسىتىگە قايتۇرۇڭلار، مەن بەندىلىرىمنى توپىدىن ياراتتىم، يەنە ئۇنىڭغا قايتۇرىمەن ۋە شۇ توپىدىن يەنە قايتا تىرىلدۈرىمەن دەيدۇ. كاپىر ياكى پاسىق بەندە سەكراتتىكى چېغىدا قاپقارا يۈزلۈك، سۈرلۈك پەرىشتىلەر قۇپاللىقىدىن بەدەنگە سانچىلىدىغان بىر كىيىمنى ئېلىپ چۈشۈپ، كۆز كۆرگىدەك يەردە ئولتۇرىدۇ. ئەزرائىل كېلىپ سەكراتتىكى كىشىنىڭ بېشىدا ئولتۇرىدۇ ۋە ‹‹ئى يامان روھ، ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە نەپرىتىگە چىققىن» دەيدۇ، ئاندىن ھۆل يۇڭدىن زىخنى تارتىپ ئالغاندەك روھنى قاتتىق تارتىپ ئالىدۇ. بىر مىنوتمۇ تۇرماستىن ئۇ كىشىنىڭ روھىنى قوپال، سېسىق كىپەنلىككە قويىدۇ. ئۇنىڭدىن يەر يۈزىدىكى ئەڭ سېسىق جەسەتنىڭ بەدبۇي پۇرىقى تارقىلىدۇ. پەرشتىلەر روھنى ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. قانداقلىكى بىر پەرىشتىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىكەن، ئۇ «بۇ نىمېدىگەن سېسىق پۇراق›› دەيدۇ. پەرىشتىلەر بۇ ئادەمنى يەر يۈزىدىكى ئەڭ سەت ئىسمى بىلەن، «بۇ پۇكۇنىنىڭ ئوغلى پۇستانى» دەيدۇ. بۇ بەدبۇي روھنى ئېلىپ ئاسمانغا  ئۆرلىمەكچى بولغاندا ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلمايدۇ. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ‹‹شۈبھىسىزكى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ» (سۈرە ئەئراف 41-ئايەت) ئاندىن ئاللاھ تائالا: ئۇنىڭ نامە-ئەمەللىرىنى يامانلارنىڭ نامە-ئەمەل دەپتىرىگە يېزىڭلار، ئۇنى يەر يۈزىگە قايتۇرۇڭلار، مەن بەندىلىرىمنى تۇپىدىن يارىتىپ، يەنە ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا، ئاندىن شۇ تۇپراقتىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە ۋەدە بەرگەنمەن، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ روھى ئاسماندىن تاشلىنىپ، جەسىتىگە چۈشىدۇ. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گۇيا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ» (سۈرە ھەج 31-ئايەت) ئاندىن قەبرىدىكى سۇئال-سۇراق باشلىنىدۇ……..(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە، ھاكىم، ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان.شۇنداقلا ‹‹سەھىھۇلبۇخارى»، «سەھىھۇلمۇسلىم» دا يۇقارقى ھەدىسنى كۈچلەندۈرگۈچى شاھىد ھەدىسلەر بار).    سەكراتتىكى كىشىنىڭ يېنىدا تۇرغان ئادەم ئىنسانلىق كۆزى بىلەن بۇ ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشتىن ئاجىزدۇر. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ «جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر، بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر)›› (سۈرە ۋاقىئە 83-84-85-ئايەتلەر) دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر. سالىھلارنىڭ ئۆلۈمنى ياد ئېتىپ ياش تۆكۈشى ئۆلۈمدىن قورققانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى ھاياتنىڭ يامان خاتىمە بىلەن ئاياغلىشىشىدىن، ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ جەھەننەم بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قورققانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭا ، مۆئمىنلەر ھەر دائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈگەتكەندەك: ئى پەرۋەردىگارىمىز، بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتىمىزنى خەيرىلىك قىلغىن، ھاياتىمىزنى يامانلىق بىلەن خاتىمىلىنىشتىن ساقلىغىن دەپ دۇئا قىلىدۇ. كاپىر ۋە پاسىقنىڭ سەكرات ئازابى مۆئمىندىن قاتتىق بولىدۇ. كاپىرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى قاتتىق سەكرىتىنى ئاللاھ تائالا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ، (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالىتىنى كۆرىسەن)، پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سۇزۇپ، سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىختىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن خارلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ. (سۈرە ئەنئام 93-ئايەت) داڭلىق مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى كاپىرلارغا ئۆلۈش ئالدىدا خارلىغۇچى ئازاب بىلەن بىشارەت بىرىدىغانلقى ۋە «پەرىشتىلەرنىڭ قولىنى سوزىشى» ئۇرۇش مەنىسىدە دەپ شەرھىيلەيدۇ. جەڭ مەيدانىدىكى شېھىتكە ئۆلۈمنىڭ سەكرىتى ناھايىتى يەڭگىل بولىدىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن مەلۇم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «شېھىد ئۆلۈمنىڭ ئازابىنى پەقەت بىرىڭلارنىڭ قولىغا يىڭنە كىرگەنچىلىك دەرىجىدىلا ھېس قىلىدۇ.» (تىرمىزى، نەسەئى، دارىمى رىۋايەت قىلغان) سەكراتتىكى كىشىنىڭ ئاغزىدا كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىش بىلەن، قەلبىدە ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغپىرىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ياخشى ئارزۇ-تىلەكتە بولىشى مۇستەھەپتۇر. بۇ شۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلىشنى ئىشەنچ بىلەن ئۈمىد قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلۈشتىن ئىلگىرى چۇقۇم ئاللاھقا نىسبەتەن ياخشى ئارزۇ-ئۈمىدتە بولسۇن. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ئۆلىمالاردىن سابىت بەنانى مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلىدۇ. شۇ دەۋىردە بىر ياش بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىقى يامان، مىجەز ئىتتىك ئىدى. ئانىسى ئۇنىڭغا تۇلا نەسىھەت قىلاتتى. ئۆلۈم بېشىغا كەلگەندە، يىگىتنىڭ ئانىسى ئىچ ئاغرىقىدا: « ئى ئوغلۇم، سېنى ئىلگىرى مۇشۇنداق ئېغىر كۈندىن ئاگاھلاندۇرغان ئەمەسمىدىم» دەپ ۋايساپ كەتتى. ئۇ يىگىت بولسا : «ئى ئانا، پەرۋەردىگارىمنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق ئاتاسى كۆپتۇر، بۈگۈن پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنىمۇ شۇ چەكسىز رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دىگەن. ئاللاھ تائالا يىگىتنىڭ شۇ ياخشى ئارزۇ-ئىشەنچىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. ‹‹(ئى مۇھەممەد ! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» (سۈرە زۇمەر 53-ئايەت)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ n* H5 I6 N: ~  l! j- o

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 q  F! W- k& X' g5 z   ئىنساننىڭ ساغلام چېغىدا ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈمىدتىن ئەۋزەل، ئۆلۈم بېشىغا كەلگەندە بولسا، ئۈمىد قورقۇشتىن ئەۋزەل. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن كىشىنىڭ «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن كەلىمە شاھادەتنى تىلىغا جارى قىلىشى سۈننەتتۇر. بۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئىمان بىلەن خاتىمىلىنىشى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ «كىمنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى سۆزى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق بولىدىكەن، ئۇ ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ»، دىگەن ھەدىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. سەكراتتىكى كىشىنىڭ يېنىغا سالىھ-تەقۋادار ئادەملەرنىڭ ھازىر بولىشى، ئۇ كىشىنىڭ ھاياتلىقىدىكى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپرەك تىلغا ئېلىپ ئەسلىتىپ، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشى تەرغىپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: سىلەر كېسەل ياكى سەكراتقا چۈشكەن ئادەمنىڭ قېشىدا بولساڭلار، ياخشى سۆزلەرنى قىلىڭلار، سىلەرنىڭ شۇ سۆزلىرىڭلارغا پەرىشتىلەر «ئامىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)    ئىسلام شەرىئىتىدە مېيىتنى تىزراق يۇيۇپ، كېپەنلەپ، دەپنە قىلىش ياخشىدۇر. مېيىت روھىنىڭ يۇيۇش، كېپەنلەش، جىنازىغا ئېلىش، دەپنە ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: قاچانكى مېيىت تاۋۇتقا قۇيۇلۇپ، كىشىلەر ئۇنى يەرلىككە ئېلىپ ماڭسا، ئۆلگۈچى ياخشى ئادەم بولسا ئۇ: ‹‹مېنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار ، مېنى تىز ئېلىپ مېڭىڭىلار!» دەيدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچى شەقى ئادەم بولسا ئۇ «ئىسىت، مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭىسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئادىمىزاتتىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ. ئەگەر ئۇنى ئادىمىزات ئاڭلايدىغان بولسا ، جېنىدىن جۇدا بولغان بۇلاتتى. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) جىنازىدا ئويغاق  قەلبلەر ئۈچۈن ئىبرەت، غەپلەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەسلىتىش بار. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر جىنازىنى كۆرسە «سىلەر مېڭىپ تۇرۇڭلار، بىزمۇ كەينىڭلاردىن بارىمىز» دەيتتى. ئىبراھىم زىيات مېيىتقا يىغلاپ ئىچ ئاغرىتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ: سىلەر مېيىتقا ئەمەس ئۆزەڭلارغا ئىچ ئاغرىتىپ يىغلىساڭلار ئورۇنلۇق بولىدۇ. چۈنكى بۇ مېيىت ئۈچ تۈرلۈك قورقۇنچتىن ئەمىن تاپقان بولىدۇ. بىرىنچىسى ئۇ ئادەم ئەزرائىلنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ بولدى. ئىككىنچىسى ئۆلۈمنىڭ ئاچچىق ئازابىنى تېتىپ بولدى. ئۈچىنچىسى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىشى توغرىسىدىكى قورقۇنچتىن قۇتۇلدى» دىگەن. ئۆلۈكلەرنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىق، ئۇلارغا خەيرىلىك دۇئا قىلىپ قۇيۇش مۇسۇلمانلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەبلەر جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۆلۈكلەرنى تىللىماڭلار، ئۇلار قىلغانلىرىغا يارىشا ياخشىلىق ياكى يامانلىققا ئېرىشىپ بولدى» دىگەن.
قەبرىدىن سادابۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 w1 C7 A( n/ K/ s3 P- `, b* M3 k

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  a5 U* D, O# {5 q- \  Q2 a' K1 u
سىرات
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- D! ?% K* O8 G( |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- o6 p  _1 n6 R0 w) i! wسىرات سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى ئوچۇق، ئېنىق يول بولۇپ، شەرىئەتتە ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىرى ئاللاھ تائالا ھاياتى دۇنيادا بەندىلىرىگە بەلگىلەپ بەرگەن توغرا يول بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەت مانا شۇ مەنىدە ئېيتىلغان «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋىتىدۇ» (سۈرە ئەنئام 153- ئايەت) ئىككىنچىسى قىيامەت كۈنى دوزاخنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇ گۇيا ئىنچىكىلىكتە قىلدەك، ئۆتكۈرلۈكتە قېلىچ بىسىدەك پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ ئاسىي گۇناھكارلارغىچە جىمى ئادەم پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدۇ. مۆمىنلەر ياخشى ئەمەللىرى شاراپىتىدىن ئۆتۈپ كەتسە، كۇپپارلار مۆدۈرۈپ يىقىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% n! }) ^- v; C- W& g( [7 I% a0 ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 M- n" u: D: @0 ~7 n  `سىرات ھاياتى دۇنيادىكى سىراتنىڭ ئاخىرەتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ، كىمىكى بۇ دۇنيادا ئاللاھ بەلگىلىگەن توغرا يولدا ماڭغان بولسا، جەھەننەم ئۈستىگە تارتىلغان سىراتتىن ئۆتۈش ئاسانغا توختايدۇ. ئەمما شەرىئەت يولىدىن چەتنەپ گۇناھقا پاتقان بەندىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆتمىكى بەسىي مۈشكۈل بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە سىرات ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: سىرات جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە تارتىلغان مەن شۇ سىرات كۆۋرۈكىدىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆتۈشكە ئىزنى بىرىلگەن پەيغەمبەرمەن. بۇ كۈندە پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھېچكىم گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىمۇ پەقەت: پەرۋەردىگارىم ئامانلىق بەرگىن دىگەندىنلا ئىبارەت بولىدۇ. جەھەننەمدە تىكەنلىك تۆمۈر قارماقلار بار، سىلەر نەجدىدە ئۆسىدىغان تىكەنلىك قامغاقنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ساھابىلار ‹ھەئە› دىيىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ خۇددى سىلەر كۆرگەندەك تىكەنلىكتۇر، ئەمما ئۇنىڭ چوڭلىغىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. كىشىلەر ئەمەللىرىنىڭ ئېتىبارى بويىچە ئاشۇ تىكەنلىك تۆمۈر قارماقلارغا ئىلىنىدۇ. بەزىلەرنى يامان ئەمەللىرى سەۋەپلىك قارماق ھالاك قىلىدۇ. بەزىلەرنى قارماق ئىلغاندىن كېيىن قۇتۇلۇپ كېتىدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئادەملەر جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان سىراتتىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدا تىكەنلىك تۆمۈر قارماقلار ۋە ئىلمەكلەر بولۇپ، ئادەملەرنى ئوك سول تەرەپلىرىدىن ئىلىۋالىدۇ. ئەتراپتا ‹ئى پەرۋەردىگارىم، ئامانلىق بەرگىن، ئامانلىق بەرگىن› دەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى سىراتتىن چاقماقتەك ئۆتۈپ كىتىدۇ، يەنە بەزىلىرى شامالدەك، بەزىلىرى ئۇچقۇر ئاتتەك، بەزىلىرى يۈگۈرۈپ، بەزىلىرى مېڭىپ ئۆتىدۇ، بەزىلەر تىزلىنىپ، بەزىلەر ئۆمىلەپ ئۆتىدۇ. دوزاخ ئەھلى بولسا يا ئۆلمەيدىغان يا تىرىلمەيدىغان قاتتىق ئازاپتا بولىدۇ. ئادەملەر گۇناھ-مەئسىيەتلىرى مىقدارىچە كۆيۈپ كۆمۈردەك قارىداپ كېتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارغا شاپائەت قىلىنىدۇ››.(ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ يېتىپ مۈگدەپ قالىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاخىرەتنى ئەسلەپ يىغلاپ، ياش تامچىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىگە چۈشىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئويغىنىپ: «ئى ئائىشە نىمىگە يىغلايسەن؟» دەپ سورايدۇ. ئائىشە؛ ئاخىرەتنى ياد ئېتىپ يىغلاۋاتىمەن، قىيامەت كۈنىدە بەندە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى ياد ئېتەمدۇ؟ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بەندە تۆۋەندىكى ئۈچ ئۇرۇندا ئۆز نەپسىدىن باشقا ھېچنەرسىنى ئويلىمايدۇ. بىرىنچىسى ئەمەللەر تارازىسى تۇرغۇزۇلۇپ، بەندە تارازىسىنىڭ ئېغىر ياكى يەڭگىل كېلىدىغانلىقىغا قاراپ تۇرغاندا، ئىككىنچىسى نامە-ئەمەل كىتابى ئوڭ تەرەپتىن ياكى سول تەرەپتىن بېرىلىشنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۈچىنچىسى سىراتتىن ئۆتكەندە››. مانا بۇ سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان سىراتنىڭ تەسۋىرى. قورقىدىغان قەلب ئىگىلىرى ئۈچۈن ئاخىرەتنىڭ ھەربىر ھادىسىلىرىدە چوڭ ئىبرەت بار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 o% W# ?% A0 O: ^/ z; p0 q+ Yبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 W0 d3 v$ D, ^9 Y- L& }1 [5 x
ھېساب، مىزان، سىرات جەريانلىرىدىن كېيىن نىجات تاپقۇچىلار جەننەتكە، زىيان تارتقۇچىلار دوزاخقا يول ئالىدۇ. «ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال-خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ. يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ-توزان بېسىپ، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ. بۇلار بولسا كافىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر». (سۈرە ئەبەسە 38-42-ئايەتلەر).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: l5 |$ [4 Z2 r: R' {7 k  }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 w/ |" z6 m5 @4 Q6 x  G
مانا بۇ ئىنسان ھايات مۇساپىسىنىڭ نىھايىتى، ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەڭگۈلۈك قارارگاھ. ئۇنىڭ بىرىدە بەندە راھەت-پاراغەت، نازۇ-نېمەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرسە، يەنە بىرىدە ئىنسان خىيالىغا كەلتۈرسىمۇ تېنى شۈركىنىدىغان دەھشەتلىك ئازاب ئەبەدىي داۋام قىلىدۇ. مۆمىننىڭ ئەقىدىسىدە شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، دوزاخ ئازابىمۇ، جەننەت نېمىتىمۇ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بولۇپ، ئادەم ھەم جىسمى ھەم روھى بىلەن ئازاب تارتىدۇ ۋە ياكى راھەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. مانا بۇ چاغدا نىھايىتى يوق مەڭگۈلۈك ھايات باشلىنىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: ئەھلى جەننەت بولغانلار جەننەتكە، ئەھلى دوزاخ بولغانلار دوزاخقا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆلۈم ئېلىپ كېلىنىپ جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا توختىتىلىدۇ ۋە بوغۇزلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن بىر جاكارچى «ئى جەننەت ئەھلى، ئۆلۈم دېگەن تۈگىدى، ئى دوزاخ ئەھلى، ئۆلۈم دېگەن تۈگىدى» دەپ توۋالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەننەت ئەھلى تېخىمۇ خۇشال بولىدۇ. دوزاخ ئەھلى تېخىمۇ قايغۇرىدۇ››.(ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! r- X2 Q  y/ ~. k4 [" f) }- k0 uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- b/ Y$ s* j* D+ [4 ?" m( W) T+ _
دوزاخبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 J8 A# F" Z- U3 D9 j( p3 r' _: n' k

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# i0 f; w/ l& N) `2 T. I0 a9 ]# Nدوزاخ ـ كۇپپارلار، گۇناھكار ئاسىلارنىڭ ئاخىرقى قارارگاھى، ئاللاھ تائاللا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان، پەيغەمبەرلەر قەۋملىرىنى شەررىدىن قورقۇتقان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دەپ ئازابىدىن پاناھ تىلىگەن جەھەننەمدۇر. دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى، ئۇنىڭدىكى ئازاب ۋە ئەھلى دوزاخنىڭ ھالى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىسىلەردە ناھايىتى كۆپ بايانلار كەلگەن. پاساھەت-بالاغەت، ئوبرازلىق تىل بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ بايانلارنى ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ. دوزاخنىڭ خىلمۇ-خىل، تۈرلۈك ئازابلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ئىنسان نەپسىگە ناھايىتى ئېغىر تۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭدىن تەقۋىدارلىق بىلەنلا ساقلىنىش مۇمكىن، خۇددى رەسۇلۇللاھ ئېيتقاندەك، جەننەت گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن، دوزاخ بولسا ھاۋايى-ھەۋەسلەر بىلەن پەردىلەنگەن. ئۈمۈتكى، ئەھلى دوزاخ ھەققىدىكى بۇ ھەقىقەتلەر مۆمىنلەرگە تەقۋىدارلىق، زالالەتتە تېڭىرقاپ يۈرگەنلەرگە ئويغىنىش سېگنالى بېرەلىسە.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. F5 s' h7 `* H2 a4 ?3 a

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& Q5 F# U! `7 u+ k' Sسۈرە ھىجرىنىڭ 44-ئايىتىدە خەۋەر بېرىلگەندەك، دوزاخنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىلىرى، دەرۋازىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلەك ئادەملەر بار. بۇلار: جەھەننەم، لەزا، ھۇتەمە، سەئەر، سەقەر، جەھىم، ھاۋىيە. سۈرەكەھفىنىڭ 102-ئايىتىدە كەلگىنىدەك جەھەننەم كاپىرلارغا تەييارلانغان مەنزىلگاھتۇر، لەزا بولسا ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل-مال يىغىپ ساقلاپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جايىدۇر. ھاۋىيە دوزاخنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى، ئازاب جەھەتتىن ئەڭ قاتتىقى بولۇپ، مۇناپىقلار مۇشۇ يەردە جازالىنىدۇ. «مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ئازابتىن قۇتقۇزۇدىغان مەدەتكار تاپالمايسىلەر» (سۈرە نىسا 145-ئايەت). دوزاخ ئوتىنىڭ قىزىقلىغى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دۇنيادا يېقىۋاتقان ئوتۇڭلار قىزىقلىقتا جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ،» «ئى رەسۇلۇللاھ، كاپىرلارنى ئاسىلارنى كۆيدۈرۈشتە بۇ دۇنيانىڭ ئوتىچىلىك بولسىمۇ يېتەتتىغۇ›› دېگەنلەرگە، رەسۇلۇللاھ: جەھەننەمنىڭ ئوتى قىزىقلىقتا بۇ دۇنيانىڭ ئوتىدىن يەتمىش ھەسسە ئارتۇق. ھەربىر ھەسسىسىنىڭ قىزىقلىقى بۇ دۇنيانىڭ ئوتىچىلىك كېلىدۇ دېگەن. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئوت مىڭ يىل كۆيۈپ قىزىل رەڭگە كىرگەن، يەنە مىڭ يىل كۆيۈپ ئاقارغان، يەنە مىڭ يىل كۆيۈپ قارايغان. مانا مۇشۇ قاپقارا زۇلمەتلىك ئوت دوزاخ ئوتىدۇر. (ئىمام مالىك، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دوزاخنىڭ چوڭقۇرلىقى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدۇق. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. رەسۇلۇللاھ: بۇنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ دېدى. بىز ‹‹ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ئوبدان بىلگۈچىدۇر›› دېدۇق. رەسۇلۇللاھ ‹‹بۇ دوزاخقا 70 يىل بۇرۇن تاشلانغان تاشتۇر. ئۇ تېخىچە دوزاخقا چۈشۈۋاتاتتى. مانا ئەمدى دوزاخنىڭ تېگىگە يېتىپ باردى. سىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىڭلار شۇ تاشنىڭ چۈشكەن ئاۋازى›› دېدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, E0 l" J  b. z# c3 m" n) a4 k# oبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) F7 G' v, J4 g! \* [+ r9 o* [
دوزاخقا قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل قىلىنغان بولۇپ، سۈرە مۇددەسىرنىڭ 30-ئايىتىدە خەۋەر بېرىلگەندەك، ئۇلارنىڭ سانى 19دۇر. ئەھلى دوزاخنىڭ ئالدىدىن، كەينىدىن، ئاستىدىن، ئۈستىدىن، ئوڭ-سول تەرەپلىرىدىن ئوت ئوراپ تۇرىدۇ .«دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ». (سۈرە ئەئراف 41-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاق، پۇت-قوللىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان ھالدا ئوتقا سۆرەپ كىرىلىدۇ. ‹‹كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ، ئۇلار تۆمۈر-توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ. ھەر قاچان ئۇلار (يېتىۋاتقان) غەم-قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ، (ئۇلارغا) كۆيدۈرگۈچى (دوزاخ) ئازابىنى تېتىڭلار (دېيىلىدۇ)». (سۈرە ھەج 19-22-ئايەتلەر). گۇناھكارلار دوزاخقا كىرگەندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ تېنىنى يوغىنىتىپ زورايتىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئازابىنى زىيادە قىلىش ئۈچۈندۇر. ئىمام بۇخارى ئىمام مۇسلىم سەھىھ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كاپىرلارنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقى خۇددى ئالدىراپ تېز ماڭغان يولۇچىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك سەپەر مۇساپىسىدەك ئارىلىقتا بولىدۇ». (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). «كاپىرنىڭ چىشى ئۇھۇد تېغىدەك، تېرىسىنىڭ يىرىكلىكى ئۈچ كۈنلۈك يول مۇساپىسىدەك بولىدۇ» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دوزاخ ئەھلىنىڭ چىراي-شەكىل جەھەتتىن ئىنتايىن سەت، قەبىھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان مۇنداق بايان قىلىدۇ. «ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ». (سۈرە يۇنۇس 27-ئايەت)، ‹‹ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ(بەتبەشىرە) بولۇپ قالىدۇ». (سۈرە مۇئىمنۇن 114-ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ ئايەتنى شەرھىلەپ: «يەنى كاپىرنىڭ كالپۇكى قورۇلۇپ، ئۈستۈنكى تىلى بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئاستىنقى تىلى كىندىكىگە چۈشۈپ سۆرىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 B) U! p1 ^8 K. `  j( h+ wبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( f2 Q% X4 z7 v1 C1 s, h  C
ئۆتكۈر زەھىرى بىلەن چېقىپ، بەدەنگە يۆگىشىپ تۇرىدىغان يىلان-چايانلارمۇ دوزاختىكى خىلمۇ-خىل، تۈرلۈك ئازابلارنىڭ بىرىدۇر. ئىبنى ئەبباس رەزەيەللاھۇ ئەنھۇ «كاپىر بولغانلارغا ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى دىندىن) توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب قوشۇپ، زىيادە ئازاب قىلىمىز››(سۈرە نەھىل 88-ئايەت) ئايىتىدىكى زىيادە ئازابنى دوزاختىكى خېچىردەك يوغان چايانلارنىڭ ئەھلى دوزاخنى چېقىشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەفسىر قىلغان. ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە دوزاختىكى تۆگىدەك يىلان، خېچىردەك چوڭ چايانلارنىڭ ئەھلى دوزاخنى چاققاندىكى دەھشەتلىك ئاغرىقىنىڭ تاكى يەتمىش يىلغىچە كەتمەيدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئاللاھ تاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھسىزكى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز. ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز» (سۈرە نىسا 56-ئايەت) ھازىرقى زامان مېدتسىنا ئىلىمىنىڭ يېڭى بايقاشلىرىدىن بىرى شۇكى، ئادەمنىڭ ئاغرىق سېزىمى ئۈستۈنكى بىر قەۋەت تېرە قاتلىمىدا بولۇپ، بۇ قەۋەت تېرە كۆيۈپ كەتسە، ئاستىنقى قەۋەت قىسىملىرى ئاغرىقنى سەزمەيدۇ. مانا بۇ ئون تۆت ئەسىر ئىلگىرى تېبابەت ئىلمى تېخى ئىپتىدائى ھالەتتىكى چاغدا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئان ئېيتقان ھەقىقەت. ئەھلى دوزاخنىڭ ئازابلىرى تۈرلۈك، خىلمۇ-خىل بولىدۇ. پۇل-ماللىرىدىن ئاللاھ بۇيرىغان زاكاتنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جازاسى بولسا «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىشانلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا ‹بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشىڭلار (سىلەر بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار) يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار› دېيىلىدۇ». (سۈرە تەۋبە 35-ئايەت). ئۇسامە ئىبنى زەيىد ئىبنى ھارس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بىر ئادەم ئېلىپ كېلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. دوزاختا ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئۇ ياغۇنچاققا قاتقان ئېشەكتەك چۆگىلەيدۇ. ئەھلى دوزاخ ئۇنى چۆرىدەپ: ھەي پالانى، دۇنيادىكى چاغدا سەن ئەمرى-مەرۇف، نەھى-مۇنكەر قىلاتتىڭغۇ؟ دەيدۇ. ئۇ «مەن سىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇيتتىم، ئەمما ئۆزەم قىلمايتتىم، سىلەرنى يامان ئىشتىن توساتتىم، ئەمما ئۆزەم ئۇنىڭدىن يانمايتتىم» دەيدۇ. دوزاخ ئەھلى ئازاب چېكىشتە بىر خىل ئەمەس، پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ ھېسابى بويىچە بەزىلىرى قاتتىق ئازابتا، بەزىلىرى يەڭگىلرەك ئازابتا بولىدۇ. سەمۇرە ئىبنى جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئوت ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ھوشۇقىغىچە، بەزىلىرىنى تىزىغىچە كۆيدۈرىدۇ، بەزىلىرىنى بېلىگىچە، بەزىلىرىنى ئوقرەك سۆڭەكلىرىگىچە كۆيدۈرىدۇ» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ‹‹قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ يېنىك ئازاب چېكىدىغىنى شۇنداق بىر ئادەمكى، ئۇنىڭ ئىككى تاپىنى ئاستىغا ئىككى چوغ قويۇلىدۇ، چوغنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ مېڭىسى قايناپ كېتىدۇ. ئۇ مەندىنمۇ قاتتىق ئازابلانغان ئادەم يوق دەپ ئويلايدۇ. ھەقىقەتتە ئۇ ئەڭ يەڭگىل ئازاب چەككەن كېشىدۇر». (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 a3 J8 p/ U2 M
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ^6 v5 ]; `8 v7 X: R) ~
ھاياتلىق قانۇنىيىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دوزاخ ئەھلىمۇ يېمەك-ئىچمەككە مۇھتاج بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئازابىغا ھەسسىلەپ ئازاب قاتىدۇ. ئەھلى دوزاخنىڭ تائامى ئۇلارنىڭ ئاچلىغىنى پەسەيتەلمەيدۇ. ئىچىملىكى ئۇسسۇزلىقىنى باسالمايدۇ. دوزاخ ئەھلىنىڭ يېمەكلىكى بولغان زەققۇم، غىسلىن، زەرئى ھەققىدە قۇرئاندا ناھايىتى ئوچۇق بايانلار كەلگەن. «بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟ زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر. ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار شۈبھىسز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ» (سۈرە ساففات 62-67-ئايەتلەر). «زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر. ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق)دۇر. ئۇ قورساقلاردا قاينايدۇ» (سۈرە دۇخان 43-46-ئايەتلەر) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر زەققۇمدىن بىر بۇردا ئېلىپ دۇنياغا ئارىلاشتۇرسا، ئۇ پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ مەئىشىتىنى بۇزۇۋېتىشكە يېتىدۇ. شۇ زەققۇمنى يىمىكى قىلغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولار؟ غىسلىن بولسا گۇناھكارلارنىڭ بەدىنىدىن ئاققان يىرىڭ-زەرداپ، قان ۋە قوسۇقلىرى بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ يامان تامىقىدۇر». ئىمام ئىبنى كەسىر تەفسىرىدە ھاققە سۈرىسىنىڭ 35-37-ئايەتلىرىنى ئىكرىمە، قەتادەلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىدە شەرھىلىگەنلىكىنى يازغان. زەرى بولسا ئاچچىق تىكەن بولۇپ، ئەھلى دوزاخنىڭ تائامىدۇر. «ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ. زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ» (سۈرە غاشيە 6-،7-ئايەتلەر). دوزاخ ئەھلى ئۇسسۇزلىقتىن چاكىلدىغاندا ئۇلارغا قايناپ تۇرغان، قىزىقلىقدىن تۆمۈرنى ئېرىتىۋىتىدىغان قايناقسۇ ۋە يىرىڭلىق سېسىق سۇ بېرىلىدۇ. ئۇلار سۇنى ئىچمەكچى بولسا، سۇنىڭ ھارارىتىدىن يۈزىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ چۈشىدۇ. ئىچكەندە بولسا ئىچ-باغرى ئۈچەيلىرى ئېرىپ پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ «(مۇنداق تەقۋىدارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغۇرۇلۇپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟» (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت) دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى: دوزاختىكى كۇففار تەشنالىقتىن قايناپ تۇرغان سۇنى ئىچمەكچى بولۇپ، ئېغىزىنى ئاپىرىشى بىلەن قايناقسۇنىڭ ھارارىتىدىن يۈزى كۆيۈپ، بېشىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ چۈشىدۇ. سۇنى ئىچكەندە ئۈچەيلىرى پارە-پارە بولۇپ ئۈزۈلۈپ ھەتتا ئارقا پىشاپ يولىدىن ساڭگىلاپ چىقىپ قالىدۇ (ئىمام ئەھمەد، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئەھلى دوزاخ ئەنە شۇنداق تەكرار-تەكرار ئازاب چېكىش، قىينىلىش بىلەن نالە-پەرياد قىلىپ خار ھالدا ياشايدۇ، ئازاب ئۇلاردىن بىر مىنۇتمۇ نېرى بولمايدۇ. ئۇلار ئاللا-توۋا بىلەن يىغا-زار قىلىشىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز. ئاللاھ ئېيتىدۇ: جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتىرىلىپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار» (سۈرە مۇئمنون 106-108-ئايەتلەر) ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىغا ھېچىكىممۇ قۇلاق سالمايدۇ. دوزاخ ئەھلى قاتتىق ئازابتا ئۆلۈمنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە ئۆلۈم بېرىشنى، بۇنىڭ بىلەن ئازابتىن قۇتۇلۇپ، ئارام تېپىشنى تىلەيدۇ. ئەمما ئاخىرەت ھاياتى مەڭگۈلۈك ھايات بولۇپ، ئۆلۈم بولمايدۇ، ئۇنىڭدىكى ئازاب ياكى نېمەت ئەبەدىي داۋام قىلىدۇ. قۇرئان بۇنى ئاجايىپ پاساھەت-بالاغەت بىلەن مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: ”ئۆلۈم ئۇنى قورشىۋالىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ“ (سۈرە ئىبراھىم 77-ئايەت). ئىبرەت ۋە ئازاب بولۇشى ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىگە جەننەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار جەننەتنىڭ نېمەتلىرى ۋە ئەھلى جەننەتنىڭ راھەت-پاراغىتىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھەسرىتىگە ھەسرەت، ئازابىغا ئازاب قوشىدۇ. سۈرە ئەئرافتا ئەھلى جەننەت بىلەن ئەھلى دوزاخ ئارىسىدىكى سۆزلىشىش مۇنداق بايان قىلىنغان. «ئەھلى جەننەت ئەھلى دوزاخقا» بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار «ھەئە›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: ‹‹زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» (44-ئايەت) «ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىرئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار! دەپ توۋلايدۇ. ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن) «ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ (50-ئايەت) ئۇلارنىڭ نالە-زارى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئەھلى تولا يىغلاپ ياشلىرى قۇرۇپ، كۆزىدىن ياش ئورنىغا قان ئاقىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدىن يول-يول بولۇپ ئاققان قانلارنى كۆرىسەن، ئەگەر ئۇنىڭدا بىرەر كېمە ماڭسا مېڭىپ كېتەلەيدۇ» (ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* R* r* e" J$ s9 x0 ^, I! Kبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. p6 a' a' o: [& w
ئاخىرەتتىكى دوزاخ ئازابى ئالدىدا ھاياتى دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تەقۋىدارلارغا ۋەدە قىلغان جەننەت نېمەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا فانى دۇنيانىڭ رىيازەتلىرىمۇ ئەرزىمەس ھېسابلىنىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى دۇنيادا ئەڭ باياشاتچىلىقتىن ياشىغان، ئەمما دەۋزىخى بولغان بىر ئادەم كەلتۈرۈلۈپ دوزاخقا چۆكتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا:«ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن ياخشى ياشىغانمۇ؟ نازۇ-نېمەتلەرنى كۆرگەنمۇ؟» دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەم «ياق، رەببىم بىلەن قەسەمكى مەن ھېچقاچان ياخشى ياشاپ باقمىغان» دەيدۇ. دۇنيادا ئەڭ جاپا-مۇشەققەتتە ياشىغان، ئەمما جەننىتى بولغان بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا «ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن جاپا-مۇشەققەت تارتقانمۇ؟ بېشىڭدىن قاتتىقچىلىق ئۆتكەنمۇ؟›› دېيىلىدۇ. ئۇ «ياق، ئاللاھ تائاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن قىيىنچىلىق تارتىپ باقمىدىم، قاتتىقچىلىقنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزمىدىم» دەيدۇ (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; l  ~" B% I: y* j0 k" [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  s' B5 c( ^% H
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمان ھەر قانچە چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، مەڭگۈ دوزاختا قالمايدۇ، بەلكى گۇناھلىرى مىقدارىچە دوزاختا ئازابلانغاندىن كېيىن ئاخىرى بىر كۈنى دوزاختىن چىقىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن تەۋھىد ئەقىدىسىدىكى ئەمما يامان ئەمەللىرى ياخشىلىقىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە قارىتىلغان. ئاللاھ تائاللاھنىڭ «ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دېگىنى ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئىمانسىز كۇففارلار ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشرىكلارنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغفىرەت قىلمايدۇ. خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. كىمىكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ» (سۈرەنسا 48-ئايەت). مانا بۇ ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائاللاھ: قەلبىدە تېرىقچىلىق ئىمانى بارلارنى تارتىپ چىقىرىڭلار دەيدۇ، ئۇلار ئوتتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ھالەتتە چىقىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئابىھايات ئۆستىڭىگە تاشلىنىدۇ. بۇ ئادەملەر خۇددىي كەلكۈن لاتقىلىرىدا ئوت-چۆپ ئۈنۈپ چىققاندەك، چىرايلىق ھالەتتە ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئەجىبا سەن ئەشۇنداق يۇمران سېرىق مايسىنى كۆرۈپ باقمىغانمۇ؟ (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹‹كىمىكى، بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دېسە، قەلبىدە مىسقالچە ياخشىلىق بولىدىكەن، دوزاختىن چىقىدۇ. كىمىكى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دېسە، قەلبىدە تېرىقچىلىق ياخشىلىق بولىدىكەن، دوزاختىن چىقىدۇ. كىمىكى، «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق» دەيدىكەن ۋە قەلبىدە زەررىچە ياخشىلىق بولىدىكەن ئۇمۇ دوزاختىن چىقىدۇ (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن دوزاختىن ئەڭ كېيىن چىقىدىغان ئادەمنى ۋە جەننەتكە ئەڭ كېيىن كىرىدىغان ئادەمنى ئەلۋەتتە بىلىمەن. ئۇ شۇنداق بىر ئادەمكى، دوزاختىن ئۆمىلەپ چىقىدۇ. ئاللاھتائاللاھ ئۇنىڭغا: بارغىن، جەننەتكە كىرگىن، دەيدۇ. ئۇ جەننەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭغا جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تويۇلىدۇ. ئۇ قايتىپ بېرىپ: ئى رەببىم، جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ. ئاللاھ تائاللاھ ئۇنىڭغا: بارغىن، جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ، ئۇ جەننەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭغا جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تويۇلىدۇ. ئۇ قايتىپ بېرىپ: ئى رەببىم، جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ. ئاللاھ تائاللاھ ئۇنىڭغا: بارغىن، جەننەتكە كىرگىن، ساڭا ئاتا قىلغان جەننەت دۇنيادەك كەڭ ۋە يەنە دۇنيادەك ئون ھەسسە كەڭ دەيدۇ، ئۇ ئادەم ئاللاھ تائاللاھغا: سەن پادىشاھ تۇرۇپ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن ياكى كۈلۈۋاتامسەن دەيدۇ. ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈلگەنلىكىنى ھەتتا ئۇنىڭ ئۇدۇل چىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتىشىچە، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكى ئەنە شۇ كىشىدۇر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 r  W8 F/ N$ z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 z4 N. c+ H' A9 i" o. r
ئاللاھنىڭ رەھمىتى قانداق كەڭ بولسا، ئازابىمۇ شۇنداق قاتتىقتۇر. «ھەر قانداق ئادەم: ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسىرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياكى ‹‹ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋىدارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن)››.(سۈرە زۇمەر 56-،58-ئايەتلەر).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' X0 N, `6 P  e7 S- w; D* p( m% sبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) W2 r' i/ y# u) ]' [* U
جەننەتبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 G& \( s4 }1 L' }/ J( [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% L& j" J% \! D" B; A
جەننەت ــ ئاللاھ تائاللاھ مۆمىن، تەقۋىدارلار ئۈچۈن تەييارلىغان كاتتا مۇكاپات، ئۇنىڭدا جاپا-مۇشەققەتمۇ، قېرىلىق، ئۆلۈم، قايغۇ-ھەسىرەتمۇ يوق. ئۇنىڭدا بارى ئاللاھنىڭ رەھمەت، مەرھىمىتى، ئەبەدىيلىك خۇشاللىق ۋە تۈگىمەس راھەت-پاراغەتتۇر. جەننەت ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمۈد قىلىپ، ئازابىدىن قورققان، ئاللاھ بۇيرىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغان تەقۋىدارلارغا خاستۇر. ئەبۇ ھۈرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدىسىدا ئاللاھ تائاللاھ مۇنداق ئېيتىدۇ: مەن سالىھ بەندىلىرىمگە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، كىشىنىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نېمەتلەرنى تەييارلىدىم. خالىساڭلار مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھ تائاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ». (سۈرە سەجدە 17-ئايەت) جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ-نېمەتلەر توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە نۇرغۇن بايانلار كەلگەن. جەننەتنىڭ قەسىرلىرى، باغلىرى، دەرەخلىرى، ئۆستەڭلىرى، مېۋىلىرى، ئالتۇن-كۈمۈشلىرى، ھۆرۈ-غىلمانلىرى ئىنساننىڭ چەكلىك ئەقلى ۋە سەزگۈسىدىن ھالقىغان بولۇپ، بىز بىلىدىغان ھاياتى دۇنيادىكى شەيئىلەر بىلەن پەقەت ئىسىم جەھەتتە ئورتاقتۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈرە بەقەرەدىكى «ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق›› دەيدۇ. «ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ» ئايىتىنى تەفسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: جەننەتتىكى نېمەتلەر دۇنيادىكى نەرسىلەرگە پەقەت ئىسىم جەھەتتىنلا ئوخشايدۇ. جەننەتنىڭ كەڭلىكى ئاسمان-زىمىنچىلىك بولۇپ، ئال-ئىمران سۈرىسىنىڭ 137-ئايىتى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن. جەننەتنىڭ خۇشبۇي ھىدى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «جەننەتنىڭ خۇشبۇي ھىدى يۈز يىللىق مۇساپە نېرىسىدىنمۇ دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ» (ئىمام تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). كىشىلەر ياخشى ئەمەللەردە پەرقلىق بولغىنىدەك، جەننەتتىمۇ ئەمەللەرگە لايىق يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلەر بولىدۇ. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەننەتتە يۈز دەرىجە بار، بىر دەرىجە بىلەن يەنە بىر دەرىجىنىڭ ئارىلىقى ئاسمان-زىمىندەك پەرقلىنىدۇ. فىردەۋس ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدۇر. ئۇنىڭدىن تۆت جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى ئېقىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەرش بار، ئاللاھتىن سورىساڭلار، جەننىتى فىردەۋسنى سوراڭلار. (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ھەدىسلەردە بۇ دەرىجىلەردىن فىردەۋس، ئاندىن ئەدن، ئاندىن خۇلۇد، ئاندىن مەئۋا تىلغان ئېلىنغان. جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسى بولۇپ، بۇ دەرۋازىلارنىڭ چوڭلىقى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: جىنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، جەننەت دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئارىلىقى مەككە بىلەن ھەجەرنىڭ ئارىلىقىچىلىك ياكى مەككە بىلەن بۇسرانىڭ ئارىلىقىچىلىك كېلىدۇ. (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ياخشى ئەمەل بىلەن باغلانغان بولۇپ، كىم قايسى ئەمەلنى كۆپ قىلغان بولسا شۇ ئىشىكتىن چاقىرىلىدۇ. ناماز ئىشىكىدىن كۆپ ناماز ئوقۇغۇچىلار، رەييان دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكتىن كۆپ روزا تۇتقۇچىلار، سلە-رەھىم ئىشكىدىن كۆپ ئېھسان قىلغۇچىلار كىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغان كىرگۈچىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى تىلغان ئالغاندا ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى رەسۇلۇللاھ، بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلامدۇ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: شۇنداق، ئى ئەبۇ بەكىر، مەن سېنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇشىڭنى تىلەيمەن دەپ جاۋاپ بەردى. (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسىلىم رىۋايەت قىلغان)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. A0 o4 J( C7 m5 k7 Y; Lبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 M  @; f; ?- I& p+ J8 @
ئەھلى جەننەت ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرغان ئىسىل قەسىرلەردە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خىشلىرى ئالتۇن-كۆمۈشتىن، تاشلىرى لۇلۇ-ياقۇتتىن، توپىسى زەئىفىراندىن بولىدۇ. جەننەتتىكى ئۆستەڭلەر ھەققىدە قۇرئان مۇنداق خەۋەر بەرگەن: « تەقۇەدارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلەر ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بولىدۇ. ئۇلارغا جەننەتتە بەھىرىمان بولىدىغان تۈرلۈك مىۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋرىگارى تەرىپىدىن مەغفىرەت بولىدۇ. (مۇنداق تەقۋەدارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغۇرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىندىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟» (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت) ھەۋزى كەۋسەر توغرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: مېنىڭ كۆلۈم-ھەۋزى كەۋسەرنىڭ توغرىسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر. ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق، ھىدى ئىپاردىنمۇ خۇشبۇيدۇر. ئۇنىڭ جاملىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن ئىچكەن ئادەم مەڭگە چاڭقىمايدۇ“ (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 _( C$ `. C+ R* K3 |7 O3 B7 x7 _بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 L$ O# k2 ]3 u  ]; g, o) ?
كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، كىشى كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان راھەت-پاراغەت ۋە نازۇ-نىمەتلەر جەملەنگەن جەننەتكە كىرگەن مۆمىنلەرنىڭ ھاياتىنى قۇرئان مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «تەقۋەدارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغۇ-بوستانلاردىن، (سۇ، ھەسەل ۋە ماي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ، (ئۇلارغا):«جەننەتتە ئامان-ئىسەن، تىنىچ كىرىڭلار›› دىيىلىدۇ.(سۈرە ھىجىر 44-ئايەت). (ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن خوشال-خۇرام جەننەتكە كىرىڭلار» دىيىلىدۇ. ئۇلارغا ئالتۇن لىگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراپ) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر، سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.(سۈرە زۇخرۇف 68-72-ئايەتلەر). «تەقۋىدارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ. باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسدا بولىدۇ. ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر-بىرىگە قاراپ ئولتۇرىشىدۇ. (ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق. شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز. ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مىۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئىلگىرىكى (دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھىچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ››.(سۈرە دۇخان 51-56-ئايەتلەر). جەننەتتىكى ھايات مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. مەيلى قېرى، چوڭ بولسۇن ئەھلى جەننەت نەۋقىران ياش ھالەتتە جەننەتكە كىرىدۇ ۋە مەڭگۈ شۇ نەۋقىران يېشىدا تۇرىدۇ. ئۇلار كېسەل بولمايدۇ. قېرىمايدۇ، ئۆلمەيدۇ، ھېرىپ چارچىمايدۇ، غەم-قايغۇسى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئەھلى جەننەتنىڭ قەلبىنى ئۆچ-ئاداۋەت، ھەسەتتىن پاك قىلىپ، مېھىر-مۇھاببەتلىك كۆيۈمچان قېرىنداشلارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەبۇ سەئىد ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن: جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر نىدا قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مەڭگۈ ياشايسىلەر، ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، ھەرگىز كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر، ھەرگىز قېرىمايسىلەر، نازۇ-نىمەتتە، بەخىت سائەدەتتە ئۆتىسەلەر، مەڭگۈ بەختسىزلىككە دۇچار بولمايسىلەر» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: جەننەت ئەھلى يەيدۇ-ئىچىدۇ، چوڭ تەرەت قىلمايدۇ، مىشقىرمايدۇ ۋە كىچىك تەرەت قىلمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ يېمىكى ئىپارنىڭ ھېدىدەك خۇشبۇي كېكىرىش بىلەن ھەزىم بولىدۇ. خۇددى ئۇلار تەبئىي نەپەسلىنىپ تۇرغىنىدەك تەسبىھ، تەكبىرلەر ئۇلارنىڭ تىلىغا جارى بولۇپ تۇرىدۇ. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى جەننەتنىڭ يېيىش-ئىچىش، كىيىش ۋە خۇشبۇي ئىشلىتىشتە قانداقتۇ ئۇلاردا ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، يالىڭاچلىق ياكى بەدبۇيلۇق ھېسسىياتى يوق بولىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۈزۈلمەس لەززەتلەر ۋە تۈگىمەس نېمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ». ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ مەزھىپى شۇكى، ئەھلى جەننەت دۇنيا ئەھلىگە ئوخشاشلا نازۇ-نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەززەتلىنىش جەھەتتە پەرق بولىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە دەسلىپىدە كىرىدىغان جامائە ئون تۆت كۈنلۈك تولۇق ئايدەك بولىدۇ. جەننەتكە ئۇلاردىن كېيىن كىرگۈچىلەر ئاسماندىكى نۇرلۇق يۇلتۇزلاردەك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدۇ، تۈكۈرمەيدۇ ۋە مىشقىرمايدۇ. ئۇلارنىڭ تاغاقلىرى ئالتۇندىن بولىدۇ. تەرلىرى ئىپاردەك خۇش ھىد بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسرىقدىنى خۇشپۇراق ئۇد ياغىچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى شەھلا كۆزلۈك ھۆر-پەرىلەردىن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ شەكلىدە ئېگىزلىكى 60 گەز كېلىدىغان ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە بولىدۇ». (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىنسان شۇنچە چوڭ بىلگەن دۇنيانىڭ جىمى راھەت-پاراغەتلىرى جەننەت ئىنئاملىرى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «جەننەتتىكى بىر ياچاق دائىرىسىچىلىك جاي ۋە ياكى سىلەرنىڭ جەننەتتە قەدىمڭلارنى قويغان جاي دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى جىمى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بىر ئايال زىمىنغا چىقسا ئۇنىڭ نۇرىدىن دۇنيا يورىغان، ئۇنىڭ خۇشھىدى ھەممە يەرنى قاپلىغان بولاتتى. ئۇنىڭ سالغان چۈمبىلى دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى جىمى نەرسىلەردىن ئارتۇقتۇر››.(ئىمام بۇخارى، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). جەننەتتىكى شۇنچىۋالا نېمەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا نېمەت ئاللاھ تائاللاھنىڭ مۇبارەك جاملىنى كۆرۈش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتۇر. ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىدە تەقۋىدار مۆمىنلەر ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈش شەرىپىگە نائىل بولىدۇ. ئەمما گۇناھكارلار ئاللاھنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بۇنى دەلىللىگۈچى ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر بار. ئاللاھ تائاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۈندە(سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ» (سۈرە قىيامەت 22-،23-ئايەتلەر) «ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان». مۇفەسسىرلەر قاف سۈرىسىدىكى «جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا (ئۇلارغا) زىيادە(نېمەتلەر) بار» (35-ئايەت) ئايىتىدىكى زىيادە نېمەت دەل ئاللاھنىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈش شەرىپىگە نائىل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شۇنداق لەززەتلىككى جەننەت ئەھلى بۇ چاغدا باشقا جىمى نېمەتلەرنى ئۇنتۇيدۇ دەپ شەرھىلەيدۇ. جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 14 كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: «سىلەر خۇددى مۇشۇ ئاينى ھېچقانداق توسالغۇسىز كۆرگەندەك، پەرۋەردىگارىڭلارنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرىسىلەر» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىمام مالىك بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائاللاھ باقى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا كىشىلەرنىڭ فانى كۆزلىرى بىلەن باقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاخىرەتتە بولسا، جەننىتىلەرگە باقى كۆزلەر بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇ كۆز بىلەن ئاللاھ تائاللاھنى كۆرگىلى بولىدۇ». سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە، ئاللاھ تائاللاھ سىلەرگە مېنىڭ بىرەر نەرسىنى زىيادە قىلىپ بېرىشىمنى خالامسىلەر›› دەيدۇ. ئۇلار: يۈزىمىزنى يورۇق قىلمىدىڭمۇ، دوزاختىن قۇتقۇزۇپ جەننەتكە كىرگۈزمىدىڭمۇ، بىز يەنە نىمىنى تەلەپ قىلاتتۇق، دەيدۇ. ئاللاھ تائاللاھ ئۆز جامالىدىن پەردىنى كۆتۈرىۋېتىدۇ. ئۇلارغا ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇشەررەف بولۇشتىنمۇ سۆيۈملۈكرەك نەرسە بولمايدۇ». (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; _$ M7 R0 U' Z. d" s5 P2 nبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ?" u: P( V$ n( }
مانا بۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ گۈزەل يېشىمى، ئەمما بۇ ھەممە ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن، دوزاخنى كۆرمەي تۇرۇپ ئازابىدىن قورققان، جەننەتنى كۆرمەي تۇرۇپ قىزىققان ئادەمگىلا نىسىپ بولىدىغان ياخشى خاتىمە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 f" p, C1 M5 f( \( \
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: P! ^$ j/ \) [6 V5 cئاللاھ تائاللاھنىڭ بەندىگە بەرگەن نېمەتلىرى نۇرغۇن، تەن-ساقلىق، مال-مۈلۈك، بالا-چاقا، مېھرى-مۇھەببەت، شان-شۆھرەت…… ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نېمەت ئاللاھنىڭ ھىدايىتى، چۈنكى شۇ ھىدايەت بىلەن ئىنسان مەڭگۈلۈك جەننەتنىڭ ئىشكىنى قېقىشقا نائىل بولىدۇ. شۇ ھىدايەت ئىنساننى راھەت-پاراغەتلىك يېڭىچە ھاياتقا ئۇلاشتۇرىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي بەختتۇر. چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، جەينىمازغا ئولتۇرغان مۆمىن پەرۋەردىگارىدىن ئىنسان قەلبىدىكى تەنھا بوشلۇقلارنى تولدۇرۇلايدىغان ئىمان تىلەيدۇ. ئۇ ساغلاملىق، بايلىق، كۆپ پەرزەنت، دۇنيا ھاجەتلىرىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىدىن تەقۋالىق ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى سورايدۇ. ئۇنىڭغا ئايانكى ‹‹(ئى ئىنسانلار) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر›› (سۈرە نەھىل 96-ئايەت).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% [' |$ R. b1 y0 K
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 T8 I& _! u/ }; r" N
خاتىمە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ f3 ~. h9 w8 C; Lبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 i2 r  M; n6 L' Z* Y4 d
ئۆلۈم ۋەھمىسى قەلبىمىزگە سايە تاشلىغاندا بىز شۇنداق دەيمىز: ئۆلۈم پۈتۈنلەي يوقىلىشمۇ؟ ئەجىبا ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ھېكايىسى مۇشۇ دۇنيادىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ ياخشىلار ئەجرىگە لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن، مەزلۇملار ئەنتىنى ئالالمىغان، يامانلار جازاسىنى تارتماي، ئەكسىچە خاتىرجەم ياشاپ ئۆتكەن ھالەتتە ھاياتنىڭ ئاياغلىشىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ياكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە كۇففارلار تىلىدىن ئېيتقان «بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر. بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ قايتا تىرىلىمىز)» (سۈرە مۇئىمنىنۇن 37-ئايەت) دېگەندەك بولامدۇ؟ ھاياتلىق كارۋىنى داۋام قىلماقتا، ئەمما ئۇنىڭ نىھايىتى بار، ئۇ ھامان ئاخىرقى بېكەتكە كېلىپ توختايدۇ. ھاۋادا، سۇدا، قۇياشتا، ھەربىر ياپراقتا…. ئاللاھ تائاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى ئەكس ئېتىدۇ. كائىناتنىڭ ھەربىر زەررىچىسىدىمۇ ياراتقۇچىنىڭ بۈيۈك مۆجىزىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئويغاق قەلبلەر بۇنىڭدىن چوڭقۇر سۈكۈتكە پاتىدۇ. پەقەت ھەقنى كۆرۈشتىن دىلى پەردىلەنگەن ئەڭ شەقى بەندىلا غەپلەت بىلەن ئازغۇنلۇقتا يۈرىدۇ.
  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' z: X# z! k7 @9 z5 t% P8 r/ t8 W
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' [' S) B8 F/ l/ ^/ d0 {- E1 T
4- دەججالنىڭ پەيدا بولىشىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& G0 u$ `& H4 F  Y9 N% V

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: a5 \5 v! b% J2 z0 eدەججال سۆزى ئەرەب تىلىدا ھەقنى يالغان بىلەن يۆگىگۈچى ئالدامچى، كاززاپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قانچە ھەدىسلىرىدە قىيامەت يىقىنلاشقاندا مەشرىق تەرەپتىن بىر ئالدامچى دەججالنىڭ چىقىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرالايدىغان، ئۆلۈكنى تىرۈلدۈرەلەيدىغان، قاقاس يەرلەرگە زىرائەت ئۈندۈرەلەيدىغان، يەرئاستى بايلىقلىرىنى چىقىرالايدىغان كارامەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن دەججالنىڭ ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئىبنى ئۆمەر رىۋايەت قىلىدۇكى رەسۇلۇللاھ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا دەججالنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دىدى: «ئاللاھ يەكچەشمە ئەمەس، ئاگاھ بولۇڭلار، دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ، ئۇنىڭ كۆزى خۇددى سۇدا لەيلەپ تۇرغان ئۈزۈمدەك پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئەنەس ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «دەججال پەقەت مەككە ۋە مەدىنىدىن باشقا ھەممە جايغا ئاياغ باسىدۇ. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ ھەربىر كوچىلىرىنى پەرىشتىلەر سەپ-سەپ بولۇپ قوغدايدۇ، كېيىن مەدىنە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئۈچ قېتىم تەۋرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مەدىنىدىن دىنسىز ۋە مۇناپىقلارنى چىقىرىۋېتىدۇ». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 j) j( P5 T6 K: |بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. ]( d5 q3 C( x5 f- d! w# m  l
5- ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 z( w9 I% U3 h

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! Y' H* I% W; `قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى خەۋەر بەرگەن قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى دەججالنىڭ پىتنىسى كۈچىيىپ، مۆئمىنلەر قاتتىق قىسىلغان چاغدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىشى ۋە ئىسلام شەرىئىتى بۇيىچە ھۆكۈم يۈرگۈزىشىدۇر. سۈرە نىسادا يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرەلمىگەنلىكى، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىيسانى تىرىك پېتى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق كەلگەن: «يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دىگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى.(ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى)دە شۈبھىدىدۇر، ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى)نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى، بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى)». (سۈرە نىسا 157-158-ئايەتلەر) ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكى سۈرە زۇخرۇفنىڭ 61-ئايىتىدە ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ‹‹پەيغەمبەرلەر ئۆزئارا قېرىنداشتۇر، ئۇلارنىڭ ئانىلىرى باشقا، دىنى بىردۇر. مەن مەريەم ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يىقىن تۇرىمەن. چۈنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مىنىڭ ئارلىقىمدا باشقا پەيغەمبەر يوق. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئۇنى كۆرگەندە تونىۋېلىڭلار، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرا بويلۇق، تىرىسى قىزىل بىلەن ئاققا مايىل كىشى، ئۇ بىر جۈپ رەڭلىك كىيىم كىيگەن ھالدا بېشىنى كۆتۈرسە مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇ تۆكىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بۇتلارنى چېقىپ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ. كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ مۇسۇلمانلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىدە 40 يىل تۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشىرىدۇ. (ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 g: d9 l# R! l

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 g: b4 J$ n7 H; |6- يەجۇج- مەجۇجلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ e: [& _' e# i5 o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* o. S: n/ h1 z9 q: x/ I
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا زامان ئاخىرىدا يەجۇج-مەجۇج دېيىلىدىغان، سان جەھەتتىن ئىنتايىن كۆپ بىر قەۋمنىڭ مەيدانغا كىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە پىتنە-پاسات تېرىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى، بۇ قىيامەت يىقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغان. ‹‹يەجۇج-مەجۇج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەربىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ. راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كافىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ». (سۈرە ئەنبىيا 96-97-ئايەت)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ P( @4 [( U/ z- Hبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 y2 S+ x3 ]3 T( _
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ يەجۇج-مەجۇج ھەققىدە خەۋەرلەر كەلگەن، زەينەپ بىنت جەھش رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇدىن كۆزلىرى قىززارغان ھالدا ئويغاندى ۋە «بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچبىر ئىلاھ يوق، ئەرەپلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! چوڭ بالا-قازا كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۈگۈن يەجۇج-مەجۇجلارنىڭ تۇساق تېمىدىن مۇنچىلىك ئېچىلىپ كىتىپتۇ» دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ھالقا قىلىپ كۆرسەتتى. مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، ئەجىبا ئارىمىزدا ياخشى كىشىلەر بار تۇرۇپ، بىزمۇ بۇ بالا-قازاغا دۇچار بۇلامدۇق؟ دەپ سورىۋېدىم، رەسۇلۇللاھ «ھەئە، يامان ئىشلار كۆپىيىپ كەتسە شۇنداق بولىدۇ» دېدى. ھەدىسلەردە يەنە يەجۇج-مەجۇجنىڭ چىقىشى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشۈپ، دەججالنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن بولىدىغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن. ھەدىسلەردە يەنە ئىسلامنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ قەبزى روھ قىلىش ئارقىلىق، يەريۈزىدە قەلبىدە زەررىچىلىك ئىمانى بار كىشىلەر تۈگەپ پەقەت ئەڭ يامان ئادەملەر قالغاندا قىيامەت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «دەججال مىنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. دۇنيادا 40 تۇرىدۇ.(رىۋايەت قىلغۇچى 40 كۈنمۇ، 40 ئايمۇ، 40 يىلمۇ بىلمىدىم دەيدۇ) ئاللاھ مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ دەججالنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن كىشىلەر (ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن) يەتتە يىل ئادەم ئارىسىدا ئاداۋەتمۇ بولماي تېنچ ھايات كەچۈرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ شام تەرەپتىن سوغۇق شامال چىقىرىدۇ، ئۇ شامال زىمىندىكى قەلبىدە زەررىچە ياخشىلىق ياكى ئىمان بولغان كىشىنى قالدۇرماي قەبزى روھ قىلىدۇ. ھەتتا بىرەرسىڭلار تاغنىڭ باغرىغا كىرۋالغان تەقدىردىمۇ، شامال شۇ يەرگە كىرىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالماي قويمايدۇ. يەر يۈزىدە يامان ئىشلارغا بېرىلىشتە قۇشنىڭ ئۇچقىنىدەك تېز، يىرتقۇچ ۋەھشى ھايۋانلاردەك ھۆركىرەيدىغان كىشىلەر قالىدۇ، ئۇلار ياخشى ئىشنى بىلمەيدۇ، يامان ئىشنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئاندىن شەيتان بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «مىنىڭ سۈزۈمگە كىرمەمسىلەر» دەيدۇ. ئۇلار «بىزنى نىمىگە بۇيرۇيسەن؟» دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى بۇتقا چۇقۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ رىزىقى كەڭ، تۇرمۇشى پاراۋان بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن سۈر چېلىنىدۇ…(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) بۇندىن باشقا مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى ساناپ مۇنداق دىگەن: «بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئاخىرقىسى يەمەن تەرەپتىن بىر ئوتنىڭ چىقىپ كىشىلەرنى توپلىشىدۇر». «سەھىھۇلبۇخارى»دىكى يەنە بىر ھەدىستە بۇ ئوتنىڭ ھەزەرى مەۋت تەرەپتىن چىقىپ كىشىلەرنى شام رايۇنىغا توپلايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.   
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# g, n: Q& g* J; r! xبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 J5 _& t: o! h0 p- s
قىيامەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( \5 v. e# X5 d  dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ L  M9 u  J# X1 y; s' U4 ~
‹‹كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ. ياق، (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر. بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر» (سۈرە قىيامەت 7-12-ئايەتلەر) ھاياتلىق گويا ئېقىنغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا ئەجىلى پۈتكەنلەر ئۆلۈمگە يۈز تۇتسا، يەنە نۇرغۇن يېڭى جانلار ھاياتقا كۆز ئاچىدۇ. ھاياتلىق گويا مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئوخشايدۇ. بىر دولقۇن شاۋقۇن بىلەن دېڭىز قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ تۈگىگەندە، كەينىدىنلا يەنە بىر دولقۇن قىرغاققا ئۇرۇلىدۇ. ياشىرىپ تۇرغان ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ قالغاندا، ئورنىغا يەنە ياپ-يېشىل كوكاتلار ئۈنۈپ چىقىدۇ. قۇياش زىمىننى ئىللىق نۇرى بىلەن پەپىلەيدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نىھايىتى، ئاياقلىشىش چېكى بولىدۇ. ھاياتلىق ھەرگىزمۇ ئۈزۈلمەس ئېقىن ئەمەس. شۇنداق بىر كۈندە كۈننىڭ نۇرى ئۆچىدۇ. يۇلتۇزلار تۈكىلىدۇ. دەريا – بۇلاقلار ئېقىشتىن توختايدۇ. گۈللەر توزۇپ قۇرۇيدۇ. ھەممە نەرسە ھەتتا كائىناتمۇ گۇمران بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمرى چەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاياقلشىشى ئۆلۈم دەپ ئاتالغىنىدەك، دۇنيانىڭ ئۆمرىمۇ چەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ يوقىلىشى قىيامەت دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ H  X  k9 U6 C( A8 n8 m

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# K+ Q/ ?& _' {1 q' E  C   مانا بۇ قۇرئاندىكى نەچچە يۈز ئايەتتە تەكرار-تەكرار زىكىر قىلىنغان، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى دەھشىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان ھېساپ كۈنىدۇر. مانا بۇ مۆئمىنلەر ئازابىدىن پاناھ تىلىگەن، گۇناھكارلار يىراق سانىغان ھەسرەت-نادامەت كۈنىدۇر. مانا بۇ ھەر ئادەم دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازاغا ئېرىشىدىغان ھۆكۈم كۈنىدۇر. «(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ). ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ. ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ. ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ. يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ››.(سۈرە ئەبەسە 33-41-ئايەتلەر)    قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش ئاللاھقا مەلۇم بىر ۋاقىتتا جىمى جانلىقلار ئۆلۈپ، ھاياتى دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى، ئاندىن ئاللاھنىڭ جىمى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ ھېساپ ئۈچۈن ئۆز دەرگاھىغا يىغىدىقانلىقى، ھەربىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا دوزاخ ياكى جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. مۆئمىننىڭ ئەقىدىسى ئۇنىڭسىز دۇرۇس بولمايدۇ. قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. قۇرئاندا ‹‹ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار ….» دىگەن ئىبارە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمەللەردىن ھېساپ ئېلىنىدىغان شۇنداق بىر ئۇلۇغ كۈننىڭ بارلىقىغا بولغان ئىماننىڭ مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە جەمىيەتنىڭ مۇستەقىم توغرا يولىدا بولىشىدىكى رولى تەڭداشسىز، شۇ سەۋەبلىك قۇرئان كەرىمدە قيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە نەچچە يۈزلىگەن ئايەتلەردە تەكرار ئېيتىلغان. سۈرە قىيامەت، سۈرە ھەشىر، سۈرە تەغابۇن، سۈرە ھاققە، سۈرە ۋاقىئە، سۈرە زەلزەلەگە ئوخشاش بىر قانچە سۈرىلەر قىيامەت كۈنىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بىر قىيامەت كۈنىنىڭ قۇرئاندا ئوخشاش بولمىغان 87 تۈرلۈك ئىسىم بىلەن ئاتىلىشى ۋە ھەربىر ئىسىمنىڭ ئۆزىگە خاس مەنا قاتلىمىغا ئىگە بولىشىمۇ بۇ تېمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سالمىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئىمام غەززالى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىنى ئوخشىمىغان تۈرلۈك ئىسىملار بىلەن ئاتىغان. ئىسىملارنىڭ كۆپلىكىدىن مەقسەت ئىسىم تەكرارلاش ئەمەس، بەلكى ئىنساننى ئاگاھلاندۇرۇش، ئىنساننى ئوخشىمىغان ئىسىم ئاستىغا يۇشۇرۇنغان ئوخشىمىغان مەنا ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەشتۇر، چۈنكى بۇ ئىسىملارنىڭ ھەربىرى قىيامەت كۈنىنىڭ بىر سىرىنى، ھەر بىرى بىر سۈپىتىنى ئېچىپ بىرىدۇ››. ‹‹سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ تائالا خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ». (سۈرە زۇمەر 68-ئايەت). مانا بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، قىيامەت مۇنداق ئىككى چوڭ ھادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىرى زىمىندىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، ھاياتلىق ۋە ئالەم ئاخىرلىشىدۇ. ئىككىنچىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن جىمى ئۆلۈكلەر تىرىلىپ، قەبرىلەردىن چىقىپ، مەھشەرگاھقا سوئال-سۇراق ئۈچۈن ھازىر بولىدۇ، ئاخىرەت ھاياتى باشلىنىدۇ. بۇ ئىككى ھادىسىنىڭ باشلىنىشى ئىككى قېتىملىق سۈر بىلەن باغلانغان. قىيامەتنىڭ كىشىلەر بىخەۋەر تۇرغان ھالدا تۇيۇقسىز كىلىدىغانلىقى ۋە ئاز قالغانلىقى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «مەن قانداقمۇ خاتىرجەم بولاي، ھالبۇكى سۈر چالغۇچى سۈرنى چېلىش ئۈچۈن ئاغزىغا ئالغان تۇرسا، ئۇ رۇخسەتنى كۈتىۋاتىدۇ. قاچانكى ئۇنى چېلىشقا بۇيرۇق قىلىنسا، ئۇنى چالىدۇ». گويا بۇ گەپ ساھابىلەرگە قاتتىق تەسىر قىلغاندەك ئىدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ تائالا بىزگە كۇپايە، ئاللاھ تائالا نىمە دىگەن ياخشى ئىگە دەڭلار» دېدى. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ئاللاھ ئىسرافىل ئىسىملىك پەرىشتىنى قىيامەتنىڭ سېگىنالى بولغان سۈرنى چېلىشقا مەسئۇل قىلغان. بىرىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنىش بىلەن كائىناتتا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. تەبىئەتنىڭ نورمال قانۇنىيىتى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، ئىنساننىڭ خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ھادىسىلەر ھەققىدە قۇرئاندا قەلىبلەرنى تىتىرەتكۈچى ئوبرازلىق بايانلار كەلگەن. «بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا، زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر ـ بىرىگە) ئۇرۇلۇپ(ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا، بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ. ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ» (سۈرە ھاققە 13- 16- ئايەت)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ C0 c& A( ~1 l6 {/ c% D  R7 mبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 w0 B: G" v3 d3 H8 T' i  U7 \
   ‹‹ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا، قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا، ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ››(ئىنفىتار 1-5-ئايەت) «ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ. تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ» (سۈرە مائارىج 8-9 ئايەتلەر). ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە مۇددەتنى بەلگىلىگەن. ئاستىرونومىيە ئىلمىدا يۇلتۇزلارنىڭ قېرىشى، ئۆلۈشىدەك ھادىسىلەر ھەممە ئىتراپ قىلغان ئىلمى ھەقىقەت. يۇقارقى بايانلار ئاسمان، زىمىن، قۇياش، ئاي-يۇلتۇز، تاغ، دەريا-دېڭىزدەك نىسبەتەن تۇراقلىق بولغان، ئىنساننىڭ ئىگىدارچىلىق قۇدرىتىدىن ھالقىغان شەيئىيلەردىكى ئۆزگىرىشنى مەركەز قىلغان ھالدا ئايرىم-ئايرىم سۈرە ۋە ئورۇنلاردا كەلگەن. بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغاندا ئاسماننىڭ يېرىلىشى، كۈن نۇرىنىڭ ئۆچىشى، تاغلارنىڭ پارچىلىنىپ ئۇۋىلىنىپ كېتىشى، يەرنىڭ قاتتىق تەۋرىشى، يۇلتۇزلارنىڭ تۆكىلىشىدەك زور ھادىسىلەر بىلەن ئالەمنىڭ بىرلىكى بوزۇلىدۇ. زېمىندىكى جانلىقلار- ئىنسانلار، جىنلار، ھايۋانلار ھەممىسى ئۆلىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& ^/ f- y$ e2 n- I

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* e# m' \0 M( _  A) H   ئىككىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغاندا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جىمى جانلىقلار قەبرىلىرىدىن تىرىلىپ قوپىدۇ، تۇنجى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تاكى بىرىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغىچە ئۆتكەن جىمى ئىنسانلار، مەيلى ئۇ سۇدا ئېقىپ، ئوتتا كۆيۈپ، ھاۋادا پارتلاپ قانداق تەرىقىدە ئۆلگەن بولسۇن، ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئىلاھى بىلەن تىرىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىككى قېتىملىق سۈرنىڭ ئارلىقى 40. مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، 40 كۈن دىمەكچىمۇ؟» دىسەم، رەسۇلۇللاھ، «مەن بىر نەرسە دىمەيمەن» دېدى مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، 40 ئايمۇ» دىسەم، رەسۇلۇللاھ، «مەن بىر نەرسە دىمەيمەن» دېدى مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، 40 يىلمۇ» دىسەم، رەسۇلۇللاھ، «مەن بىر نەرسە دىمەيمەن» دېدى ۋە ئارقىدىنلا «شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ئادەم بالىلىرى خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىققاندەك قەبرىلىرىدىن تىرىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ. ئادەمنىڭ ھەممە ئەزالىرى توپىدا چىرىپ تۈگەيدۇ. پەقەت بىر پارچە سۆڭەك- قۇيرۇق سۆڭىكى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. قىيامەت كۈنى بارلىق جانلىقلار ئاشۇ سۆڭىكى ئارقىلىق بىرىكتۈرۈلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) c) T. R+ U: @5 H  v- J

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( F& J. W- R- }. C- o) X5 j3 J# h   تەۋھىد ئەقىدىسى ئىمان تارازاسىنىڭ بىر تەرىپى بولسا، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى دىلى ۋە تىلى بىلەن تەستىقلاش ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەم كۇفرىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. كۆز كۆرمىگەن، ئەقىل يەتمەيدىغان ئىشلارغا پەقەت ئاللاھ خەۋەر بەرگەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈنلا شەك شۈبھىسىز ئىشىنىشنىڭ ئۆزى ئىمان ھېسابلىنىدۇ ، ئەنە شۇنىڭدا كىشىلەر سىنىلىدۇ، دەرىجىلىرى بىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى «ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ» دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلىگەن. ئىككىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغاندا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جىمى ئۆلۈكلەر تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ناھايىتى ئوچۇق ئىبارىلەر بىلەن ئىمانسىزلار ئىنكار قىلغان بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  j& S9 m: l4 n' `8 m3 B" K+ M  eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 K# i6 N* ~" D" }
ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا-ئاستا كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقىرىقىدەك يارىتىشى)، ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر». سۈرە ھەج (22- سۈرە) 5-6 ئايەتلەر. ئاللاھنىڭ كۈندەك روشەن بۇ بايانلىرى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟  ئاخىرەت ھاياتى جىمى ئىنسانلار، جىنلارنىڭ جىسمى ۋە روھى بىلەن تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا توپلىنىشىدىن باشلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھاياتى دۇنيادىكى ئەمەللىرى سەۋەبلىك قايتا تىرىلگەندىكى ھالىتىدە پەرق بولىدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بېجىرىم، چىرايلىق ھالەتتە بولىدۇ. يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتمىغانلار بولسا كەمتۈك، ئەيىبناق ھالەتتە قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ: بىر تۈركۈم كىشىلەر پىيادىلىك بولىدۇ؛ ئىككىنچى تۈركۈم كىشىلەر تۆگىلىك بولىدۇ؛ يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر يۈزى بىلەن ماڭغان ھالەتتە كېلىدۇ، ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ، ئادەم قانداقمۇ يۈزى بىلەن ماڭىدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئادەمنى پۇتى بىلەن مېڭىشقا قادىر قىلغان ئاللاھ يۈزى بىلەن ماڭدۇرۇشقىمۇ قادىردۇر» دېدى. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە «بەنى ئىسرائىل››(17-سۈرە) دىكى: قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۇم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز» (97- ئايەت) دېگەن ئايىتىنىڭ شەرھىسىدۇر. ئىمام غەززالى بۇ ھەقتە ‹‹إحياء علوم الدين» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: «ئۆزى كۆرۈپ ئادەتلەنمىگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتى. ئەگەر ئادەم قورسىقى بىلەن ماڭىدىغان يىلاننى كۆرمىگەن بولسا مېڭىش ئۇقۇمىنى مەڭگۈ پۇتقا باغلاپ چۈشەنگەن بولاتتى. شۇڭا سەن قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋاللارنى، دۇنيا ھاياتىغا ئوخشىمايدىغان ھادىسىلەرنى ئىنكار قىلىشتىن ساقلان» سۈرە بەقەرەنىڭ 275- ئايىتىدە ئېيتقىنىدەك: ‹‹جازانە ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەمدەك قوپىدۇ» ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەردىن نەرسە تىلىگەن ئادەم قىيامەت كۈنى يۈزىدە گۆش دىدارى يوق ھالدا تىرىلىدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). تەكەببۇر، ھالى چوڭ ئادەملەر قىيامەت كۈنى چۈمۈلىگە ئوخشاش كىچىك ھالەتتە بولۇپ، خالايىق ئۇلارنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ ئۆتىدۇ» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). «بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئەگەر ئۇ ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدا ئادىل بولمىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدە يېرىم تەرىپى ئېقىپ ساڭگىلىغان ھالدا قوپىدۇ» (تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەر بولسا يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ھالەتتە ھازىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. نامازنىڭ تەسىرىدىن پۇت-قوللىرى، پېشانىسى ئاق، نۇرانە ھالەتتە بولىدۇ. روزىنىڭ پەزلىدىن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنىڭ پۇرىقى ئىپاردىنمۇ خۇشبۇي بولىدۇ. «حشر» سۆزى ئەرەبچە «توپلىنىش، يىغىلىش» مەنىسىدە بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئادەملەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن يىغىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تىلىمىزدىكى مەھشەرگاھ سۆزى شۇنىڭدىن كەلگەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 w* \" M/ S& h& G! G% \# Qبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* D- I: a; ~! q; g6 }
   ‹‹ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار (يەنى پۈتۈن خالايىق قەبرىلىرىدىن چىقىپ) يېگانە قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى مەھشەرگاھتا) ھازىر بولىدۇ». سۈرە «ئىبراھىم››(14-سۈرە) 48- ئايەت. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى زېمىننى سول چاڭگىلىدا ئاسماننى ئوڭ چاڭگىلىدا تۇتۇپ: «مەن پادىشاھتۇرمەن، زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قەيەردە؟،» دەيدۇ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ تائالا مەھشەرگاھنىڭ سۈپىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرۈسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگاھقا) يىغىمىز. ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز». سۈرە «كەھف» (18- سۈرە) 47- ئايەت.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 k" t8 d2 a' G+ i; r4 G0 Y

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, H5 ^- o3 e( x  ]1 e   ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. مانا مۇشۇنداق ھېچكىم ھېچ نەرسىنى يوشۇرالمايدىغان، ھەممە ئاشكارا بولىدىغان كەڭ مەيدانغا بەنى ئادەم توپلىنىدۇ، پەرىشتىلەر سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن قىيىن كۈندۇر، دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ چېچى ئاقىرىپ كېتىدىغان، ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، كىشىلەر مەستەك گاڭگىراپ قالىدىغان كۈندۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىيامەت كۈنى كىشىلەر يالىڭاچ ۋە خەتنىسىز ھالەتتە توپلىنىدۇ» دېدى ، مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئەرلەر ۋە ئاياللار توپلانسا ئۇلار بىر – بىرسىنىڭ ئەۋرىتىگە قاراپ قالمامدۇ؟» دېدىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئى ئائىشە، قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىغۇدەك ھالى بولمايدۇ» دېدى (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) مەھشەرگاھتىكى يىغىلىشتىن تاكى ئاللاھنىڭ ھېسابىغا يۈزلەنگىچە ناھايىتى ئۇزۇن بىر زامان، ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئۆتىدۇ. سۈرە «مائارىج»دىكى: «پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ» (4- ئايەت) ئايىتىدىكى 50 مىڭ يىلنى ئىبنى ئابباس، ئىبنى زەيىد، زەھھاك، ئىكرىمە قىيامەت كۈنىدىكى بەندىلەرنىڭ ھېساب ئېلىنغىچە بولغان ئارلىقتىكى كۈتۈشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇزۇن مۇددەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرۇش بەنى ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر بىر ئىشتۇر. مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىيامەت كۈنى قۇياش مەخلۇقاتقا بىر مىل ئارىلىقىدا يېقىن قىلىنىدۇ» (رىۋايەت قىلغۇچى مىقداد: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بىر مىل دېگەن سۆزى زېمىندىكى مۇساپىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ياكى كۆزگە تارتىلىدىغان مىلنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، دېگەن) كىشىلەر ئەمەللىرىگە قاراپ تەرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن تەر ئوشۇقىغىچە ئاقىدۇ، بەزىلىرىنىڭ تىزىغىچە ئاقىدۇ، بەزىلىرىنىڭ بېلىگىچە ئاقىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئېغىزلىرىغا تەردىن يۈگەن سېلىنىدۇ، دەپ قولى بىلەن ئاغزىنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتتى(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى جەھەننەم مەھشەرگاھقا ھازىر قىلىنىدۇ. جەھەننەمنىڭ 70 مىڭ تىزگىنى بولۇپ، ھەر بىر تىزگىنىنى تارتىدىغان 70 مىڭ پەرىشتە بولىدۇ» (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). جەننەتمۇ، دوزاخمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يەرگە توغرىلانغان، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن ھەممە ئەمەللەر ئاشكارا بولىدىغان بۇ پەيتتە قاتتىق قورقۇنچتىن كىشىلەر گاڭگىراپ مەستەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ پەيتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا شۇ ھالى يار بەرمەيدۇ. بۇ پەيتتە كىشى ئۆزىنىڭ ئانىسىدىن، دادىسىدىن، بالىسىدىن، قېرىندىشىدىن قاچىدۇ. «دوست دوستىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھال سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قوۋم قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، ئۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ». (سۈرە «مائارىج» 10-14 ئايەتلەر). ئاللاھ تائالا ئىمانىدا راستچىل مۆمىنلەرنى مەھشەرگاھنىڭ قورقۇنچ ئازابلىرىدىن ئەمىن قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كىشى خالايىقنىڭ مەھشەرگاھتا تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇ ۋاقىت مۆمىنگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ھەتتا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت مۆمىننىڭ بۇ دۇنيادا ئوقۇغان بىر قېتىملىق نامىزىنىڭ ۋاقتىدىمۇ قىسقىدەك تۇيۇلىدۇ» دېدى. (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆز ئەرشى ئاستىدا سايىتىدۇ. ئۇلار؛ ئادىل پادىشاھ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن ياش، ئەس يادى ھەمىشە مەسچىتتە بولغان ئادەم، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دوست بولۇشقان ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىق ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئادەملەر، ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، «ئاللاھتىن قورقىمەن» دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى، ئوڭ قولى بىلەن نېمىنى بەرگەنلىكىنى سول قولى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە بەرگەن كىشى، خالىي جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش تۆككەن كىشى» (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 w( |" T0 y0 k9 v) f1 m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( T- c! N; @  @& X
شاپائەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 A  S6 X/ Y5 {% I# tبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ u5 l4 |7 d3 D
شاپائەت-ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالادىن بەندىلەرگە ياخشىلىق، ئاسانلىق ۋە رەھمەت تىلەش بولۇپ ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شۇنداقلا باشقا پەيغەمبەرلەر، شېھىتلەر ۋە سالىھ مۆمىنلەرگە ئاتا قىلغان ئالاھىدە ئىمتىيازى، ئاللاھ بۇ شاپائەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن : «بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ» (سۈرە تاھا 159- ئايەت) ‹‹ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؟». (سۈرە بەقەرە 25- ئايەت) يۇقىرىقى ئايەتلەردىن مەلۇم بولىدۇكى، شاپائەتنىڭ ئىككى تۈرلۈك شەرتى بار، بىرىنچىسى ئاللاھ تائالانىڭ شاپائەت قىلغۇچىغا رۇخسەت قىلىشى، ئىككىنچى شاپائەت قىلىنغۇچى گۇناھ مەئسىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتقان مۆمىن بولىشى. چۈنكى ئاللاھ ھەرقانداق كىشىنىڭ كاپىر ياكى مۇشرىكقا شاپائەت قىلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىك دادىسى ھەققىدىكى ئىستىغفارىنى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كاپىر ئوغلى توغرىسىدىكى ئىستىغفارىنى قوبۇل قىلمىغان. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كاتتا فەزىل، مەرھەمەتلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، شۇلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرەتتە ئۆز ئۈممەتلىرىگە شاپائەت قىلىشىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : «ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىجابەت بولىدىغان دۇئاسى بار. مەن ئىجابەت بولىدىغان دۇئايىمنى ئاخىرەتتە ئۈممىتىمگە شاپائەت قىلىشقا ساقلىماقچىمەن» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسى چوڭ شاپائەت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەھشەرگاھنىڭ قىيىن مىنۇتلىرىدا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن خالايىققا قىلىدىغان شاپائىتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدىكى چوڭ شاپائەت توغرىلىق مۇنداق دېگەن : مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى يىغىلىپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەت قىلىدىغان بىر كىشىدىن شاپائەت تەلەپ قىلساق دېيىشىپ ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: سەن بولساڭ ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى، ئاللاھ سىنى ئۆز قولى بىلەن ياراتقان، پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان، ساڭا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى بىلدۈرگەن، رەببىڭنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلىپ، بىزنى بۇ كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرساڭ دەيدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام: مەن سىلەرگە شاپائەت قىلالايدىغان دەرىجىدە ئەمەسمەن، دەپ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئەسلەپ خىجىل بولۇپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار، ئۇ ئاللاھ زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتكەن دەسلەپكى پەيغەمبەردۇر» دەيدۇ. ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالام: مەن سىلەرگە شاپائەت قىلالايدىغان دەرىجىدە ئەمەسمەن دەيدۇ ۋە ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسە ئۈستىدە ئاللاھقا تەلەپ قويغانلىقىنى ئەسلەپ خىجىل بولۇپ، ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار دەيدۇ. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «مەن بۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن، ئاللاھ بىۋاسىتە سۆزلەشكەن ۋە تەۋرات نازىل قىلىنغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار» دەيدۇ، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، ظذ: «مەن بۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن» دەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئوقۇشماستىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئەسلەپ پەرۋەردىگارىدىن خىجىل بولۇپ: ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن سادىر بولغان روھ ئىيسانىڭ ئالدىغا بېرىڭلار» دەيدۇ، ئىيسا: «مەن بۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن، ئىلگىرى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى ئاللاھ كەچۈرگەن بەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغا كېلىدۇ، مەن بېرىپ رەببىمدىن ئىجازەت سورايمەن. ماڭا ئىجازەت بېرىلىدۇ، رەببىمنى كۆرگەن چاغدا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىمەن، سەجدىدە ئاللاھ خالىغان چاغقىچە تۇرىمەن، ئاندىن ئاللاھ: «بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سورىغىنىڭنى بېرىمەن، گېپىڭگە قۇلاق سالىمەن، شاپائىتىڭنى قوبۇل قىلىمەن›› دەيدۇ. بېشىمنى سەجدىدىن كۆتۈرىمەن، ئاللاھ ماڭا بىلدۈرىدىغان ھەمدى بويىچە ئاللاھقا ھەمدى ئېيتىمەن، ئاندىن شاپائەت قىلىشقا باشلايمەن، شاپائەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىمەن، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىمەن. رەببىمنى كۆرگەن چاغدا، يۇقىرىقىدەك قىلىمەن، ئاندىن شاپائەت قىلىشقا باشلايمەن، شاپائەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىمەن، ئاندىن كېيىن مۇشۇ يوسۇندا 3-4- قېتىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بېرىپ شاپائەت قىلىپ بولۇپ: دوزاختا پەقەت ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مەڭگۈ قالىدۇ دېگەن كۇپپاردىن باشقا ئادەم قالمىدى دەيمەن. (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) مۇفەسسىر ئالىملار ئىسرا سۈرىسىنىڭ ‹‹پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا تۇرغۇزىشى مۇھەققەقتۇر» (79-ئايىتىدىكى) «مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇن›› دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەھشەرگاھتا قىلىدىغان چوڭ شاپائىتىگە قارىتىلغان دەپ شەرھىيلەيدۇ، ئىككىنچى تۈرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە شاپائەت قىلىشى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىن 70 مىڭ ئادەم سوئال-سۇراق قىلىنماي جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايى نۇرلۇق تولۇن ئايغا ئوخشايدۇ» بۇ چاغدا ئۇكاشە ئىسىملىك ساھابە ئورنىدىن تۇرۇپ، يولۋاس تېرىسىدىن ئىشلەنگەن كىيىمىنى رەسۇللاھقا بېرىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھتىن مېنى ئاشۇلارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تىلەپ بەرسەڭ» دېدى. رەسۇلۇللاھ «ئى ئاللاھ، ئۇنىڭغا تىلىگىنىنى بەرگىن» دەپ دۇئا قىلدى، كەينىدىنلا يەنە بىر ئەنسارى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭمۇ شۇلار قاتارىدا بولۇشۇمغا دۇئا قىلغان بولساڭ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇكاشە سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈپ كەتتى›› دېدى. (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: s& `, s* ?& l% B8 c  u7 N9 }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, \8 |( V! c0 M3 l
   بۇ ئىككى تۈرلۈك شاپائەت باشقا پەيغەمبەرلەردىن پەرقلىق ھالدا ئاللاھ پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا خاس قىلغان خۇسۇسىيەتتۇر، ئۈچىنچى تۈرى، گۇناھكار ئاسىيلار دوزاختا گۇناھلىرى مىقدارىچە ئازابلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئىزنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەيغەمبەرلەر، سالىھ مۆمىنلەرگىمۇ خاس شاپائەتتۇر. ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزىخىي دېگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن دوزاختىن چىقىپ جەننەتكە كىرىدۇ» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتقان، ئەمما چوڭ گۇناھ قىلغانلارنىڭمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شاپائەت قىلىدىغان يۇقىرىقى كىشىلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرىدۇ. «مىنىڭ ئۈممىتىمدىن بەزىلەر بىر ئادەمگە، بەزىلەر ئىككى ئادەمگە، بەزىلەر بىر قەبىلىگە، يەنە بەزىلەر بىر توپ ئادەمگە شاپائەت قىلىدۇ، مىنىڭ شاپائىتىم مىنىڭ ئۈممىتىمدىن چوڭ (ئېغىر) گۇناھ قىلغانلارغا بولىدۇ» (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 m0 v1 E# t, H; r
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 V: V: _7 A& [9 I( e! ]ھېساببۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ j8 v* ]) j/ b/ \8 W

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! z* c& O) V( \9 v$ [+ I4 l! Zئاللاھ تائالا بارلىق كامالىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ 99 گۈزەل ئىسمى ئەنە شۇ زاتى سۈپەتلەرنىڭ ئىخچام مۇجەسسىمى. ئاللاھ تائالا ناھايىتى ئادىلدۇر، ئاللاھنىڭ ئادالىتى شۇكى، مەخلۇقاتلاردىن ھېچبىراۋغا زۇلۇم قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەربىر نەرسىنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا مۇناسىپ رەۋىشتە قويغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە ئادالىتى شۇكى، مۆمىن بىلەن كاپىر، سالىھ بىلەن پاسىق، ياخشى بىلەن يامان ھېچقاچاندا باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ھەر ئادەمگە ئەمىلىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەھشەرگاھتا خالايىققا شاپائەت قىلىشىدىن كېيىن قەزا ۋە ھۆكۈم باشلىنىدۇ. ئەنە شۇ كۈندە، قۇياش كىشىلەرنىڭ باش ئۈستىگە توغرىلانغان، پەرىشتىلەر سەپ-سەپ بولۇپ تۇرغان، كىشىلەر قارا تەرگە چۆمۈلگەن چاغدا، ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىدىن ھېساب ئېلىشنى باشلايدۇ. بۇ شۇنداق تەپسىلىي، ئىنچىكە ھېسابكى ، ئۇنىڭدا ئىنسان ھەربىر سۆزىدىن، ھەرىكىتىدىن، ئەمىلىدىن بىرمۇ-بىر ھېساب بېرىدۇ. بۇ شۇنداق ئادالەتلىك ھېسابكى، ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ تېرىقچىلىك ياخشىلىقىمۇ ھازىر قىلىنىدۇ. زەررىچىلىك يامانلىقىمۇ چۈشۈپ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەربىر ئادەمگە ئەمەللىرىنى خاتىرىلىگۈچى پەرىشتىلەرنى مۇئەككەل قىلغان. «ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار. (ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك بولۇپ (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلارنى) يېزىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ (سۈرە ئىنفىتار 10-12 ئايەتلەر). ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر «قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق» (سۈرە ئەنئام 59- ئايەت) شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاللاھ تائالا ئادالىتى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىلاھى ھۆكۈمدىن ئىلگىرى ھەر ئادەمنىڭ نامە-ئەمەل كىتابىنى ئالدىغا تاشلايدۇ «كىشىلەرنىڭ نامە-ئەمەلى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرۈسەن، ئۇلار «ۋاي بىزگە! بۇ نامە-ئەمالغا چوڭ-كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە-ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ» (سۈرە كەھف 49- ئايەت) ئىنسان گۇناھلىرىدىن تېنىۋالماقچى بولغاندا، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ ئەزالىرى قولى، كۆزى، تىلى، پۇتى … تىلغا كىرىپ ھەقنى بايان قىلىش بىلەن ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ، مانا بۇ قۇرئاندىكى «شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋىتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر بىر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بىرىدۇ)›› (سۈرە ياسىن 65- ئايەت) ئايىتىنىڭ تەپسىرىدۇر. شۇنداقلا بۇ كۈندە زېمىنمۇ ئىنساننىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى-يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ›› دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ ساھابىلاردىن ‹‹زېمىننىڭ خەۋەرلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر» دەپ سورىدى، ئۇلار «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ئوبدان بىلگۈچىدۇر›› دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىيامەت كۈنىدە زېمىن ھەر بىر ئادەم ھەققىدە پالانى كۈنى پالانى ۋاقىتتا مۇنداق-مۇنداق قىلغان دەپ ئۇنىڭ زېمىن ئۈستىدە قىلغان ئىشلىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇ زېمىننىڭ خەۋەرلىرىدۇر» دېدى (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ۋە بەغەۋى رىۋايەت قىلغان) بەندىنىڭ ئەمەللىرىدىن ئەڭ ئاۋال ھىساپ ئېلىنىدىغىنى ناماز، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنىدە بەندە ئەڭ ئاۋال ھېساب بىرىدىغان نەرسە نامازدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ نامازلىرى جايىدا، دۇرۇس بولسا، ئۇ نىجاتلىققا ئىرىشكەن بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا زىيان تارتقان بولىدۇ، ناۋادا پەرىز نامازلىرىدىن كەم قالغىنى بولسا، ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە: «قاراپ بېقىڭلار، بەندەمنىڭ نەفلى نامازلىرى بارمىكىن›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەرىزنىڭ كەم قالغان يىرىگە نەفلى نامازدىن ئېلىپ بېرىپ تۇلۇقلىنىدۇ. بەندىنىڭ قالغان ئەمەللىرىمۇ مۇشۇ رەۋىشتە بولىدۇ. (ئىمام نەسەئى، تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان) بەندە ھەربىر ئىشىدا مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن خالىس ھالدا بىر ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن بولىشى كىرەك، كىشىلەرگە كۆرسىتىپ ماختىنىشتەك رىيا ۋە ياكى باشقا مەقسەتتە قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ ئەمەللەرنىلا ئەمەس، دىللاردىكىنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئىسلام دىنى شۇنداق كامالەت دىنىكى، ئۇنىڭدا بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئىسلام ئەخلاقى شۇنداق گۈزەل ئەخلاقكى، مۆمىن باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ناھەم قان تۆكمەيدۇ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن، ئۆز مەنپەئەتىدىن قېرىندىشىنى ئارتۇق كۆرىدۇ، جىدەل-ماجرا، تەپرىقىچىلىك ئەمەس، ئىززەت ھۆرمەت ۋە ئىناقلىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن تارتۇقلاشنى ۋەدە قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىدۇر. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئارىسىدا تۇنجى چىقىرىلغان ھۆكۈم ناھەق قان تۆكۈش توغرىسىدا بولىدۇ». «كىمىكى ئۆزىدە بىراۋنىڭ مەنىۋىي ياكى ماددىي ھەققى قالغان بولسا، ئۇنى قىيامەت كۈنىگە قالدۇرماي مۇشۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتسۇن، ئەگەر ھەق ئىگىسىنى بۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتمەي ئاخىرەتكە قالدۇرسا، زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ھەق ئىگىسىنىڭ قانچىلىك ھەققى قالغان بولسا، شۈنچىلىك ئېلىپ بىرىلىدۇ، زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا ھەق ئېگىسىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ زۇلۇم قىلغۇچىغا يۈكلىنىدۇ» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن: «زالىمغا ئۆزىنىڭ قىلغان زۇلمى قىيامەت كۈنى قاراڭغۇ زۇلمەت بولىدۇ» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرى، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلە ئەھۋالى، ئەمەللىرىدىن ئادىل ۋە ئىنچىكە ھىساپ ئالىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھىساپ بىرىشتىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ. ئۇلاردىن ئاسان ھىساپ بىرىدىغىنى، قىيىن ھىساپ بىرىدىغىنى شۇنداقلا ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ھىساپ بىرىدىغانلىرى بار.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. y# V) N/ s, x3 ~$ O

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 X9 A1 u& m3 g  Y9 @* S& ]1 kسوئال سوراقسىز ھالدا جەننەتكە كىرىدىغانلار
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  q/ N: A" s" t8 w, C4 w4 \2 m5 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 S: A3 J& r+ @$ V* x  |( {( @ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ماڭا ئۈممەتلەر توغرىلاندى. مەن بىر پەيغەمبەرنى كۆردۈم ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىككى كىشى بار ئىكەن ۋە يەنە بىر پەيغەمبەرنى كۆردۈم، ئۇنىڭ بىلەن بىرمۇ كىشى يوق ئىكەن، شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر توپ كىشىلەر كۈتۈرۈلدى، ئاندىن مەن ئۇلارنى مېنىڭ ئۈممىتىممىكىن دەپ قالدىم. ماڭا: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ قەۋمى، لېكىن ئەتراپقا قارىغىن» دىيىلدى، شۇ چاغدا بىر توپ كىشىلەرنى كۆردۈم. ماڭا «يەنە بىر قارىغىن» دىيىلدى. مەن يەنە بىر توپ كىشىلەرنى كۆردۈم. ماڭا: بۇ سىنىڭ ئۇممىتىڭ ۋە ئۇلار بىلەن ھىساپسىز ۋە ئازاپسىز جەننەتكە كىرىدىغان 70 مىڭ ئادەم بىللە دىيىلدى» ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئاندىن ساھابىلار ھىساپ ئېلىنماي ۋە ئازاپقا دۇچار بولماي جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا دەتالاش قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «ئۇ كىشىلەر بەلكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدۇر» دىيىشتى. بەزىلەر: «بەلكىم ئىسلامدا تۇغۇلۇپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن» دىيىشتى. ئۇلار يەنە كۆپ گەپلەرنى قىلىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام چىقىپ، ئۇلاردىن «نىمە توغرىلىق دەتالاش قىلىۋاتىسىلەر» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ نىمە توغرىدا دەتالاش قىۋاتقانلىقى ئېيتىپ بىرىلگەندە ظذ: ئۇلار سۈف كۆچ قىلمايدىغان، سۈف كۆچ قىلدۇرمايدىغان، پال ئاچمايدىغان، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەردۇر» دىدى. ئۇكاشە ئىبنى مۇھسىن ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئاللاھ تائالانىڭ مىنى شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىغا دۇئا قىلساڭ›› دىدى. ئاندىن يەنە بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ «مېنىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىغا دۇئا قىلساڭ» دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇكاشە ئىبنى مۇھسىن بۇ ئىشتا سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈپ كەتتى» دېدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 p/ f; k' O/ n1 D- H

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; l: u. ^( l$ G" A$ Vناھايىتى ئاسان ۋە يەڭگىل ھىساپ بېرىدىغانلار
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 c/ {  y! ?3 A8 l" `بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- Q& }  d0 u# {- b# p9 r# @2 i4 N4 |
بۇلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ، بۇلاردىن ناھايىتى يەڭگىل ھىساپ ئېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئوتتۇرىغا تاشلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. قۇرئاندا ئۇلارغا مۇنداق ئىشارە قىلىنغان: ‹‹نامە-ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بىرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساپ ئېلىنىدۇ، (ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خوشال-خورام قايتىدۇ» (سۈرە ئىنشىقاق 7-9 ئايەتلەر) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۆمىن بەندىنى ئۆزىگە يېقىن قىلىپ، رەھمىتىگە سازاۋەر قىلىپ، ئۇنى دالدىغا ئېلىپ، پالانى گۇناھىڭنى بىلەمسەن، پۇكۇنى گۇناھىڭنى بىلەمسەن دەپ سۇرايدۇ، بەندە ‹ھەئە› دەپ بىلىمەن ئى رەببىم دەيدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىغا ئىقرار بولۇپ ئەمدى ھالاك بولدۇم دەپ تۇرغاندا ئاللاھ ئۇنىڭغا: گۇناھلىرىڭنى دۇنيادىكى چېغىڭدا ئاشكارىلىمىغان ئىدىم، بۈگۈن بولسا سىنى مەغفىرەت قىلدىم دەپ ياخشىلىقلار يېزىلغان نامە-ئامالىنى ئۇنىڭ قولىغا بېرىدۇ، كاپىرلار بىلەن مۇناپىقلارغا كېلىدىغان بولساق، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ئىبارەت گۇۋاھچىلار: بۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىشەنمىگەن كاپىرلاردۇر، كاپىرلار چوقۇم ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ، دەيدۇ. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 i3 R7 e: r3 Z5 T
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 |7 f* J  r" S4 g' E6 kقاتتىق ھىساپ ئېلىنىدىغانلار
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 b/ f) {! @1 Xبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  G( M0 g" L6 N
ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ ھەربىر چوڭ-كىچىك ئەمەللىرىدىن ئىنچىكە ھىساپ ئالىدۇ. بۇ گۇيا ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىگە ئىشارەتتۇر. ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ھىساپ-كىتاپ ئالغان ئادەم چوقۇم ھالاك بولىدۇ» دىدى. مەن:« ئى رەسۇلۇللاھ، ئەجەبا ئاللاھ تائالا كىتاۋىدا: نامە-ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بىرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھىساپ ئېلىنىدۇ» دىگەن تۇرسا دىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ دىگەن بەندىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىنىشىدۇر، ئەمما كىمكى ئىنچىكىلەپ سوئال-سۇراق قىلىنىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازاپقا قالىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى. مىزانبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ~- f0 |  k3 f- B" {
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 U! I* j0 r3 v" L
بەندىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھىساپ-كىتاپ ئېلىنغاندىن كېيىن تارازىدا ئۆلچىندۇ. مانا بۇ ئاخىرەت ھادىسىلىرىدىن بولغان مىزاندۇر. مىزان ئىنساننىڭ ئاخىرەتتىكى قارارگاھىنىڭ جەننەت ۋە ياكى دوزاخ بولىشىدىكى ھالقىلىق باسقۇچ ھىساپلىنىدۇ. بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئىلاھى تارازىدا ئۆلچىنىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىس شەرىفتە بايان قىلىنغان يەقىينى مەسىلىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ناھايىتى ئۇچۇق رەۋىشتە مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ. (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋىتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرىۋېتىلمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھىساپ ئېلىشقا بىز يىتەرلىكمىز» (سۈرە ئەنبىيا 47- ئايەت) غەيىبتىن خەۋەر بەرگۈچى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، مىزاندا ئۆلچىنىش بىلەن ئادەملەر شۇنىڭغا ماس يوسۇندا ئۈچ فىرقىگە بۆلىنىدۇ. بىرىنچى پىرقە ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشۈپ تارازىسى ئېغىر كەلگەن كىشىلەردۇر، بۇلار بولسا نىجات تاپقۇچى جەننەت ئەھلى بولىدۇ. ئىكىكنچى پىرقە تارازىسى يەڭگىل كەلگەنلەر يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىدىن زىيادە بولغان كىشىلەر، بۇلار زىيان تارتقۇچى دوزاخ ئەھلىدۇر. قۇرئاندا بۇ ئىككى تۈركۈمدىكى كىشىلەرگە ئىشارە قىلىنىپ مۇنداق دىيىلگەن: «تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۈڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇ-نېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ. تارازىسى يىنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، ياكى ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ. ھاۋىيەنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر» (سۈرە قارىئە 6-11 ئايەتلەر). ئۈچىنچى پىرقە ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭ نىسبەتتە بولغان ئادەملەر بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغفىرىتىگە باغلىق، خالىسا مەغفىرەت قىلىدۇ، خالىسا ئازاپلايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ x" M7 C2 Q# F  F) l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 [1 }1 a( {  B2 C$ j0 tمىزان يەنى ئاخىرەتتىكى ئادالەت تارازىسى ئاللاھقا خاس غەيپ ئىلىملەر جۈملىسىدىن بولۇپ، بىز مىزاننى قۇرئان ۋە ھەدىسلەر ئاشكارا قىلغان چۈشىنىش ۋە ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە تەپسىلاتلىرى ھەققىدە زېغىرلاش بىھۇدە زورۇقۇش ھىسابلىنىدۇ. مىزاندا ئۆلچىنىدىغان نەرسە ھەققىدە ئۆلىمالار مۇنداق ئۈچ خىل كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. بىرىنچىسى مىزاندا ئەمەللەر ئۆلچىنىدۇ ئىككىنچىسى ئەمەللەر خاتىرىلەنگەن نامە-ئەمەل كىتاۋى ئۆلچىنىدۇ. ئۈچىنچىسى بەندىنىڭ ئۆزى ئۆلچىنىدۇ. بىز دۇنيا تىرىكچىلىكىدە تۈرلۈك تارازىلارنى بىلىمىز. ئۇنىڭ بەزىلىرى ئېغىرلىقنى ئۆلچەيدۇ، بەزىلىرى بېسىمنى، يەنە بەزىلىرى ھارارەتنى ئۆلچەيدۇ. ھەر بىرىنىڭ تەركىۋى، خۇسۇسىيتى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ. مۆمىنگە شۇنداق دىيىش كۇپايىدۇر. ئاسمان زىمىننى ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىشقا قادىر پەرۋەردىگار ئەمەللەرنى ئۆلچەشكە مۇناسىپ خاس مىزاننىمۇ خەلق ئېتىشكە قادىردۇر. مۇفەسسىر ئىبنى كەسىر تەفسىرىدە مۇنداق بىر ھەدىسنى بايان قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى، ئەمەللەر تارازىدا ئۆلچەنگەندە بىر بەندىنىڭ ياخشىلىق تەرىپى بېسىپ كېتىدىغانغا بىرلا ياخشىلىق كەملەپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: ئى بەندەم، بېرىپ قاراپ باققىن بىرەر ئادەم ساڭا ئۆز ئەمەللىرىدىن بىر ياخشىلىقنى بېرەمدىكىن دىيىلىدۇ. ئۇ ئادەم بىر تۇققان قېرىندىشىنڭ يېنىغا كىلىپ: ئى قېرىندىشىم، بىر ئاتا، بىر ئانىدىن بۇلغان جانجىگىرىم، مېنىڭ نىجات تاپقۇچىلاردىن بولىشىمغا بىرلا ياخشىلىقىم كەملەپ قالدى، ماڭا بىر ياخشىلىقىڭنى بەرگەن بولساڭ بۇ ئېغىر كۈندىن قۇتۇلغان بولاتتىم دەيدۇ. قېرىندىشى ئۇنىڭغا: سەن قورقۇۋاتقان جەھەننەم ئازابىدىن مەن تېخىمۇ قورقىمەن، شۇڭا ساڭا ھېچقانداق ياخشىلىقىمنى بىرەلمەيمەن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەم ئانىسىنىڭ يېنىغا بارىدۇ ۋە: ئى ئانا، سەن مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان غەمگۇزارىم ئىدىڭ، بۈگۈن مېنىڭ جەننەت ئەھلىدىن بولۇشۇمغا بىر ياخشىلىق كەملەپ قالدى، ماڭا ئەمەللىرىڭدىن بىر ياخشىلىق بەرگەن بولساڭ دەيدۇ. ئانىسى: سەن قورقۇۋاتقان دوزاختىن مەنمۇ ئوخشاش قورقىمەن شۇڭا بېرەلمەيمەن، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەم سالپايغان ھالدا دادىسىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىرەر ياخشىلىقنى بېرىشنى سورايدۇ. دادىسى: سەن قورقۇۋاتقان دەھشەتلىك ئازاپتىن مەنمۇ بەك قورقىمەن، شۇڭا بىرەلمەيمەن، دەيدۇ. ئۇ ئادەم خوتۇنىنىڭ قېشىغا بارىدۇ ئۇنىڭغا: ئى مەھبۇبەم، مەن دۇنيادا بىر ئۆمۈر سەن بىلەن ھەپنەپەس بولۇپ ياشىدىم، سېنىڭ بەختىڭ، راھىتىڭ ئۈچۈن كۆپ رىيازەت چەكتىم. بۈگۈن ئەمەللەر تارازىسىدا بىر ياخشىلىقىم كەملەپ قالدى، مېنىڭ نىجات تاپقۇچىلاردىن بولۇشۇم ئۈچۈن بىرەر ياخشىلىقىڭنى بېرىپ تۇرمامسەن دەيدۇ، خوتۇنىمۇ ئوخشاش سۆز بىلەن رەت قىلىدۇ، ئۇ ئادەم ئۈمۈدسىزلەنگەن ھالدا بالىسىنىڭ قېشىغا بارىدۇ : ئى ئوغلۇم، سەن مېنىڭ يۈرەك پارەم، كۆرۈپ تۇرۇپسەن، سېنىڭ خۇشاللىقىڭ، راھىتىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جاپا تارتتىم، شۇتاپتا ئەمەل مىزانىمدا بىرلا ياخشىلىق كەملەپ قالدى، مېنىڭ دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇشۇم ئۈچۈن، بىر ياخشىلىقىڭنى بەرسەڭ دەيدۇ. بالىسى: سەن قورققان ئازابتىن مەنمۇ بەك قورقىمەن، شۇڭا بېرەلمەيمەن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئەڭ مىھرىبان كىشىلىرىنىڭ يېنىدىن قۇرۇق قول، ئۈمۈتسىز، قاتتىق قورققان ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا قايتىدۇ ۋە: ئى پەرۋەردىگارىم، مەن دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمدىن مېنىڭ نىجات تاپقۇچىلاردىن بولىشىم ئۈچۈن بىرلا ياخشىلىقنى بېرىشنى سورىدىم، ئەمما ھېچكىم بەرمىدى، دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا: ئى بەندەم، مەن ساڭا سېنىڭ قېرىندىشىڭ، ئاناڭ، داداڭ، خوتۇنۇڭ ۋە بالاڭدىنمۇ بەكرەك رەھىمدىلمەن. مەن سېنى مەغفىرەت قىلدىم. ئى پەرىشتىلەر، بەندەمنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىڭلار، دەيدۇ. (بۇ ھەدىسنى ئىكرىمە رىۋايەت قىلغان، مەۋقۇف ھەدىستۇر). بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شەكسىزكى رەھماننىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە مەرھەمىتى قەلبىمىزنى لەرزىگە سالىدۇ. ناقىس ئەقلىمىزنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئىنساننىڭ جىمى ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قويۇشى، دۇنيالىق مەنپەئەت، ياخشىلىقلاردىن ئاللاھنىڭ فەزىل-مەرھەمىتىنىڭ نەقەدەر ئۈستۈنلىكىنى ھىس قىلىشنىڭ ئۆزى بىر كاتتا نېمەت. يەنە كېلىپ ھەممىلا ئادەمگە ئەمەس، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى قەلبىگە سىڭگەن، ئىمان يىلتىزى تومۇر-تومۇرلىرىغا شاخلىغان تەقۋادارلارغىلا نېسىپ بولىدىغان لەززەت. ئىنسانىيەت شۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ يولىنى بىلسە ئىدى، جىنايەت، ئەيدىز، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كىرزىسلار يامراپ كېتىۋاتقان دۇنيانىڭ داۋاسىنى تاپقان بولاتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, k% g% `! Z( P: b

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! r3 o$ G' @+ H
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  r6 n2 b8 a; v
سىراتبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& i- r& m9 F' V2 _6 b$ b) K5 X

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ d$ y) a) w& Z5 Eسىرات سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى ئوچۇق، ئېنىق يول بولۇپ، شەرىئەتتە ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىرى ئاللاھ تائالا ھاياتى دۇنيادا بەندىلىرىگە بەلگىلەپ بەرگەن توغرا يول بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەت مانا شۇ مەنىدە ئېيتىلغان «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋىتىدۇ» (سۈرە ئەنئام 153- ئايەت) ئىككىنچىسى قىيامەت كۈنى دوزاخنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇ گۇيا ئىنچىكىلىكتە قىلدەك، ئۆتكۈرلۈكتە قېلىچ بىسىدەك پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ ئاسىي گۇناھكارلارغىچە جىمى ئادەم پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدۇ. مۆمىنلەر ياخشى ئەمەللىرى شاراپىتىدىن ئۆتۈپ كەتسە، كۇپپارلار مۆدۈرۈپ يىقىلىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ {! I; u1 z& W8 D7 d

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: X2 s7 s2 M$ ]1 x5 U, }سىرات ھاياتى دۇنيادىكى سىراتنىڭ ئاخىرەتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ، كىمىكى بۇ دۇنيادا ئاللاھ بەلگىلىگەن توغرا يولدا ماڭغان بولسا، جەھەننەم ئۈستىگە تارتىلغان سىراتتىن ئۆتۈش ئاسانغا توختايدۇ. ئەمما شەرىئەت يولىدىن چەتنەپ گۇناھقا پاتقان بەندىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆتمىكى بەسىي مۈشكۈل بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە سىرات ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: سىرات جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە تارتىلغان مەن شۇ سىرات كۆۋرۈكىدىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆتۈشكە ئىزنى بىرىلگەن پەيغەمبەرمەن. بۇ كۈندە پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھېچكىم گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىمۇ پەقەت: پەرۋەردىگارىم ئامانلىق بەرگىن دىگەندىنلا ئىبارەت بولىدۇ. جەھەننەمدە تىكەنلىك تۆمۈر قارماقلار بار، سىلەر نەجدىدە ئۆسىدىغان تىكەنلىك قامغاقنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ساھابىلار ‹ھەئە› دىيىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ خۇددى سىلەر كۆرگەندەك تىكەنلىكتۇر، ئەمما ئۇنىڭ چوڭلىغىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. كىشىلەر ئەمەللىرىنىڭ ئېتىبارى بويىچە ئاشۇ تىكەنلىك تۆمۈر قارماقلارغا ئىلىنىدۇ. بەزىلەرنى يامان ئەمەللىرى سەۋەپلىك قارماق ھالاك قىلىدۇ. بەزىلەرنى قارماق ئىلغاندىن كېيىن قۇتۇلۇپ كېتىدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئادەملەر جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان سىراتتىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدا تىكەنلىك تۆمۈر قارماقلار ۋە ئىلمەكلەر بولۇپ، ئادەملەرنى ئوك سول تەرەپلىرىدىن ئىلىۋالىدۇ. ئەتراپتا ‹ئى پەرۋەردىگارىم، ئامانلىق بەرگىن، ئامانلىق بەرگىن› دەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى سىراتتىن چاقماقتەك ئۆتۈپ كىتىدۇ، يەنە بەزىلىرى شامالدەك، بەزىلىرى ئۇچقۇر ئاتتەك، بەزىلىرى يۈگۈرۈپ، بەزىلىرى مېڭىپ ئۆتىدۇ، بەزىلەر تىزلىنىپ، بەزىلەر ئۆمىلەپ ئۆتىدۇ. دوزاخ ئەھلى بولسا يا ئۆلمەيدىغان يا تىرىلمەيدىغان قاتتىق ئازاپتا بولىدۇ. ئادەملەر گۇناھ-مەئسىيەتلىرى مىقدارىچە كۆيۈپ كۆمۈردەك قارىداپ كېتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارغا شاپائەت قىلىنىدۇ››.(ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ يېتىپ مۈگدەپ قالىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاخىرەتنى ئەسلەپ يىغلاپ، ياش تامچىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىگە چۈشىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئويغىنىپ: «ئى ئائىشە نىمىگە يىغلايسەن؟» دەپ سورايدۇ. ئائىشە؛ ئاخىرەتنى ياد ئېتىپ يىغلاۋاتىمەن، قىيامەت كۈنىدە بەندە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى ياد ئېتەمدۇ؟ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بەندە تۆۋەندىكى ئۈچ ئۇرۇندا ئۆز نەپسىدىن باشقا ھېچنەرسىنى ئويلىمايدۇ. بىرىنچىسى ئەمەللەر تارازىسى تۇرغۇزۇلۇپ، بەندە تارازىسىنىڭ ئېغىر ياكى يەڭگىل كېلىدىغانلىقىغا قاراپ تۇرغاندا، ئىككىنچىسى نامە-ئەمەل كىتابى ئوڭ تەرەپتىن ياكى سول تەرەپتىن بېرىلىشنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۈچىنچىسى سىراتتىن ئۆتكەندە››. مانا بۇ سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان سىراتنىڭ تەسۋىرى. قورقىدىغان قەلب ئىگىلىرى ئۈچۈن ئاخىرەتنىڭ ھەربىر ھادىسىلىرىدە چوڭ ئىبرەت بار.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ _+ }. e1 e. S" Y8 I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ f- j( p* o, X: L7 G4 y
ھېساب، مىزان، سىرات جەريانلىرىدىن كېيىن نىجات تاپقۇچىلار جەننەتكە، زىيان تارتقۇچىلار دوزاخقا يول ئالىدۇ. «ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال-خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ. يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ-توزان بېسىپ، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ. بۇلار بولسا كافىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر». (سۈرە ئەبەسە 38-42-ئايەتلەر).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 M3 A$ Q( V# e) k

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. y: G8 f9 _( r  T% W: [6 wمانا بۇ ئىنسان ھايات مۇساپىسىنىڭ نىھايىتى، ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەڭگۈلۈك قارارگاھ. ئۇنىڭ بىرىدە بەندە راھەت-پاراغەت، نازۇ-نېمەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرسە، يەنە بىرىدە ئىنسان خىيالىغا كەلتۈرسىمۇ تېنى شۈركىنىدىغان دەھشەتلىك ئازاب ئەبەدىي داۋام قىلىدۇ. مۆمىننىڭ ئەقىدىسىدە شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، دوزاخ ئازابىمۇ، جەننەت نېمىتىمۇ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بولۇپ، ئادەم ھەم جىسمى ھەم روھى بىلەن ئازاب تارتىدۇ ۋە ياكى راھەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. مانا بۇ چاغدا نىھايىتى يوق مەڭگۈلۈك ھايات باشلىنىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: ئەھلى جەننەت بولغانلار جەننەتكە، ئەھلى دوزاخ بولغانلار دوزاخقا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆلۈم ئېلىپ كېلىنىپ جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا توختىتىلىدۇ ۋە بوغۇزلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن بىر جاكارچى «ئى جەننەت ئەھلى، ئۆلۈم دېگەن تۈگىدى، ئى دوزاخ ئەھلى، ئۆلۈم دېگەن تۈگىدى» دەپ توۋالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەننەت ئەھلى تېخىمۇ خۇشال بولىدۇ. دوزاخ ئەھلى تېخىمۇ قايغۇرىدۇ››.(ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  N4 Z  M$ L  C: O, Y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 I' I  Y+ M' H, p3 nدوزاخ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' D  x0 G2 `" V% [بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 T- i; q8 d7 N3 D# r
دوزاخ ـ كۇپپارلار، گۇناھكار ئاسىلارنىڭ ئاخىرقى قارارگاھى، ئاللاھ تائاللا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان، پەيغەمبەرلەر قەۋملىرىنى شەررىدىن قورقۇتقان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دەپ ئازابىدىن پاناھ تىلىگەن جەھەننەمدۇر. دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى، ئۇنىڭدىكى ئازاب ۋە ئەھلى دوزاخنىڭ ھالى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىسىلەردە ناھايىتى كۆپ بايانلار كەلگەن. پاساھەت-بالاغەت، ئوبرازلىق تىل بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ بايانلارنى ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ. دوزاخنىڭ خىلمۇ-خىل، تۈرلۈك ئازابلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ئىنسان نەپسىگە ناھايىتى ئېغىر تۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭدىن تەقۋىدارلىق بىلەنلا ساقلىنىش مۇمكىن، خۇددى رەسۇلۇللاھ ئېيتقاندەك، جەننەت گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن، دوزاخ بولسا ھاۋايى-ھەۋەسلەر بىلەن پەردىلەنگەن. ئۈمۈتكى، ئەھلى دوزاخ ھەققىدىكى بۇ ھەقىقەتلەر مۆمىنلەرگە تەقۋىدارلىق، زالالەتتە تېڭىرقاپ يۈرگەنلەرگە ئويغىنىش سېگنالى بېرەلىسە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& l, G1 z0 L4 j& ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* L) ~! c/ n8 c5 D6 ^% J+ t6 Lسۈرە ھىجرىنىڭ 44-ئايىتىدە خەۋەر بېرىلگەندەك، دوزاخنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىلىرى، دەرۋازىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلەك ئادەملەر بار. بۇلار: جەھەننەم، لەزا، ھۇتەمە، سەئەر، سەقەر، جەھىم، ھاۋىيە. سۈرەكەھفىنىڭ 102-ئايىتىدە كەلگىنىدەك جەھەننەم كاپىرلارغا تەييارلانغان مەنزىلگاھتۇر، لەزا بولسا ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل-مال يىغىپ ساقلاپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جايىدۇر. ھاۋىيە دوزاخنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى، ئازاب جەھەتتىن ئەڭ قاتتىقى بولۇپ، مۇناپىقلار مۇشۇ يەردە جازالىنىدۇ. «مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ئازابتىن قۇتقۇزۇدىغان مەدەتكار تاپالمايسىلەر» (سۈرە نىسا 145-ئايەت). دوزاخ ئوتىنىڭ قىزىقلىغى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دۇنيادا يېقىۋاتقان ئوتۇڭلار قىزىقلىقتا جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ،» «ئى رەسۇلۇللاھ، كاپىرلارنى ئاسىلارنى كۆيدۈرۈشتە بۇ دۇنيانىڭ ئوتىچىلىك بولسىمۇ يېتەتتىغۇ›› دېگەنلەرگە، رەسۇلۇللاھ: جەھەننەمنىڭ ئوتى قىزىقلىقتا بۇ دۇنيانىڭ ئوتىدىن يەتمىش ھەسسە ئارتۇق. ھەربىر ھەسسىسىنىڭ قىزىقلىقى بۇ دۇنيانىڭ ئوتىچىلىك كېلىدۇ دېگەن. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئوت مىڭ يىل كۆيۈپ قىزىل رەڭگە كىرگەن، يەنە مىڭ يىل كۆيۈپ ئاقارغان، يەنە مىڭ يىل كۆيۈپ قارايغان. مانا مۇشۇ قاپقارا زۇلمەتلىك ئوت دوزاخ ئوتىدۇر. (ئىمام مالىك، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دوزاخنىڭ چوڭقۇرلىقى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدۇق. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. رەسۇلۇللاھ: بۇنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ دېدى. بىز ‹‹ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ئوبدان بىلگۈچىدۇر›› دېدۇق. رەسۇلۇللاھ ‹‹بۇ دوزاخقا 70 يىل بۇرۇن تاشلانغان تاشتۇر. ئۇ تېخىچە دوزاخقا چۈشۈۋاتاتتى. مانا ئەمدى دوزاخنىڭ تېگىگە يېتىپ باردى. سىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىڭلار شۇ تاشنىڭ چۈشكەن ئاۋازى›› دېدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" V8 K) |! e# C/ n1 y

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ z" g3 n$ ^0 ]* A3 jدوزاخقا قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل قىلىنغان بولۇپ، سۈرە مۇددەسىرنىڭ 30-ئايىتىدە خەۋەر بېرىلگەندەك، ئۇلارنىڭ سانى 19دۇر. ئەھلى دوزاخنىڭ ئالدىدىن، كەينىدىن، ئاستىدىن، ئۈستىدىن، ئوڭ-سول تەرەپلىرىدىن ئوت ئوراپ تۇرىدۇ .«دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ». (سۈرە ئەئراف 41-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاق، پۇت-قوللىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان ھالدا ئوتقا سۆرەپ كىرىلىدۇ. ‹‹كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ، ئۇلار تۆمۈر-توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ. ھەر قاچان ئۇلار (يېتىۋاتقان) غەم-قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ، (ئۇلارغا) كۆيدۈرگۈچى (دوزاخ) ئازابىنى تېتىڭلار (دېيىلىدۇ)». (سۈرە ھەج 19-22-ئايەتلەر). گۇناھكارلار دوزاخقا كىرگەندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ تېنىنى يوغىنىتىپ زورايتىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئازابىنى زىيادە قىلىش ئۈچۈندۇر. ئىمام بۇخارى ئىمام مۇسلىم سەھىھ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كاپىرلارنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقى خۇددى ئالدىراپ تېز ماڭغان يولۇچىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك سەپەر مۇساپىسىدەك ئارىلىقتا بولىدۇ». (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). «كاپىرنىڭ چىشى ئۇھۇد تېغىدەك، تېرىسىنىڭ يىرىكلىكى ئۈچ كۈنلۈك يول مۇساپىسىدەك بولىدۇ» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دوزاخ ئەھلىنىڭ چىراي-شەكىل جەھەتتىن ئىنتايىن سەت، قەبىھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان مۇنداق بايان قىلىدۇ. «ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ». (سۈرە يۇنۇس 27-ئايەت)، ‹‹ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ(بەتبەشىرە) بولۇپ قالىدۇ». (سۈرە مۇئىمنۇن 114-ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ ئايەتنى شەرھىلەپ: «يەنى كاپىرنىڭ كالپۇكى قورۇلۇپ، ئۈستۈنكى تىلى بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئاستىنقى تىلى كىندىكىگە چۈشۈپ سۆرىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) ^$ h  M( ^/ z% Q0 A+ @0 H$ j# ^, Dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! {) @9 N% |$ Y5 ~2 ~7 d; B# p
ئۆتكۈر زەھىرى بىلەن چېقىپ، بەدەنگە يۆگىشىپ تۇرىدىغان يىلان-چايانلارمۇ دوزاختىكى خىلمۇ-خىل، تۈرلۈك ئازابلارنىڭ بىرىدۇر. ئىبنى ئەبباس رەزەيەللاھۇ ئەنھۇ «كاپىر بولغانلارغا ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى دىندىن) توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب قوشۇپ، زىيادە ئازاب قىلىمىز››(سۈرە نەھىل 88-ئايەت) ئايىتىدىكى زىيادە ئازابنى دوزاختىكى خېچىردەك يوغان چايانلارنىڭ ئەھلى دوزاخنى چېقىشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەفسىر قىلغان. ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە دوزاختىكى تۆگىدەك يىلان، خېچىردەك چوڭ چايانلارنىڭ ئەھلى دوزاخنى چاققاندىكى دەھشەتلىك ئاغرىقىنىڭ تاكى يەتمىش يىلغىچە كەتمەيدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئاللاھ تاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھسىزكى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز. ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز» (سۈرە نىسا 56-ئايەت) ھازىرقى زامان مېدتسىنا ئىلىمىنىڭ يېڭى بايقاشلىرىدىن بىرى شۇكى، ئادەمنىڭ ئاغرىق سېزىمى ئۈستۈنكى بىر قەۋەت تېرە قاتلىمىدا بولۇپ، بۇ قەۋەت تېرە كۆيۈپ كەتسە، ئاستىنقى قەۋەت قىسىملىرى ئاغرىقنى سەزمەيدۇ. مانا بۇ ئون تۆت ئەسىر ئىلگىرى تېبابەت ئىلمى تېخى ئىپتىدائى ھالەتتىكى چاغدا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئان ئېيتقان ھەقىقەت. ئەھلى دوزاخنىڭ ئازابلىرى تۈرلۈك، خىلمۇ-خىل بولىدۇ. پۇل-ماللىرىدىن ئاللاھ بۇيرىغان زاكاتنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جازاسى بولسا «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىشانلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا ‹بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشىڭلار (سىلەر بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار) يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار› دېيىلىدۇ». (سۈرە تەۋبە 35-ئايەت). ئۇسامە ئىبنى زەيىد ئىبنى ھارس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بىر ئادەم ئېلىپ كېلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. دوزاختا ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئۇ ياغۇنچاققا قاتقان ئېشەكتەك چۆگىلەيدۇ. ئەھلى دوزاخ ئۇنى چۆرىدەپ: ھەي پالانى، دۇنيادىكى چاغدا سەن ئەمرى-مەرۇف، نەھى-مۇنكەر قىلاتتىڭغۇ؟ دەيدۇ. ئۇ «مەن سىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇيتتىم، ئەمما ئۆزەم قىلمايتتىم، سىلەرنى يامان ئىشتىن توساتتىم، ئەمما ئۆزەم ئۇنىڭدىن يانمايتتىم» دەيدۇ. دوزاخ ئەھلى ئازاب چېكىشتە بىر خىل ئەمەس، پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ ھېسابى بويىچە بەزىلىرى قاتتىق ئازابتا، بەزىلىرى يەڭگىلرەك ئازابتا بولىدۇ. سەمۇرە ئىبنى جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئوت ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ھوشۇقىغىچە، بەزىلىرىنى تىزىغىچە كۆيدۈرىدۇ، بەزىلىرىنى بېلىگىچە، بەزىلىرىنى ئوقرەك سۆڭەكلىرىگىچە كۆيدۈرىدۇ» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ‹‹قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ يېنىك ئازاب چېكىدىغىنى شۇنداق بىر ئادەمكى، ئۇنىڭ ئىككى تاپىنى ئاستىغا ئىككى چوغ قويۇلىدۇ، چوغنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ مېڭىسى قايناپ كېتىدۇ. ئۇ مەندىنمۇ قاتتىق ئازابلانغان ئادەم يوق دەپ ئويلايدۇ. ھەقىقەتتە ئۇ ئەڭ يەڭگىل ئازاب چەككەن كېشىدۇر». (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- d7 t& l  ~7 V9 W( W. {* G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 i$ h( i. G" E1 b* t. vھاياتلىق قانۇنىيىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دوزاخ ئەھلىمۇ يېمەك-ئىچمەككە مۇھتاج بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئازابىغا ھەسسىلەپ ئازاب قاتىدۇ. ئەھلى دوزاخنىڭ تائامى ئۇلارنىڭ ئاچلىغىنى پەسەيتەلمەيدۇ. ئىچىملىكى ئۇسسۇزلىقىنى باسالمايدۇ. دوزاخ ئەھلىنىڭ يېمەكلىكى بولغان زەققۇم، غىسلىن، زەرئى ھەققىدە قۇرئاندا ناھايىتى ئوچۇق بايانلار كەلگەن. «بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟ زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر. ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار شۈبھىسز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ» (سۈرە ساففات 62-67-ئايەتلەر). «زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر. ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق)دۇر. ئۇ قورساقلاردا قاينايدۇ» (سۈرە دۇخان 43-46-ئايەتلەر) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر زەققۇمدىن بىر بۇردا ئېلىپ دۇنياغا ئارىلاشتۇرسا، ئۇ پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ مەئىشىتىنى بۇزۇۋېتىشكە يېتىدۇ. شۇ زەققۇمنى يىمىكى قىلغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولار؟ غىسلىن بولسا گۇناھكارلارنىڭ بەدىنىدىن ئاققان يىرىڭ-زەرداپ، قان ۋە قوسۇقلىرى بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ يامان تامىقىدۇر». ئىمام ئىبنى كەسىر تەفسىرىدە ھاققە سۈرىسىنىڭ 35-37-ئايەتلىرىنى ئىكرىمە، قەتادەلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىدە شەرھىلىگەنلىكىنى يازغان. زەرى بولسا ئاچچىق تىكەن بولۇپ، ئەھلى دوزاخنىڭ تائامىدۇر. «ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ. زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ» (سۈرە غاشيە 6-،7-ئايەتلەر). دوزاخ ئەھلى ئۇسسۇزلىقتىن چاكىلدىغاندا ئۇلارغا قايناپ تۇرغان، قىزىقلىقدىن تۆمۈرنى ئېرىتىۋىتىدىغان قايناقسۇ ۋە يىرىڭلىق سېسىق سۇ بېرىلىدۇ. ئۇلار سۇنى ئىچمەكچى بولسا، سۇنىڭ ھارارىتىدىن يۈزىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ چۈشىدۇ. ئىچكەندە بولسا ئىچ-باغرى ئۈچەيلىرى ئېرىپ پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ «(مۇنداق تەقۋىدارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغۇرۇلۇپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟» (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت) دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى: دوزاختىكى كۇففار تەشنالىقتىن قايناپ تۇرغان سۇنى ئىچمەكچى بولۇپ، ئېغىزىنى ئاپىرىشى بىلەن قايناقسۇنىڭ ھارارىتىدىن يۈزى كۆيۈپ، بېشىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ چۈشىدۇ. سۇنى ئىچكەندە ئۈچەيلىرى پارە-پارە بولۇپ ئۈزۈلۈپ ھەتتا ئارقا پىشاپ يولىدىن ساڭگىلاپ چىقىپ قالىدۇ (ئىمام ئەھمەد، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئەھلى دوزاخ ئەنە شۇنداق تەكرار-تەكرار ئازاب چېكىش، قىينىلىش بىلەن نالە-پەرياد قىلىپ خار ھالدا ياشايدۇ، ئازاب ئۇلاردىن بىر مىنۇتمۇ نېرى بولمايدۇ. ئۇلار ئاللا-توۋا بىلەن يىغا-زار قىلىشىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز. ئاللاھ ئېيتىدۇ: جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتىرىلىپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار» (سۈرە مۇئمنون 106-108-ئايەتلەر) ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىغا ھېچىكىممۇ قۇلاق سالمايدۇ. دوزاخ ئەھلى قاتتىق ئازابتا ئۆلۈمنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە ئۆلۈم بېرىشنى، بۇنىڭ بىلەن ئازابتىن قۇتۇلۇپ، ئارام تېپىشنى تىلەيدۇ. ئەمما ئاخىرەت ھاياتى مەڭگۈلۈك ھايات بولۇپ، ئۆلۈم بولمايدۇ، ئۇنىڭدىكى ئازاب ياكى نېمەت ئەبەدىي داۋام قىلىدۇ. قۇرئان بۇنى ئاجايىپ پاساھەت-بالاغەت بىلەن مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: ”ئۆلۈم ئۇنى قورشىۋالىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ“ (سۈرە ئىبراھىم 77-ئايەت). ئىبرەت ۋە ئازاب بولۇشى ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىگە جەننەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار جەننەتنىڭ نېمەتلىرى ۋە ئەھلى جەننەتنىڭ راھەت-پاراغىتىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھەسرىتىگە ھەسرەت، ئازابىغا ئازاب قوشىدۇ. سۈرە ئەئرافتا ئەھلى جەننەت بىلەن ئەھلى دوزاخ ئارىسىدىكى سۆزلىشىش مۇنداق بايان قىلىنغان. «ئەھلى جەننەت ئەھلى دوزاخقا» بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار «ھەئە›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: ‹‹زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» (44-ئايەت) «ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىرئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار! دەپ توۋلايدۇ. ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن) «ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ (50-ئايەت) ئۇلارنىڭ نالە-زارى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئەھلى تولا يىغلاپ ياشلىرى قۇرۇپ، كۆزىدىن ياش ئورنىغا قان ئاقىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدىن يول-يول بولۇپ ئاققان قانلارنى كۆرىسەن، ئەگەر ئۇنىڭدا بىرەر كېمە ماڭسا مېڭىپ كېتەلەيدۇ» (ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% v! R- x* B; R$ T2 |8 C

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- W2 I4 r( s, S+ h3 L& @3 I) \ئاخىرەتتىكى دوزاخ ئازابى ئالدىدا ھاياتى دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تەقۋىدارلارغا ۋەدە قىلغان جەننەت نېمەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا فانى دۇنيانىڭ رىيازەتلىرىمۇ ئەرزىمەس ھېسابلىنىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى دۇنيادا ئەڭ باياشاتچىلىقتىن ياشىغان، ئەمما دەۋزىخى بولغان بىر ئادەم كەلتۈرۈلۈپ دوزاخقا چۆكتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا:«ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن ياخشى ياشىغانمۇ؟ نازۇ-نېمەتلەرنى كۆرگەنمۇ؟» دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەم «ياق، رەببىم بىلەن قەسەمكى مەن ھېچقاچان ياخشى ياشاپ باقمىغان» دەيدۇ. دۇنيادا ئەڭ جاپا-مۇشەققەتتە ياشىغان، ئەمما جەننىتى بولغان بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا «ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن جاپا-مۇشەققەت تارتقانمۇ؟ بېشىڭدىن قاتتىقچىلىق ئۆتكەنمۇ؟›› دېيىلىدۇ. ئۇ «ياق، ئاللاھ تائاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن قىيىنچىلىق تارتىپ باقمىدىم، قاتتىقچىلىقنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزمىدىم» دەيدۇ (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 V# j5 [7 D2 R

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, f0 \% o! C% ]. Wئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمان ھەر قانچە چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، مەڭگۈ دوزاختا قالمايدۇ، بەلكى گۇناھلىرى مىقدارىچە دوزاختا ئازابلانغاندىن كېيىن ئاخىرى بىر كۈنى دوزاختىن چىقىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن تەۋھىد ئەقىدىسىدىكى ئەمما يامان ئەمەللىرى ياخشىلىقىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە قارىتىلغان. ئاللاھ تائاللاھنىڭ «ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دېگىنى ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئىمانسىز كۇففارلار ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشرىكلارنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغفىرەت قىلمايدۇ. خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. كىمىكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ» (سۈرەنسا 48-ئايەت). مانا بۇ ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائاللاھ: قەلبىدە تېرىقچىلىق ئىمانى بارلارنى تارتىپ چىقىرىڭلار دەيدۇ، ئۇلار ئوتتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ھالەتتە چىقىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئابىھايات ئۆستىڭىگە تاشلىنىدۇ. بۇ ئادەملەر خۇددىي كەلكۈن لاتقىلىرىدا ئوت-چۆپ ئۈنۈپ چىققاندەك، چىرايلىق ھالەتتە ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئەجىبا سەن ئەشۇنداق يۇمران سېرىق مايسىنى كۆرۈپ باقمىغانمۇ؟ (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹‹كىمىكى، بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دېسە، قەلبىدە مىسقالچە ياخشىلىق بولىدىكەن، دوزاختىن چىقىدۇ. كىمىكى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دېسە، قەلبىدە تېرىقچىلىق ياخشىلىق بولىدىكەن، دوزاختىن چىقىدۇ. كىمىكى، «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق» دەيدىكەن ۋە قەلبىدە زەررىچە ياخشىلىق بولىدىكەن ئۇمۇ دوزاختىن چىقىدۇ (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن دوزاختىن ئەڭ كېيىن چىقىدىغان ئادەمنى ۋە جەننەتكە ئەڭ كېيىن كىرىدىغان ئادەمنى ئەلۋەتتە بىلىمەن. ئۇ شۇنداق بىر ئادەمكى، دوزاختىن ئۆمىلەپ چىقىدۇ. ئاللاھتائاللاھ ئۇنىڭغا: بارغىن، جەننەتكە كىرگىن، دەيدۇ. ئۇ جەننەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭغا جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تويۇلىدۇ. ئۇ قايتىپ بېرىپ: ئى رەببىم، جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ. ئاللاھ تائاللاھ ئۇنىڭغا: بارغىن، جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ، ئۇ جەننەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭغا جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تويۇلىدۇ. ئۇ قايتىپ بېرىپ: ئى رەببىم، جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ. ئاللاھ تائاللاھ ئۇنىڭغا: بارغىن، جەننەتكە كىرگىن، ساڭا ئاتا قىلغان جەننەت دۇنيادەك كەڭ ۋە يەنە دۇنيادەك ئون ھەسسە كەڭ دەيدۇ، ئۇ ئادەم ئاللاھ تائاللاھغا: سەن پادىشاھ تۇرۇپ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن ياكى كۈلۈۋاتامسەن دەيدۇ. ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈلگەنلىكىنى ھەتتا ئۇنىڭ ئۇدۇل چىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتىشىچە، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكى ئەنە شۇ كىشىدۇر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- t+ R3 s! T& K+ w1 w! q

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 \. Q8 u0 l/ [! [6 l3 wئاللاھنىڭ رەھمىتى قانداق كەڭ بولسا، ئازابىمۇ شۇنداق قاتتىقتۇر. «ھەر قانداق ئادەم: ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسىرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياكى ‹‹ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋىدارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن)››.(سۈرە زۇمەر 56-،58-ئايەتلەر).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ E' q! Q- r7 X: J! v8 U
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ [  p. E$ F  [7 u! [0 F+ Q, i
جەننەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& y4 W/ A. ?) S  l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* k* A% z+ s/ r/ X! sجەننەت ــ ئاللاھ تائاللاھ مۆمىن، تەقۋىدارلار ئۈچۈن تەييارلىغان كاتتا مۇكاپات، ئۇنىڭدا جاپا-مۇشەققەتمۇ، قېرىلىق، ئۆلۈم، قايغۇ-ھەسىرەتمۇ يوق. ئۇنىڭدا بارى ئاللاھنىڭ رەھمەت، مەرھىمىتى، ئەبەدىيلىك خۇشاللىق ۋە تۈگىمەس راھەت-پاراغەتتۇر. جەننەت ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمۈد قىلىپ، ئازابىدىن قورققان، ئاللاھ بۇيرىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغان تەقۋىدارلارغا خاستۇر. ئەبۇ ھۈرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدىسىدا ئاللاھ تائاللاھ مۇنداق ئېيتىدۇ: مەن سالىھ بەندىلىرىمگە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، كىشىنىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نېمەتلەرنى تەييارلىدىم. خالىساڭلار مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھ تائاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ». (سۈرە سەجدە 17-ئايەت) جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ-نېمەتلەر توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە نۇرغۇن بايانلار كەلگەن. جەننەتنىڭ قەسىرلىرى، باغلىرى، دەرەخلىرى، ئۆستەڭلىرى، مېۋىلىرى، ئالتۇن-كۈمۈشلىرى، ھۆرۈ-غىلمانلىرى ئىنساننىڭ چەكلىك ئەقلى ۋە سەزگۈسىدىن ھالقىغان بولۇپ، بىز بىلىدىغان ھاياتى دۇنيادىكى شەيئىلەر بىلەن پەقەت ئىسىم جەھەتتە ئورتاقتۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈرە بەقەرەدىكى «ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق›› دەيدۇ. «ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ» ئايىتىنى تەفسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: جەننەتتىكى نېمەتلەر دۇنيادىكى نەرسىلەرگە پەقەت ئىسىم جەھەتتىنلا ئوخشايدۇ. جەننەتنىڭ كەڭلىكى ئاسمان-زىمىنچىلىك بولۇپ، ئال-ئىمران سۈرىسىنىڭ 137-ئايىتى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن. جەننەتنىڭ خۇشبۇي ھىدى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «جەننەتنىڭ خۇشبۇي ھىدى يۈز يىللىق مۇساپە نېرىسىدىنمۇ دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ» (ئىمام تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). كىشىلەر ياخشى ئەمەللەردە پەرقلىق بولغىنىدەك، جەننەتتىمۇ ئەمەللەرگە لايىق يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلەر بولىدۇ. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەننەتتە يۈز دەرىجە بار، بىر دەرىجە بىلەن يەنە بىر دەرىجىنىڭ ئارىلىقى ئاسمان-زىمىندەك پەرقلىنىدۇ. فىردەۋس ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدۇر. ئۇنىڭدىن تۆت جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى ئېقىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەرش بار، ئاللاھتىن سورىساڭلار، جەننىتى فىردەۋسنى سوراڭلار. (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ھەدىسلەردە بۇ دەرىجىلەردىن فىردەۋس، ئاندىن ئەدن، ئاندىن خۇلۇد، ئاندىن مەئۋا تىلغان ئېلىنغان. جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسى بولۇپ، بۇ دەرۋازىلارنىڭ چوڭلىقى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: جىنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، جەننەت دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئارىلىقى مەككە بىلەن ھەجەرنىڭ ئارىلىقىچىلىك ياكى مەككە بىلەن بۇسرانىڭ ئارىلىقىچىلىك كېلىدۇ. (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ياخشى ئەمەل بىلەن باغلانغان بولۇپ، كىم قايسى ئەمەلنى كۆپ قىلغان بولسا شۇ ئىشىكتىن چاقىرىلىدۇ. ناماز ئىشىكىدىن كۆپ ناماز ئوقۇغۇچىلار، رەييان دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكتىن كۆپ روزا تۇتقۇچىلار، سلە-رەھىم ئىشكىدىن كۆپ ئېھسان قىلغۇچىلار كىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغان كىرگۈچىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى تىلغان ئالغاندا ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى رەسۇلۇللاھ، بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلامدۇ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: شۇنداق، ئى ئەبۇ بەكىر، مەن سېنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇشىڭنى تىلەيمەن دەپ جاۋاپ بەردى. (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسىلىم رىۋايەت قىلغان)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. A7 ^7 w. w+ V
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 {* y6 c& s5 [. E+ b& A2 vئەھلى جەننەت ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرغان ئىسىل قەسىرلەردە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خىشلىرى ئالتۇن-كۆمۈشتىن، تاشلىرى لۇلۇ-ياقۇتتىن، توپىسى زەئىفىراندىن بولىدۇ. جەننەتتىكى ئۆستەڭلەر ھەققىدە قۇرئان مۇنداق خەۋەر بەرگەن: « تەقۇەدارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلەر ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بولىدۇ. ئۇلارغا جەننەتتە بەھىرىمان بولىدىغان تۈرلۈك مىۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋرىگارى تەرىپىدىن مەغفىرەت بولىدۇ. (مۇنداق تەقۋەدارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغۇرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىندىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟» (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت) ھەۋزى كەۋسەر توغرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: مېنىڭ كۆلۈم-ھەۋزى كەۋسەرنىڭ توغرىسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر. ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق، ھىدى ئىپاردىنمۇ خۇشبۇيدۇر. ئۇنىڭ جاملىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن ئىچكەن ئادەم مەڭگە چاڭقىمايدۇ“ (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; a  p+ \2 {1 a. H
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( M/ M, l' Q- }. u5 w# G& Jكۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، كىشى كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان راھەت-پاراغەت ۋە نازۇ-نىمەتلەر جەملەنگەن جەننەتكە كىرگەن مۆمىنلەرنىڭ ھاياتىنى قۇرئان مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «تەقۋەدارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغۇ-بوستانلاردىن، (سۇ، ھەسەل ۋە ماي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ، (ئۇلارغا):«جەننەتتە ئامان-ئىسەن، تىنىچ كىرىڭلار›› دىيىلىدۇ.(سۈرە ھىجىر 44-ئايەت). (ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن خوشال-خۇرام جەننەتكە كىرىڭلار» دىيىلىدۇ. ئۇلارغا ئالتۇن لىگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراپ) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر، سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.(سۈرە زۇخرۇف 68-72-ئايەتلەر). «تەقۋىدارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ. باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسدا بولىدۇ. ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر-بىرىگە قاراپ ئولتۇرىشىدۇ. (ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق. شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز. ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مىۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئىلگىرىكى (دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھىچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ››.(سۈرە دۇخان 51-56-ئايەتلەر). جەننەتتىكى ھايات مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. مەيلى قېرى، چوڭ بولسۇن ئەھلى جەننەت نەۋقىران ياش ھالەتتە جەننەتكە كىرىدۇ ۋە مەڭگۈ شۇ نەۋقىران يېشىدا تۇرىدۇ. ئۇلار كېسەل بولمايدۇ. قېرىمايدۇ، ئۆلمەيدۇ، ھېرىپ چارچىمايدۇ، غەم-قايغۇسى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئەھلى جەننەتنىڭ قەلبىنى ئۆچ-ئاداۋەت، ھەسەتتىن پاك قىلىپ، مېھىر-مۇھاببەتلىك كۆيۈمچان قېرىنداشلارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەبۇ سەئىد ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن: جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر نىدا قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مەڭگۈ ياشايسىلەر، ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، ھەرگىز كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر، ھەرگىز قېرىمايسىلەر، نازۇ-نىمەتتە، بەخىت سائەدەتتە ئۆتىسەلەر، مەڭگۈ بەختسىزلىككە دۇچار بولمايسىلەر» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: جەننەت ئەھلى يەيدۇ-ئىچىدۇ، چوڭ تەرەت قىلمايدۇ، مىشقىرمايدۇ ۋە كىچىك تەرەت قىلمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ يېمىكى ئىپارنىڭ ھېدىدەك خۇشبۇي كېكىرىش بىلەن ھەزىم بولىدۇ. خۇددى ئۇلار تەبئىي نەپەسلىنىپ تۇرغىنىدەك تەسبىھ، تەكبىرلەر ئۇلارنىڭ تىلىغا جارى بولۇپ تۇرىدۇ. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى جەننەتنىڭ يېيىش-ئىچىش، كىيىش ۋە خۇشبۇي ئىشلىتىشتە قانداقتۇ ئۇلاردا ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، يالىڭاچلىق ياكى بەدبۇيلۇق ھېسسىياتى يوق بولىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۈزۈلمەس لەززەتلەر ۋە تۈگىمەس نېمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ». ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ مەزھىپى شۇكى، ئەھلى جەننەت دۇنيا ئەھلىگە ئوخشاشلا نازۇ-نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەززەتلىنىش جەھەتتە پەرق بولىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە دەسلىپىدە كىرىدىغان جامائە ئون تۆت كۈنلۈك تولۇق ئايدەك بولىدۇ. جەننەتكە ئۇلاردىن كېيىن كىرگۈچىلەر ئاسماندىكى نۇرلۇق يۇلتۇزلاردەك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدۇ، تۈكۈرمەيدۇ ۋە مىشقىرمايدۇ. ئۇلارنىڭ تاغاقلىرى ئالتۇندىن بولىدۇ. تەرلىرى ئىپاردەك خۇش ھىد بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسرىقدىنى خۇشپۇراق ئۇد ياغىچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى شەھلا كۆزلۈك ھۆر-پەرىلەردىن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ شەكلىدە ئېگىزلىكى 60 گەز كېلىدىغان ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە بولىدۇ». (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىنسان شۇنچە چوڭ بىلگەن دۇنيانىڭ جىمى راھەت-پاراغەتلىرى جەننەت ئىنئاملىرى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «جەننەتتىكى بىر ياچاق دائىرىسىچىلىك جاي ۋە ياكى سىلەرنىڭ جەننەتتە قەدىمڭلارنى قويغان جاي دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى جىمى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بىر ئايال زىمىنغا چىقسا ئۇنىڭ نۇرىدىن دۇنيا يورىغان، ئۇنىڭ خۇشھىدى ھەممە يەرنى قاپلىغان بولاتتى. ئۇنىڭ سالغان چۈمبىلى دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى جىمى نەرسىلەردىن ئارتۇقتۇر››.(ئىمام بۇخارى، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). جەننەتتىكى شۇنچىۋالا نېمەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا نېمەت ئاللاھ تائاللاھنىڭ مۇبارەك جاملىنى كۆرۈش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتۇر. ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىدە تەقۋىدار مۆمىنلەر ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈش شەرىپىگە نائىل بولىدۇ. ئەمما گۇناھكارلار ئاللاھنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بۇنى دەلىللىگۈچى ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر بار. ئاللاھ تائاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۈندە(سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ» (سۈرە قىيامەت 22-،23-ئايەتلەر) «ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان». مۇفەسسىرلەر قاف سۈرىسىدىكى «جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا (ئۇلارغا) زىيادە(نېمەتلەر) بار» (35-ئايەت) ئايىتىدىكى زىيادە نېمەت دەل ئاللاھنىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈش شەرىپىگە نائىل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شۇنداق لەززەتلىككى جەننەت ئەھلى بۇ چاغدا باشقا جىمى نېمەتلەرنى ئۇنتۇيدۇ دەپ شەرھىلەيدۇ. جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 14 كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: «سىلەر خۇددى مۇشۇ ئاينى ھېچقانداق توسالغۇسىز كۆرگەندەك، پەرۋەردىگارىڭلارنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرىسىلەر» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىمام مالىك بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائاللاھ باقى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا كىشىلەرنىڭ فانى كۆزلىرى بىلەن باقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاخىرەتتە بولسا، جەننىتىلەرگە باقى كۆزلەر بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇ كۆز بىلەن ئاللاھ تائاللاھنى كۆرگىلى بولىدۇ». سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە، ئاللاھ تائاللاھ سىلەرگە مېنىڭ بىرەر نەرسىنى زىيادە قىلىپ بېرىشىمنى خالامسىلەر›› دەيدۇ. ئۇلار: يۈزىمىزنى يورۇق قىلمىدىڭمۇ، دوزاختىن قۇتقۇزۇپ جەننەتكە كىرگۈزمىدىڭمۇ، بىز يەنە نىمىنى تەلەپ قىلاتتۇق، دەيدۇ. ئاللاھ تائاللاھ ئۆز جامالىدىن پەردىنى كۆتۈرىۋېتىدۇ. ئۇلارغا ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇشەررەف بولۇشتىنمۇ سۆيۈملۈكرەك نەرسە بولمايدۇ». (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& U9 A3 M4 h0 w! z7 H3 |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* k4 r9 C' `( C( n0 t& ^مانا بۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ گۈزەل يېشىمى، ئەمما بۇ ھەممە ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن، دوزاخنى كۆرمەي تۇرۇپ ئازابىدىن قورققان، جەننەتنى كۆرمەي تۇرۇپ قىزىققان ئادەمگىلا نىسىپ بولىدىغان ياخشى خاتىمە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 u0 x' b: L! @- M- k3 |/ zبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" Q) h5 d1 w8 t* D% X
ئاللاھ تائاللاھنىڭ بەندىگە بەرگەن نېمەتلىرى نۇرغۇن، تەن-ساقلىق، مال-مۈلۈك، بالا-چاقا، مېھرى-مۇھەببەت، شان-شۆھرەت…… ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نېمەت ئاللاھنىڭ ھىدايىتى، چۈنكى شۇ ھىدايەت بىلەن ئىنسان مەڭگۈلۈك جەننەتنىڭ ئىشكىنى قېقىشقا نائىل بولىدۇ. شۇ ھىدايەت ئىنساننى راھەت-پاراغەتلىك يېڭىچە ھاياتقا ئۇلاشتۇرىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي بەختتۇر. چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، جەينىمازغا ئولتۇرغان مۆمىن پەرۋەردىگارىدىن ئىنسان قەلبىدىكى تەنھا بوشلۇقلارنى تولدۇرۇلايدىغان ئىمان تىلەيدۇ. ئۇ ساغلاملىق، بايلىق، كۆپ پەرزەنت، دۇنيا ھاجەتلىرىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىدىن تەقۋالىق ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى سورايدۇ. ئۇنىڭغا ئايانكى ‹‹(ئى ئىنسانلار) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر›› (سۈرە نەھىل 96-ئايەت).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. U" G1 t! k6 M2 [# \$ ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 l7 K/ c2 e1 L4 xخاتىمە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 x8 p; T# J8 ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 n  v7 w3 Q; W% v7 x" Hئۆلۈم ۋەھمىسى قەلبىمىزگە سايە تاشلىغاندا بىز شۇنداق دەيمىز: ئۆلۈم پۈتۈنلەي يوقىلىشمۇ؟ ئەجىبا ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ھېكايىسى مۇشۇ دۇنيادىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ ياخشىلار ئەجرىگە لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن، مەزلۇملار ئەنتىنى ئالالمىغان، يامانلار جازاسىنى تارتماي، ئەكسىچە خاتىرجەم ياشاپ ئۆتكەن ھالەتتە ھاياتنىڭ ئاياغلىشىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ياكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە كۇففارلار تىلىدىن ئېيتقان «بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر. بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ قايتا تىرىلىمىز)» (سۈرە مۇئىمنىنۇن 37-ئايەت) دېگەندەك بولامدۇ؟ ھاياتلىق كارۋىنى داۋام قىلماقتا، ئەمما ئۇنىڭ نىھايىتى بار، ئۇ ھامان ئاخىرقى بېكەتكە كېلىپ توختايدۇ. ھاۋادا، سۇدا، قۇياشتا، ھەربىر ياپراقتا…. ئاللاھ تائاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى ئەكس ئېتىدۇ. كائىناتنىڭ ھەربىر زەررىچىسىدىمۇ ياراتقۇچىنىڭ بۈيۈك مۆجىزىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئويغاق قەلبلەر بۇنىڭدىن چوڭقۇر سۈكۈتكە پاتىدۇ. پەقەت ھەقنى كۆرۈشتىن دىلى پەردىلەنگەن ئەڭ شەقى بەندىلا غەپلەت بىلەن ئازغۇنلۇقتا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 \% e6 G- G8 g; j7 u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 `6 D& r7 h# r' g, X$ T2 @% g3 i/ [
135D41M5-1149.jpg
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" j* E$ t9 Y  A* W1 ?: K# i
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  y3 b' L- L4 j) p. m6 s2 v$ J9 j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! m5 }# D% h% Z, Y4 |  B) R

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 ~! I( `9 @- ~. q* { بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-27 07:48 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. [: O# Y/ ]# N4 r. _' s* e( {- g/ f

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 y! R! A4 x, w& Y  S5 T
مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 839
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 08:06:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز قىرىندىشىم،ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( J, T9 Q* n, |4 [6 }* M: Hبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% e5 y5 f0 w/ @; X4 q$ Q
2سائەت بولدى، تىمام ئەجەپ تەستىقلانمايدىغۇ

دۇنيا ئۈچۈن بولۇپ پاتپاراق،
ئىنسان ئۆتەر تويماي ئاشۇنداق.
ھاياتلىقتا تويمىغان كۆزنى
تويدۇرىدۇ پەقەتلا تۇپراق.....


مىنىڭ تىمىلىرىمنى كۆرمەكچى
بولسىڭىز ھويلامغا مەرھەمەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1034 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 08:07:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 4198
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8016
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1856 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 08:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

دالىي  گارنىك   ئۆزىنى   ئۆلتۈرۋالغانمۇ  ...  ؟  يا   بۇ  كۇچا  خەۋەرلىرىمۇ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) K4 Z6 \1 V$ h, D1 n; e: wناۋادا   راستىنلا  ئۆزىنى  ئۆلتۈرۋالغان  بولسا  ، بىر  ساراڭنىڭ كىتابنى ئوقۇپ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 u: p; w/ {' \* m; }% {ئەخمەق  بوپتىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 09:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭىدىن  تىزىملىتىپ، تۇنجى ئىنكاسىمنى مۇشۇنداق ئېسىل، ئەھمىيەتلىك تېمىغا يازغىنىمدىن خۇرسەنمەن. نەزىرە خانىمنىڭ ئۆتكۈر زېھنىگە قۇۋەت، ئەقىل تۇلپارىغا بەرىكەت، قەلەم قۇۋىتىگە ئاپىرىن. تېما ئىگىسىنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېما بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىغا تەشەككۇر.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102928
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2014-1-29
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 10:19:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز قىرىندىشىم،ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 x% E# B/ D  u4 X$ E

‏شۇنداق ئادەملەر باركى سەن ئۇلار ئۈچۈن  ئون بارمىقىڭنى شام قىلىپ ياندۇرۇپ ھاياتىنى يۇرۇتۇپ تۇرۋاتقىنىڭدا بىر بارمىقىڭ ‏ئۆچۈپ قالسا توققۇز بارماقنى ئۇنتۇپ ‏ئۆچكەن بارماق ئۈچۈن ھىساپ ئالىدۇ.

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 5673 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 11:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇنبەر ئەھلى دىدار غەنىمەت.مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇنبەرگە كىرمىگىلى نەچچە يىل بوپتۇ.كونا مۇنبەرداشلاردىن نەچچىسىنى ئۇراتتىم ھەم تۇلۇمۇ خوش بولدۇم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 g! C$ D' R' q. [! Bگەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم:تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت،ياخشى تېما يوللاپسىز. شۇنچىلىك ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم ھەم ئۈزەمنىڭ ئۆلۈمىنى ئويلاپ قالدىم...

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103245
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 12:48:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

تېما  ئېگىسىگە  رەھمەت بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: g: S6 p6 v+ V5 G/ `# j

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99149
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2013-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 12:14:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

بولسا مۇشۇ تېمنى يانفۇنغا ئەپ ياسايدىغانلار ئەپ  قىلىپ ئىشلىگەن بولسا تېخمۇ نۇرغۇن كىشلەر ئۇقۇپ پايدىلانغان بولاتتى تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 1527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5315
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1346 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 08:47:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

   ناھايتى ئىسىل تېمىكەن.. ئاللاھ  سىلەردىن رازى بولسۇن.....   ھەممىزگە  شۇ كۈنلەنى ئاسان قىلسۇن...

ئاللاھتىن ھەممىزگە ھىدايەت ،تەۋپىق، مەغفىرەت ،ئىنساپ ۋە ئىمان تىلەيمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش