شۇنداق شىرىن ئۇخلاۋاتقان كىچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىكى شۇ پەيىتتە بىرسى ياقامدىن تۇتۇپ شۇنداق سەت سىلكىشلىدىكى نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم . قارسام قۇشناچىمنىڭ ئىككى قولى ياقامدا تۇرۇپتۇ ھەمدە خۇددى ئۆزىمىزنىڭ ئوغلىنى خەتەردىن قۇتقۇزۋىلىش ئۇچۇن يالۋۇرۋاتقاندەك "تىز بولسىلا مۇستاپانى قۇتقۇزۋالسىلا " دىگەن ۋاقىراشلىرىدا چاچىراپ ئورنىمدىن تۇردۇمدە ئاڭلىق-ئاڭسىز ھالدا دەرھال بىر ياشلىق ئوغلۇم مۇستاپانى قىززىق مەشنى تۇتۇۋالغان ياكى ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغان چىغى دەپ يۈگۈرەپ بىرىپ چىراغ قاراڭغۇسىدا يىغلاپ كىتىۋاتقان ئوغلۇمنى قولۇمغا ئالدىم . قارىسام ئوغلۇم قورقىنىدىن چىقىراپ يىغلاپ كىتىۋاتاتتى . مەن ئۇنىڭ پىشانىلىرگە ، كۆزلىرگە سويۇپ ئەركىلىتىپ پەس قىلغاچ ئۇنىڭ قوللىرى ۋە باشقا ئەزالىرغا كۆز يۈگۈرتۇپ چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە يىرىنىڭ ساقلىقىنى كۆرۈپ ئايالىمنى تىللاپ كەتتىم "ھۇي ساراڭ نىمە بولدۇڭ قارا بالىنىمۇ قورقۇتىۋىتىپسەن " ئۇ ماڭا ۋە بالىغا قاراپ تىلقىپ كۇلۇپ كىتىپ باراتتى . يەنە سوردۇم "نىمە بولدۇڭ ساراڭ " . ئۇ "خاپا بولمىسىلا - دىگەچ بالىنى قولۇمدىن ئىلىپ ئۇنى ئىمىتتى ۋە - مەن ئاۋۇ شاھزادە مۇستافانى قۇتقۇزۋالسىلا دىمەكچىتىم پادىشانىڭ مۇستافانى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئوزۇمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم دىدى " تېلۋىزۇرنى كۆرسەتكەچ . قارىسام راس دىگەندەك شاھزادە مۇستافانى ، سۇلتان سۇلايماننىڭ توت جاللىتى تۇتۇۋىلىپ ، ۋەزىر ئەزەم ئىبراھىمغا سىرىتماق سالغاندەك بوينىغا سىرىتماق سالغىلى تۇرۇپتۇ ، شاھزادە مۇستاپا بولسا جاللاتلارغا بوي ئەگمەي جاللاتلارنى مۇش پەشۋالىرى بىلەن ئۇرۇپ ئولارنىڭ قولىدىن قىچىپ قۇتۇلماقچى بولۇۋاتاتتى مەنمۇ بۇ كورنۇشنى كورۇپ كوزۇمگە ئىشەنمەيلە قالدىم . ئاخىردا جاللاتلار ئۇنى تۇتۇۋىلىپ بوينىغا سىرىتماق سىلىپ ئۇنى بوغۇپ ئولتۇردى . بۇ كۆرۈنىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۆپ تۇرۋاتقان سۇلتان سۇلايمان ئوغلى ئۆلگەندىن كىيىن جاللاتلارنى چىقىپ كىتىشكە بويرىۋىتىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى قۇچاغلىغان پىتى " مۇستاپا !" دەپ توۋلاپ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ بۇ كىنونىڭ تۈركچە 123-بۆلۈمى تۈگىدى .
مەن مۇشۇ "سەلتەنەتلىك يۇز يىل " دىگەن كىنونىڭ تەرجىمىسى چىقىشتىن بۇرۇن تۇرۇكچىسىنى 70بولۇم كورۇپ بولغان ئىدىم ، كىيىن بۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ بازارغا چىقتى . شۇنداقتىمۇ مەن ھەر ئىككىلى تىلدىكىسىنى ئوخشاش كورۇپ كەلدىم . شۇ چاغلاردا تۇركىيە باش باقانى ئەردۇغاننىڭ بۇ كىنونى ئەيبلىگەن خەۋرى تەڭلا كەلدى بۇ تۇغرىسىدىمۇ توربەتلىرمىزدە خىلى تالاش - تارتىشلار بولدى . لىكىن كىيىن ھەممەيلەن ئۇ ئەيىبلەشلەرنى ئۇنتۇپ بۇ كىنونى كورۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلۋەردۇق .
ھازىر ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ كىنونىڭ خەلقئاردا كۆرلۈش نىسبىتى تۈركىيەنىڭ يەنە بىر داڭلىق فىلىمى "كۇرتلار ۋادىسى " دىن ئىشىپ كىتىپتۇ . كۇرتلار ۋادىسى فىلىمى خەلقئارادا 37دولەتكە تارقىتىپ قويىلىۋاتقان بولۇپ ، بۇ "سەلتەنەتلىك يۈز يىل "نىڭ خەلقئارادا ئۇلاپ تارقىتلىشى 42دۆلەتكە يېتىپتۇ .
بۇ كىنودا تەسۋىرلەنگەن سۇلتان سۇلايمان ۋە ئۇ ياشىغان تارىخى دەۋىر بىزنىڭ ۋە ئۆزبىك ، تۈركمەنلەرنىڭمۇ شانلىق تارىخى دەۋرىگە توغرا كىلىدىغان بولۇپ . ئۇ دەۋىرلەردە بىزنىڭ دىيارىمىزدا سۇلتان سەئىدىخاننىڭ ، سەمەرقەنىتتە ئوزبىك شاھى شاھىبىكنىڭ ، ئافغانىستاندا بابۇرخاننىڭ ، ئىراندا تۇرۇكمەنلەردىن بولغان تارىختا "قەلەندەر شاھ" دەپ ئاتالغان شاھ ئىسمايىلنىڭ باش كۆتۈرگەن ۋە سەلتەنەت سۇراۋاتقان دەۋىرلىرى بىلەن زامانداش كىلىدۇ . بۇ تەرپىنى بىزنىڭ يەنە بىر بىباھا گۇھەرلىك تارىخى ئەسىرىمىز " تارىخى رەشىدىينى " ئوقۇغانلار ئوبدان بىلىدۇ . بۇ كىنونى كۆرگەندىن كىيىن سۇلتان سۇلايماننىڭ مەرىدلىك ، سىخى چىچەن ، قورقىماس ئوبرازىدىن خۇددى كوز ئالدىدا "تارىخى رەشىدىيدە " بايان قىلىنغان سۇلتان سەئىدىخاننىڭ ئوبرازى كوز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ . ۋە ئۇ كىنودا بولۇۋاتقان ۋەقەلىك خۇددى ئوزىمىزنىڭ تارىخىدا ئوتكەن "تارىخى رەشىدى ، تارىخى ھەمىدى ، باھادىرنامە ، جاللات خىنىملاردا تىلغا ئىلىنغان ئوبرازلارنىڭ بۇ كىنودىمۇ بارلىقىنى ھىس قىلىدۇ . مۇشۇ ئورتاقلىق سەۋەبىدىن بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كۆرلۈش نىسبىتىنىڭمۇ نىمە ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ .
بۇ كىنونىڭ ئاخىرنىڭ تەرجىمە قىلىنماسلىقى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى بەك ھەسرەتتە قويدى لىكىن مەن تۈركچىسىنى كۆرۈپ كىلىۋەردىم گەرچە مىنىڭ تۈركچە ساۋادىم بولمىسىمۇ مۇشۇ "كۇرتلار ۋادىسى " دىگەن كىنوغا بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم شۇنداقلا تۈركچىدىكى 30-40%سوزلۇكلەرنىڭ بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى تۈركچە كىنولارنىڭ تىلىنى 80%پىرسەنىت چۈشنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدۇم لىكىن سۆزلىيەلمەيمەن ئاڭلاپ چۈشنەلەيمەن .
ئەمدى گەپكە كەلسەك بۇ كىنونى ھازىر خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلنىۋىتىپتۇ ، تېلۋىزۇردا خەنزۇچىسىنى بەرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە قىلنىپ ئۇيغۇرچە تىلۋىزىيە قاناللىردىمۇ كۆرۈش ئىمكانىيتى بولامدۇ . كەڭ تورداشلار بىلەن مۇشۇ توغرىسىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ باقساق دىگەن ئۈمىددىمەن .